0998bulak يوللانغان ۋاقتى 2012-2-25 21:48:51

كەنتلەر بىلەن تۈزگەن2012-يىللىق مائارىپ خىزمەت مەسئۇلىيەتنامىسى

ي
ھەر قايسى كەنتلەر بىلەن تۈزگەن2012-يىللىق مائارىپ خىزمەت مەسئۇلىيەتنامىسى

يېزىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يىتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزى كومتىت 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومومىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك يېزا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بۇلاقسۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قايسى كەنت كومتىتى تۆۋەندىكىدەك مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى.
1. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.
يېزا مائارىپ خىزمىتىنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىكنىڭ مەسئۇليتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ھەرقايسى قاتلام رەھبەرلىكى مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك. كەنت باشلىقى ئومۇمى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىش، كەنت كادىرلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشى، ئالاقىدار مەسئۇلكادىرلار ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشى لازىم.مائارىپ خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى ئىنىق بىكىتىپ، قاتلاممۇ- قاتلام مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، مائارىپ خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىلەشتۈرۈش لازىم.
2. تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، مائارىپ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش.
تەشۋىقات دوسكىسىدىن ، رادىئو كانىيدىن، تەشۋىقات شۇئارلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يىغىن چاقىرىپ، تەشۋىقاتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ، زور كۈچ بىلەن مائارىپ خىزمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئاممىغا بىلدۈرۈپ، مائارىپقا ئائىتتۈرلۈك فاڭجىن- سىياسەت ۋە چارىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كىرەك. مائارىپ خىزمىتىدىكى مۇۋەپپىقىيەت، تەجىرىبىلەر ۋە ئىلغار تىپلارنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ كادىر، ئاممىنىڭ مائارىپقا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
3. بۇلاقسۇ يىزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە يەتمەكچى بولغان نىشانى:
(1) مائارىپ بازىسىنىڭ بىخەتەرلىك ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كىرەك.
مۇقىملىق خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قاتارىغا قويۇپ، ھەرقايسى كەنتلەر مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك، ئامانلىق ، مۇقىملىق خىزمىتىگە يىقىندىن ماسلىشىپ، مەكتەپنىڭ كېچىلىك دىجورنىلىكىگە 3-5 گىچە خەلق ئەسكىرى سەپلەپ بىرىپ، كېچىلىك چارلاشنى كۈچەيتىپ، يامان نىيەتلىك ئۇنسۇرلارنىڭ مائارىپ بازىسىغا سوقونۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،ئامانلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
تۈرلۈك تەبئىي ئاپەت ( يەرتەۋرەش، قاتتىق قار،بوران، يامغۇر ، مۆلدۈر، كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەر)يۈز بەرگەندە، كەنت كومتىتى مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) كە يىقىندىن ماسلىشىپ، ئادەم كۈچى تەشكىللەپ، ئۆگزىدىكى يىغىلىپ قارنى تازىلاپ، ئۆگزىگە لاي سىلىپ، تامچە ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە يەڭگىلىشكە يارىدەم بىرىدۇ.
(2) كەنت كومتىتى ئوقۇشتىن چىكىنىشنى كونتىرۇل قىلىپ، مەكتەپتە تۇراقلاشتۇرۇش مىخانىزىمىنى يەنىمۇ بىر قەدەر كۈچەيتىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن چىكىنىشىنى چەكلەش لازىم.
ھەرقايسى كەنت كومتىتى مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئۇزۇن مەزگىل مەكتەپكە كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەكتىنى ئىنىقلاپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىپ، سىرىتتىكى ۋە ئائىلىدىكى مەكتەپكە كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇشتىن چىكىنگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن پەرزەنتىنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ بىرىش توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ. كەنت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان يىزا رەھبىرى ۋە كەنت رەھبىرى شۇ كەنتنىڭ داۋام خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. كەنت كادىرى مەسئۇل بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ داۋامىنى تولۇقلاش » خىزمىتىدە بوشاڭلىق قىلغان، خىزمەتنى ساختا مەلۇم قىلغان كەنت ۋە يېزا كادىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئېغىرلىتىپ جازالايدۇ.
ھەر قايسى كەنتلەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىلىش نىسبىتىنىڭ ٪97تىن يۇقىرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىلىش نىسبىتىنىڭ ٪100بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقايسى كەنت كومتىتى ھەر ھەپتىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە شۇ كەنتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇ ھەپتىدە مەكتەپكە بىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. بەرگەن دوكلات چوقۇم ھەقىقى، توغرا بولىشى، دوكلات قىلغاندا چوقۇم كەنت باشلىقى ئىمزاسى ۋە كەنت كومتىتىنىڭ تامغىسى ئۇرۇلغان بولۇشى كىرەك. مەكتەپنىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات قىلمىغان كەنت پۈتۈن يېزا بويىچە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارە تەنقىد قىلىندۇ.ئىزچىل ياكى ئارىلاپ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيدىغان ئائىلە باشلىقلىرىغا ھەر پەسىلدە بىر قارار « مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىنى ئۆگىنىش سىنىپى» تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، تەربىيلەشنى بالىلىرىنى مەكتەپكە تولۇق ئەۋەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇش لازىم. پەرزەنتىنى ئۇدا ئون كۈن مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن ئاتا-ئانا ياكى ھامىيىسىنى «مائارىپ قانۇنى»، «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «ياش قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرغاندىن سىرىت، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى بولغان بولسا ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىرىلمەيدۇ ھەمدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى قىلىپ كۆرسىتىلمەيدۇ. تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان قىلىنمايدۇ.
(3) ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «8نى يۈرۈشلەشتۈرۈش» ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ بىرىش لازىم.
ھەرقايسى كەنتلەر بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن مەبلەغ توپلاپ، ئۆز تەۋەسىدىكى مەكتەپنىڭ «8نى يۈرۈشلەشتۈرۈش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ كەلگەن بولسىمۇ،قىسمەن مەكتەپلەردە دىجۇرنىلىك ئۆيى، قايناقسۇ قاينىتىش ئۆيى، ئامبار ئۆيى كەمچىل بولۇش، چۆرە تىمى يوق ياكى خەتەرلىك بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت. شۇڭا ھەرقايسى كەنت كومتىتى ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش مەسئۇليتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن مەبلەغ تەييارلاپ، دىھقانلار كۈچىدىن پايدىلىنىپ، چۆرە تام، دىجۇرنىلىك ئۆيى، قايناقسۇ قاينىتىش ئۆيى، ئامبار ئۆيى كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋاللارنى تۈزەشتە، چوقۇم قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغان بولۇشتەك تەلەپلەر بويىچە تۈزەپ، مەكتەپلەرنىڭ «8نى يۈرۈشلەشتۈرۈش» ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ بىرىش لازىم. دىھقانلار كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى تۈزلەش ۋە رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىلىپ بىرىش كىرەك.
مەكتەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمگەك بازا يېرىنى ۋە تەنتەربىيە مەيدانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆلچەم تەلىپى بويىچە تولۇقلاپ بىرىش كىرەك.
(4) مەكتەپنىڭ ئوقو-ئوقوتۇش، تەلىم-تەربىيە مۇھىيتىنى ياخشىلاشقا، كۆكەرتىش- يېشىللاشتۇرۇشقا ياخشى ماسلىشىشى لازىم.
كەنت كومتىتى تەۋەلىكىدىكى مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) نىڭ مۇھىت ئاسراش، كۆكەرتىش- يېشىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان نازارەت قىلىش قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىلىپ بىرىشى كىرەك. مەكتەپنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمگەك بازا يېرى، مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) نىڭ گۈللۈكى، چىملىقى، دەل-دەرەخلىرىنى كۆكەرتىشكە يىتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەپ بىرىشكە كاپالەتلىك قلىشى كىرەك. شۇ كەنتنىڭ سۇ نۆۋىتى كەلگەندە ئالدى بىلەن مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) نى ئالدىن ئويلىشىشى لازىم.
(5) كەنتلەردىكى پەن-تىخنىكا مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، پەن-تىخنىكا مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ دىھقانلارنى تەربىيلەش كۆلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.
كەنتلەردىكى پەن-تىخنىكا مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئىقتىدارىدىن ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەربىر ئائىلىدىن كەم دىگەندە بىر نەپەردىن دىھقاننى ئەمەلىي پايدىلىنىدىغان تېخنىكا بىلەن تەربىيلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.
(6)يىزىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. كەنتلەر ياش- ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، كەنتنى بىرلىك قىلىپ ساۋات چىقىرىش كۇرسى تەشكىللەش لازىم. كەنتلەر ساۋاتسىزلارنىڭ داۋامىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ساۋات چىقىرىش كۇرسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. كەنتلەردىكى 15ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ساۋاتسىزلار يىزىنى بىرلىك قىلىپ تەربىيلىنىدۇ، بۇلارنىڭ داۋامىغا كەنت مەسئۇل بولىدۇ. (ھەر قايسى كەنىتلەر كەنىت پەن تىخنىكا ئوقۇتۇش نوقتىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك ماتىرياللار: (1)كەنىت پەن تىخنىكا ئوقۇتۇش نوقتىسىنىڭ ئۆلچەملىك ۋىۋىسكىسى(داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان بولۇشى كىرەك)؛ (2)پەن تىخنىكا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گوروپىسى ۋە چوڭلار مائارىپىغا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپىسىنىڭ تەشكىلى سىخىمىسى (جازىلاشتۇرلىدۇ) ؛ (3)   پەن-تىخنىكا .ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ قائىدە تۈزۇملىرى (6تۈرلۈك، جازىلاشتۇرلىدۇ) ؛ (4)پەن تىخنىكا ئۆگىنىش ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىگە دائىر شۇئار(5پارچىدىن كەم بولماسلىق كىرەك، ) ؛ (5)پەن-تىخنىكا ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ پىلان خۇلاسىسى؛ (6)چوڭلار مائارىپ پىلان خۇلاسىسى ؛ (7)ساۋاتسىزلارنى ئوقۇتۇش يوقلىمىسى ؛ (8)ساۋاتسىزلارنى ئوقۇتۇش كونسىپىكى ؛ (9)پەن تىخنىكا بويىچە تەربىيەلەش يوقلىمىسى ؛ (10)پەن تىخنىكا بويىچە تەربىيەلەش كونسىپىكى؛ (11)ياش ئوتتۇرا ياشلىق ئەمگەك كۈچى تىزىملىگى قاتارلىقلار).
ھەرقايسى كەنتلەر مائارىپ خىزمىتىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يىتىپ،خىزمەتلەرنى قەدەم-باسقۇچ بويىچە پۇختا ئىشلىشى كىرەك. يۇقارقى ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ بولالماي، خىزمەتكە تەسر يەتكۈزگەنكەنت سىكىرتارى ياكى كەنت كومتىتى باشلىقىغا ئاقىۋىتىنىڭ ئىغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ چارە كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئاقىۋىتى ئېغىر بولسا ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار مەسئۇلىيەت دەرىجىسىگە ئاساسەن، كادىرلارنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە مەجبۇرىيتىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
بۇ مەسئۇلىيەتنامە جەمئىي 2 نۇسخا بولۇپ، يېزىلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىر نۇسخا ۋە كەنت كومتىتىبىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ. مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.



يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى(تامغا)          كەنت كومتىتى(تامغا)




يېزا باشلىقى (ئىمزاسى)                        كەنت باشلىقى (ئىمزاسى)


20-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
بەت: [1]
: كەنتلەر بىلەن تۈزگەن2012-يىللىق مائارىپ خىزمەت مەسئۇلىيەتنامىسى