رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سېغىنىش(ھېكايە) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تور ئەسەرلىرى -> سېغىنىش(ھېكايە) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yulgun2011-02-08 10:55
سېغىنىىش QX[Djz0H8  
 تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن >(X #<`  
مەن دۇنيادىن ئاغرىنايمۇياكى دۇنيا مەندىن مەندىن ئاغرىنسىنمۇ؟ۋە ياكى بولمىسا مەن... "\e:h|.G  
4&Byl85q  
تەنھالىق قاپلىغان خانەمدە غېرىپسىنىپ  ئولتۇرىمەن.خوتۇنۇمنىڭ ساڭا كىتاپ لازىممۇ،ئۆي لازىممۇ ياكى مەن لازىمۇ...؟ دەپ كۆزۈمگە كىرىۋالغىنى غوۋا ئىسىمدە... مەن ئۆز ۋاختىدا نىمە دېگەن بولغىتىم؟ھە ئىسىمگە كەلدى:ماڭا كىتاپ لازىم ،باشقىسى بەرىبىر...كىتاپلىرىڭ بىلەن يات،كىتاپلىرىڭنى قۇچاقلاپ سۆي...كۆڭلۈم بىر كۈنمۇ سۇ ئىچمىدىغۇ سەندىن...خوتۇنۇمنىڭ شۇنداق دەپ ۋالاقشىغىنىچە، بوغچىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ،ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنى كۆز ئالدىمدىن لىپپىدە ئۆتۈپ كەتتى.بۇ ئىشلارغا قانچە ئۇزۇن بولغاندۇ؟ بىر ھەپتە،بىر ئاي،بىر يىل،ئون يىل بەلكىم يېرىم ئەسىر بولدۇ... G6ayMw]OF  
pmD4j8F_  
  مۇڭلانغان خانەم بارغانچە كىچەكلىمەكتە.خانەملا ئەمەس پۈتۈن يەر شارى كىچىكلىمەكتە.يۈرىكىم بارا-بارا ئاغزىمغا تىقىلماقتا.بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قىلىمەن،لېكىن مېنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىم نۇرغۇن ...مەن ھاياتلىققا قايىتقاندىن كېيىن  قەلبىمنىڭ چاڭقاقلىقىنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ قېنىپ باققانلىقىنى ئەسلىيەلمەن،لېكىن ھەممىگە مەلھەم بولىدىغان بىر خىل ئۇسسۇزلۇق ئىزدەپ يۈرگەنلىكىمدىن مەڭگۈ تېنىۋالالمايمەن.مەن ئىزدەپ يۈرگەن بۇ ئۇسسۇزلۇق قەيەردە؟ نەدە ؟ ھەر كۈنى تىنىمسىز ئىزدەپ يۈرىيمەن... R{HV]o|qk  
o]Gguw5W{  
گۇگۇم ، قاراڭغۇلۇق خانەمنى ئاستا-ئاستا چاڭگىلىغا ئېلىۋاتىدۇ،يۈركىم بىر ئەنسىزلىككە تۇتقۇن بولماقتا.خانەم ئىچىدە تاراق-تۇرۇق قىلغان  ئاۋاز كۆپۈيۈپ قالدى.-بەلكىم ئېچىرقاپ كەتكەن يۈزى قېلىن، تويمىغۇر چاچقانلار مەشخۇلىيىتىنى باشلىۋەتكەندۇ؟...بىرتوپ قۇرۇت-قوڭغۇز،زەھەرلىك يىلان-چايانلار خانەمگە باستۇرۇپ كىردى...ئېچىرقىغان  بىر توپ چىلبۆرە ماڭا تاشلاندى...بىر توپ تۈلكۈلەر چىرايلىق كىيىنىپ،گالاستۈك تاقاپ تۆردىن ئورۇن ئالدى...يىلىكىمدە ئىسمى تېخى نامەلۇم بىر زەھەرلىك مەخلۇق  مىدىرلاشقا باشلىدى...يۈرىكىمدە چەكسىز كەتكەن بوشلۇق... "!O1jr;  
]*qU+&  
كۈيۈپ-پىشىپ ئالغان خۇتۇنۇڭ چاقماي،كۆڭلىڭنى خوش قىلىپ،جېنىڭنى ئاغرىتماي قېنىڭنى شورايدىغان ھەقىقى يىلان... ~W<CE_/]k  
hk%k(^ekU]  
مەن ئاخىرى ئۆلۈۋېلىش قارارىغا كەلدىم.مېنىڭ تۇرۇپلا ئۆلىۋالماقچى بولغانلىقىم سەۋەپسىز ئەمەس ئىدى.دۇنيادا كىممۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ؟مەنمۇ كىمنى ياخشى كۆرىمەن؟...سەن،مەن،ئۇ...ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ قانچىلىكلىكى بار؟مەن شۇلارنى ئويلاپ تېزراق مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن،پىچاقنى قولۇمغا ئالدىم...مەن ئەڭ سۈيۈملۈك نەرسىلەردىن ئايرىلدىم ،ئۇلار،خوتۇنۇم،كىتاپ،شئېر... @}Zd (o  
MaO"#{i  
خوتۇنۇم مېنىڭ كىتاپ پۇرۇچلۇقىمدىن زىرىكىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ بېرىۋالدى. kY"KD22a  
LN4qYp6)G  
كىتاپلىرىمنى بىر كېچىدىلا چاچقانلار قىرىپ،ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرىۋەتتى... Ve}[XqdS^p  
LXj5R99S  
