رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- " ئەر-ئەمەس ، ئەركەك- ئەمەس "       بىلىگيار --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۇيغۇر مەدەنىيىتى -> " ئەر-ئەمەس ، ئەركەك- ئەمەس "       بىلىگيار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

313biligyar2011-03-30 12:50
" ئەر-ئەمەس ، ئەركەك- ئەمەس " 7jL3mI;n%;  
بىلىگيار rL /e  
2009-يىلى قەھىرتاننىڭ 20-كۈنى ~\^h;A'3  
نۇرغۇنلىغان تارىخى كىتابلاردىن ، كىنو تىلۋىزىيە فىلىملېرىدىن ، ئاتا  ئانلېرىمىزنىڭ ئۆز ئېغىزلېرىدىن سۆزلەپ بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىش- ئىزلاردىن ، ھەممىمىز ئىختىيارسىز ھالدا باش ئېگىپ ئېتىراپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان شۇنداق بىر ھەقىقەت ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، ئۇ بولسىمۇ ، تارىختا ، دادا ، بوۋىلېرىمىز تۇلپارنى ئۆزلېرىگە قانات قىلىپ ، زېمىن كەزگەن ئىدى. تۇلپار ئۈستىدە ، قوللېرىدا شەمشەر ئوينىتىپ ، نۇرغۇنلىغان ئەل  يۇرتلارنى ئۆزلېرىگە بوي سۇندۇرغان ئىدى. تۇلپار ئۈستىدە ، جاھان ، يۇرت ئالغان ئىدى. تۇلپار ئۈستىدە ، يەر ، پۈتكۈل جاھاننى لەرزىگە سالغان ، تېتىرەتكەن ئىدى. شۇ تۇلپار تۇياقلىرىنىڭ ئىزلېرىنى ، خۇددى ، يارلىق ئۈستىگە بېسىلغان مۆھۈردەك ، يەر  زېمىندا مەڭگۈ ئۆچمەس قىلىپ قالدۇرغان ئىدى. شۇ تۇلپار تۇياقلېرىدىن ئوت چاقنىتىپ چىقۋاتقان ئاۋازلېرى ، بەزىدە ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ، تاتلىق ئۇيقۇ ئىچىدىن قاتتىق چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىمەن. |/R)FT#i  
ئۇلار ، سىرتلاردا ئەنە ئاشۇنداق جاھاننى لەرزىگە سېلىپ ، زېمىننى تېتىرەتكۈدەك باتۇر ، قەيسەر ئوغلان بولسا ، ئائىلىدە ، مېرى  مۇھەببەتكە تولغان ، كۆيۈمچان ، مۇكەممەل بىر ئەر ، ئاتا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۆزلېرىنىڭ قان  تەر تۆكۈپ ، ھالال ئەمگگى ئارقىلىق ، مەڭگۈلۈك ھەمرىيى بولغان ئايالىنى ، ئۇلۇغ نېممىتى بولغان پەرزەنتىنى ، جۈمىلىدىن ، پۈتكۈل ئائىلىسىنى ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ماددىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلاتتى. ئانا پەقەت ، ئائىلە ئىشلېرى ۋە پەرزەنت تەربىيلەشتىن ئىبارەت ، ھەم جاپالىق ھەم ئۇلۇغ ، شەرەپلىك ، مۇقەددەس ۋەزىيپىنى ئۈستىگە ئالاتتى . _z$lg]q  
ئۇلار ، يەتتە - سەككىز ، ھەتتا ، ئون پەرزەنتنى تۇغۇپ ، ھەممىسىنى ھەقىقىي ئىنساندەك تەربىيلەپ قاتارغا قوشاتتى . |E YJbL;1%  
ئۇلار ، يەنە نۇرغۇنلىغان ھېكىمەتلىك سۆزلەردە تەرىپلەنگۈنىدەك ، " ئانا  بىر قۇلىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ ." F.0CJ7s  
ئانا  تۈزەلسە دۇنيا تۈزۈلدۇ . ئانا  بۇزۇلسا ، دۇنيا بۇزۇلدۇ." @rO4BTi>O  
" ئانا مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ . " ?!:$Z4G  
