رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- دادا-ئاپا؟ مەن توي قىلمايمەن (سەنسىز0903) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر -> دادا-ئاپا؟ مەن توي قىلمايمەن (سەنسىز0903) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

sansiz09032011-03-01 17:21
دادا-ئاپا؟ مەن توي قىلمايمەن!
(سەنسىز0903)
ئىشىكتىن كىرىپ دادام-ئاپامغا سالام قىلغاندىن كېيىن، قولۇمدىكى بانان-ئاپلىسىن، ئالما دىگەندەك  مىۋىلەرنى ئۈستەلگە قويدۇم. دادام-ئاپاملارنىڭ ئىشىكتىن كىرگەندىن ھازىرغىچە باش ئايىغىمغىچە تەپسىلى قاراشلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۈگۈن ماڭا دەيدىغان مۇھىم بىر ئىشى بارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.  كاستىيۇمۇمنى ئىلغۇچقا ئىلىپ قويغاندىن كىيىن قولۇمنى يۇيۇپ كىرىپ تاماق قاچىسىدىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تاماقنى يىيىشكە تەرەددۇت قىلدىم. ئۆي ئىچى تىپتىنچ، ئۇكام بۈگۈن بۇرۇنلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئادەتتە ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ ئولتۇرىدىغان دادام-ئاپاملارنىڭ، بۈگۈن بېشىغا قۇش قونىۋالغاندەك جىملا تۇرىشىدىن، ئۆيدە بىر خىل سۈرلۈك تۇيغۇ ھۆكۈم سۈرەتتى.  كۆڭلۈمدە، دادام-ئاپاملارنىڭ بۈگۈن ماڭا دەيدىغان قانداق مۇھىم سۆزى باردۇ؟ دىگەن خىيال بىر ئېلىپ تاماقنى شۇنچىلىك تەستە يەۋاتاتتىم. Zb:Z,O(vn  
/Zxq-9  
تاماقنىمۇ يەپ بولدۇم. ھۇجرامغا مېڭىشقا تەمشەلگىنىمدە، دادامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى... d)d0,fi?-  
dk0} q6~  
-بالام،  ياقتا ئولتۇرە.. سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار. s&XL{FE  
o4agaA3k  
ئاستا كىلىپ دادام كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇردۇم. نەچچە سىكۇنت جىمجىتلىقتىن كېيىن دادام ئېغىز ئاچتى. &q#. >  
m^w{:\p  
بالام، ئاپاڭ ئىككىمىز مەسلەھەتلىشىپ تويۇڭنى قىلايلىمىكىن دەۋاتىمىز. يېشىڭمۇ تويلايدىغان يەرگە يەتتى. ھەدەڭ، ئاكاڭلار توي قىلىپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپاڭ ئاغرىقچان، يەڭگەڭ ئېغىر قات، ھەممە ئىشلارغا يىتىشىپ بولالمايدۇ. بىزمۇ سىنى بالدۇرراق ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ زىلمىمىزدىكى قەرىزنى ئادا قىلماقچى..... )4> 7X)j>  
#5iy^?N"w  
دادام-ئاپاملارنىڭ  دىننى، ئائىلىنى، جەمئىيەتنى مىسال قىلىپ سۆزلەشلىرىنى ئاڭلاپ، بېشىمنى پەس قىلىپ جىممىدە ئولتۇردۇم. شۇ تاپتا يۈزۈم قىزىرىپ، بېشىمغا ھازىرلا ئوت كېتىدىغاندەك تۇيىلىۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن تەستە ئېغىز ئاچتىم. %AmyT  
!'B='].  
-دادا، بۇ گەپ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدىمۇ نىمە؟ يېشىڭمۇ تويلايدىغان يەرگە يەتتى دەيسىز. مەن ئەمدىلا 20 ياشقا قەدەم ئالغان بالا تۇرسام.... | /n  
uQ7lC~  
سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا دادام سۆزۈمنى بۆلىۋەتتى. 6h0}ZM  
5Vai0Qfcu:  
- 20 ياشقا كىرگەن تۇرۇپمۇ تويلايدىغان يەرگە يەتمىدى دەيسەنغۇ؟ بوۋاڭ13 يېشىدا توي قىلغانىكەن. مەن ئاپاڭ بىلەن 16 ياشتا توي قىلغان. vin3i&k  
e0j4t-lL  
-ئۇ دىگەن بۇرۇنقى زامان ھازىر.... ^]Z@H/]H  
'8(UiB5d  
-بولدى  بولدى...بۇرۇن-ھازىر دەپ سېلىشتۇرۇپ يۈرمە.  شەرىئەتتە ئوغۇل بالا بالاغەتكە يىتىشى بىلەن تويىنى قىلىش دەپ بار. شەرىئەتنىڭ يولى بويىچە ماڭمىساق بولمايدۇ. مەسچىتلەردىمۇ  مۇشۇ ھەقتە كۆپ ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بۇرۇنراق توي قىلساڭ، ساڭىمۇ، بىزگىمۇ ياخشى... بىزمۇ قېرىپ ماغدۇرىمىزدىن كەتكۈچە ئۇكاڭ ئىككىڭلارنىڭ تويىنى بۇرۇنراق قىلىپ ئارامخۇدا پۇتىمىزنى سونۇپ ئولتۇرايلى دەيمىز.  ئۆزۈڭ پۈتۈشكەن قىز بولسا دىگىن، ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۈپ چىرايلىقچە تويۇڭلارنى قىلىپ قويايلى... ئەسلى بۇلتۇرلا تويۇڭنى قىلماقچى ئىدۇق. ھېلىمۇ بىر يىل ساقلىدۇق. ئەمدى بۇ يىل بولسىمۇ تويۇڭنى قىلىپ ئاتا-ئانىلىق قەرزىمىزنى ئادا قىلايلى.... S)/548=`  
vKfjP_0$  
دادام-ئاپاملارنىڭ سۆزلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئەمدىلا  20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر يىگىت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تۇرمۇشا ھاياتىنىڭ ئەڭ چوڭ قەدىمى بولغان توي ھەقىقەتەن  بالدۇرلۇق قىلاتتى. ئۇلارغا  نەچچە كۈن ئويلىشىپ بېقىشنى باھانە قىلىپ ھۇجرامغا كىرىپ بىرەر سائەت خىيالغا چۆككەندىن كېيىن ئۇخلاپ قاپتىمەن. JoZS p"R  
_ {6l}  
دۇكانغا كىرىپ، ئۆيگە قايتىپ دىگەندەك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كۈنلەرنىڭ شۇنچە تېز ئۆتىۋاتقانلىقىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. دادام-ئاپاملار مىنى بۇ ئىشتا ياخشىراق ئويلىشىۋالسۇن دىدىمۇ، ئەيتاۋۇر بۇ ھەقتە نەچچە ھەپتە ئېغىز ئاچمىدى. بۈگۈن ئۆيگە كىيىنرەك قايتتىم.  دادام بۈگۈن ئىدارىدە دىجۈرنى  بولغاچقا ئۆيدە يوق ئىدى. تاماق يەۋاتقىنىمدا ئاپام يەنە توي ئىشى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتى. mI]gDL1  
{R_ <m$  
-بالام؟ ئۆتكەندە داداڭ  ئىككىمىز دىيىشكەن ئىشنى ئويلاشتىڭمۇ؟ پۈتۈشكىنىڭدىن بىرەرسى بارمۇ يا؟ .Lu3LVS  
\A)Pcc}7  
- ئۇ ئىشلارنى ئويلاشمىدىم، ھەم ئويلاشقۇدەك ۋاقتىم يوق. پۈتۈشكەن بىرەر قىزمۇ يوق؟ مەن تېخى كىچىك توي قىلمايمەن. تاماق يەۋاتقاچ شۇ سۆزلەرنى ئارانلا دىدىم. K}2G4*8S_G  
`r-3"or/$  
-داداڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق. ساڭا تاغاڭنىڭ قىزى ئايشەمنى ئېلىپ بىرىدىغان بولدۇق. ئۆزى ئەقىللىق، چېچەن قىز... كىچىكىڭدىن سەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. شۇنداق چىرايلىق، پاكىزە چوڭ بولدى شۇڭا... GLX{EG9Z  
E0yx@Vx  
ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا كەتتىم. ئاپامنىڭ ئايشەم دىگىنى كىچىك تاغامنىڭ قىزى ئىدى. ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى يېقىن بولغاچقا كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ، مەكتەپكىمۇ بىللە بېرىپ كىلەتتۇق. مەن ئۇنىڭدىن ئىككى ياش چوڭ بولغاچقا ئۇنى ھىمايە قىلاتتىم. ئاكىلىق ھېسياتىم بىلەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلەتتىم. ئۇمۇ مىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتى. ھەر قانداق ئىشى بولسا ماڭا مەسلەھەت سالاتتى. ئەمدىلىكتە ئاپامنىڭ بۇ گىپىدىن بېشىم تولىمۇ قاتتى. ئۇنى دىسەم بۇنى دەيتتى. ئۇنى دىسەم ئۇنى دەيتتى. ئاپامنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يىتىپ ئاستا كىرىپ ئۇخلاپ قالدىم. H6Bw3I[  
d={o|Mf  
ئالدىراشچىلىقتا يەنە نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى كەچ دۇكاندىن قايتىپ چىقىۋاتقىنىمدا ئاپامغا ئايشەم توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتىم. Ob}XeN(L3  
L ./c#b!{  
-ئاپا؟ ئايشەم مىنىڭ ئۆز سىڭلىمغا ئوخشاش... مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىم-پەندىمۇ يېقىن-تۇققانلارنىڭ توي قىلىشى ياخشى ئەمەس.... گىپىم تۈگىمەيلا ئاپام ئېغىز ئاچتى. @|bJMi  
'@Yp@_  
-ۋاي-ۋاي بولدى. ئايشەمنى ساڭا ئېلىپ بەرمەيدىغان بولدۇق. باشقا يەردىن ساڭا ماس كىلىدىغىنىنى كۆرىۋاتىمىز... WtaOf_  
f=u +G  
ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھەيران قالدىم. قارارىدىن نىمانچە تىز يېنىۋالغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ سورۇدۇم. ;NrPMz  
=LKM)d=1  
-نىمىشقا شۇنچە تېز قارارىڭلاردىن ياندىڭلارما؟> r-*6#"  
wG9aX*(n  
-ئايشەم بىلەن ئىككىڭلار ئىمىلداش ئىكەنسىلەر؟  بۇنداق بولسا نىكاھ چۈشمەيدۇ..شۇڭا باشقا يەردىن كۆرىۋاتىمىز. MLg{Y?@  
x<' $  
خۇشلۇقۇم ئىچىمگە پاتمايلا قالدى. ھۇجرامغا كىرىپ يەردىن توپا چىقىپ كەتكۈچە سەكرەپتىمەن. >tx[UF@P@  
A*A/30o|R  
  3bR%#G%  
ICr.Gwe3_  
بۈگۈن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قانچە ساۋاقداشلار يىغىلىپ، بىللە تاماق يىگەچ ئويۇن ئويناپ كەلدۇق. يولدا كىتىۋېتىپ ئارىمىزدىكى قىززىقچى، يۇمۇرچى ساۋاقدىشىمىزدىن بىرى يۇمۇرلۇق تېپىشماقتىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. W&&|T;P<J  
s{8=Q0^  
-ئىككى نورمال ئادەم ساراڭ دىگەن گۇمان بىلەن نېرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قاپتۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بىرى 6 ئايدا، بىرى 15 كۈندىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپتۇ. نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ. بەس-بەستە جاۋاپ بەردۇق. c:&8B/  
}.Z `   
-بەلكىم ئۇ ھەقىقەتەن ساراڭ ئوخشايدۇ. DV[FZ  
:#35mBe}k  
- بەلكىم دوختۇرخانا خادىملىرىغا خاتالىشىپ قويغان ئوخشايدۇ... i/H;4#Bz  
-aS@y.z  
