مەكتەپ مۇدىرلىق پۇلى ytV4qU82G (ھېكايە) 18y'#<X! ياقۇپجان يۈسۈپ "<"s&ws;k ئىككىنجى سائەتلىك دەرستىن كېيىن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن زالىدا يىغىن بارلىقى ئوقتۇرۇلدى. ئوقۇتقۇچىلار زالغا بىر-بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى، يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقانىدى. ئوقۇتقۇچىلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پارتكومغا ۋاكالىتەن مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ تۆت يىللىق خىزمەت ئۆتەش ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، شەھەرلىك پارتىكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ئۇنىڭ يەنە تۆت يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى داغدۇغۇلۇق ھالدا جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرى، ئىشخانا مۇدىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەكتەپ مۇدىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قايتا مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىنى تەبىرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. g=Nde2d? ئارقىدىنلا مەكتەپ مۇدىرى خىزمەتكە ئولتۇرۇش قەسەمنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قەسەمنامىدا ئۇ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۈمۈمىيۈزلۈك ئۆستۈرىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغانلىقى، ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتمايدىغانلىقى ھەققىدە پارتىيەۋىيلىكى بىلەن قەسەم قىلدى ۋە ئاخىرىدا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن چەكسىز مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشەنچىنى ھەرگىز يەردە قويمايدىغانلىقىنى، تىرىشىپ ئىشلەپ ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئۇلارنى رازى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. يىغىن ئۈزۈلمەي چېلىنىۋاتقان چاۋاك ساداسى ئىچىدە غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتى. 9v7}[`^ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دەل مۇشۇ يىغىن زالىدا يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىلدى. بۇ قېتىم مۇنبەردە مەكتەپ مۇدىرى ھەيۋەت بىلەن ئولتۇراتتى. ئوقۇتقۇچىلار جىمجىت ھالدا ئورۇنلىرىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى. مەكتەپ مۇدىرى «ھەممە ئوقۇتقۇچىلار كىرىپ بولدىمۇ» دېگەندەك بوينىنى سوزۇپ بىر قارىۋېتىپ، مەكتەپنىڭ بۇ يىللىق ئۈنۈم مائاشىنى تارقىتىش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قارار تۈگىشى بىلەنلا، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولدى. زال ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى. ئوقۇتقۇچىلار قاراردىن نارازى بولغانىدى. مەكتەپ مۇدىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: Tb] h<S -بۇ مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ قارارى. شۇ بويىچە ئىجرا قىلىمىز. باشقا گەپ بولمىسا يىغىن تامام،-دەپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى. 1NK,:m -توختاڭ، مېنىڭ پىكرىم بار،-ئارىدىن بىر ئوقۇتقۇچى ئورنىدىن تۇردى. زال ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئەمدىلا گەپ باشلاي دېۋىدى، مەكتەپ مۇدىرى: R5<:3tk=X - گېپىڭ بولسا ئىشخانىغا چىقىپ دە، يېزىپ كىرەمسەن، ئېغىزچە دەمسەن مەن تەييار،- دېگىنىچە يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى. ;|oem\dKv يىغىندىن چىقىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشى قىزىپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزىگە ئېلىپمۇ قويماي چىقىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پىكىر-تەلەپلەرنى كۆپچىلىك بىرلىكتە مۇزاكىرلىشىپ، ئورتاق تونۇشقا كېلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى بىرلىككە كېلىپ، خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق يۈرىشەتتى. بۇ قېتىمقى ئۈنۈم مائاشى توغرىسىدىكى قاراردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان تەرەپلەر كۆپ ئىدى. شۇنداق بولغاچقا پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرقانچىسى ھەرقايسى ئوقۇتۇش گورۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر گورۇپپا تەشكىللەپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بىرقانچە تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىر تەييارلىدى. w}x&wWM -ئەمدىكى گەپ، بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرنى مەكتەپ مۇدىرىغا كىم ئەككىرىپ بېرىدۇ؟-دېدى بايا ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللىگەن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى. ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ^YEMR C -سىز ئەككىرىسىز. سىز ئەڭ ياخشى نامزات،-دېدى ياشراق بىر ئوقۇتقۇچى بايىقى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىغا. jYW-}2L -ياق، مەن ئەككىرەلمەيمەن. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئانچە قوبۇل قىلىپ كەتمەيدۇ. ئاغزىدا <تەكلىپ-پىكىر قانچىكى كۆپ بولسا، مەكتەپ خىزمىتى شۇنچىكى ياخشىلىنىدۇ> دەپ قويغان بىلەن، تەكلىپ بەرگۈچىنى يامان كۆرىدۇ. مەن پىيىنسىيە ۋاقتىم ئاز قالغان ئادەم. مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا دىلىمنى رەنجىتكىم يوق. gyCXv0*z ئوقۇتقۇچىلار يەنە سۈكۈتكە چۆمۈشتى. سۈكۈتنىڭ ئۆزى قارشىلىق ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا ھىچكىمنىڭ ئۆزىگە خاپىلىق تېپىۋالغۇسى يوق ئىدى. بۇ ھال مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا قانداقتۇر ئۆتكىلى بولمايدىغان چوڭ بىر ھاڭنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن نېمىنىدۇر خىيال قىلغان قادىر مۇئەللىم توساتتىن ئالدىغا چىقتى. :/;;|lGw -ئەككىلىڭلا، مانا مەن ئەككىرىمەن. نېمە قىلالايدىكىن مەن بىر كۆرەي... ئۆتكەنكى قەسەم بېرىش يىغىنىدا «ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ بىرگە بولىمەن» دەۋاتاتتىغۇ؟ پىكىر بەرگەنگە مەكتەپتىن ھەيدىۋەتمەس. Angt=q -پىكىرلىرىمىزنى قايىل قىلغۇدەك چۈشەندۈرەلەرسىز؟ .?r}3Ch -خاتىرجەم بولىڭە، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. ئۇنداق ئادەملەرنى يىپ قىلىۋېتىمەن. u/5)Yx+5_ قادىر مۇئەللىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرى يېزىلغان قەغەزنى چىرايلىق قاتلاپ، قويۇن يانچۇقىغا سالدى-دە، مەمۇرىيەت بىناسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. XZ|\|(6Cc قادىر مۇئەللىم مەمۇرىيەت بىناسىغا كىرگەندە مۇدىر كىمگىدۇر ئاچچىقلاپ، بىنانى بېشىغا كەيگەنىدى. بۇنى كۆرۈپ قادىر مۇئەللىمنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتتى. پۇتلىرى تىترەپ، قەدەملىرى ئېغىرلاشتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ قايتىپ كېتەيمۇ-يا؟ بىراق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. قانداقلا بولمىسۇن كىرىپ باقايچۇ، ھەرقانچە قىلسىمۇ مېنى يەۋېتەلمەس. قادىر مۇئەللىم قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلانغاچ ئىشىكنى چەكتى. ,go$6 -كىرە،-ئىچىدىن ۋاقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. قادىر مۇئەللىم ئىشىكنى ئۆزى پاتقىدەكلا ئېچىپ، ئالدى-كەينىگە قارىغىنىچە ئىشخانىغا كىردى. ,){WK|_ -ھە، قادىر مۇئەللىم، كىرىپ قاپلىغۇ؟-مەكتەپ مۇدىرى بىر قولىدا تاماكا چېكىپ، يەنە بىر قولىنى ئورۇندۇققا تاشلىغىنىچە سوزۇلۇپ ئولتۇراتتى. i6E~]&~.v -ئۆزلىرىنى يوقلىغاچ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىرلىرى باركەن شۇنى ئەككىرگەن. 4o( Q+6m -مەن مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلارنى دەپ، يۇرت خەلقىنى دەپ شۇنچە جاپا چېكىۋاتسام يەنە ماڭا پىكىرى بارمىكەن؟ TZ PUVOtL_ -باشقا گەپمۇ يوق، ھەممىسى شۇ، بۇ قېتىمقى ئۈنۈم مائاشى توغرىسىدىكى ئاقماس گەپلەر،-قادىر مۇئەللىم سۆزلىگەچ يانچۇقىدىكى خەتنى ئاۋايلاپ ئاچتى. A)nE+ec1 -ئوقىغىنە قېنى، نېمە دەپتۇ شۇ گۇيلا، مەن بىر ئاڭلاپ باقاي،-مەكتەپ مۇدىرى چەكچەيگىنىچە قادىر مۇئەللىمگە گۆلەيدى. {)-3g~ قادىر مۇئەللىم ئىشخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى سوراق قىلىنىۋاتقان گۇناھكاردەك تۇراتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلمىدى. GUsJF;;V -تەكلىپ. مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە. بىرىنجى، بۇ قېتىمقى ئۈنۈم مائاشى تارقىتىشتا مەكتەپ رەھبەرلىرى باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئارتۇق ئالغان. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ 7*47mJyc -شۇنىمۇ چۈشىنىشمىدىڭما؟ ھەرقايسىڭمۇ سىنىپ باشقۇرۇپ، سىنىپ مۇدىرلىق پۇلى ئېلىشىۋاتىسەنغۇ؟ مەن پۈتۈن بىر مەكتەپنى، 15 سىنىپنى، 65 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى، 600 نەپەر ئوقۇغۇچىنى باشقۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرلىق پۇلى ئالسام يامان بولامدىكەن؟ مۇشۇ پىكىرنى ئالدىمغا سەن كۆتۈرۈپ كىردىڭما؟ سەن بۇ يىل مەكتەپتە مۈنەۋۋەر بولدۇڭغۇ دەيمەن؟ [<#`@Kr -شۇنداق، قادىر مۇئەللىم بېشىنى لىڭشىتتى. ,uS}wJAX -مەن پەقەت بىلەلمىدىم. مۇشۇ ئىقتىدارىڭ بىلەن قانداقمۇ مۈنەۋۋەر بولۇپ قالغانسەن؟ *BQy$dfE -ياق، ياق، بۇ مېنىڭ شەخسى پىكرىم ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىرىكەن. مەن بىر ئەلچى، ئەلچىگە ئۆلۈم يوق دەپتىكەن... 7T=:dv ئەلچى بولساڭ،-مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى،- بايىقى گەپلىرىمنى ئوقۇتقۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ قوي! توغرا چۈشەندۈر! گەپلىرىم توغرىدۇ؟ C0j`H( -توغرا، توغرا، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر. جاپاسى كۆپ. مەكتەپتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە قاراشلىق. مەكتەپ ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كېچەمۇ-كۈندۈز ئىشلەۋاتىسىز، بۇنى مەن بىلىمەن. ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى بۇ مەكتەپكە سىزدەك كۆيۈنمەيدۇ. ئەجىر سىڭدۈرمەيدۇ. بۇنىمۇ چۈشىنىمەن. تۆھپىڭىز ئۈچۈن بۇ پۇلنىڭ ھەممىنى سىز ئالسىڭىزمۇ بولاتتى. يەنىلا كەڭ قورساقلىق قىپسىز. ھەقىقەتەن قارنى-كۆكسىڭىز دەريادەك ئادەمكەنسىز. رەھمەت سىزگە، مەن چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى چۈشەندۈرىمەن... .IORvP-M& مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك |