رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يانفۇن ئاسقان چاشقان { ھېكايە } --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تور ئەسەرلىرى -> يانفۇن ئاسقان چاشقان { ھېكايە } [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

arman2011-05-03 14:17
يانفۇن ئاسقان چاشقان
9rT^rTV  
( ھېكايە )
3RvDX p  
ئەختەم قايتى ...  مەن ئۇنىڭ غەلىيتە گەپلىرىدىن ئېغىر ۋەھىمىگە پاتتىم ... راستىنلا شۇنداق ئىشلار بارمىدۇ؟ !  ... ئۇنىڭ سۆزلىرى ....«كالتا يوپكىلىق ئۆچكە ›› ۋەقەلىكلىرى مىنىڭ تۇيغۇمدىن بىردەممۇ نېرى بولىمىدى . گېزىتخانا رەھبەرلىكى يېزىلارغىمۇ بەلگىلمىدى . ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر – ماقالىلەرنى تەھىرلەش بىلەن كۈندىلىك خىزمىتىم قېلىپلىق ھالدا ئۆتىۋاتىدۇ . Wq5}LO)  
شۇنداق قىلىپ ئەختەم قايتى .... كىتابخۇمار ھەم گەپدان مۇئەللىم ئاغىنەم ئەختەم قايتتى ، شۇ قايتقانچە ئىككى يىل بولدى ، يوق  ... ئۇ مىنى ئىزدەپ كەلمىدى ، « ئالدىراش ھەم بىكار ››  ھېسابلىنىدىغان شەھەر ئاھالىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ ئۇنى ئىزدەلمىدىم . ئىشخانا ياكى ئائىلىدە بولسۇن تۇرۇپلا ئەختەمىنى ئويلاپ قالىمەن . ئۇنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرىنى سېغىنىۋاتىمەن ، يا ئۇغەلىيتە ئىشلارغا ياقىسىنى تۇلا چىشلەۋىرىپ بوينى سىڭيان بۇلۇپ قىلىپ داۋالىنىۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن  ... شەنبە ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى !  بۈگۈنكى دەم ئېلىش كۈنۈمدىن پايدىلنىپ سېتىۋالغىلى ئۇزۇن ۋاقىت  بولغان بولسىمۇ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان « قانغا بۇيالغان سايرام ›› ناملىق روماننى ئۇقۇپ تۈگۈتەي دەپ قۇلۇمغا ئېلىپ ئەمدىلا بىرەر بەت ۋاراقلىشىمغا ئىشك چىكىلدى .   r%iFsV_  
ــ ئەستا ، كىم بولغيتتى ؟ دەم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ ... - مەن شۇنداق دەپ غۇدۇڭشۇپ ئۇرنۇمدىن  تۇرۇپ بىرىپ ئىشكنى ئېچىپ بولغىچە يۇمۇلاققىنە سەمىرگەن ئېگىز بويلۇق ، كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر ياش تەكلىپسىز سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى : K{`R`SXD  
ــ مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ مۇشۇ كۈنلەردە زادى نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ ؟ شەھەرلىكنىڭ يېزىدىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن .... سەۋەبى دەل سىزدەك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھاۋالىق جايلارغا ، ھېچ بولمىغاندا سەھرالارغا چىقىپ دەم ئالماي مۇشۇنداق ئۆيگە بىكىنىۋېلىپ ئۇلتۇرۋېلىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەندە ... +Ss3Ph  
ـــ ئىچىڭىز سىقىلمامدۇ بۇنداق ئۇلتۇرۋەرسىڭىز ؟ .... يۈرەك سىقىلىش كىسىلىگە گىرىپتار بولمىغانسىز ؟ |mRlP5  
ـــ شەھەرلىكنىڭ يۈرىكى ھازىر بەك ئاغىرىيدىغان بوپ قاپتىمىش .... نىمىشقا دىمەمسىز ؟ خىزمەتتىن قالدۇرۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ .... ئولتۇرۋاتقان ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنىڭ ئېشىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ .... توك ھەققى ، سۇ ھەققى ، تېلىفۇن ھەقىلىرنىڭ يەنە ئۆرلەپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ ... ئۆي جازىللرى ياكى كىيىم بولامدۇ ئىشقىلىپ « مودا ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىرەر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ .... چاي – ئولتۇرشنىڭ باغىقى  كېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ .... ئەنسىرەش بىلەن يۈرىكى پات – پات تۇققانلىق ئاغىرىيدىغان بۇلۇپ قاپتىمىش ... U] GD6q  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇخبىر ئاداش ؟ ?nbu`K6T  
مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشتىم . ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كۈرۈشمىگىلى ئىككى يىل بۇلۇپ قالغان ئەختەم  ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈردۈم . yZ)9Hd   
ــ ھوي! ئەختەممۇ سەن ؟نىمانچىلا ئۆزگىرىپ كەتتىڭ ؟ يوقاپلا كەتىڭغۇ ؟ k0ai#3iJ  
ھەي نېمىسىنى دەيسىز ؟ « كاۋا پۇل ئەمەس ، باراڭ پۇل ›› بۇلۇۋاتقان دەۋىردە قالپاق كىيىش ئۈچۈن ئۇقۇشقا چىقىپ كىردىم شۇ. تەتىلدىمۇ قايتمىدىم ، نېمىشقا دەمسىز ؟ كومپىيۇتېردىن      ساۋاتلىق بۇلۇپ قالاي دەپچۇ ، . خەت يازاي دىسەم ئەپسىز ھېس قىلدىم . يا بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار بولمىساق !تېلىفۇن ئالاي دىسەم تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى يېزىۋالماپتىمەن . eiyr^Sch.  
ــ .... ھە !  بۈگۈن سىز كىتاپ ئۇقۇماقچى بۇپتىكەنسىزدە ؟ ھېلىمۇ ياخشى  كىتاپ ئۇقۇپ تۇردىغانلار بار كەندە ... (s&]V49  
ــ نامىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان ئۇلتۇرۇشلاردا  قىممەت باھالىق ھاراقلارنى ئېچىۋىلىپ ئالدىدىكى قۇرۇمىلارنى قۇسۇپ ئولتۇرۇپ كىتاپ باھاسىنىڭ يۇقىرى بۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن   زارلايدىغان .... يازغۇچى دىگەن خەق كۈپىيىپ كەتتى ، يازغانلرىنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەپ كەتتى دەپ تىللايدىغان .... ئۆيدە ئايالى ئېتىپ بەرگەن تاماقنى ياراتماي   ئىلغايدىغان ... كۈتكۈچىسى يالىڭاچ رېستۇراننى ئىزدەيدىغان .... يېيىشتىن باشقىنى ئويلىماي يەپ – ئىچىۋەرگەچكە سەمىرىپ پىخىلداپ قېلىۋاتقىنىغا باقماي گالاستۇكتا بوينىنى باغلاپ قۇيۇپ ئەركىن نەپەسلىنەلمەي خېڭىلداپ ئولتۇرۇپ ئەدەىبىياتنى  تەھلىل  قىلىدىغان ...  ئۆمرىدە بىرەر كىتاپ ئۇقۇپ باقمىغان ، كىتاپخانىنڭ ئادىرىسىنى بىلمەيدىغان ھالىغا مائارىپ ساپايىمىز تۈۋەنلەپ كەتتى – يەي .... يۇقىرىدىن مائارىپقا كۈڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ –يەي .... دەپ زارلاپ قۇيۇپ ئۆز پەرزەنتلىرنىڭ ئۇقۇش خىراجىتى ، دەرسلىك كىتابنىڭ پۇلنى بىرىشكە چىدىماي تۇلغىنىدىغان « نوچىلار ›› كۆپىيۋاتىدۇ .... G7v<Q,s  
ـــ .... چاشقانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سىزدىن  ئارىيتكە ئالغان كىتابنى چاشقانلار غاجاپ تاشلاپتۇ . سىزگە شۇ پىتى قايتۇرۇپ بىرىشكە بولمايدۇ – دە ، يىڭىدىن سېتىۋىلىپ قايتۇرۇپ  بىرەرمەن  دەپ ئويلىغانتىم . #Ktk["6  
بۇ نەسچىلىكىنى قاراڭ . يانچۇقۇمدىكى پۇلنى ئابتۇبۇستا يانچۇقچى چاشقانلار ئوغىرلىۋاپتۇ . كىتابىڭىزنى چۇقۇم كىلەر قېتىم سېتىۋىلىپ يىڭىلاپ قايتۇرۇپ بىرىمەن . 5XB]p|YU~s  
ــ مۇخبىر ئاداش  « شەھەر نامراتلىرىغا يېزىلاردىن ئىئانە توپلىسا ›› ئەقلگە مۇۋاپىق بولامدۇ ؟ ھەي، جاھان نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدىغاندۇ ؟ ئاڭلىدىڭىزمىكى ؟ يېقىندا ئاۋستىرالىيەدە  بىر پاھىشخانا پايچىكىنى بازارغا سېلىپ كۆپ پۇل تېپىپتىمىش ... 8]b;l; W5  