ئون نەچچە يىلدىن بىرى يازغان شېئرلىرىم ئوت كىتىپ كۆيۈپبىر دۆۋە كۈل دۆۋىسىگە ئايلاندى.مەن گاللىشىپ كەتكەن پىچاقنى ئۇپراپ كەتكەن بىلەيگە بىر ھازا بىلىگەندىن كېيىن ،يۈرىكىمنى چەنلەپ ئىگىز كۆتۈردۈم...بۇ دۇنيانىڭ خوش بولغىدەك نىمىسى بار؟...ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۈلۈپ باقمىدىم،كۈلۈشنى بىلمەيمەن ئەمەس بىلىمەن،لېكىن مەن كۈلگىدەك ،خۇشال بولغىدەك شەرت-شارائىت مەندە يوق...ئۆلۈم مېنىڭ ئەڭ دەسلاپقى ھەم مەڭگۈلۈك ئەركىنلىكىم .ئۆلۈملا مېنى ھەممىدىن ئازات قىلالايدۇ...مەن پىچاقنى كۆرىكىم ئۈستىدە ئوينۇتۇپ تۇرۇپ شۇلارنى ئويلىدىم،ئەمدى قاراپ تۇرسام بولماس،بىر...ئىككى...ئۈ...ئۈ...ياق بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسەم بولمىغىنى...مەن نىمىشقا،نىمە ئۈچۈن ئۆلىۋالىمەن؟!...جەمىيەت بېسىمى ... بۇلغانغان مۇھىيىت بېسىمى ...تۇرمۇش بېسىمى...خوتۇن بېسىمى...مۇشۇلار  ئۈچۈنما؟ئالۋاڭ-ياساقلارنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى،مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى،ئادەملەرنىڭ كۈندىن كۈنگە نامراتلىشىشى،تەلۋىلىكى،تاش يۈرەك،رەھىمسىزلىكى ئۈچۈنما؟ۋە ياكى بولمىسا ئەتراپىكدىكى ئادەملەرنىڭ دۆت،نادانلىقى،مۇھەببەت –نەپرىتىڭنىڭ مۈجۈمەللىشىپ كېتىشى،شەپقەتسىزلىكى،ئەقىلسىزلىكى،ئاجىزلىقى،ۋاپاسىزلىقى،قۇل مىجەزلىكى ئۈچۈنما؟؟؟...مەن شۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇۇقسىزلا قېرىداشلىرىمنىڭ بۆرە  گۆشىگە راسا بىر قېتىم تويۇپ  بېقىىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئەتىراپىمدىكى ئادەملەر قوي گۆشىنى يەۋىرىپ قوي مىجەز بولۇپ كەتكەن  ئىدى. مەن ئادەملەرنىڭ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى  روھىنى  قاتتىق سېغىنغان ئىدىم...قوللىرىمغا نەيزە ،قىلىچ، ئوغاق،توقماق،ئارا...قاتارلىقلارنى ئېلىپ ،ئۆزلىرىنى بۇزەك قىلغان، ھالال رىسقىغا چاڭ سالغان دەيۇز ،نۇمۇسنى بىلمەس مەككارلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرىۋاتقان ئاجايىپ قەيسەر ،باتۇر،قورقۇمسىز ئەزىمەتلەرنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى...مەن قورقىغىنىمدىن دىرىلدەپ تىترەشكە باشلىدىم.ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ-نەپرەت ئۇچقۇنلىرى مېنى رەھىمسىزلەرچە قامنچىلاۋاتاتتى... 4:7mK/Z  
!^e =P%S  
-ۋايجان، ماڭا رەھىم قىلىڭلار،مەن بۇلغانغان قېنىمنى تازلاپ، قولۇمغا ئوچ مىلتىقى ،قىلىچ-نەيزە ھىچ بولمىغاندا كۆسەي بولسىمۇ ئالاي ماڭا ئاخىرقى بىر قېتىم. پۇرسەت بېرىڭلار... 44\cI]!{  
+L0w;wT  
يىراقتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى قۇلۇمغا غۇۋا ئاڭلىنىشقا باشلىدى.دە،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ئاجايىپ بىر خىل ئىللىق سىزىم قېنىمغا قوشۇلۇپ يامراشقا باشلىدى.مەن شۇ چاغدىلا ناماز شام بولغانلىقىنى بىلدىم.ئەزان ئاۋازى تېخىچىلا بوشلۇقتا ياڭراۋاتاتتى. $IVwA  
T dk,&8  
-ھەي،ئەلەلپالاۋۋۋ... hN3u@P^  
Dw_D+7>(v  
بۇ ئاۋاز شۇقەدەر مۇڭلۇق،مىسكىن ھەم سۈرلۈك ئىدى.يۈرىكىم شۇررىدە ئىرىگەندەك بولۇپ،كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش تىقىلدى.ئەزان ئاۋازنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھەسرەتلىك بىر ناخشا ئاڭلىنىشقا باشلىدى. }XR : 2  
\}5p0.=  
گۈللەر قاچان ئېچىلاردۇر، >xqM5#m`E$  
جىنلار قاچان كېتەردۇر.... .$!{-v[  
يۈرىكىم قاتتىق سانجىلىپ ئاغرىپ كەتتى.كۆكرىكىمنى تۇتقىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم.قانچىلىك ئولتۇرغىنىم ئىسىمدە يوق.ئاخىرى چىشىمنى چىشلەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ،دىرىزىنىڭ قاناتلىرىنى كەڭ ئېچىۋىتىپ،ھەسرەتلىك ئەمما يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئوقۇشقا باشلىدىم. Md,pDWb  
AQss4[\Dx  
مەن ناخشا ئوقۇۋاتامدىم ياكى ناخشا مېنى ئوقۇۋاتاندۇ بۇ ماڭا قاراڭغۇ. AVl~{k|  
t\4[``t  
ئەسلى روھىڭنى تاپقاندا، "Pz}@=  
گۈللەر كۈلۈپ ئېچىلاردۇر... $s\UL}Gc  
قولۇڭغا قىلىچ ئالغاندا، >?lOE-}^  
جىنلار بەدەر كېتەدۇر... V0*3;n  
قەلبىمدە دەھشەتلىك سېغىنىش ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى... X^@ I].  