-!k$ Z  
جەننەت  ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا . " دېگىنىدەك ، ھەقىقىي ئىسمى- جىسمىغا لايىق ، ئەسىردىن ئەسىرگە ، تارىختىن  تارىخقا ، ئەۋلادلاردىن  ئەۋلادلارغا قەدەر مەڭگۈ ياشايدىغان ، ئەۋلادلېرىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۈلگە ، ئابىدە ، قىبلىنامە بۇلالايدىغان ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنى تەربىيلەپ ، ئۇلارنى يېتەكلەپ قاتارغا قوشتى . :bhpYEUMx  
شۇ ئەركەكلېرىمىز تەربىيلىگەن ، يېتەكلىگەن ، شۇ تەربىيىلىك ، ئىلىم  ھېكىمەتلىك ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ، جاھاننى تاڭدا قالدۇرغان ئالىملېرمىز ، يەر  زېمىننى تېتىرەتكەن ، تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلغان باتۇر ئوغلانلېرىمىز يېتىشىپ چىققان ئىدى . UE[5Bw?4X  
شۇ ئوغلانلېرىمىز گەرچە ، قىسقىغىنە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ ، مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، خەلىقىمىزنىڭ قەلبىدە ياشاپ كېلۋاتىدۇ. بەلكى ، بۇندىن كېيىنمۇ ، ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگىچە مەڭگۈ ياشىغۇسى... !دېمەك ، ھەقىقىي ئەركەكلېرىمىز ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنى تەربىيلەپ چىقتى . تەربىيىلىك ، ئىلىم  ھېكىمەتلىك ئۇلۇغ ئانىلېرىمىز بولسا ، مەھمۇت قەشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئىلىم ئالىمىدە مەڭگۈ ئۆچمەس يۇلتۇزلارنى ، نۇرتاي ھاجىمغا ئوخشاش ساخاۋەتچى ئاتىلارنى ، شۆھرەت مۇتەللىپ ، ئەركىن سىدىققا ئوخشاش دۇنياۋى ئالىملېرىمىزنى ، رادىل ئابلاغا ئوخشاش كارخانچىلىرىمىزنى ، باتۇر ، قەيسەر ئوغلانلېرىمىزنى تەربىيلەپ چىقتى . lbCTc,xT  
شۇڭا ، " ئەر ، ئەركەك ، ئاتا " دىگەن سۆزلەرنىڭ ۋەزنى ، مېنىڭچە بولغاندا ، قانچە قانچە تاغلاردىن ، يەر شارىدىن ، ھەتتاكى ، پۈتكۈل كائىناتتىنىمۇ ئېغىر بولسا كېرەك . بۇ سۆزلەر ئېغىزلاردىن چىققاندا ، پۈتكۈل تاغ دەريا ، يەر زېمىن لەرزىگە كېلىپ ، بىز ئاڭلىيالمىغان ، چۈشەنمىگەن بىلەن ، پۈتكۈل كائىنات قايتۇرغان بۇ ئەكىس سادا ، پۈتكۈل ئالەمنى قاپلىغان، ھەتتاكى، ئەرىش كۇرسىغىمۇ يەتكەن بولسا كېرەك . j JxV)AIY  
ئەجىبا، نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنى شۇنچىلىك ئېغىرمىدۇ ؟؟؟ =D2jJk?AX  
ئەجىبا ، نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان بۇ سۆزلەر، تاغ دەريالارنى، يەر زېمىننى لەرزىگە سالغۇدەك ، تېتىرەتكۈدەك ، شۇنچىلىك غايەت زور ئىلاھىي قۇددىرەتكە ، مىسىلسىز سېھرى كۈچكە ئېگىمىدۇ ؟؟؟ o6PDCaT7  
ئۇنداق ئەمەس ، بۇ ھەرىپلەر ئەمەس ، بەلكى ، مۇشۇ نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان ، شۇ سۆزلەر بىلەن تەرىپلىنۋاتقان كىشىلېرىمىز ، يەنى ، ھەقىقي ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىز شۇنچىلىك ئېغىر ۋەزىنگە ، شۇنچىلىك مىسىلسىز سېھرى ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىدى . H|1owmbD  
