رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىسلام ، ئەقىل ۋە كۆڭۈل ... --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تەرمىلەر گۈلزارى -> ئىسلام ، ئەقىل ۋە كۆڭۈل ... [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

fahru2011-02-04 14:32
   سىز يالغۇز سەپەر قىلىۋېتىپ ئالدىڭىزدا بىر ئاچا يولنى كۆرسىڭىز ، بىرى تاققا ئۆرلەپ چىقىدىغان مېڭىش ناھايىتى قىيىن بولغان داۋان ، يەنە بىرى تۈپتۈز مېڭىش ئاسان بولغان يول . بىرىنجى يول ئىگىز-پەس ، تاش-تىكەن ، ئازگاللىق بولۇپ، مېڭىش قىيىن ئىكەن . لېكىن بۇ يولنىڭ ئالدىغا « بۇ يولنىڭ بېشى ئىگىز-پەس ، مېڭىش قىيىن ، ئەمما بۇ يول كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزىدىغان توغرا يول .» دەپ يېزىلغان ئىكەن . يەنە بىر يول بولسا ئاسفالىتلانغان بولۇپ ئۇنىڭغا گۈللەر، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىكەن . بۇ يولنىڭ ئىككى تەرپىدە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ، دىل ھۇزۇرلىنىدىغان ، كۆز خۇرسەن بولىدىغان ، قۇلاققا خوش ياقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن . لېكىن بۇ يولنىڭ ئالدىغا « بۇ يولنىڭ ئاخىرسىدا چىققىلى بولمايدىغان ھەقىقى ھالاكەت بار .» دەپ يېزىلغان ئىكەن . @T@< _ ?)  
  سىز بۇ ئىككى يولنىڭ قايسىسىدا ماڭىسىز ؟ ... z$&{:\hj  
شەك-شۈبھىسىزكى ، كۆڭۈل قىيىنسىز ئاسانغا ، دەرتسىز لەززەتكە مايىل بولىدۇ ، ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ ، كىشەننى يامان كۆرىدۇ . بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئەت . ئىنسان كۆڭۈل خاھىشىنى ئىختىيارىغا قويۇپ شۇنىڭغا ئەگەشسە ئىككىنجى يولغا ماڭىدۇ . لېكىن ئەقىل ئارلىشىپ ھازىرقى قىسقىغىنا لەززەتكە ئەگىشىپ كېلىدىغان مەڭگۈلۈك دەرد-ئەلەم  بىلەن ۋاقىتلىق مۇشەققەتتىن كېيىن كېلىدىغان مەڭگۈلۈك لەززەتنىڭ ئوتتۇرسىنى سېلىشتۇرىدۇ-دە بىرىنجى يولنى تاللايدۇ ، مانا بۇ جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ مىسالى . gl~ecc  
  دوزاق يولىدا بارلىق لەززەتلىك ، كۆڭۈللۈك نەرسىلەر بار بولۇپ ، كۆڭۇل شۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ . ئۇ يولدا چىرايلىقلارغا ، ئۇلارنىڭ شەرمەندە يەرلىرىگە قاراش ۋە شەھۋەتكە ، ئۇنىڭ لەززىتىگە بېرىلىش ۋە قانداقلا ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن مال-دۇنيا يېغىش بار بولۇپ ، بۇ يولدىكى مال بەك سۆيۈملۈك ۋە تاتلىق . بۇ يولدا باش-باشتاقلىق بار ، كۆڭۈل شۇنى ياخشى كۆرىدۇ ، چەكلىمىنى يامان كۆرىدۇ . 'I`&Yo~c9  
  جەننەت يولىدا جاپا-مۇشەققەت ، قىيىنچىلىق ،چەك-چىگرا ، بەلگىلىمە ، كۆڭۈلگە قارشى تۇرۇش ، ھاۋايى-ھەۋەستىن يىراق بولۇش بار . لېكىن جەننەت يولىدىكى جاپا مۇشەققەتنىڭ ئاقىۋىتى ئاخىرەتتىكى دائىملىق لەززەتتۇر . دەزاخ يولىدىكى ۋاقىتلىق لەززەتنىڭ نەتىجىسى جەھەننەمدىكى مەڭگۈلۈك ئازابتۇر . مەسىلەن : ئوقۇغۇچى ئىمتىھان كىچىلىرىدە ناھايىتى خوشال-خورام تېلىۋىزور كۆرۈۋاتقان ئائىلە كىشىلىرىنى تاشلاپ ، يالغۇزھالدا كىتاب-دەپتەرلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ جاپا چىكىدۇ . شۇ جاپادىن كېيىن ئىمتىھاندىن ئۆتۈش خوشاللىقىغا ئېرىشىدۇ . كىسەل ياخشى تائاملاردىن بىر نەچچەكۈن پەرىز تۇتۇش ئازابىغا بەرداشلىق بەرسىلا كېيىن سالامەتلىكىنىڭ لەززىتىگە ئېرىشىدۇ . 0$(WlP |  
  ئاللاھ تائالا ئالدىمىزغا ئىككى يولنى قويدى ، ۋە بىزگە ئاشۇ ئىككى يولنى ئايرىيدىغان ئىقتىدارنىمۇ بەردى . كىشىلەر ئىقتىدار ئارقىلىق ياخشى-ياماننى ئايرىپ ، يامانلىقلاردىن ئۆزىنى توسىيالايدۇ . كىشىلەرنىڭ دىللىرى ياخشى ئىش قىلغان ۋاقىتتا راھەتلەنسە ، يامان ئىش قىلغان ۋاقتىدا ئالاقزادە بولىدۇ . $6qh|>z.  
  ئاللاھ تائالا جەننەت يولىغا چاقىرىدىغان ۋە شۇ يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى تۇرغۇزدى . شۇنىڭدەك دوزاخ يولىغا چاقىرىدىغان ۋەئۇنىڭغا قىززىقتۇرىدىغان ئازدۇرغۇچى شەيتانلارنىمۇ تۇرغۇزدى . ئالىملارنى بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى قىلدى . *o]L|Vu  
  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مال-دۇنيا ، كۆچمەس مۈلۈك مىراس ئالغان ئەمەس . ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام چاقىرقىنى مىسراس ئالدى . كىمكى بۇنى ھەقىقى ئېلىپ بارىدىكەن پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى بولۇشقا لايىق بولىدۇ . بۇ چاقىرىق بولسا قىيىن . چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى باش-باشتاقلىققا مايىل ، دىن بۇنىڭغا چەكلىمە قويىدۇ . كۈڭۈل لەززەتكە مايىل ، دىن بۇنى توختىتىدۇ . كىمكى بۇزۇق ۋە خاتا ئىشلارغا چاقىرىدىكەن بۇ ھېسىياتقا مۇۋاپىق كېلىدۇ-دە ، كىشىلەر شۇ يامانلىققا چاقىرغۇچىنىڭ كەينىدىن سۇ پەسكە ئاققاندەك ماڭىدۇ . تاغ چوققىسىدىكى سۇ ئامبارلىرىغا چىقىپ ئامبارنى جوتو بىلەن ئۇرۇپ تەشسىڭىز سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ . سىز سۇ جىلغىغا چۈشۈپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن سۇنى قايتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز ، بۇ سۇنى باسما قۇدۇق ئارقىلىق ناھايىتى قىيىنچىلىق ، زور چىقىملار بىلەن قايتۇرۇپ چىقالايسىز . تاغ چوقىسىدىكى مۇستەھكەم تاشلارنى دومىلىتىش ئۈچۈن ئىتتىرىپ قويسىڭىزلا ئاسانلا دومىلاپ پەسكە چۈشىدۇ . قايتۇرۇپ چىقىشنى ئويلىسىڭىز نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت چېكىسىز ، مانا بۇ ئىنساننىڭ مىسالى . d}Xr}  
  يامان ھەمرا سىزگە بۇيەردە چىرايلىق ئايال يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ ، دېسە كۆڭلىڭىز ئۇنىڭغا مايىل بولىدۇ . ھېسىيات سىزنى شۇ تەرەپكە ئۈندەيدۇ . نەچچە مىڭلىغان شەيتان سىزنى ئۇ تەرەپكە ئۈندەيدۇ . سىز سەزمەستىنلا ئۇنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ قالىسىز . ئەگەر سىزنى ئۇنىڭدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن بىرەرسى نەسىھەت قىلسا ، سىزنىڭ نەسىھەتنى قۇبۇل قىلىشىڭىز ، كۆڭلىڭىزنىڭ قىززىقىشىغا قارشى تۇرىشىڭىز قىيىن بولىدۇ . يامانلىقنىڭ چاقىرغۇچىسى جاپا چەكمەيدۇ . تىرىشچانلىقمۇ كۆرسەتمەيدۇ . لېكىن جاپا-مۇشەققەت تىرىشچانلىق كۆرستىش ۋە نەسىھەت ئارقىلىق ياخشىلىققا چاقىرغۇچى كىشىلەرگىدۇر . سىز بەدىنى ئۇچۇق قالغان قىزنى كۆرسىڭىز چىرايلىق يېرىنى كۆرۈشكە قىززىقىسىز . ياخشىلىققا چاقىرغۇچى سىزگە كۆزۈڭنى يۇم ، ئۇنىڭغا قارىما دەيدۇ . 2d>z1%'  
  ياخشىلىققا چاقىرغۇچى ئادەم كىشىلەرگە كەلگۈسىدىكى بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىرقى لەززەتنى تەرك ئېتىڭلار ، ئاخىرەتتىكى ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆز ئالدىڭلاردىكى نەرسىلەردىن ۋاز كىچىڭلار ، ھېسىياتىڭلارنىڭ قىززىقتۇرشىغا ، كۆڭلۈڭلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشى تۇرۇڭلار ، دەيدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلگە نىسبەتەن ئېغىر تۇيىلىدۇ . مېنىڭ ئېغىر دەپ سۈپەتلىگىنىمنى ئىنكار قىلماڭلار . ھەرقانداق ئىسىل ئىشلار كۆڭۈلگە ئېغىر تۇيىلىدۇ. مەسىلەن : ئوقۇغۇچىنىڭ تېلىۋىزور كۆرمەي دەرس كۆرۈشى ئېغىر . ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماي ، دەرس ئۆتۈشى ئېغىر . ئۇخلاۋاتقان كىشىنىڭ ئىسسىق ئورۇندىن بامدات نامىزىغا تۇرىشى ئېغىر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكى ئادەملەر ياخشى ئادمدىن كۆپ . ئازغۇنلۇقتا تۇرۋاتقان ، بىپەرۋا ، غاپىل كىشىلەر توغرا يولدا مېڭىۋاتقان كىشىلەردىن كۆپ . كۆپۈنچە كىشىلەر پاكىتسىز ئىشەنگەنلىكتىن تولا ۋاقىتتا ئېزىپ كېتىدۇ .   af6M,{F  
  ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئالىملاردىن بولغان ۋارىسلىرى جەننەت يولىغا چاقىرىدۇ . شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسدىكى بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ياردەمچىلىرى دوزاخ يولىغا چاقىرىدۇ . بىزنىڭ ئىچىمىزدە شۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلار بار. پەيغەمبەر ۋارىسلىرى ئەقىدىدە گەۋدىلىنىدۇ . شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھېسىياتتا گەۋدىلىنىدۇ ... ھەممىمىز «مەن كۆڭلۈمگە مۇنداق دېدىم » ۋە « ئەقلىم ماڭا مۇنداق دېدى » دەيمىز ، بۇنداقتا «مەن نېمە ؟» «كۆڭلۈمچۇ ؟» «ھېسىيات دېگەن نېمە ؟» «ئەقىلچۇ؟» تېخىچە بۇ بىزگە روشەن بولمىدى . سىز قىش كىچىسى ئىسسىق ئۆي ، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋېتىپ نامازغا چاقىرىق قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ، ئىچكى قىسمىڭىزدا « نامازغا تۇر ! » دېگەن نىدانى سېزىسىز . ئورنىڭىزدىن تۇرماقچى بولغىنىڭىزدا سىزدە«ئازراق ئۇخلىۋال» دېگەن يەنە بىر سېزىم پەيدا بولىدۇ . ئاندىن باشتىكى سېزىم سىزگە « ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى » دېسە ، كىيىنكى سېزىم «ئۇيقۇ تاتلىق ، ۋاقىت كەڭرى ، يەنە بىردەم ئۇخلىۋال» دەيدۇ . ئىككى سېزىم ئارقىمۇ-ئارقا «تۇر،ئۇخلا ،تۇر،ئۇخلا» دەيدۇ . مانا بۇ ئەقىل ۋە ھېسىيات . بۇ مىڭلىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان مىسالدۇر. ھەرۋاقىت ئىنسان بۇ ئىشلارغا دۇچ كەلسە ،كۆڭۈل ھارام لەززەتكە ئىنتىلىدۇ . ئۇكىشىنىڭ قەلبىدە ئەقلىنى لەززەتتىن توسۇپ تۇرىدىغان ئىمان بار. ئەقىلنىڭ ياردەم بېرىدىغان مەنبىئى  ئىماننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىدۇر . بۇنىڭ مەنىسى : ئەقىل دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ ،مۇسۇلمانلار يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەيدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس . ئىسلام تەبىيئى ۋە ئەمەلى دىن . ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالا مەخسۇس ئىبادەت ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ياراتقان . بىزنى پەرىشتە قىلمىدى ۋە ئەھۋالى گۇناھ مەئسىيەتلەربىلەن ئۆتىدىغان شەيتانلارنى ياراتتى . ئاللاھ بىزنى شەيتانغا ئوخشاش قىلمىدى . ئاللاھ يەنە ھايۋانلاردىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك مەخلۇقلارنى يارىتىپ ئۇلارغا پەقەت سېزىملا بەردى . ئۇلار ئەمەل-ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ . قىلغان ئىشلىرىدىن سوئال-سوراقمۇ قىلىنمايدۇ . بىزنى ئاللاھ ۋەھشىي ھايۋان قىلمىدى ، ئۇنداقتا بىزنېمە ؟ ئىنسانچۇ ؟ ]v?@g:i E  
  ئىنسان ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر مەخلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭدا پەرىشتە ، شەيتان ۋە ھايۋانلاردىن مۇجەسسەملەشكەن خاراكتىر بار . ئەگەر ئادەملەر ئىبادەتنى ياخشى قىلىپ ئاللاھ بىلەن سىرداشقان ۋاقتىدا قەلبى پاك ، دىلى روشەن ھالدا ئىمان ھالاۋىتىنى تېتىيالىسا ، بۇكىشدە پەرىشتىلىك سۈپەت غەلبە قىلىدۇ . ئەگەر ياراتقۇچىسىغا ئىشەنمىسە ، پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلسا ، ياكى شىرىك كەلتۈرسە ئۇ كىشىدە شەيتانلىق سۈپەت غەلبە قىلغان بولىدۇ . ئۇ كىشىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە تومۇرلىرى كۆپۈپ ، قېنى قىززىپ كېتىدۇ . ئۇكىشى دۈشمىنىنى تېپىپ ، چىشلەپ ، تاتىلاپ ، گېلېىنى سىقىپ ، ئېغىز-بۇرنىدىن قان ئالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. مانا بۇخىل ھالەتتە كىشىدە ھايۋانلارنىڭ سۈپىتى غالىب كەلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ يولۋاس ، شىردىن كۆپ پەرقى قالمايدۇ . كىشىنىڭ قورسىقى ئاچسا ، ئۇسسىسا ، تويغىچىلىك نان ، قانغۇدەك سۇ بولسا ، جىنسى قىززىقىش ئۇكىشىنىڭ خىيالىنى كونتىرول قىلىۋالغان بولسا ، زېھنى ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسا ، بۇھالەتتە ئۇ كىشىگە ھايۋانلىق سۈپىتى غالىب كەلگەن بولۇپ ، ئۇكىشى  ئىشەك ، قويغا ئوخشاش بوپ قالىدۇ . مانا بۇ ئىنساننىڭ ھەقىقىتى بولۇپ ، ئاللاھ تائالا ئىسانغا ياخشىلىق ۋە يامانلىققا تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ياخشى ياماننى ئايرىش ئۈچۈن ئەقىلنى ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادىنى بەردى .  