رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تۇنۇر بېشىدا "ھېكايە" --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تور ئەسەرلىرى -> تۇنۇر بېشىدا "ھېكايە" [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

allayar2011-03-16 21:33
 تۇنۇر بېشىدا hJhdHy=U  
"ھېكايە"
l:j9lBS  
ئاپتورى: ئاللا يار
A3$rPb8  
z[z'.{;D  
      بۇ ھېكايىنى ئىلگىرى دوستۇمنىڭ دوستى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن، كېيىن دوستۇم ماڭا ئېيتىپ بەردى. دەسلەپ ئاڭلىغان چېغىمدا "ھە" دەپلا قۇيۇپتىمەن. كېيىنچە بۇ ھېكايىنى ئويلىسام تۇلىمۇ ئىچىنىشلىق بىر ئىش بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇ سەۋەپ بۇ ھېكايىنى يېزىش ئۈچۈن قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم. sw{EV0&>m  
ئەتىگەنلىك قۇياش چاڭقىپلا چىقتى. زورىخان ئانا 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان تۇلىمۇ يوۋاش ئايال ئىدى. بۇ ئانا ھەر كۈنى سەھەر تۇراتتى. بۇگۇنمۇ پىشايۋاندا ئەتىگەنلىلىك چايغا تۇتۇش قىلغان ئىدى. بۈگۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىش بىسىۋالغان بىر كۈن بولدى. شۇڭا ئانا ناماز ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى راكەت نامازنى بىجاندىل ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ھويلا-ئاراملارنى تازلىدى. ئېغىلدىكى قويلارغا ئوت-چۆپ تاشلىدى،ئۆيدە نان تۈگەپ قالغاچقا، سەھەردە ناننىڭ خېمىرىنى يۇغۇرۇپ قېلىن ئەدىيالغا يۆگەپ قۇيۇپ، ئەتىگەنلىك چايغا تۇتۇش قىلغان ئىدى. y ?4|jN  
كۈن ئاسـتا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلىدى، ھاۋامۇ ئاستا_ئاستا قىزىۋاتاتتى. زورىخان ئانا ئەتىگەنلىك چېيىنى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىۋالدى_دە، بولغان خېمىرنى نان راسلاشقا باشلىدى. VIAj]Ul  
-ئەجەپ باللارغۇ بۇ، ھەر كۈنى چۈشكىچە ئۇخلىغان. خۇدايىم توۋا، ھازىرقى ياشلاردا ئىنساپ،دىيانەت ئۈچۈپ قالدىمۇ نىمە؟ Pa0tf:  
ئانا ئۇدۇلدىكى ھۆجىرىغا ئورنىدىن تۇرۇپ بويۇنداپ قاراپ باقتى. ئوغلى بىلەن كېلىننى بىر خىلدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى، ئانا بېشىنى سېلكىپ قۇيۇپ، سۇپا بېشىغا ئولتۇرۋالدى، قوللېرىنى ھەركەتكە كەلتۇرۇپ نان راسلاشقا چۇشتى. ئانا ئۆزىنىڭ كېلىن بولغان چاغلېرىنى ئەسلەپ قالدى. دەسلەپ يات بىر بۇسۇغىغا قەدەم تەشىرىپ قىلغان ئەشۇ چاغلېرىنى ئەسلەپ قالدى.خوراز چىللىغان ھامان ئورنىدىن تۇراتتى، ئۆزى نامازنى ئۇقۇپ بۇلۇپ،ئېرىنى ئويغۇتـۇپ تاھارەت سۇيى تەڭشەپ بېرىپ، قېيىنئاتا،قېيىنانىسىغا تاھارەت سۇيى تەڭشەپ قۇياتتى.ئاندىن كېيىن يۇغان يامداق بىلەن ھۇيلا-ئاراملارنى ۋە كۇچىلارنى پاكىز سۇپۇرۇپ قۇياتتى.قېيىنانسى بىلەن تەڭ نان ياقاتتى، بەزى چاغلاردا ئېرىق بۇيىدا كۈنلەپ كىر يۇياتتى. ئانا ئۈچۇن بۇ ئىشلار شۇ چاغدا مۇققەدەس بىر بۇرچتەك تۇيۇلاتتى، بۇنىڭدىن ئېرى،قېيىنئاتا-قېيىنانىسى سۈيۇنەتتى. ئانا بۇ ئادەتنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. lNqXx{!k  
رەھمەتلىك ئېرى تۇلىمۇ كۆيۇمچان ئەر ئىدى. ئۇلار توي قىلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بىر بۇدۇرۇق ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى.ئۇلار بۇ ئوغۇلنى تـۇلىمۇ ئەتىۋارلاپ باقتى،كېيىنچە ئانا پەرزەنتلىك بولالمىدى.ئۆغلى ئەخمەت 18ياشقا كىرگەن يىلى بىر قارا قىشتا ئاتا كۈمۈر ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈمۈرلىككە كەتكەنچە قايتىپ كېلەلمىدى. ئانا كۆپ ھەسىرەتلەندى،يىغلىدى ئاخىرى يەنىلا ئاللاھنىڭ ھۈكۈمىگە بويسۇندى. 9OF5A<%"u  
"تاراق" قىلىپ ئىچىلغان ئىشىك ئاۋازىدىن ئانا چۇچۇپ ئىشىك تەرەپكە قارىدى. ئوماق كېلىنى سەت كېرىلىپ ھۆجىرىدىن چىقىپ كىلىۋاتاتتى.ئانا بىر ئاز ئەپسىزلىك ھىس قىلىپ، بىشىنى سىلىپ ئۆز ئىشىغا بەنت بولدى. كېلىن ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، سۇپا ئالدىدىكى قول چوگۇننى ئىلىپ ھۆجىرىسىغا كىرىپ كەتتى. )bi*y`UM]  
ئانا ناننى راسلاپ بولدى. قۇياش خېلى ئورلەپ قالغان ئىدى. ھاۋامۇ تىنجىشقا باشلىدى. ئانا قۇرۇق ئۇتۇنلارنى تۇنۇر بېشىغا دوۋۇلەپ قۇيۇپ، تۇنۇر ئىچىگە ئوت ياقتى، قۇرۇق ئۇتۇننى بىر-بىرلەپ تۇنۇر ئىچىگە تاشلىدى، تۇنۇر ئىچىدىكى قۇرۇق ئۇتۇن چاراسلاپ كۈيۈشكە باشلىدى. تۇنۇر قىزىدى،ئانا نان تۇشۇشقا تەرەددۇتلەندى. <|Xf4.  
كېلىن بىلەن ئوغۇل سۇپا ئاستىدا ناشتىلىق قىلىۋاتاتتى، ئانا يۇغان تاۋاققا ناننى سېلىپ تۇشۇشقا باشلىدى.ئانىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان كېلىن بىر ئاز خېجىل بولغان چېغى، ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ تاۋاقلارغا نان سېلىشقا باشلىدى.ئانا بىلەن كېلىن نانلارنى تۇشۇپ بولدى. ئىسسىق ھاۋا بىلەن قىززىق تۇنۇر بېشى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىزىپ كەتكەن ئىدى، ياش كېلىن بۇنىڭغا چىدىيالمىدى. ئانا يەنىلا بىر ئىزىدا ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى.قولىغا يەڭلىكنى ئىلىپ، تۇنۇر ئىچىگە ئېڭشىپ بىر-بىرلەپ ناننى چاپلاشقا باشلىدى،تـۇنۇر ئىچىدىكى قىززىق ئوت تەپتىدىن ئاننىڭ يۇز-كۆزلېرىدىن شۇرۇلداپ تەر قۇيۇلۋاتاتتى، ناننىڭ يېرىمى تـۇنۇرغا چاپلىنىپ بولدى.ئانا قىززىق ئوت تەپتىدىن يۇزلېرى قىزىرىپ ھاسىراپ كەتتى. كېلىن ئانىغا سەپسالدى، كۆڭلىدە نان يېقىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. P1Re7/  
-ئانا، مەن چاپلاپ باقايمۇ؟ 2$qeNy  
-قىزىم، چاپلالارسىزمۇ؟ F4kU) i  
-سىناپ باقمايمەنمۇ. <mrLld#_:C  
ئانا كېلىننىڭ سۆزىدىن بىر ئاز راھەت ھس قىلغاندەك بولدى، قولىدىكى يەڭلىكنى كېلىنگە ئۇزاتتى. كېلىن يەڭلىكنى ئىلىپ ئانا سۇۋاپ بەرگەن ناننى يەڭلىككە قۇيۇپ تۇنۇرغا ئېڭشتى، قىززىق تۇنۇر ئىچى كېلىنگە دوزاخنى ئەسلەتتى بولغاي ئېڭشتىيۇ كەينىگە داجىپ كەتتى. 99 :`58G  
-نىمانچە ئىسسق بۇنىڭ ئىچى. ;S,g&%N  
كېلىن غۇدىراپ قۇيۇپ، ئىككىنچى قىتىم تۇنۇرغا ئېڭشتى. "ۋايجان" كېلىن قولىدىكى ناننى تۇنۇر ئىچىگە تاشلىۋەتتى. قولى بىلەن پىشانىسىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى. ئانا نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي كېلىنىنىڭ يېنىغا يۇگۇرۇپ كەلدى. 3w!oJB  
-نىمە بولدى قىزىم؟ r-4I{GPb  
-پىشانەمنى كۆيدۇرۋالدىم-قاراڭ! (Clf]\_II  
كېلىن پىشانىسىنى ئانىغا كۆرسەتتى. ئانا ئازىراق يېرى چاۋۇراپ قالغان پىشانە تېرىسىگە قاراپ خېجىل بولدى. سۇپا ئالدىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرغان ئەخمەت يۇگۇرۇپ ئايالىنىڭ يىنىغا كەلدى. ax>en]rNP  
-نىمە بولدى جىنىم؟ ,_\h)R_  
-پىشانەمنى كۆيدۇرۋالدىم. 4zJ9bF4  
-قانداق قىلىپ؟ ^h^j:!76j  
-نان ياقىمەن دەپچۇ. z_A%>E4  
ئەخمەت ئورۇلۇپ ئانىسىغا قارىدى، ئانا خېجىل بولغان ھالدا تۇنۇر بېشىدا تۇراتتى. m='+->O*'l  
-ئانا، كېلىنىڭنى ئارلاشتۇرۋالغۇچە، بۇ نانلارنى ئۆزەڭ ياقساڭ بولمامدۇ؟ Z#7HuAF{]  
ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزگە ئانا ھەيران قالدى. لېكىن ھېچنىمە دىمىدى. )TRDM[u  
ئەر-خۇتۇن بىر-بىرنى قولتۇقلىشىپ ھۆجىرىغا كىرىپ كېتىشتى. ھاۋا تېنجىشقا باشلىدى.ئانىنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىشقا باشلىدى. يۇز-كۆزلېرىدىن تەر تۇكۇلۇپ تۇراتتى. مىسكىن ئانا قالغان نانلارنى يېقىۋىتىش ئۈچۈن تـۇنۇر ئىچىگە ئېڭشتى.
 
