رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> پروزا باغچىسى -> مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

nigar2011-02-01 03:48
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!
  
5HS~op2n/  
ug`NmIQP  
ئاپتورى: نىگار
kVS?RHR  
_ قاراڭ رەناغا ، بۈگۈن ئۇ يېڭى كىيىم كېيىپتۇ ، ئۇ تۆنۈگۈن " ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، دادام   تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كېيىمەن " دېگەن ئىدى .  پارتىدىشىم گۇلنۇر مېنى تارتىپ رەنانى ئىما قىلدى ، مەن ئىشىكتىن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان، ئۇچىسىغاچىرايلىق ، يارىشىملىق بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگەن رەناغا قارىدىم .   8%RI7Mg  
دەرۋەقە ئۇ بۈگۈن يېڭى كىيىم كىيگەنىدى . بۇ يېڭى كىيىم ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ياراشقا بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم جاپا-مۇشەققەت تارتىپ باقمىغان، ھەمىشە  نۇرلۇق ،پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق يۈزىگە تۇلىمۇ ياراشقانىدى . يۈرۈكۈم ئىپادىلەپ  بەرگىسىز ئېچىشىپ كەتتى . مەن رەناغا تۇلىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.  ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ، ئاپىسىمۇ خېلى مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ ئۇلارنىڭ  ئائىلە شارائىتى باشقا  ساۋاقداشلىرىمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .  كۆزۈم نۇرغۇن نوقتىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ پۇتۇمدىكى ئاياغقا چۈشتى . بۇ ئاياغنى ئاپامغا بىر  خىزمەتدىشى " ئامىنەم ، بۇ ئاياغنى قىزىمغا بۇلتۇر ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن ئىدىم . بۇ يىل پەقەت   كىيگىلى ئۇنىمىدى . ياراتسىڭىز سىزگە بېرەي قىزىڭىز كېيىۋەتسۇن " دەپ بەرگەن ئاياغ ئىدى . مانا مەنمۇ بۇ ئاياغنى بىر يىل كىيدىم . يانلىرى يىرتىلىپ ، پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالاي دېگەن ئىدى .  پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغنى "بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسۇن" دەپ پۇتۇمنى تېزلىكتە كەينىمگە تارتىۋالدىم  ۋە ئەتراپىمغا گۇمانلىق نەزىرىمدە قاراپ قويدۇم . ئۇھ ، بىرەرسىمۇ ماڭا ۋە پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغقا سەپسالمىغان ئىدى . مانا دەرىسكە كىرگىلى يېرىم سائەت بولۇپ قالدى . بىراق كاللام پەقەت دەرىستە ئەمەس .كاللامدا رەنا كىيگەن چىرايلىق كېيىملەر ۋە ئۆزۈمنىڭ يىرتىق ئايىغى نامايەن بولماقتا . ئۆز-ئۆزۈمگە :" بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ، ئاپامغا چۇقۇم يېڭى ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ دەيمەن " دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم . مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋاقىت يېتىپ كەلدى ، دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇددۇل ئۆيگە قايتتىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئاپام :   rgcWRt  
_ كېلىڭ بالام ، سۇيقاشنى تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدىم . قۇلىڭىزنى يۇيۇپ، ئىسسىقىدا ئىچىۋېلىڭ .   vf~`eT  
_ نېمە؟ يەنە سۇيقاش؟   [XlB<P=|>  
  "سۇيقاش" دېگەننى ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى .   YH:8<O,{-  
_ ئاپا، بىز كۈندە سۇيقاش ئىچىۋېرەمدۇق ؟ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدەك پولو ، لەغمەن ، كاۋا مانتىسى دېگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ يەپ باقساق بولمامدۇ ؟   qO`qJ/  
_ بالام، بۇ ئايدا ئالغان ئازغىنە مۇئاشىمنى دورا ئېلىپ خىراجەت قىلىپ بولغان . پۇلنى سەل تېجەپ  ئىشلەتمىسەك ، كېلەر ئايغىچە يەتمەيدۇ . كېلەر ئايلىق مۇئاشىمنى ئالغاندا… "?.~/@  
_ بولدى، بولدى . سىز ھەر قىتىم شۇنداق دەيسىز ، بىراق ھەر ئايدا ئوخشاش… (!?K7<Jv  
  مەن شۇنداق دېگىنىمچە سومكامنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئاپام كەينىمدىن ماڭا  ئۇسۇپ قويغان بىر چېنە سۇيقاشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە يېنىمغا قۇيۇپ سۆز باشلاپ   Rn+4DcR  
_ قىزىم ، بۇ ئايدا راستىنلا قولىمىز قىسقا بولۇپ قالدى . كېلەر ئايدا مەن سىزگە ياخشى تاماقلارنى قىلىپ  بېرەي . دادىڭىز رەھمەتلىك بولغان بولسا بۇ كۈنلەردىمۇ قالماس ئىدۇق ، سىزمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز  ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايتىڭىز .   sNU}n<J-  
ئاپام كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى . ئۆزۈمنىڭ قىلغان گېپىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم . چېنىگە سېلىپ  قويغان قوشۇقنى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئاپامغا قاراپ:   2)/NFZ  
_ مەن... مەن خاتا گەپ قىلدىم ئاپا ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ . مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق  دېمەيمەن {b!7.Cd=  
_ خاپا بولمىدىم قىزىم ، تامىقىڭىزنى تېزراق يەپ، ئۆگىنىشىڭىزنى قىلىپ ،بالدۇر ئارام ئېلىڭ . 0NO1M)HQv  
    _ ماقۇل ئاپا   W$?e<@  
ئاپام چىقىپ كەتتى . ئاشنى غەمكىنلىك بىلەن ئىچمەكتىمەن . كۆڭلۈمدە يەنە " ئەمدى ئاياغ  ئېلىپ بېرىڭ دېيەلمەيدىغان بولدۇم . بۇ كونا ئاياغنى يەنە قانچە ئۇزۇن كېيەرمەن " دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . ئاشنى ئېچىپ بولۇپ ،چېنىنى ئاپامغا ئەكىرىپ بېرىپ " ئۆگىنىش قىلىمەن" دەپ قۇيۇپ يېنىپ چىقتىم . ئالدىمغا بۈگۈن ئوقۇتقۇچىمىز بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئېلىپ قويدۇم.  ئەمما پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلىگۈم يوق ئىدى . يەنە خىيالغا كەتتىم . خىيال كەپتىرىم يەنە شۇ  يېڭى كىيىم ۋە كونا ئايىغىم ئۈستىگە قونغان ئىدى . قانچىلىك ئۇزۇن خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   ئاپامنىڭ " بالام ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى .ئەمدى ئارام ئېلىڭ " دېگەن سۆزلىرىدىن ئەسلىمگە كەلدىم .كىتاپ، دەپتەرلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئورۇن سېلىپ ياتتىم . كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك  ئەمەس . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   R21~Q:b !  
ھەرخىل پۇسۇندىكى ئاياغلار ، كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتتى. ئاپام :   eK`PxoTI-I  
_ ئۆزىڭىز ياقتۇرغىنىڭىزنى تاللاڭ ، قىممەت بولۇپ كەتسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن .   +3^NaY`Y  
قىممەت بولسىمۇ مەيلىما ، ئۇنداقتا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا ئېلىپ كىيگەندەك ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ . ئۇ ئاياغنىىڭ پاسۇنى بەك چىرايلىق ئىكەن .   }C(5-7  
-بوپتۇ بالام ، ئاشۇ پاسۇندىكى ئاياغنى ئېلىپ بېرەي .   o7xgRSz\  
يېڭى ئاياغنى چىرايلىق سۇلياۋغا ئوراپ ، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق .مۇشۇ تاپتا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ، ئاياغنى پۇتۇمغا كېيىپ باقتىم . بۇ ئاياغ ماڭا شۇنچىلىك ياققان ئىدى . خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كېتىپتىمەن .ئاپام:   );}t&}  
_بولدى سەكرىمەڭ بالام ، بۇ ئاياغنى ئەتە مەكتىپىڭىزگە كېيىپ بېرىڭ . بۇ ئاياغ سىزگە شۇنداق يارىشىپتۇ . ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاپام چىقىپ كېتىشى بىلەنلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كىيمەي ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر قۇر كىيمىمنى ئالدىم . شۇنچىلىك ھاياجانلانماقتا ئىدىم . ئاياغنى قاپقا سېلىپ ، كىيمىمنى چىرايلىق قاتلاپ باش تەرىپىمگە ئېلىپ قۇيۇپ، ئورۇن سېلىپ ياتتىم . خۇشاللىقتىن قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمىدىم .   \3PE+$  
ئاپامنىڭ " تۇرۇڭ بالام ،ۋاخ بولۇپ كەتتى . مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭ يەنە " دېگەن سۆزلىرى شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزدى . ئۇرنۇمدىن تۇرۇپلا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم . ئاپام:   !E& MBAKy  
_ بالام ، بۇ سەھەردە نېمە ئىزدەۋاتىسىز ؟ بىرەر نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتتىما ؟   O]nT>;PXX  
_ ئايىقىمنى ئىزدەۋاتىمەن .   |pWaBh|r  
_ مانا ماۋۇ يەردە تۇرمامدۇ ؟   .RRlUWu  
ئاپام يەردىكى بىر يىلدىن بۇيان كىيىپ كېلىۋاتقان ، كونا ئايىغىمنى ئىما قىلدى . مەن شۇندىلا ئاخشامقىنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم . كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئاپام:   Gq]d:-7l  
_ بىرەر ئىش بولدىما بالام ؟ چىرايىڭىز باشقىچىلا بولۇپ قاپتۇ . مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟   }e=e",eAT  
_ ياق ، مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم .   JgiIq  
مەن ئاپامغا سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ، ئورۇنۇمنى چاققانلىق بىلەن يىغدىم . يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ، ئاپام ئەتىگەنلىك خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ مەكتىپىمگە يول ئالدىم . كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان . " ئاخشام كۆرگۈنۈم ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ ؟!" دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.   ?q%b*Ek  