چۈنكى ، ھەقىقىي ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىزنىڭ ئۈستىگە ، ئائىلە،   پەرزەنت ، ھەتتاكى ، پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت ، ئۇلۇغ، مۇقەددەس بۇرچ ، ئېغىر مەسئۇليەت يۈكلەنگەن ئىدى . pt rQ~m-  
چۈنكى ئۇلاردا ، قانچە قانچە تاغنى ئۈستىگە باستۇرسىمۇ يېمىرلىپ كەتمەس ، باتۇ ر ، قەيسىرانە روھ بار ئىدى . {q[l4_  
چۈنكى ئۇلاردا ، قانچە قانچە تاغدىنىمۇ ، ھەتتاكى ، پۈتكۈل كائىناتتىنىمۇ ئېغىر كېلدىغان ، بېسىپ چۈشدىغان ھەقىقىي پاك مېرى مۇھەببەت ، شىجائەت ، ۋىجدان غورور بار ئىدى . BixKK$Lo  
چۈنكى ئۇلاردا ، قانچە قانچە تاغنى ئېلىپ كېلىپ سوقسىمۇ ، ئۇرسىمۇ ، تەۋرىتەلمەيدىغان ، قوزغىتالمايدىغان ، مۇقىم مەيدان ، مۇكەممەل، كامىل بولغان ، مۇستەھكەم ئىمان ئېتىقاد بار ئىدى . )Bl0W  
ئەپسۇس ، ناھايتتى ئەپسۇس ، ھازىرقى دەۋرىمىزگە كەلگەندە بولسا ، بۇ ، سۆزلەر ئۆزىنىڭ غايەت زور ، مىسىلسىز سېھرى ھاياتى كۈچىنى ئالىقاچان يۇقاتقان ئىدى . بۇ سۆزلەر ئەمەس ، بەلكى ، تا غ دەريا ، يەر زېمىننى لەرزىگە سالغۇدەك ، بۇ سۆزلەر بىلەن تەرىپلىنۋاتقان ، ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىز يۇقاتقان ئىدى . I?l%RdGW  
مېنىڭچە بولغاندا ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ، ئۆزىمىزنى مەن ئەر ، مەن ئەركەك دەپ جارسېلىپ يۈرگەن مەن ۋە سىزدەك ئەر ، ئەركەكلېرىمىزدە ، ئۇلاردا ، پەقەت ، ئەر ، ئەركەك دىگەن قۇرۇق ناملا قالدى خالاس. Yy$GfjJtL]  
ئۇلاردا ، پەقەت ، ئەرلەرگە خاس ئۈستىدىكى كېيىم كېچىگىلا قالدى- خالاس . ;<JyA3i^V,  
ئۇلاردا ، پەقەت ، ئات ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدىمۇ بار بولغان ، قېلىن ، دەيۈز تېرىسىنى تېشىپ چىققان يۈزىدىكى تۈكىلا قالدى خالاس . |]d A`e&y  
ئۇلاردا ، پەقەت ، جېنىسىي پەرىق ئايرىمىسىلا قالدى خالاس. N6"bOx J(  
شۇڭا ، ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ، ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىز ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، ئۆزلېرىنىڭ زېممىسىدىكى يۈدۈپ يۈرگەن باشقا نەرسە ئەمەس ، بەلكى ، مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت ، ئۇلۇغ ، مۇقەددەس ۋەزىيپە ، بۇرچنى ، ئېغىر مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى ئالىقاچان ئەستىن چىقىرىپ قويغان ، سەل قاراۋاتقان ، قۇلىقى گاس ، ئەقىل تەپەككۈر كۆزى كور بۇلۇپ كەتكەن ، ئەقىلسىز ، نادان ، تۇزكورلارغا ئايلانغان ئىدى . \BV$p2m5-  
ئۇلار ، ھەقىقىي ئەرلەرگە ، ئەركەكلەرگە خاس ، باتۇر ، قەيسىرانە روھىنى يۇقاتقان ، يۈرەكسىز ، جۈرئەتسىز ، بىر تۈركۈم بولۇمسىز ، چۈپۈرەندىلەرگە ئايلانغان ئىدى . P,2FH2Eyj  