Z Uf<s?  
                                                                     2011-يىلى 16-مارت ئۆز خانەمدە يېزىلدى. +/x|P-  
    تورداشلارنىڭ بۇ يازمامغا قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. IQ2<Pinv  
    

marxal2011-03-16 22:09
ياخشى ئەسەركەن    

polat892011-03-16 22:57
تۇغرا ياخشكەن لكن ئېچنشلقكەن  ھەي جاپاكەش ئانا  بو ئاننڭ بشې ياستۇققايەتكەندە نمە كونلەنې كورە

allayar2011-03-16 23:45
ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىنكاس يوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلساق بۇرادەرلەر! 9LCV"xgX  
o*r\&!NIw  
قانداق دىدىم گىپىم توغرىدۇ؟

sansiz09032011-03-17 13:39
ھېكايىدىكى يۇغان يامداق دىگەن سۆزنى چۈشۈنەلمىدىم   G}f.fR Y  
f4X?\eGT  
ئىست سىنىڭ ئوغۇل بولۇپ قالغىنىڭغا... مۇشۇنداق ئۆزىنى ئەركەك سانايدىغانلاردىن يەنە قانچىلىك كىشى باردۇ؟

allayar2011-03-17 14:14
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم سەنسىز0903رەھمەت سىزگە، "يۇغان يامداق" ئادەتتە بىز تەرەپتە چوڭ سۇپۇرگىنى مۇشۇنداق ئاتايمىز. "يامداق" دەپمۇ ئىلىندۇ. بۇ يەردە شۇنچە چوڭ سۇپۇرگە دىمەكچى . بۇمۇ بەلكىم يەرلىك شىۋە بۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇيەردە مۇشۇ يەرلىك شىۋىنى ئشىلەتتىم.

gulxanim2011-03-17 15:38
ئىسىت ئەتىۋارلىق ئوغۇل،ئىسىت جاپاكەش ئانا.شۇ يالغۇز ئوغۇلنىڭ ئۆمرىنى تىلەپ،ئىساۋېنى تىلىمىگەن بولغۇيمىدى؟اللاھ پەرزەنتلەرنىڭ ئىساۋېنى بەرگەي.

nurdana2011-03-17 20:28
جەننەت ئانىلارنڭ تاپىنى ئاسـتىدا دىگەننى چۇشەنگەن بولسا ئد c%i/ '<Afr  
ى ...........

