تۆھپىكار مائارىپچى تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ تەرجىمھالى
شائىر، ئوبزورچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، ماھىر پېداگوك تۇرسۇنجان ھەسەن 1966-يىلى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ دولان مەھەللىسىدە ناۋاي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىسىگە قاراشلىق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوكىكا ئىنسىتېتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1987-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات ئەترىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ، 25 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىدا 22 يىل ئوقۇش پۇتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار يېتەكچىسى بولغان. كۆپ قېتىم «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى»، «ئىلغار دەرس ئوقۇتقۇچى»، «ئوقۇتۇش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. ناھىيە، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش مۇسابىقىلىرىگە، كۆپ قېتىم ئالى مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنىلىرىغا قاتناشقان.
ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. ئالى مەكتەپتىكى ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتى ئۇنى بىر لىرىك شائىرغا ئايلاندۇرغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ شېئىرلىرى مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قايسىگېزىت-ژۇرناللاردا 450 پارچىدىن ئارتۇق لىرىك شېئىرلىرى، 30 نەچچە بارچە ئوبزورى، 3 پارچە ھىكايىسى، 40 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 2007-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ھەۋەس، كۆكسۇلتان دېگەن نامدا كېرىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان لىرىك شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تەكرار كۆچۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ «مەكتەپ دەرسىنىڭ سېھرىي كۈچى نەدە؟»، «ئوقۇتۇشتا نۇمۇس تەربىيىسى» قاتارلىق ماقالىلىرى «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىدا ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتلانغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئەدەبىي ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۇرسۇنجان ھەسەن (ھەۋەس ) ئەپەندىنىڭ روھلا تور بېكىتىدىكى ئىجادىيەتلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۈڭ
يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى
http://www.rohlan.biz/home.php?mod=space&uid=4223&do=thread&view=me&from=space
ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى
http://www.rohlan.biz/home.php?mod=space&uid=2407&do=thread&view=me&from=space
بىز تۇرسۇنجان ھەسەن مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيتىگە ۋە خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز. بۇ تۆھپىكارىمىز بىلەن مەن مەكتەپداشكەنمەن،:D... تۆھپىكارىمىزنىڭ شېئرىيەتتىككى تالانتغا مەن تولىمۇ قايىل...{:1_1:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahra0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-9-4 14:57
ئۇستازنىڭ تور يۈزىدە ئېلان قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار شۇلارنىڭ ئىچىدىن گېزىت ژۇرناللارغا بەرسە مۇكاپاتلانغۇدەكمۇ ھەم نۇرغۇنلىرى بار .
ئۇستازنىڭ مەدەنىيەت بوستانى پروگراممىسىدا سۆزلىگەن سۆھبەتلىرىنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى ، مۇمكىن بولسا قىستۇرۇپ قويساق . روھلان يوللىغان ۋاقتى2012-9-9 15:04 static/image/common/back.gif
ئۇستازنىڭ تور يۈزىدە ئېلان قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن ئەسەرل ...
ئاۋات دولان دېھقانلار رەسساملىقى توغرىسىدا
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=16207&fromuid=1
روھلانغا يېڭى ئەزا بولۇپلا يولباشچى ‹‹ھەۋەس›› دېگەن بۇ نام قەلب تۆرەمدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. سىزنىڭ پاساھەتلىك شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئالەمچە سۆيۈنگەن ۋە ئۆزەمچە ئاتىكاچىلىق قىلىپ، شېئىرى ئىنكاسمۇ يېزىپ يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ، ئىلگىرى ئاقسۇ ئەدەبىياتى...قاتارلىق تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا نادىر شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ، قەلەمداشلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن ۋە يوقۇرى باھالارغا نائىل بولغان شائىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ سىز ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپلىنىپ، سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ھارمىغايسىز ھەۋەس ئۇستاز. ئىجادىيەتتە يەنىمۇ كامالەت تاپقايسىز. مېنىڭ ‹‹قوشاق››لىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنى سىز تەھرىرلەپ،روھلاندا مېنى ئادىمىيلىك ئىشەنچ، غۇرۇر ۋە يۈكسەك قىزغىنلىق، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە قىلدىڭىز. سىزگە كۆپ رەھمەت. ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن! ناھىيىمىزمائارىپى ئۈچۈن يەنىمۇ ئىزدىنىشىڭىزگە تېلەكداشمەن!!! بىزنىڭ «بېشىرىق مائارىپ ژۇرنىلى»غا ئەسەر بەرمەس بۇلۇپ قالدىڭىز،بىزنىمۇ قوللاپ قۇيىشىڭىزنى ،پائالىيتىمىزگە تەنقىدى پكىرلەرنى بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسلىدە مۇنبىرىمىزدىكى ‹‹ ھەۋەس ›› تەخۇللۇسىدىكى شائىر يولباشچىمىز مائارىپچى ئىكەندە ! مىركورى يوللىغان ۋاقتى2012-9-19 13:27 static/image/common/back.gif
ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن! ناھىيىمىزمائارىپ ...
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم تىنىچ ئامانمۇ سىز؟ تېخىچە ئۇرۇخلىماپسىز دە؟ ھې ھې...! قانداق تەنلىرىڭىز ئامان ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كىتىپ بېرىۋاتاامدۇ؟ تېنىگە سالامەتلىك خىزمىتىگە ئۇتۇق تېلەيمەن مۆھتىرەم «ھەۋەس »ئاكىمىزىنىڭ ئىجادىيەت سىپىدىكى تىرىشچانلىقىئىنتايىن يوقىرى بۇلۇپ ،كەڭ دورداشلىرىمىزغا نادىر ئەسەرلەرنى سۈنۈپ ،قەلىپ تەشنالىقىمزنى قاندۇرۇپ كىلۋاتقىنىدىن باشقا «دولان »ژورنىلغا ئەسەر قۇبۇل قىلىش ،تەھىرىرلەش ...قاتارلىق مۇشكۈل ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ كىلۋاتىدۇ.ئوستازنىڭ باشقا تور بەتلەردىكى «كۆكسۇلتان »نامىدىمۇ نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ كەڭ تۇرداشلرنىڭمۇ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىىشپ كىلىۋاتىدۇ.ئوستاز ئاكىمىزىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرى ،باسقان قەدەملىرى تىخمۇ ئوتۇقلۇق بولغاي...!
بەت:
[1]