[مۇسابىقە] تەبرىكنامە - روھلاننىڭ 4 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇۋەششەھ
تەبرىكنامەمۇۋەششەھ
(روھلان تورى ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
رازىمەن دىللارنىڭ تۆرىدە ئورنۇڭ،بال-ھەسەل بېرىدۇ ئەجىردىن زۇلپۇڭ.مېھنەتلىك ئىزىڭدىن ئۈندى قىزىل گۈل،پەخىرلەن بۇ سېنىڭ تۆت يىللىق تويۇڭ.
ئوتقاش سەن تۈنلەرنىڭ باغرىدا يانغان،ھېكمەتلەر كانىغا بىزنى باشلىغان.نۇرىڭدىن دىللارغا ھارارەت بېرىپ،بولدۇڭ سەن بىزلەرگە باشچى-پاسىبان.
ھالاكەت خەنجىرى تەگدى نەچچە رەت،يولۇڭنى ئەتمەككە قىلىشىپ ھەركەت.تىز پۈكمەي قەھرىڭنى قىلدىڭ نامايەن،جىسمىڭدىن كۆردۇق بىز چەكسىز جاسارەت.
لالىزار –بوستانلىق مىسالى باغرىڭ،ئىلىمگە تەشنالار جەننىتى باغرىڭ.سەن بىلەن روھلىناربارچە مىسكىن دىل،ئىجادكار باغۋەنلەر سەيناسى باغرىڭ.
ئارمانلار تامچىيدۇمېھنەت تەرىڭدىن،بىلىملەرقەسرىنى سالدىڭ ئەجرىڭدىن.بىر بۈيۈك خىسلەتنى قىلدىڭ نامايەن،كۈلدۈردۈڭ غەمناكنى ئوتلۇق مېھرىڭدىن.
نامايەن سېنىڭدە ئەجداد قىسسىسى،پارلايدۇ قۇياش بوپ ئەخلاق- ھېكمىتى.بىلىملەر كانىسەن ،قۇرىماس بۇلاق،چاڭقىغان دىللارنىڭ قۇۋۋەت شەربىتى.
تەۋەللۇت بولغان سەن تۆت يىل مۇقەددەم،مىللىتىڭ بەختى ئۈچۈن تاشلىدىڭ قەدەم.مېھنەتلىك تەرىڭدىن قىلغاچ باغ- بوستان،ياڭرايدۇ شەنىڭگە ناخشا –ساز،ئەجەم.
ئورانغىن تىلىكىم گۈلگە –شەرەپكە،يوللىرىڭ ئاق بولسۇن ،گۈللە ئەبەتكە.مۇنبەرلەر سەركىسى ،چولپانى بولغىن،يولۇقما ھەرگىزمۇ قارا قىسمەتكە.
رەقىبلەر توسالماس يوللىرىڭ داغدام،بىرلىكتە ياسايلى دولقۇن ۋە قاينام.ئىناقلىق –ئىتتىپاقلىق كۆيى ياڭرىسۇن،ئوينايلى سەن بىلەن كۈندە ھېيت- بايرام.
"ئىنسانغا بىلىم دەپ،ياغاچقا يېلىم"تارالدى سەن بىلەن ھېكمەت ۋە ئىلىم.تۆت يىللىققۇت كۈنگەبولسۇن مۇبارەك ،سەن ئۈچۈن تەنتەنە قىلماقتا ئېلىم.
يازغان شئېرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم .ياشاپ كېتىڭ ................................. قۇلۇمغا قەلەم ئالمىغىلى خېلى بوپتىكەن،«روھلان تورى»نىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز كۆڭلۈمنى،رازىمەنلىكىمنى بىلدۈرگۈم كېلىپ بۇ «مۇۋەششەھ»نى يازدىم.يازغانلىرىم بارلىق «روھلان »ئەھلىنىڭ كوڭلىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىپادىلەپ بېرەلىگەن بولسا قەلەم تەۋرەتكەنلىكىمدىن مەنزۇر بولاتتىم. مانا قەلەمنى قولغا ئېلىشىڭىز بىلەنلا قەلىمىڭىزدىن گۈزەل مىسرالار تېمىپ چۈشۈپتۇ. روھلاننىڭ تۆت يىل مۇقەددەم تۇغۇلغان كۈنىگە تازا ماس كەپتۇ. مۇشۇ ئىلھام بىلەن قەلەمنى داۋاملىق تەۋرىتىپ تۇرۇڭ. يارايسىز! قېرىندىشىم.
مىنىڭچە بۇ شىئىر ئارقىلىق روھلاندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدىڭىز .
يازمىللىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. چىرايلىق چىقىپتۇ بۇ شېئىر.قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندېشىم.:handshake روھلان تورىنىڭ 4 يىللىقى ئۈچۈن سوۋغا قىلغان بۇ ئەسىرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن روھلانغا ئاتالغان بۇ ئەسەرنى كېچىكىپرەك كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن.
روھلاندىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن سىزگە چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىز روھلاننىڭ تۆت يىللىق مەرىكىسىگە ئاتالغان كاتتا سوۋغات بوپتۇ. مەنمۇ خىزمەتتىن ھازىر كېلىپ كۆرۈشۈم. بەك خۇش بولدۇم. سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بولغان. خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن، بەزىدە قەلەمنى قولغا ئالغۇدەكمۇ پۇرسەت يوق. مەنمۇ سىزدىن ئىلھاملىنىپ، روھلاننىڭ تۆت يىللىق تويىغا ئاتاپ شېئىر يازماقچى بولىۋاتىمەن. ئىلھام ئىلھامنى غىدىقلايدۇ ئەمەسمۇ؟ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈرشكە بىز ھەر ۋاقىت تەشنا. ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئېسىل شېئىرلارنى يوللاپ، ئىلگىركى جاسارىتىڭىزنى نامايەن قىلغايسىز... سەلكىن01 يوللىغان ۋاقتى2012-9-26 21:52 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىز روھلاننىڭ تۆت يىللىق مەرىكىسىگە ئ ...
ئاپىرىن سىزگە، ئەسىرىڭىزگە قاراپ قالدۇق ئەمىسە :lol ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،سىزگەھەم روھلاندىكى بارلىق ئەزالارغا سالام!:handshake
بەت:
[1]
2