سىنىپقا كىرىپلا رەنانى ئۇچراتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى . بۇ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەش خۇددىماڭا " قانداق ؟ سېنىڭ يېڭى كىيىملىرىڭ بارمۇ ؟ سەنمۇ مەندەك ئېسىل كىيىنىپ يۈرەلەمسەن ؟" دېگەندە تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . بۇ بىر كۈننىمۇ شۇنداق پەرىشانلىق ئىلكىدە تەستە تاماملىدىم . دەرىستىن چۈشۈپلا ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم . تەلىيىمگە يارىشا ئاپام ئۆيدە ئىدى . ئاپام مېنى كۆرۈپ:   D@vMAW  
_ قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ مەن ھازىرلا تاماق قىلاي . سىز تاماق پىشقىچە ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ بالام .   kfj%  
_ بۈگۈن تاپشۇرۇق كۆپ ئەمەس ، مەن سىزگە ياردەملىشەي .   !A[S6-18%-  
ئاپام مەمنۇنلۇق ئارىلاش كۈلۈپ قويدى . ئىككىمىز پاراڭلىشىپ تاماقنى بىردەمدە تەييار قىلدۇق . كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپمۇ بولدۇق . ئاپام مېنىڭ ئۆزىگە ياردەملەشكىنىمدىن بەكمۇ رازى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر باشقىچە خۇشال كۆرۈنەتتى . پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېنىغا كېلىپ :   :t2B^})\  
_ ئاپا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا يېڭى كىيىم كىيىپتۇ ، ئۇ كىيىملەر ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپتۇ . بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق داڭلىشىپ كەتتى .   $pFk"]=  
_ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى باي . شۇڭا دائىم يېڭى كىيىم كىيىپ تۇرىدۇ .   YsAF{  
ئاپامنىڭ گېپى تۇلۇق تۈگىمەستىنلا ، سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم .   }[,3yfiX  
_ ئاپا سىزمۇ ماڭا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، پۇتۇمدىكى ئاياغ بەك يىرتىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ بۇ ئاياغنى سالماي كېيىۋاتىمەن .   G?[-cNdk  
_ بالام ، ئايىغىڭىزنى مەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى موزدۇزغا ئاپىرىپ يامىتىپ بېرەي . يەنە ئازراق ۋاقىت كېيىپ تۇرۇڭ   2X_>vIlEm  
ئاپامنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلىۋەتتىم .   od,tfLw4  
_ ئاپا،بۇ ئاياغنى ھېلىمۇ بەك كۆپ يامىتىپ كەتتۇق . ھازىر ياماق چۈشكىدەك جايلىرىمۇ قالمىدى. بۇ ئاياغنى باشقىلار كېيىپ ماڭا بەرگەن . مەنمۇ ئۇزۇن مەزگىل كىيدىم . بۇ ئاياغنى كىيىپ سىنىپقا كىرىشكىمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .   & s-VSu7  
ئاپام ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى . مەن كۆڭلۈمدە " ئاپام چۇقۇم ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ " دەپ ئويلىدىم . مەنمۇ ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم . ئاپام ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:   d;g-3Pf  
_ بالام ، يېنىمدا دورا ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئازغىنە پۇل بار . بۇ پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بەرسەم ، دورىغا پۇل قالمايدىكەن .   l;5`0N?QO  
مەن ئەمدە ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم .   *8206[y  
_ باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىنىپ يۇرۇيدىكەن.ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى مېنىڭ ئايىغىمدەك يىرتىلىپ، كونىراپ كەتمەيدىكەن . كۈندە ئېسىل تاماقلارنى يەيدىكەن . مەنمۇ نېمىشقا ئاشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغاندىمەن . بۇ ئائىلىدىن جاق تويدۇم! مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم.كاللامدا "مەنمۇ باي ئائىلىنىڭ  بالىسى بولۇپ قالسام بوپتىكەن " دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .خىياللا ئىلكىدە يېتىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن .   'bm:u  
ئاپامنىڭ بېشىمنى سىلىشىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم .ئاپام ماڭا: ]BfR.,,  
_ تۇرۇڭ بالام ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىڭىزكەن . سىزنى بازارغا ئاپىرىپ ئاياغ ئېلىپ بىرەي .   Ma_=-cD  
_ راستما ؟ راستىنلا ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرەمسىز ؟   +:y&{K  
ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قايتا-قايتا سورىدىم . ئاپام:   =kO@Gk?  