ئۇلار ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، ۋىجدان غورورىنى ئىت يەپ كەتكەن ، چېكىملىكتىن كەلگەن ئىس تۈتەك ، ھاراق شارابتىن كەلگەن ئىسپىرت كۆيدۈرۈپ ، چىرىتىپ ، داتلاشتۇرۋەتكەن ، ۋىجدان غورورسىز ئىپلاسلارغا ئايلانغان ئىدى . `kn 'RZR  
ھازىرقى دەۋرىمىزىدىكى ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىز ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، مۇقىم مەيدانى ، مۇكەممەل ، كامىل ئىمان ئېتىقادىنى يۇقاتقان ، جىسمى بار ، روھىيىتى ، قەلبى ئالىقاچان ئۆلگەن ، توڭلاپ قېتىپ كەتكەن تاش موردىلارغا ئايلانغان ئىدى . +izB(E8&{J  
ئۇلار ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، ئەخلاقى پەزلىتى خۈنۈكلەشكەن ، زەئىپلەشكەن بىر تۈركۈم چىركىندىلەرگە ئايلانغان ئىدى . 1^*M*>&d<  
ئۇلار ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، ئۆزلېرىنىڭ ئايالى ، قىزلېرىنى باقالماي ، ئاياللېرىنى كۇچىغا چىقىرىپ قويغان ، قىزلېرىنى كۇچىغا قويۋەتكەن ، قىزلېرىنى ، ھەتتاكى ، شەھەردىن شەھەرلەرگە ئاتلاندۇرۇپ ، يات شەھەر ، يات ئەلگە قۇللۇققا ، مۇلازىملىققا سېلىپ بېرۋاتقان ، ۋىجدان غورورىنى يۇقاتقان ، ئىنسان ئەمەس - مۇناپىق ، ئىپلاسلارغا ئايلانغان ئىدى . 5Iv3B|u  
ئۇلار ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، ئاياللېرنىڭ تۆت- بەش تەڭگىسىنى دەپ ، ئاياللېرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ، ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ ، گېپىدىن چىقالماي ، ئاياللېرىنىڭ كۇچا دەسسەپ ، تۈرلۈك مۇراسىملارغا قاتنىشىپ ، ئەجنەبىي ئەرلەر بىلەن ئويناپ يۈرۈشىگە ، ئۆزى بولسا ، ئايال كىشى ئورنىدا ، ئۆيىگە قاراپ ، بالا بېقىپ ، بۆشۈك تەۋىتىپ ئولتۇرغان لاتىلارغا ئايلانغان ئىدى . E^:8Jehq  
ئۇلار ، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمەس ، بەلكى ، ئايال قىزلېرىنىڭ ھېچقانداق ئۇيالماستىن ، گېرىم قىلىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە ئۆزلېرىنى كۇچىغا سېلىپ ، تۈرلۈك سورۇن مۇراسىملارغا قاتنىشىپ ، ئەجنەبىي ئەرلەر بىلەن ئۇسۇل ، تاڭسا ئويناپ ، ئىش- پەش تارتىشىپ يۈرۈشلېرىگە قاراپ ئولتۇرغان ، سۈكۈتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۋاتقان ، ھەتتاكى ، شەرت شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ ، پەخىرلىك ھېس قىلۋاتقان ، ئىنسان ئەمەس ، بەلكى ، " دەيۈز " لەرگە ئايلانغان ئىدى . Z'P>sV  
ئۇلار، ئەر ئەمەس ، ئەركەك ئەمە س ، بەلكى ، كوچىدىكى كوچا قانجۇقلېرىغا ئوخشاش ، كوچىمۇ كوچا ، دوقمۇشمۇ دوقمۇش ئايال ، قىز پۇراپ ، ئىزدەپ يۈرۈيدىغان " ئەر  ج ل پ " ئايلانغان ئىدى . ~w&P]L\dB  