- .............. u' Q82l&Y  
<\O8D0.d  
ھېچقايسىمىز توغرا جاۋاپ بىرەلمىگەندىن كېيىن ھېلىقى دوستىمىز ئېغىز ئاچتى. eEP{?F^I[  
}+G5i_a  
-ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ بىرى دوختۇرلار نىمە دىسە شۇنى قىلىپ، ۋاقتىدا مەشىق قىلىپ، ۋاقتىدا تاماق يەپ، ۋاقتىدا ئۇخلاپ تېزلا دوختۇرخانىدىن چىققان. يەنە بىرى مەن ساراڭ ئەمەس، مەن ساق دەپ كۈندە ۋارقىراپ-جارقىراپ دوختۇرلار بىلەن تاكاللاشقان. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ئۇنى ساراڭ قاتارىغا چىقىرىپ 6 ئايدا دوختۇرخانىدىن چىققان. x<Gjr}  
HKI\i)c  
كاللام ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى. توغرا شۇنداق قىلىش كېرەك. L8!yP.3   
T *PEUq  
ئەمدى كۈندە ئۇ ئىشلارن ئويلىمايدىغان بولدۇم. كۈندە ئۆز ئىشىمنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ، شوخ، سەبى بالىلاردەك خۇشال-خورام ئويناپ، دادام-ئاپاملارغا يۇمۇر سۆزلەپ بىرىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان بولدۇم. بالىلارچە قېلىقلارنى قىلىپ، دادام-ئاپامغا ئانچە-مۇنچە ئەركىلەپمۇ قويدۇم. يول ماڭساممۇ شوخلۇق قىلىپ 13 ياشلىق بالىلاردەك ماڭدىم. دادام ئاپاملار پالانىنىڭ قىزى ئەقىللىق، چىرايلىق قىز بوپتۇ. شۇ بولامدىكىن، پالانىنىڭ قىزىمۇ ئەقىللىق، پاكىزە ئىكەن شۇ بولامدىكىن يا؟  دىسە، ئۆزۈڭلار بىلىپ بىر ئىش قىلىڭلار دەپلا قويۇپ بۇ ئىشلار بىلەن قەتئى چاتىقىم بولمىدى. دادام-ئاپاملار توي توغرىلىق ئېغىز ئاچسا، سىلەر نىمە دىسەڭلار شۇ... توي قىلىدىغان قىزنى پۈتۈشۈپ، ئەلچى كىرگۈزۈپ توينى بىكىتىپ توي كۈنى ماڭا تېلفۇن قىلىڭلار... ۋاقتىم يەتسە شاققىدە بېرىپ كىلەرمەن دەپ كۈلۈپ قويدۇم. بۇ بالىلارچە قىلغان چاقچىقىمغا ئۆيدىكى ھەممەيلەن قورساقلىرىنى تۇتۇپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ]+3M\ ib  
دەرۋەقە بۇ (ھۈنىرىم) نىڭ ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى بولغانىدى. كۈندە بېشىمنى ئاغرىتىدىغان توي توغرۇلۇق بولىدىغان پاراڭلارمۇ بارا-بارا يوقاشقا باشلىدى.  بىر كۈنى ھۇجرامغا ماڭغاندا ئاپامنىڭ دادامغا دىگەن سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
[fV"tf;  
kp*!  
-دادىسى؟ بۇ بالا تېخى كىچىك ئىكەن. قاراڭلار بالىلارچە قېلىقلىرىغا، كىچىك تۇرۇپ تويىنى قىلىپ قويساق كىيىن پۇشايماندا قالىدىغان ئىشلار بولمىسۇن. تويىنى قىلىپ قويغان تەقدىردىمۇ، قېينانىسىغا، قېيناتىسىغا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ تۈزۈك بىلمەمدىكىن دەيمەن. يەنە بىرەر يىل ساقلاپ باقساق بولغۇدەك... #asi%&3pP  
fCF.P"{W"  
- بولىدۇ. مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ بولسۇن. f!R7v|j P  
oy5K*}  
  [+pa,^  
* jWh4F,  
ئېغىزىم قۇلۇقۇمغا يىتەيلا دىدى. خۇشلۇقۇمدا ھۇجرامدىن يەنە بىر قېتىم توپا چىققۇدەك سەكرىۋەتكەنىدىم. دىمەك مەن غەلبە قىلدىم!!! UH}lKc=t  
3*2~#dh=  
ياشا بويتاقلىق !!