_ يېنىمدىكى پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بىرەي . دورىنى كېلەر ئايدا ئالارمەن .  ئاپام شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئاخىرى يېڭى ئاياغقا ئىرىشىدىغان غەلبەمدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم ۋە تېزلىكتە ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ ئاپامنىڭ يېنىغا چىقتىم .  بىز مەھەللە دوقمۇشىغا چىقىپ، ئۈچ چاقلىق موتودىن بىرىگە كىرا قىلىپ ئاۋات بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . پاھ ! دۇكاندىكى ئاياغلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ، پوسۇنلۇق ئىدى . مەن ئاخىر ئۆزۈمگە يارىغان پوسۇندىكى قارا رەڭلىك ئاياغدىن بىرنى سېتىۋالدىم . خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايلا قالغانىدى . يول بۇيى كەلگەچ خۇددى بىرسى بۇ ئاياغنى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك مەھكەم قۇچاقلاپ كەلدىم . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا خۇشاللىقىمنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇلى بىلەن يۈرۈكىنى چىڭ بېسىۋالغان ئىدى. نېمە بولسا بولسۇن ، ئاخىر بىر يېڭى ئاياغلىق بولدۇم .  خۇشاللىقىمدىن ئاياققا بىر ھازا قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .   Jy`G]]?  
بىر كەمدە ئويغۇنۇپ كەتتىم . تاڭ خېلى بەكلا يۇرۇپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە" بۈگۈنمۇ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئاپام مېنى ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغان ئوخشايدۇ " دېگەنلەرنى  ئويلىغاچ ھويلىغا چىقتىم . ئاپام يول سۈپۈرۈش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان سۈپۈرگىسى ئورنىدا تۇراتتى . بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئاپام ياتىدىغان ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم . ئاپام تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولۇپ ، ياتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى . " تونۈگۈن چىرايى بىر قىسىملا بولۇپ قاپتىكەن . مېجەزى يوقمۇ نېمە ؟ " دېگەنلەرنى ئويلاپ قۇلۇمنى ئاپامنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزدۈم . ئاپامنىڭ پىشانىسى شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . قۇلۇمدا ياتقاننى قايرىپ يۈرۈكىنى چىڭ قاماللاپ تۇتىۋالغان ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم . بۇ قوللارمۇ شۇنچىلىك مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئويغاتماقچى بولدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ قوللىرى قوللىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئاپامنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ، لىۋىنى چىڭ چىشلىۋالغانىدى.   MHNe>C-!q  
ئاپامنى ئاستا ئويغاتتىم . ئاپام يەنىلا مىدىرلىماي ياتاتتى . يۈرۈكۈم ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئاپامنى يەنە ئويغاتتىم . ئەمما ئاپام ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم . مەڭزىمنى ئاللىبۇرۇن سېزىمنى يۇقاتقان يۈزلىرىگە ياقتىم . مېنى كەچۈرۈڭ ئاپا !مەن قىزىڭىز گۇناھكار . مەن سىزنىڭ دورىڭىزنىڭ ئاللىقاچان تۈگەپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە "ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ " دەپ خاپا سالدىم . ماڭا ئاياغ كىرەك ئەمەس . ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە . مەن ئەسلىدىنمۇ دادىسى يوق يىتىم ئىدىم . ئەمدى سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز ، مەن قانداق ياشايمەن ئاپا . مەن بىر ئۆمۈر سىز ئەتكەن سۇيقاشنى ئىچىشكە رازى . ئەمدى سىزگە ھەرگىز جاپا سالمايمەن . ماڭا سىز كېرەك . مەن سىزسىز قانداقمۇ ياشاي . ئاپا مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەن باشقا بالىلار "ئاپا-دادا" دەپ چاقىرسا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىمەن . دادىسى يوق يىتىمدىن ئاتا-ئانىس يوق قارا يىتىمگە ئايلىنىپ قالىمەن . ئاپا ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ !!!!   Gt5$6>A  
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! ئاپا !!!!!
#4q1{)=  
.$^wy3:F"  
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشىم .   %/md"S  
نۇرغۇن كەمچىلىك ، نوقسانلار بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى تۇنجى قىتىمدىلا ھەر قانداق  ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن . دوسىتلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىپ  كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