ــ « خۇراز مېكىياننى بېسىۋالغاندا ئۇسۇرىدۇ ›› دىگەنگە ئىشىنەمسىز ؟ Q3&D A1b`  
قايسى بىر ئولتۇرۇشتا مەستلەر شۇ گەپنى تالىشىپ قىلىپ ئاخىرى جىدەل ئۇلغىيىپ ، ئىككى مەستىنىڭ يارىدار بۇلىشى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ . بىراق ئۇلار ھازىرغا قەدەر شۇ گەپكە ئىنىق جاۋاپ، ، تۇغرا ئىزاھ  ئىزدەپ يۈرەمىش ... بىزنىڭ  يېزا يوللىرىغا ماي ياتقۇزۇش ئۈچۈن يۇقىردىن بەرگەن مەبلەغنى بىر تۇلۇم چاشقان يەپ كىتىپتىمىش ... مىش –مىش پاراڭلارغا قارىغاندا بۇنى قايتۇرۋالماق  تەس بۇلار مىش . تۇلۇم چاشقان « لۇق گۆشنى ›› نى ئىز قالدۇرماي يىگەن ئوخشايدۇ . قاچانلاردا توپىلىق يوللىرىمىز ماي يولى بولىدىغاندۇ ؟!؟! ... مۇخبىر ئاداش ، سىز نىمىشقا شۇنداق ئىشلارنى يازمايسىز ؟ ئاڭلىدىڭىزمۇ  ؟ مەن بۇ گەپنى تۇنجى ئاڭلاپ ياقامنى بىر چىشلىگىنىمچە بىر كۈن قۇيۇپ بەرمەي يۈردۈم . نىمە گەپ دەمسىز؟ ئامىركىدا « خۇتۇن ئالماشتۇرۇش ›› ئۇيۇنى ناھايتى ئەۋج ئېلىپ كىتىپتىمىش ... ھەيران قالارلىقى ھازىر ئامېرىكىدا 500دىن ئارتۇق « خۇتۇن ئالماشتۇرۇش  كۇلۇبى ›› بارمىش ... ھە راست ، مۇخبىر ئاداش ، توي قىلمىغانسىز ؟ توي قىلمىدىڭىزمۇ ؟ ھە ، ياخشى بوپتۇ ، ئالدىرماڭ جۇمۇ! نىمىشقا دەمسىز ؟ ئۆتكەندە سىزگە ئۆيدىكىلرىمىنڭ زور بىلەن ئۇزۇن يوپكا كىيىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىۋالدىم دىگەنتىمغۇ ، ئايرىلىپ كەتتىم . نىمىشقا ؟ چۈنكى ئۇ ، سىز ماڭا قارىماي ھە دىسە كىتابقا قارىۋالدىڭىز دەپ كىتابلارنى يىرتىپ خاپا سالدى... ئاڭلاپ تۇرۇپ ھە ، مۇشۇ دورام ئۇقۇۋاتقاندا بىر قىز تەلەپ قويدى قاراڭ .... مۇھەببەتلىشىپ قالدۇق . بىر كۈنى ئۇ قىز بىز ئۆز ئارا سادىق بۇلىشىمىز ئۈچۈن قەسەم بىرىشسەك دەپ تۇرۋالدى . بوپتۇ دەپ قەسەم بىرىشتۇق ... جەمىيەتتە ھەقىيقى ياخشى كۈرۈش ، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تۈگەپ كەتتى دەيدىغانلار كۆپ . مەن ھەقىيقى مۇھەببەتكە ئىرىشتىمغۇ دەپ خۇش بۇلۇپ كىتىپتىمەن . قارىمامسىز ، ئۇ مەندىن بىر يىل بۇرۇن ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقانىدى ، يۇرتقا بىرپلا يەنە بىرسىگە تەلەپ قۇيۇپ يۈرۈۋاپتىمىش . ئاڭلىسام ئۇ يۈرگەن يىگىت بەك پۇلدار ئىمىش .... ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزدىن خەت كەلدى : « سەندەك كىتاب خالىتىسىدىن پۇل خالتىسى ياخشىكەن ! قەسەملىرىمگە ئىشەنگەنمۇ ؟ قەسەم بەرگەندىچۇ - چىشىمنى شۇرىغانتىم قان چىقتى . ئاڭلىغانمۇ ؟ قان چىقسا تاھاەت سۇنىدۇـ قەسەممۇ سۇنىدۇ... ›› - شۇنداق دەپ يېزىپتۇ  قاراڭ . قىزلار ھىيلىگەر بوپ كەتتى . شۇڭا دەيمەنغۇ توي قىلىشقا ئالدىرماڭ   مۇخبىر ئاداش . گاھى ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ. خىزمەت قىلىدىغانلار ، خىزمەت قىلىدىغان مائاشلىقلار بىلەن توي قىلسام ،بولىدۇ. دەپ مائاشلىقنى ئىزدەيدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ‹‹تۈشۈك مونچاق يەردە قالمايدۇ. ›› دەپ ھەممىسى ئۇيان دىگەننى پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋالىدىكەن . مائاشلىق قىزلارغا خۇشتار يىگىتلەر نىمە دەيدىكەن دېمەمسىز ؟ قىزلارنىڭ قورسىقىنى تاۋۇز مۇشتلاپ باققاندەك پوك – پوك ئۇرۇپ بېقىپ، قورسىقىدا بولمىسىلا ، توي قىلىۋىرىمىز دەيدىكەن . .. &p_iAMn:9  
