ئوغرىنىڭ ئاقىۋىتى <rK=9"$y(t qJ[@:&: نىگار Ri?\m!o [ug,jEH"S CdhSp$> بۈگۈن يەكشەنبە . بازار كۈنى . ئادەتتە ھەر ھەپتىنىڭ بۇ كۈنى شەھرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق بازىرى ئالاھىدە قىزىپ كېتىدۇ . بۇ كۈنلۈكتە بازاردىن سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە .... مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۇخۇ سۈتىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى تاپقىلى بۇلىدۇ . ھەپتىدە بىر بۇلىدىغان بازار بولغاچقىمۇ ، كېلىدىغان ئادەممۇ بەكلا كۆپ . ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن قىستىلىپ دېگۈدەك بازارنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە ئاران بارغىلى بۇلىدۇ . ھەقىقىي مىللىي پۇراقنى كۆرەي دېسە مانا مۇشۇ بازارنى كۆرسە بۇلىدۇ . شەھرىمىزنىڭ باشقا جايلىرى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ بازار يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇپا ھالىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە . T<jfAE مەن تەتىل قىلىپ كەلگەندىن بۇيان تۈزۈك سىرتلارغا چىقىپ باقمىغان ئىدىم ، بۈگۈن دادامنىڭ " ئۆيدە ئولتۇرىۋەرمەڭ ، مەن سىزنى دېھقان بازىرىنى ئايلاندۇرۇپ كىلەي " دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن بازارغا بىللە باردىم . مەنغۇ بۇ بازارغا بېرىشنى ئانچە ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيمەن . چۈنكى تۇپا-چاڭ بولغاندىن سىرت يەنە J l7z|Q S بەكلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ . بۇ بازارغا بىر كۈن كىلىپ قويسام نەچچە كۈن بېشىم ئاغرىپلا كېتىدۇ . @eQld\h' بىز بازارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق . ئالدىمىزغا بىر نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭماستىنلا ئۈچ چاقلىق موتۇدا كىرا قىلىدىغانلا " يېڭى بازارغا بارامسىلەر ؟ نەگە ئاپىرىپ قۇياي " دېگەندەك سۇئاللارنى سوراپلا كەتتى .مەن ئۇلارنى "ياق" دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپلا ، قىستىلىپ دېگۈدەك دادامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم . بىز سەي-كۆكتات ساتىدىغان ئورۇندىن بىر نەچچە خىل سەينى ئېلىپلا ، قايتىپ كېتىش ئۈچۈن كەينىمىزگە ياندۇق . يەنە قىستىلىپ دېگۈدەك بازارنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاران بېرىۋالدۇق . `"y{;PCt_ بازارنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئەتراپىغا شۇنداق كۆپ ئادەم ئولىشىپ قالغان ئىدى .كىچىك چاغلىرىمدا پات-پات سېرىكچىلەر كىلىپ ماھارەت كۆرسىتىپ تۇراتتى . كۆڭلۈمدە شۇلارنى ئويلاپ دادامنىڭ توۋلىغىنىغىمۇ قارىماستىن ئادەملەر توپلاشقان ئورۇنغا كەلدىم . قىستىلىپ ، باشقىلارنى ئىتتۈرۈپ دېگۈدەك سورۇننىڭ ئوتتۇرىغا كىرىۋالدىم. Ht=$] Px توۋا ، ماۋۇ مەنزىرىنى كۆرۈڭ . بىر ياش يىگىت كالتە ئىشتىنىدىن باشقا ھەممە كىيىملىرى سالدۇرۋېلىنغان ھالەتتە ، ئەتراپتىكىلەردىن خىجىل بولۇپ پەسكە قاراپ تۇراتتى . گىرىمنى قېنىق قىلىۋالغان ، چاشلىرىنى شۇنداقمۇ بىر غەلىتە ياسىغان ، سېمىزلىكىدىن كىيىۋالغان چاپىنىڭ تۈگمىسىمۇ يىشىلىپ كەتكەن بىر ئايال زۇۋانىنى بۇلۇشىغا قۇيۇپ بېرىپ ۋارقىراپ سۆزلەۋاتاتتى . /! ^P)yU, _ ئۆتكەن ھەپتىدە بازارغا چىقسام ، بىر مۇنچە پۇللۇرۇم يوق ، بۇ ھەپتىمۇ يەنە پۇللۇرۇمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ . k0&lu B% "پۇلىمنى قايتۇرۇپ بەر" دەپ چىرايلىق دېسەم ، گېپى يەنە مېنىڭكىدىن چوڭ . بۇ نېمىلەرگە بىرەر قېتىم ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويمىسا ، ئادەم بوزەك قىلىمەن دەپ ئارانلا تۇرغان . V;[p438o ئايال ئەمدى تېخىمۇ زۇۋانىنى قۇيۇپ بېرىپ ۋارقىراشقا باشلىدى . تاماشا كۆرگىلى ئولاشقاننىڭ ئارىسدا بىر نەچچە مويسىپىت بوۋايلار بۇلۇپ ، ئۇلار بۇ ئايالنى نەسىھەت قىلىشىپ : -l.pA(O _ بولدى قىلىڭ ئۇكام ، بۇ سوغۇقتا بۇ ياشنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۋالسىڭىز بۇ ياش توڭلاپ كەتمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىڭە ، بۇ ئۇكاممۇ خىقىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىۋاتسا . E#h~V5Tf _ ئۇ پۇلۇمنى ئوغۇرلىۋالغان تۇرسا يەنە ئۇنى ئايان نېمە قىلاي . بۇنداق نېمىلەرگە مۇشۇنداق قىلغۇلۇق .ياشقا چوڭراق كەلگەن بىر ئايال بۇ " ئوغرى " بالىغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق ، سومكىسىنى ئاختۇرۇپ : `Wf5 _ نەچچە پۇلىڭىز يۈتۈپ كەتتى سىڭلىم ؟ بۇ بالىنى خىجىل قىلماڭ . پۇلىڭىزنى مانا مەن تۈلەپ بېرەي . 2lz{_9 ئايال شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىنىڭ يانچۇقىدىن 300يۈەن پۇلنى چىقىرىپ ، بۇ زۇۋاندار ئايالغا تۇتقۇزۇپ قويدى . زۇۋاندار ئايال دەل مۇشۇنى ساقلاپ تۇرغاندەك رەخمەتمۇ دېمەستىن " ئوغرى " بالىغا قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ : M]ap: _ ئەمدە ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر ، ئىككىنچى قايتا تۇتىۋالىدىغان بولسام ... vwrRZ"2 _ بولدى قىلىڭ ئەمدە ، پۇلنىمۇ ئالدىڭىز ... uZ[/%GTX{) ئەتراپتا تۇرغانلار ئۇ زۇۋاندار ئايالغا بىر-ئىككى ئېغىزدىن نەسىھەت قىلىپ ئاران يولغا سالدى . بايىقى مېھرىبان ئانا بۇ "ئوغرى "بالىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ زۇۋاندار ئايال تاشلاپ قويغان كىيىملىرىنى ئالدىغا ئېلىپ بەردى . ئەتراپتىكىلەر ئاستا-ئاستا تارقىغىلى باشلىدى . مەن ئۇ بالىغا يەنە بىر قاراپ قويدۇم . ئۇ بالا قاراشتىن يامان بالىدەك كۆرۈنمەيتتى ، بىراق ئادەمگە سىرتىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمايدۇ دە .بەلكىم بۇ بالا راستىنلا ئوغرىدۇ . ئەگەر راستىنلا ئوغرى بولسا بۇنىڭمۇ بەك ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق . ئوغرى بولماي قالسا ،ھەي بىچارىگە ئۇۋال بوپتۇ . چىگىش خىياللار ئىچىدە مەنمۇ بۇ جايدىن ئايرىلدىم . +{&+L0DfH~ ?Leyz بۇ بىر ھەقىقىي ئىش . بۇنداق ئىشلار ۋە ئوغرى يانچۇقچىلار سىلەر تەرەپلەردىمۇ بار بۇلۇشى مۇمكىن . شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! بۇنى يېزىش ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ ناچار ئىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئەمەس، بەلكىم كىشىلىرىمىزنى توغرا ،ھالال يوللاردا مېڭىىشقا دەۋەت قىلىش . |