xam65 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 11:30:39

ئابدۇسەمەت غاپپار (ئەلتۈرك) نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى


ئابدۇسەمەت غاپپار (ئەلتۈرك) نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىئىزدىنشچان مائارىپچى، فېليەتۇن ئىجادىيىتىگە يېڭى قەدەم بېسىۋاتقان ئابدۇسەمەت غاپپار(ئەلتۈرك) 1975-يىلى 6-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى يېڭىئېرىق يېزىسى تۈگمەنبېشى چاھارىباغ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇغان. 1993-يىلدىن باشلاپ ئاقسۇ كونشەھەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپنىڭ شىنجاڭ ئونۋېرستېتى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى مەخسۇس كورۇس سىنىپىدا ئوقۇغان. 1998-يىلدىن باشلاپ ئاۋات ناھىيلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ ئونۋېرستېتى بىرلىشىپ ئاچقان ئۇيغۇرتىل –ئەدەبىياتى توللۇق كورۇس سىنىپىدا ئوقۇغان. 1995-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 1996-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.
ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىرى بۇلۇپ، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى »، «شىجاڭ مائارىپى»، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا دەرسخانا ئوقۇتۇشقادائىر تۆت پارچەئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۈنى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرنىڭماقالە يېزىقچىلىقى مۇسابقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2009-يىلى «ئەشمە ۋادىسىدىكى گۈزەل يۇرت - يېڭىئېرىق» نامىدىكى «مەكتەپ دەرسى»نى تۈزۈپ ئوقۇتۇشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان.
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بۇيىچە ئۈرۈمچى، قۇمۇل، بورتالا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى بۇيىچە دەرسخانا ئوقۇتۇش، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە پائالىيەتلىرگە قاتناشقان.
ئۇ ھازىر ئاۋات ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ «ياردەمچى تەتقىقاتچى»سى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-2-23 15:27:11

بىر ناھىيدە تۇرۇپ تۇنۇماي ئۆتۈپ كەتكىلى تاسلا قاپتىمەنغۇ {:5_163:}

hawas يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 11:22:58

ئىنىم سەمەتجان غاپپارنىڭ ئىشلىرىغا يەنىمۇ مۇۋەققىيەت تىلەيمەن.

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 12:08:18

سەمەتجان غاپپار (ئەلتۈرك) بىلەن بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە مائارىپ ئىنىستىتوتىدا 20 كۈنلۈك تەربىيلىنىشتە بىرگە بولۇپ، سىردىشىش، ئەسرالىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان ئىدىم. ئەخلاق- پەزىلەتلىك، تىرىشچان قەلەم ساھىبى، مائارىپ باغچىسىنىڭ ئۈمىدلىك پەرۋانىسى سەمەتجان غاپپار (ئەلتۈرك)نىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە نۇسرەت تېلەيمەن...

مىركورى يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 13:23:03

بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىز ۋە خىزمىتىڭىزگە زور ئۇتۇق تېلەيمەن.بىر ناھىينىڭ مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ،شۇنچە نۇرغۇن ئىش ئىزلىرىڭىزىن خەۋەردار بولالماپتىمەن!!!!
بەت: [1]
: ئابدۇسەمەت غاپپار (ئەلتۈرك) نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى