مول ھوسۇللۇق ھازىر جاۋاب شائىرە ھاجىرە قاسىمنىڭ تەرجىمىھالى
مول ھوسۇللۇق ھازىر جاۋاب شائىرە ھاجىرە قاسىمنىڭ تەرجىمىھالىمول ھوسۇللۇق ھازىر جاۋاب شائىرە ھاجىرە قاسىمنىڭ تەرجىمىھالى
ھاجىرە قاسىم توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيەت ئوقۇتقۇچىسى، ئۇنىڭ ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ «ياشايمەن»، «يۈرىكىمدە پەقەت سەنلە بار»، «مەن ياشايمەن پەقەت سەن ئۈچۈن» قاتارلىق ئۈچ شېرىلار توپلىمى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ھەم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق كىتاپ باھالاش پائالىيىتىدە بىر ياخشى كىتاپ بۇلۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن.
تۆۋەندە ئۇنىڭ قىسقىچەتەرجمھالىنى ھەر قايسىڭلارغا تۇنۇشتۇردۇق.
ھاجىرە قاسىم 1979- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى توقسۇ ناھيىسىدەدېھقان ئائىلىدەتۇغۇلغان.1985-1992-يىلىغىچە باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان(باشلانغۇچتا بىر سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇغان). 1992-1995- يىلغىچە ئاقسۇدارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئۇقۇغان. 1995- يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 2003- يىلى «مايبۇلاق»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان قوشنىلار ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبىۇئات ۋە رادىئولاردا كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئۈرۈمچى»ناملىق شېرىنى دۆلەت دەرىجىلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىس شامىل شاكىر ئورۇنداپ كەڭ سەنئەت خۇمار كىشىلەرنىڭ ياختۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان. يەنە بىر قانچە پارچە شېئىرى ناخشا تېكىستى قىلىپ ئىشلەنگەن. ئۇ 2006-2008- يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭجوڭگۇ چەتئەل تىللىرى فاكولتىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان.2009-2011-يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىىنىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىدابىلىم ئاشۇرغان.
ھاجىرە قاسىم ھازىر جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىيىنىڭ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىكيازغۇچىلارجەمىيىتىنىڭ، توقسۇ ناھيىلىك ئەدەبىيات–سەئنەتچىلەر بىرلەشمىىسنىڭ ئەزاسى.
بىز بۇياش تالانتلىق،ئىقتىدارلىق، مول-ھوسۇللۇق ھازىر جاۋاب نەق مەيدان شائىرەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە مۇۋاپىقەيەت تىلەيمىز، چاڭقىغان دىللىرىمىز بىلەن يېڭى ئەسەرلىرىگە تەشنا بىز.
7 يىلدىلا باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىزنى قانداق ئوقۇپ بولغاندۇ بۇ شائىرەمىز ھە سىز ھەقىقەتەن بىز ئاياللارنىڭ پەخرىمىز بولۇشقا لايىق،تېخىمۇ تېرشىڭ. ھەقىقەتەن قالتىس ئايالكەن:victory: كەسپدىشىمغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي! otkax يوللىغان ۋاقتى2012-2-12 18:59 static/image/common/back.gif
7 يىلدىلا باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىزنى قانداق ئوقۇپ بولغاند ...
ئاۋۇ يىللاردا باشلانغۇچتا 6-يىللىق يوق ئىدى. ....
بىر يىل ئاتلاپ ئوقىغان بولسا 7 يىلدا باشلانغۇچ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولىدۇ دە ئەلۋەتتە ....... شائىرە ھاجىرە قاسىم بىلەن بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستېتوتىدا تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا، ئەيساجان تۇردى ئاچچىق، ئېزىز نىياز پاسىللار بىلەن بىرگە ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق ھەققىدە كەڭ كوشادە پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.ھاجىرە قاسىمنىڭ غەيرەت- شىجائىتى، ئەقىل- پاراسىتىگە، قازانغان مول ئۇتۇق، تۆھپىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تېلەيمەن...
بەت:
[1]