كۆيگەن قۇياش k+h}HCzE \jC) ;mk (ھېكايە) j[r}!;O <&E}db مەمتىلى ھېلىم d {!Pc< -ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كېلىپ قالدى، بىز ئونىمىز 25 يۈەندىن پۇل يىغىش قىلىپ سىنىپ مەسئۇلىمىز خاسىيەت مۇئەللىمگە قول سائىتى ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز. سەنمۇ پۇل چىقىرامسەن؟ ئەسلى سەن ئۆگىنىش باشلىقى بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىشقا مەسئۇل بولساڭ بۇلاتتى، - دېدى سىنىپىمىزدىكى ئەركە-نايناق قىز فىرۇزە. ahl|N` مېنىڭ بۇ ھەقتە ئانچە ئويلىنىشلىرىم بولمىغاچقا، دەرھال بىر نېمە دېيەلمەي، كېكەچلەپ قالدىم. o[!'JUxZ -مەن، مەن... بولىدۇ... ياق... OR@67Y -25 يۈەنگە نېمانچە قىلىپ كېتىسەن؟ ئۇ دېگەن سىنىپ تەربىيىچىمىز ھەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز جۇمۇ؟ مۇشۇنداق ۋاقىتتا سوۋغا بەرسەڭ، كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاسسىستېنتلىق قىلىپ قالسا، ساڭا ئوڭ كۆزىدە قاراپ قويىدۇ. دەرستە ياخشى بولغاچقا سوۋغا بەرمىسەممۇ بولىدۇ، دەپ ئويلاۋاتامسەن نېمە ؟ f+ r>ur}\) -ياق، ياق ئۇنداق ئەمەس، سوۋغىنىمۇ مەلۇم غەرەز بىلەن بېرەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە خاسىيەت مۇئەللىم بىزگە ئىككى يىلدىن بېرى سىنىپ تەربىيىچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرسا... ھە، تاپتىم، مەن مۇئەللىمگە كىتاب سوۋغا قىلاي. e/D{^*~S -ھا...ھا...ھا...- فىرۇزە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،- ھەي، رېئاللىققا بېقىپ سۆزلىسەڭچۇ؟ بىلىپ تۇرۇپ قارا... بوپتۇ، سەن كىتاب سوۋغا قىلساڭ قىل، بىز ئۆزىمىز ئويلاشقاننى قىلىۋېرەيلى، خۇش... – ئۇ شۇنداق دەپ كېتىپ قالدى. y<Koc>8 مەن رېئاللىققا زادى قانداق يۈزلىنەلمىگەنلىكىمنى بىلەلمەي، ئۆز ئورنۇمدا بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى يەنىلا ئۆزۈمنىڭ قارارىنى توغرا تاپتىم. خاسىيەت مۇئەللىم بىزگە:«كىتاب ئوقۇڭلار، كىتاب ئادەمنى يورۇقلۇققا باشلايدۇ، بىر-بىرىڭلارغا كىتاب سوۋغا قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۇڭلار.» دەپ تەربىيە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ xv]z>4@z, كىتابخانىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن كىتابنى سوۋغا قىلىپ، ئۇنى بىر خۇش قىلىۋېتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. چۈنكى بۇ كىتابنى بىر ساۋاقدىشىمدىن ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرگە ئىگە بولغانىدىم. ئەمدىكى مەسىلە، ئۇ كىتابنى ئېلىشقا پۇل ھازىرلاش ئىدى. ئاپامدىن پۇل سوراشقا تىلىم بارمايدۇ. چۈنكى، ئاپام دوختۇرخانا تازىلىقىنى قىلىپ، پۇلنى ئاسان تاپمايدۇ-دە. دادام ئاپام بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن نەلەرگە قاڭقىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. مېنى تىرىشىپ ئوقۇشقا ئۈندەۋاتقان يەنە شۇ ئاپامنىڭ سۆزى:«ئاچ-يالىڭاچ قالساممۇ، سېنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتقىنىم ئوقۇتقان، پەقەت بولمىغاندا بۇ ئەسكى ئۆينىمۇ سېتىۋېتىمەن» *Dp&;, b مەن ئەشۇ كىتابنى سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان 21.50 يۈەن پۇلنى قانداق تېپىشىم كېرەك؟ «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى»غا يەنە بىر ھەپتە ۋاقىت بار ئىدى. بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتى. سوۋغا بۇيۇمى ئالماي، بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپلا ئۆتكۈزۈۋېتەي دېسەم، يۈز كېلەلمەسلىكتەك بىر خىل ئادىمىيلىك تۇيغۇ يۈزۈمنى ئوت بولۇپ كۆيدۈرۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان يىلى تۇرسا... ئويلاپ باقسام ھازىرغىچە بىرەر ئوقۇتقۇچۇمغا بىر نەرسە سوۋغا قىلىپ باقماپتىمەن. ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقىنىمدا، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ مۇھىم جايلىرىنى ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ ھەزىم قىلىپ ماڭاتتىم. ئەمدىلىكتە ئاشۇ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشنىلا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. «ھەي پۇل»دەيتتىم ئىچىمدە. CF;Gy L1M بۈگۈن خىيالىمغا بىر ئوي پەيدا بولۇپ كاللام سەل يورۇغاندەك بولدى. >j?5?J" مەكتەپتىن قايتىپلا تاماققا تەييارلىق قىلىۋېتىپ، ئاپام كەلگۈچە مەھەلە-كوينى ئوغرى مۈشۈكتەك بىر ئايلىنىپ، كارتون قەغەز، يېشىل، قىزىل چايلارنىڭ بوتۇلكىلىرى بولسا يىغىپ كېلىمەن... Oa/^A-'Q مانا مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، 22 يۈەن بولغاندا ئۇ ئىشنى توختىتىپ، كىتابخانىغا ئوقتەك يۈگۈردۈم. كىتابنى سېتىۋېلىپ كىتابخانىدىن چىققىنىمدا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يېنىك ھېس قىلدىم. ئۇنى قايتا بىر ئوقۇپ چىقىش ئىستىكىم شۇنچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ كىر بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى سىلاپ قويۇش بىلەنلا ئۇ خىل ھېسسىياتىمنى تىنچىتىشقا تىرىشتىم. JT7WZc) ئەتە بايرام دېگەن كۈنىنىڭ ئەتىگىنى كىتابنىڭ تىتۇل قىسمىغا:«خاسىيەت مۇئەللىمگە: 0C<\m\|~k ‹ھەق يولىدا جاپا چېكىپ، ساڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن كىشىنىڭ ھەققىنى يۈزلەپ ئالتۇن بىلەنمۇ ئادا قىلغىلى بولمايدۇ›(ناۋايى) » دېگەننى چىرايلىق يېزىپ، كىتابنى كۆك قەغەزگە ئوراپ مۇئەللىمنىڭ ئىدارىسىگە چىقتىم. خاسىيەت مۇئەللىم ئالتۇن رەڭلىك كىچىك سائەتنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆرگەچ يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئىتتىك ئورنىدىن قوزغالدى. g}+|0FTV - ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم . 1GN^uia7 -ياخشى، سىزچۇ؟ )w].m -ياخشى ... بايرىمىڭىزغا ئاز بولسىمۇ سوۋغات تەييارلىغانىدىم. )9 Q+07 -ئاۋارە بولۇپ نېمە سوۋغات ئېلىپ يۈرگەنسىز، سىلەر ئوقۇغۇچى تۇرساڭلا، رەھمەت. <f7 O3 > -بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز ئالدىدا بۇ قانچىلىك نېمىتى؟ مەن دەرسكە چىقاي ...-مەن شۇنداق دەپلا ئىدارىدىن چىقىپ كەتتىم-دە، ئۆزۈمنى مۇئەللىمىمگە تۇنجى قېتىم كىتاب سوۋغا قىلغانلىقىمدىن بەختىيار ھېس قىلدىم. ^(;x-d3 ئەمدىكى خىيالىم خاسىيەت مۇئەللىم بىلەن ئۇ كىتاب ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈستىدىلا قالغانىدى. بىر كۈنى شۇ خىل ئۈمىدنىڭ ئۈندىشىدە مۇئەللىمدىن سورىدىم. t=7Gfv -مۇئەللىم ئۇ كىتابنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟ 2VV>?s -ياق تېخى، ۋاقىت چىقماي، پەقەتلا ئوقۇيالمىدىم جۇمۇ؟ قانداق دەيسىز؟ oRbWqN`F. -ئوقۇغان بولسىڭىز شۇ كىتاب ھەققىدە پىكىرلىشىپ باقايلى دېگەنىدىم. hrniZ^ -ھە... مەن كۆرۈپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن سىزگە خەۋەر قىلىمەن. ?c8~VQaQ شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە بىر خىل تەشنالىق بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم. يا مەن جۈرئەتلىك ھالدا:«كىتابنى ئوقۇپ بولدىڭىزمۇ؟» دەپ قايتا ئېغىز ئاچالمىدىم، يا مۇئەللىم بىر نەرسە دېمىدى. كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەييارلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. مېنى ۋە ئاپامنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى «مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ھەقسىز ئوقۇش چاقىرىقىنىڭ كەلگەنلىكى بولدى. !>Nlp,r&~ بىر يىلدىن كېيىن يازلىق تەتىلگە قايتقىنىمدا، ئاپام مېنى قۇچاقلاپ شۇنچىلىك يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەتراپىغا چۈشكەن قورۇق، قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان تېنى يۈرىكىمنى ئەزدى ۋە تەتىلدە بىرەر ئىش قىلىپ ئاپامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرۈۋاتقان كۈنلىرىمدە، فىرۇزە ساۋاقدىشىمىز ئەلفىرەنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. بىز قىزغىن ئەھۋال سورىشىپ كەتتۇق. ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭغا ياراشتىمۇ قانداق؟ ئۇ ئەسلىدىكىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇچىسىدىكى قىممەت باھالىق كىيىملەر ئۇنى تېخىمۇ پۇزۇر كۆرسىتەتتى. 'ON/WKJr|W -تېلېفون قىلايلى دېسەك، يا تېلېفون نومۇرۇڭنى تاپالمىدۇق،- دېدى ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، قاشلىق ئېتىلگەن قاشلىرىنى ئېتىپ قويۇپ. R6<'J?k -بىز تېخى تېلېفون ئورناتمىدۇق... $PMr)U -نېمە؟- ئۇ ھەيران بولۇپ بىرىدە ماڭا، بىرىدە قۇرۇق تۆت تامغا قارىدى،- ھازىر ئۆيىدە تېلېفون يوق ئادەملەرمۇ باركەن-ھە... s$(%]~P -تېلېفون بولمىغان زامانلاردىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىر ئوبدان ياشاپتىكەن، ئىشى بار ئادەم سىلەردەك ئىزدەپ تاپىدۇ، -دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئايىغىم چاققان، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن... gxhp7c182 -ئەجەب دەپ كەتتىڭ،-دېدى فىرۇزە ئوماققىنە پۇتلىنىپ قويۇپ. pqg2#@F. -بولدى بۇ گەپنى قۇيايلى، مەن چاي قىلاي... _L8&.=4]i -ئاۋارە بولما، بۈگۈن بىرنەچچە ساۋاقداشلار يىغىلىپ خاسىيەت مۇئەللىمنى يوقاپ كېلەيلى، دېيىشكەن ئىدۇق. Xf;!w:u -بولىدۇ، بارساق بېرىپ كېلەيلى، - شۇنداق دەپ بولۇپ«لاسسىدە» بولۇپ قالدىم. يەنە شۇ پۇلنىڭ ئىشى كاللامغا كىرىۋالغانىدى. E:rJi] -كىيىمىڭنى كىيە، مېڭىپ كېتەيلى، باشقا ساۋاقداشلار بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۆت كوچا ئېغىزىدا ئۇچرىشىمىز. بولمامسەن نېمىگە قاراپ تۇرىسەن؟ %>K(IRpMW -مەن كىيىم ئالماشتۇرمايمەن. مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە نېمە ئېلىپ بارىمىز؟ "0!#De -سەن باش قاتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ. بىز ئۇنى دېيىشىپ بولدۇق. jpi,BVTI-X ئۇنىڭ گېپىدىن خاتىرجەم بولدۇم ھەم ئارتۇقچە ياسالما-تۈزۈت گەپلىرىنى قىلىپ ئولتۇرمىدىم. M0m%S:2 فىرۇزەنىڭ خاسىيەت مۇئەللىمگە بۇنداق قىلىپ كېتىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىدا سەل چۈشەنگەندەك بولدۇم. فىرۇزەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تازا تەلىيى كەلگەنىدى. خاسىيەت مۇئەللىم كومىسسىيە بولغاننىڭ ئۈستىگە، مەن بىلەن بىر مەيدان بولدى. خاسىيەت مۇئەللىم ماڭا تاللاش سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى مەشىق قەغەزگە ئۇدۇللۇق يازدۇرۇپ، فىرۇزەگە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن يەتكۈزۈپ تۇردى. مېنىڭ كۈننى تاڭغا ئۇلاپ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھۇزۇرىنى فىرۇزەمۇ سۈرگەنىدى. Q8HNST($? خاسىيەت مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ئۇ گاز ياغلىقنى چىكىسىدىن چىڭ چىگگەن ھالدا ئۆي تازىلاۋاتقانىكەن. ئۇ بىزنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى. بىز مۇئەللىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭ بېلىكىدە فىرۇزەلەر ئالغان ئالتۇن رەڭ سائەت تېخىچە پاقىراپ تۇراتتى. QY+{ OCB ئۆينىڭ ھەشەمەتلىكىگە قاراپ، كۆزلىرىمىز چەكچىيىپ، ئېغىزلىرىمىز ئېچىلىپلا قالدى. ~%\vX -مۇئەللىم ئۆيىڭىزنى ئەجەب پەيزى ياساپسىز،- دېدى بىر ساۋاقدىشىمىز خرۇستال جازىسىدىكى ھەر خىل خرۇستاللارغا سىنچىلاپ قاراپ. 70avr)OM -ئۇنچىۋالا ئەمەس، شۇ ئەل قاتارى... a/E(GQ,, بىز قىممەت باھالىق جابدۇقلار بىلەن بېزەلگەن ئۆينى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ يۇڭ گىلىمى ئۈستىگە جايلاشتۇق. كۆڭلۈمنى تۇلىمۇ يېرىم قىلغىنى بۇ ئۆيدە كىتاب جازىسى تۇرماق، بىر پارچە كىتابنىمۇ ئۇچراتمىغىنىم بولدى. مەن تېخى بۇ يەرگە كەلگۈچە مۇئەللىمنىڭ كىتاب جازىسىدىكى كىتابلارنى تازا بىر كۆرۈۋالمىسام دەپ، ئويلاپ كېتىپتىمەن. ئەپسۇس... ئىچىمىزدە بۇ ئۆينىڭ ھەشەمەتلىكىگە ئانچە ھەيران بولۇپ كەتمىگەن فىرۇزەلا ئىدى. h(2{+Y+ -ئۆي ئىشى ماڭىلا قېلىپ...-دېدى مۇئەللىم شىرە ئۈستىگە تىزىقلىق تۇرغان يېمىشلەرنى قايتا بىر قۇر رەتلىگەچ. W[QgddR -ئادىلكام بىر يەرگە كەتكەنمۇ؟-دېدى فىرۇزە مۇئەللىمنىڭ گېپىنى بۆلۈپ. nkq{_;xp -كۈننىڭ كۆيگىنىنى كۆرىمىز دەپ قۇمۇلغا بالىنى ئېلىپ كەتكەن. مەن باراي دېسەم سىياسى ئۆگىنىش بار دەپ بارالمىدىم. ھە... بىر نەرسىلەردىن ئالغاچ ئولتۇرۇڭلار، مەن چاي قىلاي... }Bh\N5G% -مەن ياردەملىشىدىغان ئىش بارمۇ؟-دېدى فىرۇزە ئورنىدىن تۇرۇپ. CEk[&39" -بولدى ئولتۇرۇۋېرىڭ، ئۆزۈم يىتىشىمەن، يېتىشمىگەندە چاقىرىمەن. ;Qd'G7+ بىز چاي ئىچكەن بىرىدە ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ، بىرىدە نېپىز، كەڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزوردا قويۇلۇۋاتقان سەنئەت نومۇرىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇق. v-$X1s -ئىسكەندەرنىڭ ماتېماتىكا نومۇرى ئۆلچەمگە يەتمەي، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگىنىگە ئېچىنىمەن جۇمۇ؟ دەرستە ياخشىتى بولمىسا...قايتا ئوقۇماپتۇ... >Dv=lgPF -ئۇنداق ماتېماتىكا نومۇرى كەملەپ قالغان بالىلار ئازمىدى؟ \U]<HEc^ -ماتېماتىكىلا ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان پەن بولۇپ قالدى. 