رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قىلغانلىرىمىز ئۆزىمىزگە يانىدۇ --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۈچىنچى كۆز -> قىلغانلىرىمىز ئۆزىمىزگە يانىدۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

altunboxuk2011-04-11 22:56
قىلغانلىرىمىز ئۆزىمىزگە يانىدۇ ئالتۇنبۆشۈك j?T>S]xOX  
j=G  
بۇ دۇنيا ئىچى بىر تېرىلغۇ ئېرۇر، j^v<rCzc (  
نېمە ئەكسە تاڭغا شۇ نەرسە ئۈنۇر. "=KFag  
-قۇتادغۇبىلىكتىن
O*lIZ,!n  
كىچىكىمدە بوۋام ماڭا ئەقىدە، ئېتىقاد تەربىيەسى بەرگىنىدە نان، تۇز، سۇ ھەققىدە توختىلىپ«نان، تۇز، سۇ بىز ئۇيغۇرلار ئەڭ ئۇلۇغلايدىغان مۇقەددەس نەرسىلەر. ئۇلارسىز ئىنسانىيەتنى، ھاياتلىقنى تەسەۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدىكى سۇ ھاياتلىقنىك ئاساسى، يەر شارىدا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى بىردىن بىر زۆرۈر شەرت» دېگەن ئىدى. شۇنداق، سۇنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئورنى ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ سىرلىق بولۇشى ئىپتىدائىي ئىنسان چۈشەنچىسىدە «سۇ ئىلاھى»نىڭ كارامىتى، دەپ قارالغان. نەتىجىدە، سۇنى مۇقەددەس بىلىپ، دېڭىز، دەريا، كۆل، بۇلاق، يامغۇر قاتارلىقلارنى ئىلاھىيلاشتۇرغان. بۇنداق ئەھۋال قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قويۇق ئەكس ئەتكەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى تارىخى قەھرىمانلىق داستانى «ئوغۇزنامە» دەپ ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغلىغا «تېڭىز» دەپ ئات قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن رىۋايەت-چۆچەكلەردە «سىرلىق سۇ» ئېتىقادى تۈپەيلىدىن، «سىرلىق سۇ» نى ئىچىپ قويۇپ ھايۋان سىياقىغا كىرىپ قالغانلىقىدەك سىرلىق ھادىسىلەر ھېكايە قىلىنىدۇ ياكى ھالقىلىق مىنۇتلاردا «سۇ ئىلاھى» نىڭ ياردىمىدە خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بىراق بىز ھازىر سۇنى قانچىلىك ئۇلۇغلىيالىدۇق؟ ئەمەلىيەتتە بولسا ئاقىبىتنى ئويلاشماي، ھە دەپ تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد قوغلاشتۇق. نەتىجىدە سۇ ۋە تۇپراق بارغانچە بۇلغاندى. ئىنسانلار ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىدى. ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، يانار تاغلارنىڭ پارتىلىشى، نېفىتنىڭ دېڭىزغا ئېقىپ كېتىشى، يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. VKw.g@BY  
ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمدۇق؟
تۇرىۋاتقان ئۆيلىرىمىز ئادەتتىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر بولۇپ، شەھەر قۇرلۇش پىلانى بويىچە چېقىلىپ، ئورنىغا بىنا ئۆيلەر سېلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۆي پۈتكىچە بىرەر يەردىن ۋاقىتلىق ئۆي ئىجارە ئېلىشقا توغرا كەلدى. نەچچە كۈن ئىزدەپ بالىلارنىڭ مەكتىپىگە يېقىنراق بىر يەردىن ئۆي تاپتىم. ئۆينىڭ ئالدىدىكى يول بويىدا چوڭ بىر ئۆستەڭ بولۇپ سۈيى ئۈزۈلمەيدىكەن. دەسلىپىدە بالىلار ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ قالارمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالغانىدىم. مەكتەپكە يېقىنراق باشقا ئۆي تېپىلمىغاچقا شۇ ئۆيدە تۇرىدىغان بولۇپ مەسلىھەتلەشتۇق. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆينى يەنە بىر قېتىم كۆرگەچ، ئىجارە ھەققىنى تۆلەپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن رەسمىي توختاملىشاي دەپ ئۇ يەرگە يەنە باردىم. @HnahD  
-سىلەرنى كېلەرمىكىن دەپ ئۆينى تازىلىتىپ قويغان، كۆچۈپ كەلسەڭلىلا بولىدۇ،-دېدى ئۆي ئىگىسى ئۈستىگە چىقىۋېتىپ،-ئۆي جەمئىي تۆت يۈرۈش، بىردىن ئاشخانىسى، ئىككىدىن ياتاق ئۆيى، سۇخانىسى بار. ھازىر ئىككىسىدە ئادەم بار. قالغان ئىككىسى بوش. شۇنىڭدىن بىرنى تاللاڭ،-ئۇ سۆزلىگەچ بوش ئۆيلەرنى ئېچىپ كۆرسەتتى. ئۆينىڭ چوڭ كىچىكلىكى، لاھىيەلىنىشى ئوخشاشكەن. Jt0/*^'  
-توك سىمى، چىراقلىرى ساقتۇ؟ {5HQ=&  
-ساق، مانا،- ئۆي ئىگىسى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆچۈرگۈچلىرىنى تارتىپ چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ باقتى،-سۇمۇ بار،-ئۇ سۇخانىسىنى كۆرسەتتى، -بىراق، ھاجەتخانىسى پەستە. #Ye0*`  
-نەدە؟ بەك يىراق ئەمەستۇ؟ ئاۋال شۇنى كۆرەي، ئۇ ھەممىدىن مۇھىم. <0m^b#hdG  
-پەستە، پەشتاقنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككىسى بار. ئىككى ئائىلە بىردىن ئشىلىتىڭلار. جۈرىڭە مەن سىزگە كۆرسىتەي،-ئۇ سۆزلىگەچ بىر تال ئاچقۇچنى چىقىرىپ ماڭا بەردى،-يەنە بىرقانچىنى كۆپەيتىپ ياسىتىۋېلىڭ. بالىلارغا لازىم بولىدۇ. Os].IL$  
پەسكە چۈشۈپ ھاجەتخانىنى كۆردۇق. چوڭ-كىچىكلىكى خېلى مۇۋاپىق بولۇپ، كۈن پېتىش تەرەپتىن پەنجىرە قويۇلغاچقا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. [}d39  
-ھاجەتخانىدا سۇ يوقمۇ نېمە؟ ^^24a_+2  
-چىلەك بار. كۆرگەنسىز. ئەسلى بىر ئېغىزلىق ئىسكىلات ئىدى. كېيىن ھاجەتخانا قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 53.jx38xS  
-ھەي، بەك تەس بولغۇدەك، سۇنى ئۈستىدىن ئېلىپ چۈشىمىزما؟ \}<J>R@  
-ئۈستىكى تۇربىلارنىڭ سائىتى بار. ئۇنى ئىشلەتسەڭلار پۇل كۆپرەك كېتىدۇ. ئۇنى ئىچىشكە ئىشلتىڭلار، ھاجەتخانىغا ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئشىلتىڭلار. nB[BFVkU  
-ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىسەكمۇ بولار؟ ar'VoL}  
-ياق، ئۇنى ئىچكىلى بولمايدۇ؟ 7|bBC+;(  
-نېمىشقا؟ y5D3zqCG  
-ۋاقتىڭىز چىقسا ئۆستەڭنىڭ يۇقۇرى تەرەپلىرنى كۆرۈپ كېلىڭ، سەۋەبىنى شۇ چاغدا بىلىسىز. R%t|R7 9I  
ئۆي ئىگىسى ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق، سەمىمىي ئادەم ئىكەن. بىردەمدە كونا دوستلاردەك چىقىشىپ قالدىم ھەم ئەتىسىلا كۆچۈپ كېلىۋالدىم. ئەتتىگەندە ئىشقا كېتىمىز، كەچتە كېلىمىز. بۇ يەردە تونىيدىغان ئادەملەر بولمىغاچقا، بىرەر ئايغىچە تالا-تۈزگىمۇ ئانچە كۆپ چىقمىدىم. بىر شەنبە كۈنى بالىلار يېزىغا چىقىپ كېتىپ، ئۆيدە يالغۇز قالدىم. زېرىكىپ سىرىتقا چىقتىم. ئۆي ئىگىسىنىڭ «ۋاقتىڭىز چىقسا، چۆگىلەپ كېلەرسىز» دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ، ئۆستەڭ ياقىلاپ، يۇقۇرىسىغا بىرەر كېلومىتىرچە بېرىپ باقتىم. شۇ چاغدىلا بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى نېمىشقا ئىچكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. بىر كىلومىتېرغا يەتمىگەن دائىرىدە ماشىنا، گىلەم يۇيۇش ئورنىدىن يەتتە-سەككىزى بولۇپ، ھەممىسى ئۆستەڭدىكى سۇنى ئىشلىتىدىكەن. سۇ ئاۋال سۇ تارتىش ماشىنىسى ئارقىلىق چوڭ تۇڭلارغا قاچىلىنىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا سوپۇن، يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى بېسىملىق پۈركۈش ماشىنىسى ئارقىلىق ماشىنا ۋە گىلەملەر يۇيۇلىدىكەن. ئىشلىتىلگەن سۇ يەنە شۇ ئۆستەڭگە قۇيىلىدىكەن. توپا، ماي، سوپۇن، ھەرخىل يۇيۇش سۇيۇقلىقى، ماشىنىلاردىكى ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى، كۈندە نەچچە يۈزلىگەن ماشىنا، گىلەملەر يۇيۇلۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان كېرەكسىز سۇلار يەنە ئۆستەڭگە قۇيىلىدىكەن. شەھەردىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەردە يۇيامدۇ- نېمە؟ ئۆچىرەت، بىرەر ماشىنا يۇيۇش ئورنىمۇ بىكار تۇرۇپ قالمايدۇ. مېنىڭ تېخىمۇ ھەيران قالغىنىم، بۇ يەر شەھەر مەركىزى بولۇپ، ئۆستەڭنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەر بار. بۇ سۇلار چوقۇم شۇ يەرلەرنى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە پۇقرالار بۇ ئىشقا ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەندىمۇ؟ G9#3|B-?  
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەك خىيال بىلەن تۇرۇپ كەتتىڭىز، يۇدىرىدىغان ماشىنا بارمىتى-يا، -50ياشلار چامىسىدىكى دىقماق، قارامتۇل بىر كىشى قولىنى تەڭلەپ ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ پىشانىسىدىكى يوغان بىر دومباق كۆزگە رۇشەن كۆرىنىپ تۇراتتى. .:B0(4Mj  
-ۋەئەلەيكۇمئەسسالام، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، بۇ ئورۇن سىزنىڭ ئوخشىمامدۇ؟- ئۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا كۆرىشىپ قويدۇم. >* F#ZZv}p  
-ھە، ماشىنا، تېراكتۇر، موتوسېكلىت، گىلەم دېگەندەك نەرسىلەر بولسا ئەككىلىۋېرىڭ. ئەرزان يۇيۇپ بېرىمەن. MCIuP`sC|  
-بولىدۇ، بولىدۇ، ھە، راسىت. ماۋۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى دىھقانچىلىققا ئىشلىتەمدۇ؟ Q84XmXm|  
- مۇشۇنچىۋالا سۇنى دىھقانچىلىققا ئىشلەتمەي بىكار قويىۋېتەمدىكى ئەمىسە، سۇنىڭ قىسلىقىدا. ئاياق تەرەپتىكى بىر يېزا، ئىككى مەيدان مۇشۇ سۇغا قاراشلىق. Y(ClG*6 ++  
-ھەجەپ ئېنىق بىلىدىكەنسىزا؟ R!\._m?\h  
-مېنىڭ ئۆيۈم شۇ تەرەپتە. .lI.I  
-ھە، سىزمۇ دىھقانكەنسىزدە؟ يېرىڭىز بارمۇ؟ hh.`Yu L  
-ئون مو يېرىم بار. X 3XTB*  
-مۇشۇ بۇلغانغان سۇنى تېرىلغۇ يەرگە سالسا، يەر بۇزىلىدىغاندۇ-ھە؟ *$JS}Pax  
-نەدىكىنى، بەزەتكە كۈچ قىلىدۇ تېخى، بۇ دېگەن ھەقسىز ئوغۇت تۇرسا، ئۇكام. ئاڭلىسام يېزىمىزنىڭ ئايىقىدىكى كۆكتاتچىلىق مەيدانى بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىغىمۇ مۇشۇ سۇنى ئىشلتىدىكەن، بۇ سۇدا كۆكتات دېگەن ئالامەت ئوخشايدۇ دەيدۇ. 5g'aNkF6>  
يۈرىكىم سەل قىسىلغاندەك قىلدى. كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. y.gNjc  
-تاپاۋىتىڭىز ياخشىكەن-دە؟ 0&Iu+hv  
-يامان ئەمەس، ئىشنى قىلىپ بولىدۇ. })q8{Qj!  
-سۇنى بۇلغاپ پۇل تاپقىچە، باشقا ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ -ئۇ چەكچەيگىنىچە ماڭا قارىدى. كېيىن بوينىغىچە قىزىرىپ، ۋاقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى. &4M,)Q (  
نېمە داۋاتىسەنوي؟ پۇلنى سەن تاپمىساڭ، مەن تاپىمەن. مەن تاپمىسام، باشقا بىرسى تاپىدۇ. مېنىڭ قىلمىغىنىمغا توختاپ قالامتى؟ پۈتۈن شەھەردە بۇنداق يەردىن قانچىسى بار بىلەمسەن؟ ساناپمۇ تۈگىتەلمەيسەن. پايدىسى كۆپ ئىش تۇرسا بۇ... مەن قىلمىسام قىلىدىغان باشقا ئادەم بارمىتى-يە؟ jCg4$),b  
ئۇ بارغانسىرى قىزىشىپ، ماڭا دەۋەيلەپ كەلدى. گەپمۇ قىلالماي قالدىم. گەپ قىلىدىغان ھوقۇقۇممۇ يوق-دە؟ كەينىمگە ياندىم. بىرنەچچە قەدەم مېڭىپلا غودۇرۇدۇم.  ZLf(m35  
-خۇدايىم، تاپقان پۇلۇڭ كۈلگە ئايلىنىپ كېتەر...ھەممە يېرىڭگە دومباق چىقىپ ئۆلەرسەن... n2["Ln mO  
-ھەي... نېمە داۋاتىدۇ، ئاۋۇ. توختىغىنە... ۋۇ...-ئارقامدىن ۋاقىرىغان، تىللىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. مەن قاتتىق ئازاپلاندىم. بۇ كىشلەر قاچانمۇ ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىنى بىلگىدەك بولار؟ u=#_8e(9Z  
قىلغانلىرىمىز ئۆزىمىزگە يېنىۋاتىدۇ
v|jwz.jM  
بەزىدە كىچىككىنە ئاغرىقلارمۇ ئادەمنى بىرمۇنچە ساراسىمىگە سالىدىكەن. بۇ نېمە كېسەلدۇ؟ نېمىشقا بۇنداق كېسەل بولۇپ قالغاندىمەن؟ ساقىيارمەنمۇ؟ قاچان ساقىيارمەن؟ دېگەندەك ئەندىشىلەر بىلەن خۇددى ھازىرلا ئەجەل كېلىدىغاندەك، روھىڭىز چۈشۈپ تۈگىشىپلا كېتىدىكەنسىز. ئويلىغانسىرى يەنە باشقا يەرلىرىڭىزمۇ ئاغرىۋاتقاندەك سىزىم پەيدا بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە تۇرغىڭىز كەلمەي، دوختۇرخانىغا چاپىسىز. تەكشۈرۈشتە بىرەر گۇمانلىق نوقتا بولسا، تېخىمۇ چاتاق، ياخشى دوختۇردىن بىرنى تېپىپ، قايتا تەكشۈرتۈپ، «خاتىرجەم بولۇڭ، ساقىيىپ كېتىسىز» دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغىچە پاراكەندىچىلىك، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك، ئۇ دۇنيا بىلەن بۇ دۇنيا ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ بەك ئازاپ چېكىدىكەنسىز. JxRn)D  
مەنمۇ يېقىندا مۇشۇندا بىر ئىشنى باشتىن كەچۈردۈم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز بەدىنىمنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە كىچىككىنە بىر بەزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. دەسلىپىدە «ئادەم دېگەندە بەز تولىغۇ، بەزىدە ئىششىپ، بەزىدە يېنىپ تۇرىدىغان ئىشلار نورمال»دەپ ئويلاپ، ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم. بىرقانچە كۈندىن كېيىن بۇ بەز گۈلىچىلىك، ئاندىن تۇخۇمدەك يوغىناپ، ھەركەت قىلسام ئاغرىيدىغان بولدى. بىر كۈندىلا نەچچە كىلو ئورۇقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم-دە، ئەتىسىلا دوختۇرخانىغا چاپتىم. ئاۋال رەسىمگە ئالدى، ئاندىن بىچاۋدا تەكشۈردى. ئۇنىڭدا ئېنىق بولماي CT غا سالدى. كېيىن قايتىدىن رەسىمگە ئېلىپ باقسۇن دەپ يەنە رەسىمگە ئالدى. بىر تۆشۈكتىن يەنە بىر تۆشۈككە، بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە يۈگىرىتىپ ھالىمنى قويمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرخانىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكى، ماڭا بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كېسەلدەك، بىرمۇ ساق ئادەم يوقتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. كېسەل كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ھەر بىر تەكشۈرۈشتە نەچچە سائەتلەپ ئۆچىرەت تۇرۇشقا توغرا كەلدى. نۆۋەت كەلگىچە ئەتىراپىڭىزدىكى ئادەملەرگە قارىغىڭىز كېلىدىكەن. ئۇلار قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، ھەر خىل مىللەتتىن، ھەر خىل كېسەللەر... كېسەللەرنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ. مەن ئاڭلاپ باقمىغان ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك كېسەللەر. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن، كۆزلىرىدىن بىر خىل ئەندىشە، غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. روھى شۇنداق سۇلغۇن. :&RpB^]  
-يا خۇدا، نېمە دېگەن كۆپ كېسەل بۇ؟ ئاللا بىزگە قىيامەتنى كۆرسىتىۋاتامدۇ-نېمە؟-يېنىمدىكى بوۋاي ئەنسىز خىتاپ قىلدى. يۈرىكىمنىڭ سوقىشى تىزلىشىپ، تېنىمنى بىر خىل ۋەھىمە، قورقۇنچ ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارىدۇق. =jU#0FAO  
-بۇرۇنلاردا دوختۇرخانا، دوختۇر دېگەن نەرسىلەر يوق ئىدى. كېسەللەرمۇ ئاز چىقاتتى. خېلى ياشانغان ئادەملەرمۇ شۇنداق ساغلام، شۇنداق بېجىرىم يۈرەتتى. بوۋام 114ياشقا كىرگەن، دادام رەمىتى 97ياشقا كىرىپمۇ كەتمەننى قولىدىن چۈشۈرمىگەن. ياق، ياق، بىرەر قېتىم دوختۇرخانىغا بارغان، بىرەر تال دورا يېگەن ئەمەس. `#j;\  
-سىزچۇ، سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ - ياندىكى بىرەيلەن سورىدى. T\7t#Zk  
-مەن 70كە كىردىم، بالام. )Oj{x0{\Q  
-نەرىڭىز ئاغرىيدۇ،-ھېلىقى ئادەم يەنە سورىدى. #g1,U7vv8  
-شۇ قورسىقىڭدا ئۆسمە دەمدۇ، بىر نەرسە باركەن دەيدۇ...-بوۋاي يېڭى بىلەن كۆزىنى سۈرتتى. iTCY $)J  
-كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، خۇدا شىپاتلىق بېرەر، ساقىيىپ كېتىسىز،-ئەتىراپتىكىلەر تەسەللىي بېرىشتى. ? 8S~R  
كېسىلىمنى ئېنىقلاشقا ئۈچ كۈن ۋاقىت كەتتى. كۈندۈزىغۇ تەكشۈرۈش بىلەن كۈنۈم كەتتى. كېچىسى كۆزۈمگە ھەرگىز ئۇيقۇ كەلمىدى. بۇ ئۈچ كۈن ماڭا ئۈچ ئايدەك، ياق ئۈچ يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. كۆز ئالدىمغا نۇرغۇن نەرسىلەر كەلدى. دوختۇرخانا، دوختۇرخانىدىكى كىشىلەر، كىرىۋاتقان، چىقىۋاتقان كېسەللەر، يۆلەپ ئەككىرىۋاتقان، كۆتۈرۈپ كىرىۋاتقان، يىغا-زارە قىلىۋاتقان، ۋاقىراۋاتقان، ئىڭراۋاتقان، دورا ئىچىۋاتقان، ئوكۇل سالدۇرىۋاتقان، كېسەل ئازابىدىن تولغۇنىۋاتقان، ھوشسىز ياتقان... چىرايلاردا غەم-قايغۇ، ئەندىشە، كۆزلەر نۇرسىز ۋە نەم. قان-يىرىڭ ئىچىدە چىرىگەن بەدەن؛ سۈرلۈك ۋە قورقۇنچلۇق ئوپىراتسىيە ئۆيى، قانلىق پىچاق؛ قورقۇپ جۆيلىۋاتقان، قارا بېسىۋاتقان؛ كېچىچە ئۇخلىيالماي مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەر....نېمە دېگەن كۆپ ئادەم، نېمە دېگەن كۆپ كېسەل... مەن نېمىشقا بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىمەن؟ مەن تېخى 40ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدىمغۇ... تۇيۇقسىز دوختۇرخانىدا كۆرگەن ھېلىقى بوۋاي كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئىلگىرىكىلەر شۇنچە ئۇزۇن ياشاپتىكەن، بىزچۇ؟ بىزدە نېمىشقا كېسەل كۆپ؟ ئەنە، ماشىنا، گىلەم يۇيۇش ئورنىدىن چىققان كېرەكسىز، پاسكىنا سۇلار بۇغدايلىقلارغا، كۆكتاتلىقلارغا ئاقماقتا. ئەنە، سالا-سالا ئېتىزلىقلارغا، باغلارغا بىئولوگىيەلىك، خىمىيەلىك دورىلار چېچىلماقتا. ئەنە، ھەر خىل ئوغۇتلار تۆكۈلۈپ باغرى بۇلغانغان تۇپراق. ئاللانىڭ غەزىپى كەلدى. قىساس ئوتلىرى لاۋۇلدىماقتا. بوران-چاپقۇنلار ھوۋلىماقتا. يەرلەر يېرىلماقتا. قۇرغاقچىلىق، ئاچارچىلىق ئاپىتى ئادەملەرنىڭ قېنىنى شورىماقتا. يانار تاغلار پارتىلاپ، يەر جاھان كۈلگە ئايلانماقتا. تەيفىڭ بورىنى، دېڭىز تاشقىنى سانسىزلىغان جانلارنى يالماپ يۇتماقتا... >kDkvg1"  
ئاللا بىزنى كەچۈرەرمۇ؟
دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىرەر ئاي ئۆيدە ئارام ئالدىم. بۇ جەرياندا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر كۈندە دېگۈدەك يوقلاپ، ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى. «سەيلى-ساياھەت قىلىپ، ئۇنى-بۇنى كۆرسەڭ كۆڭلۈڭ ئېچىلىدۇ» دەپ بىرقانچە ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىشتى. بىر كۈنى ئۇلار ھەم تۇز قۇيۇپ نەزىر قىلىش ھەم تاۋاپ قىلغاچ قەدىمىي ئىزلارنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن جايغا(ئاتۇشتىكى مۇقەددەس جاي جايپېچچىم) چىقساق دېيىشتى. مەن «يول ياخشى ئەمەس» دەپ بېرىشنى رەت قىلدىم. ئۇلار: QKt{XB6Y  
-مۇقەددەس جايلاردا قان ئېقىتىپ، تۇز قۇيۇپ، ئاللا يولىدا نەزىر قىلساق، كېسەل-ئاغرىقتىن خالى بولىمىز،-دېدى. U {9yfy  
بىرنەچچە كۈن تەييارلىق قىلىپ خەيىرلىك بىر كۈندە يولغا چىقتۇق. «مۇقەددەس جاي»نىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئىككى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان گۈزەل بىر يۇرۇت بار. بۇ يۇرت كىشىگە ئۆزگىچە بىر مىھىر بېغىشلاپ تۇرىدۇ. تۈپ-تۈز يوللار، يول بويىدا بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن رەت-رەت ئۆيلەر؛ قاتار-قاتار تېرەكلەر، جىگدىلەر، سۆگەتلەر، مەجنۇنتاللار؛ سالا-سالا ئېتىزلار، ئېتىزلاردا لەرزان دولقۇنلىنىۋاتقان بۇغدايلار؛ ئېرىق-ئۆستەڭلەردە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلار، قەيەردىندۇر كاككۇكنىڭ مۇھەببەت ناخشىسى ئاڭلانماقتا. ئەتتىگەنلىك مەيىن شامال دىماقلارغا ۋايىغا يېتىپ پىشقان ئۈرۈك ھىدىنى ئېلىپ كەلدى. eTY(~J#'  
يۇرتنىڭ بېشىدا بىر ساۋاقدېشىمنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردىن تارتىپلا قەدىناس دوستلاردىن ئىدۇق. بۇ ئىشتىن ئۇنىڭمۇ خەۋىرى بولغاچقا يولىمىزغا قاراپ تۇرۇپتىكەن. كېلىشىمىزگىلا ئۆيىگە باشلىدى. بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچىپلا ماڭماقچى بولدۇق. ئىشىك ئالدىغا چىققاندا بىرەيلەن « بىرەر چىلەك ئۈرۈك ئېلىۋالساق» دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باغقا كىرىپ كېتىشتى. ئىشىك ئالدىدا يالغۇز قالدىم. يېزىنىڭ ھاۋاسى نېمە دېگەن ساپ-ھە! چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىپ، ئەتىراپقا ھوزۇرلىنىپ قارىدىم. ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشى كۆڭلۈمنى تارتتى. بۇ يەر مەھەللىنىڭ بېشى بولۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتىن يېزىنچە سۇ ئۈزۈلمەيتى. ئېرىق بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا قارىدىم. شۇنداق سۈزۈك، خۇددى ئاق خۇرىستالدەك. كىچىك چاغلىرىمىزدا ئېرىق بويىدا يېتىۋېلىپ، غۇرتىلدىتىپ سۇ ئىچكەنلىرىمىز، ناننى سۇغا تاشلاپ، گۇرچىلدىتىپ چايناپ يىگەنلىرىمىز ئېسىمگە كېلىپ، تامغىقىم قۇرىغاندەك بولدى-دە، «چاڭگاللاپ بىر ئىچەي» دەپ ئەمدىلا ئېڭىشىۋىدىم، «قارا» دېگەندەك زايە بولدى. بېشىمنى كۆتىرىپ شۇنداق قارىسام، ئاغىينىمىزنىڭ تۆپە خوشنىسى بولسا كېرەك، بىر چوكان ئۆيىدىن بىر داس نەرسىنى ئېلىپ چىقتى-دە، ئېرىققىلا تاشلىدى. چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى. ئېرىق بويىدىكى تېرەكنى تۇتىۋالدىم. بېشىمنى سىلكىۋېتىپ سۇغا قارىدىم. بايىلا تېخى ئاق قاشتېشىدەك سۈزۈك ئېقىۋاتقان سۇ بىردەمدە رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر خىل ئەخلەتلەرنى ئېقىتىپ كەلدى. TO]cZZ<  
-ھەي، خوتۇن!-باشلىرىنى ئويناتقىنىچە كىرىپ كېتىۋاتقان چوكان شىپپىدە توختىدى،-نېمىشقا ئۆستەڭگە ئەخلەت تاشلايسەن؟ V%FWZn^  
-ھوي... نېمە سەنلەيدۇ، ماۋۇ ئادەم. ئەتتىگەندە ئىت پوق يېمەستە. نېمە كارىڭىز بار؟ TM,Fab &  
-شۇنچە پاكىز سۇغا ئەخلەت تاشلاپ، يەنە نومۇس قىلماي نېمە كارىڭىز بار دەۋاتقىنىنى، ۋۇ ئەدەپسىز!-ئاچچىقىمنى بېسىۋالالماي ئۇنىڭ ئالدىغا گۆلىيىپ باردىم. QY1|:(  
-سىز بەك نوچى ئوخشىمامسىز؟ نوچى بولسىڭىز، سىز توسۇڭ. مەنمۇ خوش بولىمەن. بۇ يەردە ئېرىقتا سامان چىلىمايدىغان، كىر يۇيمايدىغان، ئەخلەت تاشلىمايدىغان، مال سۇغارمايدىغان كىم باركەن؟ ,T+.xB;Q@  
-ھەرقايسىڭغا خۇدا يوقما؟! خۇدادىن قورقۇشمامسەن؟! *k;%H'2g{}  
بىردەمدىلا ئەتىراپىمىزغا كىشىلەر ئولىشىپ كەتتى. باغقا كىرىپ كەتكەنلەرمۇ ۋاقىراش، جاقىراشنى ئاڭلاپ يۈگىرەپ چىقىشتى. YH0utc  
-نەدىن كەلگەن پەيغەمبەرئەلەيكىسالامكىن تاڭ بۇ...كاللىسىدا چاتىقى بار ساراڭمۇ نېمە... چوكان ئەتىراپىدىكىلەرگە ۋاقىراپ بىرنىمىلەرنى دەۋاتاتتى. بۇ خوتۇنغا بىرەر ئادەممۇ «سېنىڭ خاتا بوپتۇ» دېمىدى. ئەكسىچە، ماڭا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراشتى. تۆۋە، ئېلىشىپ قالغان زادى كىم؟ كىم ساق؟ كىم ساراڭ؟ IvB)d}p  
ماشىنا ئەگرى-بۈگرى يوللاردا غۇيۇلداپ چاپماقتا. خىيال كەپتىرىم كەڭ سامادا پەرۋاز قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىر جۈپ كۆزى دۇنيانى كەزمەكتە. مانا، چوڭ-چوڭ شەھەرلەر، ئىگىز-ئىگىز بىنالار، زاۋۇت-كارخانىلار، مىھمانسارايلار، ئاشخانا، رېستۇرانلار، ئۇلارنىڭ ئىگىز تۇرخۇنلىرى، پارقازانلار، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قاپ-قارا قويۇق ئىس-تۈتەكلەر؛ يوللاردا مىغىلداپ مېڭىۋاتقان چوڭ-كىچىك ماشىنىلار؛ جاھاننى بىر ئالغان شاۋقۇن-سۈرەن، ۋاقىراش-جاقىراشلار؛ قىستاڭچىلىق، بۇزۇقچىلىق، ئىسراپچىلىقلار... تۆۋە! نېمە گۇنا ئۆتكۈزگەن بولغىيتىم. يەنە دوختۇرخانىدا چېپىپ يۈرىيمەن. ئەنە، ماشىنا يۇيۇش ئورنىدىكى ھېلىقى ئادەم، ئۇنى پىشانىسىدىكى دومباققا قاراپلا تونىدىم. ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنىدىكى نوچىلىقى نەگە كەتتىكىن، تولىمۇ بىچارە، كۆزلىرى ياش، پۈتۈن ئەزايى قان. ھەممە يېرىگە دومباق چىقىپ قان-يىرىڭ ئېقىۋاتىدۇ. ئۇ توختىماي تۆۋە قىلاتتى.« ئەمدى توغرا بولدى. بالدۇرراق گۇناھىنى تونۇپ، تۆۋە-ئىستىغبار ئېيتسا؛ يامان يولدىن يېنىپ، ياخشى ئىشلارنى، ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا، بەلكىم، ئاللا ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپ، شىپالىق بېرەر» دەپ ئويلىدىم. شۇنداق، تۆۋە قىلىش كېرەك. گۇناھىنى تونۇش كېرەك. بىزمۇ مەككىگە تەڭداش ئۇلۇغ جايغا تۆۋە قىلغىلى ماڭدۇققۇ؟ قوچقار سويۇپ، قان ئېقىتىپ، قۇربانلىق قىلماقچى. ئەجداتلارنىڭ روھىناتىغا دۇئا ئوقۇماقچى. شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بۇزۇقچىلىقلىرىمىز، ناكەسچىلىكلىرىمىز، مەينەتچىلىكلىرىمىزدىن قۇتۇلماقچى. ئاللا بىزنى كەچۈرەرمۇ؟ گۇناھىنى بىلگەنلەرغۇ تۆۋە قىلار، گۇناھىنى بىلمەيۋاتقان، تۆۋە قىلمايدىغان قېرىنداشلىرىم، نادان خەلقىم قانداق بولار؟ ئۇلار ئاللانىڭ غەزىپىگە ئۇچرارمۇ؟ {6;S= 9E\  
ماشىنا جاي ئاغزىغا كەلگەندە سۈرئىتىنى سەل ئاستىلاتتى. ئەنە، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەزىرى چۈشكەن تاغ. ئەنە، ئۇ ئات چاپتۇرغان جىلغا. ئەنە، ئاللانىڭ قۇدىرىتىنى نامايەن قىلىپ، تاغلارنىڭ، قورام تاشلارنىڭ باغرىنى يېرىپ، ئوقچۇپ چىقىۋاتقان زۇمرەتتەك سۈپ-سۈزۈك سۇلار. بۇ يەرگە قەدەم باسقان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دېنىي ئەقىدىسىنى چىڭىتىپ، ئېتىقاد سەزگۈلىرىنى غىدىقلىماي قالمايدۇ. مەن مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقانسىرى ئۆزۈمنى بارغاچە قورىلىپ كېتىۋاتقاندەك، بۇ مۇقەددەس جايغا قەدەم بېسىشقا مۇناسىپ ئەمەستەك، ئۇلۇغ بوۋىمىز بۇغراخانغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم. %9T|"\  
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ;0O>$|kg  
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك

arman2011-04-13 19:36
كۆڭلۈم  بىر  قىسمىلا  بۇلۇپ  قالدىغۇ؟     

خۇشخۇي2011-04-13 20:21
ئاۋۇ ۋەقەلىكلەر ھەقىقەتەن ئويغا سالدى جۇما مىنى.....ھەي...................   

altunboxuk2011-04-13 21:31
قوللىغانلىقىڭزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

qimengul2011-04-13 23:08
پۇل  تېپىشنىڭ   كويىدا    ،وزىگە  مەنپەت  يېغىشنىڭ  ئويىدا   مۇشۇ  كىشىلەرنىڭ   ھەممىسى تۇپراقنى  ،سۇنى    بۇلغاپ  تەبىئەتكە  زڭيانكەشلىك   كىلىۋاتىدۇ ھەم  كىلىۋاتىمىز.  ئېكىلوگىيىلىكمۇھىتنى   قوغداش  قۇرۇق  شۇئاردەكلا  .

arwah2011-04-15 12:44
ئادەم چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ئويلاپ بېسىشى كېرەك. ھەر قانداق قىلمىشنىڭ جازاسى بولىدۇ.ھەممىمىزنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

سەبۇر2011-04-17 00:21
قىنىمىز ئىغىر دەرجىدە بۇلغاندى، بۇ بۇلغىنىش بىزگە ھەممىنى كۆرسىتىدۇ تىخى. ئەسەرلىرڭىزدىن ھىدايەت تككۈلگەي

arzuyum1132011-05-01 20:44
بەك ياخشى تىما ئىكەن،رەھمەت سىز گە.

sawapkar2011-07-21 08:22
ئوغلۇم! =;~*YD(%/  
سەن گىرىپتار بولغان كېسەللىك ئۈستىدە ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ساڭا تۆۋەندىكى رېتسېپنى بېرىشنى مۇۋاپىق تاپتىم، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ھېچقانداق دورا - ئوكۇلغا موھتاج ئەمەس. كېسىلىڭنىڭ ساقىيىش - ساقايماسلىقى سېنىڭ روھىي ھالىتىڭ، كۆڭۈل - كۆكسۈڭنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق. PM`iqn)@  
باشقىلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە مۇنۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىل: 8'#L+$O &N  
باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىگىلە؛ ~' w]%rh!  
باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چېھرىڭدىن تەبەسسۇم پارلاپ تۇرسۇن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋال؛ t_w2J=2  
باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشىنى سۈرۈشتۈرمە، تاسادىپىي بىلىپ قالغان تەقدىردە، ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەت ياكى مەڭگۈ مەخپىيەتلىك پېتى ئىچىڭدە ساقلا؛ >9<YQ(  
باشقىلارنىڭ ماختىشى خۇددى ئەتىرگۈلگە ئوخشىشىدۇ، ئۇنى پۇراپ قويساڭلا كۇپايە، مۇبادا پۇرىقىدىن مەستخۇش بولۇپ كەتسەڭ، مەغلۇبىيەتكە قەدەم باسىسەن؛ U<I]_]  
باشقىلار يېتەرسىزلىكلىرىڭنى كۆرسىتىپ بەرسە، سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىل، شۇنداقتا ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسەن؛ K@tELYb  
دوستۇڭ ئازابلانغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ئەكسىچە دوستۇڭ خۇشاللانغاندا ئۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغىن؛ sQBKzvFO3  
ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىڭ ۋە كەمچىلىكلىرىڭنى بايقاشقا ماھىر بول؛ d'@i8N["{  
ئەتە يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ، ئەتە سەن تۇنۇگۇنكى ياكى بۇگۇنكى سەن ئەمەس؛ y'Ah*h  
ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياردەم قولۇڭنى سۇنغىن، شۇ تاپتا باشقىلار دەل سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛ ~Z' /b|x<3  
يېتەرسىزلىكلىرىڭنى ئويلاپ قايغۇرۇپ كەتمە،«ئالتۇن ساپ بولماس، نۇقسانسىز ئادەم (بولماس)» دېگەن قائىدىنى ئېسىڭدە تۇت؛ TlD^EJG  
ئۆزۈڭنىڭ ئاددىي ئادەملىكىڭدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن، ئەڭ خىرە يۇلتۇزمۇ قاراڭغۇدا يەنىلا كۆزنى چاقنىتىدۇ؛ھامان مۇلايىم، سەۋرچان بول. \1<8'at  
يۇقىرىقى ئىشلارنى ئورۇندىيالىساڭ، ئىشىنىمەنكى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزۈڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ساپساقلا بىر ئادەملىكىڭنى، يەنە كېلىپ مۇنەۋۋەر ئادەملەردىن ئىكەنلىكىڭنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆيۈملۈك ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىككە تولغانلىقىنى بايقايسەن. %#TAz7  
.S[M: <<*  
$},_O8R  
@]etW>F_  
(ساتتار غوپۇر قەلەميار تەرجىمىسى)


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قىلغانلىرىمىز ئۆزىمىزگە يانىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.023539 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us