xam65 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 02:38:42

ياش شائىر- ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ تەرجىمھالى



كۆپ قىرلىق ياش شائىر، ئىقتىدارلىق مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئەپەندى   
    ئەيساجان تۇردى ئاچچىق 1972-يىلى10-ئاينىڭ 01-كۈنى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزىسىدا تۇغۇلغان،1993-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئنىستىتوتىنڭ جوڭگو تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر كەلپىن ناھىيە چىلان يېزىلىق مەركىزى مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.                                                                  
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى13يېشىدىلا باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە ھەر خىل مەتبۇئاتلاردا‹‹ئۆلۈم ناخشىسى››، ‹‹نېگىر دوستۇمغا››، ‹‹چىۋىن لىرىكىسى››، ‹‹مۇدىرمەن››، ‹‹رەڭلىك ئەسلىمە››، ‹‹قىز كوچىسى››قاتارلىق 500پارچىدىن ئارتۇق شېرلىرى، ‹‹ئوقۇتقۇچى ھامان قەدىرلىك››، ‹‹يەكشەنبىنى قوغداش چاقىرىقى››، ‹‹ئىش ھەققىنى قوغداش قانۇنى ئېلان قىلىنسا..››، ‹‹بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەسرىتى››، ‹‹ئەتە مۇپەتتىش كېلىدۇ››، ‹‹مائارىپىمىزدىكى مەنىۋى زۇكاملار››قاتارلىق 60 پارچىدىن ئارتۇق ماقالاسى، ‹‹سۆيگۈ ئۇ ئالما ئەمەس››، ‹‹قىزلىق ھەققىدە قىزدەك خىياللار››، ‹‹سەلبى پىرسۇناژ››، ‹‹سۆيۈش ئۈچۈن سۆيۈلۈش››قاتارلىق47 پاچە ئەدەبىي سالام خەتلىرى ئېلان قىلىنغان شۇنداقلا ‹‹ئۇستاز قەسىدىسى››، ‹‹ئولۇمپىك مارشى››، ‹‹ئۆلۈمنىڭ ھىكمىتى››، ‹‹باھار مەكتۇپلىرى››، ‹‹مەشرەپنىڭ ئاۋازى››، ‹‹نورۇز شۇنداق دەيدۇ››، ‹‹شەيتان كۈلكىسى››، ‹‹ئايەم مونۇلۇكلىرى››، ‹‹ئانا شەجەرىسى››قاتارلىق12 پارچە تېلىۋىزىيە نەسىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى تەرىپىدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ مەخسۇس پىرىگۇراممىلاردا ئاڭلىتىپ جەمىيەتتە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئۇ‹‹ئەدەبىياتلاشقان تۇرمۇش ۋە تۇرمۇشلاشقان ئەدەبىيات››، ‹‹جىنسىيەتكە يېقىن ۋە يىراق جايدا››، ‹‹بۇرۇننىڭ ھازىرىسىدا ۋە ھازىرنىڭ بۇرۇنىسىدا››، ‹‹ئۆزلۈك قىرغاقلىرىنى بويلاپ››قاتارلىق نۇتۇق تىكىسلىرىنى ھەر خىل ئالى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىلىنىش كۇرۇسلىرىدا 30 مەيداندىن ئارتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى. ‹‹مەينەت جايغا پەرىشتە كەلمەيدۇ››، ‹‹سەن نىمىشقا ئۆلىۋالدىڭ››، ‹‹رەڭلىك ئەسلىمە››قاتارلىق ئەسەرلىرى‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››قاتارلىقتۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ‹‹نورۇز شۇنداق دەيدۇ››، ‹‹بىز باھارنى تېپىۋالدۇق››ناملىق ئىككى پارچە ئەسىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇ ‹‹گۇناھ دېڭىزى››، ‹‹ئەخلاق سەن نەدە››، ‹‹ئەخلاق بىزنى چاقىرماقتا››، ‹‹يېغلىمىغىن پەرىشتە››، ‹‹شەيتان كۈلكىسى››، ‹‹ھاياتلىقنىڭ نۇرى ۋە ئۆلۈمنىڭ سىرى››قاتارلىق كىتاپلىرىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ.
ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى،شىنجاڭ مائارىپچىلار ئىلمىي جەمىيىتىنڭ ئەزاسى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى. بىز بۇ ئىرادىلىك ،تىرىشچان قەلەمكەشنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ نۇسرەتلەرنى تىلەيمىز.                                                               

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىلار پەقەت روھلان تور بېكىتىگىلا خاس، روھلان تور بېكىتى ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ كۆچۈرمەڭ
تەييارلىغۇچى: سەمەت خېلىل

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2012-2-21 06:04:41

ئەتراپىمىزدىكى مائارىپچىلاردىن مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ ئېسىل مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ۋە تالانتلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئېگە قىلغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.

ئوكيان يوللانغان ۋاقتى 2012-2-22 13:15:10

مەزكۇر تېما ئارقىلىق ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ قىسقىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم .

جەۋھەرى يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:51:30

      ئەيساجان ئەپەندىم بىلەن كېيىن بولسىمۇ مەكتەپداش، كەسىپداش بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ساتېرالىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. بىراق ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرمەس بوپ كەتتىم. مۇمكىن بولسا ئاچچىق ئەپەندى يەنىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارسا، دېگەن ئۈمىدتىمەن...

تاڭنۇر1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-5 19:26:56

مەن ئەيساجان ئەپەندى بىلەن بىر يۇرتلىق بولغىنىم بىلەن ئۇ توغرىسىدا جىق نەرسىلەرنى بىلمەيدىكەنمەن.بۇگۇن تەپسىلى بىلۋالدىم.ئۇلۇغ ئاللا ئىلھامىڭىزگە بەركەت،ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق ئاتا قىلغاي.

tulpar2 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-6 22:03:20

مەن ئەيساجان ئەپەندىم بىلەن 2004- يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر قېتىم ئۇچراشقان ، ئەيساجاننىڭ زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە نائىل بولۇشىغا ، سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن .

131TANHA يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 19:04:25

ئاچچق ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىگە بەكمۇ قىزىقمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   131TANHA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-9-7 19:05

مىركورى يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 13:18:57

مەن ئەيساجان ئەپەندىم بىلەن 2004- يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر قېتىم ئۇچراشقان ، ئەيساجاننىڭ شۇ ۋاقىتتا سۆزلگەن نۇتقى ۋە يازغان ئەسەرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن.بۇنىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا زپر ئۇتۇق تېلەيمەن!!!!

نۇر78 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 11:25:31

مىركورى يوللىغان ۋاقتى2012-9-19 13:18 static/image/common/back.gif
مەن ئەيساجان ئەپەندىم بىلەن 2004- يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆ ...

ئاچچىق ئەپەندىمنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى رۇياپقا چىقىرشىغا تىلەكداشمەن.

نۇر78 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 11:30:41

ئاچچىق ئەپەندىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى رۇياپقا چىقىرشىغا تىلەكداشمەن.
بەت: [1] 2
: ياش شائىر- ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ تەرجىمھالى