- مۇخبىر ئاداش مەن قايتاي ھە راست ... مەنمۇ يېزىقچىلىقنى دوراپ ، ‹‹ چاشقان ›› توغۇرسىدا بىر نەرسە يېزىپ بېقىۋىدىم . كۆرۈپ بېقىڭ بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز . ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلدۇرۋېتىڭ ، بولمايدۇ دەمسىز ؟ ياق ئۆزەمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنسا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ شوجاڭ ئۈزىگە كاتىپ قىلىپ بەلگىلىىۋالسا ، مەن ئۇنىڭ خەتلىرىنى، سۆزلەيدىغان گەپلىرىنى ، ئايالىنىڭ دەرىس تەيرارلىقلىرىنى يېزىپ بولالماي   قالىمەن دە ، قويۇڭ بۇنداق ئىشنى ، ئۆزەمگە باش ئاغرىقى  تاپقۇم يوق . گەپنىڭ پوسكاللىسىنى  قىلسامچۇ ؟ قاراڭ ئۈزەمنىڭغۇ  يازغۇم بار، بىراق  خەت يېزىشقا ئىرىنىمەن . ھەم باش ئاغىرقى تېپىۋېلىشتىن قورقىمەن . سىز – يېزىرۋىرىڭ يېزىشقا تىگىشلىك ئىشلار بولسىلا سىزگە سۆزلەپ بىرەي . مەن سۆزلىگەن ئىشلار ھېكايە بولۇپ ئېلان قىلىنىپ قالسىچۇ ؟ بۇ ھېكايىدە مىنىڭمۇ ھەسسەم بار دەپ ، پەخىرلىنىۋالساملا  بولدى. بولدى. ... بولدى... بۇ چاخچاق ،ھەممىسى چاخچاق ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ  ،ئەمىسە شۇنداق بولسۇن . مەن قايتاي شىمالدىكى ئوقۇشتىن كەلگەندىن بىرى ، شەھەرلىك تۇققانلارنى يوقلىغۇچى بولمىدىم . بۈگۈنكى دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ   يوقلىۋالاي دەيمەن . ھە راست مۇخبىر ئاداش ، سىز بىزدەك ئەقەلىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ  مىڭىسىنى قۇۋەتلەشكە، چارچاش كىسىلىگە دەل ياڭاق ،يەنە خۇتەننىڭ ياڭىقى دورا  ئىكەن . ئاڭلىدىڭىزمىكىن ؛ بىر ئۇيغۇر سودىگەر ياپۇنىيەگە چىقىپ كۆپ پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكىدە چارچاپ ،مېڭىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتىمىش ... شۇنىڭ بىلەن دۇختۇرخانىغا كۆرۈنۈپتۇ. دوختۇر بىر ئۇزۇنغىچە تەكشۈرۈپ بىر   بىر رېتسىپ يېزىپ بېرىپ تازا جېكىلەپتۇ. بۇ دورىنى بىر ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي كۈنگە ئىككى ۋاق يەپ بىرىڭ ،تۇلۇق ساقىيىپ كېتىسىز دەپتىمىش ... _,aFQ^]'9  
دورىخانىغا بېرىپ رېتسىپنى تەڭلىسە بىزنىڭ خەلق پۇلى بۇيچە ھېسابلىغاندا ئىككى مىڭ سوم پۇل تۆلەڭ دەپتۇ. جان تاتلىق بولغاچقا پۇلنى تۈلەپ دورىنى ئېلىپ قارىسا بىر كوروپكا  ياڭاق مېغىزى چىقىپتىمىش ... مۇخبىر ئاداش بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ تۇرۇڭ ، ئىككى تۈپ ياڭىقىم بار... خوش ئەمىسە . ۋاقتىمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ قاپتۇ . مەن قايتاي... خوش ئەمىسە... r6 3l(  
ئەختەم ماڭا بىرەر ئېغىز سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەيلا شۇنچە گەپلەرنى قىلىۋېتىپ ، يا نچۇقىدىن چىرايلىق قاتلانغان ئىش قەغىزىنى ئېلىپ ماڭا بىرىپلا ياندى. مەن ئۇنى قانچە تۇتساممۇ ئۇنمايلا ئۇزاپ كىتىپ قالدى. مەن ھەي ... ئەختەم غەلىتە بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام ، ئىشكىم يەنە ئېچىلىپ ئەختەم بېشىنى تىقىپ :– ئاداش ناۋادا توي قىلىشنى ئويلاپ قالسىڭىز تاماكا چەكمەيدىغان قىزدىن ئېلىڭ جۇمۇ؟ ھازىرچۇ قىزلار توي قىلساق ئەرلىمىزنى قانداق يۈگەنلەيمىز ؟ ئۇلارغا بىلىندۈرمەي ‹‹ھاياتنى مەنىلىك ›› ئۆتكۈزۈشكە قانداق ياخشى پىلانلارنى تاپسام بولار دەپ ئويلىنىپ بولالماي دەرتمەن بولۇپ تاماكىغا خۇمار بولۇپ قاپتىمىش ... ئەمىسە شۇنداق بولسۇن  ، خوش مەن قايتىم ... %cUC~, g_(  