sansiz09032011-02-01 12:07
ئۇچۇر قىلغان ئىكەنسىز. تېمىڭىزنى رەتلەپ قويدۇم. كومپيۇتىرىمغا كۆچۈرۈپ ۋورت ھۆججەت شەكلىدە رەتلىسەم مۇشۇنچىلىك بولدى. @?vLAsp\  
ئەمدى ئىككى ئېغىز باھايىمنى سۆزلەپ ئۆتەي... EaCZx   
.f+9 A>  
تۇنجى قېتىمدىلا مۇشۇنچىلىك ئەسەر يازغانلىقنىڭ ئۆزى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىڭىز، تېمىدىكى "مەن"نىڭ ئوبرازى يارقىن چىقىپتۇ. سۆز-ئىبارىلەرمۇ ئاساسن ئۆز ئورنىنى تېپىپ ياخشى ئىشلىتىلىپتۇ. ئىملاسىدىمۇ ئاساسى جەھەتتىن خاتالىق يوق. تەھرىرلەش جەريانىدا تولۇق ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىپتىمەن. كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىگىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. Z]p8IH%~92  
نادىر تېما بولسا مۇشۇنداق بولسا دەپ ئويلاپ قالدىم. نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرارسىز.

nigar2011-02-01 12:15
سىزگە كۆپ رەھمەت سەنسىز ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم . .&L^J&V  
شۇنداق ياخشى رەتلىنىپتۇ . Kf&r21h  
بۇ ئەسەرنى كېچىدىن ئۇخلىماي دېگۈدەك يازغان ئىدىم . jvWI_Fto  
مەنمۇ يېزىش جەريانىدا يىغلاپ كەتتىم . نېمە سەۋەپلىكىنى FQQ@kP$.  
بىلمەيمەن . f{f_g8f[  
بۇ قانداقتۇر مېنىڭ ياكى مەن تۇنۇيدىغان بىرەر دوستۇمنىڭ Xv8fPP(  
سەزگۈرەشتىلىرى ئەمەس . پەقەت ئاخشام تاماق يەپ ئولتۇرۇپ jJ*=Ghu-  
تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالغان ئىلھام . شۇڭا كېچىدىن قىينالساممۇ يېزىپ |o|gP8  
تاماملىدىم .