sansiz09032011-03-01 17:30
بىر ئولتۇرۇشقا بىر تاققا-تۇققا ئەسەر بولسىمۇ يېزىپ قويۇپتىمەن.    ئەسەر بىلەن مىنى باغلىۋالماي. مۇشۇ ھەقتە قۇلاققا خۇش ياققۇدەك مۇنازىرە بولسا قىلىشساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن

naprat8882011-03-01 18:00
خا خا خا~ ئەينى چاقىتتا سىز دەك ئويلاپ   مانا ئەمدى بويتاخلىققا  تويدۇم  توي قىلاي  دىسەم يېشىم 30غا بېرىپ قالدى پاك قىزلا تۇگەپ  چوكان خۇتۇنلا قاپتۇ ئۇزۇمدىن 10 ياش كىچىك قىزلانى ئالاي  دىسەم تېخى!~ 2p\xgAW?  
ۋاي دەدىم  مۇشۇنداخلا ئۇتۇپ  كىتەرمەنمۇ

kurax__09972011-03-01 18:18
سەنسىزجاننىڭ بۇ ئامالى بۇلامدۇ نىمە !!!كاللىڭىز دىگەن دەششەت ئىشلەپ قۇيىدىكەن جۇمۇ!!!

ziyaratqi2011-03-01 19:28
سەنسىزجان !!!!!!!!!!!!! چوڭ بولغان ئوخشىمامسىز ؟ ئاتا - ئانىدىن باشقىسى سىزگە خوتۇن ئېلىپ بىرەي دىمەيدۇ جۇما  !!!     پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ .  

sansiz09032011-03-01 19:38
 
نەقىل
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ziyaratqiدە2011-03-01 19:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : In?+  
سەنسىزجان !!!!!!!!!!!!! چوڭ بولغان ئوخشىمامسىز ؟ ئاتا - ئانىدىن باشقىسى سىزگە خوتۇن ئېلىپ بىرەي دىمەيدۇ جۇما  !!!     پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ .   LqD7SJ}/f  
Conik`  
ما قىززىقچىلىقنى كۆرۈڭ...

narmi2011-03-01 20:02
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  سەنسىزجان ئۇكام ياخشىمۇ سىز؟ ئاتا-ئانىنىڭ بارلىقى،اللاھنىڭ سىزگە Mn&_R{{=  
ئاتا قىلغان بايلىقى.ئۇلار سىزدەك ئەقىللىق پەرزەنتىدىن سۆيۈنۈپ تېخىمۇ خۇشاللىققا ئىنتىلگەنلىكىنى l:@=9Fp>  
مەنمۇ بىر ئانا بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن تولۇق چۈشەندىم.سىز ئۇلارنى ئەقىل-پاراسىتىڭىزنى ئىشقا ef7 U7   
سېلىپ ياخشى ئامال بىلەن توي ئىششىڭىزنى كېچىكتۈرۈپسىز. ئىشىنىمەنكى،ئاتا-ئانىڭىز ھامان EMe1!)  
سىزنى چۈشۈنىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئەجرىگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىمىز DRRQ] eK0  
كامىل! سىزدەك ئەقىللىق[كىچىك زېرەك]  تىن سۆيۈنىۋاتقان ئاتا-ئانىڭىزغا سەمىمى سالام!! H0OO +MCe  
ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

sayfulla2011-03-01 20:51
بۇ تىمىڭىز يۇمۇرمىكىن دىسە بىر پۇتۇن ئەسەردەك....ئەسەرمىكىن دىسە قىززىق بىر يۇمۇردەك ..... چىقىپتۇ....   2>X yrG  
ئاۋۇ <زىيارەتچى>نىڭ گىپىمۇ خىلى ئۇرۇنلۇق جۇما سەنسىزجان... !!!!تۈمۈرنى قىزىقىدا سۇققان ياخشى،، T&/ n.-@nk  
مەنمۇ بىرىنجى قېتىم مۇشۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنىمدا خىجىل بولغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك ... بۇلغانىدىم.... كىيىن بۇ گەپلەر بېسىقىپ خىلى بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۈزۈممۇ مۇشۇ خىيالغا كىلىپ بۇلغاندا، يېقىن تۇغقانلاردىن بىرى، يەنە مۇشۇ ئىش توغرىلىق گەپ ئاچتى، قاتتىق خىجىل بولدۇم،ئەسلى مىنىڭمۇ بۇ ئىشقا ،ماقۇل، دىگۇم بار ئىدى يۇ....لىكىن. خىجىل بۇلغىنىمدىن ،ماقۇل، دىگەن گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم....ھازىرمۇ يەنە بۇ باش قېتىمچىلىقىمنىڭ تۈگىگىنى يوق،،

yawuzbag2011-03-01 21:02
سەنسىز ئىنىم،ھىكايىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئىنكاستا ئەسەر بىلەن مېنى باغلىۋالماڭلار دەپسىز،ئەمما ھىكايە ۋەقەلىكى شۇنچە راۋان بوپتۇكى بۇ ئەينەن ئۈزىڭىزنىڭ تۇرمۇشى ئىكەن.شۇڭا ھىكايە ۋەقەلىكىگە ئاساسەن سىزگە ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كەلدى :توي قىلىش  ياخشى ئىش،20ياشقا كىرگەن بولسىڭىز توي قىلىش يېشىغا ئەلۋەتتە يىتىپسىز،توي قىلىپ ئاتا-ئانىڭىزنى خاتىرجەم قىلىڭ،بىلىڭكى نىكاھ بىلەن ئىمان پۈتۈنلىنىدۇ.روھىڭىز تېخىمۇ پاكلىنىدۇ.

