رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۈچىنچى كۆز -> ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

yawuzbag2011-02-18 17:52
                                         ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى    ;ndwVZ~,  
U!TSAg21P  
دۇنيادا ئەڭ تاتلىق بىر نەرسە بار. c}-WK*v  
ئۇ بولسىمۇ _ ئانام! Dt ~3Qd0  
(خاتىرەمدىن) m4m,-}KNi  
> &VY  
مۇنەۋۋەر ئانا دىگەن ئۇقۇمغا بىزنىڭ كۆپ سانلىق ئانىلىرىمىز توشمايدۇ. سەۋەپ ئۇلارنىڭ بالىلىرى چەتئەللەردە ئوقۇپ ئۇنۋانلار ئېلىپ شۆھرەت قازىنالمىغان.ياكى قاتىرىسىغا ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ نەمۇنىلىك كادىر بولالمىغان،ۋە ياكى تەشكىللىك ئىئانە پائالىيەتلىرى بىلەن جەمىيەتتە داغدۇغا قوزغىيالمىغان. ]lgI Q;r  
ئۇلار پەقەتلا بىزنى تۇغقان.كىيىملىرىمىزنى تىكىپ-ياماپ بەرگەن. ئاددى تاماقلىرى بىلەن قوسىقىمىزنى تويدۇرغان. ئېھتىمال بۇنداق ئاددى خىزمەتلەر بىلەن مۇنەۋۋەر ئانا بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ.پەقەت ئاز ساندىكى ئاياللارغىلا نېسىپ بولغان بۇ شۆھرەت باشقىلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدۇ....مەدھىيلەيدۇ.... 1y{@fg~..  
مىليونلىغان ئانىلارغا ئومولاشقان خىزمەتلەر نورمال سانىلىدۇ.ئۇلار نوپۇزلۇقلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالمايدۇ.ئۇلار شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك ئۈن-تىنسىز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ... tK0Ksnl^  
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ٪99 ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى مۇنەۋۋەر ئانا قاتارىغا كىرەلمەيدۇ. 6?(Z f  
ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىدەكلا نامرات كۆڭلىدە پەقەت ئۆيى بالىسىدىن باشقا ئۇلۇغۋار ئىستەك-خىزمەتلەر بولمىغاچقا بۇ شەرەپلىك نامغا ئېرىشەلمەيدۇ. U4.- {.  
ئۇلار ئىش-ئوقىتى ئىلگىرى كەلمەيۋاتقان ئەرلىرىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا ، بالىلىرىنىڭ دىتىغا ياقماي سىلكەشلىرىگە،....ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەيدىغان رەڭسىز تۇرمۇش رېتىمىغا خۇددى باغلاقتىكى قويدەكلا كۆنۈپ كەتكەن. HX`>"?{  
ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار بەكلا نورمال. بۇندىن باشقىچىرەك تۇرمۇشنى،ھاياتنى ئويلاش ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق گۇناھكار تۇيغۇ. ئاياللار ھوقوقى....يېرىم دۇنيا.....جەمىيەتتىكى ئورۇن...دىگەنلەر پەقەت تېلۋىزوردا كۆرۈپ-ئاڭلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغان باشقا دۇنياغا خاس ئاتالغۇلار .بۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەملىكنى نىشان قىلغان. بالىلىرىنىڭ ،ئېرىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئىش-ھەركەت ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئىپلاسلىق. مەيلى ئۇ پۈتۈن دۇنيادا ئومولاشقان بولسۇن ياكى ئالاھىدە ئېتىۋار سىياسەت بولسۇن بەرىبىر.ئۇلارغا كېرىكى پەقەتلا خاتىرجەملىك ، بالىلىرىنىڭ ئىككى جۈپ كۆزنىڭ ئىچىدە چوڭ بولىشى. ئۇلار ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇپ ھوقوقىنى قوغداشنى خالىمايدۇ.چۈنكى بۇ ھوقوق بالىلىرىنىڭ يىتىم بولىشى ياكى ئۆيىگە سوغۇق كەيپىياتنىڭ يېيىلىشى بىلەن قولغا كېلىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇر ئانىلىرى ھوقوقسىزلىق ئىچىدە ئۇۋىلىنىپ كەتسىمۇ بۇ تەمى ئاچچىق ھوقوقنى خالىمايدۇ. l`b%imX  
ئەرلىرىنىڭ سىرتتا يۇتۇپ كىرگەن ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا ،چوڭ بولغان بالىلىرىنىڭ سىلكەپ-ۋاقىرىشىغا ،كىچىكىدە چىچىپ قويغان پوقىنى ئادالاپ بۈگۈن چوڭ بولۇپ تېپىپ قويغان بالاسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كىملەرنىڭدۇ ئىشىكىدە شۇمشىيىپ تۇرغان ھالىتىگە .تۇرمۇشنىڭ يەنە قانداق بالالىرىنىڭ كېلىشىنى بىلەلمەي يۈرىكى پۇلاڭلاپ قالغان بىچارىلىكىگە، ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدۇ... *[ww;  
پەقەت ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئەرلىرىنىڭ ،بالىلىرىنىڭ چۈشلىرىگە كىرىپ يىغلىتىدۇ. a*N<gId  
ئۇلارنىڭ ئۆمرىدە ھېچقانداق شەخسى ئارزۇ-ھاجىتى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ خوشاللىقى بالىلىرىنىڭ خوشاللىقى،ئەرلىرىنىڭ خوشاللىقى.ئۇلارھېيت-ئايەملەردە ئامال بار بالىلىرىغا بىرەر قۇر كىيىم، بولمىغاندا بىر يېڭى ئاياق ئېلىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئۆزى بولسا كونا ئايىقىنى ئوبدان مايلاپ ،پايپىقىنى ياماپ،ھېيت تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ. ,UA-Pq3 }  
تۈرمە دەرۋازىسىدا بالىسىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتقان بىچارە ئانىلار ،ناھىيە بازىرىغىمۇ بېرىپ باقماي ئۆمرى ئېتىزدا ئۆتىۋاتقان جاپاكەش ئاپىلار،ئەرلىرىدىن بىر ئۆمۈر"سېنى سۆيىمەن"دىگەندەك مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان دېھقان ئاياللار. يىراقلارغا كەتكەن ئوغۇل-قىزلىرىغا ھەر كېچىسى ئۈنسىز يىغلاپ دۇئا قىلىدىغان چارىسىز ئاپىلار.....ھەي ..ئاپىلار..بىچارە ئانىلار. (oG-h"^/  
مانا بۇلار ئۇيغۇرنىڭ ئانىلىرى 713)D4y}  
توغرا ئۇنىڭ بالىسى ياخشى ئادەم بولالمىدى.خولۇم-خوشنىلار ئارىسىدا پەخىرلەنگۈدەك خىزمەتلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئاپا بولغان ئادەمنىڭ قولىدىن نىمىمۇ ئىش كەلسۇن.ئۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ دەيسىز.پەقەت بالىلىرىنىڭ تەلىيى كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ.چۈنكى ئۇلار بالىلىرىنىڭ باشقا بالىلاردىن دۆت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. !C>'a:  
ئۇلار كىتاپلاردىكى مۇنەۋۋەر ئانىلاردەك ۋەتەن-باتۇرلۇق،جاسارەت-ئالغا ئىلگىرلەش دىگەندەك ئاتالغۇلارنى بىلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى موللىتوختى يۈزىدىكى سادىرنىڭ ساۋاتسىز ئانىسىدەك،مۇستاپا كامالنىڭ تۇل قالغان جاپاكەش ئاپىسىدەك،خوجىنىيازنىڭ ئۆمرى تاغدا ئۆتكەن مەزلۇم ئانىسىدەكلا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ. wc~k4B9"  
ئۇلار پەقەت بالىلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ تۇرىدۇ.بالىلىرى بەزىدە قىززىپ كېتىپ ئاپىسىغا چۈشەندۈرۈپ كەتسە بالىسىغا پەقەت مازۇز بولۇپ قاراپ كېتىدۇ. pN-c9n4#j  
شاھمەنسۇرنىڭ جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ جەڭگە كەتكەنلىكىگە ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى تاللىغان يولدا ماڭغانلىقىغا، مېھرىگۈلنىڭ ئىچكىرىدە جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېزىپ چۈشەندۈرىشىگە ،سادىقجاننىڭ ئەتە باشلاپ چوقۇم ياخشى ئادەم بولىمەن دەپ قەسەم قىلىشلىرىغا قاراپ قالغاندەك، ئۈنسىز يىغلاپ قالىدۇ....... Y)](jU%o  
ئۇلار ئەرلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى بالىلىرىنىڭمۇ قىلغان ئىشلىرىدىن گۇمانلىنىشقا پېتىنالمايدۇ.خۇددى ئۆيدىكى كونا شىرەدەك ھەممىگە خىزمەت قىلىپ سۈكۈتسىز قاراپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇھەببىتىنى گۇمانلانماسلىق بىلەن ئىپادىلەيدۇ. Z{p62|+Ck@  
ئۇلارنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى......ئېرىنىڭ قۇلىقىغا تاتلىق پىچىرلاشلىرى......تۇرمۇشتىن-ھاياتتىن ئالىدىغان ئاياللىق ھېس-تۇيغۇلىرى....بەكمۇ يىراقتا قالغان.ئۇلارنىڭ ئورنىنى،خاتىرجەم ئەمما رەڭسىز تۇرمۇش ئىگەللىۋالغان.بۇنى ئۆزى خالاپ قوبۇل قىلغان. h;RKF\U:"  
ئېرىنىڭ قاڭسىق تەر كىيىملىرىنى،بالىلىرىنىڭ پوق-سۈيدۈك پۇراپ تۇرىدىغان لاتىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يۇيۇش، قازاندىكى تاماقنىڭ نەچچە تال گۆشىنى چاندۇرماي بالىلىرىغا سېلىپ بېرىش، خوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى خوشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىش ھاياتىنىڭ خوشاللىقى، ئۆمرىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرى. H vezi>M  
بىز ئۈچۈن مىننەتسىز پىداكارلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر توپ بار.ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئاپىلىرىمىز. ,>vI|p,/G*  
بىز ئۈچۈن سەمىمى ياش تۆكۈپ كېلىۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ ئانىلىرىمىز. +=JJ=F)  
بىزنىڭ ھايات تۈگمەنلىرىمىزنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا بۇغداي ئورنىدا تالقان بولىۋاتقان بىر كۆرۈمسىز ئادەملەر بار . ئۇلار بىز ئۇيغۇرنىڭ ئاپىلىرى. zjlo3=FQX[  
دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ دەرىجە-باھاسى بولىدۇ.بىراق ئانىلىرىمىزنىڭ دەرىجىسى بولمايدۇ. ئۇلار مەيلى ئالىم-پىراففىسورنىڭ ياكى ئوغرى-قاراقچىنىڭ ئانىسى بولسۇن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇلاردىكى بىزلەر ئۈچۈن سوقىدىغان يۈرەكنىڭ رېتىمى ئوخشاش بولىدۇ. ><r\ 5`  
دۇنيادا بىزنى جەلپ قىلىدىغان شاۋقۇن-سۈرەنلىك ۋە رەڭدار-شەكىللىك نەرسىلەر ئالاھىدە كۆرىنىدۇ.ئەمما ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ جىمجىت-رەڭسىز تۇرمۇشى دىققەتنى جەلپ قىلالمايدۇ. w.9'TR  
بىراق، ھەقىقى پىداكارلىق ۋە چىن مۇھەببەت مۇشۇ ئاددىلىق ئىچىدىلا مەۋجۇت بولىدۇ. 3w!,@=.q  
>6\rhx>  
ئاققۇ دىگەن جانىۋار ھەمراسى ئۆلۈپ كەتسە ئۆمۈر بويى تەنھا ئۆتىدىكەن.ئۇ بەلكىم كېيىنكى ھاياتىنى ئىلگىركى ئەسلىمىگە ئاتاپ ياشايدىغاندۇ. /2jw]ekQ'  
ئاپىلىرىمىز تۇللۇق ئازابىنى بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا غەيرى يېڭى شەيئىنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. >}|Vmy[/  
ئۇلار يالغۇز تاغ ، يالغۇز باغ بولۇپ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بىزنىڭ يېنىمىزدا جىمجىت ياشايدۇ. #CcWsI>+w>  
ئاياللار ھوقوقى-ئەئەنئەنىۋى تۇرمۇش قۇرۇلمىسىدىكى ئانىلىرىمىز ئىچىدە ئوموملىشالمىغان. بۇ كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولسىمۇ بىراق ئاپىلىرىمىزنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى غەلبىسى. ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ئۇقۇمغا ئانىلىرىمىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلى. ئادەم مەڭگۈ ئۆزى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغاننى تاكى قىيامەتكە قەدەر تەلەپ قىلىدىغان مەخلۇق. ئۇ نەرسە دەل ھوقوق-مەنپەئەت . ئاپىلىرىمىز ئادەملەر ئىچىدىكى بۇ ئىمتىياز ۋە ھوقوقنى بىزلەر ئۈچۈن تەرك قىلغۇچى بىردىن-بىر توپ. n+94./Mh  
ئۇلار ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى،بىزنىڭ چىرايىمىزدىن، ھوزۇر-مەئىشەتلىرنى،بىزنىڭ،ئۈستى-بېشىمىزدىن،يەۋاتقان،لوقمىمىزدىن ئىزدەيدۇ. ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ماڭغان پۇتلىرى قولاشماي تىترەيدۇ. ئېغىزىغا سالماقچى بولغان مەئىشەتلىرى گېلىدىن ئۆتمەيدۇ. r!WXD9#  
ئۇلارنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى بىلىملىك، ئۈستۈن دۇنيا قاراشقا ئىگە زامانىۋى ئاياللار توپىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ. دەۋرنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن،زامانىۋى ئاياللارنىڭ رەڭدار تۇرمۇشىدىن بەھىرلىنەلمەيۋاتقان بىچارە ھالىتىگە ئېچىنىدۇ.ئۇلارنىڭ بىر ئۆيۈم بىر بالام دەپ ياشاۋاتقان بېكىنمە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. NUjo5.7  
ماھىيەتتە بۇ غەرپنىڭ شەخسنى مەركەز قىلىش تەلىماتىنىڭ غەيرى ئۈندۈرمىسى. Vt;!FZ  
شەخسنى مەركەز قىلىش ھەقىقەتەن ئىلغار دۇنيا قاراش.بىراق مەلۇم ئادەملەر توپىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەت زەنجىرىدە بۇ ئەڭ خاتا ئۇقۇم. )<8f3;qd  
ئانىلىرىمىز تارىختىن بۇيان بىزنىڭ مۇناسىۋەت زەنجىرىمىزدە شەكىللەنمەيۋاتقان پىداكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر كىشىلەر. /GDGE }  
بىز مۇنەۋۋەر دىمەسلىك بىلەن ئۇلار مۇنەۋۋەر بولالمامدۇ ؟! ?=^ M(TA;  
بىز ئەڭ ئۇلۇغ دىمەسلىك بىلەن ئۇلۇغ بولالمامدۇ ؟! A"W}l)+X  
ھەقىقى ئۇلۇغلۇق بىزنىڭ باھايىمىز ئاساسىدا بولالمايدۇ. بىز پەقەت نەزىرىمىزدىكى ئۇلۇغلارغىلا مەپتۇن بولۇپ ئۆتىۋېرىمىز. _5l3e7YN  
ئەمما ھەقىقى ئۇلۇغ ئادەم بولغان ئاپىلىرىمىز بىزنىڭ ئالقىشلىرىمىز بولمىسىمۇ بىر ئۇلۇغنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېرىدۇ. &~*qTojj  
ھەي......ئۇيغۇرنىڭ ئاپىلىرى....بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىچارە...ئەمما ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئانىلار...سىلەر كۆزىمىزگە داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرمايدىغان يۈرىكىمىز. ئۈنسىز خىزمەت قىلىدىغان جىگىرىمىز....سىلەرسىز ئۇيغۇرنىڭ تارىخى...بۈگۈنى ۋە ئەتىسى مۈمكىن ئەمەس.... MRZ/%OZ.  
ياراتقان پەرۋەردىگار دۇنيادىكى ئەڭ ئالى خىزمەتنى پەقەت سىلەرگىلا ئىشىنىپ تاپشۇرغان. سىلەرنى ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن كىشىلەر قىلغان. =3=$F%  
چۈنكى سىلەر پىداكارلىق بىلەن يۇغۇرىلىپ تۇغۇلۇپ، شۆھرەتسىز پارچىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار. D/7hVwMw:  
سىلەر مېنىڭ قەلبىمدە ! \ {24Y1ohK  
مەنبە:http://ablathan.blogbus.com

arman2011-02-18 18:08
<<جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا >> مىنىڭ  كۆڭلۈمدە  بۇ  تىمىغا  نىسبەتەن  نۇرغۇن  سۆزلەر باردەك... بىراق  دىيەلمەيۋاتقاندەك... 6;^ e  
مەن بۇرۇن  ۋاپادارلىقنى سىناش  سۇئالى دەپ  تىما  يوللىغانتىم...شۇ  ئېسىمگە كېلىپ قالدى. X&+*?Q^  
بارچىمىز  ئانىلىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ،ئۇلارغا  ۋاقىت ئاجرىتايلى... 7x ?2((   
ئۇلار دائىم  پەرزەنىتلىرىنىڭ غەمخورلىقىغا مۇھتاج،بىراق بۇنى مەڭگۈ  دىمەسلىكى  مۇمكىن...

sansiz09032011-02-18 19:08
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، يۇقارقى تېمىنى 200 سائەت ئىلگىرلىتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئەنسار2011-02-18 19:22
نەقىل
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى sansiz0903دە2011-02-18 19:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : N/A.1W  
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، يۇقارقى تېمىنى 200 سائەت ئىلگىرلىتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. M]?#]3XBNo  
_MZqH8  
200سائەت ئەمەس 20 كۈن ئىلگىرلىتىپ قۇيۇڭلا...

خۇشخۇي2011-02-18 19:31
ھەقىقەتەن جانلىق يىزىلغان ئەسەر ئىكەن بۇ،،بۇ تىما توغرىسىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلۇدۇم ئەمما دىل يارىسى دىگەندەك ئىپادىلىيەلمايۋاتىمەن. #msXAy$N3r  
ئاللا ،ئانىللىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن تىنىنى سالامەت قىلغايسەن!!!!   

sansiz09032011-02-18 19:33
نەقىل
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى يۈرەك يىغلايدۇدە2011-02-18 19:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : w{3B  
bZk7)b;1o  
200سائەت ئەمەس 20 كۈن ئىلگىرلىتىپ قۇيۇڭلا... O0#wM-M  
?<\ K!dA  
20 كۈنگىچە بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل يېزىلغان بىر تېما مۇنبەرگە چىقىپ بولىدۇ.

