رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تەغدىرنىڭ چاقچىقى (نىگار) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تور ئەسەرلىرى -> تەغدىرنىڭ چاقچىقى (نىگار) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

nigar2011-02-17 04:12
z?cRsqf  
تەغدىرنىڭ چاقچىقى
n[{o~VN  
MenI>gd?  
نىگار /.}&yRR  
=JEnK_@?K\  
ئىككى سائەتلىك دەرىسىمنى ئۆتۈپ بولۇپ ، مەكتەپنىڭ ئارقا مەيدانىدا بېشىمنى سەگىتكەش ئايلىنىپ ماڭدىم . تۆنۈگۈن ئەكپەرنىڭ " ئىككىمىز توي قىلايلى ، بۇ ئىشنى بۈگۈنلا ئاتا-ئانامغا ئېيتىمەن " دېگەن گېپىنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىر تەرەپتىن خۇشال بولسا يەنە بىر شۇنداق بىئارام بولدى .ئەكپەر بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئۇقۇيدىغان چاغدىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ شۇنداق باي ئىكەنلىكىنى ، ئاپىسىنىڭمۇ خېلى ھالدار ئايال ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم . دەرۋەقە شۇنداق ئىدى . ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئائىلە خېلى بەكلا كەينىدە تۇراتتى . ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە " باي ئائىلە چۇقۇم ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەبىقىدىكى باي ئادەم بىلەن قۇدا بولۇش كېرەك " دەيدىغان قاراش بار ئىدى . بۇ بۇيىچە ئېلىپ ئىيتقاندا ، مەندەك ئاددىي ئائىلىنىڭ قىزىنىڭ ئەكپەرنىڭ ئائىلىسىدە ئېسەل ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرىشىگە سالاھىتى توشمايتى . تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفۇن خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى . تېلىفۇن بىر ناتۇنۇش نۇمۇردىن كەلگەن ئىدى . تېلفۇننى ئالدىم :  v1;`.PWD  
__ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !                  QPGssQR6  
 __ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! o{:D  
تېلفۇن بىر ئايال كىشىدىن كەلگەن ئىدى . (?~F}uv  
__ مەن ئەكپەرنىڭ ئاپىسى ، سىز ئارزىگۈلغۇ دەيمەن ؟ m-;u]X=a  
__ مەن ... مەن ئارزىگۈل شۇ ، ئەھۋاللىرى قانداق ؟ ياخشى تۇردىلىمۇ ؟ jd~r~.y  
__ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى ، شۇڭا تېلفۇن قىلىشىم . .'SM|r$  
مەن جاۋاپ بېرەلمەيلا قالدىم ، يۈرۈكۈم ئەنسىز سېلىپ تۇراتتى . N=|w]t0*yc  
__ مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دەي . ئاڭلىسام ئوغلۇم ئەكپەرنىڭ قىز دوستى ئىكەنسىز ، تېخى تويمۇ قىلماقچى بۇلۇپسىلەر . ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى سۇرۇشتۇرۇپ باقتىم . ئائىلەڭلار بەك بايمۇ ئەمەسكەن . دادىڭىز دەرۋازىغا قارايدىكەن ، ئاپىڭىزمۇ خىزمەت قىلمايدىكەن . ئاكىڭىز ئۇششاق تىجارەت قىلىدىكەن . سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنى بىزنىڭكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىمۇ بەك ياخشى دېگىلى بولمايدۇ . ھازىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپلىكىدە . مەن ئوغلۇمغا خەق " قۇداڭ بارمۇ دېسە ، بار دېگۈدەك " ئېسىل كىشىلەرنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بېرىمەن . مەندىن رەنجىپ قالماڭ، سىزنى كېلىن قىلالمايمەن . شۇڭا ئوغلۇمنى يەنە ئاۋارە قىلىپ يۈرمەڭ . سىزگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ ، باشقا ئىشلارنى ئۆزىڭىز بىلىۋېلىڭ . k:af  
ئۇ ئايال ماڭا بىر ئېغىز سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرمەستىنلا ، سۆزى تۈگۈتۈپ تېلىفۇننى قۇيىۋەتتى . گېلىمغا قانداقتۇر بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ، يۈرۈكۈم پىچاق بىلەن تىلغاندەك قاتتىق ئېچىشىپ كەتتى . مەڭزىمنى دۇمۇلاپ چۈشۈۋاتقان ياشلىرىمنى ئاران سۈرۈتۈشكە ئۈلگۈردۈم . پۇتۇمدا مىدىرلىغۇدەك ماغدۇر قالمىدى . كۆزۈپ قاراڭغۇلىشىقا باشلىدى . F[Peil+|`  
كۆزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم . ئاپام بېشىمدا ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى . شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمگە ھۆكۈم قىلدىم . ئاپام مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچقانلىقىمنى كۆرۈپ ، دوختۇرنى چاقىرغىلى چىقىپ كەتتى . ئاپام بىلەن قۇشۇلۇپ بىر ئايال دۇختۇر كىرىپ كەلدى . ئۇ كۆزۈمنى قايرىپ قاراپ بېقىپ " چوڭ چاتاق يوق ، سەل چارچاپ قاپتۇ . ئوبدان ئارام ئالسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ " . دوختۇر بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى . ئاپامنىڭ چىرايىدىكى ئەنسىرەش ئالامەتلىرىمۇ بارا-بارا يوقۇلۇشقا باشلىدى . ئاپام يېنىمغا كېلىپ : "IB)=Hc  
__ خىزمىتىڭىز جاپالىق ، چارچاپ قاپسىز ، بىر نەچچە كۈن خىزمەتكە بارماي ، ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىڭ . =<FFFoF*C_  
__ ماقۇل ئاپا A4'v Jk  
__ سىز يېتىپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە يىگۇدەك بىر نەرسە قىلىپ كېلەي . >)!"XFbb  
ئاپام چىقىپ كەتتى ، كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى . ئۆزۈمنىڭ "باي ئائىلىنىڭ بالىسى بىلەن مۇھاببەتلىشىپ ، تۇرمۇشلۇق بۇلىمەن " دەپ ئەخمىقانە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم . ئەكپەرنى "تېلفۇن قىلىپ قالغانمىدۇ " دېگەن ئۈمىدتە يانچۇقۇمدىكى تېلفۇننى ئېلىپ قارىدىم . بىرەر كىشىدىنمۇ تېلفۇن كەلمىگەن ئىدى . 2\m+  
ئۆزۈم تېلفۇن قىلىپ ئارىمىزدىكى ئىشنى بىتەرەپ قىلىۋەتمەكچى بولۇپ تېلفۇن قىلدىم . ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ تېلىفۇنى ئىتىك ئىدى . نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم ، كۆزلىرىمگە يەنە ياش ئەگىپ قالدى . Is-Kz}4L  
ئىشىك يىنىك چىكىلدى . كەينىدىنلا 4~5 ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا گۈل ۋە ھەرخىل مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ ياتاققا كىرىشتى . بۇلار مېنىڭ دەرس بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىم ئىدى . ئۇلار بىردەم قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىشىپ كېتىپ قالدى . ئاپاممۇ ھايال بولمايلا ، تاماق چاقىسىغا ماڭا تاماق ئېلىپ كەلگەن ئىدى . Px)VDs=k  
دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن يېتىپلا ، " ئۆيدە ئارام ئالاي " دېگەننى باھانە قىلىپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقىۋادىم . مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئەھۋالىمنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا بىر ھەپتىلىك رۇخسەت بەردى . R1?g6. Mq  
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . شۇ كۈندىن تارتىپ ئەكپەر ماڭا بىرەر قېتىم تېلفۇن قىلىپمۇ باقمىدى . مەن تېلىفۇن قىلسام ئۇنىڭ تېلىفۇنى ئىزچىل ئىتىك ئىدى . ئۇ ئىشلىگەن يېرىگە ئىزدەپ بېرىش مەقسىتىگە كەلدىم . F4d L{0;j  
كۇچا ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ دېگۈدەك ئۇ ئىشلەيدىغان يەرگە يېتىپ كەلدىم . ئۇنىڭ خىزمەتدېشى ئەكپەرنىڭ خىزمەت سەۋەپلىك باشقا شەھەرگە كەتكەنلىكىنى ئېيتتى . بۇنىڭدا قانداقتۇر بىر سەۋەپ باردەك ھېس قىلدىم . <udp:s3#T  