bayawan2011-03-01 21:43
مېنىڭچە سەنسىز ئىنىمىز بۇ ئەسەرنى شۇنداق راۋان ، يارقىن يېزىپ پۈتتۈرۈپتۇ . ئارتۇقچە بايان ۋە پىكىرلەردىن خالىي ، ئوقۇغانسېرى ئادەم ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىدىغان ... v9@_ DlV\  
ئىشقىلىپ 20-25 ياش ئارىلىقىدا توي قىلىپ تۇرمۇش يولىنى باشلاش لازىم . ئەسەردىكى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەخلاقلىق ، ئۆي ئىشىغا پىششىق ، يولدىشىغا سادىق بولغان قىز تىلەيمەن ~

sansiz09032011-03-02 10:41
توي قىلىپ قالسامغۇ (بەشتە ياخشى نەمۇنىلىك ئەر) بولۇشقا ئىشەنچىم كامىل   Sru0j/|H\  
خۇدايىم بۇيرىسا تويۇم بولغان ۋاقىتتا مۇنبەرگە تەكلىپنامە تارقىتىمەن...

yawuzbag2011-03-02 11:16
ئەسلى توي قىلغۇسى كىپ كىتىپ ھىكايە يازغان گەپ،توي قىلغۇم بار دىگىلى خىجىل بۇلۇپ مۇشۇ ھىكايە ئارقىلىق ئازۇسىنى ئىپادىلەپتۇ.سەنسىزنىڭ بۇنداق ئەقىللىقلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟

sansiz09032011-03-02 11:21
ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا   JY:Fu  
ياۋۇزكامنىڭ ئىنكاسى بىر-بىرىدىن قىزىقارلىق، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى، ھەر خىل تېمىلارغا ھەر خىل ئىنكاسلار ئارقىلىق تاقابىل تۇرىشىغا مەن قايىل  

siyit-qari2011-03-02 11:57
سەنسىزجان ئاتا-ئانىڭىز بىر بەلەن گەپ قىلىپتىغۇ  ماڭا قاچان مۇشۇنداق گەپ قىلاركىن دەپ كۆزۈم تۆت  

qimanzar2011-03-02 12:43
ھەي  سەنسىز   ئەپەندىم  ئەگەر  توي  قىلىپ  قالسىڭىز  گىپىڭىزدە  تۇرۇپ   B\=T_'E&  
بىزنىمۇ    چاقىرىڭ   مۇنبەردە  تۇيىڭىزنى  قىزىتىۋەتمەمدۇق  قانداق

jimgur2011-03-02 14:43
لىكىن قىزلار سىز قوللانغان ئۇسۇلنى قوللانسا تازا بولمامدۇ قانداق-ھە ؟ ?)Gb=   
ئۇنداق غېمىدە يوق ئويناپ كۈلۈپ يۈرسە بەك خوشال بوپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، تازا ئوبدان ئىش قىپتۇق دەپ .

sansiz09032011-03-02 16:01
نەقىل
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى jimgurدە2011-03-02 14:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : _39VL  
لىكىن قىزلار سىز قوللانغان ئۇسۇلنى قوللانسا تازا بولمامدۇ قانداق-ھە ؟ E%f!SD  
ئۇنداق غېمىدە يوق ئويناپ كۈلۈپ يۈرسە بەك خوشال بوپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، تازا ئوبدان ئىش قىپتۇق دەپ . S =sL:FC  
S->Sp  
ھا ھا ھا ھا ھا زادى بۇ ئۇسۇل قىزلارغا بولمىغۇدەك... دورۇپ سالماڭلار... نەچچە كۈنگىچە بىرەر قىز ياخشىراق ئامالدىن بىرنى تاپامدۇ تېخى قاراپ باقايلى

ruhsar2011-03-02 16:53
ھا ھا ھا ھا ...سەنسىزجان ئۇكام ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ،كىيىن پۇشايمانغا قالماڭ يەنە(چاخچاق) . $M4C4_oPy  
ھىكايىڭىز شۇنداق ئادەمنى جەلىپ قىلغۇدەك چىقىپتۇ

nigar2011-03-02 18:30
بەك ئەقىللىق ئىكەنسىزغۇ سىز ............ 'sjks sy.3  
بۇ ئامالىڭىز دەششەت ماس كەپتۇ .  مەنمۇ ئاكامغا ئۈگۈتۈپ "[ >ql1t{b  
قويسام بولغۇدەك .  