ئەگەرئىنسان ئەقلىنى ياخشى ئىشلىتىپ ، ئىشلارنى ئورۇنلاشتا ئىرادىنى ياخشى ئىشقا سېلىپ قابىلىيىتىنى ئاشۇرسا ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئەخلاقلىق بولسا ئاخىرەتتە بەختلىك كىشىلەردىن بولىدۇ . ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئازابلانغۇچىلاردىن بولىدۇ . $&Gu)4'+  
   توغرا ، كۆڭۈل باش-باشتاقلىقنى خالايدۇ . دىن بۇنى چەكلەيدۇ. ئەگەر كۆڭۈل ئەركىگە قويۇپ بېرىلسە ، ئۆ‍ز خاھىشى بويىچە بۇزۇق ئىشلارغا ئاتلىنىدۇ-دە ، جەمىيەت بىر پۈتۈن بۇزۇقلار جەمىيىتى بولۇپ كېتىدۇ . چۈنكى مۇتلەق ئەركىنلىك ساراڭلارغا مەنسۇپ . ساراڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلالايدۇ . كوچىدا يالىڭاچ ماڭالايدۇ . ئۇچرىغانلار كىشىنى ئۇرۇپ-تىللىيالايدۇ . باشقىلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلالايدۇ ... bAdn &   
  ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ئىشلار تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن  شېرىن تۇيىلىدۇ . باشقىلارنىڭ يامانلىقىنى چىشلەپ تارتىۋاتقان كىشىدىن ئاڭلىغان سۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىڭىزنى سەزدۈرىدۇ . غەيۋەت ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا كۆڭلىڭىز خوش بولىدۇ . جازانەخورلۇق جاپا-مۇشەققەتسىز مال-دۇنياغا ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن لەززەتلىك . زىنادا كۆڭۈلنى خاھىشقا قويۇپ بېرىش ، تەلىۋىنى قاندۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن زىنامۇ لەززەتلىك تۇيىلىدۇ . مەجبۇرىيەتتىن قېچىش راھەتلىك دەم ئېلىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ كۆڭۈلگە ياخشى تۇيىلىدۇ . لېكىن ئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلسا بۇ ۋاقىتلىق لەززەتنىڭ كېيىنكى چەكسىز ئازابقا باراۋەر كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ . +<'Ev~  
  كىم بىز بىلەن بىريىللىق توختام تۈزۈشكە رازى بولىدۇ . بىز بۇبىريىل ئىچىدە ئۇ كىشىگە تەلەپ قىلغان مال-دۇنيانى بېرىمىز . خالىغان شەھەردە تۇرغۇزىمىز، ھېچ ئىشتىن توسىمايمىز . بىراق بىر يىل تۈگىسە ئۇكىشىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمىز دېسەك بۇنىڭغا كىم رازى بولسۇن . ھەرقانداق ئادەم قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق بەخت دېمەمدۇ ؟ ئۆزىنىڭ دارغا ئېسىلىپ تۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقمامدۇ ؟ بۇدۇنيادىكى دار ئازابى بىرقانچە مىنۇت ، ئاخىرەتتىكى ئازابنىڭ چېكى بولمايدۇ . 'Oxy$U  
  بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۆمرىدە گۇناھ قىلىپ باقمىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆڭۈل خالىغان ئىشلاردىن لەززەتلەنمىگەن كىشى يوق . ئەقەللىسى بىرقېتىم ناماز بامداتقا تۇرۇشتىن كۆرپىنىڭ ھۇزۇرىنى ئەلا بىلىپ مۇشۇ گۇناھنىڭ لەززىتىنى تېتىمىغان كىشى يوق ... ئون يىل ئىلگىرى ھۇزۇرلانغان شۇ لەززەتلەردىن ھازىر قولىمىزدا نېمە قالدى ؟ رامىزاندا ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىبارەت ئەمەل ئىبادەتنىڭ جاپاسىدىن ھازىر نېمە قالدى ؟ ھېچ نەرسە قالمىدى . ئۆلۈم ۋاقتى يېقىنلاشتى . بىز تېتىغان ئاشۇ لەززەتلەردىن ، شۇ دەرد-ئەلەملەردىن قايسىسى بىزگە ئۆلۈم سائىتىدە ئەسقاتار ؟ قايسىسى بىزگە ھەمراھ بولار ؟ &`h{i K7  
  شەكسىزكى ، ھەرقانداق مۆئمىن ئادەم تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىشنى ئويلايدۇ، لېكىن كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئارقىغا سۈرىدۇ . مەن ھەج قىلسام تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىمەن دەيتتىم . ھەج قىلدىم ، تەۋبە قىلالمىدىم . قېرىق ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا تەۋبە قىلىمەن دېدىم . قېرىق ياشقا كىردىم لېكىن يەنىلا تەۋبە قىلالمىدىم . قېرىدىم يەنىلا تەۋبە قىلالمىدىم . بۇ مەن ھەمىشە ئاللاھ چەكلىگەن پاھىشە ، يامان ئىشلار بىلەن بولدۇم دېگەنلىك ئەمەس . خۇداغا شۈكرى ، مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . لېكىن ئارقىغا سۈرىدۇ . ۋاقىت كەڭرى ، ئۆمۈرتېخى ئۇزۇن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇكىشى تۇيۇقسىزلا ئۆلۈمنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ . ھەقىقەتەن مەنمۇ ئۆلۈمنى ئىككى قېتىم كۆردۈم . ئۆلۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ ، تائەت-ئىبادەتسىز ئۆتكەن ھەربىر مىنۇت ئۆمرۈمگە پۇشايمان قىلدىم . بۇ تەسىرات بىرقانچە ئاي داۋاملاشتى . كېيىن بۇئىشلار سەل ئۇنتۇلۇپ ھاياتلىق قاينىمىغا ئىككىنچى قېتىم چۆمدۈم . ئۆلۈمنى ئۇنۇتتۇم ، ھەقىقەتەن ئۆلۈمنى ئۇنۇتتۇم ... 2Zm0qJ  
   ھەركۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈمنى ئۇنتۇيمىز . ئۆزىمىزنىڭ يېقىندا ئۆلىدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇرقىلىپ باقمايمىز . ھەممىمىز جىنازا نامىزىدا تۇرۇپ دۇنيا توغرىسىدا ئويلىنىمىز. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇدۇنيادا مەڭگۈ تۇرمايدىغانلىقىنى ، دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈم بارلىق كىشىلەرگە پۈتۈلۈپ كەتكەن دەپ ئويلايدۇ . لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ . *=) cQeJ  
  مەيلى ئىنسان قانداقلا ياشىسۇن ئۆلىدۇ . ئۇ ئاتمىش يىل ياشىسۇن ياكى يۈزيىل ياشىسۇن بەرىبىر ئۆلىدۇ. ھايات ئاخىرلاشماي قالارمۇ ؟ نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىپ 950يىل ياشىغان . نۇھ ئەلەيھىسسالام ھازىر قەيەردە ؟ ئۇ ، دۇنيادا مەڭگۈتۇردىمۇ ؟ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىمۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايمىز . ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ بولمايدىكەن ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلمايمىز ؟ md+nj{Ib  
  ئەگەر بىركىشىنىڭ ئالدىدا سەپەر بولسا ئۇ كىشى سەپەر ۋاقتىنى بىلمىسىمۇ سەپەرگە تەييارلىق قىلىپ تۇرغان بولسا ، چاقىرسىلا دەرھال ماڭالايدۇ. بىراق سەل قارىغان كىشى بولسا ، چاقىرىلغان ۋاقىتتا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىۋالاي ، ئائىلىدىكىلەربىلەن خوشلىشىۋالاي دەيدۇ-دە سەپەرپۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ . بىراق ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلسە جاننى ئالماي كەتمەيدۇ . بەلكى مەجبۇرىي ھالدا ئالىدۇ . ئۇ كىشىگە بىرە سائەت ،بىرەر مىنۇت ياكى بىرەر سىكونتمۇ ۋاقىت بەرمەيدۇ . ۋاقىت بېرىش ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ قولىدىنمۇ كەلمەيدۇ . ھەممىمىز ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز ، لېكىن قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز . ئۇنداقتا ئۆلۈم دېگەن نېمە ؟ ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىچۇ ؟ x-XD.qh7Hr  