بىراق يەنىلا ئامال يوقتە .سالامەتلىكىم ئەسلىگە كېلىپ مەكتەپتىكى نورمال تۇرمۇشۇمنى باشلىۋالدىم . ئەكپەرگىمۇ كۇندە دېگۈدەك تېلىفۇن قىلىپ تۇرۇم . ھەتتا يەنە ئىشلىگەن يېرىگىمۇ ئىزدەپ باردىم . ئۇ خۇددى بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەستەكلا غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىدى . كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . بۇ كۈنلىرىم شۇنداق مەنىسىز ئىدى . بەزىدە ئولتۇرغان جايىمدا مەقسەتسىزلا ئولتۇرۇپ كېتەتتىم . ھەتتا بەزىدە سۆزلەۋاتقان دەرىستىنمۇ ئېزىپ كېتەتتىم . ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم . بۇ ئەكپەرنىڭ ماڭا يازغان خېتى بۇلۇپ ، خەت قىسقىغىنە يېزىلغان ئىدى . _RhCVoeB  
ھۆرمەتلىك :ئارزىگۈل Jw9|I)H  
ئەھۋالىڭىز قانداقراق ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟ !AP|ozkL  
ئەسلى بۇ خەتلەرنى يېزىپ سىزنى ئازاپلىغىم يوق ئىدى .بىراق .... :m-HHWMN  
ئاپام ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلمىدى . ئەگەر سىز بىلەن توي قىلسام ، ئۇ مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىغا رازى بولمايدىكەن . !t[X/iu  
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۇيۇم بۇلىدۇ . ئاپام مەن توي قىلىدىغان قىزنى تېپىممۇ بوپتۇ . ھازىر پەقەت سىزگە "كەچۈرۈڭ" لا دېيەلەيمەن . مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ . مەندەك ۋاپاسىزنى " بۇ ھاياتىمدا بولۇپ باقمىغان " دەپلا ئويلاڭ . ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ . سىزگە بەخىت تىلەپ <gJ|Wee  
'J+Vw9 s7  
ئەكپەر >.~^(  
8(&C0_yD  
خەتنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . مېنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ،" سىز بولمىسىڭىز ياشىيالمايمەن " دەپ شېرىن شىكەر گەپلەرنى قىلىدىغان ئەكپەرمانا ئەمدى باشقا بىرى بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئىدى .ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم. تەلىيىمگە يارىشا ئىشخانىدا باشقا ئوقۇتقۇچىلار يوق ئىدى .باشقىلارنىڭ ئۈنۈمنى ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئاران بېسىۋالدىم ۋە خەتنى مۇھىم ماتىرىيال سالىدىغان تاتمىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇپ ، قۇلپىسىنى تاقاپ قويدۇم . ھازىر مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللى خالىي جايغا بېرىپ تازا يىغلاش ئىدى . ئىشخانا مۇدىرىمىزدىن " مىجەزىم يوق " دەپ رۇخسەت ئېلىپ بالدۇرلا ئىشتىن چۈشتۈم . بۇ ئەھۋالىمدا ئۆيگە قايتقۇم يوق ئىدى . نىشانسىزلا بىر نەچچە كوچىلارنى ئايلىنىپ چىقتىم . خىياللىرىم ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس . ئۆزۈمنىڭ تۇلىمۇ ئەخمەقلىقىمگە ئۆكۈنەتتىم . o^_z+JFwb  
ئەكپەرگە بولغان ئەقىدەم خارلانغان ئىدى.ئەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن ؟ %vn rLt$  
ئەمدى بۇرۇنقىدەك خىزمىتىمگە بولغان مۇھاببەت ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىم قالمىغان ئىدى . مەن خۇددى خۇدىنى يۇقىتىپ قويغان ئادەندەك كۈندە ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتىم . باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئۇدۇللۇق جاۋاپ بېرىپ،ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمايتىم.ئۇلار مېنىڭ نۇ ھالىتىمدەن ھەيران قالغان بولسىمۇ ،چىش يېرىپ ئارتۇقچە گەپمۇ قىلىشمىدى . eEupqOF*:W  
بىر كۈنى مەكتەپ مۇدىرىمىز مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى . چۇقۇم ياخشى گەپ قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى . بىراق بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم . مۇدىر مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى . 5U%u S^%DP  
__ قېنى كىلىڭ ، مەرھەمەت ئولتۇرۇڭ . ;nSaZ$`5  
__ رەھمەت . d\xh>o  
__ سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى ، شۇڭا چاقىرتقان ئىدىم . 8V^gOUF.  
__ مەن بىلەن ؟ naM4X@jl  
__ ھەئە L 'H1\'o  
__ نېمە ئىش ئىدى مۇدىر ؟ قېنى ئېيتىۋېرىڭ . T? _$  
__ مۇنداق ئىش ئىدى . بۇ يىل مەكتىپىمىزگە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىشكە بىر نەچچە سان كەپتىكەن . شۇڭا بىر سانغا سىزنى ئەۋەتسەكمىكىن دەپ ئويلاشقان ئىدىم . سىز قانداق قارايسىزكىن ؟ v"=^?5B  
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالەمچە خۇشال بۇلۇپ كەتتىم .مەنمۇ مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن ئىدىم . E#8`X  
بۇ پۇرسەتتە بىلىم ئاشۇرغاندىن سىرت يەنە نېرۋامنى ئارام ئالدۇرالايتىم . %e:VeP~  
__ مېنىڭ نېمە پىكرىم بولسۇن ، سىلەر تاللىغانكەنسىلەر ئەلۋەتتە بارىمەندە . Ku56TH!Py  
مۇدىر سۆزۈمنى ئاڭلاپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى . !j( v-pQf"  
__ شۇغىنىسى ۋاقتى 2يىللىق ئىكەن . سىز بەرداشلىق بېرەلەمسىزكىن ؟ FpCj$y~3  
__ كېرەك يوق مۇدىر ، ئۇزۇن بولسا مەيلى . 2يىلنى ئۇنچە ئۇزۇن دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . h"M}Iz~|V?  
شۇنداق قىلىپ مەن ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا بارىدىغان بولدۇم . ياتاق ۋە تاماق خىراجىتىنى مەكتەپتىن كۆتۈرىدىغان بولدى.بۇ پۇرسەتنىڭ كەلگىنىدىن ئالەمچە خۇشال بولدۇم .بىر ھەپتە تەييارلىق قىلىپ ، ئاتا-ئانامنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتىم .ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن چوڭ ، چىرايلىق شەھەر ئىكەن . بۇ يەرگە كېلىپ قايغۇ-ھەسرىتىمنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنۇتقان ئىدىم .مانا ھازىر كۈنلىرىم دەرس ئاڭلاش،بىكار بولغاندا كىتاپ كۆرۈش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى . ئۆيدىكىلىرىممۇ دائىم ئەھۋالىمنى سوراپ تىلاۇن قىلىپ تۇراتتى . [m!$01=  
ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىللىق ئوقۇشۇممۇ پۈتۈپ قالدى . ئىككىنچى يىللىق ئوقۇشۇمغا غەلبىلىك كىرىۋالدىم .يەنە كۈنلىرىم شۇنداق رېتىملىق ئۆتمەكتە. بۇرۇنقى كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى كۈنلىرىم شۇنداق ئەركىن ، ئازادە . ئائىلىمىزدىنمۇ خۇشاللىق خەۋەر يېتىپ كەلدى . ئاپامنىڭ دېيىشىچە ئاكامنىڭ سودىسى يۈرۈشۈپ شۇنداق كۆپ پايدا ئالغان بۇلۇپ،ئۆينى قايتىدىن يېڭىلاپ سالغان ئىدى.يەنە تېخى مەن قىشلىق تەتىلدە قايتىپ بارسام ئاكام توي قىلىدىكەن.ئاكام ئائىلىنى دەپ تاھازىرغىچە توي قىلمىغان بولۇپ، ئاكامنىڭ تەڭتۈشلىرىنىڭ نەچچىدىن بالىسى بولۇپ بولغان ئىدى.بۇلارنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولدۇم.مانا ھازىر قىشلىق تەتىلنىڭ تېزرەك كىلىشىنى ساقلىماقتا ئىدىم . مەن كۈتكەن قىشلىق تەتىلمۇ تېزلا يېتىپ كەلدى . مەن بازاردىن ئائىلىدىكىلەرگە ۋە ئۇرۇق-تۇققانلارغا سوۋغاتلىق ئېلىۋېلىپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم . ئۆيدىكىلەر ئاللىبۇرۇن توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ ، تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغان ئىدى . مەن قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاكامنىڭ تۇيى بولدى . مەن ئاكام ئالىدىغان قىزنى توي كۈنى سەھەردە ئۇچراتتىم . ئۇ قىز ئۇرۇق ، ئېگىزگىنە كەلگەن چىرايلىق قىز ئىدى . lg;`ItX]  
توي شۇنداق ياخشى داۋاملاشتى . ھەشەمەتلىك بېزەلگەن توي ماشىنىسى رېستۇراننىڭ ئالدىغا تىزىلدى. IiS1ubNtZ  
ئەمدى قىزنى يۆتكەپ كەلسەكلا بۇلاتتى.ئۇرۇق-تۇققانلار قىزنى يۆتكەش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتۇق.ئارىلىقمۇ بەك يىراق ئەمەس ئىدى.بىردەمدە يېتىپ كەلدۇق.ئالدىمىزغا نۇرغۇن كىشىلەر چىقىپ قارشى ئالدى . قۇدا ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق . سالاپەتلىك كىيىنگەن ، ئوتتۇرا ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئايال ئاپامدىن باشقىچە ئەھۋال سوراپ كەتتى." قارىغاندا ئاكامنىڭ قېينئانىسى مۇشۇ ئوخشايدۇ ؟" دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە . بۇ رېستۇراننىڭ ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم . كۆزلىرىم تۇيۇقسىز تۇنۇش بىر گەۋدىنى ئۇچرىتىپ قالدى . بۇ باشقا بىرسى ئەمەس ، دەل ئەكپەر ئىدى . ئارىدىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئەكپەر قىلچىلىك ئۆزگەرمىگەن ئىدى . كۆڭلۈم بىرقىسىما بۇلۇپ قالدى ، بىراق چاندۇرمىدىم . بۇ يەردە شۇنداق ياخشى مېھمان بولدۇق . ئەمدە ھەممەيلەن دۇئا قىلىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقان ئىدى . مەن چاققانلىق بىلەن ئاكامنىڭ يېنىغا باردىم . ئاكام مېنى ئايالىغا تۇنۇشتۇرۇپ قويدى . ئۇنىڭغىچە ئەتراپقا ئاپام ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلىشقان بولۇپ ، ھەتتا ئەكپەرمۇ ماڭا يېقىنلا يەردە تۇراتتى . كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى . كۆزۈمنى باشقا يەرگە قاچۇردۇم . ئاكام ماڭا يېڭى ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇنۇشتۇردى . بايام ئاپام بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقان ئايال دەرۋەقەمەن ئويلىغاندە ئاكامنىڭ قېيىنئانىسى ئىدى.ئاكام قېيىنئاتىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ بولۇپ،ئەكپەرنى J4xt!RW!  
ئىما قىلدى.يۈرۈكۈم تېز سېلىپ كەتتى.ئەكپەرنىڭ چىرايىغا قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن يەرگە قارىۋالدىم . بىراق كەينىدىنلا ئېيتىلغان سۆز مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى . قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم . ماڭا تېلىفۇندا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغان ، ئاپام بىلەن چوڭقۇر سالاملىشىپ كەتكەن ، مېنى نۇرغۇن ئازاپقا دۇچار قىلغان ، مېنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ ، ئوغلىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان ئاشۇ ئايال ئاكامنىڭ قېيىنئاپىسى ئىدى . "ئاھ خۇدا ، مېنىڭ قايسى گۇناھىمغا مېنى مۇشۇنداق جازالايسەن ؟! ئەمدى تېخىمۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدىغان بولدۇمغۇ ؟ " ئۆز-ئۆزۈمگە نىدا قىلدىم . بىراق بۇ تىراگىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىپ بولغان ئىدى . بۇنى ئەمدى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ . بۇ بىر چۈش بولۇپ قالغان بولسىچۇ ، مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ گۈزەل ئەتەمگە قەدەم قويسام . بىراق بۇ رىئاللىق ، بۇ تەغدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقى .

sansiz09032011-02-17 11:28
قوش قۇدا بولىدىغان ئېسىل پۇرسەتكەنغۇ؟   p+#uPY1#  
c R[DT04  
تېما يامان ئەمەس چىقىپتۇ... ۋەقەلىكىمۇ بىر قەدەر ياخشى.... تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. %~}9#0h)  
HVh+Z k  
vAHJP$x  
تېمىنى نىگارغا باغلىۋالماڭلار ھە؟  نىگارنىڭ تېخى مابىتى يوق  

yangin2011-02-17 11:44
مۇنداق نىمىلەرنىمۇ يىزىپ قويىمەن دەڭ.......... ياخشى يىزىپسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ،،،،،،،،،،، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

taxna2011-02-17 12:00
ئاز بىرقىسىم يەرلىدىكى ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ قالدىم !!!

جىم تۇرماس2011-02-17 12:35
ئەجقەپ تېزلا ئاخىرلاشتىغۇ؟.......... EX|Wd|aK  
نىگارخاننىڭ مابىتى يوقكەندە.............   

sansiz09032011-02-17 12:45
نەقىل
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى t.t.taxnaدە2011-02-17 12:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : L-??%_=  
ئاز بىرقىسىم يەرلىدىكى ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ قالدىم !!! }E0~'  
lqe|1vN  
ئۆزلىرىنىڭ بىر سىزىق كەلمەيدىغان ئىنكاسلىرىدا ئىملا خاتالىقى بولغان يەردە، بۇ تېمىدا ئىملا خاتالىقى بولۇش ئادەتتىكى ئىش

salamet2011-02-17 14:02
تەقدىرنىڭ چاقچىقى ئاجايىپكەن، ئۇ ئايال قۇدا ھەجەپ قىزىنى شەھەر باشلىقىغا بەرمەي قاپتۇغۇ؟ c<bV3,  
ئىسىت ئۇ قىز كەمبەغەل يىگىتكە كېلىن بۇلۇپ قاپتۇ؟ p!B& &)&db  
  ئاز تولا<يەنە بىر كۆرسەم> فىلىمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن... +O"!*  
ئاخىرىدا ئۇلار راستلا قوش قۇدا بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟؟؟

gulzar2011-02-17 15:02
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىر نەرسە دىمەك بەك قىيىن بايغىمۇ بىر كۈن كەچ بولسا  bi/ AQ^  
.j^tFvN~L  
كەمبەغەلگىمۇ بىر كۈن ئوخشاش كەچ بولاۋىردۇ ، بىرى شۇنچە خۇش پۇراق !l NCuR/T  
6Cw+  
گۈلنىڭ قەدىرگە يەتمىسە يەنە بىرى شۇنچىلىك . قەدىرلەپ . ئارزۇلاپ. پۇرايدۇ ,2oFt\`.r  
$~7uDq  
ئاشۇ خۇشپۇراق گۈلنى !

arman2011-02-17 16:16
ئىملا خاتالىقى چوڭ گەپ ئەمەس   T*o!#E.  
نىگار قىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن، بىراق ھىكايىنى يەنە داۋاملاشتۇرسا  خېلى جەريان چىقىدىغاندەكلا...ۋەقەلىك راۋاجلىنىپ كىتىپ بېرىپ شۈكلا توختاپ قالغاندەكلا...بۇلار مىنىڭ شەخسى پىكرىم،تەنقىد ئەمەس

sansiz09032011-02-17 16:17
نەقىل
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى dil-yarisiدە2011-02-17 16:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : B>}B{qi|  
ئىملا خاتالىقى چوڭ گەپ ئەمەس   {x,d9I  
نىگار قىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن، بىراق ھىكايىنى يەنە داۋاملاشتۇرسا  خېلى جەريان چىقىدىغاندەكلا...ۋەقەلىك راۋاجلىنىپ كىتىپ بېرىپ شۈكلا توختاپ قالغاندەكلا...بۇلار مىنىڭ شەخسى پىكرىم،تەنقىد ئەمەس n'To:  
_Z>n y&   
100% توغرا ئىنكاس بوپتۇ...

lukman2011-02-17 19:28
خىلى ياخشى يىزىپسىز،تىرىشسىڭىز ئاۋازلىق ئەسەرمۇ يازالىغۇدەكسىز،

خۇشخۇي2011-02-17 19:38
بىرە ئەسەرگە ئوخشۇتۇپ قالدىممۇ،ۋەقەلىكى ھەجەپ تونۇشيا؟!!!     

kurbanjanmamat2011-02-17 20:43
               بارىكاللا

nigar2011-02-17 22:22
نەقىل
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى tanha230دە2011-02-17 19:38يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : A#{I- *D[  
بىرە ئەسەرگە ئوخشۇتۇپ قالدىممۇ،ۋەقەلىكى ھەجەپ تونۇشيا؟!!!       AQtOTT$  
P^ht$)Y  
@NiLKcL#  
بەلكىم بىرەر ئەسەرگە ئوخشايدىغاندۇ . بىراق بۇنى مەن ئۆزۈم يازغان . GO"E>FyB  
بۇ باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئەمەس .

nigar2011-02-17 22:28
نەقىل
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى dil-yarisiدە2011-02-17 16:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 9. ,IqnP  
ئىملا خاتالىقى چوڭ گەپ ئەمەس   ;mr*$Iu7|  
نىگار قىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن، بىراق ھىكايىنى يەنە داۋاملاشتۇرسا  خېلى جەريان چىقىدىغاندەكلا...ۋەقەلىك راۋاجلىنىپ كىتىپ بېرىپ شۈكلا توختاپ قالغاندەكلا...بۇلار مىنىڭ شەخسى پىكرىم،تەنقىد ئەمەس 0+)1K U)I  
^jcVJpyT@R  
EP90E^v^  
پىكرىڭىزگە رەھمەت !!! بۇ ئەسەرنى ئاخشام بەكلا يېرىم كىچىدە يازغان ئىدىم . a<]vHC7  
چارچاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئەسەرگە  ياخشى ئىشلىيەلمەي قاپتىمەن . Bk@EQdn  
ئەمدى مۇنبەرگە داۋاملىق كىرگۈدەك پۇرسەت چىقماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما پۇرسەت B/mfm 7  
بولسىلا بۇ ئەسەر ئۈستىدە قايتا ئىزدىنىپ داۋامىنى يېزىشقا تىرىشىمەن .

خۇشخۇي2011-02-18 11:59
نەقىل
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى nigarدە2011-02-17 22:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : W59xe&l  
SL\15`[{  
w4&\-S#  
بەلكىم بىرەر ئەسەرگە ئوخشايدىغاندۇ . بىراق بۇنى مەن ئۆزۈم يازغان . 1zCgPiAem  
بۇ باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئەمەس . +1\t 0P24  
v`Ja Bn  
Cy)QS{YX  
ئۇكام كۆڭەللىرىگە ئالمىغايلا....

uzyurt09982011-02-19 18:08
ياخشى يىزىپ سىز ،يەنە ياخشى ئەسرلەرنى يىزىپتۇرۇڭ.

salkin112011-02-20 16:55
تېمىڭىزغا تەشەككۈر ...

kizim2011-02-20 18:49
بەلەن چىقىپتۇ بۇئەسەر!تىرىشىڭ!

abdumejit2011-02-21 12:56
بەك ياخشى  تىما بوپتۇ . Y'#uZA3KA  
يا كۈلۈشنى يا قايغۇرۇشنى  بىلەلمىدىم . SO<9?uk.  
ئارزۇگۇلنىڭ ئازابىنى ھىساپقا  ئالمىغاندا بەك ياخشى بوپتۇ SDk^fTV8x  
    

piqan2011-02-27 17:44
بەك ياخشى چىقىپتۇ

wissal@1312011-03-16 21:02
بۇراس بولغان ئىشمۇ -؟ھەقىقى ياخشى يېزىپسىز  تېخىمۇ تىرىشڭ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.     

yawax2011-03-18 19:08
ياخسى يىزىپسىز  قالتىس يىزىپسىز ئالامەت يىزىپسىز  

yawax2011-03-19 18:14
مەن ھىكايىغا بەك ئامراق بولسا كۇندە بىر ھىكايە يوللاپ تۇرىگە .......

alam2011-03-20 02:28
ھىكايىڭىزنىڭ بايانى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ،بىزە تىرىشچانلىق كورسەتكەن بولسىڭىز ،،پوۋىست،،پۇتۇپ چىقاركەن. Jb-.x_Bf  
تىرىشىڭ ،قەلىمىڭىزگە كۇچ-قۇۋۋەت تىلەيمەنسالامەت بۇلۇڭ.

k.majnun2011-03-20 14:23
ياخشى يىزىپسىز. راستىنلا تەقدىرنىڭ چاخچىقى بوپتۇ  بۇ. مەن تىخى ئەكبەرنى ئىرادىلىك بۇلۇپ  سڭزنىڭ يىنىڭىزغا قايتىپ كىلەمدىكىن دەپتىمەن.ئۇ راستىنلا توي قىلامدۇ......... سىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئازاپقا دۇچار بوپسىز .بىراق ۋاقىت ئەڭ ياخشى چارە ....ماڭىمۇ ئوقۇشقا بارىدىغان پۇرسەت كەلگەن بولسىچۇ...ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى ياراتماسلىققا ھەققى يوق دۇنيا بۇ...........