ئەختەم قايتتى ،مەن گەرچە ئەختەمنىڭ قىززىق گەپلىرىنى سېغىنغان بولساممۇ بۈگۈنكى سۆزلىرىنىڭ قىززىقمۇ ياكى سۇغۇقمۇ ‹‹تېمپۇراتورسىنى ›› بېلەلمەي خۇددى تازا چۆرگىلىتىپ قويغاندەك بېشىم قېيىپ گاڭگىراپلا قالدىم . بۇ گاڭگىراش ... غەلىتىلىك ئىچىدە ئەختەم بەرگەن قەغەزنى ئاچتىم . بىرىنچى بەتتە  ئۈچ قۇر لا  سۆز  تۇرىدۇ! ‹‹-مۇخبىر ئاداش بۇ يازغىنىم بۆرتالادا ئوقۇغان   ۋاقىتلىرىمدىكى كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ بىر پارچىسى بۇنىڭدا سۆزلىگەنلىرىم . راستمۇ ئەمەس ، يالغانمۇ ئەمەس . ئەستايىدىل ئوقۇپ بېقىڭ ، بەلكىم چۆچەككە ،بەلكىم بالىلار ھېكايىسىغا ئوخشاپمۇ قالىدۇ... ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ››. مەن قىززىقسىنىپ ئىككىنچى بەتنى ئاچتىم، باش قۇر دەل ئوتتۇرسىغا ‹‹يانفۇن ئاسقان چاشقان ›› دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ ، بۇ ماۋزۇنىڭ غەلىتىلىكىدىن  ئۇنىڭ نىمىلەرنى يازغانلىقىغا قىززىقسىنىپ ئوقۇشقا تۇتۇندۇم : AzZhIhWl">  
‹‹ئائىلىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر يەشىك نانلىرىم تۇيۇقسىزلا بىر ئاخشامدىلا غايىپ بولدى. ياتاقداشلىرىمدىن گۇمانلىنىپ سۇراپ باقتىم. بىراق ئۇلار ماڭا پەقەت ئۆزىنىڭ ھېسداشلىقىنىلا بۈلدۈردى. ھەي قانداقمۇ قىلارمەن ناننى ئىككى ۋاق يەپ ، بىر ۋاقلىقىمغا ئاشخانا تامىقىنى يەيمىكىن دەپ ئويلىغانتىم . ئائىلە ئىقتىسادىمنىمۇ ئويلاشمىساممۇ بولمايتى . تازا نەس باستىمۇ مېنى ، شۇنىڭدىن بېرى كىچىلىرى ئىچىم پۇشۇپ تۈزۈككىنە ئوخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم . بىر ئاخشىمى خىيال سۈرۈپ ياتسام كارىۋىتىم ئاستىدا تېلىفۇن جىرىڭلىغاندەك قىلىدۇ. سەل قورقتۇم، باشقا ياتاقداشلىرىم ھەممىسى ئوخلاپ قالغانىدى. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. قۇلىقىمنى تېخىمۇ دىڭ توتۇپ ياتتىم ، راستىنلا تېلىغۇن ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. بېشىمنى ئاستىغا ئېڭىشتۈرۈپ كارىۋات ئاستىغا قارىدىم . توۋا ، ھەم قورققانلىقىمدىن ، ھەم ھەيرانلىقىمدىن توۋلىۋېتشكە تاسلا قالدىم . ئاجايىپ ئىش، كارامەت ئېسىل ، چىرايلىق پەلتۈ كىيىۋالغان، رەڭ ئۆزگەرتىشچان كۈزەينەك تاقىۋالغان گىرمانىيلىكلەرنىڭ شىلەپىسىگە ئوخشاش شىلەپىدىن كىيىۋالغان ، ئۇزۇن تومشۇق  ،ئۇزۇن قۇيرۇق. يۇغان قۇرساق بىر پاكىنەك جاناب قولىدا يانفۇن تۇتۇپ تۇراتتى. مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ   نىمە دەپ كۆزىمنى ئوۋلىۋېتىپ قارىدىم . ھە ئەسلىدە ، ئۇ بىر چاشقان ئىكەنغۇ ئۇنىڭ قولىدىكى يانفۇن سۆزلەپ قالدى :-ۋوي  005 مۇ؟ ئۆتكەنكى ساندۇقتا يەنە نان بارمىكەن ؟ -دەپ سورىدى. (ھە ئەسلىدە نانلىرىمنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ، شۇ چاشقانلار ئىكەندە يەنە نىمە دىيىشىدىغىننى بىلىش ئۈچۈن چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈئەت قىلالماي قۇلىقىمنى   دىڭ تۇتۇپ ياتتىم ) . :A @f[Y'9  
-نان تۈگەپتۇ ، ئەترەت باشلىقى .مەن باشقا ساندۇقلارغا قاراپ باقاي (ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي ئاتالغۇلىرى بار ئىكەندە ) يانفۇن تۇتىۋالغان چاشقان پەلتۇسىنى سالدى. ۋە ئۇنى ئايىغىمنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويدى . يانفۇننى بىلىدىكى قېپىغا قىستۇردى ، كۆزەينىكىنىڭ جازىسىنى سىلاپ قويغاندەك قىلىۋىدى. كۆزەينەك پىرژىكتىر دەك    يېنىپ كارۋىتىم ئاستىنى  يۇرتىۋەتتى. يانفۇنى بار چاشقان يىنىمدىكى كارۋاتتا بىغەم ئۇخلاۋاتقان ياسىننىڭ ساندۇقىغا كىرىپ كەتتى . يەنە تېلىفۇن جىرىڭلىدى. نان بارمىكەن ؟ S(xs;tZ  