yawuzbag2011-02-18 19:54
شۇنداق بولغاي ئىلاھىم.

xahrizad2011-02-18 21:23
ئانا پەرزەنت ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغۇچى . T_O\L[]p*  
پەرزەنتلەرچۇ؟............................

taranqi2172011-02-18 22:27
ئىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىي ئانىلار.................................

salkin112011-02-18 23:06
تەربىيەت قىممىتى ھەققەتەن بار تېما ئىكەن ...

sawapkar2011-02-19 02:23
ئانامسىز بىر مىنۇت نەقەدەر ئازاپ %iY-}uhO  
سېغنىش يۈرەكنى ئەيلىدى كاۋاپ &GcWv+p  
ئانا دەپ چاقىرسام قايتمدى جاۋاپ ~sk;6e)(2  
يىغلدىم دائىما ئاسمانغا قاراپ  

uluhadam2011-02-19 08:08
ياخشى تىمىكەن!     

yawuzbag2011-02-19 10:43
ئانىمىزنىڭ بىزنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن دەۋرىدىكى جاپا مۇشەققەت ۋە ئاچارچىلىقنى ئويلىسام يۈرىكىم سۇ بۇلۇپ كىتىدۇ.

pigani2011-02-19 10:53
   . ئى ئاللا ئانىلىرىمىزنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن  .... ئۇلارنى ھىدايەت قىلغىن.... دۇنيا ۋە ئاخرەتتە ئەزىز قىلغىن .... |rkj$s,  
ئەسەر ئىگىسىگە رەھمەت ..

xahadat2011-02-19 17:14
مەن ئوقۇغان ئەڭ ئىسىل تىما

qialikuxi2011-02-19 18:59
ناۋادا ھايات-ماماتلىق تاللاشقا توغرا كەلگەندە،ئانىسىنى ئەمەس،قىز دوستىنى تاللايدىغان يىگىتلەرگە لەنەت بولسۇن! ئانىلارنىڭ قەدرىگە يەتمەي،خارلىغانلارنى تەڭرى جازالىسۇن.ھەممەيلەن ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەپ،ۋاپادار پەرزەنت بولايلى.!

soser2011-02-19 19:28
بۇ تىمىنى ئىلگىرلىتىشكە بولمايدۇ،گەرچە ئانىلارنىڭ تارتقان جاپاسىنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۇرگەن بولسىمۇ،بارلىق تارتىتقان جاپاسىنى "ئۆز ھوقۇقۇنى قوربان قىلىش"،"ياكى ئۆز ھوقۇقىنى بىلمەسلىك"كە چىقارغان تۇرسا،99پېرسەنىت ئانىننى لاياقەتسىز ئانا دىگەن تۇرسا...... QIQ }ia  
ئەسلى لاياقەتلىق ئانا دىگەن نىمىدۇر  ھوقۇق مەنپەتنى ،نىمىدۇر پايدا مەنپەتنى كۆزلىمەي ،بارلىقىنى پەرزەنىتلىرىنى ئەدەپ ئەخلاقىلىق ،ئىمانلىق ،ۋىجدانىلىق قىلىپ تەربىيلەشكە ،ئائىلسىنىڭ بەختى ئۇچۇن بارلقىنى قۇربان قىلايدىغان ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ ئاياللارنى ھوقۇق كۆرشى ئىلىپ بىرىشقا چاقىرىق قىلغان ئەسەركەن . aZ^P*|_K3  
بىر قازاندا ئىككى كاللا قاينىمايدۇ دىگەن گەپ بار ،ئاياللار ھەممە ئىشتا "ھوقۇقنى "چىقىش قىلسا ،بىز مۇ "كۆك كۆز"لەردەك ،"ئۆيگە كىرگنى مىنىڭ خوتۇنۇم "دەپ ،ئولتۇرامدۇق ،بىز ئۇلارنى ،ۋە ئۇلارنىڭ بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىسىنى ھۆرمەتلىسەك ،ئىشلارنى بار مەسلىھەت بىلەن قىلساق بولار دەپ قارايمەن . k.? aq  
ئەر -خوتۇن ئىككى تەرەپ "ھوقۇق"ماجراسى قىلىپ يۈرسە شۇ ئائىلە قانداق بولار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ V0+D{|thh6  
چاقچاق:قىرىندىشىمىز ياۋۇز ئاياللارنىڭ "ھوقۇق "نامايىشىغا چاقىرىپ ،مەقىسىدى نىمىكىن ؟؟؟؟؟يا بويتاق بولسا ،ئۆيى بۇزۇلغان ئاياللاردىن بىرەرنى كەلتۈرۋالاي دەمدۇ       

salamet2011-02-19 21:23
تېما بەك جانلىق ، تەسرلىك يېزىلىپتۇ...،ئۇيغۇرۇم دۇنياسىدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن مەسىللەر مەۋجۈت، بەلكىم ئاللا بىزنىمۇ بىر كۈنلەردە كەم كۈتسىز ، بۈيۈكلۈك بولغان كۈنلەرنى نىسىپ قىلار! V!G&Aen  
  ئەمما ئىشىنىمەنكى، تىرىشىپلا تۇرساق خەلقىم بىر كۈنلەردە چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك مىللەتكە ئايلىنىدۇ!!! Q >[*Y/`I  
  سالامەت بۇلۇڭ قېرىنداشلىرىم!

salkin112011-02-19 22:09
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن ... رەھمەت سىزگە ! ...

bahtem2011-02-20 01:19
ئاللاھ ئانىلارغا چوقۇم جەننەت ئاتا قىلىدۇ....ئانىلار ئۇلۇغ...

uluhadam2011-02-20 02:04
ياخشى تىمىكەن،

gulxanim2011-02-20 11:27
ئىھ ئانىلار !!!!....بىز شۇ سىلەر قىلغاننىڭ قانچىلىگىنى سىلەر ئۇچۇن قىلالىدۇك ؟بۇ تېمىڭىزنى ناھايتى ياخشى يوللاپسىز ،كۆرۇپ كۆڭلۇم بەكمۇ يېرىم بولدى،پۇتۇن بەدىنىم ئىسسىك ياشلارغا تولدى.شۇ ئۇلۇغ ئانىللىرىمىزغا ھىچ بولمىغاندا ئىللىق مىھرىمىزنى بولسىمۇ بېرەيلى.رەخمەت سىزگە.

yawuzbag2011-02-20 14:23
نەقىل
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى soserدە2011-02-19 19:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : UjVo "K  
بۇ تىمىنى ئىلگىرلىتىشكە بولمايدۇ،گەرچە ئانىلارنىڭ تارتقان جاپاسىنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۇرگەن بولسىمۇ،بارلىق تارتىتقان جاپاسىنى "ئۆز ھوقۇقۇنى قوربان قىلىش"،"ياكى ئۆز ھوقۇقىنى بىلمەسلىك"كە چىقارغان تۇرسا،99پېرسەنىت ئانىننى لاياقەتسىز ئانا دىگەن تۇرسا...... l W'6rat  
ئەسلى لاياقەتلىق ئانا دىگەن نىمىدۇر  ھوقۇق مەنپەتنى ،نىمىدۇر پايدا مەنپەتنى كۆزلىمەي ،بارلىقىنى پەرزەنىتلىرىنى ئەدەپ ئەخلاقىلىق ،ئىمانلىق ،ۋىجدانىلىق قىلىپ تەربىيلەشكە ،ئائىلسىنىڭ بەختى ئۇچۇن بارلقىنى قۇربان قىلايدىغان ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ ئاياللارنى ھوقۇق كۆرشى ئىلىپ بىرىشقا چاقىرىق قىلغان ئەسەركەن . yXY8 o E  
بىر قازاندا ئىككى كاللا قاينىمايدۇ دىگەن گەپ بار ،ئاياللار ھەممە ئىشتا "ھوقۇقنى "چىقىش قىلسا ،بىز مۇ "كۆك كۆز"لەردەك ،"ئۆيگە كىرگنى مىنىڭ خوتۇنۇم "دەپ ،ئولتۇرامدۇق ،بىز ئۇلارنى ،ۋە ئۇلارنىڭ بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىسىنى ھۆرمەتلىسەك ،ئىشلارنى بار مەسلىھەت بىلەن قىلساق بولار دەپ قارايمەن . Z<En3^j`  
ئەر -خوتۇن ئىككى تەرەپ "ھوقۇق"ماجراسى قىلىپ يۈرسە شۇ ئائىلە قانداق بولار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ jD0^,aiG  
چاقچاق:قىرىندىشىمىز ياۋۇز ئاياللارنىڭ "ھوقۇق "نامايىشىغا چاقىرىپ ،مەقىسىدى نىمىكىن ؟؟؟؟؟يا بويتاق بولسا ،ئۆيى بۇزۇلغان ئاياللاردىن بىرەرنى كەلتۈرۋالاي دەمدۇ          O<S*bN>BF  
5ejdf  
ماقالىنىڭ بېشىدا راستىنلا سىز دىگەندەك سۆز جۈملىلەر بار،ئەمما بۇ ماقالىدىكى ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان ئىدىيە ئەمەس،بۇ تۇرمۇشىمىزغا بارغانسىرى سىڭىپ كىرىۋاتقان غەرپچە كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە قىممەت قاراشلارغا قارىتىلغان كىنايىدىن ئىبارەت.ماقالىنىڭ تۇلۇق مەزمۇنى شۇنى كۆرسىتىدۇكى بىز ئەرلەر ۋە پەرزەنتلەر ئالدىدا بارلىقىنى قۇربان قىلغان ئانىلار ھەقىقەتەن سۈيۈملۈكتۇر.ھامان ئۇلار مۈنەۋۋەر ئانىدۇر.ماقالىدە دىيىلگەنكى ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئاياللار ھۇقۇقى تەلىماتىنى قۇبۇل قىلماسلىقى  ئۇلارنىڭ غەلبىسى ۋە شان-شۆھرىتىدۇر. /MsXw/],  
.