  ئىنسان ھاياتى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىلىك باسقۇچى ، بۇدۇنيادىكى ھاياتلىق باسقۇچى ، ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك بولغان بەزرەخ باسقۇچى ۋە ھەقىقى ھايات - دائىملىق باسقۇچ يەنى ئاخىرەت باسقۇچىدىن ئىبارەت بىرقانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ . ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئانىنىڭ قورسىقىنى دۇنيادەپ ئويلايدۇ . ئەگەر ئۇبالا ئويلىيالىسا ،پىكىر يۈرگىزەلىسە ئانىنىڭ قورسىقىدىن چىقىشنى ھەقىقى ئۆلۈم دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتى . سىز ئۆزجىسمىڭىزنىڭ بالا ھەمرىيىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەسىز ؟ يەنى كىربولۇپ تاشلىۋېتىلگەن كۆڭلەككە ئوخشاش ياكى كىيىشكە ھاجىتى قالمىغان كىيىمگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟  مانا بۇ ئۆلۈم . ئۆلۈم ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق باسقۇچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىر باسقۇچقا يىڭى تۇغۇلۇش بولۇپ ، بۇدۇنيا پەقەتلا بىر يول . بۇ يولدىكى بىزنىڭ ھاياتىمىز خۇددى يىراق بىر ئەلگە كۆچۈپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ . چۈنكى ئۇ كۆچمەن پاراخۇتتا ياخشى ئۆيلەرنى تاللايدۇ ، راھەتكە قىززىقىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ . لېكىن ئۇ ئادەم بارلىق مال-مۈلكىنى ياتىقىنى يىڭىلاش ، تاملىرىغا نەقىش قىلىش ئىشلىرىغا چىقىم قىلىۋېتىپ مەنزىلگە ئۆزىدە ھېچ نەرسە يوق خالتىسى قۇرۇق قەلەندەر بولۇپ بارامدۇ ؟ ياكى مەن بۇ ئۆيدە بىرەر ھەپتە تۇرىمەن ، بۇجەرياندا ماڭا زۆرۈر بولغان نەرسە بولسىلا بولدى ، مەن ھازىر بىر كۆچمەن مال-مۈلكۈمنى يېقىندا بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان شەھەردىكى ئولتۇراق جايىمغا قالدۇرشۇم كېرەك دەمدۇ ؟ 6=kEyJT'  
  بۇ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەتلا قىلىش، قوللىرىنى مال-دۇنياغا يېقىن ئەكەلمەي ، مەسچىتتىن چىقماي ئولتۇرسۇن ، ئۆڭكۈرلەرگە ئورۇنلىشىۋېلىپ بىر ئۆمۈر دەرۋىش بولسۇن دېگەنلىك ئەمەس . ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ... بەلكى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن ياخشى مەدەنىيەت يارىتىپ ھەرقانداق مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى ،ئىقتىسادى جەھەتتە كاتتا باي بولۇشنى ، ئىلىم-مەرىپەت جەھەتتە كاتتا ئالىم بولۇشنى شۇنداقلا ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئۇزۇقلىنىشىنى ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئارقىلىق كۆڭۈلنى خوش قىلىشنى ، ئائىلىسىدىكەرگە بويسۇنۇپ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئاداقىلىش ، ئەۋلادلىرىنى تەربىيلەش ، يول كۆرسىتىش ، مىھرىبان بولۇش قاتارلىق ھەقلىرىنى ئۆتەپ جەمىيەتنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيىتىنى تونۇشنى ، خۇددى ئاللاھ تائالاغا يەككە-يىگانە دەپ ئىششىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ، بىزدىكى ھەققىنى تونۇغىنىمىزدەك #OZ>V3k  
يۇقىرىقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىمۇ توغرا تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .   5sdn[Tt##  
   مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانىغا مەيلى ئاشكارا مەيلى مەخپىي بولسۇن شېرىك ئارىلاشتۇرماي توغرا ئىسلام ۋە توغرا تەۋھىد ئەقىدىسىى ئۈستىدە تۇرۇپ ھالالدىن مال دۇنيا توپلىشى ، ئائىلىسىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ، ئىسلام رۇخسەت قىلغان پاك نەرسىلەردىن پايدىلىنىشى ، ھارام ئىشلارنى قەتئىي تەرىك ئېتىشى ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى ، مال-دۇنيا ئۇ كىشىنىڭ دىلىدا ئەمەس قولىدا بولىشى ، مال-دۇنياغا ئەمەس ئۆز پەرۋەردىگارىغا تايىنىشى بولۇپمۇ ئۇكىشىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولۇشى لازىم ... S&e0u%8mc  
W'els)WJ|x  
    ئەلى تەنتاۋىنىڭ " ئىسلامنى ئومومى تونۇشتۇرۇش" ناملىق كىتاۋىدىن ... ?xA:@:l/  
oL-]3TY~  
مەنبە : http://fahru.blogbus.com/

bayawan2011-02-04 15:31
نادىر ، جانغا ئەسقاتىدىغان ، مېغىزلىق تېما دېگەن مۇنداق بولمامدۇ ؟! JELT ou  
تىمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندەك ئىنساننىڭ نەپسى -ھەۋىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۈچلۈك . ئۇ كىشىلەرنى توختىماستىن ھەرخىل ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىشكە ، ھاياتىي دۇنيادا مال-دۇنيا ، ئەيىش-ئىشرەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ ، ئويناشقا ، ياخشى يەپ ياخشى كىيىشكە ، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈز-ئابروي ، ئىناۋەت-مەرتىۋىنى كۆتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ . 9K.Vb1&  
بىراق ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزى چاغلىغان ئىشلارنى قىلىپ پانىي دۇنيادىن بىخۇد ، ئۆز نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپلا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ياراتقان ئەمەس . بەلكى ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان . wrviR  
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆلۈم ئارقىلىق بويسۇندۇردى ، ئۆلۈم بولمىسا بۇ دۇنيانى ، ئىنسانلارنى مەلۇم ھالەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلماق بەسىي مۈشكۈل ئىش . ~3^8>d/  
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەسلى ئىسلام ئارقىلىق ئۇلۇغلىغان ، خالىغانلار بۇ يۈكسەك توغرا يول بىلەن ھاياتىنى ، ۋاقتىنى ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە شەرەپلىك ھالەتلەرگە ئىگە قىلغان . خالىمىغانلار دۇنيانىڭ پانىي ۋە باقىيسىدىن بىخەۋەر ھالدا بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئۆمرىنىڭ قايسى ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالماي ئۆزىنى قاباھەتلىك ھالاكەتكە گىرىپتار قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ . 9FoHD  
قېرىندىشىمىز فاخرۇنىڭ كىرىپلا شۇ قەدەر ئېسىل تىما بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن . پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ بۇرادەر ~