- نان تۇلا ئىكەن ، بىراق سەل كۆكىرىپ قاپتۇ . zx2`0%Q  
–مەيلى مەن بىر ئەتىرەت ئەۋەتەي ، - گەپ ئاخىرلىشىپ بولغىچە بىردىن خالتا يۈدىۋالغان ، قوللىرىدا بىردىن يانفۇن كۆتىرۋالغان ئونغا يېقىن چاشقان پەيدا بولدى. ۋە ھەممىسى ساندۇققا كىرىپ كىتىشتى ، بىردەم تاراق – تۇرۇق ،كا تۇر – كۇ تۇر   ئاۋازدىن كىيىن ھەممىسى خالتىسىنى توشتۇرۇپ چىقىشتى . ھېرىپ قالغان چېغى ، ھەممىسى خالتىسىغا يۆلىنىپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى : بۇ ئەخمەقلەر نانلىرىنى يارىتىشماي رۇستۇرانلاردا تاماق يەپ يۈرۈشىدىكەن . نانلىرى كۆكىرىپ قالسا ، ئۆگزىگە ياكى ئەخلەت ساندۇقىلىرىغا تاشلىۋېتىشىدىكەن ... eZ[Qhrc  
-تۇيۇقسىز يانفۇن يەنە سايراپ ئۇلارنىڭ سۆھبىتى بۇزۇلدى. ۋەي  005، سەن دەرھال ئەترەتنى باشلاپ ‹‹ھاماقەتلەر رىستۇرانى ››غا . بارغىن بەش ئۈستەلنىڭ غىزا – پىزالىرى ئېغىزمۇ تىگىلمەي يۇغۇشتۇرۋېتىلدى. (}>)X]  
– خوپ ئەترەت باشلىقى ... JeNX5bXW  
ئەتىسى ياسىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ساندۇقىنى ئېچىپ نانلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال بولۇپ كەتتى:- خويمۇ قوتۇلدۇم ناندىن ، قەيەرگە تاشلىۋەتسەم بۇلاركىن دەپ بېشىم قېتىپ تۇراتتى. H' /V<%  
( ھە ، چاشقانلارنى يامان ئۆگىتىپ قويغان ئەسلىدە ئۆزىمىز ئىكەندۇقدە ) ھېلىقىدەك نان يوقىلىپ كېتىدىغان ئىشلار نۆۋەت بويىچە ھەممە ياتاقداشلىرىمنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاقىۋەتتە ياتاقتىكىلەرنىڭ نان ۋە ئۈزۈم – ياڭاقلىرى تۈگىدى. يانفۇن ئېسىۋالغان چاشقانلارمۇ غايىپ بولۇپ كېتىشتى ، ئاڭلىسام باشقا ياتاقلاردىمۇ نان يوقاپ كېتىشكە باشلاپتىمىش... G/},lUzLg  
بىر كۈنى ئائىلەمدىكىلەر ئەۋەتكەن پۇل چېكىنى ئېلىپ پوچتىخانىغا باردىم ،ئادەم كۆپ، پۇل ئېلىۋاتقان ، قويىۋاتقانلار ... مىغ- مىغ ئادەم . تۇيۇقسىز پوزۇر ياسىنىۋالغان قولدا يانفۇن ، ئۇنىڭدا سۆزلىشىپ تۇرۇپ ئادەملەر توپى ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ سومكا ۋە يانچۇقلارنى قۇرۇغداۋاتقان بىر ياشنى كۆردىم . ئۇ ماڭا بىر تۇرۇپ كارۋىتىم ئاستىدىكى چاشقانغا ،بىر ئادەمگە ئوخشاش كۆرۈنىشكە باشلىدى . مەن قورقتىم لېكىن باشقىلارنىڭ پۇللىرىنىڭ ئوغۇرلىنىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى: ئوغرى  ،يانچۇقچى ... چاشقان پۇل ئوغۇرلىۋاتىدۇ  دەپ ۋاقىراپ سالدىم ، باشقا كىشىلەر مىنى ساراڭ دەپ بىلدىمۇ، ھەممىسى قالايمىقان بولۇشۇپ قولىنى جۇنۇپ مىنى بىر نەرسە دەپ تىللاشتى ، مەن شۇ ئەلەم ،ناھەقچىلىق ،خىجىللىقتا پۇلۇمنىمۇ ئالماي ، مەكتەپكە  قايتىش ئۈچۈن پوچتىخانىدىن سىرتقا چىقتىم . چىقىپلا يانفۇن ئېسىۋالغان چاشقانغا كۈزۈم چۈشۈپ يۈرۈكۈم جىغ قىلىپ قالدى. يانفۇنلۇق يانچۇقچى  ماڭا ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى ، ئۇنڭ پال- پال كۆزلىرىدىن بىر خىل زەھەرخەندىلىك ، كۆرەڭلىك ،شۇملۇقنىڭ سۇغۇق نۇرلىرى چېچىلىپ تۇراتتى . ئۇ ماڭا ھومۇيۇپ تۇراتتى ... ›› $b{8 $<;9  
ئەختەمنىڭ يازغانلىرى تۈگۈدى، راستىنلا بىر تۇرۇپ چۆچەككىمۇ ، بىر تۇرۇپ بالىلار ھېكايىسىغىمۇ ، بىر تۇرۇپ راست بولغان ئىشلاردەك   بىلىنىپ قالدى. بەلكىم جەمئيەتتە  شۇنداق ‹‹يانفۇن ئاسقان چاشقان ›› لار بولىشى مۇمكىنغۇ ...       YzM/?enK}T  
مەن شۇلارنى ئويلاپ قالدىم . .. *WJK&  
mk!8>XvM  
a*D<J}xe  
مەنبە : ئارمان /|UbYe,  
<< يىڭى قاشتېشى ژورنىلى >> 2003-2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

