مۇزات01 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 22:40:10

باي ناھيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مولا موسا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-11-5 22:46

باي ناھيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مولا موسا سايرامى ۋە نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىيلارنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلدى
سايرام ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى توختى گايىت
   2008 - يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن سايرام خەلقىنىڭ ئىپتىخارى،دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئالىملىرىمىز- شائىرلىرىمىزموللا موسا سايرامى ۋە نىمشېھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامىيلارنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەنئانا ماكاندىكى ئالىي بىلىم مەركىزى بولغان سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ بۆيۈك زاتلارنىڭ ھەيكىلى قاتۇرلدى.
      بۇ جۈپ ھەيكەلنىڭ تىكلىنىشىنى بىر تارىخىي دەۋرنىڭ، شۇنداقلا <<ئىككى ئاساسەن مائارىپىنى ئومومىيلاشتۇرۇش>> ھەركىتىنىڭ مەھسۇلى،ھەقىقىي بىر رەھبەرگە خاس سالاھيەتكە ئىگە مۆھتىرەم ھاكىم ئاينۇر مەخسەتنىڭ،شۇنداقلا مەكتەپ مۇدىرىمىز ئەخمەت نەمەتنىڭ يەنە بىر زور تۆھپىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەكتىۋىمىز<<ئىككى ئاساسەن مائارىپىنى ئومومىيلاشتۇرۇش>>خىزمىتىنىڭ يوقۇرى دولقۇنى مەزگىلىدە باي ناھيىسىنىڭ ھاكىمى ئاينۇر مەخسەت باشچىلىغىدىكى ناھيىلىك پارتىكۇم- خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى، مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەت نەمەتنىڭ زور كۈچبىلەن تىرىشىشى ،ئەتىراپلىق پىلانلاپ ئىشلىشى نەتىنجىسىدەيىگىرمە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەخ بىلەن بۇ بۈيۈك ئابىدە بارلىققا كەدى.
   بۇ جۈپ ھەيكەل گۈلزارلىققا تولغان مەكتەپ قوروسىنىڭ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئاسپالىتىق يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى بىر يېرىم مېتىر ئىگىزلىكتىكى مەخسۇس ياسالغان سىمنۇت تەگلىك ئۈستىگە مۇستەھكەم ئورنىتىلدى. تەگلىكنىڭ ئالدى يۈزىگە چاپلانغان مەرمەر تاشقا ئالىملارنىڭ قىسقىچە تەرجىمە ھالى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەت بىلەن ئۇيۇپ يېزىلدى. جۈپ ھەيكەلنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا ئىلىم-پەن، تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر نۇرلۇق مەرۋايىت ئورنىتىلدى.بۇ جۈپ ھەيكەل گۇيا نۇرلۇق مەرۋايىتنى ئىككى يېنىدىن مەزمۇت تىرەپ ھەم ئالغا سىلجىتىپ تۇرغان بىر جۈپ چاق كەبى پۈتۈن قۇرۇلمىغامەنىۋىي تۈۋرۈك ئاتا قىلىپ كىشىگە ئاجايىپ سېھرىي كۈچ- ئىلھاملارنى بىرىپ تۇرىدۇ.بۇ جۈپ ھەيكەل ھازىر مەكتەپ ئىچىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دىيارىمىزدا ،ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭ مىقىياسىدا ئاشكارىلىنىپ كىشىلەرنىڭ زىيارەت ئۇبيېكتىغا ئايلانماقتا. بۇ جۈپ ھەيكەل بىزنىڭ، شۇنداقلا ئانا دىيارىمىزنىڭ ئىپتىخارى،پەخرى،غۇرورى بولۇپ بىزگە مەنىۋىي كۈچ ھەدىيە قىلىدىغان ھەقىقىي نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇپ كەلمەكتە.

مۇزات01 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 22:54:20

بۇ تېمىنى ئەسلىhttp://guzalbay.com/portal.php تورىغا يوللىغان ئىدىم پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ بۇ توربەتكىمۇيوللاپ قويدۇم مەنبەنى ئەسكەرتمەپتىمەن كەچۈرۈڭلارمەنبە؛ http://guzalbay.com/portal.php

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-11-6 00:11:17

تېمىنىڭ ئېگىسى ئۆزىڭىز بولسىڭىز ئەسكەرتىشمۇ بىھاجەت، لېكىن ئاۋال يوللىغان ئىكەنسىز ئەسكەرتكىنىڭىز ياخشى بولۇپتۇ.
بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز، ھەقىقەتەن تىلغا ئالغۇدەك ياخشى ئىشتىن بىرى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ.
لېكىن 2008-يىلىدىكى ئىشنى ئاران ئەمدى بىزنى خەۋەرلەندۈرگىنىڭىز نېمىسى دەيمەندە {:5_171:} ، 2008-يىلى 12-ئايدىمۇ مائارىپ، كومپيۇتېر، تور بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان روھلان تور بېكىتىبار ئىدى. ;P

مۇزات01 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-6 08:34:40

كەچۇرۇڭ ئادىل ئەپەندىم، بۇتور بەتكە يېقىندىلام ئەزا بولغان ئىدىم شۇڭا كىچىكىپرەكيوللىنىپ قالدى.ئەيىپكە بۇيرۇپ كەتمەڭ.

نۇرقۇت يوللانغان ۋاقتى 2012-11-6 11:14:53

بۇيۇك ئالىمىمىزنى ھەر ساھەگە تنۇشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 01:14:48

دېمىسىمۇ، بۇ مەشھۇر ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ھەيكىلىنىڭ قاتتۇرۇلغانلىقىنى بەك كېچىكىپ ئاڭلاپتىمىز. شۇنداقتىمۇ ئالەمشۇمۇل خۇش بولدۇق. ئۇلار تارىختا ئۆلمەس نام قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنىڭ ياساپ پۈتتۈرۈلۈشىگە ھەسسە قوشقان تۆھپىكارلارمۇ ئۇنتۇلمايدۇ. مەن بۇ ئىككى مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ھەيكىلىنىڭ سايرام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قاتتۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە تېما يوللىغۇچى مۇزارت01 ئەپەندىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن...

ئوكيان يوللانغان ۋاقتى 2012-11-7 17:18:18

كېلەر يىلى ئاقسۇغا ساياھەتكە بارغاندا چوقۇم باي ناھىيىسى سايرام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ بۇ ئىككى مۆتىۋەرنىڭ ھەيكىلىنى زىيارەت قىلىمەن .

فارۇق7 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 23:16:35

موللا مۇسا سايرامى دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىلا15 مىتىر كەلگۇدەك ھىھ ىھى /mobcent/reply/../app/data/phiz/default/03.png   بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاشۇنداق ئۇزۇنمىدۇ ياكىنەچچە ئەۋلات ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ قوشۇپ ئاتامدىغاندۇ ؟؟؟ /mobcent/reply/../app/data/phiz/default/14.png
来自安卓客户端

فارۇق7 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 23:17:45

مىنىڭ ئىسمىنى ئالىمجان ئابابەكرى ئەخمەت توختى دىسەك بولامدۇ نىمە.
来自安卓客户端

ئەسلەش86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 17:25:30

بۇ تېمىنى گۈزەل باي تورىدا كۈرۈۋىدىم ، ئەمدى روھلان تورغىمۇ يوللاپ ياخشى قىپسىز ،رەھمەت
بەت: [1]
: باي ناھيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مولا موسا