بۇ يوللانمىغا نەزەر تاشلىغان ، جۈملىدىن ئىنكاس يازغان ئەزىزلىرىمدىن ئاللاھ رازى بولغاي، ئامىن! ئەلبەتتە بۇ بىر ئىمتىھان دۇنياسى. بۇ دۇنيادا قانداق ياشاش ئۇ دۇنيادىكى ياشاش يولىمىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن يۇرىۋاتقان قەلبىم بىلەن سىزلەر بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدا بولۇش تۈپ ئارمانىم. يوللانمىلىرىم مانا شۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ تامچىلىرى. ئىنشا ئاللاھ بۇ يولدا ئاخىرقى نەپىسىمگىچە كۈچ سەرپلەپ سىزلەر بىلەن تېخىمۇ چۇڭقۇر ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپو بارغايمەن. جەنابىي ئاللاھتىن ھەرمىنۇت - سېكۇنت ۋاختىڭلارنىڭ ھىدايەت ۋە ئىنايەت نۇرى بىلەن يالتىرىشىنى تىلەيمەن! ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭلار ئەزىزلىرىم! |