131TANHA يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 18:28:24

روھلاننى قوللىغانلق ئۆزىمىزنى قوللىغانلق

تورداشلار ھەممىزگە مەلۇمكى مەزكۇر روھلان تورىغا چىقدىغان دوسلار كۆپ چۈنكى روھلاندىكى مەزمۇنلار كۈنسىرى يېڭلىنىپ ، بۇلۇپمۇ بىز ئوقوتقۇچلار قۇشۇنغا نىسپەتەن نۇرغۇن ۋاقتىلارنى تىجەپ سەرخىل ماتىرىياللار بىلەن تەمنلەپ كىلۋاتىدۇ بۇماتىرىياللار نەدىن كىلىدۇ ؟ بۇنى مۇشۇتورنى باشقۇرۋاتقان باشقۇرۇغۇچى ۋە قۇرغۇچلارنىڭ جاپالق تەھىرىرلەپ مۇل ھۇسۇللۇق مەزمۇنلارنى يوللشدىن چىقدۇ؟
مەن ئويلايمەن ئۇلار ھىچقانداق مھنەتىسىز بىزلەرئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلماقتا .
بىزئۇلارئۈچۈن قانچلىك ئشلارنى قىلىپ بىرەلدۇق ، پەقەت مەزمۇنلارنى يوللاش ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئھتىياجنى قامداش ئۈچۈنلا ماتىرىيال چۈشۈرۈپلا يۈردۇق .
شۇڭا مەن ئويلاپ قالدىم بۇتوربېتنى قۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجدە ئقتسادى چىقملار كىتدۇ ، بىزئەزابولغان بىلەن ھىچقانداق ھەق تۆلىمەيمىز بىزئۈچۈن ناھايتى قولايلق ، بىزمۇ بۇتوردىن نۇرغۇن بىلملەرنى ئېلۋاتىمىز لىكىن ھىچقانداق ئقتىسادى ياردەم بىرلەمدۇق .
بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كېرگەندە ئوقوتقۇچى ‹‹ئېلببە›› نى ئۈتىدۇ بۇگەپنىڭ مەنسى ناھايتى چوڭقۇركەن بىزئېلب نى ئۇقۇپ بەنىمۇبىلۋالساق ياخشى بۇلاتتى .
ئەڭ ئاخرقى مۇددايىم بۇتەربەتنى قۇرغۇچىلارغا شۇ توربەتتكى ئېلانلار ئارقىلقلا ئازتولا كىرىم بولدۇ .شۇڭا دوسلارغا تەۋسىيەم مۇشۇ توربەتنى زىيارەت قىلغاندا ئېلانلارنى بىرەر قېتىم بولسمۇ چىكىپ توربەت قورغوچىلارنى قوللاپ قويساق .
كۆپچىلكنىڭ ياردىمى بولسىلا يۆتكىگىلى بولمايدىغان تاغ يوق

Maarip يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:13:28

قانداق مەن سىزگە تونۇشتۇرغان بۇ تور بەت يارىدىمۇ؟ مەكتەپلىرىڭىزگە تەۋسىيە قىلىڭ، روھلاننىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى!!!!

Maarip يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:48:39

8- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى ۋىلايەتتىكى كۇرسقا بارامسىز يا؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 22:28:09

روھلانغا شۇنچىلىك ئىشىنىپ قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، بىز ئىزچىل تىرىشىۋاتىمىز، نۆۋەتتە ھەر ھالدا كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بېكەتتىكى ئېلان كىرىمى تور بىكەتنىڭ بوشلۇق ۋە تور نام چىقىمىنى كۆـتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى زور پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە تىرىشىپ روھلاننىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشقا تىرىشايلى.