sansiz012011-03-02 22:32
قالتىس ياخشى ئامالكەن ماۋۇ .....ئەسقېتىپ قالامدۇ  نىمە؟؟؟؟؟

qialikuxi2011-03-03 00:38
     قىزلارغىمۇ ئەسقاتقىدەك يەنە بىر ئامال تېپىڭە.

fatima2011-03-03 00:41
ئەسرىڭىز شۇنداق يارقىن راۋان يۇمۇرلۇق يېزىلىپتۇ. توي كۈنى ماڭا تېلفۇن قىلىپ قويساڭلار شاققىدە بېرىپ قاتنىشىپ كىلەرمەن دېگەن يەرنى ئۇقۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كىتىپتىمەن. "Ze<dB#,Y  
!*B1Eo--cN  
ئەسلى ئاپىڭىز-دادىڭىز توي ئىشىدىن خوش بۇلۇپ ئەركىلەپ شوخلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا توغرا بۇلاتتى. ھەم بۇ ئامالىڭىزمۇ ئەسقاتمايىتتى.

sirlikbowak2011-03-03 02:52
( توي قىلمىساڭ تالادا قالدىڭ، توي قىلساڭ بالادا )  دىگەندەك توي قىلغاندىن كىيىنكى ئىغىرچىلىقتىن قورىققان ئوخشىمامسىز؟         چاخچاق ھە دوستۇم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. K(p6P3Z  
بولسا ئاتا ئانىڭىزنىڭ دىگىنىدەك توي قىلىۋىلىڭ،  يا باشقىلارمۇ تويۇڭنى قىلىپ بىرەي دىگەنمىتى  

salamet2011-03-03 21:04
  ئالى مەكتەپنى نورمال پۈتتۈرسەم 22 ياشقا كىردىم، خىزمەت تېپىش تەس دەپ ئاسپىرانتلىققا ئۆتسەم ئوقۇش پۈتتۈرگىچە 25 ياشتىن ئاشتىم، خىزمەت قىلىپ ئازراق پۇل توپلاي دېسەم 27 ياشقا كىردىم، كاللام سەگەك، يەنە بىر ئاز ئوقىۋالاي دېسەم 30 غا كىرىپ بوپتىمەن! #vvQ 1ub  
   ئەتراپىمغا قارىسام مەن بىلەن تەڭ ياشتا قىزلار قالماپتۇ~~~ SH M@H93  
   خەيىر،ئەمدى توي قىلاي دىسەم سەل كېيىن قالغاندەك ئوخشايمەن! ioS(;2F  
ئەگەر توي يېشىغا يەتكەن، قىز-يىگىتلەر بىر يەرگە كەلگەن بولسا ساقلاپ ئولتۇرغاننىڭ كېرىكى يوقكەن! 8Ir= @  
   ئاللا بارلىق قىز يىگىتلەرنىڭ بەختىنى بەرسۇن!

pigani2011-03-04 00:57
راس توي قىلغۇڭىز يوقما ؟ ئانداق ئەمەستۇ .

pigani2011-03-04 01:04
ئاللا سىزگە سالىھ ئىتائەتچان دىيانەتلىك ھالال جۇپ ئاتا قىلسۇن ..ئامىن..

9428302011-03-04 15:06
بۇ ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ

xahadat2011-03-04 16:52
يۇمۇردەك قىززىق ھىكايە ئىكەن !!!  تەبئى ۋە يۇمۇرىسىتىك !داۋاملىق تىرىشىڭ

binazar2011-03-05 12:16
ئىنىم   چۇڭلارنىڭ    دىگىنىمۇ    ئورۇنلۇق     مەنمۇ   ئۆز  ۋاختىدا   چوڭلارنىڭ   گىپىنى   ئاڭلىماي    مانا  ھازىر     چاچلىرىم   ئاقاردى     تېخىچە    بويتاق       بۇ   كۇنلەر    سىنىڭ   بېشىڭغا    كەلمىسۇن    ۋاقتىدا    ئويلىنىۋال

abdukader2011-03-05 23:44
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ

yultuz~2011-03-06 07:31
   ۋاي قۇۋ ئۇكام،تاپقان ئامالىدىن ئۆرگىلەي،ئەمما بۇ  تىمىنىنى دادىڭىز كۆرۈپ قالارمىكى....

