روھلاننىڭ 4 يىللىقىغا بىغىشلانغان ئاددى مۇسابىقە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە روھلان تور بىكىتى قۇرۇلغىلىمۇ 4 يىل بولۇپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا روھلانمۇ ئاز بولمىغان ئىسسىق سوغۇقنى بىشىدىن ئۆتكۈزدى ۋە شۇنداقلا بىزلەرگە ئاز بولمىغان بىلىملەرنى، ماتىرياللارنى ئاتا قىلدى.بۇ تۆھپىلەردە ئادىلجان باشلىق ھەر بىر باشقۇرغۇچى، ھەر بىر ئەزانىڭ ھەسسى بار.
نەخ گەپكە كەلسەك روھلاننىڭ قۇرۇلغىنىغا 4 يىل بولغان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەرنى ئاددىيلا ئۆتكۈزۈۋەتسەكمۇ ياراشماس، شۇڭا مەن مۇنداق بىر ئاددى مۇسابىقە ئۆتكۈزەيلىمىكى دەپ ئويلىغان، قوشۇلساڭلار بۈگۈندىن باشلاپ ئىلىپ بارساقمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن: بۈگۈندىن باشلاپ روھلانغا يوللىماقچى بولغان تىمىڭىزنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش خىيالىڭىزلا بولىدىكەن، تىمىڭىزنىڭ ئالدىغا مۇسابىقە دەپ يىزىپ قويسىڭىز، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان بولىسىز.
مۇسابىقىگەياردەم تىمىسىدىن باشقا قانداق تىما تىما بولسا بولىدۇ.
ئەمدى بۇنى قانداق باھالايمىز، «خەلق دىگەن ئادىل تارازا، ئۇ ئايرىيدۇ، داننى ساماننى» دىگەندەك روھلاننىڭ ھەر بىر ئەزالىرى ئادىل تارازا شۇڭا مۇشۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان قايسى تىما ئەڭ كۆپ ئەزا تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان بولسا شۇ 1- بولسا، ئۇنىڭدىن ئازراقلىرى، 2-،3-بولسا بۇلارغا مەن شەخسى روھلان تەڭگەمدىن1- دەرىجىگە100 تەڭگە چىقارسام، 2-دەرىجىگە 50 تەڭگە چىقارسام، 3-دەرىجىگە 30 تەڭگە چىقارسام،(باشقا تەڭگە چىقىرىدىغانلار قارشى ئىلىنىدۇ.)
مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە قىلىپ بىكىتىلدى. (10-ئاينىڭ 10-كۈنى نەتىجىسى ئىلان قېلىنىدۇ )
مۇشۇنداقراقمۇ بولسا قىلىپ، 4 يىللىقنى ئانچە مۇنچە تەبرىكلەپ قويايلىمىكىن دەپتىم.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:روھلاننىڭ ھەر قايسى سادىق ئەزالىرىغا: مۇشۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان تىمىلار سىلەرگە يارىغان بولسا بىر مۇنچە رەھمەتلەرنى ئېيتقاننىڭ ئورنىغا بىر باھالاپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىغا پايدىسى تېگىدۇ.
مۇسابىقىگە تىما قاتناشتۇرغۇچىلارغا: سىلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان تىماڭلارنى كۆپ تەشۋىق قىلىپ، ئەڭ كۆپ ئەزالارنىڭ كۆرىشىنى شۇنداقلا ئۇلارغا يارىغانكەن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىشىىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشقا تىرىشىڭلار.
ھە راست مۇسابىقىگە مەنمۇ قاتنىشىمەن ھە،
يىڭىچە پىكىرلەر بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yarkanboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-9-24 10:45
مەن بۇنى قوللايمەن!
لىكىن، ۋاختىنى يەنىمۇ ئويلىشايلى،يەنى ۋاقىت بەلگىلىمەسلىك كېرەك!
نىمە ئۈچۈن: سىزنىڭ تەڭگىڭىز تۈگىسە مىنىڭ بار،بولمىسا ئادىلجاننىڭ بارغۇ؟
بۇنى باھالاش ۋاختى چۇقۇم ھەپتىدە بىر، ياكى ھەرئاينىڭ مانچنجى كۈنى دىگەندەك قىلىپ بىرلىككە كەلسەك ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرساق بۇلىدۇ.
