سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 22:25:34

روھلاندا... روھلاننىڭ تۆت ياشقا كىرگەن قۇتلۇق مەرىكىسىگە

روھلاندا...

(روھلاننىڭ تۆت ياشقا كىرگەن قۇتلۇق مەرىكىسىگە ئاتاپ)

خۇشاللىق مەۋجىگە جۆر بوپ، ھايات قاينايدۇ روھلاندا،
ئاڭا تەشنا يۈرەك ھەردەم، ئەجەپ يايرايدۇ روھلاندا.

مائارىپ مۇنبىرى-ئوتلۇق قەلبلەر سەجدىگاھىدۇر،
ئىلىم قەترەسىدىن ھەر كىم ئىچىپ قانمايدۇ روھلاندا.

كىرىش ئاڭا ئاسان بولغان بىلەن، ئەمما، چىقىش بەك تەس،
كۆڭۈلنى سېھرى زەنجىرلەپ چۈشەپ-چىرمايدۇ روھلاندا.

ئۆزىگە مەھلىيا قىلغاچ ئۇنىڭ ماركا-تەۋەللۇتى،
تۈمەن مىڭ قىز-ئوغۇل سەينا كېزىپ ھارمايدۇ روھلاندا.

ئىلىم تەشناسىغا باغرى قۇياشلىق تاڭ كەبى ئىللىق،
‹‹ئەزىز مېھمان›› كېلىپ قالسا ‹‹ناۋات›› چاينايدۇ روھلاندا.

‹‹ئاتامان›› سەركە-بايراقدار، ئاڭا ھۆرمىتىمىز ھەم بار،
ئۇلايدۇ تۈننى تاڭلارغا، تىنىم تاپمايدۇ روھلاندا.

ئىشىغا پۇختا ھەم چەبدەس، دېمەك، ‹‹يولباشچى›› ئۇستازلار،
‹‹تېما›› تەھرىرلىمەي، ھەرگىز ئارام ئالمايدۇ روھلاندا.

يىغىلدى قان- قېرىنداشتەك،كېلىپ يۇرت- يۇرتلىدىن ‹‹تورداش››،
گويا، بۇلبۇل بولۇپ، خەندان ئۇرۇپ سايرايدۇ روھلاندا.

ئىلىمگە ئىنتىلىش ئىشقى ئۇلارنى يىغدى، جەم قىلدى،
كۆرۈشسە كۈندە ‹‹ئېكران››دا، كېنەپ تويمايدۇ روھلاندا.

يېزىپ چىقتى تالاي نەزمە، بۇ مۇنبەردە ‹‹قەلەمكەش››لەر،
(تۇيۇقسىزلا كېلىپ ئىلھام، تېشىپ قاينايدۇ روھلاندا.)

مۇتەخەسىس، تالانتلىقلار ئۈچۈن ئۇ بەيگە مەيدانى،
ئاساۋ ئاتتەك چېپىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ روھلاندا.

كۆرۈپ ‹‹يازما›› باھا، ئىنكاس يېزىش ئادەتكە ئايلاندى،
تەپەككۈر لەشكىرى ئويغاق، قۇلى ھارمايدۇ روھلاندا.

ئورۇن، ئىنۋان، ئەمەل، دەرىجە كېرەكمەس ئۈشبۇ سەيناغا،
ساتار ھېكمەت، غۇرۇر، ۋىجدان، ئەمەل...ساتمايدۇ روھلاندا.

بېرىلگەن ئوردىن، مېداللار ياراشتى ‹‹تۆھپىكار››لارغا،
مىسالى كۆكتىكى يۇلتۇز بولۇپ چاقنايدۇ روھلاندا.

ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقتۇر ئۇنىڭ تۇتقان يۇلى، شەرتى،
بىرى قەستەن يەنە بىرگە ئورا قازمايدۇ روھلاندا.

كۆڭۈل-كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ سېخى،مەرت ئەزىمەتلەرنىڭ،
قىلار ھەقسىز مۇلازىمەت،‹‹بىكار›› ياتمايدۇ روھلاندا.

مەگەر، كەپ قالسا ھېيت-بايرام، مۇكاپات ‹‹تەڭگە››سى ھەم بار،
ئالار ‹‹نەپ›› ئەجرىگە چۇشلۇق، ‹‹زىيان›› تارتمايدۇ روھلاندا.

قىززىپ مۇشائىرە، چاقچاق، يۇمۇر، لەتىپە، كۈلدۈرگە،
كىشىگە زوق بېرىپ ھەركۈن ساما قاينايدۇ روھلاندا.

...جاپادا تاۋلىنىپ بەردەم، مانا، تۆت ياشقىمۇ كىردى،
ھايات بوستانى گۈلشەنلەر ئارا ياشنايدۇ ‹‹روھلان››...دا.

مۇبارەكلەر تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىنى روھلانداش،
يېقىملىق كۈي، ئېسىل ناخشا-ناۋا ياڭرايدۇ روھلاندا!...

2012-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
مەنبە:ئۆزۈم

ahat0902 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 23:09:03

ۋاھ ! ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى يېزىپسىز. ھەممىمىزنىڭ روھلانغا بولغان تەبرىكىمىز ئورتاقتۇر.بۇ شېئېرنى كۆرۈپ تېخىمۇ روھلىنىپ كەتتىم . ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ. قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 23:19:04

سەلكىن ئۇستاز روھلاننى بەك ئەتراپلىق كۆزىتىپتۇ، شېئىردا ئەكىس ئەتمىگەن روھلاننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىمۇ قالماپتۇ جۇما :victory:
ئۇستازنىڭ قەلىمىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن.
بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

تايماس730 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 23:19:06

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇستاز دىگەن ئۇستاز دە!!!
بۇ سوۋغىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم رەھمەت سىزگە!!! راستىنى ئىيىتسام مىنىڭمۇ روھلاننىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇشۇنداق بىر تەبرىكلىگۈم بار ئىدى. لىكىن تىلدىكى گادايلىق ۋە شىئېرى تالانتىم يوقلۇقىدىن بۇ ئارزۇيۇمنى روياپقا چىقىرالمىغان ئىدىم، كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بوپتۇ كۆپتن-كۆپ تەشەككۈر سىزگە!!!!!!

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 23:34:27

شىئىر بولا ماشداق بولا

ئاجايىپ كەپتۇ جۇما .................

ئاۋازىڭلار ياخشىراق بىرەرسىڭلار مۇزىكىلارنى كىرىشتۈرۈپ دىگەندەك ھىسياتلىق قىلىپ ئوقىۋەتسەڭلارچۇ؟گۈل ئۈستىگە گۈل ئۈنەتتى ..........

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 23:35:03

ADiL يوللىغان ۋاقتى2012-9-27 23:19 static/image/common/back.gif
سەلكىن ئۇستاز روھلاننى بەك ئەتراپلىق كۆزىتىپتۇ، شېئىر ...

ئادىلجان روھلان مارشى دىگەندەك نەرسىلەر ئىسىڭىزگە كەلمىدىما مۇنداق ..............

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 23:55:48

yarkanboy يوللىغان ۋاقتى2012-9-27 23:35 static/image/common/back.gif
ئادىلجان روھلان مارشى دىگەندەك نەرسىلەر ئىسىڭىزگە كە ...

مۇشۇ شېئىر دەل بولىدىكەن.

بىز كىم مەخسۇس قانىلىدىكى مېھرى خانىمنىڭ روھلاننىڭ 3 يېشىغا ئاتاپ يازغان ئەسىرىنىڭ ئورنىغا بۇ قېتىملىق يېڭى ئەسەرنى چىقىرپ قويدۇم.
http://www.rohlan.biz/biz/

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 00:14:54

ADiL يوللىغان ۋاقتى2012-9-27 23:55 static/image/common/back.gif
مۇشۇ شېئىر دەل بولىدىكەن.

بىز كىم مەخسۇس قانىلىدىكى م ...

بۇ شىئىرنى روھلان مارشى قىلىش ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويساق بولمايدۇ. بۇ شئىرنىڭ ئاخىردا تۇغۇلغان كۈننىڭ، تۆت ياشقا كىرگەننىڭ گىپى باركەن ....   بىز يەنىلا سەلكىن ئۇستازغا مۇراجەت قىلىپ بۇ شئىرنى روھلاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان ئەمەس بەلكى روھلاننىڭ مارشىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم تەھرىرلەپ بىرىشىكە تەكلىپ قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 00:17:26

yarkanboy يوللىغان ۋاقتى2012-9-28 00:14 static/image/common/back.gif
بۇ شىئىرنى روھلان مارشى قىلىش ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويس ...

سەلكىن ئۇستاز بۇنى ئەلۋەتتە قىلىپ بېرەلەيدۇ، بۇنچە ئېسىل ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلگەن يەردە، ئۇنى پىششىقلاپ رىمۇنتلىماق سەلكىن ئۇستازغا ئادەتتىكى ئىش جۇمۇ.
سەلكىن ئۇستاز بۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپلا يۇشۇرۇن بۇ ئىشقا ئاتلاندىمىكىن تېخى :lol

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 12:48:54

بۇ شئېرنى بەك ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ، يارايسىز :victory:
بەت: [1] 2 3
: روھلاندا... روھلاننىڭ تۆت ياشقا كىرگەن قۇتلۇق مەرىكىسىگە