ئەمەليەتتە ، ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس " قۇرئان كەرىمدە " ، " سىلەر ، ئەرلەر ، ئاياللار ئۈستىدىن ھۆكۈمىرانلىق قىلغۇچى سىلەر " دىگەن ئۇلۇغ ئايەتنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ، مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللارنى باشقۇرۇش ، ئۇلارنى يېتەكلەش ، ئۇلارنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت ، ئۇلۇغ ھوقۇق ، مۇقەددەس ۋەزىيپىنى بىزلەرگە تاپشۇرغان ئىدى . nN=o/zd  
ياراتقۇچىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ شەۋكەتلىگى بولغان ، پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەم ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسىدە ، " ئەگەر ، مەن ئايال كىشىنى ئىنسانغا سەجدە قىلىشىقا بويرۇلغان بولسا ئىدىم ، مەن چوقۇم ئايال كىشىنى ئۆزىنىڭ ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بويرۇغان بۇلاتتىم " دەپ ، بىز، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن دەرىجە جەھەتتىن ئۈستۈن ، يۇقۇرى تۇردىغانلىقىمىزنى بايان قىلغان ئىدى . Op&i6V}<s  
قېنى ، ياراتقۇچىمىز بولغان ئۇلۇغ ئاللا سۇبھانە ۋەتائالانىڭ بىزلەرگە بەرگەن ، تاپشۇرغان ھوقوقى ، ۋەزىيپىسى ؟؟؟ _I$\O5  
قېنى ، ئىسلام داھىيسى ، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى ، ئالىملارنىڭ شەۋكەتلىگى بولغان ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ، بىزلەرگە كۆرسىتىپ بەرگەن دەرىجىسى ، يولى ؟؟؟  As&=Pb9  
دەل ، ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ، ئەرلېرىمىزنىڭ ، ئەركەكلېرىمىزنىڭ ، يۇقۇردا بايان قىلغىنىمدەك ، ئۇلاردا ، پەقەت ، ئەر ، ئەركەك دىگەن قۇرۇق ناملا ، ئۈستىدىكى كېيىم كېچىگىلا قالغانلىق سەۋەبلىك ، ئۇلاردا ، پەقەت، قارىماققا قاۋۇل ، ئەمما، ئىچى پورلىشىپ كەتكەن بەدىنىلا ، يۈزىدىكى تۈكىلا، جېنىسىي پەرىق ئايرىمىسىلا قالغانلىق سەۋەبلىك ، ئۇلۇغ ئانىلېرىمىز، جاپاكەش ئاياللېرىمىز تەربىيلەشتىن، يېتەكلەشتىن مەھرۇم قېلىپ ، قايسى ئاق ، قايسى قارا ، قايسى توغرا ، قايسى خاتا ، قايسى يولدا مېڭىش ، قايسى يولدا ماڭماسلىق كېرەكلىگىنى ئاڭقىرالماي ، روھىيىتى ، مەنىۋىيىتى ھەقىقىي بىر ئوزۇقلۇققا ، بەخىتكە ئېرىشەلمەي ، تۇرمۇش ، ھايات ، روھ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چىن مەنىسىنى تاپالمىدى . بۇنىڭ بىلەن ، ئۇلار ، روھىيىتىدىكى ، مەنىۋىيىتىدىكى بۇ بوشلۇقنى ، بۇ كەمتۈكلۈكنى ، كوچىدىن ، كوچىدىكى ئادەم ئەمەس ، كوچا قانجۇقلېرىدىن ئىزدەپ ، شۇلار ئارقىلىق تولدۇرماقچى بولدى . شۇ سەۋەبلىك ، ئۇلار ئەجنەبىي ئەرلەرنىڭ ئاشنىسىغا ، زېرىكسە كۆڭۈل ئاچىدىغان قونچىقىغا ، ئۇلارنىڭ ئەۋرەت تۇڭلېرىغا ئايلىنىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ روھىيىتى ، مەنىۋىيىتى جەھەتتىكى بوشلۇق ، كەمتۈكلۈك تولماي ، ئەكسىچە ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بېشىدىن ئايىقىغىچە ئۈزسىمۇ ، ئېلى دەرياسىدا كېچە كۈندۈز چۆمۈلسىمۇ ، قارلىق چوققىدىن تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ چۈشۋاتقان ، ئابىھايات سۈيىدەك پاك ، سۈزۈك سۇدا ، سۇ بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئاقسىمۇ پاك بولماس بۇلغىنىپ كەتتى .   5J d7<AO_  
ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىزنىڭ پەقەت نامىلا قالغانلىق سەۋەبلىك ، يېقىن كەلگۈسىدە ، مىللەتنىڭ ئانىسى بولغۇسى قىزلېرىمىز ھەم ئۆزلېرىنىڭ ئىپپىتىگە ، قەدىر قىممىتىگە نىسبەتەن ، قىلچىلىك چۈشەنچىسى ، كۆز قارىشى بولمىغان ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ ، 10-20 يۈەنگە ، ھەتتاكى ، بىر تەخسە لەغمەن ، سومىيەنگە ، ئۆزلېرىنىڭ ئىپپىتىنى ، قەدىر قىممىتىنى سېتىپ ، بۇلغاپ ، ئەجنەبىي ئەرلەرنىڭ كەينىدە قانچە -قانچە كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان ، ئۇلارغا خوتۇن ، ئاشنا بولۇپ ، ھايۋان كەبى ياشاشتىن ئىبارەت يولنى تاللىۋالدى . tOJK~%'  
ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ، ئىنسانىيلىق سۈپىتى قالمىغانلىق سەۋەبلىك ، ئاياللېرىمىزنىڭ كوچىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بۇلۇپ ، پەرزەنتلېرمىز تەربىيىسىز قالدى . بۇنىڭ بىلەن ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچىسى ، قۇرغۇچىسى بولغان ئوغۇل پەرزەنتلېرىمىز ، ھاراق شاراب ئىچىدىغان ، خروئىن چېكىدىغان، ئوغرى بۇلاڭچىلىق قىلدىغان ، ئۆز ئارا بىر بىرى بىلەن ناھەق بىھۇدە قان تۆكۈشۈپ قىرغىن قىلىشدىغان ، ھايۋاندىن بەتتەر بىر قىسىم ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ساقايماس كېسەللەرگە گېرىپتار بۇلۇپ ، ئۆزلېرىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى نابۇت قىلدىغان ، بىز بىلەن ، دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىدىغان ، بىر خىل ناھايتتى ئېچىنىشلىق ، تېراگىدىيىلىك مەنزىرلەر شەكىللەندى . ھايۋان كەبى ياشايدىغان جەمىئيەت بارلىققا كەلدى . مىللەت زۇۋۋالىققا ، قۇللۇققا مەھكۇم بولدى . kZ&|.q1zki  
مانا بۇلار ، مەن ۋە سىز قاتا رلىق ، ئۆزىمىزنى ئەر  ، ئەركەك دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھەم كېلۋاتقان ۋەيرانچىلىقى، قىرغىنچىلىقى #kO.'oIl  
مانا بۇلار ، مەن ۋە سىزدەك ، ئۆزىمىزنى ئەر ، ئەركەك دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ شەكىللەندۈرگەن مەنزىرسى ، جەمىئيىتى . +d7sy0  
مەن ۋە سىزدىن ئىبارەت ھەر بىر ئەر ، ئەركەكنىڭ ، ئۆزقوللېرىمىز بىلەن ۋەيران قىلۋاتقىنىمىز ، باشقا نەرسە بولماستىن ، بەلكى ، ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى ، ئۆزمىزنىڭ ئاياللېرى ، يېقىن كەلگۈسىدە مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى بولدىغان مىليونلىغان قىزلېرى . ]SqLF!S(=  
مەن ۋە سىزدىن ئىبارەت ھەر بىر ئەر ، ئەركەكنىڭ ، ئۆزقوللېرىمىز بىلەن قىرغىن قىلۋاتقىنىمىز ھەم باشقا نەرسە بولماستىن ، بەلكى ، ئۆزىمىزنىڭ مىليونلىغان پەرزەنتلېرى ، مىللىتى . T6gugDQ~.  
ئۇنداقتا ، مەن ۋە سىزدىن ئىبارەت ھەر بىر ئەر ، ئەركەك ، بۇ مسىلسىز ۋەيرانچىلىقلار ، قىرغىنچىلىقلار ئۈستىدە قاچان ئويلىنمىز ؟؟؟ hJr cy!P<a  
زادى قاچان ، مەن ۋە سىز ئەتىگەنكى ساپ ، مۇزدەك ھاۋادىن دىماققا يەتكۈچە قاتتىق ، سەسكەنگۈدەك نەپەس ئېلىپ ، كاللىمىزنى قانچە قانچە رەت قاتتىق سېلكىۋىتىپ ، مەن كېممۇ ؟؟؟مەن قايسى قەۋمى ، قايسى مىللەتتىن ؟؟؟ مېنىڭ مەسئۇليەت ، مەجبۇريەت ، بۇرچىم نېمە ؟؟؟مەن قايسى يولدا كېتۋاتىمەن ؟؟؟نېمە ئىشلارنى قىلۋاتىمەن ؟؟؟ قانداق ياشاۋاتىمەن ؟؟؟مەن ئۆزەمدە نېمىلەرنى يۇقىتىپ قويدۇم ؟؟؟قانداق ۋەيرانچىلىق ، قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلۋاتىمەن ؟؟؟ دىگەندەك ………..سۇئاللار ئۈستىدە ئويلىنمىز ؟ 5 pJ)OX  
  زادى قاچان ، بۇ ئازغۇنلۇق ، گۇمۇراھلىق ، پاسكىنا مەينەت ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ، خوددى ، بىر قورقۇنىچلىق چۈش كۆرۈپ ، قاتتىق چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەندەك ، ئويغىنىپ كېتىمىز ؟؟؟ 83 O+`f  
ئەجىبا ، تاغ دەريا ، يەر زېمىننى لەرزىگە سېلىپ ، تېتىرەتكەن شۇ سۆزلەر بىلەن تەرىپلىنۋاتقان بىز، شۇ سۆزلەر تۈپەيلى لەرزىگە كەلمەيمىزمۇ ؟؟؟تېتىرمەيمىزمۇ ؟؟؟ 4eZ  
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئەڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئۆزلېرىنىڭ توپىنى قوغدايدۇ . ھەتتاكى ، چوشقىمۇ شۇنداق . vdwh59W  
ئەگەر، مەن ۋە سىزدىن ئىبارەت ھەر بىر ئەر ، ئەركەك ، يەنىلا ، ئۆزمىزنى ئىنسان دەپ ئېتىراپ قىلساق ، بىزمۇ ھەم ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئنەزەر ، ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ، ئەركەكلىك ئەسلىمىزنى تېزدىن ، قايتىدىن تېپىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئا ئىلىسىنى ، ئاياللېرىنى ، قىزلېرىنى ، پەرزەنتلېرىنى ، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىنى ساقلاپ قالايلى ! قوغداپ قالايلى ! قۇتقۇزۇپ قالايلى ! 85>WK+=  
قېنى ! ھەقىقىي ئىنساندەك ياشايدىغان ، مېھرى مۇھەببەتكە ، غەمخورلۇق- كۆيۈنىشكە تولغان ، شۇنداق بىر گۈزەل مۇھىتنى ، مۇھەببەتلىك شۇنداق بىر گۈزەل دۇنيا ،  جەمىئيەتنى ، ئۆزقوللېرىمىز بىلەن ۋەيران قىلۋاتقىنىمىزدەك ، يەنە شۇ قوللېرىمىز بىلەن قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى ...!!! Rgb1B3gu  
مەنبە : ئۆز قەلەم

karxamaydani2011-03-30 13:45
ئەرلەر ئوز زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇپ كالسا بولمايدۇ.