kizim2011-02-20 19:15
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!ئانىلىرىىمىز بىز ئۈچۈن شۇنچە جاپا-ئازاپلارنى تارىتىدۇ،ئەمما بىز ئۇلار ئۈچۈن ىمە قىلىپ بەردۇق؟!ئۇلاربىلەن مۇڭداشتۇقمۇ؟خۇشال قىلالادۇقمۇ؟مانا بۇلاربىز لەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك سۇئاللاردۇر!!!

amanxah2011-02-20 23:09
كۆپىنچىڭلا تىمىنى تولۇق ئوقۇمايلا ئىنكاس يازدىڭلامۇ قانداق؟ نىمىلا دىگەن بىلەن شۇ ھەممىلا ئانىلارنىڭ ئۇلۇغۋار بولالىشى ناتايىن، ئەمما شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ ئانىڭىز مەيلى ئايغا چىقسۇن، مىنىڭ ئانام پۈتكۈل دۇنيادىكى بىردىن-بىر مىنىڭ  دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانام، بىلمدىم سىزنىڭ ئانىڭىز قايىسى بىر ئۇلۇغۋاركىن؟ ...      INW8Q`[F  
ئىنكاسلارغا قارىسام تىمنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازدىڭلامۇ قانداق؟

kar1wan2011-02-21 14:57
توغرا، ئانىلارنى ئاتىلارنى چوقۇم ھۆرمەتلەش كېرەك. بىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئاتا- ئانىلاردۇرمىز. ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنىلىك ئۆزىمىزنى قەدىرلىگەنلىك.

coygu5202011-02-21 17:20
            

tagxamili2011-02-21 19:21
دۇنيادا نىمە ئەڭ ئۇلۇغ يەنىلا شۇ ئانا ياخشى تىمىكەن.

rayhangul2011-02-21 21:37
جەننەت ئانىلارنىڭ ئايغى ئاستىدا ،قىرىندىشىم ياخشى تىما يوللاپسىز!!!

kanaat2011-02-22 21:01
ھەقىقەتەن تاش ئارىسىدىن گۆھەر قازغاندەك ياخشى تېما يوللاپسىز مېنىڭچە بۇ تېمىغا قۇسۇر ئىزدەيدىغانلار چىقمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

kvrax2011-02-23 00:45
ھەقىقەتەن ئانىلار ئۇلۇغدۇر، ئانا بىر قولىدا بۈشۈك تەۋرەتسە ،بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ!

sumbul2011-02-23 14:23
بۇ تىمىنى ئۇقۇپ بەك خوش بولدۇم. ھاياجاندا بولسا كېرەك ئانا تۇمار، ئاتا زۇلپىقار دىگەن ناخشا دەرھال قۇلاق تۈۋەمدە ياڭرىغاندەك بولدى. يەنە بۇ مىسرالارمۇ قۇلاق تۈۋەمدە ياڭرىدى! (Pin9^`ALc  
0>Z/3i&?<  
ئانىنىڭ بىر تىمىم سۈتى ھەققىگە ، 7>wSbAR<  
يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. ,;O+2TX  
r?\hZ*|M  
دىمەك بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ھەممىمىزگە ئۆزىمىز  ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ  مۇقەددەس ، ئەڭ مۇنەۋەر ئانا ھىساپلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.  

uluhadam2011-02-23 17:01
ياخشى تىمىكەن ، تىمىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!!!!!!     

margan2011-02-23 20:50
ياخشى

umitjan2011-02-23 22:02
مەن بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزۇن جاھان بولۇپتىكەن،كۆزلىرىمگە ياش كەلمىگىلى،بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى تۇتالمايلا قالدىم،بۇ مىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىم بولماستىن مېھرىبان،ئەڭ مۇقەددەس،بىر ئۆمۈر:<<بالام،ئۆيۈم>>-دەپ ئۆتۈپ تۈزۈكرەك بىر قۇر كىيىم كەيمەي،ئاغزىغا تېتىغۇدەك بىر ۋاق تاماق يىمەي بۇدۇنيادىن كەتكەن مېھرىبان ئانامغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشنىڭ قەلب قىتىمدىن ياۋۇز ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسى ۋاستىسى بىلەن (ئەلۋەتتە ۋاستىلەر كۆپ بولسىمۇ)ئىتىلىپ چىقىشى ئىدى،تور بىتىمىزدە بۇنچىلىك يازارمەننىڭ بولۇشى تور بىتىمىزنىڭ بەختى،تۆھپە مەڭگۈكىشىلەرنى چىن قەلبىدىن تەسىرلەندۈرەلىگەن ۋەھەرىكەتكە كەلتۈرەلىگەنلەرگە مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟بىزدە سىۋەتتە بىر قۇرۇق گەپ ساتىدىغان،خۇددى خالمۇرات ئەپەندىنىڭ ئىتوتلىرىدىكى:<<سوغۇق سۇ ئىچسەڭ قورسىقىڭنى ئاغرىتىدۇ،ئاش-نان يېسەڭ قورسىقىڭ تويىدۇ.>>-دېگەنگە ئوخشاش تەمسىز، سىدام يازمىلاربىلەن تۇخۇم تۇغماي ئۇۋا ئىگەللەپ ياتىدىغان تۇغماس مىكىيانلار سامان نەرقى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىنى مۇشۇنچىلىك ھىس-تۇيغۇغا كەلتۈرەلىگۈدەك بۇ يازمىنى يازغان ياۋۇز ئەپەندىنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئەيتماي تۇرالمايمەن. @Ej{sC!0T  
      

yarix2011-02-24 11:28
بەك ئوبدان يىزىپتۇ،ماڭىلا ياقتى زادى.

9428302011-02-24 12:24
بەك ياخشى يېزىلغان تىما ئىكەن   

zirak7272011-02-26 18:05
    

sadakat2011-02-26 19:06
ياخشى يېزىپسىز

terkidunya2011-02-27 18:40
راست، بىزنڭ ئانىلىرىمىز شۇنداق ئۇلۇغ.ئانىلىرىمىزنى زامانىمىزنىڭ ھەقىقى قەھىرمانلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىرى دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.پەيغەمبىرىمىزمۇئەڭ ھۆرمەتلەشكە  تىگىشلىك ئادەم كىم؟ دەپ ئۈچ قىتىم سورىغان سوئالغا ئۈچ قىتىمدىلا <<ئاناڭ >> دەپ جاۋاپ بەرگەنكەن 4-قىتىم <<ئاتاڭ>> دىگەن. بۇ ماقالا ياخشى يىزىلىپتۇ .دىمىسىمۇ ئانىلىرىمىز شۇنداق كىشىلەردۇر

marjanbulaq2011-03-01 08:56
    ئسىت. -L NJ*?b  
    مەن بىر تال ئوغۇل. ھەي مۇساپىرچىلىق.ئاپام رەخمەتلىك تۈگەپ كەتكەندە مەن يېنىدا يوق... . ھازىرمۇ ھەم. ,?3r-bM  
     مەن ئاپامنىڭ بىرتاللا ئوغلى ئىدىم.

zirak7272011-03-02 11:02
ئانىلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ،جاپاكەش،مىھرىبان،

binazar2011-03-04 16:43
بەك    ياخشى    يېزىلغان   ەسەركەن    بارلىق     قېرىنداشلار     اناڭلارنى      قەدىرلەڭلار     ۇلار  ھايات   ۋاختىدا   

yultuz~2011-03-06 07:38
غايىپتىن گەر قۇدرەت پۈتسىدى ماڭا، &GGJ=c\  
ئالەمنى ئالما قىپ تۇتقۇزسام ساڭا. bJ4})P&  
تاڭ پەيتى بىر مەررە ئىمىتكىنىڭنىڭ، UMILAoR  
بەدىلى تۆلىنىپ تۈگەرمۇ ئانا؟ 3yX^93  
r7+"i9  
w[YiH $  
                                                                --ئوسمانجان ساۋۇت

tamqe2011-03-08 22:32
ئەڭ ئۇلۇق نەرسىلەر-ئەڭ ئاددى نەرسىلەر ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.ئۇنىڭ قىممىتى ،پەقەت ئاددىلىق ئىچىدىن ئۇلۇقلۇقنى تاپقۇچىلارغا مەنسۇپ.ئۆز نۆۋىتىدە ئاددى ھىساپلانغان نەرسىلەر -شۇ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇق ھىساپلىنىدۇ.دىمەك،ئۇيغۇر ئانىلىرى -ئاددىلىق ئىچىدىكى ئۇلۇغلۇقنىڭ يۇغۇرۇلمىسى.سۆيۈشكە،ھۆرمەتلەشكە،قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

pakkalip2011-03-11 18:18
    

gayyur2011-03-12 22:00
ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ  

karxamaydani2011-03-22 11:52
بۇ تىما مۇنبەردە ئۇزۇنراق تۇرسۇن ،ھەممە بالىلار كورەلىگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە.

masot1102011-03-22 12:58
شىنجاڭ  مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن تىمىكەنغۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!

mamattusun2011-03-22 14:15


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.032263 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us