nigar2011-03-20 14:53
نەقىل
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى k.majnunدە2011-03-20 14:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : D3%2O`9  
ياخشى يىزىپسىز. راستىنلا تەقدىرنىڭ چاخچىقى بوپتۇ  بۇ. مەن تىخى ئەكبەرنى ئىرادىلىك بۇلۇپ  سڭزنىڭ يىنىڭىزغا قايتىپ كىلەمدىكىن دەپتىمەن.ئۇ راستىنلا توي قىلامدۇ......... سىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئازاپقا دۇچار بوپسىز .بىراق ۋاقىت ئەڭ ياخشى چارە ....ماڭىمۇ ئوقۇشقا بارىدىغان پۇرسەت كەلگەن بولسىچۇ...ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى ياراتماسلىققا ھەققى يوق دۇنيا بۇ........... o"_'cNAz  
l5\V4  
< fV][W  
بۇ ئەسەر پەقەت مېنىڭ ئىلھامىم خالاس . مەن تېخى كىچىكلا قىز بالا . j#Tl\S!m.I  
بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىش ئەمەس . 9C0#K\  
سىزمۇ بۇ ئەسەردىكىدەك قىسمەتكە دۇچار بولغان بولسىڭىز ، سىزنىڭ يەنىمۇ ئىرادىلىك بۇلىشىڭىزنى $L?KNXHAF!  
ئۈمىد قىلىمەن . ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ . m^=El7+  
ياش تۆكۈش بىھاجەت ۋاپاسىز يارغا ، j4+Px%sW  
ئۇنداقلار بىلمەيدۇ ۋاپا قەدرىنى .

omak-xum2011-03-20 15:18
دوستۇم    نىىگار بەك ياخشى يېزىپسز  .   تېخىمۇ  تىرىشڭ    

k.majnun2011-03-20 16:11
راسىت دەيسىز ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ . بىراق يۈرەكتە ئۆچمەس داغ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئىنسان بولغاندىكىن ئەسلىمىلەرنى ئانچە -مۇنچە ئەسلەپ قالىدۇ،كىشى........

$$zubayda$$2011-03-22 10:56
بەك  ياخشى  يېزىپسىز  ئاخرى  باردۇ  تېخى؟

gulsiri2011-03-23 17:08
نىگار تېخمۇ تىرشىڭ .سز گە ئۇتۇق تىلەيمەن . ياراتققان ئاللا قولڭزغا دەت بەرمسۇن . تىرشقان تاغ ئاشار دەپتىكەن  

tumarim2011-03-23 17:25
     دوستۇم نىگار بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . qq]Iy=  
    مەن سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى  ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. {svo!pN:  
    ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن!!!!

karluk2011-05-28 00:48
بۇ ئەسەردە تەسىرلىك ئەدەبى تىلى بولمىسىمۇ سىيۇژىتى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.بۇلۇپمۇ ئاشۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئازاپلىرغا ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ قايغۇرۇپ ھەمدەم بۇلۇپ بىرىشى ئادەمنى تۇلىمۇ تەسىرلەندۇردۇ.بۇ ئەسەر ئىگىسىنىڭ ئۇستازىغا نەقەدەر ھۆرمىتى بارلىغىنى ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلىغىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپتۇ.ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئەكپەر بولسا تۇزكور يىگىتلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى بۇلۇپ تىراگىدىينىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئەڭ ھالىقىلق رول ئوينىغان.پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچى. ng"=vmu  
نىگارقىز گەرچە كىچىك قىز بولسىڭىزمۇ سىزدە يېزىقچىلىقنىڭ تەبئى تالانتى بار ئىكەن.مۇشۇ بۇيچە راۋاجىلاندۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.رەخمەت سىزگە.

hanzada2011-07-16 02:29
تەپسىلىي يىزىپ چوڭ ھەجىملىك چىقارغان بولسا تىخىمۇ مۇكەممەل چىققۇدەككەن  رەھمەت  

mawlanjan2011-08-02 07:43
تېخموتېرشڭ سزگە ئۇتۇق تېلەيمەن       


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تەغدىرنىڭ چاقچىقى (نىگار) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.030089 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us