مۇدىر مەن (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق شېرىلىرىدىن)
مۇدىر مەنئايساجان تۇردى ئاچچىق
كېچىلىرى ئۆيۈمدە ياتمايدىغان مۇدىرمەن،
باشىلىقلارنىڭ ئۆيىگە قاتنايدىغان مۇدىرمەن.
پايدا بولسا دوزاقتىن قاچمايدىغان مۇدىرمەن،
قاپىقىمنى پۇقراغا ئاچمايدىغان مۇدىرمەن،
مىللەت ئۈچۈن خۇش پۇراق چاچمايدىغان مۇدىرمەن.
قورساقلىرىم ناغىرىدەك قاش-قاپىقىم جايىدا،
ھەق گەپنىمۇ قىلىمەن ئېزىپ كەتسەم گاھىدا،
خانىملارنى كۈتىمەن دائىم ‹ئايرىم خانا›دا،
مەندەك ئاشىق تېپىلماس بۇ ئۇلۇغ يەرشارىدا،
تانسا،ئۇسۇل،دېسكوغا قانمايدىغان مۇدىرمەن.
ئۆستى مېنىڭ دەرىجەم يېىڭى چىقىتى ئۇقتۇرۇش،
كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ ماڭا ئەمدى بۇ تۇرمۇش،
ئوقۇتقۇچى نىمىتى ،ئېسىمدە يوق ئوقۇتۇش،
مەقسىتىم شۇ مائارىپنى قۇرتتەك غاجاپ يوقىتىش،
بۇنداق رەزىل ھەۋەستىن يانمايدىغان مۇدىرمەن.
جەرىمانە قويىمەن پۇقرا تاتىلىق كۈلسىمۇ،
ئەيمەنمەستىن ئالدىمدا خۇشال بولۇپ يۈرسىمۇ،
مەندىن رۇخسەت سورىماي شېرىن خيال سۈرسىمۇ،
كېچىلىرى چۈشۈمدە ماڭا قاپاق تۈرسىمۇ،
پىچىرلاشسا باشقىلار بۇينايدىغان مۇدىرمەن.
تەقسىم قىلىپ خىزمەتنى ئۆزۈم شۇئان قاچىمەن،
ماشنا بار ئاستىمدا شەھەرگىلا چاپىمەن،
ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى خۇددى سۇدەك چاچىمەن،
ئالىي ياتاق ماڭا يار ھۇزۇرلىنىپ ياتىمەن،
خانىم-قىزلار ساماندەك، ئوينايدىغان مۇدىرمەن.
گۆشلا يەيمەن ۋە لىكن ئېغىلىمدا قويۇم يوق
نامراتلارنىڭ ئۆيىگە ھەرگىز بارار ئويۇم يوق،
دوكلاتنى يازارغا مېنىڭ بىكار قولۇم يوق،
غادايسام بولمايدۇ چۈنكى ئېگىز بويۇم يوق،
يىغىن ئېچىپ ۋاقىراپ قاينايدىغان مۇدىرمەن.
ھوقۇق دېگەن بىركەلسە چىڭ تۇتىمەن كەتكىچە،
ئىشلىتىمەن پۇقرانى قويۇپ بەرمەي كەچكىچە،
ھارام بايلىق توپلايمەن ئۆمۈر بويى يەتكىچە،
باشلىققا خەت يازىمەن بىر نەچچە يۈز بەتكىچە،
كۆزنى بوياش ھۈنىرىم چانمايدىغان مۇدىرمەن.
بۇ ھۇقۇققا مىڭ تەستە جاپا بىلەن ئېرىشتىم،
ئايالىمنى شوتا قىلىپ،مەن ئاجايىپ تىرىشتىم،
غۇرۇرىمنى ئەرزانلا بىر نەچچە رەت سېتىشتىم،
ئىش ئوقەتنىڭ كويىغا ئەمدىلەتتىن كىرىشتىم،
بۇ ئورنۇمنى مىڭ سەرگە ساتمايدىغان مۇدىرمەن.
