بالىلارغا - ئۇزخەت مەشىق دەپتىرى
تۇرسۇنجان سۇلتان (ئالپ) ياسىغان بالىلارغا قول مەشقى فونتى - Alp_Elipbe دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرىدىنتاللاپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە پۇچۇركىسىنى ياخشىلاش دەپتىرى -« ئۇزخەت مەشق دەپتىرى» نى لايىھەلەپ چىقتۇق، ئىملاسى كەنجى كوررېكتور - ئۇيغۇرئېدىت (uyghuredit) نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى 201001 تا تەكشۈرۈلدى. ماقال- تەمسىللەر تولۇقلىنىپ 484 بولدى. مەزكۇر دەپتەرگە يەنە مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يازغان «ئۇيغۇرتىلى» ناملىق مۇخەممەس ۋە «ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسى » نىڭ رەسىمى قىستۇرۇلدى.مەزكۇر ئېلكىتاپنىڭ pdfنۇسخىسىنى pdfئوقۇغۇچتا ئاچىمىز ياكى swf نۇسخىسىنىInternet Explorer دا ئېچىپA4قەغەزگە باسساق، خەتلەر كاۋاك ھالەتتە بېسىلىدۇ، بەتنى تۈپلەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ:
http://yunpan.cn/Q996mz9jVx9BJ
uzxet.zip(6.75M)
http://url.cn/RBhqg1 بالىلىرىمىزغا ياخشى بىر سوۋغات بوپتۇ .رەھمەت{:6_109:} ھەقىقەتەن ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى بىلىمكەن،مەن چۈشۈرۋالدىم ئەمىسە!!! ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز ،ھازىر بالىلىرىمىزنىڭ ساۋادى بىر يېزىۋاتقان خىتى بىر بولۇپ قالدى .ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن ھەممەيلەن مۇشۇنداق تىرىشساق چۇقۇم ياخشىلىنىپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەھمەت سىزگە! بالام ئۈچۈن يەنە بىر سوۋغات تەييار قىلىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. رەخمەت مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم،بالىلارئۈچۈن ياخشى سوۋغا بۇلۇپتۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق سىنىپ مەسئۇللىرى ۋە ئىملاسىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى سوۋغا بوپتۇ ، مېھنىتىڭىزگە تەشەككۈر !!! ئەجىرىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر.دىمىسىمۇ ھازىر بالىلارنىڭ ساۋادى بىر مەسىلە بىراق يازغان خەتلىرنى ئۆزىدىن باشقىلار ئاسان ئوقىيالماس بۇلۇپ قالدى.مەن بالامغا ۋە مەكتىۋمىزدىكى 1-يىللىققا دەرسكە كىرگەنلەرگە چۈشۈرۈپ بېرەي. رەھمەت سىزگە.كۆپتىن -كۆپ رەھمەت............ سوۋغات دىگەن مۇنداق بولىدۇ ، بالىلارغا ھەقىقى سوۋغا بۇپتۇ ، بۇ