yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 00:05:23

يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1953-يىلى قۇرۇلغان، مەكتەپنىڭ ئومومىي كۆلىمى 73260 كۇۋادىرات مىتىر، قۇرلۇش كۆلىمى 17902 كۇۋادىرات مىتىر، ئوقۇتقۇچىلار ئەھۋالى: مەكتىپىمىزدە 331 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ،ئوقۇتقۇچى 300نەپەر، ئوقۇتۇشقا ياردەملىشىدىغانلار 27 نەپەر، پارتىيە ئەزاسى: 100 نەپەر. ئالىي ئۇنۋان ئالغان ئوقۇتقۇچى 56 نەپەر، بىرىنجى دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغانلار 75 نەپەر، ئىككىنجى دەرىجە ئۇنۋانى بارلار 99 نەپەر، تولۇق كۇرۇس ئوقۇتش تارىخ ھازرىلىغانلار 291نەپەر، مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇش تارىخغا ئىگىلەر 23 نەپەر، مەكتىپىمىزدە 2 نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، 3نەپەر ئاپپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرى، 10نەپەر ۋىلايەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرى، 10نەپەر ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرى بار.

قاتتىق دىتال ئەسلىھەلىرى:پۈتۈن مەكتەپتە 76 سىنىپ، ئۆلچەملىك خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە تەجىربىخانا 8 يۈرۈش، بىر يۈرۈش 140 كىشلىك كۆپۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى، تۆت يۈرۈش جەمئى 200 كومپىيۇتېر سەپلەنگەن ئۇچۇر-تېخنىكا دەىرسخانىسى، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تورى، 400 مىتىرلىق ئۆلچەملىك يۈگۈرەش يولى، 6000 كۇۋادىرات مىتىرلىق، قاتتىقلاشتۇرۇلغان 13 ۋاسكىتبول، ۋالىبول، پەي توپ مەيدانلىرى، 800 كىشلىك چوڭ زال قاتارلىقلار بار.

مەكتەپ ئىرىشكەن شەرەپلەر: مەكتىپىمىز ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ «مەملىكەتلىك تەنتەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن«، «دۆلەت مۇداپىيە ئوقۇتۇش رايۇنى«، «ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەنىۋىي مەدەنىيەتلىك ئورۇن«، «ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش رايۇنى«، «ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك پاكىز ئورۇن«، «ۋىلايەتلىك يىشىللاشقان مەكتەپ« قاتارلىق شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. مەكتىپىمىز يەنە كۆپ قىتىم «ئىلغار پارتىيە ياچايكىسى«، «ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار مەكتەپ«، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ«، «قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئۆلگىلىك كوللىكتىپ« دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشكەن، 2008-يىلى يەنە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك «مەنىۋىي- مەدەنىيەتلىك ئورۇن« بولۇپ باھالانغان.


مەكتەپ تور بەت ئادىرىسى: http://www.xjscyz.net



مەنزىل38 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 00:55:07

بۇمەكتەپنىڭ تونۇشتۇغىنىڭىزمۇياكى تەشۋىقىمۇ

ئامەت يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 03:46:55

ئوزىغۇ خىلى تارىخى ئۇزۇن مەكتەپ بۇ ، لىكىن قەييۇم مۇئەللىم توربەتكە كۇچىمىگەندەكمۇ قىلىدۇ:ow;P

مىھرىيە يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 15:32:58

مەنزىل38 يوللىغان ۋاقتى2013-1-23 00:55 static/image/common/back.gif
بۇمەكتەپنىڭ تونۇشتۇغىنىڭىزمۇياكى تەشۋىقىمۇ

تەشۋىق قىلسمۇ تەشۋىقاتقا چىققۇدەك مەكتەپ جۇمۇ بۇ ئىشقىلىپ....

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-24 01:06:58

مەنزىل38 يوللىغان ۋاقتى2013-1-23 00:55 static/image/common/back.gif
بۇمەكتەپنىڭ تونۇشتۇغىنىڭىزمۇياكى تەشۋىقىمۇ

سىز قانداق چۈشەنسىڭىز .........................

سىزمۇ قېنى يۇرتىڭىزدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى، ئانا مەكتەپلىرىڭىزنى بىر تونۇشتۇرۋەتمەمسىز..............‹‹؟

ئوسمان110 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 06:30:08

مەكتەپ تور بەت ئادىرىسى: http://www.xjscyz.net      ئىچىلمىدى
بەت: [1]
: يەكەن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