yawax2011-03-18 14:42
سىز بۇ ئەسەر نى ياخشى يوللاپ سىز !                                                          بەزىلەر ئەسىرىڭىز نى ئوقۇپ ئانىلار نى ھورمەتلەشنى .ئۇگۇنۋالسۇن.  تىخىمۇ تىرىشىڭ .  ياخشى ئەسەر لەر نى كۆپرەك يوللىشىڭىز نى ئۇمۇد قىلىمەن .

anaturuk2011-03-18 19:53
تىما ئېگىسگە رەھمەت !ياخشى تىما يوللاپسىز .ئەمما لىكىنزە،    ئىككى رەكئەت نامىزىنى ئۆتەپ دىگىنىڭىز بولماپتۇ   بامدات دىگەن تۆت رەكئەت تۇرسا...........   بۇ تىمىڭىزنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيىتى بەك زور تىما بوپتۇ.

خۇشخۇي2011-03-18 23:20
شۇنداق ئوغۇللارنىڭ ھالىغا ۋاي،،،ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن...     

allayar2011-03-19 11:04
توغرا مۇشۇ يەرگە دېققەت قىلماپتىمەن كەچۇرۇڭلار! ئەسلى توت راكئەت دەپ يېزىلسا توغرا بۇلاتتى. ?]$.3azO  
ئانا تۇپراق رەھمەت سىزگە خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە. ^B]M- XG  
مەن ئەسلىدە ۋاپاسىز ئوغۇل بىلەن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەركە كېلىنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلەنگەن ئاساسىدا بۇ ھېكايىنى روياپقا چىقارغان ئىدىم. ھەقىقەتەن ھازىر شەھەرلەرنى دېمەيلا قۇياي سەھرالېرىمىزدىمۇ نان ياققالمايدىغان كېلىنلەر كۆپلەپ كېتىۋاتىدۇ ھېكايەمدىكى يەنە بىر ئارقا كۆرۈنۇش مۇشۇنى تۇتقا قىلىنغان. % J+'7'g  
تۇرداشلارنىڭ ياخشى پىكىرلەرنى بەرگىنىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

anaturuk2011-03-19 13:34
ئىسمىىم ئانا تۇپراق ئەمەس ،ئانا تۈرۈك       بالاڭزا  چەيدووو      ھى ھى ھى  ھى  ھىى....................       

tozan2011-03-19 16:36
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز،دىمىسىمۇ ھازىر كۆپ كىشىلەر نان يىقىپ يىيىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇۋالدى.پەقەت ئاز ساندىكى ئانىلارلا نان ياقىدۇ.ئۆز ئۆيىدە،ئۆز قولىدا يىقىپ يىگەن نان نىمە دىگەن مەززىلىك-ھە! ]+fL6"OD/2  
نان ياققاچ ئولتۇرۇپ،تونۇر بىشىدا قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىش،بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ناننى سۇنۇش ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى،بىراق ھازىر بۇنداق مەنزىرىلەر ئازلاپ قالدى.مەنمۇ رەھمەتلىك ئانام بىلەن بىرگە نان يىقىپ يىگەن ئەشۇ كۈنلەرنى دائىم ئەسلەيمەن،شۇڭا ئۆيگە تونۇر سالدىم.دۇنيادا ئادەم قىلالمايدىغان ئىش يوق.پەقەت جاپاغا چىدىسىلا ئۈگەنگىلى بولىدىكەن.ئۆزۈم ياققان ناننى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە يىيەلەيدىغان،قىزىمغا ئانام ماڭا بەرگەن مېھىرنى بىرەلەيدىغان بولدۇم.

allayar2011-03-19 17:46
ئاپلا يەنە بىر قىتىم بىخەستلىك قىلىپتىمەن ئەمەسمۇ ماۋۇ ئىشنى كۆرۇڭ. $Fr$9 jq&  
مىنى كەچۈرۈڭ ئانا تۈرۈك خانىم...

narmi2011-03-21 00:10
           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! qRB&R$  
OG}0{?  
    تونۇر بېشىدا ھەقىقەتەن چىداملىق،ئىشقا پىشقان،چىۋەر ئانىلاردىن پىششىق تەلىم ئالالىغان vW YN?"d  
    قەيسەر،ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان خانىم-قىزلارنى ئۇچۇرتالىشىڭىز مۇمكىن...... "64pVaT4  
    ئەمما مۇنداق خانىم-قىزلار دەل ھىكايىدە قەيىت قىلىنغىنىدەك ئازلاپ كەتتى. 3}Uae#oy  
    سەۋەبى ھازىرقى يىگىتلىرىمىز خانىملىرىنىڭ نان يېقىپ جاپا تارتىشىنى ھىكايىدىكىئ E~{-RZNK  
   ئە خمىتتەك خالىمايدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

baborhan2011-03-21 08:09
  

anaturuk2011-03-22 23:03
ھىچقىسى يوق، Fda<cS]  
بۇندا ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ.