ئۇنۋان كەلسە مەكتەپكە ئۆزۈم قارارقىلىمەن،
ھەممسىنى ئالدىمدا تىزىپ قاتار قىلىمەن،
ئاخشاملىرى غۇرۇرنى ئەرزان ساتار قىلىمەن،
قۇياشنىمۇ ئۆيۈمگە چوقۇم پاتار قىلىمەن،
باشقىلارنى سۆھبەتكە قاتمايدىغان مۇدىرمەن.
ھەق-ناھەقنى كۆرمەيدۇ شۇنچە ئۆتكۈر كۆزلىرىم،
پۇقرا ئۈچۈن قانۇندۇر قىلغان ھەربىر سۆزلىرىم،
خاتالىقتىن ھەرگىزمۇ قىزارمايدۇ يۈزلىرىم،
مۇكاپاتقا ئېرىشەر يېقىن-يۇرۇق ئۆزلىرىم،
كوچا-كويغا، مەكتەپكە پاتمايدىغان مۇدىرمەن.
نىمە بولسا بولمامدۇ مائارىپىنىڭ تەقدىرى،
ماڭا تەسىرقىلمايدۇ ئىسلاھاتنىڭ زەنجىرى،
شەخسى مەنپەئەت كويىدا خىيالمىنىڭ كەپتىرى،
قانداق تولسا تولمامدۇ تارىخمنىڭ دەپتىرى،
ئەل رايىغا تائابەت باقمايدىغان مۇدىرمەن.
يۇقىرىدا ھوقۇقدار، قوللايدىغان ئاكام بار،
قالايمىقان بۇيرۇقنى يوللايدىغان ئاكام بار،
يالما ۋۇزدەك يەپ يۇتۇپ تويمايدىغان ئاكام بار،
يانچۇقۇمدا پۇلۇمنى قويمايدىغان ئاكام بار،
ئاكام ئۈچۈن تاشنىمۇ چاينايدىغان مۇدىرمەن. يۇقىرىدا ھوقۇقدار، قوللايدىغان ئاكام بار،
قالايمىقان بۇيرۇقنى يوللايدىغان ئاكام بار،
يالما ۋۇزدەك يەپ يۇتۇپ تويمايدىغان ئاكام بار،
يانچۇقۇمدا پۇلۇمنى قويمايدىغان ئاكام بار،
ئاكام ئۈچۈن تاشنىمۇ چاينايدىغان مۇدىرمەن
بۇ بەك ئەمەلى ئىكەن،ھازىر بىر قىسىم مۇدىرلار مەلۇم بىر «شوتا»نىڭ ياردىمى بىلەن ئۆرلەيدۇ،شۇ شوتا ئۇنىڭ تېزگىنى بۇلۇپ قالىدۇ،ئۇنىڭ قارنىنى تويغۇزمىغان كۈنى ئىش بار بۇنداق«شوتا»غا چىقپ بولغان مۇدىرلارغا مۇشۇ شئرنى يوغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغۇن قىلىپ، بىسىپ چىقىرىپ، بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىچىگە چاپلاپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. yarkanboy يوللىغان ۋاقتى2012-2-15 22:21 static/image/common/back.gif
مۇشۇ شئرنى يوغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغغۇن قىلىپ، بىسى ...
ئۇنداق قىلسىڭىز ئاۋۇنىڭدەك مۇدىرىڭىز بولسا شۇ ھامان بىزنىڭ يېزىدەك بىر تاققا پالاپلا يوق قىلىدۇ سىزنى، ئۇ ۋاقىتتا سىزمۇ «مۇدىر» بولالمايسىز:lol. بۇ شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ شئىردا بەزى مۇبالىغىلەر بولىدۇ بۇ ئەدەبى ئەسەردە .لىكىن بۇ شىئىېرنى ئاشۇنداق باشلىقلار كۆرەرمۇھە؟
بەت:
[1]