Maarip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-8 08:48:54

ئابدۇللا تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى



ئابدۇللا تالىپ (1924-2005) كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1943-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1950-يىللىرى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان ۋە 1956-يىلى مەركىزىي مائارىپ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇدىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1987-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.

ئابدۇللا تالىپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن 1943-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «مەرىپەت ئانا» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پەزلى جاھان» تەخەللۇسىدا «باتۇر ئوغلانلار»، «ئىشقىدا»، «شامالغا خىتاب»، «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئاشۇ يىللاردا «سەددىچىن» ناملىق تارىخىي داستاننى، «توققۇز بۇلاققا ساياھەت» قاتارلىق ئوچېرىكلارنىمۇ يازغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1947-1948-يىللىرى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن «ئەركىن جانان» ناملىق ئوپېراسى بىلەن «سۆيگىنىم ئەلا» ناملىق دراممىلىرى شۇ ۋاقىتتا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. «قاينام ئۆركىشى»، «چالا تەگكەن ئوق»، «لالە-قۇربان» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى، «ئىگەرلىك ئات» ناملىق تارىخىي پوۋېستى، «جۈپ ھەيكەل»، «مەرىپەت ئانا»، «ئۇنتۇلماس خاتىرە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى نەشر قىلىنغان.

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-11 22:41:15

يولباشچىمىز ‹‹مائارىپ›› ئەپەندىنىڭ تورداشلارغا مەرھۇم شائىر، ئاتاغلىق يازغۇچى، پېداگوك ۋە مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئاكا ھاياتىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن داستان ۋە رومانلار يازىدىغانلارمۇ چىقىپ قالار بەلكىم. ئىلگىركىلەرنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى كېيىنكىلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرۇشى تەبى ئەھۋال.بولسا بالىلىق ۋاختى، ياشلىق مەزگىلى ۋە قىرانلىق يېشىدىكى بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ، بىزگە ئەدەبى ئەسەر تۈسىنى ئالغان چوڭراق ھەجىمدىكى تارىخي مەلۇماتلارنى تەقدىم ئەتسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن...

ئايقۇت1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 22:10:06

ياخشى تېما يوللاپسىز ،مۆھتەرەم ئۇستازنىڭ ‹قاينام ئۆركىشى›دىن باشقا ‹لالە-قۇربان›رومانىمۇياخشى يېزىلىپتىكەن .
بەت: [1]
: ئابدۇللا تالىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى