رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قىسقا كەلگەن ياز       qukan --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> مۇھەببەت كەچمىشلىرى -> قىسقا كەلگەن ياز       qukan [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

qukan2011-04-27 23:47
قىسقا كەلگەن ياز %fBP:5%K  
(ھېكايە) 
 چۇقان
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما پەقەت ئانا تۇپراق مۇنبىرىگىلا خاس. باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
   {wHvE4F2  
     مۇقەددىمە ئورنىدا؛  ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئۆزەمگە ئايان، مەزكۇر تېما ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان سۆزلىك دۆۋىسى. مەن كەچمىشىمنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ باقتىم. ئەلۋەتتە، ھېكايىدىكى ۋەقەلىك راست بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك پېرسۇناژلار ۋە ئورۇن-جايلارنىڭ نامى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن. شۇ سەۋەپتىن ھېكايە ئاپتۇرىغا ئۆز ئىسمىمنى قوللانماي بۇرۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان تەخەللۇسىمدىن باشقىچە تەخەللۇس قوللاندىم. ھەرگىزمۇ كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمۈد قىلمايمەن. _TrZ'iL}T  
مەن ئىلگىرى ئانچە مۇنچە شېئىر، ماقالىلەرنى يېزىپ، بىر قانچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان بولساممۇ ھېكايە يېزىشىم تۈنجى قېتىم. شۇنداق بولغان ئىكەن ھېكايەمنىڭ مۇنبىرىڭلارنىڭ مۇنبەر ئاپتۇرلىرىغا قويغان تەلىپىدىن خېلى يېراق بولىشى تۇرغانلا گەپ. ھېكايەم تورداشلاردا مۇھەببەت،  نىكاھ،، ئائىلە، دوستلۇق قاتارلىق جەھەتلەردە قايتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولالىسا مەن بۇنى ئەبجەش ھىكايەمنىڭ ئۇتۇقى دەپ قارايمەن. مەن بۇ ھېكايىنى پەقەت قورسىقىمنى بوشىتىۋىلىش مەقسىدىلا يازغان، توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئالدىن تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن. Ca X^)  
     تورداشلاردىن يەنە تۆۋەنلىك بىلەن ئۆتىنىدىغىنىم شۇكى؛ ھېكايەمگە قارىتا ئىنكاس يازماقچى بولغان تورداشلارنىڭ ئىلمىي بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. D(!;VKH  
"~_$T@^k>  
JV&Zwbu  
4`$5_}j!  
lQh~Q<[ge  
<>VID E  
(x}A_ i  
hI*`>9l  
uW )\,  
رىشتىمىز ئۈزۈلمەي باغلاندى مەھكەم، J_|7$l/  
J`4Z<b53  
ئون يىللار ئازابلىق ئۆتسىمۇ شۇنداق. ix:2Z-  
Rq"VB.ef&{  
ئەسلەيمەن يۈرەكتىن سېغىنىپ يارنى، vz- 9<w;>a  
F~*zC`>Y  
ئاھ ، تەڭرىم! ئېيتقىنا تەغدىرىم  قانداق. ?Y%}(3y  
3(MoXA*  
j[_t6Z  
[|y`y%  
   p 7, f6kG  
     2006- يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. نەچچە يىلدىن بېرى كېسەل تارتىپ، بۇ قېتىممۇ يەنە دوختۇرخانىدا سەللىمازا ساقىيىپ چىققان ئايالىمنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە تېخىمۇ ياخشى بوپ كېتىشى ئۈچۈن يۇرتىمىزدىن ئانچە يېراق بولمىغان ئارشاڭغا چوڭلار بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيدە بالىلارغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم. km9Gwg/zT  
\)FeuLGL9  
      بۈگۈن ھاۋا باشقىچىلا شۇنچە دېمىق، بالىلار سېرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۆيدە تېلىۋېزۇر كۆرۈشكىمۇ خوشياقماي كاڭدا تورۇسقا قاراپ تەگسىز خىياللارغا غەرق بولغان ئىدىم. تۇيۇقسىز ئۆي تېلىفۇنۇم جىرىڭلاپ خىياللىرىمنى بۆلدى. تېلىفۇننى ئىلىشقا ئېرىنىپ خىياللىرىمنى داۋام ئەتتىم. بىر ئازدىن كېيىن تېلىفۇن يەنە سايرىدى. بۇ قېتىم خاپىغان ھالدا، سەل تۇرۇۋېلىپ ئېرىنچەكلىك بېلەن تورۇپكىنى قولۇمغا ئېلىشقا تەمشەلگىنىمدە تېلىفۇن ئۈزۈلدى. تېلىفۇن ئېكرانىغا قارىسام شەھەرنىڭ ناتونۇش مۇقىم تېلىفۇن نومۇرى. تەئەججۇپ ئىلكىدە قارشى تەرەپكە تېلىفۇن قايتۇردۇم. Tnf&pu#5  
d#E(~t(^  
      - ئەسسەلامۇئەلەيكۇم. =s`XZkh  
uwH)$Pl  
      - ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام. _TtX`b_Z  
" ]aQ Hh]f  
     قارشى تەرەپنىڭ ، -<<ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام>>، دېگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەر ئىككەيلەننىڭ زۇۋانى تۇتۇلدى. يۈرىكىم دەھشەت سوقماقتا.  تېلىفۇننى ھېلى بېرى تارتىۋالىدىغاندەك بارماقلىرىم تېلىفۇن تورۇپكىسىنى بارغانسىرى چىڭ قاماللىماقتا. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن تاڭ، خېلى ۋاقتتىن كېيىن قارشى تەرەپ سۈكۈتنى بۇزدى. s>LA3kT  
 -0{T  
      - شاكىر ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ x*NqA( r  
Mr$# e  
      - ھە، ھە ياخشى تۇردۇم، رەيھان ئۆزىڭىزچۇ؟ ~sZqa+jB0  
GwTT+  
      - ھە مەنما؟ مەنمۇ ياخشى، ئاللاغا شۈكرى، موشۇنچىلىك تۇردۇم. suA+8}o]  
D=jS h  
|z.Gh1GCy  
       شۇ قېتىمقى تېلىفۇن سۆھبىتىدىن بىلدىمكى؛ رەيھان ئەينى چاغدا دادىسىنىڭ، -<<دەسلەپتە بىز خاتالاشتۇق، كېيىن سەن تاغدەك ئىشەنگەن <ئەپەندىم>مۇ يالتايدى، ئەمدى بۇ قېتىم كەلگەن لايىققا ماقۇل بولمىساڭ باققىنىمغا رازى ئەمەس>>؛ ئاپىسىنىڭمۇ، -<<قىز بالا دېگەن ھامان بىرىگە ياتلىق بولىدىغان ئىش، مەنمۇ داداڭنى كۆرمەي تۇرۇپ توي قىلغان، بۇ قېتىم گىپىمىزگە كېرمىسەڭ بەرگەن سۈتۈمگە رازى بولمايمەن، يەنە ئەخمىقانە ئىش قىلىپ يۇرسەڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن>> دېگەن بىسىمى ئالدىدا ئاخىرى تەقدىرىگە تەن بېرىپ، ناتونۇش يېگىت بىلەن ئامالسىز توي قىپتۇ. ھالا بۈگۈنكى كۈندە خالىمىسىمۇ بىر بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ بوپتۇ. ئۇنىڭ تېلىفۇندىكى گەپ- سۆزلىرى تىترەپ چىقاتتى. ;n% ]*v  
     - شاكىر ئەھۋال شۇ، بىراق مەن تا بۈگۈنگە قەدەر بىر كۈنمۇ سىزنى ياد ئەتمەي قالمىغىنىم يوق. مېنى كەچۈرۈڭ، ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان چاغدىلا سىزنىڭ قېشىڭىزغا بارسام بولاتتى، بېراق ئۇنداق قىلالمىدىم. بېلىمەن، سىز  مىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيسىز. ?|D$#{^  
     - ياق رەيھان. مەن بىر ئەركەك تۇرۇپ ئەينى چاغدا ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىدىم، ھەممە سەۋەنلىك مەندە. ئۆزىڭىزنى ئەيبلەۋەرمەڭ. <m?GJuQ'  
     - توغرا، ھەممە سەۋەنلىك سىزدە. ئەينى چاغدا بىز سەيلىگاھقا ئوينىغىلى چىققاندا  جۈرئەتلىك بولغان بولسىڭىز بەلكىم بۇ قىسمەتلەرمۇ بولماس ئىدى! @N,:x\  
ئۇ شۇنداق دەپلا سوزۇپ كۈلۈشكە باشلىدى، بىراق ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن بىر خىل قايغۇ، مۇڭ، ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. s-QM 6*  
     - رەيھان ئۇ كۈندىكى جۈرئەتسىزلىكىمنى مەڭگۈ سۆيگۈ گۈلىمىزنى بىرلىكتە ئىچىلدۇرالمىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى دەپ قارىمايمەن.. ئۇنداق قىلىش مېنىڭ تۇرمۇش قارىشىم ۋە ئەخلاق مېزانىمغا زېت... FZ[@])B  
     - شاكىر مېنىڭ يانفۇن نومۇرۇمنى خاتېرىۋىلىڭ؛ ...138، سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى خېلى بۇرۇندىنلا بېلەتتىم، ئەگەر خالىسىڭىز يانفۇن نومۇرىڭىزنى خاتېرىلىۋالسام. رەيھاننىڭ ئايالىم بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا ئۇلار بۇرۇندىنلا ئالاقىلىپ كىلىۋېتىپتىكەندۇق. xI=}z  
     - بولىدۇ، خالىسىڭىزلا.  ...137. +")qi =  
     - رەيھان سىز بۇ شەھەردە نېمە قىلىپ يۇرىيسىز؟ مەن سىزنى   xxناھىيىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. 7P3 <o!YA  
     - شاكىر مەنمۇ دەل موشۇ ئىش تۈپەيلى سىزگە تېلىفۇن قىلغان. سالامەتلىكىم خېلىدىن بېرى ياخشى ئەمەس. قانچىلىك ئۆمرۈم قالغىنىنىمۇ بىلمەيمەن. بىر نەچچە ئايدىن بېرى موشۇ شەھەردە داۋالىنىۋاتىمەن. w$w>N(e  
     - ... .8u$z`j  
     - ...  ئايان بولدىكى ئۇنىڭ 10 يىلدىن بېرى بىرگە ئۆي تۇتۇپ كەلگەن يولدىشىغا تا بۈگۈنگىچە كۆڭلى چۈشمەپتۇ. پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا بۇ مەنىسىز تۇرمۇشقا ، -ماقۇل، دەپ ياشاۋېتىپتۇدەك. گەرچە يولدىشى ئۇنى ساقسىز دەپ ئۆينىڭ ئاش-تاماق، كېر-قاتلىرىنى ئاساسەن ئۆز ئۈستىگە ئالسىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى، - پەقەت بىر ئوغلۇمدىن باشقا ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايمەن، ئاجرىشىپ كېتەيلى، دېگەن تەلىپىدىن ۋاز كەچمەپتۇدەك. ئاخىرىدا ئۇ مۇۋاپىق كۆرسەم يانفۇن بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىمىزنى، مۇمكىن بولسا مېنى بىر قېتىم قېنىپ كۆرۈۋېلىشتەك ئاددىي ئارزۇيىنى قاندۇرۇشىمنى بەكلا ئۆتىندى. ئۇ گەرچە ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ سۆزلىرىدىن بۇ ئۆمرىدە مەن بىلەن بىر قېتىم بىرگە بولۇشقا پۇرسەت بولسا گۇناھكار بولۇشقىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى نەچچە رەت پۇرىتىپ ئۆتكەن ئىدى. '5|Q<5!o  
     - ... &"U9X"8b  
oV0LJ%  
     - ... [;>zqNy  
Sqp;/&Ji  
     سۆھبىتىمىز قانچىلىك داۋاملاشتىكىن بىلمەيمەن، ئەمما شۇ ئايدا پوچتا تېلىگراف شېركىتىگە ئۆي تېلىفۇنى ئورناتقاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ھەق تاپشۇرغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. eT7!a']x  
;n(#b8r9  
X_lUD?y  
     رەيھان بىلەن مۇناسىۋېتىمىز ئۈزۈلگەن 10 يىلدىن بېرى مانا بۈگۈن قانغۇدەك مۇڭدىشىپتىمەن. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ باشقا بېرىنىڭ نېكاھىدىكى بىر ئايال بىلەن ئالاقىلىشىپ يۇرسەم كەسپىي ئەخلاقىمغا، شەرىئەتكە يۈز كېلەلەمدىمەن؟ باشقىلار بىلىپ قالسا قانداق تونۇيدۇ؟ ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ئورۇندىشىم كېرەكمۇ؟ تەپەككۇرىم چېچىلدى، نېرۋىلىرىم قاتتىق زېڭىلداپ ئاغرىيتتى. دەرھال ئايالىمدىن خۇپىيانە كېيىم ئىشكاۋىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان ھارىقىم ئىسىمگە كەلدى-دە بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنى ئىلىپ چىقىپ، چىنىگە قۇيۇپ بىراقلا كۆتىرىۋەتتىم. بېشىمنىڭ ئاغرىقى سەل قويغاندەك بولدى. زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ توغرا، ئادىمىگەرچىلىك نوقتىدىن ئالغاندىمۇ ئۇنى يوقلاپ قويۇشۇم ئەقەللىي ئىشقۇ. ئەتىسى ئۇنى يوقلاپ بېرىش قارارىغا كەلدىم ئەمما ئايالىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن 2 بالامنىمۇ بىرگە ئىلىۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. n/9 LRZD|w  
AijPN  
9[epr+f  
مەنبە: ئاچچىق كەچمىش }<("0jC  
otmIu`h  
jRv;D#Hp  
داۋامى ئاستىدىكى ئىنكاس قەۋەتلىرگە يوللىنىدۇ  .....  

qukan2011-04-27 23:51
2-قىسىم ,39$iHk  
  *Y^Y  
بالىلقتىن ئۆتتۈم يېگىتكە، d'g{K]=tF  
سەھرايىمدا بىغۇبار ئۆسۈپ. d~z<,_ r5c  
ئارامىمنى بۇزدىڭ شۇنىڭدىن، p-(ADQS  
دىل خانەمگە كېرىپلا بۆسۈپ.
On96N|  
~RR_[t2Z  
  B'BbTI,  
      مەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان، ئىككى يېقىدىن پارالل ھالدا سۈپ-سۈزۈك بۇلاق ۋە تاغ سۇلىرىنىڭ شاۋقۇنى بېلەن  ئىككى دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ھاۋاسى ساپ، خەلقى ئىشچان خىلۋەت بىر يېزىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم. ئۆيىمىز يېزىمىزنىڭ شەرقىدىن، شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ئاقىدىغان دەريانىڭ شەرقىي قېرغىقىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان، يېزا مەركىزىدىن خېلىلا يېراق، ساناقلىقلا ئائىلىلىكتىن تەركىپ تاپقان خىلۋەت، كېچىك بىر مەھەللىدە بولۇپ دەريانىڭ غەربىدىكى كەنتكە قاراشلىق مەھەللە ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتۈرۈپ، 1986- يىلى 4 نەپەر ساۋاقدېشىم بىلەن بىرلىكتە مەھەللىمىزدىن 7 - 8 كېلومىتىر يېراقلىقتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدىم. woH3?zR  
      مەن كېچىگىمدىن باشلاپلا كەم سۆز، باشقىلار بېلەن ئانچە ئارىلاشمايدىغان، مەكتەپكە بېرىپ -  كېلىشتىمۇ يالغۇز بېرىپ كىلىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. 1988- يىلى ئىيۇن ئىيىنىڭ مەلۇم ھەپتىسىنىڭ ئاخىرقى ئوقۇش كۈنى. مەكتەپتىن قايتىپ مەھەللىمىزگە ئۆتىدىغان دەريا بويىغا كېلىپ قارىسام كەلكۈن سۇيى مەھەللىمىزگە ئۆتىدىغان بىردىنبىر ياغاچ كۆۋرۈكنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ. ئايىغىمنى سېلىپ ۋېلسىپىتىمنىڭ كەينىگە ئىسىپ بولۇپ، ئىشتىنىمنىمۇ سالاي دەپ تۇرسام كەينىمدىن بىر شەپە بولۇپ قالدى، قارىسام  باشقا كەنتلىك بىر قىز ئوقۇغۇچى تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىنىمنى سېلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنى يۇقىرىغا كۈچەپ تۈرۈپ، ھېسام ئاكىمىزنىڭكىدەك مېنسەملا ھەممە يېرى جىرىڭشىيدىغان ۋېلسىپىتىمنى مۈرەمگە ئەپچىللىك بېلەن ئارتتىم-دە تېيىز يەر بىلەن دەريادىن ئۆتۈشكە باشلىدىم. نەچچە قەدەم ئېلىۋىدىم قىزنىڭ ئاۋازى كەلدى. 4iPua"8  
      - ھوي بالا. k~9Ywf  
      - ھە. KxTYc  
      - سىز مەكتىۋېمىزدە 2 - يىللىقتا، پازىل مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇيسىزغۇ دەيمەن. قىزغا سىنچىلاپ قاراپ، ئۇنىڭ مەكتىۋېمىزدە مەندىن تۆۋەن يىللىقتا، قايسىبىر سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىلغا قىلدىم. Kn9=a-b?,  
     - شۇنداق. t+)GB=C  
     - خاپا بولماي مېنىڭ ۋېلسىپىتىمنىمۇ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز. ,IVr4#w0=  
     - ھە بولىدۇ، قايتىپ كېلەي. ئۇنىڭ كېيىنىشى، ۋېلسىپىتى، سۆزلىرىنىڭ تەلەپپۇزىدىن ھال كۈنى خېلى ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ۋېلسىپىتىمنى دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىغا قويۇپ قويۇپ، يەنە سۇ كېچىپ ئۆتۈپ قىزنىڭ قېشىغا كەلدىم. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئايىغىنى سېلىپ تەييار بولۇپ تۇرغانىدى. ياز ئايلىرى كېلىپ قالغان بولسىمۇ يۇقىرى ھاۋزىدىكى بۇلاق ۋە ئېرىندى قار سۇيىدىن ھاسىل بولغان دەريا سۇيى بەك سوغۇق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقىممۇ ئاچ، لاغ - لاغ تېترەشلىرىمنى چاندۇرماسلىققا تېرىشىپ، قىزنىڭ ۋېلسىپىتىنى مۈرەمگە ئارتتىم. قىز ۋېلسىپىتىنىڭ كەينى جازىسىنى تۇتۇۋېلىپ كەينىمدىن ئەگەشتى. دەريادىن ئۆتۈپ  پۇشقىقى ھەتتا تېزىمنىڭ يۇقىرىغىچە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىشتىنىمدىكى سۇنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سېرىپ، ئايىغىمنى ئاران كېيىپ ئۈلگۈردىم. ھەرىكەت قىلىپ ئازراق ئىسسىش ئۈچۈن ۋېلسىپىتىمنى يېتىلەپ ئىلدام ماڭدىم. قىزمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. $b71  
      - رەھمەت سىزگە. سىز بولمىغان بولسىڭىز كەينىمگە يېنىپ ئۆيگە قايتىپ كىتەركەنمەن. سىز ھەر كۈنى سۇ كېچىپ مەكتەپكە بارامسىر؟ K/.hJ  
     - ياقەي، كۆۋرۈك بار ئىدى، كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن چېغى. بۇنداق ئەھۋال دائىم بوپ تۇرىدۇ. iN9!?Ov_  
     - بۇندىن كېيىن مەكتەپكە بېرىشتا قانداق قلىسىز؟ Nxs%~ wZ   
     - ئەتىگەندە چوڭلار ئېشەك بىلەن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، كەچتە ئۆزۈم كېچىپ ئۆتىمەن. +uGP(ONY  
     - ۋېيەي، چەت يەر دېگەننىڭغۇ شۇ. yI|?iBc7nC  
     - ئۇنىڭغا شۇنداق قارىدىم. ئۇ قىز خاتا گەپ قىلىپ قويغىنىنى ھېس قىلدى بولغاي، سول قولى بىلەن ئېغىزىنى توسۇۋېلىپ، قەدىمىنى توختاتتى. مەن ۋېلسىپىتىمنى مېنىپلا يولۇمغا راۋان بولدۇم  ئەمما نىمىشقىدۇ قەلبىمنى يەنە  بىر خىل خۇشھاللىق قاپلاپ، ئىختىيارسىز ناخشا ئېيتقۇم كىلىپ كەتتى. A[,"jh  

qukan2011-04-27 23:52
3-قىسىم k(^b  
Ki\jiflc7  
جىمجىتقىنا سەبى قەلبىمگە، !9Xex?et  
مۇھەببەتنىڭ ھىدىنى چاچتىڭ. '*.};t~;"d  
ئوماققىنە شوخلۇقۇڭ بىلەن، ?7s  
خىيالىمنى ئۇغۇرلاپ قاچتىڭ. I9aber1  
:/Zh[Q@EG  
     p 1fnuN |,  
ئېسىمنى بىلسەم دادام زادىلا مەھەللىدىكى ئولتۇرۇشلارغا قاتناشمايدىغان، يەر جاھان ئەمدىلا ئىللىشقا باشلىغان ئاپرىل ئايلىرىدىن تاكى ئۆكتەبىر ياكى نويابىر ئايلىرىدا تۈنجى قار چۈشۈپ،يەر-جاھان توڭلىغىچە دەريا بويلىرى، تاغ ئىتەكلىرىدە ئورمان ئەھيا قىلىش، بىنام يەر ئىچىش بىلەن ئەمگەكتىن بېكار بولمايدىغان ئادەم ئىدى. ئائىلىمىزدە قىشتىن يازغىچە چوڭ-كېچىك ئىشلار ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى. مەن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتۈرگىچە ھەر كۈنى مەكتەپتىن كەلسەملا ياكى دەم ئىلىش، بايرام كۈنلىرى دادام - <<قويلارنى چىقىرىپ ئوتلىتىپ كەل!>>،  ياكى - <<تاغ باغرىدىكى ئورمانغا سۇ قۇيۇپ كەل!>>، ۋە ياكى - <<دەريا ياقىسىدىكى ئورمانننىڭ ئېرىقىنى چېپىپ كەل!>> ، دەپ بۇيرۇق بېرەتتى. - دادا ئۆگىنىشىم بار ئىدى، دېسەملا شاپىلاق تەييار ئىدى. بەزى كۈنلىرى شاپىلاق بېرىپ بولۇپ كەينىدىنلا، - بالام مەھەللىمىزدىكى ئالىمكاڭمۇ ئايدا 60-70 يۈئەنگە خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئەپەندى. سەن ھەر قانچە ئوقۇپ شۇنچىلىك ئەپەندى بولارسەن. ئويلاپ باق، سەنمۇ بىر كۈنلەردە چوڭ بولۇپ مەندەك بىر ئائىلىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى زىممەڭگە ئالىسەن. 60-70 يۈئەن بىلەن قانداقمۇ بىر ئائىلىنى قامدىغىلى بولسۇن. شۇڭا بالىنىڭ چوڭى بولغاندىكىن ئۇكىللىرىڭغا ئۈلگە بولۇپ، ماڭا ياردەملەش... دەپ بەزلەپمۇ قوياتتى. بەزىدە بېرىش-كېلىشىمىز قويۇق خۇلۇم - خوشنىلار دادامنى - <<ئارۇپ جېنىڭنى نىمانچە قىينايسەن؟ يەر ئىسلاھاتىدا ئاتا-بوۋاڭ يېرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك يېرى مۇسادىرە قىلىنىپ نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ بىئەجەل ئۆلۈپ كەتتى.   كوممۇنادا ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە سەنمۇ ئاتا-بوۋاڭنىڭ سىنىپى تەركىبى بويىچە ئايرىلىپ نېمىلەرنى كۆرمىدىڭ؟ جېنىڭنى مۇنچە قىينىما. كىم بېلىدۇ، ئىسلاھات دەپ قويۇپ نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە يەر ئاچقانلارنىڭ ئاللا توۋىسىنى چىقىرىۋېتەمدۇ يەنە...>>، دېسىمۇ  باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپ قويۇپ ئۆزى بىلگەننى قېلىۋېرەتتى. ئائىلىمىزدىكى ئايىغى چىقماس ئىشلارنىڭ تولىلىقىدىن بولسا كېرەك، مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۆيدە بىرە قېتىم ئۆگىنىش قىلغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ھەر كۈنى دادام باندات نامىزىدىن كەلگۈچە مەكتەپكە يول ئىپ بولاتتىم. Fm{y.URo  
     1989- يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەھەللىمىزدىن 10 نەچچە كېلومىتىر يېراقلىقتىكى، يېزا مەركىزىدىكى بىردىنبىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى مىڭ تەستە قولغا كەلتۈردىم. باشلانغۇچتىكى 4 نەپەر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۈچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە نەچچە ئاي ئوقۇپلا، بىرى تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا توختاپ قالدى. توغرىسىنى دېسەم، مەن ئائىلىمىزدىكى ئايىغى چىقماس ئىشلاردىن قېچىپلا ئوقۇشۇمنى قەتئىي داۋاملاشتۇردۇم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشۇمنىمۇ نەچچە قېتىملىق تەستەكلەرگە چىداش بەدىلىگە ئاندىن قولغا كەلتۈردىم. شۇنداقتىمۇ خۇشھال ئىدىم. w| # 79,&  
      ھەش - پەش دېگۈچە 1992- يىلى كېرىپ، ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بېرىش ۋاقتىمۇ قىستاپ كېلىۋاتاتتى. دەرس تەكرار قىلاي دېسەم ئىلگىرىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىمنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇنلا قىش پەسلىدە مەشكە تۇترۇق ياكى باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىدىن ئاشمايلا دادامنىڭ ياردەمچىللىرىگە ئايلانغان ئىنىللىرىمنىڭ پاخپىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا دۆلەتلىك ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلىشتا بەكمۇ قىينالدىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ، بىر قىزنىڭ  ۋېلسىپىتىگە مىنىپ مەن بېلەن ياندىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىغا ئىختىيارسىز كۆز تاشلاپ 4  يىل ئىلگىرى دەريا بويىدا ئۇچرىشىپ قالغان ھېلىقى قىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ بىر ئەقىل تاپقاندەك بولدۇم . ئۇدا بىر نەچچە ساۋاقدىشىمدىن سوراپمۇ لازىملىق ماتېرىيال ئالالمىغان ئىدىم. ئەتىسى زور غەيرەت بىلەن ھېلىقى قىزنى چۈشلىك تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئىزلىمەكچى بولدۇم. مىنىڭچە بولغاندا ئۇ ھازىر تولۇق Ⅱ يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى كېرەك ئىدى. مەكتەپ ئاشخانىسىدىن چۈشلىك تاماقنى يەپ بولۇپ،  بىر قارارغا كېلەلمەي سىنىپ بېناسىنىڭ ئالدىدا مەقسەتسىز مېڭىپ يۇرسەم بىر چاغدا ھېلىقى قىز ئاسماندىن چۈشكەندەكلا توساتتىىن ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇنى كۆرۈپ گەپ قىلىشقا تەمشەلدىميۇ گېپىمنى قىلالمىدىم. قېرىشقاندەك ئۇ ماڭا تېكىلىپلا قاراپ تۇراتتى. ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم. pc>R|~J{2  
     - خاپا بولماڭ، ئىسمىڭىز ؟     - رەيھان. قىز چاقماقتەك جاۋاب بەردى. سىزنى بېلىمەن، سىز شاكىر ئاكامغۇ. 7%WI   
     - ر ر ر رەيھان، سىز ھازىر Ⅱ يىللىققتا ئو ئوقۇيسىزغۇ دەيمەن. بۇ قىز بېلەن پاراڭلىشىپ تۇرشىمدىن باشقىلارنىڭ ئۆسەك گەپ تېپىشىدىن ئەنسىرىگىنىمدىنمۇ نېمىشقىدۇر تېلىم كالۋالىشىپ، يۈزۈم قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. ~=Sr0+vV  
     - شۇنداق. سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ IHfqW?  
     - مەن يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئىنتاھان بېرىمەن. ئىلگىرىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىمنى ساقلاپ قويمىغاچقا تەكرار قىلىشتا بەكمۇ قىينىلىۋاتىمەن، مۇمكىن بولسا سىز ماڭا ساقلاپ قويغان ماتېرىياللىرىڭىزنى ۋە ھازىرقى ماتېرىياللىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ نەچچە كۈندىن ئارىيەت بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟ s=+G%B'  
     - ۋېيەي ما بالىنى. قېنى دەڭ. سىزگە ھازىر قانداق ماتېرىياللار كېرەك؟ XoOe=V?I )  
     - ھازىر ماڭا ئەڭ زۆرۈر بولغىنى تولۇقسىز 3 يىللىقنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسلىك ماتېرىيالى بەكمۇ كېرەك ئىدى. D':A-E  
     - خاتىرجەم بولۇڭ، مەندە سىز دېگەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى بار. مەن ئىلگىرىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىمنى ئۆز پىتى ساقلاپ قويغان. بۈگۈن مەكتەپتىن قايتىشتا كۈندىكىدەك بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتىسىز، بىللە قايتايلى، مەن سىزگە ئەپچىقىپ بېرەي. !Zx>)V6.  
     - رەخمەت، ئەتە مەكتەپكە ئالغاچلا كەلگەن بولسىڭىز. umYdr'p!v  
     - ماقۇل، ئۆيدىن ئىلىپ ماڭسىڭىز نېمە بولاتتى. چەت يەرلىك دېگەللەرغۇ شۇ. ئۇ بۇ گەپنى قىلىپ ئۆتكەنكىدەك خىجىل بولماستىن قاقاھلاپ كۈلگىنىچە سىنىپ بېناسىغا كېرىپ كەتتى. بۇ قېتىم مەن ئاچچىقلاپمۇ كەتمىدىم. ئەتىسى ئەتىگەن كېلىپ سىنىپ بىناسىنىڭ ئالدى يان تەرىپىدە ئۇ قىزنى ساقلاپ تۇردۇم. To95WG7G  
     - ھوي شاكىر ئاكا، بۇلبۇلنى ساقلاۋاتامسىز نېمە؟ ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بېلەن كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەچ سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان 4-5 پارچە كېتابنى ماڭا سۇندى. Bf'(JJ7&N  
      - ياقەي ، كې كې كېمۇ ئۇ بۇلبۇل دېگەن؟ #{a<{HX  
     -ئارتۇقچە ئويلىماڭ، چاخچاق قىلىپ قويدۇم. I-I5^s  
     - رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم، خاتىرجەم بولۇڭ، تېزلا قايتۇرۇپ بېرىمەن. خوش. _\zf XHp  
شۇندىن باشلاپ رەيھان مەن ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەمىنلەپ تۇردى. ئۇ ئالغاچ كەلگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە بەزىدە ئەسلىدە مەن بۇيرىمىغان، سىنىپىمىزدا ساناقلىقلا بالىلاردا بار لۇغەت، كىتاپخانىدىن يېڭىلا سېتىۋىلىنغان ئالىي مەكتەپ تەقلىدىي ئىمتاھان تەكرار ماتېرىياللىرىمۇ چىقىپ قالاتتى. ئۇنىڭدىن -بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دەپ سورىسام، - مەنمۇ كېيىنكى يېلى ئىنتاھان بېرىمەن، شۇڭا ئالدىنئالا كۆرۈپ تۇراي دەپ ئەپ قويغان، ھازىرچە سىز كۆرۈپ تۇرۇڭ، مۇبادا ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدىن ئۆتەلمەي قالسىڭىز پۇلىنى ھەسسىلەپ تۆلىتىۋالىمەن، دەپ چاخچاق قىلىپمۇ قوياتتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئۈچۈن سېتىۋالغىنى ئېنىقلا ئىدى. hCrgN?M z  
      كەلگۈسى تەقدىرىمىزنى بەلگۈلەيدىغان دۆلەتلىك ئىنتاھان يېقىنلاپ كەلگەنسىرى بىر قىسىم ساۋاقداشلار ئىچىدە تولۇقسىزدىن باشلاپلا ئەۋج ئالغان <<مۇھەببەت>> تۇتۇش قىزغىنلىقى موشۇ كۈنلەردە ئەۋجىگە چىققان ئىدى. مەندەك بىر <<راھىب>> بۇنداق <<مەكتەپتىكى مۇھەببەت>>تىن يېراق بولساممۇ بېراق ساۋاقداشلىرىم سىنىپىمىزدىكى مىجەزى تۈپتىن ماڭا ئوخشۇمايدىغان، كىچىگىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، دائىم كۈلۈپلا تۇرىدىغان، ئۇز يۈزلىك،  شوخ قىز زېبانى ماڭا سايە قىلىشاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ قىزنىڭ كۈلكىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلەتتى، مەن بولسام بۇنداق سورۇندىن ئايرىلاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيىسىدىن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ماڭا مەيلى بارلىقىنى ھېس قىلساممۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرۈۋېرەتتىم. مەن ئۇ قىزنىڭ دائىملا، ھەممىگە ئوخشاشلا كۈلۈپلا يۈرىشىدىن بەكمۇ بېزار ئىدىم. _L ].n)b  
      بىر كۈنى بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتاتتىم. زېبانى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئالدىمىزدا كېتىپ بارغان بىر نەچچە قىز ساۋاقداشلار توساتتىن قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتى، دەرۋەقە زېبانىڭ كۈلكىسى ھەممىنى بېسىپ قاتتىق چىقىۋاتاتتى. ساۋاقدىشىم ئەسقەر -قارا شاكىر ، زېبا ساڭا قاراپ كۈلىۋاتىدۇ، دەپ چاخچاق قىلىۋېدى مەن ئۇنىڭ چاخچىقىغا ئەمەس بەلكى زېبانىڭ چوڭ كوچىدىلا شۇنداق قاقاھلاپ كۈلىشىدىن قاتتىق بېزار بولغاچقا ۋېلسىپىتىمنىڭ پېدالىنى كۈچەپ تەپكەنچە ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئىلدام يۈرۈپ كەتتىم. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن زېبا كۆزۈمگە ئىنتايىن سەت كۆرىنىدىغان بولۇپ قالغاچقىمىكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن شۇنداقلا پاراڭ قىلىشتىنمۇ ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. 5irOK9hK  
      رەيھاندىن ماتېرىيال تولۇقلاش جەريانىدا ۋە مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش يولىدا ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى خېلى قورۇنماي پاراڭلىشىدىغان بولۇپ، پارىڭىزمىز بارغانسىرى چۇڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتاتتى. قەلبىمدە ئۇنى پات-پات كۆرۈپ تۇرۇش ئىستىكى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتاتتى. مەن بۇ ئىستەكنى ئۇنىڭغا ماتېرىيال تېپىپ كېلىش باھانىسىدا خالىغان ۋاقتتا ئەمەلگە ئاشۇراتتىم. بىر كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسىدىن چىقىشىمغا رەيھان ناھايىتى سۇلغۇن چىراي ساقلاپ تۇرۇپتۇ. :4dili4|/  
      - رەيھان نېمە بولدىڭىز؟ بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ ubw ]}sfM#  
     - ياق! دوق قىلىپ جاۋاب بەردى ئۇ. bBf+z7iyc  
     - ئۇنداقتا.......... sQ$FtKm6  
     - شاكىر ئاكا راستىنى ئېيتىڭ، بولمىسا سىزدىن رەنجىپ قالىمەن. nK[$ID  
     - قېنى سوراڭ. :0l(Ll KD  
     - سىز كەلگۈسىدە راستىنلا بۇلبۇل بىلەن توي قىلامسىز؟ 1vr/|RWW  
     - بۇ، بۇ، بۇ نېمە گەپ؟ كېمۇ ئۇ بۇلبۇل دېگەن؟ كىم شۇنداق دەيدۇ؟ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم. &W%TY:Da|  
     - بىزنىڭ سىنىپتىكى بۇلبۇلنى تونۇيدىغانسىز؟ 8~bPoWP  
     -بۇلبۇل غىنىنى دەمسىز؟ شۇنداق تونۇيمەن. spf}{o  
     - ھە شۇ. ئۇ بايا مەن بىلەن سوقۇشۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا - سەن شاكىر ئاكام بىلەن ئەمدى ئارىلاشما، سەن ئۇنىڭغا ماتىرىيال يەتكۈزۈپ بېرىپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ بىلىپ قوي! شاكىرنىڭ دادىسى بىلەن دادام قىيامەتلىك دوستلاردىن. ئاپامنىڭ دېيىشىچە شاكىرنىڭ دادىسى شاكىرغا مېنى ئەپ بېرىدىكەن، شۇڭا سەن ھۇشىڭنى تېپىپ موشۇ يەردە توختاپ قال، دەيدۇ دەپ كەينىدىن ئۈنىنى چىقارماي بۇقۇلداپ يېغلىغىلى تۇردى. مەن ئەتراپتا 10 نەچچىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە قاراپ تۇرغۇنىنى كۆرۈپ، رەيھاننى بەزلىگەچ سىنىپ بىناسىغا كېرىپ كەتتىم.  مۇناسىۋېتىمىز بۇرۇنقىدەكلا داۋام قىلىۋەردى.

qukan2011-04-27 23:53
4- قىسىم }K/[3X=B  
ecb[m2z  
</fnbyGR  
تەنھا يۈرىكىم تىپىرلاپ ئۈنسىز، f?]cW h%  
نېمىگىدۇر  ئىنتىلەر ھامان. 3K'3Xp@A  
ھەر كۆرگەندە سىنى ۋە لىكىن ، e'jR<ln|  
گاچا كەبى تۇرار ھەر زامان.
    j>6{PDaT  
TiOvrp7B  
   تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش  ئىنتاھانىمۇ ئاياقلىشىپ، تەقەززالىق بىلەن ئىنتاھان نومۇرىنى كۈتىدىغان كۈنلەرمۇ كەلدى. مەن ئەينى چاغدا،  ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋېلىگە بىردىنبىر تولدۇرغان، يېزىمىز قاراشلىق شەھەردىكى پېداگوگىكا مەكتىپىگە ھەقسىز قوبۇل قىلىنغانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇۋالغىنىمدا قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى شۇ تاپتا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ھېلىقى كۈلگۈنچەك ساۋاقدىشىم زېباغا بولسا خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنوكومىدىن چاقىرىق قەغىزى كەلگىنىدىن خەۋەر تاپتىم.  شۇنداق قىلىپ 1992- يىلى 9- ئايدا 3 يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا مەخسۇس كۇرس سېتۇدېنتلىق ھاياتىنى باشلىدىم. رەيھان بولسا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى ئوقۇش باسقۇچىدا قالدى. نېمىشقىدۇر، بىر نەرسەم يۇرتتا ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك، غەشلىك بىلەن شەھەرگە يول ئالدىم. UkdQ#b1  
       مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغاندىن باشلاپ، رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىز - ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمغا يۇرتلىرىدىن ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىكى  قىز - ئوغۇل دوستلىرىدىن كەلگەن سالام خەتلىرىدىن ھەمدە سىنىپىمىزدىكى بىر قىسىم قىز - ئوغۇللار  ئوتتۇرىسىدىكى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋېتىدىن ھالقىغان بىر خىل مۇناسىۋەتلەرنى كۆرۈپ مېنىڭ قەلبىمدىمۇ قانداقتۇر ئىپادىلەش قېيىن بولغان بىر خىل ھېس تۇيغۇ كۈنسىرى كۈچۈيىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ئەسلىدىكى سېرىق تۈك بۇرۇتۇم كۈنسىرى قارىداپ، قويۇقلىشىپ بېرىۋاتاتتى. DCNuvrZ  
     مەن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئىلىشتىن پايدىلىنىپ يۇرتقا قايتىپ كەلسەملا كۆڭلۈم باشقىچە يورۇپ قالاتتى. ھەر جۈمە كۈنى يۇرتقا قايتقاندا رەيھان كەچقۇرۇن مېنى بېكەتتە ساقلاپ تۇراتتى. ئىككىمىز ئۇنىڭ ۋېلسىپىتى بىلەن قايتىپ ئۇنى ئۆيى ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويۇپ، مەن ئۇنىڭ ۋېلسىپىتى بىلەن ئۆز ئۆيۈمگە كېتەتتىم. يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە ئۇنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرغان ئۆيى ئالدىدىن ۋېلسىپىتكە مىنگەشتۈرۈپ بېكەتكە بېرىپ، مەن شەھەرگە يول ئالاتتىم، ئۇ بولسا تاكى ئەبجەق مېنىبوسنىڭ قارىسى يۈتكىچە بېكەت ئالدىدا قېتىپلا قالاتتى. مەن ھەر قېتىم كېلىپ كېتىشىمدە ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ناھايىتى كام بولاتتى. GVg0)}  
     - شاكىر ئاكا، شەھەردىن تېنچ ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ m\t %wr  
     - ھەئە. 6 2LZ}yn_"  
     - ئالىي مەكتەپ دەرسلىرى قېيىن بولامدىكەن؟ XW19hG  
     - ياقەي. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىدىن ئوڭاي كۆردۈمغۇ. $FAl9  
     - ... wk3yz6V2  
     - ... 55#H A?cR  
     - بىزنىڭ ئۆيگە كېرىپ ئازراق ئەتكەن چاي ئىچىپ ئاندىن شەھەرگە قايتمامسىز. FNUue  
     - رەھمەت. ھەر قېتىم قايتىپ كەلگىنىمدە سىزنى ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىمدىن خېجىلمەن. ئۆيىڭىزگە كېرسەم چوڭلار خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن يەنە. بۇنداق سۆھبەتلەردە نېمىشقىدۇر ھەر ئىككەيلەن سۈكۈت بىلەن يول يۈرۈپ بېكەتكە كىلىپ قالغىنىمىزنىمۇ سەزمەي قالاتتۇق.

qukan2011-04-27 23:53
5- قىسىم
ئىشقىڭدا كۆيىمەن قەلبىمنى تاۋلاپ، u3kZOsG  
كۈتتۈممەن بىر سىنى يولۇڭغا قاراپ. *_@8v?  
قەلبىمنى چۈشەنسەڭ قىينىماي ئەگەر، NKh8'=S  
دەردىمگە دەرمان بول قىلمىغىن خاراپ.
(oxe'\  
     مەن بىر نەرسەم يۇرتتتا قالغاندەك ھېس قىلىدىغان غەشلىكنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى چۈشەندىم. قەلبىمدىكى قانداقتۇر ئىپادىلەش قېيىن بولغان بىر خىل ھېس تۇيغۇ ئەسلىدە ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىغىنىمدەك قىز -ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى <<مۇھەببەت>> ئىكەن. مەن خىلى بۇرۇنلا  رەيھاننى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەنمەن. I)T]}et  
      كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ 1993- ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنىڭ 2- يىلىغا قەدەم قويدۇم. شۇ يىلى رەيھانمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرس كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ يۈرۈپ كەتتى. موشۇ تاپتا ئۇ ئۈرۈمچىگە يول ئالغان كۈندىكى كەيپىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ھەقىقەتەن ئاجىزمەن. ئەمما شۇ كۈندىن ئېتىبارەن تېخىمۇ كام سۆز، جىمغۇر، باشقىلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان، دائىم رەيھاننى ئويلايدىغان، ئۇنىڭ سالام خەتلىرىنى كۈتۈش ئىچىدە ئۆتىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ يىلدىن باشلاپ مەن سىنىپىمىزدىكى سالام خەت ئەڭ كۆپ كېلىدىغان چىمپىيۇن بولۇپ قالغىنىم ھېلىمۇ ھەم مەن ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىنىق ئېسىدە. ]Z6==+mCP  
     شۇنداق قىلىپ رەيھان بىلەن ھەر ھەپتىسىگە بىر پارچىدىن دېگۈدەك سالام خەت يېزىشىپ تۇردۇق. ئۇنىڭ خەتلىرىدىكى ئاۋات، زامانىۋى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ تەسۋېرى مىنى بەكمۇ قېزىقسۇندۇراتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خېتىدىكى مىنى كۆرۈشكە بەكمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەتكەنلىكى، مېنى بەكمۇ سېغىنغانلىقى ھەققىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. شۇندىن ئېتىبارەن بىز پەقەت قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل مەزگىلىدىلا يۇرتقا قايتىپ كەلگەن ۋە مەكتەپكە قايتىدىغان چاغلاردىلا يۈز كۆرۈشۈپ، باشقا ۋاقتلاردا پەقەت سالام خەت يېزىشىپلا ھال مۇڭ بولۇشۇپ ئۆتتۇق. :IvKxOv  
     مەن تا بۈگۈنگە قەدەر بىر ئىشقا بەكمۇ ھەيران. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلاردا مەكتەپ چىملىقىدا، گۈللىكىدە قولتۇقلىشىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنى كۆرگىنىمدە -ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى تۈگۈمەيدىغان قانداق گەپ - سۆزلىرى باردۇ، دەپ ھەيران قالاتتىم، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق. dy`K5lC@  
     ھەر قېتىملىق تەتىلگە قايتقىنىمىزدا رېفلىكىسكە ئايلىنىپ كەتكەن ئادىتىم بويىچە رەيھاننى مەن تونۇيدىغان، ئۇ ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى يۇرتقا قايتقانلىقىنى كۆرگىنىمدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ شىمالىدىكى چوڭ يول دوقمىشىدا تاكى ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلگەنگە قەدەر كەچ كېرگىچە كۈتەتتىم.  ئۇ يۇرتقا قايتىپ كەلگەن كۈنىلا مېنى ئىزلەپ كېلەتتى. مەن ئۇنى ۋېلسىپىتىمگە مىنگەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كەنتىنىڭ شەرقىدىكى ئورمانلىققا يۈرۈپ كېتەتتۇق. بەزىدە ئۆزەمنىڭ نېمىشقىمۇ <<يۇۋاش>> بولۇپ قالغىنىمدىن ئاغرىنىپمۇ قالاتتىم. ھەر قېتىملىق يېرىم يىللىق يۈز كۆرۈشۈش ۋە ئايرىلىشلاردا يۈز كۆرۈشكىنىمىزدە ئۇچرىشىشىمىز بىر سائەتكە بارمايتتى. مەن - رەيھان سىزنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى، دېگەندىن ئارتۇق كۆپ گەپ-سۆز قىلالمايتتىم. بىز تاكى ئايرىلىپ كەتكەنگە قەدەر بىر بىرىمىزگە - مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، دېيىشمىگەن بولساقمۇ ھەر ئىككىمىزنىڭ بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىز كۆڭلىمىزگە ئايان ئىدى. تەتىل مەزگىللىرىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرىدە ئۇ بىر قېتىم مېنى بىر قانچە ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۆيىگە مېھمانغا چىللاپ ئاپىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپمۇ بولغان ئىدى.  ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىرى ، تۇتقان دوستلىرى، ئوقۇشى ھەققىدە بىر ھازا چاڭىلداپ سۆزلەپ كېلىپ، گېپى تۈگىگەندە - سىزچۇ، دېگەندەك ماڭا قارايتتى. مەن بولسام ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن باشلاپ ئۆگىنىپ قالغان ئادىتىم بويىچە ئاچچىق موخوركىنى كۈچەپ-كۈچەپ شوراپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇراتتىم -دە قايتاتتۇق. ھەر قېتىم تەتىلگە قايتىپ رەيھان بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدا ئالىي مەكتەپتىكى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمدىن قىز دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە خالىي جايدا ئۇچرىشىپ، قانماي سۆيىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغىنىم بويىچە مەنمۇ شۇنداق قىلىپ بېقىشنى ئۆز ئۆزۈمگە ۋەدە قىلاتتىميۇ بېراق رەيھان بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ ۋەدە، نىيەتلىرىم قاياقلارغىدۇ ئوغۇللۇق جۈرئىتىمنى ئىلىپ ئۇچۇپ كېتەتتى.  

qukan2011-04-27 23:54
6- قىسىم jTHgh>n  
] 40@yrc  
سەۋەپسىز كۆزۈمگە مەنىلىك بىقىپ ، ~[a6  
ئىشقىمنى سورىدىڭ  قىينىلىپ شۇنچە. yVZLZLm  
ئەي زىبا تىڭىرقاپ چەكمىگىن ئازاب، K)DpC*j  
بەختىڭنى بىر ماڭا  باغلىما  بۇنچە .
3mP251"dIW  
   F .h A.E  
{#U 3A_y  
    مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىغا قەدەم قويغىنىمدىن بۇيان ئەينى چاغدا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كۈلگۈنچەك ساۋاقدىشىم، مەن بىلەن تەڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ ھازىر خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇۋاتقان زىبادىنمۇ ئانچە مۇنچە خەت كېلپ تۇراتتى. 1993- يىلى نويابىر ئىيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. چۈشتىن كېيىنكى مۇزاكىرە ۋاقتى ئىدى. بىر ساۋاقدىشىم جىمجىت سىنىپ مۇھىتىنى بۇزۇپ، ئېشىكنى جالاقشىتىپ ئىچىپ كېرگىنىچە ئۈنلىك كاكېرىدى. - ھەي ساۋاقداشلار قاراڭلارچۇ، ماۋۇ <<شاكىر مۆڭ>> بىر جېنىغا 2 مۇھەببەت تۇتۇۋاپتۇ. دائىم ئۈرۈمچىدىن خەت كېلىدىغان رەيھان ئىسىملىك مۇھەببىتىدىن باشقا بۈگۈن  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن زېبا ئىسىملىك مۇھەببىتىدىن خەت كەپتۇ، مانا قاراڭلار. Rq@M~;p  
      - ئەسلىدە يۇۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە، دەپ بېكار ئىيتىلمىغان. ?q{HS&k  
     - ھەي <<شاكىر مۆڭ>> مېنىڭ مۇھەببىتىم يوق، بىرىنى ماڭا سوۋغا قىلامسەن يە؟...  2-$O$&s.  
     سىنىپتا كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ، غۇلغۇلا، قىياس پاراڭلار چىقىشقا باشلىدى. بەزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم - يارايسەن ئاداش، دېيىشسە بەزى قىز ساۋاقداشلىرىم غەلىتە قارىشاتتى. تەئەججۇپ بىلەن خەتنى قولۇمغا ئالدىم. خەت راستىنلا زېبادىن كەلگەن ئىدى. ئۇ خېتىدە ئاساسەن ئەھۋال سوراپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشىنى يازغان ئىدى. ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ خېتىنىڭ قېتىم سانى ۋە خەتنىڭ ۋاراق سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن بىرگە خېتىنىڭ مەزمۇنىدىمۇ بارا-بارا يېڭىلىنىش بولۇشقا باشلىدى. گەرچە ئۇ خېتىدە - شاكىر مەن سېنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرەتتىم، دەپ ئوچۇق يازمىغان بولسىمۇ خېتىنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنداق مەنا چىقىپ تۇراتتى. مەن بولسام ئۇنىڭ خەتلىرىنى جاۋاپسىز قالدۇراتتىم. چۈنكى مېنىڭ ھەرگىزمۇ ئىككى قېيىققا تەڭ دەسلىگۈم يوق ئىدى. <Dk6o`7^N  
     1994- يىلى ئىيۇل ئىيىنىڭ ئاخىرلىرى، يازلىق تەتىل، چىڭقى چۈش. ھاۋا تازا قىزىقلىقىغا قارىماي ئەتىگەندىن توشۇپ ئىشىپ قالغان ساماننى تېزراق توشۇۋېتىپ خاماندىن بېكار بولۇش ئۈچۈن ئىنىللىرىم بىلەن سامان توشۇۋاتاتتىم. omu )s'8  
     - شاكىر ئاكا، ئاۋۇ ئاچاشلارنىڭ سىزگە قاراپ تۇرغىنى نېكەم؟ سىز ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي سامان توشۇۋېرىسىزغۇ؟ بىر خالتا سامان يۈدۈپ كېلىۋاتسام چوڭ يولدىن خوشنىمىزنىڭ بالىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم. (baBi9<P=  
     - كىمنى ئىزلەيدىكەن؟ قېنى ئۇلار؟ 5.M82rR; ~  
     - ئەستا. سىزنى ئىزلەيدىكەن. ئەنە ئالدىڭىزدا، چوڭ يولدا تېرەك سايىسىدا تۇرمامدۇ. ئۆشنەمدىن خالتىنى ئېلىپ، چوڭ يولدىكى  ئېرىق بويىغا تېكىلگەن تېرەك سايىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان قىزلارنى كۆرۈشكە ئۈلگۈردىم. قىزلارنىڭ بىرى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 6 يىللىق ساۋاقدىشىم زېبا يەنە بىرى ئۇنىڭ دوستى ئىدى. زىبا ماڭا قاراپ كۈلكىسىنى باسالماي ئىختىيارسىز ئېغىزىنى توسۇپ كۈلۈشكە باشلىدى. دېمىسىمۇ ئۈستىبېشىم ھېلىلا گۆردىن چىققاندەك توپا چاڭ، سامان-سۇمۇن، بەك مەينەت ئىدى. ئۈستىبېشىمنى قېقىشتۇرۇپ، ئۆزۈمنى بىر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتىم. jCp^CNbA  
     - ياخشىمۇسىز زېبا؟ سىزچۇ ھەنىپە؟ X+7@8)1(  
     - ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ IoKN.#;^  
     - سىلەرنى قانداق شامال بۇياققا ئۇچۇرۇپ كەلدىكىن؟ *N65B#  
     - بەزىلەرنىڭغۇ بىزنى كۆرەگە كۆزىمۇ يوق، بېراق بىز بەزىلەر بىلەن 6 يىللىق ساۋاقداش بولغىنىمىز ئۈچۈن يوقلاپ چىقىپ قالدۇق. زېبانىڭ سۆزلىرىدىن بايىقى خۇشاللىك، كۈلۈشتىن ئەسەرمۇ قالمىغان، چىرايىدىن بىر خىل نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى. as^!c!  
     - ھە شۇنداقمۇ، كەچۈرۈڭلار. كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. مەن دېھقان پەرزەنتى، تەتىل مەزگىللىرىدە چوڭلارغا ياردەملىشىپ بېرىمەن دەپ ساۋاقداشلارنى ئىزلەپ بېرىش ئويۇم بولسىمۇ ۋاقت چىقىرالمىدىم. يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىمدىن بولسا كېرەك، تىللىرىم كالۋالىشىپ، يۈزۈم قېزىرىپ كېتىۋاتاتتى. O&g$dK!Rad  
     - ھېچقىسى يوق. <<كۆڭۈلدە بولسا پەتە قېرىماپتۇ>> دېگەن گەپ بار، موشۇ سۆزىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىزنى يوقلاپ قويغىنىڭىز بىلەن باراۋەر. زېبا شۇنداق دېگەچ يەنە سۈكۈتنى بۇزدى. uz;zmK  
     - ھەنىپە ئاداش، دېھقانلار تېخى تېرمۇسقا يېتىشىپ بولالمىدى، چۈشمۇ بولۇپ قاپتۇ، سومكاڭدىكى ناننى ئالە، ئېرىق سۈيىدىلا شاكىر بىلەن غېزالىنايلى. زېبا شۇنداق دەپ بولۇپلا يەنە كۈلۈپ كەتتى ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ئېغىزىنى توسۇۋالماستىن پىخېلداپ كۈلمەكتە ئىدى. مەن بولسام تېخىمۇ قىزىرىپ كېتىۋاتاتتىم. مەن گەرچە ئۇلارنى ياقتۇرمىساممۇ مېھمان ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆيگە باشلىدىم. 9M;k(B!  
     - زېبا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھىجايغاق خۇيىڭىزنى تېخىچە تاشلىماپسىز ھە. S; Fj9\2)I  
-ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمەڭ. PblO?@~O  
     -قېنى، ئۆيگە كېرىڭلار. سۈتلىك سېيرىمىز بار، ھېچ بولمىغاندا ئەتكەن چاي ئىتىپ بېرىمەن. ئۇلار كەينىمدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كېرىشتى. پىشايۋاندا ئارام ئىلىپ ياتقان دادام، ئاناملار بۇ ناتونۇش، چىرايلىق قىزلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ قويۇشۇپ، ئورنۇدىن تۇرۇشقاچ سالاملىشىپ ئۇلارنى تۆرگە باشلىدى. + 'V ,z  
      دادامنىڭ مىجەزى چۇس بولغىنى بىلەن مېھماننى كۆرسە يانپىشىنى كېسىپ شورپا قىلىپ بېرىشتىن يانمايدىغان، ئىنتايىن مېھماندوست ئادەم ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىمدە بەزى جۈمە كۈنلىرى باشقا يۇرتلىق ساۋاقداشلىرىم ، - شاكىر يۇرتۇڭنى كۆرسىتىپ قويمامسەن، دەپ مەن بىلەن بىللە يېزىمىزغا كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن باشلاپ كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ قانچە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر دادام قوتاندىن بىر پاقلاننى يېتىلەپ چىقىپلا ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەكەللۇپ ۋە ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، - بالىرىم بۇ پاقلانغا دۇئا قىلىپ بېرىڭلار، دەپ باغقا ئەكىرىپ سويۇپ ئەپ چىقاتتى دە، گۆشىنى قازانغا سالاتتى. بۇنداق ئىشلار نەچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىمنى قانچە ئۆيگە تەكلىپ قىلساممۇ ئۇلار - شاكىر ئاداش كۆڭلۈڭگە رەھمەت، بىز يۇرتۇڭغا بېرىشتىن قورقمايمىز، بېراقزە داداڭ ئارۇپ ئاكىمىز بىزنى خېجىل قىلىپ قويىدىكەن، دەپ كەمدىن كەم كېلىدىغان بولۇپ قېلىشقانىدى. )(V!& w6  
      دادام قىزلارنى تۆرگە باشلىغاچ قوتانغا مېڭىۋىدى زېبا دادامنىڭ نىيىتىنى سېزىپ قالدىمۇ قانداق ئېغىز ئاچتى. _Gtq]`y  
     - ئارۇپ ئاكا، ئارتۇقچە چۇۋاپ يۇرمەڭ، توغرا چۈشەنگەيسىز، بىزنىڭ شاكىر بىلەن ئازراق پارىڭىمىز بار ئىدى، ئالدىراش ئىشىمىز بار، پارىڭىمىز تۈگىسىلا قايتىمىز. دادام ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا داڭقىتىپ تۇرۇپلا قالدى، زېبا شۇنداق دېگەچ ھەنىپەنى ئانام بىلەن ھال مۇڭ بولۇپ تۇرۇشقا جېكىلىگەچ مېنى باغقا ئىشارە قىلدى. زېبا ئىككىمىز باغقا كېرىپ كەتتۇق. `xsU'Wd^<  
      بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتمىزنى سورۇشۇپ بىر ئاز ئەھۋاللاشتۇق. نىمىشقىدۇر مېنى بىر خىل بېئاراملىق چۇلغۇۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ گېپى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئانام پات-پات باغ ئېشىكىدىن ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قوياتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن - نېمىشقا نەچچە رەت خەت يازسام خەتلىرىمنى جاۋاپسىز قالدۇرىسەن، مەن سېنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرەتتىم دېگەن مەنالار چىقىپ تۇراتتى. قانچە ۋاقت ئۆتتىكىن تاڭ، ئانامنىڭ ئەتكەن چايلىرى بىلەن تامىقىمۇ تەييار بولۇپ داستىخانغا چىقىپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. زېبا ئارىلىقتا ئانام بىلەنمۇ قىسقا ۋاقت ئايرىم پاراڭلىشىپ دادام، ئاناملار توغرا چۈشۈنۈپ قوبۇل قىلسا ئائىلىمىزگە كېلىن بولۇپ دادا مېھرىنى كۆرۈش ۋە چوڭلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىكەن. بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار تاماقنى يەپ بولۇپ، ئانامنىڭ - قىزلىرىم تېخى كۈن يورۇق، يەنە بىر ئاز ئولتۇرۇڭلار، شورپا قىلىپ بېرەي، دېگىنىگە تەكەللۇپ قىلىشىپ خوشلىشىپ قايتىشتى. ئۇلار ئۆيدىن ئۇزاپ چىققاندا زېبانىڭ ماڭا قاراشلىرى دادام، ئاناملارنىڭ ھەيرانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