kokyar12011-02-08 11:38
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن HYK!}&  
لىكىن قۇرۇلما جەھەتتىن ھىكايە ئەمەس بەلكى نەسىرگە يېقىنراق كۆردۈم. 4)6xU4eBaL  
بىر قاراشتا غەپلەت ئۇيغۇسىدا دىگەن ئەسەرگىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن. =1p8 i  
"TcW4U9  
يازما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

sansiz09032011-02-08 11:40
سىز ئۆلمەيسىز يۇلغۇنكا سىز ھەرگىز ئۆلمەيسىز... ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپتىكەن كونىلار   (چاقچاق) }G o$\Bk  
1g# #sSa6  
بۇ ئەسەرنى ھەر بىر مۇنبە رئەھلىنىڭ تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. روھىيىتىڭىزدىكى داۋالغۇشلار شۇنىڭ بىلەن يوقۇلۇپ، ئويغىنالماي جاھالەتتە قالغان ھېس تۇيغۇلىرىمىزنى ئويغىتىدىغان ئېسىل ئەسەر ئىكەن.

yulgun2011-02-08 12:30
نەقىل
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى sansiz0903دە2011-02-08 11:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : #07gd#j4  
سىز ئۆلمەيسىز يۇلغۇنكا سىز ھەرگىز ئۆلمەيسىز... ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دەپتىكەن كونىلار   (چاقچاق) (knp#   
ja=F7Usb  
بۇ ئەسەرنى ھەر بىر مۇنبە رئەھلىنىڭ تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. روھىيىتىڭىزدىكى داۋالغۇشلار شۇنىڭ بىلەن يوقۇلۇپ، ئويغىنالماي جاھالەتتە قالغان ھېس تۇيغۇلىرىمىزنى ئويغىتىدىغان ئېسىل ئەسەر ئىكەن. !n^OM?.4  
u{["50~  
ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەخمەت ئۇكام سەنسىز.بارلىق ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!ئۆلمەيدىغان كىم بار،ئۆلۈمگە ھەردەم تەييارلىق قىلىپ ياشاۋاتىمەن.بۇ جان اللاھنىڭ ئىلكىدە ،قاچاندا قايتۇرىۋالغۇسى كەلسە شۇ چاغدا قايتۇرىۋېلىشقا ھەقلىق.بىز ۋاختى-سائىتى كەلگۈچە ئەدەمدەك ياشاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەككەن.خەير-خوش،سىز ھەم بارلىق ياخشىلار اللاھغا ئامانەت.

