ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-9-23 23:17:58

روھلاننىڭ 4 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋېتى بىلەن تارقىتىلغان سوۋغات

بۇ سوۋغاتنى تۆنۆگۈن چىقىرىپ قويغان ئىدىم، مەن بىلەن قوشقاندا ئاران 18 ئادەملا بۇ سوۋغىنى ئېلىپتۇ، باشقىلار تېخىچە بۇ يەرگە دىققەت قىلماپتۇ، شۇڭا تېما شەكلىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ھەر ۋاقىت بېكەت ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن ئەڭ ئاخىرقى قولاي تىزىملىك دېگەندىن ۋەزىپە دېگەننى ئېچىپ يېڭى سوۋغىلارنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ قېتىملىق سوۋغا: http://www.rohlan.biz/home.php?mod=task&do=view&id=33
روھلاننىڭ 4 ياشقا كىرگەنلىك سوۋغىسى
( كۈندە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ)
روھلان تور بېكىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن روھلانغا تىزىملاتقان بارلىق ئەزالارغا 15 كۈنگىچە ھەر كۈنى 10 روھلان تەڭگىسى مۇكاپات بېرىلىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋاقتىدا ئېلىۋالغايسىلەر

zaker219 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 16:46:36

ئەسلى روھلاننىڭنىڭ 4يىللىق تويى ئۈچۈن روھلاندىن مۇكاپات ئالماي بىز بەرسەك بولاتتى .مەن ئويلايمەن   روھلاننىڭنىڭ 4يىللىق تويى ئۈچۈن ئەزالار خالىغانچە قاتناشسا بىز مۇنبەر باشقۇرقۇرغۇچىللىرىئازراقىتىن كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەپروھلان ئۈچۈن خەنزۇچە بولسىمۇ ئىشەنچىلىكبىر بوشلۇق سېتېۋالغان بولساقيوللىغان ماتېر ياللىرمىزمۇ ئىشەنچىلىك بولغان بولاتتى.بۇ روھلاننىڭ تەرەققىياتىغا ۋە كەلگۈسى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك بولاتتى .
ھەممە ئىشنى ئادىلجان ۋە روھلان ئەپەندىگە تاشلىۋەتسەك ياخشى بولماس . بۇمىنىڭ شەخسى كۆز قارشىمتورداشلارنىڭ ئويلىنىپ كۆرشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
      ھۆرمەت بىلەن :
                                                زاكىر219

alinur888 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 00:27:08

بۇ سوۋغاتنى تۆنۆگۈن چىقىرىپ قويغان ئىدىم،
مۇنداق چىقىم بۇلىدىغان ئۇقتۇرۇشلارنى ‹‹مەخپى››لا ئېلىپ بارماڭ.(چاقچاق)
بۇندىن كىيىن تېما شەكلىدە يوللىشىڭىزنى تەۋسسىيە قىلىمەن.
ماڭا ئوخشاش تەڭگىسى ئاز ئەزالار ئۈچۈن كاتتا پۇرسەت ئىكەن. رەھمەت سىزگە!
روھلان تورىنىڭ 40 يللىقىنى تەبرىكلەشكە ئۆمۈر تىلەيمەن!

Maarip يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 08:42:40

تېخى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سوۋغاتنى خەجلەپ بولالماي تۇرغاندا، ماۋۇ روھلاننىڭ 4 ياشقا كىرگەن ئات چېيىغا داخىل بولۇپ، سوۋغاتنى ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئالدىمىزدا تېخى دۆلەت بايرىمى، قۇربان ھېيت........، ۋاي ۋۇي ، نېمىسىنى دەي، ئاتاماننىڭ ھىممىتىدا راس بىر بېيىۋالىدىغان بولدۇقتە!!!! (مالىيىدىكىلەر ئىش ھەققىنى كېچىكىپ بەرسىمۇ، كۆڭلىمىز توق تۇرىدىغان بولدى {:5_171:}{:5_171:}{:5_171:})

سانغۇن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 11:22:17

شۇنداق{:1_1:} روھلان تورى مۇشۇنداق پائالىيەتنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرسا مىنىڭچە نىمە دىگەن ياخشى :Dئادىلجان بەك مەرتلىشىپ كىتىۋاتىدۇ :victory: ئادىلجاننىڭ مۇشۇنداق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك تولىمۇ بېيىۋالىدىغان بولدۇق دە!! مەنمۇ روھلان تورىنىڭ 4 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن:Dروھلاننىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشى ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرايلى:victory: يەنىمۇ گۈللەن ئى «روھلان»!!:D بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سانغۇن01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-9-24 11:23

پىلال يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 13:35:11

ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك بۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرمەيمەن.
روھلاننىڭ تېخمۇ روھلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

tulpar2 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 18:53:56

ئالدى بىلەن روھلان تورىنىڭ تۆت ياشقا كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! ‹‹ روھلان ›› تورىنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن ! ئاخىرىدا ئاتامانغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن .

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 20:48:08

رۇزا ھېيتلىق مۇكاپاتنى ئاران ئىككى قېتىم ئالغان ئىدىم. تور توختاپ قېلىپ ئالاماي قالغان ئىدىم. مانا ئەمدى مەنمۇ تازا بېيىپ كېتىدىغان بوپتىمەن. سىزگە كۆپ رەھمەت. روھلاننىڭ مائالىيەسى خېلى توللۇقلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. مانا روھلاننىڭ تۆت ياشلىق مەرىكىسىمۇ كاتتا ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ. بۇ سىزنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىڭىزنىڭ نەتىجىسى. بۇ نەتىجىلەردىن ھەممىمىز خۇش بولماقتىمىز.

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 22:01:14

بەك ياخشى ئىشىكەن مۇبارەك بولسۇن روھىلان تورى

ئايقۇت1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 06:58:51

روھلان تورىغا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولسۇن !

tarhan009 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 08:30:13

بەك ياخشى بولدى مەنمۇ ئىلتىماس قىلدىم
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: روھلاننىڭ 4 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋېتى بىلەن تارقىتىلغان سوۋغات