paris2011-02-04 18:27
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېما يوللاپسىز.

kvrax2011-02-04 19:27
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز ،ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئالەم سىناق ئالىمىدۇر،ئاللاھ بەزىدە بەندىلىرىنى سىناش يۈزسىدىن نىممەتلەرنى ئاتا قېلىپ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۈستۈن قىلىدۇ !

xahrizad2011-02-04 19:34
ئىسلام دىگەن سۆز ياراتقۇچىغا بويسۇنۇش دىگەنلىك ، بىز دىنىمىز ئىسلام ،مەن مۇسۇلمان دەيمىز لىكىن ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى بۇلۇش سۈپتىمىز بىلەن u6?Q3 bvI  
نىمىلەرنى قىلىش كىرىكلىگىنى بىلەلمەي نەپسى-خاھشنىڭ قۇلى بۇلۇپ كىتىۋاتىمىز  . %fc !2E9|  
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرندىشىم  .

nurana2011-02-04 20:29
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز .   

kosowuluk2011-02-04 22:03
بەك ياخشى تېماكەن @!!  يوقاپ كەتمەي پات پات كىرىپ تۇرۇڭ@!

arman2011-02-04 22:30
ھەقىقەتەن مەنپەئەتلىك تىما يوللاپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي

lale2011-02-04 22:41
ناھاھىيىتى ئەھمىيەتلىك تېمما يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە.

zirak7272011-02-05 03:30

ansar10132011-02-10 20:46
ئاللاھ رەەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  

zirakqak2011-02-11 11:25
بەك ياخشې  يېزېپسېز   ،رەخمەت. d`P7}*; `  
   9S-Z& 2L  
          

111mikray2011-02-11 22:33
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن، ئاللا ئەجرىنى بەرسۇن، بۇنىڭدىن كىيىن كۆپرەك مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاپ تۇرساڭلا   

Muhsin17872011-02-13 10:45
بەك ياخشى تىمىكەن  رەخمەت

بۆرە2011-02-13 23:52
ئاللاھ قۇلىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن !نادىر تىما يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

nazni2011-02-14 02:09
ئاللا رەھمەت قىلسۇن  

xamxar222011-02-14 02:36
ېاخشى تىما  ...... ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!!!!!       

uluhadam2011-02-17 13:36
بەلەن تىمىكەن ، جىق نەرسىنى بىلىۋالدىم.  رەخمەت!!!!! IG|X!l  

tilixqan2011-03-10 11:16
ئاللا رەھمەت قىلسۇن، بەلەن تىمىكەن.

pakkalip2011-03-11 18:19
    

zirak7272011-03-27 17:05
  ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن؛{{ جەننەت-جاپالىق ئىشلار بىلەن،دۇزاخ بولسا،ھاۋايى ھەۋەسلەر بىلەن ئورالغان }}. =dII- L=`  
            { مۇسلىم؛2823 } رىۋايەت قىلغان

marhaba09912011-03-29 18:55
        

namrullah2011-04-11 12:46
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ,t`Kv1  
L2, 1Kt7  
ئاناسۇتې ئاقارت قاي دېلېڭنې سېنېڭ

pakkalip2011-05-05 18:07
        

karikaxogli2011-05-15 16:52
ئاللا رەھمەت قىلسۇن

florist2011-07-01 11:08
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز .

alepareslan2011-07-17 23:33
ناھاھىيىتى ئەھمىيەتلىك تىمىكەن،يارايسىز.

nuranaislam2011-08-03 13:45
        رەھمەت بەك ياخشىكەن   ئاللا رەھمەت  قىلسۇن

9428302011-08-07 17:28
ئاللا رەھمەت قىلسۇن بەك ياخشى ئەسەركەن ،ئەجرىڭىزگە رەخمەت

hero2011-08-14 16:45


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىسلام ، ئەقىل ۋە كۆڭۈل ... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.025625 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us