sansiz09032011-02-08 13:18
سىزنىڭ ئىنكاس يازغانلىقىڭىزغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئەزەلدىن ئىنكاس يازمايتتىڭىز... مۇشۇنىڭ بىلەن جەمئى 3 ئىنكاسىڭىزنىلا كۆردۈممىكىن ?)e37  
چاقچىقىم ئېغىر كەتمىسۇن ھە، ئۆلمەيدىغان كىم بار زادى...

arman2011-02-08 23:57

yulgun2011-02-09 10:11
نەقىل
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sansiz0903دە2011-02-08 13:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : ~9j%Hm0ht  
سىزنىڭ ئىنكاس يازغانلىقىڭىزغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئەزەلدىن ئىنكاس يازمايتتىڭىز... مۇشۇنىڭ بىلەن جەمئى 3 ئىنكاسىڭىزنىلا كۆردۈممىكىن <qGu7y"  
چاقچىقىم ئېغىر كەتمىسۇن ھە، ئۆلمەيدىغان كىم بار زادى... YQY%M>F@d%  
G\(|N9^:  
چاقچاق دېگەن چاقچاق. ئۇنى ئېغىر ئېلىش ياخشى ئىش ئەمەس شۇنداققۇ؟

bayawan2011-02-09 11:23
ھېس-تۇيغۇلاردا ئورتاقلىقىمىز ئاز ئەمەسكەن ~ يامان چۈشلىرىڭىز ئارقىلىق پروزىمىزغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىۋاتىسىز ، قايمۇققان غاپىل دىللار مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ئۈستىدە ئويلىنىشقا چۆكمەكتە ...تارىخ قوينىغا ، ئەسلىمىلەر دەرگاھىغا يەتمەكتە ...

babasaynasi2011-02-12 21:44
قايمۇققان غاپىل دىللارنى يۇرۇتقىدەك ئەسەر بۇلۇپتۇ.

maxuk2011-02-15 17:24
سىزدىن سوراپ باقسام ،مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى قانداق ئەۋەتىدۇ؟ رەھمەت سىزگە!

salkin112011-02-20 16:59
ياخشى يازمىڭىزنى يەنە كۆرگۈنىمدىن خۇرسەنمەن ...

dunya2011-03-06 03:57
يەنە مۇشۇنداك  ياخشى  ياز مىلا بولسا  ەۋەتىشىڭىزنى  ۇمۇت كىلىمەن.     

2011-03-06 15:48
     بازارغاقارسام سوپۇننىڭ تۇرى كۆپ ئكەن لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى روھىيەتىكى كىر پاسكىنىچىلىقلارنى تازلاشقا قادىر ئەمەس ئەسىرىڭىز ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا تىگىشلىك ئسىل ئەسەر بوپتۇ كۆپلەپ يېزىڭ . r!MWbFw|X  
         

birjupgul2011-03-14 13:17
ھەقىقەتەن ياخشى ھىكايە يېزىپسىز، سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەر يىزىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.  

zilala5452011-03-29 16:57

qimengul2011-05-01 13:23
   يۇلغۇن ،ئىنكاسلېرىڭىزدىن   بىر ھارغىنلىق  ،  چۈشكۈنلۈك  چىقىپ  تۇرىدىكەن. SR |`!  
   ئۆلۈمگىمۇ   ", KCCis  
خېلى  غەيرەت  كېرەك  .ئاشۇ  غەيرەتنى   ياشاشكا  سەرپ  كىلىش  ئاقىللىق ~r4 38&  
  .   ئەسەرنى  ياخشى  ئاخىرلاشتۇرىپسىز . (bH`x]h#  
  

2011-05-15 13:34
روھىيەت  ئادەمنىڭ جېنى  روھ ئۆلسىە  تەننىڭ نىمى پايدىسى شۇڭا ھەربىر كىشى روھىيتىدىكى داۋالغۇشنى ۋختىدا تەڭشەپ تۇرشىكىرەك ^<at'jk6  
ئەسىرىڭىز   

kaxkarkizi2011-06-30 11:28
bgk yah xi yezip siz      

40062011-07-07 22:41
قايمۇققان غاپىل دىللارنى يۇرۇتقىدەك ئەسەر بۇلۇپتۇ.   رەھمەت ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن  


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سېغىنىش(ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.025901 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us