kox bahit2011-05-03 15:58
ئاللا ئاللا  يەنە با كەندە  بۇ ئادەمنى كۇلدۇرۇپ تۇرۇپ ئويغا سالىدىغان چۇڭقۇر مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز...........         

yawuzbag2011-05-03 16:07
بۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن تالانتى بار ،ئەمما بەش ئالتە ياشلىق بالىدىن ئىككى مىڭغا يېقىن بالىسى بار ،شۇ باللىرىنى بېقىپ بۇلالماي يازمايدۇ شۇ...

خان2011-05-03 18:16
ئاۋال ئورۇن ئىلۋىلىپ ئاندىن پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قوياي .

gulkalam2011-05-03 19:39
ۋاي توۋا،فانتازىيەلىك ھىكايىمىكىن دەپ قالدىم.بىر ئەسەردە بىرنەچچە مەزموننى تەڭلا ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز. F,pKt.x  
ھەقىقەتيا ياخشىكەن.

yultuz~2011-05-04 01:55
  مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قالىدىكەن،ئارمان ھاجىم..!تالانت دىگەن سىلىدە-جۇمۇ!

marjanbulaq2011-05-04 03:05
راست ئاجايىپ بىر خىل ئۇسلۇپ بىلەن يېزىلىپتۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن. خېلە كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايە ئىكەن.

ruhsar2011-05-04 15:08
قابىليىتىڭىزگە قول قويدۇم.

matursun2011-05-05 04:04
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتۇر ئەسكەرتىپ قويىلسا ،بوھەقىيقەتەن ئىسىل ئەسەر

arman2011-05-05 08:51
نەقىل
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى matursunدە2011-05-05 04:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : FOMJRq  
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتۇر ئەسكەرتىپ قويىلسا ،بوھەقىيقەتەن ئىسىل ئەسەر rPGj+wL5-  
`.3@Ki~$#  
 P Je_qP  
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرىمۇ دەل مەن ئۈزەم شۇ -  ئارمان

ئەنسار2011-05-05 09:33
ھا ھاھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھا. تازا بىر كۈلەي .قېنىپ- قېنىپ بىر كۈلەي .. 3,6f}:CG  
ھەم كۈلكىلىك ،ھەم مەنىسى چوڭقۇر،ھەم ئاجايىپ ئوسلۇپتا يېزېلىپتۇ .. )OxcCV?5Z  
بارىكاللا -بارىكاللا  ئارمان ئاكا،چۇقۇم قارقاشقا بېرىپلا  راڭپىزىدا مىھمان قىلىمەن ..       

arman2011-05-05 14:25
نەقىل
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى ئەنساردە2011-05-05 09:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : dVEs^ZtI  
ھا ھاھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھا. تازا بىر كۈلەي .قېنىپ- قېنىپ بىر كۈلەي .. pQ:^ ziwa3  
ھەم كۈلكىلىك ،ھەم مەنىسى چوڭقۇر،ھەم ئاجايىپ ئوسلۇپتا يېزېلىپتۇ .. u*)/e9C  
بارىكاللا -بارىكاللا  ئارمان ئاكا،چۇقۇم قارقاشقا بېرىپلا  راڭپىزىدا مىھمان قىلىمەن ..        /u4RZ|&as  
nco.j:  
<< پىجۇ ئىچكەن كۆت، راڭپىزا يىگەن دۆت >> دىگەندەك دۆ ت بۇلۇپ قېلىشتىن قۇرقىمەن ئۇكام.ياكى يامان غەرىزىڭ بارمىدى؟

narmi2011-05-05 16:14
      ئەدەبى ئەسەرلەردە شائىر ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى تىپىك ۋەقە- P7XZ|Td4*  
  ھادىسىلەرنى خىيالىي فانتازىيە ئۇسۇلىدىن پادىلىنىپ،مۇۋاپەقىيەتلىك W?.469yy  
  يېزىپ مۇرادىغا يېتىدۇ. 9Sxr9FLW~  
    «يانفۇن ئاسقان چاشقان» بۇ ھېكايىڭىز دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن xBTx`+%WS  
مۇۋاپىق پايدىلىنىپ يېزىلغان،ئەمما دىمەكچىمەن يېزىقچىلىق W{"sB:E  
خاس ئىقتىدارىڭىزمۇ كۆرۈنىپ تۇرۇپتۇ. nZ(]WPIN"  
    مولھوسوللۇق يازغۇچى مۇنبەردە دائىم ئىسەرلىرىڭىز جۇلا ئەتسۇن!

خۇشخۇي2011-05-07 18:09
ھىكايىنىڭ بىشىنى ئوقۇپمەمەتئىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ سىنارىيىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن <قىرلىق ئىستاكان> دىگەن فىلىم يادىمغا كەلدى....شۇنىڭدا ھىلىقى سىنارىسنى مۇھەرىرگە ئەككىرىپ بەرگۈچە چوڭ ئەيسا<خالمۇرات ئۆمەر>ئاكىمىزنىڭ مۇھەرىرگە گەپ بەرمەي سۆزلەپ كىتىشلىرى........ھەقىقەتەن يۇمۇرىستىك ،ئەمەلى چىقىپتۇ،،،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغا ئارمانكا.....     

ئەنسار2011-05-10 17:49
نەقىل
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى armanدە2011-05-05 14:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : -13}]Gls7Q  
Pb'(Y  
<< پىجۇ ئىچكەن كۆت، راڭپىزا يىگەن دۆت >> دىگەندەك دۆ ت بۇلۇپ قېلىشتىن قۇرقىمەن ئۇكام.ياكى يامان غەرىزىڭ بارمىدى؟ ]%A> swCpn  
dzOco)y  
~6i'V?>  
بۇ سىزنىڭ تەمسىلىڭىزمۇ نىمە.....ئەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن

خۇشخۇي2011-05-10 23:00
نەقىل
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى armanدە2011-05-05 14:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : R278^E  
Ge`7`D>L  
<< پىجۇ ئىچكەن كۆت، راڭپىزا يىگەن دۆت >> دىگەندەك دۆ ت بۇلۇپ قېلىشتىن قۇرقىمەن ئۇكام.ياكى يامان غەرىزىڭ بارمىدى؟ -0CBMoe  
qt@/  
O(W"QY  
ئاۋۇ تەمسىل-ماقالغا ئاجايىپ كۈلۈپتىمەن.....

ziyaratqi2011-05-11 19:52
ماۋۇ ئەسەردىكى ئەكىس ئەتتۈرۈىلگەن قۇشۇمچە ئىددىيە ئاساسى ئىدىيەدىن قىزىقارلىق چىقىپتۇ . م ھوشۇرنىڭ ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ياخشى ئەسەر بوپتۇ .

mastana2011-05-12 06:46
تالانت بار يەردە باركەن جۇمۇ~!    بېشىدا كۇلدۇرۇپ ئوقوپ بولۇپ ئويغا سالدىكەن.  

sadakat2011-05-18 19:19
    

wolkan12011-05-19 01:17
ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ،خەلقىمىزگە مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق تەقدىم قىلىپ تۇرۇڭ.             

kemiqi2011-05-26 14:13
          

بۆرە2011-05-28 13:20
نەقىل
بۇ 20قەۋەتتىكىkemiqi يوللىغان 2011-05-26 14:13 غا قارتىلغان : R{brf6,  
               ZWyf.VJ  
|7|'J Ty  
خەت يازالمامتىڭىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

بۆرە2011-05-28 13:52
ھەقىقەتەن ئەمەلىي تۇرمۇش تەسۋىرلىنىپتۇ.چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئىكەن.

yulgunhuxal2011-06-02 14:52
ئاجايىپ ياخشىيىزىپسز.     

0998waris2011-06-03 13:58
يېڭى قاشتېشى زورنىلىدا  مەمتىمىن ھۇشۇر ئۇسلۇبىدا ئەسەر يازىدىغان ئەسقەرجان ئىسىملىك بىر يازغۇچى بولىدىغان سىز بولسىڭز كىرەك.ئىجادىيىتىڭزنىڭ تېخىمۇ گۇللىنىشىگە تىلەكداشمەن.

ئوۋچى2011-06-03 21:25
        

9428302011-06-08 13:20
      بەك مەزمۇنلۇك ھىكايە ئىكەن

گۇگۇم2011-06-10 04:52

xapnam2011-06-11 12:28
تاللانتىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،ھەقىقەتەن ياخشى يېزىغا ئەسەر ئىكەن.

bargut2011-06-11 19:57
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.

qialikuxi2011-06-17 16:33
   تۇرمۇشىڭىز بەك رەڭدار ئوخشىمامدۇ سىزنىڭ،دائىم شۇنداق چوڭقۇر پىكىرلىك ئەسەرلەرنى يازىسىز.داۋاملىق ئۈزۈلدۈرۈپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

玉素甫2011-06-17 23:20
ھەققىەتەن ياخشى يېزىلپىتۇ.   

maripatparwar2011-06-21 16:36
نىمە دىگەن قىززىقارلىق ،نىمە دىگەن  مەنىلىك.پاھ .قابىليەت دىگەن  سىزدىكەن  جۇمۇ  .ئارمانجان.تىمىلىرىڭىز  ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .

sanamjan2011-06-22 11:19
manisi qogkurkan yahxi yiziliptu

yarkin2011-06-26 14:12
قالتىس يزىلىپتۇ مەن  گاڭگىراپ قالدىم

hanzada2011-07-16 02:23
قابىلىيەت  دىگەن توننىلاپ باكەنيا ماۋۇ ئاداشتا

kaxkarkizi2011-07-21 12:52
بەك ياخشى يېزىپسز    تالانتىڭىزغا قايىل بولدۇم ئارمان ئاكا        

aexa2011-07-22 13:25
بەك   ياخشى   يىزىپسز   رەھمەت  ،داۋامىلىق    يوللاپ   تۇرارسىز

گۈلنازى2011-08-11 13:14
ئارماننڭ ئەسەرلىرى  ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ..

hakikiarkak2011-10-18 22:33
        


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يانفۇن ئاسقان چاشقان { ھېكايە } --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.030506 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us