7T X$ بىر چاغدا مۇئەللىم ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ، مېنى چاقىرىپ قالدى. K0*er -دىلنۇر... U&kdR+dB -ھە... cL%eP. -يەر ئاستى ئۆيدىن سامساق بىلەن پىياز ئېلىپ چىقسىڭىز بولۇپتىكەن... كارىۋاتنىڭ ئاستىدا بار، توكنى يېقىپ ئاۋايلاپ ئالارسىز... سىزنى ئىشقا بۇيرۇپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، ھې،ھى،ھى... Z1H -ھېچقىسى يوق، -مەن ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى ئاچقۇچنى ئالدىم. Wi)N/^;n -401-ئۆي –ھە... توكنى ياقىدىغان يەر ئىشىكتىن كىرگەندە سول تەرەپتە... IL8&MA% -بىلدىم،- مەن ئاچقۇچنى ئېلىپ، كەينىمگە بۇرۇلدۇم. i/N6 8 خاسىيەت مۇئەللىمنىڭ:«سىزنى ئىشقا بۇيرۇپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن» دېگىنى توغرا ئىدى، مەن ئۇنىڭ تاپشۇرۇق نومۇرلىرىنى دەپتەرگە قوندۇرۇش، نەتىجە ئىشلەش... دېگەندەك ئىشلىرىنى ئۇنىڭ تەلەپ-ئۆتۈنۈشلىرىدە ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىپ بېرەتتىم. c1%ki%J# توكنى ياققىنىمدا ئۆي ئىچى «ۋاللىدە» يورۇپ كەتتى. يۈزى نېپىز سېرىق قاڭالتىردا نەقىشلەنگەن ساندۇق ئۈستىدە ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق ئاياغلارنىڭ كوروپكىلىرى ئۈستى-ئۈستىگە رەتلىك تىزىلغانىدى. تامغا قېقىلغان پولات مىخلارغا ئالىي دەرىجىلىك كىيىملەرنىڭ كارتون خالتىلىرى ئېسىقلىق تۇراتتى. ئۇ كوروپكا، خالتىلارنىڭ ئىچىدە كىيىم ياكى ئاياق بارمۇ، يوقمۇ؟ ئۇنىڭغا ئېرەن قىلماي، سول تەرەپتىكى تامغا يۆلەپ قويۇلغان كارىۋات ئاستىغا ئېڭىشتىم. ئۇنىڭدىن بىر باشتىن سامساق بىلەن پىياز ئېلىۋاتقىنىمدا، كۆزلىرىم كارىۋاتنىڭ كەينى پۇتى تەرىپىدىكى پۈرلەش بىر كىتابقا چۈشۈپ قالدى. يۈرىكىم كۆيگەندەك، نەپىسىم سىقىلغاندەك بولدى، قولۇمدىكى پىياز بىلەن سامساقمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن قولۇمنى كىتابقا ئۇزىتىپ، ئۇنى تەسلىكتە ئالدىم-دە، مېڭەم چىڭقىلىپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى. ئۇ مەن خاسىيەت مۇئەللىمگە سوۋغا قىلغان «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن كىتاب ئىدى. ئۇنى مەن بۇنداق تاشلىرى سۆكۈلگەن، ئالدى-كەينى بەتلىرى يىرتىلغان ۋە قىرلىرىنى چاچقان يەپ كەتكەن ھالدا ئۇچرىتارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. خاسىيەت ھەدەمنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدە كۆيۈۋاتقان قۇياشنى كۆرمەي، قۇمۇلغا كەتكىنىگە ئەپسۇسلاندىم. c_?!V مەن ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ، كىتابنى چىڭ باغرىمغا باسقىنىمچە، سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم. ئىچ-ئىچىمدىن ئاچچىق بىر يىغا قايناپ چىقىۋاتاتتى. مەن ئۇ كىتابنى خاسىيەت مۇئەللىمگە قانداق ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن سوۋغا قىلغان-ھە؟ ئەشۇ ئەسكى-تۈسكىلەرنى نومۇسنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ يىغقىنىم كىم ئۈچۈن ئىدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىدى؟ Ky7-6$ كەينىمدىن كىمنىڭدۇر بىرىنىڭ: p'SY 2xq-, -دىلنۇر...-دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئۇ ئاۋازدىن سەسكىنىپ كەتتىم. RV5;EM)~[ ئەتراپ بىردىنلا تۇتۇقلاشتى، قۇياش شۇ تاپتا تۇتۇلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن... كۆزلىرىمدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار ھېچ بىر توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى... t;%MSedn AQBr{^inH| 9NC6q-2 «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دىن (2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىدىن) 4s&koH(x مەنبە : ئۆزۈم |