رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- فاتىمە شېئىرلار توپلىمى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> شېئىرىيەت گۈلزارى -> فاتىمە شېئىرلار توپلىمى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

fatima2011-04-30 21:37
  
ھەمراھ قىلغىن ئۈمۈد- ئارزۇنى
يۇيۇنماقتا كۆلدە تۇلۇن ئاي،
نۇرلىرى بىلەن كۆلدە،ئاي سىزىپ.
مىسكىنلىكتە مۇڭلانما ھەرگىز،
ئۈمۈد ئىشەنچەڭنى يۇقۇتۇپ.
ئۈمۈدلۈك بول جاسارەت ئەيلەپ،
چەكسىز بەخىت ئۈمۈد ئىشەنچەڭ.
مۈشكۈل ئەمەس قىيىن ئىشلارمۇ،
بولسا سەندە ئۈمۈدۋار غايەڭ.
ئارمانىڭدىن ياشنىسا ئۆمۈر،
قالماس دىلدا پەقەت غەملىرىڭ.
مەڭگۈ ئۈمۈت غايىلىك بولغىن،
ياشناپ كەتسۇن ئۆمۈر يۇلتۇزۈڭ.
ھەمراھ قىلغىن ئۈمۈد ئارزۇنى،
ئىرادىلىك بولغىن ھەر قاچان.
ئىشەنچەڭدىن زوقلانسا يۈرەك،
ھەمرا بۇلۇر شادلىق ھەر زامان.
كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن جانان
كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن جانان،
مەيلى كەچسەڭ كىچىۋەر مەندىن.
سەن قەلبىمنىڭ سۆيگۈ يۇلتۇزى،
جان چىقسىمۇ يەنە سەن لەۋەن.
ئەقىدەڭدىن سۈيۈنگەن دىلىم،
مىھرىڭ بىلەن كۆكلىگەن تىنىم.
چاڭقاپ كەتكەن نازۇك قەلبىمگە،
زەم-زەم بەرگەن سەن تالاي قېتىم.
8;>vgD  
سۆيگۈم شۇڭا ساڭا ئاتالغان،
كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ئەبەت.
كىچەي دېسەڭ كىچىۋەر ئۈزۈڭ،
ئەھدىم بىلەن ساقلايمەن ئەبەت.
يۈرەك سۈزۈم ئاياندۇر ساڭا،
ھىسلىرىڭدە شەكلەنمە پەقەت.
مەيلى كىتەي يىراق-يىراققا،
ساڭا تەشنا بۇ قەلبىم ئەبەت.
"1P8[  
زوقلۇنۇپ ئىزھارىڭدىن سۆيۈنەر دىلىم
مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازىدەك يېقىملىق،
قەلبىمدە بىر تۇيغۇ ئۈزىدۇ ئۇزاق.
كەچمىشلەر قوينىغا ئوراپ قەلبىمنى،
چاچىدۇ دىلىمغا ئالامچە خۇش- پۇراق.
گاھ تىترىسە قەلبىم گاھى خۇشالدۇر،
خىيالىم ئۇچىدۇ شامالدەك لەرزان.
قەلبىمدە جىلۋىيدۇ ئالامچە شادلىق،
بۇ شادلىق ئىچىدە سەن بار گىرىسمەن.
يۈرەككە ئوق كەبى تەككەن سۆزلىرىڭ،
قەلبىمنى ئېرغىتىپ تاشلىدى بىررەت.
يىتىلەپ ماڭغاندەك مېنىڭ كۆڭلىمنى،
قەلبىمگە بۆسۈپ كىردىڭ سەن ھەيۋەت.
]&%_Fpx  
گاھى كۈلكىدە كۆككە يەتتى بېشىم،
گاھ، ئازاپتىن يىغلاپ تۈكۈلەر يېشىم.
ئىزھار قىلساڭ قەلىب سىرلىرىڭنى سەن،
زوقلۇنۇپ ئىزھارىڭدىن سۆيۈنەر دىلىم.
*cn,[  
 