alpida0012011-03-07 13:32
ھا ھا ھا نىمانداق قىزىقارلىق ، تويىڭىز بولغاندا بىزنىمۇ چاقىرىپ قۇيارسىز ھە ئىنىم

شاھ2011-03-09 22:53
ياخشى چىقۇپتۇ!! قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!@@

sumbul2011-03-10 18:39
ۋوي، مۇنبەردە سەنسىزجاننىڭ توي مەسلىھەت چىيى قىزىپ كىتىپتىغۇ ، ياخشى ، ياخشى تىزراق قىلىڭە بولسا، توي ئوينىغىمىز كىلىپ ئاران تۇرغاندا ، مۇنبەردىكىلەرنى بىر چاقىرىڭ، بىزمۇ باھانىڭىزدا  بىرەرسى بىلەن پۈتۈشۈپ قالامدۇق تىخى  

sansiz09032011-03-10 21:38
جىن دې مۇ دى تۇ زى شىياڭ  

babasaynasi2011-03-10 23:44
ئوكام سەنسىزجان ئاتا -ئانىنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشقا پۇرسەت بىرىڭ . ئۇلارمۇ خاتىرجەم بولسۇن . يازغان ئەسىرىڭىزگە بارىكاللا !!!!!!!!!!!!!!!ئاللا سىزگە ۋاپادار ، كۈيۈمچان مەھبۇبە ئاتا قىلغاي.

@aRzU@2011-03-11 17:15
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。

mastana2011-03-12 05:28
ھەي!كاللا دىگەن ئىشلەپ قويدىكەن جۇمۇ! mO2u9?N  
ئەگەر مەن ئاتا-ئانىڭىزنى تونىغان بولسام دەپ قوياركەنمەن!        سىزنىڭ راستىنلا توي قىلغىڭز يوقمۇ ياكى مۇشۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىڭزغا توي قىلىش ئويىڭىزنىڭ بارلىقنى ئۇقتۇرماقچىمۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا بىز سىزگە ياردەم قىلايلى!!!

datka1ni2011-03-12 06:19

datka1ni2011-03-12 06:20

幸福2011-03-13 20:47
سەنسز0903،شۇ نىڭ بىلەن سز تىخى تۇي قلىمىدىڭىزمۇ؟بۇ  بۇلماپىتۇ.....

gorki2011-03-16 01:03
ۋاھ  ئككمز  تەڭكەنمىزغو  ھەجە ياخشى ئۈگۈنۈۋالدىم  بۇ ئامالنى رەخمەت سىزگە.

taliba2011-03-16 16:15
سەنسىز 0903 ئاكا بۇ بولماپتۇ ، ناۋادا ئاتا -ئانىڭىز بىلىپ قالسا سىزدىن خاپا بۇلۇپ يۈرمىسۇن . >pp#>{}  
ياخشىسى دەرھال قىزدىن بىرنى تېپىىپ غاچچىدە توينى قىلۋەتمەمسىز يا بولمىسا مۇنبەردىن بىرەرەنى تېپىپ بىرەمدۇق   KciN"g|X  
!f]kTs]j~  
لايىق ئىزدەش ئېلانى چىقرامدۇق يا   چاق چاق

samroy2011-03-16 22:00
ھەي كالۋا خۇتۇن ئەببىرەي دىسىمۇ ئۇنىمىغان  

datka1ni2011-03-16 23:52

datka1ni2011-03-17 00:14

gulsiri2011-03-21 17:01
سەنسز پۇرسەت ئۇتۇپ كەتمسۇن      

anaturuk2011-03-21 18:49
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئەجەپ ئوقۇپ باقماپتىمىنا،  تىزراق توي قىلىڭە دىمىسمۇ  ناۋادا راستىنلا توي قىلىپ قالسىڭىز مىنىمۇ چاقىرشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە؟   خوتەننىڭ تۇيىنى بىر كۆرەپ باققۇم باتتى ،ئەمما دوستلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ توي قىلمىدى،2010-8-ئايدا ئوقۇش پۇتتەدۇق بولمىسا

wissal@1312011-03-23 15:02
ھە  ئۇنداقتا  ھەممىمىز بارىدىكەنمىزدە  تويغا   k14<E /  
راسلا تۈمۈرنى قىززىغىدا  سوققان ياخشى N {~P}Sw  
بولمىسا كىيىن.........

mgmgteley2011-03-25 10:50
      


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- دادا-ئاپا؟ مەن توي قىلمايمەن (سەنسىز0903) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.047762 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us