xam65 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 04:49:00

ئابلىز ئوسماننىڭ تەرجىمھالى

ئابلىز ئوسماننىڭ تەرجىمھالى
            ئابلىز ئوسمان 1965-يىلى 8-ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1983-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1988-يىلى7-ئايدا ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، «ئاقسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىق ۋە ئەدەبىي تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2005-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
             ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىلا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن كۆپ شېئىرى، 50 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرىسى، 15 پارچە ئوبزور، ئىلمىي ماقالىسى، 20 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. «پىلسىرات كۆۋرۈكى»(پوۋېست-ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى)، «شۇ كېچە»(شېئىرلار توپلىمى)، «پىداكار شائىر نىمشېھىد» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. خېلى كۆپ ئەسەرلىرى 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەدەبىي توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. 25 پارچىغا يېقىن ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بىر پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
            ئۇنىڭ «تالانت ، ئادەم، كېلەچەك» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى «تارىم» ژۇرنىلى بىلەن « شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن چاغ» ئەدەبىياتمۇكاپاتىغا، «ئوت ناخشىسى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «كەچكۈز لېرىكىسى»ناملىق شېئىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «پىلسىرات كۆۋرۈكى» ناملىق پوۋېستى 6-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئاھ، پەرىشتىلەر» ناملىق داستانى «تارىم باھارى» ۋە «دەۋران» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن شاڭخەي شەھىرى ھەمكارلىقىدىكى «بەي يۈ لەنبېي» ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپەمۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
               ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 19:48:38

شائىر ئابلىز ئوسمان 90-يىللاردا داڭق قازىنىپ، ئاقسۇدىكى ئەدىپلىرىمىزنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان مول-ھۇسۇللۇق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. مەن ئۇنىڭ ئەدەبى تالانتى ۋە ئادەملىك پەزلىگە ھەۋەس قىلىپ ۋە قول قويۇپ كەلگەن ئىدىم. ‹‹شام›› ئەپەندىنىڭ ئابلىز ئوسماننىڭ ھاياتى پائالىيىتى ۋە ئىجادىيەت جەريانلىرىدىن بىزگە قىممەتلىك ئۇچۇر يەتكۈزگىنىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت...

ئايقۇت1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 12:32:48

ياخشى تېما بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت!

sapdil88 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 20:46:07

ياخشى تېما بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت!

دىلكەش2 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-11 23:38:09

مەن شائىرلارنى خېلە چوڭ كورىمەن لىكىن ،سىلەر ئازراقلا ئارتۇقچىلىقنى كورىۋالساڭلا ئاسمانغا كۆتىرىپ،سەللا ئاجىزلىقىنى كۆرىۋالساڭلا شۇ ھامان يەرگە ئېتىۋېتىدىكەنسىلە ،مەسىلەن سەلكىن ئەپەندىم مەن سىزنى ياخشى تۇنۇيمەن ،ھازىر جاۋاب شېئىرلىرىڭىزنىمۇ نەق مەيداندا ئاڭلىغانمەن ،سىز ماختاۋاتقان بۇكىشى سىز دىگەنچە بولمىسا كېرەك.چۈنكى بۇ كىشى ئۆزىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ يېقىنلىرىنىڭ پىچەك ساختا ئەسەرلىرىنى كېلىش مەنبىيىگە دىققەت قىلماستىنلا نەشىريتقا بىرىپ خەلىق ئاممىسىنى خاتا قاراشلارغا كەلتۈرۈپ قويدى. مەسىلەن ئۆزىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى ئەخمەت ۋاھىدىنىڭ ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 2010-يىللىق بىر سانىدىغۇ دەيمەن( ئېنىىق سانىنى ئەتىگىچە يوللايمەن )«باراڭ ئاستىدىكى پاراڭلار»دىگەن تىمىدىكى ئەسلىمىسىنى بېسىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى .بۇ ئەسلىمىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىر قەلەم ئېگىسى ئوبزۇر يېزىپ ئابلىز ئوسمانغا بېرىۋىدى ،ئۇكىشى خىجىل بولماستىن سىزنىڭ يازغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ،لىكىن ئۇ ئەسلىمىنىمۇ مەن تەھرىرلىگەن بۇنىمۇ مەن تەھرىرلەپ باسساق مىنىڭ ئابرۇيۇمغا ياخشى بولمايتتى خاپا بولمىسىڭىز بۇنىڭدىن باشقا ھارقانداق ئەسىرىڭىز بولسا ئەۋەتىڭ مەن باساي دەپ چىرايلىقچە يولغان سالغان ئىكەن.

بۈركۈت0 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-9 09:26:21

ئابلېز ئوسماننىڭ قىسقىچە تارىخىنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا كوپ تەشەككۈر
بەت: [1]
: ئابلىز ئوسماننىڭ تەرجىمھالى