گېنرال يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 23:01:24

ھەممە بىرلىكتە تىرىشىپ روھلاننىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشقا تىرىشايلى.مەنمۇ چۇقۇم زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 02:57:07

تەنھا ئەپەندىنىڭ ياخشى تەكلىپىدىن سۆيۈندۈم. دېمىسىمۇ راست ئەمەسمۇ؟ بىز روھلاندىن ئىزچىل پايدىلىنىۋاتىمىز. بىراق، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ ئىلگىرى نەۋرۇز ئەپەندى ‹‹بىر يۈەن پىلانى››نى ئوتتۇرغا قويغان ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما، قانداق سەۋەپتىنكىن تاڭ، بۇ پىلان توختاپ قالدى.ھەممەيلەننىڭ روھلان ئۈچۈن مەلۇم ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگۈسى بار. بۇ جەھەتتە تورداشلارنىڭ پايدىلىق تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ياخشى تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. تورغا چىققان ھامان ئېلانلارنى بىر قېتىم چىكىشنى داۋاملاشتۇرىمەن ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 05:49:50

ئېلاننى چىكىپ قويغانغىلا ھىساپ بولمايدۇ . دىققەت قىلىڭلار .
1- روھلانغا ( ھەر قانداق تور بەتكە ) كىرىپ چوقۇم بىر نەچچە مىنۇت مەزمۇن كۆرگەن بولىشىڭىز كېرەك . ( كىرىپلا چىكىۋېتسىڭىز ئېلان سۇپىسىنىڭ سىتاتىستىكا ماتورى سىزنىڭ ئېلان چىكىش ئۈچۈنلا كىرگىنىڭىزنى سىزىۋالىدىغان چىراي ، بۇ ئېلان چىكىشنىڭ روھلانغا قىلچە پايدىسى يوق ).
2 - ئېلان چىكىپ ئېچىلغان بەتتىن يەنە بىر قانچە ۋاراق ئۆرۈپ - چۆرىشىڭىز كېرەك . ( ئېلان تەمىنلىگەن A تەرەپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئېلانغا تايىنىپ تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ، سىز - بىز ئاشۇ تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى بىردەم مالتىلاپ - ئېچىلغان بەتتىن يەنە ئىككىنى ئېچىپ بىرەر مىنۇتقىچە كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن شۇ بەتنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ).
3 - ئوخشاش ۋاقىتتا بىر كومپىيۇتېردا ئامال بار 3 تىن ئارتۇق ( بىر ئېلان سۇپىسىنىڭ دىمەكچى ) ئېلانىنى چەكمەڭ . مەسىلەن روھلاندا تېڭشۈننىڭ ئېلانى بار . مۇشۇنى روھلانغا كۆپ پۇل تېپىپ بىرىمەن دەپ چىكىۋەرسىڭىزمۇ بەرىبىر روھلان ئۇستازغا ھىساپلايدىغان نەرقى يەنىلا شۇ ...
.....
تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز . تور بەت قۇرغۇچىلار ئارىسىدامەخسۇس پۇل تېپىش ئۈچۈن تور بەت قۇرغانلارمۇ بار ، روھلاندەك خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىدا بېكەت قۇرغانلارمۇ بار ... مەيلى قانداقلا بولسۇن - تور بەتنى روھلان دەپ بېسىپ بولغۇچە ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم سەۋىيە ، ۋاقىت ۋە مەلۇم مىقتاردىكى ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان بولىدۇ . قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دىگەن گەپ بار . بولسا بىرەر مىنۇت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئېلان چىكىپ قويساڭلار ھەقىقەتەن تور بەتنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى كۆتىرىپ قالىدۇ ... بېكەت مەسئۇلىغىمۇ بېسىم بولمايدۇ ....
--------------
دىگەنلىرىمدەك قائىدە يوق . بۇلارنى پەقەت زاغرا تىل ، زاغرا چۈشەنچە دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ ...ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qeqnus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-8-17 05:53

zulpiqar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 10:00:13

ھەممە بىرلىكتە تىرىشىپ روھلاننىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشقا تىرىشايلى.مەنمۇ چۇقۇم زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن،بارلىق ئەزالارنىڭ بۇ توربەتنى قوللايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن...

131TANHA يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 11:34:53

مائارىپ ئەپەندى سىز تەشۋىق قىلغان توربېتى ھەقىقەتەن ياخشكەن ، نۇرغۇن بىلمگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم .
22 - چىسلادىكى تەربىيلەشكە بارىمەن شۇ چاغدا كۈرۈشەيلى

189kawsar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 11:52:09

ياخشى پىكىركەن، مەنمۇ چىكىۋەتتىم ئەمسە، ۋاقتىم چىقسىلا ئامال بار شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.
بەت: [1] 2
: روھلاننى قوللىغانلق ئۆزىمىزنى قوللىغانلق