باشقا تورداشلار قانداق قارايدىكىن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alinur888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-9-23 12:58
ئورۇنلۇق لايىھە بوپتۇ.قوللايمەن.:handshake بەك ياخشى ئويلاپسىز...دىمىسىمۇ روھلانىنىڭ بۇنداق قۇتلۇق كۈنىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن نادىر تېمىلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك...ئىشىنمەنكى باشقا ئەزالارمۇ ئۆزنىڭ نادىر تېمىلىرى بىلەن روھلانىنڭ بۇ قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئالدىراۋاتىدۇ....خۇدا بۇيرىسا، مەنمۇ ۋاقتىم يار بەرسە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمەن....:handshake ۋاختىنى يەنىمۇ ئويلىشايلى،يەنى ۋاقىت بەلگىلىمەسلىك كېرەك!
بۇنى باھالاش ۋاختى چۇقۇم ھەپتىدە بىر، ياكى ھەرئاينىڭ مانچنجى كۈنى دىگەندەك قىلىپ بىرلىككە كەلسەك ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرساق بۇلىدۇ.
بۇ بىر ئەھمىيەتلىك ئىشكەن. يولباشچىمىز يەركەنبوينىڭ ‹‹مۇكاپات سوممىسى››مۇ ئاز ئەمەسكەن. بىراق، بۇنى بىرلا كىشى ھۆددىگە ئالسا ياراشماس. ئۇنداقتا، سىز كۆپ بەدەل تۆلەپ كېتىسىز. شۇڭا، مۇكاپات تەڭگىسىنى روھلاندىكى بارلىق ئەزالار تەڭ چىقارساق. ئاتامان بۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ بەرسە، ھىچكىم نارازى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ بىز بىر قېتىم داغدۇغا قوزغاپ، روھلاننىڭ تۆت يىللىقىنى تەبرىكلىسەك، ھەممىمىز خۇش بولىمىز ئەمەسمۇ؟ ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇڭ بولۇشىنى تېلەيمەن. شۇنداق ، بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بوپتۇ ، بىراق alinur888ئەپەندىم ئېيىتقاندەك‹‹ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق›› قىلسا مەنچە ئانچە مۇۋاپىق بولماس ، پەقەت شۇ باھالاش ۋاقتىنى ئازراق ئۇزارتىش مۇمكىن ، چۈنكى بۇ بىر 4 يىللىقنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ، ئەگەر ھەر يىلى ئۆتكۈزىمىز دىگەن بولساق ھەريىلى مەلۇم ئاي كۈننى تاللاپ تۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرساق بولاتتى ، لىكىن بىز ھازىر روھلاننىڭ 4 ياشلىق قۇتلۇق كۈنىنى ئۆتكىزىمىز دىگەندىن كىيىن ،باھالاش كۈنىنى مۇقىم بىر كۈنى شۇنداقلا پەقەت بىر قېتىملا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئەڭ مۇۋاپىق . بۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ ،لىكىن ۋاقىت بەك ئاز بوپ قاپتۇ ،ۋاقتنى سەل ئۇزارتساق ،يەنە بىر پېكىر قايسى مەزمۇندىكنى يوللايمىز ،بۇ ھەقتە تەلەپ بارمۇ يوق ،ئېنىق بوپ كەتسە بۇ مەۋسۈملۈك خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى روھلاننىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ بىرەر پائالىيەت ياكى بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بارلىق روھلان ئەھلىدىن سەمىمىي كۈچۈرۈم سورايمەن.
مەن تېما ئېگىسىنىڭ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىمەن، تورداشلارغا ئەسقاتقۇدەك بىلىم، ماتىرىيال، ئىجادىيەت، لايىھە،... لەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ.
مۇكاپاتقا كېتىدىغان روھلان تەڭگىسىنى مۇنبەر غەزىنىسىدىن مەنلا چىقىراي، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1-2-3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا ئەليۇلئەلا ئوردىنى تەغدىم قىلىنىدۇ. O(∩_∩)O ھاھا~، بۇ دېۋان مېنىڭ بولدى!
ADiL ئەپەندىم 2012-9-23 23:07 دە دېۋان تالىشىش كارتىسى ئىشلىتىپ ئېرىشكەن.
بۇ مەۋسۈملۈك خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى روھلاننىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ بىرەر پائالىيەت ياكى بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بارلىق روھلان ئەھلىدىن سەمىمىي كۈچۈرۈم سورايمەن.
مەن تېما ئېگىسىنىڭ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىمەن، تورداشلارغا ئەسقاتقۇدەك بىلىم، ماتىرىيال، ئىجادىيەت، لايىھە،... لەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ.
مۇكاپاتقا كېتىدىغان روھلان تەڭگىسىنى مۇنبەر غەزىنىسىدىن مەنلا چىقىراي، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1-2-3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا ئەليۇلئەلا ئوردىنى تەغدىم قىلىنىدۇ.