bugdakizi2011-03-23 16:06
    

bugdakizi2011-03-23 16:09
    

walhamdulilla2011-03-29 09:56
مۇشۇنداق نامەرت ئوغۇللاردىن نەچچىلىك باردۇر.ئانا ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئانىلارنى قەدىرلەيلى!........

narmi2011-03-29 11:06
     "B)DX*-\?  
              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ^JY R^X>_  
bFJmXx&  
      ھېكايىڭىزنىڭ ئالقىشلانغىنى،نادىرلانغىنى ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمەن!!! ?;uzx7@F  
    مۇنبەر يۈزىدە تېخىمۇ تەسىرلىك ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ،بۇ سەپتە مۇنەۋۋەر %;^6W7  
    ئەدىپ بولۇپ باھالىنىشىڭىز ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشىڭىزنى <J`_Qc8C  
    ئۈمۇد قىلىمەن.قەلەم قۇۋۋۇتىڭىزگە ئاپىرىن!!

allayar2011-03-29 14:44
رەھمەت بورادەرلەر...

zilala5452011-03-29 15:12
دىمىسىمۇ ھازىر بۇ جەمىيەتتە ئايالىنى ئانىسىدىن ئۈستۈن كۈرىدىغان ئۆزىنى ئەر چاغلاپ يۈرىدىغانلار بەك كۆپ.تېمىڭىز بەك ياخشىكەن رەخمەت.

ruhsar2011-03-29 16:03
  مەنمۇ ئانا تۈرۈكنىڭ دىگىنىنى دىمەكچى ئىدىم.بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق يەرلەرگە دىققەت قىلىڭ،بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە. Gg,,qJO  
  

allayar2011-03-30 15:09
    روخسار بۇلىدۇ شۇنداق يەرلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن قاتتىق دېققەت قىلاي. aY3kww`  
رەھمەت...

جۇنۇن2011-04-01 00:49
ھازىر كۆپىنچە قىزلىرىمىز شۇنچىكى كىچىك بىر ئىشنى قىلىشتىن ئېرىنىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغان بولۇپ كەتتى ...مېنىڭ يوقۇرقىدەك كىلىن ئوغۇللارغا شۇنداق دىگۈم كىلىۋاتىدۇ:<ئەي كىلىن بولغۇچى، ئەقىل ئىگىسى  ئازراق جاپا تارتىپ ئاتا-ئاناڭنى خۇش قىلىپ قويساڭ بولماسمۇ ؟ئاتا-ئانىنىڭ باغرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ ئاتا -ئانىنى قەدىرلەشنى بىلمىسەڭ سەن زادى قانداق ئىنسان؟  

babasaynasi2011-04-01 09:44
ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن. ئانىمىزنىڭ قەدرىنى قىلايلى. خوتۇن تېپىلىدۇ، ئانا بىر كەتسە تېپىلمايدۇ.

sadakat2011-04-02 00:03
     C:\Documents and Settings\Administrator\Local Settings\Temporary Internet Files\Content.IE5\S12R0DMV\62[1].gif

karikaxogli2011-04-04 08:00
      

boss2011-04-15 22:51
مۇشۇنداق  بىر ياخشى ئەسەرنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم.سىز  بىز مۇنبەردىكىلەرنىڭ  ئۈلگىسى.بۇندىن  كېيىن مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللىشىڭىزنى  ئۈمىد  قىلىمىز.  تېخمۇ  تىرىشىڭ.         

sadakat2011-04-29 00:08
ناھايىتى ياخشىكەن>»

allayar2011-04-29 09:46

ماياك2011-06-14 16:09
ئانا رازى خۇدا رازى دەپتىكەن كونىلار، .Hgiru&  
دوزاققا لايىق ئاداشكەن ئەخمەت دىگەن

arzu7102011-07-12 13:05
كىلىنىمۇ ھامان ئانا بۇلىدۇ!!! ئەنە شۇ چاغىدا ھەمىمىنى چۇشىنىدۇ!! ئەگەر ئاشۇ جاپاكەش ئانا بۇلمىسا، بۇ ئوغۇل بۇ دۇنياغا كۆز ئاچارمىدى!!! جەمىيىتىمىزدىكى شۇنداق ئوغۇللارغا لەنەت!!!!!   رەخمەت سىزگە بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يىزىپىسز!!!!قەلەم تۇلپارڭىز ھىرىپ قالىمىسىۇن!!!     


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تۇنۇر بېشىدا "ھېكايە" --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.025773 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us