تۆھپىكار مائارىپچىلار سەھىپىسى ئېچىلدى
روھلان تور بېكىتى رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى مائارىپ تور بىكەتلىرى ئىچىدە تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئابۇنتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان مائارىپ، كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە ماتىرىياللىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئاساس قىلغان تور بىكەت بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مائارىپىمىزغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان، مائارىپ ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان، مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكارلار، ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەر ، كەشپىياتچىلار، رەھبەرلەر،... بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ مائارىپچىلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ سەھىپىنى مەخسۇس قۇرۇپ چىقتۇق.سەھىپە ئورنى:
مائارىپ گۈلزارى چوڭ سەھىپىسى ئاستىدىكى تۆھپىكار مائارىپچىلار سەھىپىسى
ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/forum-168-1.html
بۇ سەھىپىگە بۇندىن كېيىن، تۆھپىكار مائارىپچىلار بىلەن بولغان يۈزتۇرانە سۆھبەت فىلىمى، سۆھبەت خاتىرىسى، ئۇلارنىڭ ماقۇللىقى ئارقىلىق تەييارلانغان تەرجىمھال، .... قاتارلىقلار يوللىنىدۇ.
ھەر قايسى مائارىپچىلار بۇ سەھىپىگە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايۇندىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بار مائارىپچىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ماقالە چىقارسا، سۆھبەت خاتىرىسى يوللىسا، تەرجىمھالىنى يوللىسا بولىدۇ .
شەرت چوقۇم ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېقىندا چۈشكەن سۈرىتىدىن بىر نەچچە پارچىنى قۇشۇمچە قىلىپ يولايدۇ .
بۇ سەھىپە بىر قەدەر ئالاھىدىرەك بولۇپ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بۇ سەھىپىدىكى تېمىلارنى كۆچۈرمەسلىكىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر كۆچۈرۈش سەۋەبلىك بىرەر مەسىلە كلېىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋېتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .
قوشنا تور بىكەتلەرنىڭ بۇ سەھىپىنى ئوخشىتىپ ياسىماسلىقىنى ۋە مەزمۇنلارنى ئايلاندۇرۇپ يوللىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
روھلان تور بېكىتى
2012-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ;P;P ئەجەپ ياخشى ئىش بوپتۇ ! بۇمۇبىكىتىمىزنىڭ بىر ياخشى سەھىپىسى بوپ قالغۇسى. تۆھپىپكارلار ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەكتە، بۇ ئورۇن قاچانمۇ بىزگىمۇ نىسىپ بولار ھە!!! راسىتنلا ئەھمىيەتلىك ئىشتىن يەنە بىر باشلاشقا تۇتۇش قىپسىز.ئىشلىرىڭىز مەڭگۈ روھلۇنۇپ ئالغا باسسۇن Maarip يوللىغان ۋاقتى2012-2-21 11:44 static/image/common/back.gif
تۆھپىپكارلار ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەكتە، بۇ ئورۇن قا ...
سىزمۇ قاتاردىن چۈشۈپ قالمايسىز خاتىرجەم بۇلۇڭ،:lol بەك ياخشى بوپتۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى باشلاپسىزبۇ مۇنبەر مەڭگۈروھلىنىپتېخىمۇ رۇناق تاپسقۇسى ناھايىتى ياخشى ئىشبوپتۇمەنمۇتەييارلىق قىلىپبىر قانچىنى تونۇشتۇرسامبولغىدەك بېكەت سەھىپىسى تېخىمۇ رەڭدارلاشقىدىكەن. خىلۋەتتىكى تىمتاس بۇلاقتەك ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان تۆھپىكارلارغا ئىلھام بولغىدەك. ياخشى بوپتۇ،جاپاكەشلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ئاشۇ جاپاكەشلەر مۇشۇ توربىكەتنىڭ شەرەپ سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، روھى جەھەتتىن تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ، كۆڭۈللىرى كۆتىرىلىپ قالغۇدەك!!!!