alahan2011-03-30 14:15
  ياخشى يېزىپسىز ،،  مىنى قاتتىق ئويغا سىلىپ  قويدىڭىز،،،،،ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇن  ئىشلار سىزنىڭ   يازغانلىرىڭىنى   ئىسپاتلاپ   تۇرماقتا، ھەممىىمىز  ئۆزىمىزنىىڭ مەجبوريىتىنى  .ئادا قىلايلى   ،ئەركەك   ئاتالغۇسىدا   قايتا ئويلىنىپ  كۆرەيلى .،،،،،،،،،،،،

جۇنۇن2011-03-30 20:19
بۇنىڭ ئۈچۈن بىز توختىماي،ھارماي تالماي ئالغا ...ھۇررا ئەركەكلىكىمىزنى تاپايلى ! دەپ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ،ئۇزۇن مەزگىللىك ئەقىدە كۆرىشى قىلىشىمىز كىرەك    قېنى يىگىتلەر ؟ قېنى ئەركەكلەر ؟ قولۇڭلارنى بىرىڭكار!!!

pakkalip2011-04-01 17:05
بەك بەلەن تىما يوللاپسىز.ئاللاھ ئىگەم كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن،ئۆزىنى ئەر دىگۇچى ھەرقانداق بىر ئادەم نىڭ چوقۇم قاتتىق ئويلۇنىشىغا تىگىشلىك بىر مەسلە :e-&,K  
بوپتۇ!

karikaxogli2011-04-04 08:02
        

پاسبان2011-05-04 19:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەر گەكىرىپلا ياخشى ئەسەردىن بىرنى ئۇچراتتىم ،        ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگشلىككەن رەخمەت سىزگە

azizam2011-07-14 00:40
ئەرلەر بەكرەك ئويلانسا بوغىدەك

kiz2011-08-15 12:38
  <<شۇ ئەركەكلېرىمىز تەربىيلىگەن ، يېتەكلىگەن ، شۇ تەربىيىلىك ، ئىلىم  ھېكىمەتلىك ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ، جاھاننى تاڭدا قالدۇرغان ئالىملېرمىز ، يەر  زېمىننى تېتىرەتكەن ، تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلغان باتۇر ئوغلانلېرىمىز يېتىشىپ چىققان ئىدى .       دېمەك ، ھەقىقىي ئەركەكلېرىمىز ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنى تەربىيلەپ چىقتى .>>             مەن  بۇ  قاراشقا  قوشۇلمايمەن .  شۇ  ئۇلۇغ  ئانىلىرىمىزنى  ئەركەكلەر  تەربىيلەپ  يىتىشتۇرگەن  ئەمەس بەلكى ، شۇ  باتۇر  ئەركەكلىرىمىزنى   ئاشۇ   ئۇلۇغ  ئانىلىرىمىز  9 ئاي  قورساق  كۆتۇرۇپ  ،  تۇغۇپ  تەربىيلەپ  يىتىشتۇرۇپ  چىققان .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- " ئەر-ئەمەس ، ئەركەك- ئەمەس "       بىلىگيار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.024527 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us