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار
Iqe=)   
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار،
ئىللىق شامال كىرسۇن ئۆيۈڭگە.
پەردىلىرىڭنى يەلپۈپ لەرزان،
ھۇجۇدۇڭنى سالسۇن لەرزىگە.
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار،
مۇڭلۇق كۈيلەر ئاڭلانسۇن ساڭا.
ئۇخلىغىن ئۇزاق مۇڭلۇق كۈيدىن،
بۇ كۈي سىڭسۇن سېنىڭ باغرىڭغا.
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار،
ھىس-تۇيغۇلۇرۇڭ ئۇچسۇن كۆككە.
لەززەت ئالسۇن چوغدەك يۈرەكىڭ،
راھەتلىنىپ بۇ مۇھەببەتتە.
دەرىزەڭنى ئېچىپ قويغىن يار،
پەرۋا قىلما خەقلەر سۆزلىسە.
ھۇجۇدۇڭدا كۆيگەنگە قارا،
تىڭشاپ باققىن قەلبىڭنى يەنە.
كىپىنەكتەك ئۇچقان كېچە
كىپىنەكتەك ئۇچقان كېچە،
شېۋىرلايمەن يۇلتۇزغا بېقىپ.
خىيال بۇلۇپ كىرىپ كىلىدۇ،
سەن سالغان ئوت يۈرەكنى قېقىپ.
سىمايەڭنى ئويلايمەن ھامان،
سۈكۈناتتا لىۋېمنى چىشلەپ.
شامال بۇلۇپ كىرىپ كىلىدۇ،
سەن سالغان ئوت يۈرەكنى قېقىپ.
شامدەك كۈيۈپ تۇرىدۇ يۈرەك،
تاڭ ئاتقۇچە ئىشقىڭدا كۈيۈپ.
چۈشتەك خۇددى چىقىپ كىتىدۇ،
سەن سالغان ئوت يۈرەكنى يېرىپ.
چۈشلەرىمدىن ئىزدىسەم سىنى
Z%_"-ENT  
چۈشلەرىمدىن ئىزدىسەم سىنى،
گۈل بەرگىلا پۇرايدۇ چۈشۈم.
ھايات يولنىڭ رەڭدارلىقىدا،
سىرلىرىمنى بىر ساڭا تۆكتۈم.
مۇھەببەتنى رەت قىلدى دەيدۇ،
ئىزدىگىنىم سەندۇرسەن بەلكىم.
ئۆزگىلەرگە پەرۋامۇ قىلماي،
سىنى مەندەك سۆيمەيدۇ ھېچكىم.
بۇلبۇل باغقا ئاشىق بولغاندەك،
سەن بارتاغ يا باغلاردا مەن بار.
گەر يېنىڭغا بارالمىساممۇ،
بۇ قەلبىم ساڭا قۇچاق ئاچار.
گۈل باغلارنى ئارلىسام دائىم،
چىمەنلىكتىن ئىزلەيمەن سېنى.
مىنى مۇنچە كۆيدۈرگىنى دەل،
سەن سالغان مۇھەببەتنىڭ ئۇتى.

AnaTuprak2011-04-30 22:26
Mazkur Xeirla munbirimiz Azasi Fatima ning Asiri .ag4i;hS8  
9iWDEk  
5n1;@Vr  
تاتلىق ئازاپ
Z{`;Ys:zk  
ئويغا چۆككەن ئانا تەبىئەت،
جىمجىتقىنە ئالماقتا ئارام.
يۈرەكتىكى تاتلىق ئازاپتىن،
كۆز ياشلىرىم تۈكلىدۇ تارام.
A] pLq`  
جىمجىت قاراپ تۇرمەن سىرىتقا،
يىراقلاردىن كۆرگەندەك گۇيا.
كۆز يېشىمدىن ئىرگەن جىسمىىمدا،
تاتلىق ئازاپ كەچمەكتە مانا.
تۈكۈلگەن پىنھان سىرلىرىم،
ئۆتۇنمەكتە جاننى ئالغىن دەپ،
قەلبىمدىكى ئاجىز ،مىسكىنلىك،
خوراتماقتا مىنى ھالسىرتىپ.
ۋىسال بەرگىن ئۆتۈنەي تەكرار،
ئۈمۈد گۈلۈم چاچسۇن خوشپۇراق.
ئىچ ئاغرىتقىن مىسكىن ھالىمغا،
ئاھ،تاتلىق ئازاپ كەتسۇن يىراق.
$6h:j#{JE  
!>-cMI6E  
;! &A  
W$ #FM$U  
كەل جاناننىم دەردىمنى تۈكۈۋالاي
esx<feP)\  
پارلايدۇ ئاسماندا قۇتۇپ يۇلتۇزى،
ئۈرۈكلۈك باغلاردا چىچەك نەغمىسى.
گاھ،كۈلدۈم ھاياتتا گاھى يىغلىدىم،
قەلبىمدە ساناقسىز ھەسرەت ھالقىسى.
كەل جانان يېنىمغا سىردىشايلى بىز،
قەلبىمدىكى دەردىمنى تۈكۈۋالاي.
ساناقسىز سۇئالىم بار سورايدېغان،
مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ سەندىن سۇرۋالاي.
ھەر كۈنى باشلاندى يىڭى بىر كۈنمىز،
تاۋلالىنىپ ئىرادە ئارمانلىرىدا.
سەن بەرگەن سۆيگۈدىن ئاچتى رىغبىتىم،
ھاياتتىكى ھەرخىل داۋانلىرىمدا.
A:ls'MkZ4  
1.!rq,+>1  
مۈشكۈلگە ئەگمىدىم ھەر قاچان بۇيۇن،
ياشىدىم بىر سىنى قەلبىمدىن كۈتۈپ.
ئېزىتقۇ ھىسلارغا يەم بوپ باقمىدىم،
ھاياتتا بىر سەندىن ئۈمۈتلەر كۈتۈپ o!^':mll  
pL8+gL  
0DhF3]  
كەل جاناننىم دەردىمنى تۈكۈۋالاي،
دەردىم كۆپ ئىچىمدە ئازابىم تالاي.
تەسەللى بەر ئۈمۈد، ئىشەنچ، بېغىشلاپ،
ئوتلۇق، مىھرىڭگە سىنىڭ قېنىۋالاي.
1BwCJ7?8  
مۇڭلۇق كۈيلىرىڭ ئۈزۈلمىسۇن
سۆيگۈ سىنى تىنماي قىينىغاچ،
مۇڭ قوينىغا غەمكىن چۆكەتتىڭ.
شوخ لىرىكاڭ بىلەن زوق ئېلىپ،
چىن سۆزىڭنى ئايماي تۆكەتتىڭ.
ھىجراندا قىينالساڭمۇ گەرچە،
لېكىن سەن يېزىپ كەلدىڭ ھارماي.
ئىرادەڭگە قايىل ھەتتا گۈللەر،
بۇلبۇل بۇلۇپ سايرىغىن قانماي.
بۇلبۇل باغقا ئاشىق بولغاندەك،
سەنمۇ ئاشىق مۇڭ كۈي يېزىشقا.
غايىبانە ئاشىق بۇلۇپ سەن،
چىن ئىشقىڭدىن جۆر بولدۇڭ مانا.
ئىزدىگىنىڭ گۈللەرنىڭ گۈلى،
تىكەنلەرگە پەرۋا قىلمايسەن.
گۈل بەرگىلەر ئىچىدىن تاللاپ،
پاك مىھرىڭ بىلەن جۆر بولغايسەن.
گۈلنى سەندەك سۆيمەيدۇ ھېچكىم،
پاك ئىشقىدىن مۇڭلىنىپ شۇنچە.
شوخ لىرىكاڭنى ئايماي يازغىن،
ئۇقۇپ تۇراي ئۇھسىنىپ شۇنچە.
Enm#\(j  
a_4Ny  
مۇھەببەتلىك لىرىكا يېزىپ،
يۈرەك ھەسرىتىڭ شىپا تاپسۇن ،
چىن سۆيگۈڭگە بۇ دۇنياگۇۋاھ ،
مۇڭلۇق كۈيلىرىڭ ئۈزۈلمىسۇن.
I8@NQ=UV0  

ruhsar2011-04-30 22:40
    فاتىمە،ئاتامان ئىككىڭلارنىڭ بۇ شېئىرلىرىڭلىدىن شۇنداق ھۇزۇرلاندىم،دائىم يوللاپ تۇرغايسىلەر.

pak~kalip2011-04-30 23:22
بىر -بىردىن ئېسل شېئرلاركەن بۇ  

ئەنسار2011-04-30 23:27
مۇبارەك بولسۇن

alam2011-05-01 11:57
تىرىشقايسىز   

خۇشخۇي2011-05-01 12:03
مەنمۇ چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن،،،،ئىجادىيتىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن....   

...شېر2011-05-01 12:22
<<دەرىزەڭنى  ئچىپ  قوي  يايرىم>>   دىگەن  شىېئرىڭىزنى  ماڭا  يازغانمۇ؟     

lukman2011-05-01 18:27
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي................

tagxamili2011-05-02 19:51
قاتىمە ئاچاش سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن بولسا بۇ شېئىرلىرىڭىزنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىسىڭىز بولغۇدەك؟

subihi2011-05-04 21:33
ئەزىز قېرىندىشىم فاتىمە . ئىشچان قوللىرىڭىزغا بەرىكەتلەر بولسۇن جانىم ، ئىلھام تۇلپارىڭىزنىڭ داۋاملىق شاش ھالىتىدە تۇرىشىغا تىلەكداشمەن ئەزىزەم . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاتلىق تىمىللىرىڭىز مۇنبەردەبولسۇن ....

bayawan2011-05-04 22:55
تېز ئىلگىرىلەپسىز ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزنىڭ ۋە مۇنبەر ھاياتىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ~ مۇنبەر ئارقا سېپىدە تۆھپىكارلاردىن بولۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

ئەنسار2011-05-05 09:52
نەقىل
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى ...شېردە2011-05-01 12:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : yN4K^#  
<<دەرىزەڭنى  ئچىپ  قوي  يايرىم>>   دىگەن  شىېئرىڭىزنى  ماڭا  يازغانمۇ؟      Km=dId7]  
M zWVsV  
سىز دەرىزىڭىزنى ئىتىپ قويامتىڭىز بۇرۇن . پىخسىپ ئۈلۈپ قالماڭ يەنە ،پاتىمە ئاچامغا قەيداپ دەرىزىنى تاقاپ قۇيۇپ

mastana2011-05-11 07:34
راسلا قالتىس يېزۋېتىپسىز جۇمۇ !

قاراخان2011-05-14 05:12
سىز ھەممە شىېرلاردامۇھەببەتنى تىما قىلىپسىز بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟

kamqa2011-05-15 12:02
بەك ياخشى چىقىپتۇ،مۇنبەر مۇشۇنداقلا تەرەققى قىلدىكەن چۇقۇم ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەرلەردىن بۇلغۇسى


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- فاتىمە شېئىرلار توپلىمى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.065602 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us