qukan2011-04-27 23:54
7- قىسىم
\\9$1yg   
g}Esj"7  
سۆيگۈمىز سىناققا دۇچ كەلسە، رەيھان-_ Yk!TQY4  
ئاچچىقتىن مەكتۇپلەر يېزىپسەن ئۇزاق. M qG`P  
چۈشەندىم خېتىڭنى ئەكسىچە ئەمما، L-QzC<[F/  
ھەر قۇردا ئىشتىياق، ھەر قۇردا پىراق.
`/\Z{j0_  
P_8z'pYd>  
     Mz#<Vm4  
dzn[4  
مېنىڭ بەختسىز كۈنلىرىم مانا شۇ كۈندىن باشلاندى. خاماننىمۇ ئىلىپ بولدۇق. بىر قانچە كۈندىن كېيىن دەريا بويىدىكى ئورمىنىمىزغا دادام بىلەن ئېرىق چاپقىلى كېردۇق. دادام بىر چاغدا گەپ تەشتى. [K4wd%+  
      - ئوغلۇم شاكىر، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، سېنىڭ كىيىنلىكىڭنىمۇ ئويلايدىغان ۋاقت كەلدى. سەن بەش ئوغۇلنىڭ چوڭى شۇڭا ھازىردىن باشلاپ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلغاچ تۇرمىسام بىرەرسىڭلارنىڭ قىيامەتلىك قەرزىڭلارنى ئادا قىلماي تۇرۇپ كېتىپ قالسام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قانداق بارىمەن؟ مەن ئەسلىدە ساڭا قىيامەتلىك دوستۇم غېنىنىڭ قىزى بۇلبۇلنى ئېپ بېرەي دەپ ئويلىغان، ئاناڭدىن ئاڭلىسام بۇرۇندىنلا ئاناڭ بىلەن يېراق تۇغقان كېلىدىغان زېبا دېگەن قىز بىلەن ئارىلىشىپ كەپسەن، مەنمۇ ئۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بوپتۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭچە بولسۇن، ئەتە-ئۆگۈن ئاناڭ 1-2 كېيىملىك رەخت بىلەن بىر قانچە تۇغقانلارنى ئىلىپ زېبالارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، -زېبا بىزگە لازىم ، دەپ قويۇپ كەلسۇن. سۇرۇشتۇرسەم زېبا ئانام تەرەپتىن تۇغقان كەلسىمۇ ئەمما ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش-كېلىشى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ھەر ھالدا بېلەتتىم. زېبانىڭ دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپ كونا بىر نەچچە ئېغىزلىق ئۆيدە تۇل ئانىسى بىلەنلا چوڭ بولغان يېتىم قىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى گەرچە نامرات بولسىمۇ دائىم پاكىز، خۇشال-خۇرام يۈرەتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا نۇرغۇن ئوغۇل ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا <،ئاشىق>> ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ھەقىقەتەن تەبىئىي گۈزەل قىزلاردىن ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە كۆڭلۈمنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدە يوشۇرۇن ئىنتىلسەممۇ بىراق ئۇنىڭ كۈلگۈنچەك مىجەزىدىن بەكمۇ بېزار ئىدىم. ئۇ ھازىر دادا بىر، ئانا باشقا بىر  ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە ئالىي مەكتەپتە ھەقلىق(زېفىي) ئوقۇۋاتاتتى. ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كېلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قىلىپ ئۇنىڭ ئورۇن، ئادەم تاللماي تولا كۈلىشىدىن بېزارلىقىمدىن بولسا كېرەك گەپ قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم. قايسى كۈنى ئۆيىمىزگە كەلگەندە ئۇ - شاكىر ئەينى چاغدا سىز بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا، مەندىن يۇقىرى نومۇر ئىلىپ شەھرىمىزدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ھەقسىز ئوقۇشقا ئۆتكەنلىكىڭىزدىن مەغرۇرلىنىپ، مەن ۋېلسىپىتىمدىن چۈشۈشكە تەمشىلىپ تۇرساممۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىڭىز ھە، دەپ ئوسال قىلغان ئىدى. مەن بىر باھانىلەر بىلەن ئۆزەمنى ئاقلىغانمۇ بولغان ئىدىم. دادامنىڭ تۇيۇقسىز دېگەن بۇ گېپىدىن ھەيران بولۇپ قورقۇنچ ئىچىدە ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا دېدىم: l1MVC@'pvP  
     - دادا، بېلىشىڭ مۇمكىن، زېبا دېگەن يېتىم بىر قىز، ماقۇل، سەن دېگەنچىمۇ بولسۇن، بېراق توي قىلىپ قالسام دوستلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قانداقمۇ باشلاپ باراي. شۇنداق دېيىشىمنى بېلىمەن، دۈمبەمگە ۋاڭ! قىلىپ تەگكەن تاياقنىڭ زەربىسى بىلەن دۈم چۈشتىم. بېشىمنى شۇنداق كۆتۈرسەم دادام تاياقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يەنە ئۇرۇشقا تەمشىلىۋېتىپتۇ. چاققانلىنلىق بىلەن يانغا ئۆزۈمنى ئاتتىم دە، سادىن ئۈركۈگەن توشقاندەك قاچتىم. ئېسىمنى يىغسام ئۆيدە تۇرۇپتىمەن. بېچارە ئانام نېمىلەرنىدۇ دەپ غۇدۇراپ دۇمبەمگە دورا سۈرۈۋاتاتتى، بىر ئازدىن كىيىن دادام دەرۋازىنى قاتتىق زەربە بىلە  ياپقىنىچە ھويلىغا كېرىپ كەلدى. 6x8P}?  
      - قېنى ئاۋۇ ھەزىلەك!... مەن ئۆزەمنى ئۆي ئىچىگە ئاتتىم دە، دەرھال ئېشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم. دادام ھەدەپ ئېشىكنى تېپىپ، مېنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىغىنىچە ۋارقىرايتتى، ئادەتتە دادامنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالغان چاغلاردا ئىغىزىغا 2 پارچە خىش قويسا ھاجەتخانىدىن پەرقى قالمايتتى. بېچارە ئانام دادامنى توسۇپ - گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشسەڭلار بولمىدىمۇ، دەپ يالۋۇراتتى. مەن رەيھان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى خېلى بۇرۇنلا ئانامغا ئېيتقان بولساممۇ ئائىلىمىزدە دادامنىڭ دېگىنى دېگەن بولغاچقا ئانام ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. !=yNj6_f  
      - بۇ ھاراملىقنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلسام ئوقۇشىنى ئوقىماي تېخى ھوبوك تۇتۇۋاپتىما؟(دادام ئوغۇللارنىڭ قىز دوستىنى <<ھوبوك>> دەپ ئاتايىتتى. بەلكىم ئانام رەيھان ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان بولسا كېرەك.) Kfl#78$d  
     - بالاڭ مەن ئۆلگەن چاغدا ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلسۇن! لېكىن مەن ھازىر ھايات! ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن دۇنيا قۇچاقلاپ چۈشكەن كىمكەن ئۇ! بالاڭ باي بالىسى ئىكەندە! مەن باي ئەمەس، دېھقان! توي قىلىپ قالسا دوستلىرىنى باشلىغۇدەك ئۆيى يوقمىش، - <<توغرا تاپساڭلار سېلەرگە كېلىن بولۇپ بىر قوللۇق خىزمىتىڭلارنى قىلىپ دۇئايىڭلارنى ئالاي >>، دەپ يالۋۇرغان، خۇدا ئەۋەتكەن قىزنى رەت قىلىۋاتىدۇيا ماۋۇ خۇمسى!... D<:J6W7]  
     - دادا، دادا مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، مەن ئۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن، -مېنى كەچۈرۈڭ.  ئۆزۈمنى سەل بېسىۋىلىپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردىم: klwNeGF]N  
     - دادا، كىچىككىنە بىر تەكلىۋىم بار ئىدى، توغرا چۇشەنگەن ھالدا ئويلىشىپ كۆرسەڭ. زېبا يېتىم قىز، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ھەقلىق(زېفىي) ئوقۇۋاتىدۇ، ئائىلە شارائىتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئوقۇشى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىۋاتقانلىقى ئىنىق. شۇڭا توغرا كۆرسەڭ، موشۇ كۈزلىك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ زېبانىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى كۆتۈرسەڭ مەنمۇ زېبانىڭ ئالدىدا قورۇنمىغان ھالدا ئۇنىڭ شۇنداقلا سېنىڭ تەكلىۋىڭنى قوبۇل قىلالىغان بولاتتىم. دادا مەن سىزنى نارازى قىلىپ نىمىمۇ قىلاي... n%Df6zQ<@s  
      - ئوھوي! ئەشۇنداق دېسەم دادام يەنە مەجبۇرلىيالمايدۇ دەپ ئويلىدىڭما؟ نەچچە يىل ئوقۇپ كاللاڭ خىلىلا ئىشلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ سېنىڭ. ئۇنداقتا بولىدۇ... مىنىڭ سۆزلىرىمدىن ياكى ئانامنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىلمىدىم. بىر ئازدىن كېيىن دادامنىڭ ۋارقىراشلىرى بېسىقىپ قالدى. خېلى ۋاقتتىن كېيىن ئانام ئېشىكنى چېكىپ، - شاكىرجان داداڭ دەريا بويىغا كەتتى. چىقىپ چېيىڭنى ئىچىۋال، دەپ چاقىردى. ئۆي ئىچىدىن ھويلىغا چىقىپ قارىسام ئانامنىڭ كۆزىگە قان قۇيۇلغاندەك، رەڭگىدە قان يوق، شۇنداق بېچارە ھالەتتە داستىخان تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. z6+D=<  
      - شاكىرجان بالام، نېمىمۇ قىلاتتىڭ داداڭ بىلەن تېركىشىپ. داداڭنىڭ مىجەزىنى بىلمەمتىڭ؟ ئۇنىڭ گېپىگە ماقۇل دەپلا قويساڭ بولماسمىدى. سەنمۇ چوپ-چوڭ بولۇپ قالدىڭ، نېمە كۈن بۇ؟ گېلىمدىن نە نان، نە غېزا ئۆتمەيتتى. ئانام ئىككىمىز بىر ھازا ئۈنسىز ياش تۆكۈشتۇق. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە دادام مېنى ئالدىغا چاقىرىپ ئىنتايىن كەسكىن تەلەپپۇزدا بۇيرۇق قىلدى: 1*o=I-nOa  
     - شاكىر، مەن زېبانىڭ مەھەللىسىدىكى تۇغقانلار بېلەن سۆزلىشىپ قويدۇم،  سەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا زېبانىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ سەلىم تاغاڭ بىلەن كۆرۈش؛ سەلىم تاغاڭ زېبا ئىككىڭلارنى كۆرۈشتۈرۈپ قويىدۇ، سەن بۈگۈن ماڭا چوقۇم ئېنىق جاۋاب بېرىشىڭ كېرەك! دادامنىڭ بۇيرىقى بويىچە دەرھاللا ئېغىر قەدەملىرىم بېلەن سەلىم تاغاملارنىڭكىگە بىرىپ زېبا بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭغا رەيھان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى قىسقىلا تونۇشتۇرۇپ، مېنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئېيتىپ يىنىپ كەلدىم، ئەمما دادامغا - سىز دېگەندەك بولدى، دەپ قويدۇم. كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىشىنى كۆپ ئويلاشماي پەقەت ھازىرچىلا دادامنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قۇتۇلۇپ، تېزرەك مەكتەپكە كېتىشنىلا ئويلىغان ئىدىم. @fz!]/  
     بۇ يازلىق تەتىلمۇ شۇنداق كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاياقلىشىپ، ئاخىرقى يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش يىلىغا قەدەم قويدۇم. بۇ قېتىم مەكتەپكە يېغىلىشتا رەيھان بىلەن خوشلىشالمىدىم، لېكىن مەن تېخى ئىنىق بىر قارارغا كەلمىگەن ئىدىم. ھەر دائىم ئىچىمنى بىر خىل ئاچچىق ئەلەم قاپلاپ بۇرۇنقىدىنمۇ جىمغۇر، كەم سۆز بولۇپ كەتكەن ئىدىم. %zCV>D  
     مەكتەپكە يېغىلىپ نەچچە ھەپتە بولمايلا رەيھاننىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇنىڭغا جاۋاب خەت يازغۇچە يەنە ئىككىنچى پارچە خېتىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇنىڭغىمۇ جاۋاب خەت يېزىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا 3- پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ خەت يارا ئۈستىگە تۇز سەپكەن ئىدى. رەيھاننىڭ 3- پارچە خېتى قىسقا قىلىپ مۇنداق يېزىلغان ئىدى: DbH"e  
       ياخشىمۇسىز شاكىر. ئاخىرقى ئوقۇش يىلىنى غەلبىلىك كۈتۈۋالدىڭلارمۇ؟ شاكىر بۇ قېتىم يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتىپ سىز بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى كىلىشىۋالغىنىمىز بويىچە، يازلىق تەتىل ئاياقلىشىپ، خوشلىشىش ئۈچۈن كۆرىشىدىغان كۈندە بىز دائىم ئۇچرىشىدىغان كوچا ئېغىزىدا سىزنى تولۇق بىر كۈن ساقلىدىم، ئەتىسى يەنە چىقىپ باقتىم، سىز كۆرۈنمىدىڭىز، نېمە بولدىڭىز؟ ساقسىز بولۇپ قالدىڭىزمۇ يە؟ ياكى بولمىسا باشقا سەۋەپ بارمۇ؟ ئالدىنقى 2 پارچە خېتىمنى نېمىشقا جاۋابسىز قالدۇرىسىز؟  شاكىر يېقىندا ئاڭلىسام ئائىلەڭدىكىلەر سىزگە زېبا ئىسىملىك بىر قىزنى ئىلىپ بەرمەكچى ئىكەن، ئۇ قىز بۇ تەتىلدە ھەتتا ئۆيىڭلارغىمۇ بېرىپتۇدەك، مەنغۇ ئىشەنمىدىم، بۇ گەپ راستمۇ؟ بىز شېرىن خىياللارنى قىلىپ يۈرگەن بىلەن چوڭلار قېتىلمىسا بەرىبىر. ئەگەر راست بولسا ئوچۇقىنى دەۋېرىڭ، مەن ھەرگىز ئاغرىنمايمەن. مېنى تېت - تېت قىلماي تېزراق جاۋاب خەت يېزىۋېتەرسىز. Hz6tk9;w  
                    تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تېلەپ: -xk.wWpV  
                                                                                                                   رەيھان .\6q\7Ej  
                                                                                 d$}z,~sN  
      ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى خېتى ھەر قېتىمقىدەك ئاققۇ شەكلىدە قاتلانغان ئەمەس بەلكى ئادەتتىكىچىلا قاتلىنىپ كونۋېرتقا سېلىنغان ئىدى. ئاھ! نېمىدەپ جاۋاب خەت يازاي. مەنمۇ شۇ كۈنىلا يالغاندىن  بۇنىڭ پەقەت بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىلا جاۋاب خەت يېزىپ پوچتىدىن سېلىۋەتتىم. f}C$!Lhs  
     ئۆكتەبىر بايرىمىدىن كېيىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا زېبانىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. خېتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ خېلى بۇرۇندىنلا مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، مېنىڭ زېيادە شوخ قىزلارنى ئانچە نەزەرگە ئىلىپ كەتمەيدىغانلىقىم سەۋەپلىك، مېنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنى بېلىدىغانلىقىنى،  بۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇنداق يېتەرسىزلىكىنى ئىمكانقەدەر تۈزۈتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، يازلىق تەتىلدە مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېرگىنىمدە ئۇنىڭغا ئېيتقانلىرىمنىڭ مېنىڭ ئۇنى ياقتۇرمايدىغانلىقىم سەۋەپلىك باھانە كۆرسەتكەنلىك دەپ چۈشەنگەنلىكىنى، مېنىڭ تېخىچە قىز دوست تۇتمىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي كۆڭلىنى قوبۇل قىلىشىمنى ئۆتىنىپ ئۇشبۇ ئەرزىمەس خەتنى يازغانلىقىنى يازغان ئىدى. -fm1T|>#  
     مەن شۇ كۈنىلا زېباغا تۈنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خەتنى يازدىم. خېتىمدە ئۇنىڭ شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئويىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مېنىڭ راستىنلا رەيھان ئىسىملىك يۈرىۋاتقان قىز دوستۇمنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپ، ئەمدى مىنى يەنە پاراكەندە قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدىم. ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ ئۇنىڭمۇ ماڭا يازغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ خېتىدە قىسقىلا قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:  <RaM@E  
       شاكىر، سىزگە چىن، سەمىمىي كۆڭلۈمنى يەنە قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەشنى بىلمىدىم، قولۇمدىن كەلگىنىنى قىلدىم، ئۈنۈمى بولمىدى. سىلەر ئوغۇللار ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز دوستۇڭلارغا قەلبىڭلاردىكى پېنھان ساقلىنىپ يۈرگەن يۈرەك سىرلىرىڭلارنى قورۇنماي ئېيتساڭلار ھېچقانداق ئەيب ھېسابلانمايدىكەن بىراق بىز قىزلارچۇ؟ بەلكىم قىزلار شۇڭا ئاجىز ھېسابلانسا كېرەك. شاكىر سەمىمىي كۆڭلۈمنى چۈشەنمىدىڭىز. ئۈمۈدىم، كەلگۈسىدە سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغان <<لاياقەتلىك>> قىزنى بەكمۇ كۆرۈپ باققۇم بار. بۇ ئارزۇيۇمنى بولسىمۇ قاندۇرارسىز. H/?@UJ5m  
                  خەير، سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر، چەكسىز بەخت تېلەپ: m2|%AD  
                                                                                 زېبا k/;%{@G)  
      گەرچە كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرى بولسىمۇ ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، ئانچە ئۇزاق بولمىغان سىنىپ بىناسى بىلەن ياتاق بىناسى ئارىلىقىدىكى يولدا سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. مەن ئاخىرى كەسكىن قارارنى چىقىرىپ، دادامنىڭ ئارزۇيىنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆردۈم. دادام بۇ ئىشلارنى بىلسە بېشىمغا يەنە قانداق كۈنلەر كېلەر؟ مەن ھازىر ھەر ھەپتىنىڭ دەم ئىلىش كۈنلىرى پەقەت يانچۇقۇم قۇرۇقدىلىپ قالمىسىلا تاكى ئوقۇشىم تاماملانغىچە ئۆيگە قايتماستىن مەكتەپتە قالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش مەۋسۈمى دادام پات-پات مەكتەپكە كېلىپ يوقلاپ تۇرىدىغان، تۇرمۇش خىراجەت پۇللۇمنى ئەكىلىپ بىرىدىغان بولدى. مۇنداق چاغلاردا ئارىمىزدا گەپ-سۆز ئىنتايىن كەم بولاتتى. قانداقلا بولمىسۇن، دادا ئىكەندە.

qukan2011-04-27 23:55
8- قىسىم > Hwf/Gf[  
[U@ ;EeS  
3S=$ng  
زارلىنىمەن بۇ ھىجرانلىق كۈنلىرىمدىن، U: q4OtiP  
چۈنكى تەقدىر ئاتا قىلدى غەمكىنلىكنى. u$rSM0CJ  
بەختىم شۇنداق قارىمىدۇ ئېيتقىنا يار، O^DLp/vM  
نىچۈن كىلىپ سورىمايسەن دەرتلىرىمنى.
xFA+Zj BC  
J 7HOSFwXn  
     بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىمۇ ئاخىرلىشىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى قىشلىق تەتىلگە قايتىشتى. مەن قىشلىق تەتىلگە قايتىپ بىر نەچچە كۈن رەيھان ئىككىمىز ھەر قىتىم تەتىلگە قايتقاندا ئۇچرىشىدىغان كوچا ئېغىزىدا ئۇنى ساقلىدىم بىراق ئۇ تېخىچە كۆرۈنمەيتتى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ بىر خوشنىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا گەپ ئەۋەتتىم. دەرۋەقە، كۈتكىنىمدەك ئۇ ئەتىسى كوچا ئىغىزىغا كەلدى. بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ كەيپىياتى ھەر قېتىمقىدەك قىزغىن ئەمەس، پەرۋاسىزلا ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بەرگەن، بىز ھەر قېتىم تەتىلگە قايتىپ ئۇچراشقىنىمىزدا دائىم بارىدىغان، يېزىمىزنىڭ شەرقىدىكى ئورمانغا بېرىپ قىشلىق دالا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ كېلىش ھەققىدىكى تەكلىۋىم ئۇنىڭ - كەچۈرۈڭ، ئۆيگە مېھمان كەلمەكچى ئىكەن، كېيىن ئۇچرىشارمىز، دېگەن سوغۇق جاۋابى بىلەن يوققا چىقتى. ئۇ شۇنداق دەپلا پەرۋاسىزلارچە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قايتتى. يەنە گەپ قىلماقچى بولدۇميۇ بىراق ئېغىزىمدىن چىقىرالماي جايىمدا ھەيكەلدەك داڭقىتىپ تۇرۇپلا قالدىم. يانۋار ئىيىنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق بولىۋاتقان موشۇ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ كەينىدىن قانچىلىك قاراپ تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا پۇتلىرىمدىن كەلگەن شۇنداق بىر ئازابلىق سىزىم بىلەن ھۇشۇمنى يىغدىم. شۇ كۈنى ۋېلسىپىتىمنى مىنمەستىن يېتىلەپ، يۈگرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىم ھېلىھەم ئىسىمدە. t;b1<TLn0  
      قىشلىق تەتىلمۇ ئاياقلىشىپ قالدى. ھېلىقى كوچا ئىغىزىدا رەيھاننى نەچچە كۈن ساقلىدىم، كەلمىدى. خۇلۇم-خوشنىلىرىدىن گەپ ئەۋەتىپ بەردىم، يەنە يوق. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش مەۋسۈمىنى غەشلىك ئىچىدە كۈتۈۋالدىم. مەكتەپكە يىغىلىپ 4- ھەپتىسى رەيھاننىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم-دە، دەرھال ھاياجان بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. 2v{42]XYf  
     شاكىر، ياخشىمۇسىز. شاكىر ئالدىنقى مەۋسۈمدىكى يازغان خەتلىرىڭىزدە سىز مېنى كىچىك بالىدەك ئالداپ خەت يېزىپسىز. بۇ قېتىم قىشلىق تەتىلدە مەن ھەممىدىن خەۋەر تاپتىم. گەرچە، -مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، دېيەلمىسەممۇ شۇ تەرىپى ئىنىقكى؛ چوڭلارنى رازى قىلماي تۇرۇپ قۇرۇلغان تۇرمۇشنىڭ بەختلىك بولىشىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن. سىزدىن ئۆتۈنەي، سىزدىن خۇش بولاي، سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئويى شۇنداقلا زېبانىڭ سەمىمىي كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ زېبا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭ. ئىشىنىمەنكى، ئىككىڭلار چوقۇم بەختلىك بولالايسىلەر. كونىلار -<ئاتا رازى، خۇدا رازى>، دەپ بېكار ئىيتمىغان. :4x&B^,53  
     شاكىر، بۇ مېنىڭ سىزگە يارغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتىم. سىز يەنە بىر نەچچە ئايدىلا ئوقۇش پۈتىرىسىز،مەنمۇ بىر يىلدىن كېيىن پۈتۈرىمەن، دېمەك ھەر ئىككىمىز بولۇپمۇ سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدىڭىز، شۇڭا سىزنىڭ زېھنىڭىزنى چاچماي ئوقۇشىڭىزنى ئەلا نەتىجە پۈتۈرىشىڭىزگە تېلەكداشمەن. V(=3K"j  
                              ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تېلەپ: TeHxqWx  
                                                                                           رەيھان nn8uFISb  
                                                           1995.  03.  13 M!Ywjvw*)3  
     خەتنى ئىچىپ بىر نەچچە قۇر ئوقۇمايلا بايىقى ھاياجانلىق كەيپىياتىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قولۇمدىكى قەغەزگە تامچىغان بىر نەچچە تامچە كۆز يېشى بىلەن ئىسىمنى يىغدىم. FPkig`(3  
     ئاھ خۇدا، بۇ مەن ئۈچۈن نېمە ئازاب! بۇلبۇل تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا شەھەردىكى بىر دۆلەت كارخانىسى خىزمەتچىسىگە ياتلىق بولۇپ، يېگىتىگە توي يۆتكىگەن ماشىنا ئەترىتىنى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈشنى شەرت قىلغىنىغا يىغلايمۇ؟ زېبا سەۋەپلىك ئائىلىدە تارتقان خورلۇقلىرىمغا، خېتىدە -<<ئۈمۈدىم، كەلگۈسىدە سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرىدىغان <<لاياقەتلىك>> قىزنى بەكمۇ كۆرۈپ باققۇم بار>>، دەپ تەنە قىلغىنىغا يىغلايمۇ؟ رەيھاننىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچە قىزنىڭ سۆيگۈسىنى رەت قىلغىنىمنى، پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا سوقىۋاتقان يۈرۈكىمنى چۈشەنمىگىنىگە يىغلايمۇ؟ V>"N VRY  
     ئاپرىل ئىيىنىڭ 2- ھەپتىسىنىڭ شەنبە كۈنى. ياتاقتا يالغۇز تەگسىز خىيالغا غەرق بولۇپ كېتىپ، ئانام بىلەن ئوتتۇرانچى ئىنىمنىڭ كېرگىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئانام بىلەن ئاددىيلا سالاملاشتىم. ئانام 100 يۈئەن پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇقۇزۇپ تۇرۇپ: !|-:"hE1h  
     -شاكىرجان بالام، ئوقۇشۇڭمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، تېخى ئوقۇشۇڭ پۈتمەي تۇرۇپ نېمە غەم. داداڭمۇ ھازىر ئۇ گەپلەرنى ئانچە تەگىمەيدىغان بولۇپ قالدى، دەم ئىلىش كۈنلىرى ئۆيگە بېرىپ تۇر، ئاڭلىسام پات ئارىدا سېرتقا پىراكتىكا دەمدۇ بىر نىمىگە چىقىدىكەنسىلەر، مەن ئۇقمىغاچقا موشۇنچىلىكلا پۇل ئىلىپ كەپتىمەن، يولغا چىققىچە ئۆيگە بېرىپ يەتكۈدەك پۇل ئىلىپ كەل، ئانامنى خاتىرجەم قىلىمەن دېسەڭ ھازىر ھەممىنى قويۇپ ئوقۇشىڭنى ياخشى تاماملا، قالغان ئىشلار يەنە سەن، بىز بولغاندىكىن بىرگەپ بولار...، دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ھۇم-ھۇم يىغلاپ كەتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. كېيىن ئانامنى بىر گەپلەر بىلەن خاتىرجەم قىلىپ يولغا سالدىم. g>n1mK|  
     بۇ بىر نەچچە ئايدا رەيھانغا نەچچە پارچە خەت يازدىم، ئەپسۇس ھەممىسى جاۋابسىز قالدى. شۇنداق قىلىپ 1995- يىلى ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتۈرۈپ، 9- ئايدا ئايدا 400 نەچچە يۈئەن تېگىدىغان <<تۆمۈر  تاۋاق>>قىمۇ ئېرىشتىم. شۇ كۈنلەردە ئانامنىڭ -<<جەمەتىمىزدىن كادىر چىقتى>>، دەپ قانچىلىك خۇشھال بولۇپ كەتكىنىنى دېمەيلا قوياي.

qukan2011-04-27 23:55
9-  قىسىم 8Cw+<A*  
oyeJ"E2  
o)pso\;  
يار دەپ  سوقار  ئىكەن بىر جۈپ شوخ يۈرەك، .V Cfh+*J#  
ۋېسالغا يىتىشكە ئارمانسىز قۇتراپ. e=m=IVY #W  
تەلۋە ھىسيات سۆيۈشتىن قىز ۋۇجۇدى، QFtf.")[.  
تىترەركەن غال-غال ھاياجاندا پىتراپ.
MQ{.%  
;9rS[$^$O  
     مانا، ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە << ئەپەندى>> بولۇپ قالدىم. رەيھانمۇ ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلدى. بىز بۇ ئۆتكەن بىر يىلدا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ۋاقتسىز توزىغان سۆيگۈ گۈلىمىزنى قايتىدىن ئىچىلدۇرۇۋالغان ئىدۇق. bYKe5y=  
     1996- يىلى، ئىيۇل ئايلىرىنىڭ باشلىرى ئىدى. رەيھان ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كېلىپ ئەتىسىلا كۆرۈشتۇق. ئەمما بۇ قېتىم يېرىم يىللىق سېغىنىش پارىڭىمىز تۈگۈمەستىنلا كەچ كېرىپ كەتكەچكە ئامالسىز خوشلاشتۇق. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتمەي رەيھاننىڭ نەۋرە تۇغقىنى، مېنىڭ ئەڭ يېقىن دېلكىشىمنىڭ قىز دوستى  خالىدەنىڭ تەكلىپى بىلەن يېزىمىزنىڭ شىمالىدىكى سەيلىگاھغا جەم بولغىنىمىزنى تەبرىكلەپ ئوينىغىلى باردۇق. ~l@h  
      سەيلىگاھتا بەك كۆڭۈللۈك ئوينىغاچقىمىكىن، كەچ كېرگەننىمۇ سەزمەي قاپتۇق. قوياش پېتىشتىن بۇرۇن قىزلارنى مەنزىللىرىگە يەتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن كۆپچىلىكنى قايتىشقا تەييارلىنىشقا دەۋەت قىلدىم. مەن كۆپچىلىكنى تېزراق مېڭىشقا دەۋەت قىلغانسىرى دوستۇم بىلەن ئۇنىڭ قىز دوستى خالىدە نېمىلەرنىدۇ پېچىرلىشىپ كەينىمىزدىن ئالدىرىماي مېڭىۋاتاتتى. بىر چاغدا خالىدە بىزگە يېتىشىپ كېلىپ، - رەيھان ئىككىمىز بىرگە ماڭغاچ تۇرايلى، شاكىرغا دوستىنىڭ سۆزى بار ئىكەن، شاكىر سىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىڭ، دېدى. مەن ھەيرانلىق بىلەن قەدىمىمنى توختاتتىم. دوستۇم يېنىمغا كېلىپ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىرىماي سۆزىنى باشلىدى: qXw^y  
     ئاداش بىلىسەن، خالىدە رەيھان بىلەن نەۋرە تۇغقانلاردىن بولىدۇ. خالىدەنىڭ دېيىشىچە رەيھان ئوقۇشىنى پۈتۈرۈپ كېلىشتىن نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ساقچىنىڭ ئاتا-ئانىسى رەيھاننى سوراپ ئەلچى كېرگۈزۈپتىكەن، رەيھاننىڭ دادىسى ماقۇل دەپ بوپتۇ. بېراق بۇ ئىشتىن رەيھاننىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. خالىدەنىڭ دېيىشىچە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاپىسى -قېرىندىشىمنى يوقلاپ كېلەي، دەپ رەيھانلارنىڭكىگە بېرىپتىكەن، رەيھاننىڭ ئاپىسى دادىسىغا، - قىزىمىزنىڭ يۈرىۋاتقان ئوغۇل دوستى بار، دېسىمۇ دادىسى - مەن قىزىمنى ھەرگىزمۇ دېھقان بالىسىغا بەرمەيمەن، قىزىڭنى ئائىلە شارائىتى ياخشى موشۇنداق يېگىتكە بەرمەي كىمگە بىرەتتىڭ، دەپ رەيھاننىڭ ئاپىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلماپتۇدەك. خالىدە بۇ گەپلەرنى ئاپىسىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپتۇدەك. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسام سەمىمىي سۆزلەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى. دوستۇم قولىنى مۈرەمگە ئارتىپ تۇرۇپ يەنە گەپ باشلىدى: /$ :w8  
      ئاداش قانداق ئويلاۋاتىسەن؟ :ENdF `nC  
      گەپ قىلماي تۇر، ئۆزەمنى سەل ئوڭشىۋالاي. دوستۇم چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىپ يەنە گەپ باشلىدى. WQ1~9#  
     ئاداش خاتىرجەم بول. بۇ مەسىلىنى بۈگۈنلا ھەل قىلىمىز. مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. ,p\:Z3{ZH  
      -ئاداش ساڭا بىر سىرىمنى ئېيتىپ بىرەي، خالىدە ئىككىمىز گەرچە تېخىچە قىزىل تاشلىق كېنىشكە ئالمىغان بولساقمۇ بىز خىلى بۇرۇنلا بىر ياستۇققا باش قويۇپ بولغان. قىسقىسى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ماڭا بەرمەي باشقا ئامالى يوق. ئەرزانلا توي قىلىۋالامدىم تېخى. ئۇ شۇنداق دەۋىتىپ مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ قويدى. كۆزۈمنى چەكچەيتكىنىمچە ئۇنى ئىىتتىرىۋىتىپ ۋارقىرىدىم: v?=y9lEH@%  
      -نېمە دەۋاتىسەن؟ چاخچاق قىلما! بۇ شۇنداق ئاسان، ئوينىشىدىغان ئىشما! ;"K;D@xzh]  
      -ئۆزەڭنى بېسىۋال، ئۆزەڭنى بېسىۋال ئاداش. - خالىدە ئىككىمىز كېلىشىپ قويدۇق، بىز بۈگۈن موشۇ سەيلىگاھتا قونۇپ قالىمىز. مەن ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنگەن ئىدىم. 4fyds< f  
     - نېمە؟! نېمە دەۋاتىسەن ئاداش. چاخچاق قىلما. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن چاخچاق قىلمايۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. -E(0}\  
     -ئۆزەڭنى بېسىۋال دېدىمغۇ، نىمانداق ئىش كۆرمىگەن ئادەمدەك ھەيران قالىسەن. خاتىرجەم بول، رەيھاننىڭ ئىشىنى خالىدە توغرىلايدۇ. بۇ چاغدا قوياش ئاللىقاچان تاغ كەينىگە پېتىپ، زېمىنغا تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ھەقىقەتەن يالغان سۆزلىمەيۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. دوستۇمنىڭ مەسلىھەتى توغرىمۇ خاتامۇ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك. موشۇ مىنۇتلاردا راستىنلا قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم. دوستۇم يەنە خىيالىمنى بۆلدى: }@XokRk  
      - ئەنە قارا، خالىدە رەيھاننى قايتۇرۇپ ئەپكەلدى. 'fIoN%  
     - شاكىر بۇلار نېمە دەيدۇ؟ مەن ئۆيگە قايتمىسام بولمايدۇ. بىز تېخى توي قىلماي تۇرۇپلا سېرتلاردا قونۇپ يۇرسەك ئاتا-ئانىمىز نېمە دەيدۇ؟ بۇنداق گەپ يىيىلىپ كەتسە كېشىلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟... ئۇنىڭ چىرايىنى بىر خىل قورقۇنچ قاپلىغان بولۇپ، سۆزلىرىدىن نارازىلىقى چىقىپ تۇراتتى. ?;0w1  
      - يۈر رەيھان، بۇلار ئالجىپتۇ. بىز قايتىپ كېتەيلى! خالىدە سۆزۈمنى بۆلدى: $,)POZ  
     - رەيھان ھازىر قايسى چاغ بولدى؟ قاراپ باققىنە. سەن ھازىر ئۆيگە قايتقاندىمۇ داداڭ، بەرىبىر -قىز بالا تۇرۇپ نەلەردە يۈردىڭ، دەپ دەپ خاپا بولىشى ئىنىق. ئۇنىڭدىن كۆرە ئەتە ئۆيگە قايتقاندا، - تۈنۈگۈن كەچ كېرىپ  كېتىپ خالىدەلەرنىڭكىدە قونۇپ قالدىم دېسەڭلا بولمىدىمۇ. خالىدە شۇنداق دەپلا رەيھاننىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىچە سەيلىگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى قويۇق ئورمانلىققا قاراپ ماڭدى. رەيھان، -قانداق قىلسام بولار، دېگەن مەنادا كۆزۈمگە قاراپ - قاراپ ئۈنسىز ئەگەشتى. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. ,|RN?1?U  
      بىز ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كېرىپ، قىزلارنى ئارىمىزغا ئىلىپ قويۇق ئوت-چۆپ دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە  تاشلاندۇق. خالىدە بىلەن دوستۇمنىڭ كۈلكە چاخچاقلىرى ماڭا شۇنداق سەت ئاڭلىنىۋاتاتتى. رەيھان بولسا جىمجىتقىنە دۈم بولۇپ يېتىۋالغان ئىدى. تومۇز ئىسسىق بۇ كۈنلەردە ئورمانلىقنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ سالقىن ئىدى. كۆكتە يۇلتۇزلار خۇددى بىراۋ تەرىپىدىن بىزنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغاندەك كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ قاراپ تۇراتتى. تەنگە راھەت بېغىشلىغان سالقىن ھاۋا ئۇزاققا بارمىدى. بەدىنىم خىلىلا توڭلىغاندەك بولىۋاتاتتى. بىر كەمدە قارىسام خالىدە بىلەن دوستۇم بىر تەن، بىر جان بولۇپ كېتىپتۇ. رەيھان بولسا ھەدەپ تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئاستاغىنە رەيھانغا قول ئۇزارتتىم. قولۇم ئۇنىڭ بەدىنىگە تېگىشىگىلا ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىيۇ بىر ئازدىن كېيىن قورۇنغان ھالدا يەنە ئورنىغا دۈم بولۇپ يېتىۋالدى. مەن قانداقتۇر بىر غايىبانە كۈچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇنىڭغا يەنە قول ئۇزارتتىم. يېگىتلىك يېشىغا يەتكەندىن بۇيان، بۈگۈن ھاياتىمدا تۈنجى نۆۋەت يات جېنسلىق بىر ئىنسانغا قول ئۇزارتىۋاتاتتىم. ئاھ، نېمە دېگەن لەززەت ھە! بۇ قېتىم ئۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي كەينى تەرىپىنى قىلغان ھالدا ھەرىكىتىمگە بويسۇندى. ئۇ توڭلىغىنىدىنمۇ قانداق، غال-غال تېترەيتتى. مەن قولۇمنى ئاستاغىنە ئۇنىڭ نېپىز كوپتىسىنىڭ ئىچىدىن بارغانسىرى يۇقىرىغا ئاپاردىم. ئۇنىڭ تېترىشى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ قاتۇرۇلغان لېپتىكى ئىچىدىكى يۇمران كۆكسىنى تويماي مىجىقلاشقا باشلىدىم ھەمدە بىرلا كۈچەپ ئۆزەم تەرەپكە قارىتىپ، ئەسەبىيلەرچە قانماي سۆيۈشكە باشلىدىم... b?kY`LC  
     -شاكىر ئەر، خوتۇنلار موشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ HPz3"3n!  
     - بەلكىم. مەن ئۇنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلاپ ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدىم. رەيھانمۇ ئۆز كونتۇرىللىقىنى يوقاتقان ئىدى. cM hBOm*  
     بىر چاغدا يېنىمدىلا  بىر ئەرنىڭ يېقىمسىز ھاسىرىغان ئاۋازى بىلەن بىر قىزنىڭ ھەر قانداق بىر يىگىتنى مەستخۇش قىلغۇدەك ئىڭرىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كېردى. مەن دوستۇم بىلەن خالىدەنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بەدىنىمنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە قانداقتۇر بىر سىزىم بارغانسىرى ئىرادەمگە بويسۇنمايۋاتاتتى. ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا قولۇمنى ئاستا-ئاستا رەيھاننىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە سىلجىتتىم. تۇيۇقسىز بېرى مېنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى. Z)^1~!w0  
     - شاكىر نېمە قىلىۋاتىسەن! lPyY  
     - بىل، بىل، بىلمەيمەن. NZoNsNu*C.  
     - سەن كەلگۈسىدە رەيھان بىلەن چوقۇم تۇرمۇش قۇرالىشىڭغا ئىشەنچ قىلالامسەن؟ *t%Z'IA  
     - بىل، بىل، بىلمەيمەن. >_J9D?3S  
     - توي كۈنى بولىدىغان ئىشلارنى بۈگۈن قىلىۋەتسەڭ، كېيىنچە رەيھاندىن كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتمەيدۇ دېيەلەمسەن؟ h0O t>e"  
     - بىل، بىل، بىلمەيمەن. cTJi8f=g  
     - بوپتۇ، سەن مەجبۇرلىمىدىڭ. ئەگەر توي كۈنى بولىدىغان ئىشلار بۈگۈن يۈز بەرسە، تەقدىر سىلەرگە چاخچاق قىلىپ كەلگۈسىدە تۇرمۇش قۇرۇش سىلەرگە نېسىب بولماي قالسا، رەيھان نامەلۇم بىر يىگىت بىلەن توي قىلىپ، رەيھان ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئۆستەڭگە مېراب بولۇپ قالغىنىنى سېزىپ قالغان يېگىت تەرىپىدىن توي كېچىسى ھوجرىدىن قوغلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا يەنە قانداق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ شۇنداق بولۇپ قالسا سەن ئۆزۈڭگە شۇنداقلا رەيھانغا ۋە باشقىلارغا يۈز كېلەلەمسەن؟! D>fg  
     - مەن، مەن، مەن... .C*mDi)wZ  
     - شاكىر سېنىڭمۇ ئىككى قىز قېرىندىشىڭ بار، سەن ھازىر رەيھاننىڭ ئوغۇل قېرىندىشى ياكى ئاتا-ئانىسى ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاپ باق. مۇبادا سەن رەيھاننىڭ بۈگۈنكى ئىشىنى بىلگىنىڭدە قانداق ئويلايتتىڭ، قانداق قىلغان بولاتتىڭ!...  چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولغان بۇ خېتابلار بىلەن دەرھال ھۇشۇمنى يىغىپ، رەيھاننىڭ ئىشتىنىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىۋاتقان قولۇمنى شارتتىدە تارتتىم- دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. 9]Fi2M  
     تاڭمۇ ئاتتى. ئەمدىلا ئورمان ياقىسىدىكى بۇلاق كۆلچىكىدە يۇيۇنۇپ كەلگەن دوستۇم بىلەن خالىدە دىر-دىر تېترىشەتتى. ئۇلار كۆزۈمگە بىر خىل كۆرۈمسىز كۆرىنىۋاتاتتى. رەيھان بىر چەتتە ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى. خالىدە ئۇنى سىلكىشتۈرۈپ نېمىلەرنىدۇ دەۋاتاتتى. دوستۇم بولسا ماڭا مەسخىرىلىك قاراپ قاراپ ھېجايغىنىچە دېدى: 9?XQB%44  
     - يۈرە ئەركەك، ئەمدى قايتايلى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل مەسخىرە، كېنايە چىقىپ تۇراتتى. خالىدە رەيھاننى سۆرىگەندەك ئىلىپ ماڭدى. بىزمۇ قايتتۇق. { MV,>T_  
      بۇ كۈنلەر دەل يازلىق يېغىمنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلار تېخى يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلمىگەن بولغاچقا كۈندىزى خىزمەتكە بارسام، ئەتىگەن، كەچتە چوڭلارنىڭ ئىشىغا ياردەملىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ چارچىغاچقا رەيھان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئويلانغۇدەك تۈزۈك ۋاقتمۇ چىقىرالمايۋاتاتتىم. شۇنداق قىلىپ رەيھان بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ تۇرغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا يازلىق تەتىلمۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن كۆڭلۈمدىكىنى ئاتا-ئانامغا ئۇقتۇرالماي توشۇپ كەتتى. ئانام ھەممىنى بېلەتتى بىراق دادام تېخىچە رەيھان بىلەن ئارىلىشىپ يۇرىۋاتقىنىمنى بىلمەيتتى. دادام بولسا ئۆتكەنكى خاپىلىقتىن بۇيان تۇرمۇش ئىشىمنى ئېغىزغا ئالماس بولۇپ قالغان، تېخىچە بالىلارچە قىيداش بىلەن دائىم ئۆزەمنى دادامدىن قاچۇرۇپ يۈرگەچكە شۇ ئىشتىن بېرى ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىسىلا دادام بىلەن بولغان پارىڭىمىز كەمدىن-كەم ئىدى. تەتىل ۋاقتى توشۇپ مانا يېڭى يىللىق ئوقۇشنىمۇ باشلىۋالدۇق.

qukan2011-04-27 23:56
10-  قىسىم gLB(A\yG  
ئۈزىلدى رىشتىمىز، تۆكۈلدى ئۈنچە، ? Bpnnwx  
ئىچىلماي توزىدى مۇھەببەت غۇنچە. ?id)2V0s  
ئابروي، ئادەتلەر بولۇپ توسالغۇ، ;NR|Hi]  
تارتمىغان خوۋلىقىم قالمىدى شۇنچە.
$G-<kC}8:  
dMH_:jb  
Zp> v  
`*3A7y  
n.&7lg^X  
     1996- يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. ئىشخانامدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئالدىراش تەكشۈرىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كاتىپ قىز چاقىردى: p L"{Uqi  
     - شاكىر مۇئەللىم، سىزگە تېلىفۇن. ~;3yjO)l?)  
     - كىمۇ؟ ]~aj  
     - بىلمىدىم، بىر قىز سىزنى ئىزدەيدىكەن. رەيھان تېلىفۇن ئۇرغان بولمىسۇن يەنە. قىلىۋاتقان ئىشىمنى قويۇپ، ئالدىراپ بىنا كارىدورىدىكى تېلىفۇننىڭ يېنىغا چىقىپ تورۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم. r8s>s6vm  
     - ئەسسەلامۇئەلەيكۇم. {  c#US  
     - ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام. شاكىرمۇسىز؟ 1z PS#K/3  
     ھەئە شۇنداق. سىز كىم بولىسىز؟ بۇ قىزنىڭ ئەۋازى تونۇشلا بولسىمۇ ھېچبىر رەيھاننىڭ ئەۋازىغا ئوخشىمايتتى. `eM ZhY o  
     - ھە، مېنى تونىمىدىڭىزما؟ مەن خالىدە. مۇھىم گەپ، سىز ئاڭلاشنى خالىمايدىغان گەپ. تېخى بايىلا ئانامدىن ئاڭلىسام رەيھان بىلەن شەھەردىكى ھېلىقى ساقچى يېگىتكە تۈنۈگۈن چاي ئىچۈرۈلۈپ بوپتىدەك. قارىغاندا پات ئارىدا تويىنى قىلىۋەتكۈدەك. 1'qXT{f/~  
     - نېمە؟ بۇ، بۇ، قانداق گەپ؟ قانداقتۇر بىر ئاچچىق سېزىم مېڭەمدىن كېرىپ ئايىغىمدىن چىقىپ كەتتى. G*I    
     - رەيھانچۇ؟ ئۇ قوشۇلۇپتىمۇ؟ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى قايىل قىلماقچى ئىدىغۇ؟ h mRmU{(Y  
     - ياق، ئۇ قوشۇلمىسىمۇ ھاممائاچام بىلەن دادىسى مەجبۇرلاۋىتىپتۇدەك. ھە؟ چۈشەندىم، يېقىندىن بېرى رەيھاننىڭ ئىشقىمۇ بارماي كۆرۈنمەيۋاتقىنى سەۋەپسىز ئەمەس ئىكەندە. - شاكىر بۇنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سىلەرگە ئاخىرقى قېتىم بىر ياردەم قىلاي. ئۇ قەتئىي گەپ قىلىۋاتاتتى. - موشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى مەكتىپىڭىزدىن رۇخسەت ئالالامسىز؟ o8R_ Ojh  
     - قانداق دەيسىز؟ 0]4X/u#N  
     - ئەستايىدىل ئاڭلاڭ، مەنمۇ جۈمە كۈنى ئىدارەمدىن رۇخسەت سوراپ يېزىغا چىقىپ، ھاممائاچامدىن سوراپ رەيھاننى بىزنىڭ ئۆيگە ئىلىپ چىقىمەن. سىزمۇ مەكتىپىڭىزدىن رۇخسەت سوراپ چۈشتىن كىيىن سائەت 3-4 ئەتراپىدا بىزنىڭ ئۆي ئەتراپىدا بولۇڭ. سىلەر تۇرمۇش قۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ھازىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا رەيھاننى ئىلىپ قىچىشتىن باشقا ئامال يوق. مەن ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ شۇ تاپتا ئالدىمدا باشقا تاللاش يولى يوقتەك ئىدى. شۇنداق كېلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئىيتىپ تېلىفۇننى قويدۇم. قولۇم ھېچبىر ئىشقا بارمايتتى. X"!j_*&ED  
     تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. خالىدە بىلەن كېلىشكىنىمىز بويىچە مەن كىچىك ماشىنىدىن بىرنى كېرا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى چوڭ يولدا ساقلاپ تۇردۇم. بىر كەمدە رەيھان ئاستا قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەلدى دە، كۆز ئىشارىتىم بىلەن ماشىنىغا چىقتى. ئۇ -نەگە بارماقچى، دېگەن مەنادا كۆزۈمگە تىكىلدى، مەن - كەچۈرۈڭ رەيھان، باشقا ياخشىراق ئامال تاپالمىدىم، دەپلا شوپۇر ئۇستامنى مېڭىشقا بۇيرۇدۇم. c["1t1G  
      ماشىنا يەڭگىل سىلكىنىپ كىتىۋاتماقتا. رەيھان تەگسىز خىياللار بىلەن ماشىنا دەرىزىسىدىن سېرتقا قاراپ ئولتۇراتتى. گەرچە ئاللىبۇرۇن بۈگۈنكى نىشان ۋە كۈنتەرتىپنى پىلانلاپ بولغان بولساممۇ قانداقتۇر بىر تەشۋېش ۋە ئەندىشە كاللامنى چۇلغىۋالغان ئىدى. ئالاھەزەل 1-2 كىلومېتىر ماڭمايلا شوپۇر ئۇستامغا نىشاننى ئۆزگەرتىپ، ماشىنىنى ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ ھەيدەشنى بۇيرىدىم. رەيھان بولسا خۇددى بۇ ماشىنىدا يوقتەكلا پەرۋاسىز. :}e<  
      بىز مەھەللىمىزدىكى بىر تاغامنىڭكىگە چۈشكىن قىلدۇق. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تاغام مېنىڭ ئۆتىنىشىم بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كېتىپ، تۈن پەردىسى زېمىننى قاپلىغان چاغدا تۇغقانلارنى يېغىپ كەپتۇ. ئۇ كۈنى ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئىچىدە كەسكىن دە تالاش، مۇنازىرە ئىلىپ بېرىلغان بولسىمۇ دادام يەنىلا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، رەيھاننىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى. SaXt"Ju,AH  
     - ئارۇپچان، قىز بۈگۈن مەشەدە قونۇپ قالسۇن، قانداق گەپ بولسا ئەتە دېيىشەيلى. .o/|]d`%  
     - ياق! مەن بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا قىزنىڭ ئۆيىگە بارىمەن. ئەھۋالنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ پېكرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىش كۆرىمەن. [c3!xHt5O  
     - قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپسا، سېنىڭچە قىزىنىڭ يەنىلا موشۇ يەردە قىلىشىغا يول قويارمۇ؟ g>VtPS5 y  
     -يول قويمىسىمۇ مەيلى. ئۇلار - بوپتۇ، بالىلارنىڭ رايىغا بېقىپ پات ئارىدا تويىنى بېرىۋىتەيلى دېسە، ئۇنى كۆردۈم، ياق، قىزىمىزنى سىلەردەك دېھقان ئائىلىسىگە بەرمەيمىز دېسىمۇ ئۇنىمۇ كۆردۈم. مېنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم بىر ئاتا-ئانا نەچچە 10 يىل بىر قىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشسا، قىز بولغۇچى ئاتا-ئانىسىنىڭ رايىغا باقماستىن ئۆرپ - ئادەتنى بۇزۇپ قىچىپ ئەرگە تېگىۋالسا، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ يۇرت- ئالدىدىكى يۈزى قانداق بولۇپ كېتىدۇ؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇنداق قىزنى بىقىپ چوڭ قىلغىنىغا رازى بولامدۇ؟ ئانا بەرگە سۈتىگە رازى بولامدۇ؟!!! _<(xjWp 8  
     - ئارۇپ ئاكا، سەن بۇنداق دېگىنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، - بوپتۇ بالىلارنىڭ رايىغا بىقىپ تويىنى پات ئارىدا قىلىپ بىرەيلى، دەپ كېيىن يېنىۋالسىچۇ؟ Gd4S7JE  
     - ئۇنىڭغىمۇ مەيلى. مەن تۈنجى ئوغلۇمنىڭ تۇرمۇش ئىشىدا ئەل - جامائەتنىڭ، ئارۇپ تۈنجى ئوغلىنىڭ تويىنىمۇ تۈزۈك قىلىپ بەرمەي قىز ئەپقىچىپ توي قىپتۇ، دېگەندەك گەپلىرىگە قالغۇم يوق. جاھاندا قىز دېگەن ساماندەك. $mPR)T  
     -ئارۇپ، ئارۇپ تۈنجى ئوغلىنىڭ تويىنىمۇ تۈزۈك قىلىپ بەرمەي قىز ئەپقىچىپ توي قىپتۇ، دېگەن گەپتىن ئارۇپنىڭ ئوغلى ئۆيىگە بىر قىزنى ئىلىپ كەپتىكەن، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بوپتۇ، بالىلارنىڭ رايىغا بېقىپ، پات ئارىدا تويىنى قىلىۋىتەيلى دەپ قىزىنى ئەپكىتىپ، كېيىن تويدىن يىنىۋاپتۇ دېسە بۇ گەپ ئىغىر كېلەمىكىن. شۇڭا بۈگۈن تاڭ ئاتسۇن، سېنىڭ ئۆرپ-ئادەت بويىچە چىرايلىق توي ئۆتكىزىپ بەرگىڭ بولسا ئەتە-ئۆگۈن شۇنداق قىلساڭمۇ بولىدىغۇ. epsRv&LfC  
     - ياق، ئەگەر ھەر بىرىڭلار موشۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇپ قالغىنىڭلاردا موشۇ دەقىقىدە قانداق ئويلىغان بولاتتىڭلار! )Z:-qH  
      دادام ئاخىرى ئۆز پېكرىدە چىڭ تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز رەيھانلارنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى، غەرەز ئۇقتۇرالمىغان تۇغقانلارمۇ دادامغا ئەگەشتى. ئۇلار رەيھانلارنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بارغاندا رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسى، -قىزىمىز خالىدەلەرنىڭكىدە قونۇپ قالدى، دەپ ئويلاپ ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇنى باشلاپ بولغان ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان رەيھاننىڭ دادىسى داد-پەرياد ئۇرۇپتۇ، ئانىسى بولسا مەن قىزىمىزنىڭ رايىغا باقايلى دېسەم ئۇنىمىدىڭىز ئەمدى بۇ ئاھانەتنى قانداق قىلغۇلۇق، دەپ رەيھاننىڭ دادىغا كايىپ چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلاپتۇ. ئاخىرى ئۇلار رەيھاننى ياندۇرۇپ كىلىدىغان، بۇ ئەھۋال تېخى يۇرت-جامائەتكە يېيىلىپ كەتمەستە كېلەر ھەپتىگىچە تەييارلىق قىلىپ توينى تىز قىلىۋىتىدىغان بولۇپ كېلىشىپ، رەيھاننىڭ ئىككى خوشنىسى بىلەن بىرگە يىنىپ كەپتۇ. LA6XTgcu  
      بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئالدىراش توي تەييارلىغى قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام بىلەن خېلى يىقىن ئۆتىدىغان رەيھانلارنىڭ بىر تۇغقىنى بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ، -ئارۇپ ئاكا تەييارلىقنى توختىتىڭلار، رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆتكەندە بۇ تويغا قوشۇلغىنى بىلەن ئۇلار ھازىر رەيھاننى شەھەردىكى ھېلىقى ساقچى يىگىتكە ياتلىق قىلىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، تېخى بايىلا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلدىم، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ. CH4Nz'X2  
      مەن بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيدىكى بىر خىل بۇرۇختىملىقنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا، بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ كەلسەم دادام بىلەن رەيھانلارنىڭ ھېلىقى تۇغقىنى ئۆيدە مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. دادامنىڭ چىرايى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل قورقۇنىشلىق تۈستە ئىدى. ;5/Se"Nd  
      -ئوغلۇم بۇياققا كەل،  ئۇدۇلىمغا كېلىپ ئولتۇر. ئوغلۇم سەنمۇ چوڭ بولۇپ قاپسەن، مەن مۇۋاپىق لايىق تېپىپ ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ قويغىچە ئالدىراپ رەيھان دېگەن قىزنى ئەپقىچىپسەن. خەۋىرىڭ بار، مەن بوپتۇ ئوغلۇمنىڭ رايىغا باقاي دەپ تويۇڭغا قوشۇلدۇم. بەلكىم بىلمىسەڭ كېرەك، تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋال رەيھانلارنىڭ مۇنۇ تۇغقىنى بۇ توينىڭ ئەمەلدىن قالغانلىق خەۋىرىنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى، مانا بۈگۈن بولسا يەنە تويغا تەييارلىق قىلىش ھەققىدە خەۋەر ئەپكەپتۇ. مەن بۇ گەپلەرنىڭ باش-ئاخىرىنى چۈشۈنەلمەي ھەيرانلىق بىلەن رەيھاننىڭ تۇغقىنىڭ كۆزىگە تىكىلدىم.   6|EOB~|  
     - ھە، شاكىرجان ئىنىم مۇنداق ئىش. ھېلىقى ساقچى يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سېزنىڭ رەيھاننى ئىلىپ قاچقىنىڭىزنى نەدىن ئۇقتىكىن، ئۇقۇپتۇ. گەرچە رەيھان بۇ يەردە قونۇپ قالمىغان بولسىمۇ ساقچى يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى، -قىزىڭلارنىڭ نامى بۇلغىنىپتۇ، دەپ تويدىن يىنىۋاپتۇ، شۇڭا ئەمدى ئۇلار رەيھاننىڭ سىز بىلەن تويىنى قىلىۋەتمەكچى. باياتىن بېرى پات-پات گېلىنى قىرىپ، يەرنى يېنىك توكۇلدىتىپ ئولتۇرغان دادام سۆزىنى داۋام ئەتتى: eQ'E`S_d  
     ئوغلۇم ھازىر ئالدىڭدا 2 خىل تاللاش يولى بار. بىرى، -دادا بۇ توينى قىلىمەن دەيسەن، مەن ئەتىلا تويۇڭنى قىلىپ بېرىمەن. شەرت، ئۆگۈنلىككە دادا بالىلىقتىن كېچىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىسەن، بۇندىن كېيىن ئىككىنچىلەپ كۆزۈمگە كۆرۈنمەيسەن، مېنىڭ فامىلەمنى ئىشلەتمەيسەن. يەنە بىرى، دادا سېنىڭ دېگىنىڭچە بولسۇن دەيسەن، مەن تونۇشتۇرغان قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرىسەن. رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇمكى؛ ئۇلاردا قىلچىمۇ ئادىمىي پەزىلەت يوق ئىكەن، ھېلىغۇ ئۇلار ھازىر قىزىنى بىرىشكە قوشۇلۇپتۇ، قىزى بىلەن بېرلىكتە تاغدەك دۆۋىلەپ ئالتۇن بەرگەن تەقدىردىمۇ مەن بۇنداق تويغا قەتئىي قوشۇلالمايمەن! جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن چوقۇم شۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن قىز ئالىمەن! ئەگەردە ئەسلىدىكى كېلىشىمىمىز بويىچە بولغان بولسا ئۇ چاغدا باشقا گەپ ئىدى. سەنمۇ ھازىر كىچىك بالا ئەمەس. كۈندە 30-40 بالىغا دەرس بېرىۋاتقان ئادەم. بۇنىڭ ئويلىنىدىغان يېرى يوق! دەرھال بىر يولنى تاللا! (d &" @  
     ئاھ تەڭرىم! دادامنىڭ خۇي-مىجەزى ماڭا ئايان. مەن قايسى يولنى تاللاي! رەيھاننى دەپ ئاتا-ئانامدىن كېچەيمۇ! ئاتا-ئانامنى دەپ شۇنچە يىلدىن بېرى شۇنچە خورلۇقلارغا چىداپ چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن دېلبىرىمدىن كېچەيمۇ! مەن بۇ 30 نەچچە يىللىق ئۆمرۈمدە 2 قېتىم ئايلىنىپ ھۇشۇمدىن كەتكەن. بۈگۈن تۈنجى قىتىم ئايلىنىپ يېقىلىپ قاپتىمەن. بىر كەمدە ھۇشۇمغا كەلسەم مەھەللىمىزدىكى سېستىرا قىزچاق ئوكۇل سېلىپ تۇرۇپتۇ. دادام يەنىلا غەزەپلىك چىرايى بىلەن، -قېنى قايسى يولنى تاللىدىڭ، دېگەندەك بېشىمدىن قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن تەستە دادامغا قاراپ تۇرۇپ دېدىم: - دادا دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. شۇنداق دەپلا كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم.

qukan2011-04-27 23:56
11-  قىسىم +^J&x>5  
UaG&HGg]!  
ئولتۇرار ئالدىمدا بىر قىز تاتىرىپ، ?z.Z_A&  
قالسىمۇ كۆزلىرىم سەندىن يىراقلاپ. >uJu!+#  
شۇندىمۇ بىر سىنى، ئەسلەيمەن پىنھان، k'v+/6 Y  
ئۆتەرمەن تېخىچە يەنە تېڭىرقاپ.
U7LCd+Z 5X  
XcbEh  
   v%#@.D!)  
mJ8EiRSE  
   مەن كېچىگىمدىن دېنىي ئەقىدە كۈچلىك ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن تاكى ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە ھاراق، تاماكا دېگەنلەرنى ئېغىزىمغا ئىلىپ باقمىغان ئىدىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ <<ئىلتىپات>>ى بىلەن گەرچە كەسپىي بولمىساممۇ ھەر ھالدا ھاراق، تاماكىلارغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم. مانا بىرە ئايچە بولمايلا خىزمەتداشلىرىم ۋە تونۇش-بېلىشلىرىم ئارىسىدا خېلىلا نامى بار <<زابوي>> بولۇپ قالدىم. چوپقەت ۋە دوستلىرىم ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپىيىپ باراتتى. مۇئاشىمنى ئالغان تۈنجى كۈنى قىلىدىغان ئىشىم، ئالدىن بىر نەچچە يەشىك ھاراق ئەپقويۇش ئىدى. G_WFg$7G%  
     مەن دادامنىڭ ئىرادىسىگە باغقان كۈندىن باشلاپ رەيھاننى ھېچ ئۇچرىتالمىدىم. ئۇ خىزمەتتىنمۇ توختىغان ئىدى. ئارىدىن بىرە ئايچە ۋاقت ئۆتۈپ رەيھاننىڭ خوشنا ناھىيەدىكى، ئاتا-ئانىسى ئويلىغىنىدەك كادىر ئائىلىسىگە ياتلىق قىلىنىپ، يېزىمىزدىن يۆتكىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئۇقتۇم. شۇندىن باشلاپ بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تەسادىپەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا توپ-توغرا 10 يىلغىچە ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىدىم. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ نامىم تېخىمۇ چىقىشقا باشلىدى. ئانامنىڭ كېچە-كېچىلەپ بېشىمدا ئولتۇرۇپ، تۈننى تاڭغا ئۇلاپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىنىڭ ھېچبىر ئۈنۈمى بولمايتتى. مېنىڭ نامىمنى ئاڭلىغان كېشىلەر مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بىر نەچچە بوتۇلكا ئاق ھاراقنى شەخسىي ئىچىشىمگە ئالدىمغا قويۇپ قويۇشاتتى. مەن 1-2 جىڭ ھاراقنى چوڭ قاچىغا قۇيۇپ بىراقلا كۆتۈرىۋېتىپ، موتۇسېكىلىتىمنى مىنگىنىمچە يۈرۈپ كەتسەم، -توۋا، راست ئىكەن جۇمۇ، دەپ ياقىسىنى چىشلەشكىنىچە كەينىمدىن قاراپ قېلىشاتتى. ھەتتاكى بەزەنلەر مېنى ئۇسقىنى ماڭا ئىككى ھەسسە كېلىدىغان كېشىلەر بىلەن ھاراق ئىچىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، دو تېكىپ ئۇتۇۋالغىنىدا ئۇلارنىڭ ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشاتتى. نامىم تېخىمۇ چىقاتتى. lNe5{'OrO  
     1997- يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرى. ئىشتىن يېنىپ، قوياش ئاللىبۇرۇن پېتىپ بولغان چاغدا تولا يىقىلىپ، مىنسەم تاسقاپ ماڭىدىغان بولۇپ كەتكەن موتۇسېكىلىتىمنى ئالدىرىماي، ئىغاڭلاپ ھەيدەپ كېلىۋاتسام ئانام كۆنۈپ كەتكەن ئادىتى بويىچە خۇنۈك كۈزلىرىنى يولغا تىككىنىچە مەھەللە دوقمىشىدا ئىنىم بىلەن ساقلاپ تۇرۇپتۇ. كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئانامنى كۆرۈپلا موتۇسېكىلىتتىن چۈشۈپ ئىنىمغا تۇتقازدىم، ئانام قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە ئۆيگە ئىلىپ ماڭدى، ئۇنىڭ غودۇراشلىرى ھېچبىر قۇلىقىمغا كېرمەيتتى. Ct(^nn$A  
      ئەتىگەندە ئويغانسام خاس خانەمدىكى يانداپ سېلىنغان ئورۇندا ئاپئاق يۈزلىك ئۇز بىر قىز كۆزلىرى نەم ھالدا تورۇسقا قاراپ يېتىپتۇ. ئېسىمنى يېغىپ ئويلىسام ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر چاغدا ئىنتايىن ئاچچىق بىر نېمە يېگىنىم ئىسىمدە باشقىسىنى بىلمەيمەن. %f\j)qw  
     - ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟ بامدات نامىزى ئوقۇپ بولغىنىم نەۋاخ. تاڭ ئىتىپ قالدى، سۇنى تەييارلاپ قويدۇم، يۇيۇنىۋىلىڭ. قىزنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئائىلىمىزدە يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بولىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلار ۋە تۈنۈگۈن كەچتىكى بولغان ئىشلارنى خېرە ئەسلەپ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم-دە، چۆگۈننى ئىلىپ سۇخانىغا كېرىپ، توي قىلغان بىر قىسىم ياشلاردىن ئاڭلىغىنىم بويىچە ئادەت يۈزىسىدىن بويۇمنى سۇغا سالدىم. بىر ئازدىن كېيىن بىلدىمكى؛ بۇ قىز مېنىڭ خوتۇنۇم ئىكەن. دادام مېنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىمنى بىلگەچكە قىز تەرەپكە يۇرتىمىزدا ئىقىۋاتقان تويلۇقتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تويلۇق بېرىپ، راستىنلا رەيھانلارنىڭ جەمەتىدىن بولغان ئىشسىز، تەقۋادار، تازا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بۇ قىزنى ئالدىنئالا ئەپكېلىپ ماڭا قوشۇپ قويۇپتۇ، ھەپتە ئاخىرىدا توي بەرگۈدەك. Ga^:y=m  
      مانا، توي قىلىپ خوتۇنلىقمۇ بولۇپ قالدىم. ئارىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقت ئۆتتى. ئانام يەنىلا ھەر كۈنى كەچقۇرۇن مەھەللە دوقمىشىدا مېنى كۈتەتتى. يىغلايتتى، يالۋۇراتتى، نەسىھەت قىلاتتى ئەمما ھېچ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيتتى. بىر كۈنى ھاراق ئىچمەي قايتىپ كەپتىمەن، ئانامنىڭ خۇشھاللىقىدىن ئېغىزى قۇلىقىغا يەتتى. مەن ئانامنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلدىم، ئۇنىڭ ماڭا قاراشلىرى باشقىچىلا، چىرايىدىن قارىسام نەچچە يىل قېرىپ كەتكەندەكلا. شۇ كۈنى كۆپ ئويلاندىم، ئاخىرى مەھەللىدىكى گەپ تېرىشكە ئامراق خوتۇنلارنىڭ كەينىمدىن نېمىلەرنىدۇ دەپ پىچىرلاشلىرى، ئانامنىڭ كۈندىن - كۈنگە <<ئۇف>>نى تولا ئېيتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مېنىڭ بىچارە ئانامغا بەكلا ئىچىم كۆيەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئايالىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويىدىغان بولدۇم. =BD |uIR  
     1999- يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بېرى. ئەتىگەندە ئىشقا ماڭاي دەپ تۇرسام ئانام ناھايىتى خۇشچىراي ھالدا چىقىپ: $;";i:H`  
     ئوغلۇم يەنە ئىچىپ، چېكىپ يۈرمە. داداڭنىڭ يۈز-ئابرويىنىمىغۇ بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋەتتىڭ، جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ئەمدى چوڭ بول، ئانامنى خوش قىلاي دېسەڭ ئۇنداق بىر نىمىلەرگە ئەمدى يېقىن يولىمىغىن. ھە راست بۇ ئايلىق مۇئاشىڭنى ئالساڭ يېرىمىنى ئايالىڭغا بەر، لازىمى بار. مەن ئايالىمغا قارىدىم، ئۇ مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆيگە كېرىپ كەتتى. ھە، ئەسلىدە...

qukan2011-04-27 23:57
12-  قىسىم !wo  
gq.l=xS  
بەختلىك كىشىلەر بىلمەس بەختنى، H6M G5f_  
ھايات چەكلىكتۇر چەكلىك نىھايەت. Z1U@xQj  
شۇ ياشلىق، قىزغىنلىق، ئوتلۇق مۇھەببەت، R-Gg= l5  
قايغۇ ، شاتلىققا  يانداشكەن ئەبەت.
L1QDA}6?_Y  
O0sLcuT$  
rs0Wy  
m(^nG_eX  
     قاچانلاردا خىيال بىلەن ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئورنۇمدىن تۇرسام كىچىك ئوغلۇم، -دادا ئاپامنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ تۈنۈگۈن يەنە چېۋىن دورىسى ئىچىۋاپسىز ھە. قانچە نوقۇپ، چاقىرساقمۇ بىلمىدىڭ، كېچىچە <رەيھان، رەيھان...> دەپ جۆيلۈپ چىقتىڭىز، كىم ئۇ رەيھان دېگەن، دەپ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قاراپ تۇراتتى. كىچىك ئوغلۇمنىڭ يېشىغا ماس بولمىغان گەپ-سۆزلىرىدىن مەھەللىدىكىلەرمۇ ھەيران ئىدى. 8-x)8B  
     تۈنۈگۈنكى ئويۇم بويىچە بالىلارنى، - چىرايلىق كېيىنىپ تەييار بولۇڭلار، سېلەرنى چوڭ شەھەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلەي، دەپ دەرھال رەيھاننىڭ قېشىغا يول ئالدىم. Ⅹ شەھەرگە بارغاندىن كېيىن بالىلارغا، - بالىلىرىم شەھەردىكى Ⅹ دوختۇرخانىدا بىر ئاچاش داۋالىنىۋاتاتتى، بىز ئاۋۋال شەھەرنى ئايلىنىپ ئاندىن ئاچاشنى يوقلايلىمۇ ياكى ئاۋۋال ئاچاشنى يوقلاپ ئاندىن شەھەرنى ئايلىنايلىمۇ، دەپ سورىدىم. بالىلىرىم ئاندىنئالا كېلىشىۋالغاندەكلا ئاۋۋال ئاچاشنى يوقلىۋىتىپ ئاندىن ئوينايلى دېيىشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابنى بېرىشىنى بەكلا كۈتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانا ئالدىدىكى يايمىچىلاردىن ئاز تولا مېۋە-چىۋە ئىلىپ بالىلارغا كۆتۈرگىزىپ، رەيھاننىڭ تۈنۈگۈن ئىيتىپ بەرگىنى بويىچە ياتىقىغا ئۇدۇللا كېرىپ كەلدۇق. ئۇ يالغۇز كېشىلىك ئالاھىدە بالنېست ياتىقىدا ئەمدىلا تارتېۋىتىلگەن ئوكۇل يىڭنىسى ئورنىنى بارماقلىرى بىلەن بېسىپ ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن. Fzy5k?R  
ۋېسال ئىزلەپ كەلدىم قېشىڭغا، z6 .^a-sU5  
يېراقلاردىن ھېدىڭنى پۇراپ. HnKXO  
نە دەرمان بار يەنە كۈتۈشكە، yKC1h`2  
روھسىز تېنىم كەتسە قاغجىراپ. #@P0i^pFTB  
      رەيھان بىزنى پەقەت ئەلەملىك كۈلۈمسىرەش بىلەن قارشى ئالدى. بالىلىرىم بىلەن كونا قەدىناسلاردەك قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ مەڭزىللىرىگە سۆيۈپ قويدى. كىچىك ئوغلۇمنىڭ، -ئاچا نېمە بولدىڭىز، دېگەن سوئالىغا پەقەت بىر جۇپ كۆزىدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياش بىلەن جاۋاب بەردى. "-Wb[*U;  
     ئۇ بالنىستتا بىر مەزگىل ياتقىنىدىن بولسا كېرەك، چىرايى بىر قىسمىلا بولۇپ قالغان ئىدى. تۈنۈگۈندىن بىرى كاللامدا تىزىۋالغان تىزىسلىرىم ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئاران غەيرەتكە كېلىپ تېنچلىق سورىدىم: c-ql  
     - رەيھان ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئۇ بىر <<ئۇف>> تارتىپ قويۇپ جاۋاب بەردى. T_fM\jdI  
     - ئاللاغا شۈكرى، موشۇنچىلىك. dEZlJo@J  
     - كېسىلىڭىز...؟ رەيھان ئورنىنى توزەشتۈرۈپ ئاستا يېتىۋالغاندىن كېيىن دەرىزە تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ ئالدىرىماي تۇرۇپ جاۋاب بەردى. V+t's*9o3  
     - بۇ سۇئالغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىڭ. ^p3W}D  
     - مەن...؟ ئۇ يەنىلا دەرىزە سىرتىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ جاۋاب بەردى. ==EB\>g|  
    - شۇنداق سىز. بولدىلا ھازىر بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى. ئۇ شۇنداق دېگەچ ياتاق ئىچىگە كۆز يۈگۈرتتى. بەلكىم ئۇ بىنا كارىدۇرىدا يۈگۈرىشىپ ئوينىشىۋاتقان بالىلارنىڭ بۇ گەپلەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ قېلىشىنى خالىمىدى بولغاي. ئارىدىكى سۈكۈتكە تاقەت قىلىپ بولالماي ئاچچىق موخۇركامدىن بىرنى يۆگەپ ئوت تۇتاشتۇردۇم. بىر چاغدا كىچىك ئوغلۇمنىڭ ھاسىراپ كېرىپ كېلىشى بىلەن رەيھان ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ;?%_jB$P  
     - شاكىر بالىلىرىڭىز شوخ بولغىنىغا قارىماي ئەقىللىق ئىكەن. ۋاقتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، يۇرۈڭ، سېرتقا چىقىپ غىزالىنىپ كېلەيلى. gmZ] E45  
     - سىز بۇنداق تۇرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ P=Su)c  
     - ھېچقىسى يوق، ھەر كۈنى ئۆزۈم سېرتقا چىقىپ غىزالىنىپ كېرىمەن. بالىلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالدىمىزدىلا يۈگرەپ چىقىپ كەتتى. بىز بالىلارغا ئەگىشىپ دېگۈدەك مېڭىپ بىر ئاشپۇزۇلغا يېتىپ كېلىپ ئايرىم خانىغا جايلاشتۇق. ھاۋا دېمىق بولغاچقىمىكىن غىزالىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كىچىك ئوغلۇم شېرەگە بېشىنى قويۇپلا <<بوم پەدە>>نى باشلىۋەتتى. چوڭ بالام بولسا رەيھاننىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى. مەن باياتىن ياتاقتا ۋە تۈنۈگۈن تېلىفۇندا جاۋابسىز قالغان سوئالىمنى قايتا تەكرارلىدىم: $CZ'[`+  
     - رەيھان قانداق كېسەللىك بىلەن داۋالىنىۋاتىسىز؟ &_74h);2I:  
     - شاكىر ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق، مەن 10 نەچچە يىلدىن بېرى سىزنى مېنى كەچۈرمەسمىكىن دەپ ئۆزۈمنى بەك ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدىم، دېمىسىمۇ مەن ئالدىڭىزدا ئەيبلىك. مېنى كەچۈرۈڭ. aP#/%  
     - رەيھان كەچۈرمىگۈدەك ھېچ ئىش يوق، بۇ جۇدالىقنى پەقەت تەقدىر دەپلا ئۆزىمىزگە تەسەللىي بىرەيلى. سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ، ياردىمىم كېرەكمۇ؟ .aR9ulS  
     - دوختۇرلار بۆرەك دەمدۇ، يۈرەك دەمدۇ، ئىشقىلىپ بىر نەچچە كېسەل تېنىمنى چۇلغىۋالدى. شاكىر ماڭا ھېچقانداق ياردىمىڭىز كېرەك ئەمەس.  10 يىللىق جۇدالىق ماڭا بىر ئۆمۈر يېتىپ ئاشىدۇ. قالغان ئۆمرۈمدە ماڭا پەقەت پات-پات تېلىفۇن قىلىپ تۇرسىڭىزلا مەن ئالەمچە خۇشھال، ماڭا قىلغان ياردىمىڭىز شۇ بولۇپ قالسۇن. ئارىدىن قانچە ۋاقت ئۆتتىكىن، كىچىك ئوغلۇم توساتتىن، -دادا، دادا كىچىك تەرىتىم قىستاپ كەتتى، دېيىشى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلدى. تاكسى بىلەن دوختۇرخانىغا بىرگە كېلىپ، بالىلار بىلەن بېكەتكە يۈرۈپ كەتتىم. ئۇ دوختۇرخانا تېمىغا يۆلەنگىنىچە بىز يىراقلاپ كەتكۈچە قاراپ قالدى. ER0B{b  
     شۇ كۈندىن ئىتىبارەن ساق 10 يىل ئۈزۈلۈپ قالغان دېل رېشتىمىز قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى. گاھىدا ئۇ، گاھىدا مەن خىزمەت ۋاقتلىرىدا تېلىفۇن قىلىپ تۇرىمىز. كاللامدا جاۋاب بەرمەك تەس بولغان سوئاللار كېچە، كۈندۈز ئارامىمنى قويمايدۇ. ئارىدىن 10 نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ بالنىستتىن چىقىپ ئىشىغا چۈشتى. تېلىفۇن ئالاقىمىز كۈنسايىن كۆپىيىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ ھەر قېتىملىق تېلىفۇن سۆھبىتىدە مېنىڭ ئەمدى ھاراق ئىچمەسلىكىمنى؛ ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ، چىرايلىق كېيىنىپ يۈرۈشۈمنى  قايتا-قايتا ئۆتۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. 10 يىلدىن بېرى ئاتا-ئانام، خىزمەتداشلىرىم، ئايالىم، قېرىنداشلىرىم توسۇپ بولالمىغان <<زابوي>>لىقنى ئەمدىلىكتە بارا-بارا تاشلاۋاتاتتىم. ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى؛ تېلىفۇن ئالاقىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەقلىمنى يوقىتىپ، مەندە ئۇنىڭغا بولغان بىر خىل ھاۋايى ھەۋەس كۈنسايىن ئىشىپ بىرىۋاتاتتى. X!mlC51  
     10 يىللىق جۇدالىقتىن كېيىن يۈز كۆرۈشۈپ بىر يىلدىن كېيىن ياز ئايلىرىنىڭ بىرىدىكى دەم ئىلىش كۈنىدە تېلىفۇن سۆھبتىدە ئۇ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ قالدى. بۇ دەم ئىلىش كۈنىدە يولدىشى بالىسىنى ئىلىپ چوڭلارنى يوقلاپ كەتكەن ئىكەن. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىر خىل سېھرىي تۇيغۇ ھامان مېنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىمغا ئۈندەيتتى. Zn[ppsz|  
     كەچكە قالماي ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باردىم. ئۇ مېنى ئىسىل غىزا ۋە قورۇمىلار بىلەن كۈتۈۋالدى. بىر بىرىمىزگە تويماي بېقىشاتتۇق، ئۇ بېشىمنى قۇچىقىغا ئىلىپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. بىر كەم بولغاندا بوش ئاۋازدا قويۇپ قويغان تېلىۋىزىيە قانىلىمۇ بۇ كۈنلىك كۆرسىتىشنى ئاياقلاشتۇرغاندىلا ئېسىمىزگە كەلدۇق. گەرچە بۇنچە كەچ بولغاندا قايتىپ كېتىشنى خالىمىساممۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن بېشىمنى ئاستا كۆتىرىپ دېدىم: nkf7Fq}  
      - رەيھان يۈز كۆرۈشتۇق، ۋاقتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ، ئارام ئىلىڭ، مەن قايتاي. W||&Xb  
      - شاكىر بۇنچە كەچ بولغاندا بېكەتتە نەدىمۇ ئاپتۇبوس بولسۇن، مەشەدىلا قونۇپ قىلىڭ. رەيھاننىڭ ئۇزايىدىن قارىغاندا ئۇ بۈگۈن مېنى قوندۇرۇپ قېلىش ئۈچۈنلا تەكلىپ قىلغانلىقى ئىنىق چىقىپ تۇراتتى.مەن ئۇنىڭ موشۇنداق جاۋاب بېرىشىنى كۈتكەن بولساممۇ يەنىلا ساختا تەكەللۇپ گەپلىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. }Eh &'  
     - رەيھان ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ، تاكسى كېرا قىلىپ بولسىمۇ قايتىپ كېتەي، مېنىڭ سىزگە ئارتۇق گەپ-سۆز، ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگۈم يوق. bP>Kx-%q  
     - بولدىلا، بۇنچە كەچتە نەلەردە تېنەپ يۇرەتتىڭىز. ئۇ شۇنداق دەپلا باشقا ئۆيگە چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن كېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: !s:e  
     - يۈرۈڭ، چىقىپ ئارام ئالايلى. ئۇ مېنى ئەر، ئايال ئىككىسىنىڭ ھوجرا ئۆيىگە باشلاپ كېرگەن ئىدى. %Aqf=R_^  
      - مەشەدە؟ مەن ئۇنىڭ ھەر قانچە بولسىمۇ مېنى ھوجرا ئۆيىگە باشلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. بۇ قانداق بولىدۇ؟ سىزچۇ؟ ھەيرانلىقىمدىن كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى. KC)}M zt6_  
      - شاكىر سىز بىلمەيسىز. مەن يولدىشىم بىلەن تۈنجى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا سىز بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئىيتقان، ئۇنى مەن بىلەن توي قىلىش نىيىتىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا ئۆزۈمنى پاك قىز ئەمەس دېگەنمۇ ئىدىم بىراق ئۇ، -ھەممىسى ئۆتكەن ئىشلار، مەن سىزنى پاك دەپ قارايمەن، دەپ يەنىلا توي قىلدى. مەن بۈگۈن ئۇنىڭدىن ئۆچۈمنى ئالىمەن. ئۇ شۇنداق دەپلا مېنى سېلكىپ ئىتتىرگىنىچە كارىۋاتقا تاشلاندى... ئىقرارمەنكى؛ مەنمۇ توي قىلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆز ئايالىمدىن بۇنچىلىك لەززەتلىنىپ باقمىغان ئىدىم. رەيھانمۇ  ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ لەززىتىنى ھاياتىدا تۈنجى قىتىم ھەقىقىي تېتىغانلىقىنى يوشۇرمىدى. بىز ئۇ كۈنى ھەممىنى ئۇنتىغان ئىدۇق. <_#2+7Qs  
      شۇندىن باشلاپ بىزنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتىمىز، توغرىسىنى ئىيتقاندا ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمىز بارا-بارا كۆپىيىشكە باشلىدى. ھەر قېتىمدا ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كەچۈرگىسىز گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلاتتىقيۇ بىراق يەنىلا ئۇچرىشىشىمىز بىلەن تېخىمۇ يېلىنجاپ تۇرغان شەھۋانىي ھەۋىسىمىزنى تىزگىنلەشكە چارىسىز ئىدۇق. شۇنداق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرىدە ئۇ ماڭا يەنىلا يولدىشىدىن ئاجرىشىش نىيىتىدىن يانمىغانلىقىنى يەنە ئەسكەرتتى. مەن يەنىلا، - مۇبادا سىز ئاجرىشىپ كەتسىڭىز مېنىڭمۇ ئائىلەمنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن، دەپ ھەر قېتىمقىدەك مېنىڭ ھەرگىزمۇ 2 بالامنى يېتىم قىلغۇم يوقلىقىنى، تەقدىرگە تەن بىرىپ ئۆزىنىڭمۇ بىر بالىسىنى يېتىم قىلماسلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتەتتىم. بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كۆڭلۈمدە قانداقتۇر بىر ۋەھىمە بارغانسىرى كۈچۈيۈپ بېرىۋاتاتتى. بۇ خىل ۋەھىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگشىپ تېلىفۇندا ئۆز ئارا ئەھۋاللىشىپ تۇرساقمۇ يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان بارا-بارا بۇ خىل خۇپىيانە ئۇچرىشىشلاردىن ساقلىنىپ كەلدۇق. راستىنى ئىيتقندا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ياكى يەنە داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە تېخىچە بىر قارارغا كەلگىنىم يوق. p}<60O"r$  
      ئاھ! بۇ نېمە كۈن؟ بۇ تەقدىرمۇ ياكى مۇھەببەتنىڭ ئاچچىق سېناقلىرىمۇ؟ مەن قانچىلىغان كېشىلەرگە يۈز كېلەلەيمەن، قانچىلىغان كېشىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن؟ رەيھانچۇ؟ بۇ قايتىدىن تاپقان ۋېسال قانچە ئۇزۇن داۋاملىشار؟
:Qh rh(i  
     خاتىمە ئورنىدا: ھۆرمەتلىك تورداشلار، بۇ تېما پەقەتلا بىر ھېكايە، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر توقۇلما. ھېكايىدىكى باش پېرسۇناژ <<مەن>> ۋە رەيھاننى ئەخلاق تۇرمىسىگە مۇددەتسىز قامىۋەتسەڭلارمۇ مەيلى. سەمىمىي ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى: تېمامغا ئىنكاس يازماقچى بولغانلار سۆز-ئىبارىگە ئالاھىدە دىققەت قىلساڭلار دېگەن ئۈمۈدتىمەن.

ruhsar2011-04-28 19:37
      بىلىشىمچە بۇ كىشى بەك ئالدىراش بولغاچ ھەم تۇرىۋاتقان يەردە كومپىيوتىر بولمىغاچ بىر دوستىغا كۈندە بىر قىسىم يوللاپ قۇيۇشنى ھاۋالە قىلىپتىكەن،بەلكىم ھاۋلىنى قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ ۋاختى چىقمىغان ئوخشايدۇ،كەڭ تورداشلارنىڭ سەۋىرچان بۇلۇشىنى ھەم توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ruhsar2011-05-10 00:23
         ھىكايىڭىز ھەقىقەتەنمۇ  نادىرلانغۇدەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.       

维族男孩2011-05-11 12:53
ئەسىرىەىز بەك ياخشى چىكىپتۇ...........

qukan2011-05-20 21:26
    ئانا تۇپراق مۇنبىرى باشقۇرغۇچىللىرىدىن سەمىمىي ئۆتىنىدىغىنىم شۇكى؛ مەزكۇر تېمىنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەپ، مۇنبىرىڭلارنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللىشىڭلارنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا مىنىڭ مەلۇم بىر خىيالىم ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. مەندەك بىر <<مەجنۇن>>نىڭ تېلىكىنىڭ ئېجابەت بولىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

sumbul2011-06-11 11:15
ئۇھ،  ئاخىر مۇنبەردە كۆرۈشكە نىسىپ بۇپتۇ ھىكايىڭىزنى، مۇشۇنداق بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ۋەسلىگە يىتەلمىگەن ئاشىقلارنى كۆرسەم ئىچىم بەك ئىچىشىپ كىتىدۇ مىنىڭ ، ھىكايىدىكى مەننىڭ  تىخىمۇ سۇغاققان بولۇپ ، ئىشلارنى ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلالىشىغا چۇڭقۇر تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.       سىزگە خۇشاللىق ، بەخت -  ئامەت  تىلەيمەن!

azizam2011-07-06 01:39
جاپا چەكتىڭىز  ھارمىغايسز

sadakat2011-07-16 00:21
      

mahinur2011-10-18 18:08
ھەمىشە ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ۋىسال قۇچمىقى شۇنداق تەس بولىدۇ،ھەي...بىراق كىممۇ تەقدىر بىلەن تەڭ تۇرالىسۇن!؟


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قىسقا كەلگەن ياز       qukan --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043786 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us