ataman52002011-02-01 12:34
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ..... قەلىمىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

patugulmamat2011-02-01 13:11
تۇنجى قېتىملىق ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ،كۆرۈشۈپ تۇرىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن !!

yawuzbag2011-02-01 15:00
بۇ ھىكايىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىدىن سىزنى تەبرىكلەيمەن.كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلاتقىدەك ۋە مەڭگۈ ئىسىدە قالغىدەك ئەسەر بوپتۇ. ,}eRnl\  
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

salamet2011-02-01 16:17
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىشىڭىزنى تىلەيمەن.تىرىشىڭ دوستۇم.

juriti2011-02-01 19:14
تىپىكلىككە ۋە سەكرەتمىلىككە ئەھمىيەت بىرىش-ھېكايىچىلىقتىكى مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۇل تېشى.تەكرارلىقتىن ۋە قۇرۇق ھەجىمدىن ساقلىنىڭ.

nigar2011-02-01 21:28
نەقىل
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى juritiدە2011-02-01 19:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : Mm>zpB`qP  
تىپىكلىككە ۋە سەكرەتمىلىككە ئەھمىيەت بىرىش-ھېكايىچىلىقتىكى مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۇل تېشى.تەكرارلىقتىن ۋە قۇرۇق ھەجىمدىن ساقلىنىڭ. T!=20!I  
[T}%q"<  
jza}-=&+e  
رەھمەت سىزگە !!!

arman2011-02-01 22:19
...نىگار،نىمانچە تەسىرلىك گەپلەرنى قىلدىڭىز؟؟؟ QigoRB!z#9  
ئۈزەممۇ تۇيمايلا يۈرىگىم يىغلىغاندەك بۇپ قاپتۇيا... ZVL- o<6  
V~]'+Aq>  
Vtz yB  
,/w852|ub  
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

abdusattar2011-02-02 00:38
ياخشى يىزىپسز  تېخىمۇ  تىرىشىڭ؟

tagxamili2011-02-02 13:00
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

bayawan2011-02-02 13:18
بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ، ئىجاتچان قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن ~ باغرى يۇمشاق ئادەم بولسا ھېكايە تۈگىگۈچە كەم دېگەندە 3-4 قېتىم يىغلاپ تاشلىغۇدەك !

islamkizi2011-02-02 21:01
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  نىگار  تۇنجى  قېتىملىق  ئەسىرىڭز  بولسىمۇ  شۇنداق eRl?9  
ياخشى  يېزىپسىز  تېخمۇ  ياخشى  نەتىجلەرنى  قولغا كەلتۈر شىڭىزگە   8@LykJbP  
تىلەكداشمەن  

lukman2011-02-02 21:29
نەقىل
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى nigarدە2011-02-01 12:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 1-قەۋەت (sansiz0903) نىڭ يازمىسىغا : FO'.a  
سىزگە كۆپ رەھمەت سەنسىز ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم . .&yWHdQC:  
شۇنداق ياخشى رەتلىنىپتۇ . TaHi+  
بۇ ئەسەرنى كېچىدىن ئۇخلىماي دېگۈدەك يازغان ئىدىم . {}_Oo%IVGK  
مەنمۇ يېزىش جەريانىدا يىغلاپ كەتتىم . نېمە سەۋەپلىكىنى J>|:T  
بىلمەيمەن . bd 1J#V]  
....... byy1MgQd  
2|NyAtPb5  
ياخشىمۇسىز سىزنىڭ بۇ ھىكايىڭىز خۇددى مىنىڭ بىشىمدىن ئۆتكەن كۇنلەرگە شۇنداق ئوخشايدىكەن ،بىراق مەن سىزگە دەپ بەرمىگەن ،مۇنمۇ بۇھىكايىنى ئوقوپ بەك تەسىرلىنىپ كەتتىم ،رەھمەت سىزگە.بۇسىزنىڭ بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەرنى تۇنجى قىتىم يىزىشىڭىز بۇلسمۇ ياخشى يىزىپسىز،رەھمەت سىزگە،

xahrizad2011-02-03 18:20
ئاھ مۇھتاجلىق ! D>x'3WYR  
بۇ ئەسەرنىڭ ئىچىگەكىرپلا كىتپتىمەن ،يۈرەكلىرىم ئىچىشپ كەتتى  . O7CYpn4<7  
تۇنجى ئەسىرىڭىزنىڭ  يۈرەكلەرنى بۇنچە ھاياجانغا سالغىنىنىڭ ئۆزى بىر مۇۋاپقيەت،

boran2352011-02-04 03:18
  

@sirdax2011-02-06 14:24
  نىگار،نىمانچە تەسىرلىك ،يازدىڭىز  بەكلا ياىشى چىقىپتۇ       قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ .                                 بۇلامدۇيە         

karima2011-02-07 13:59
بەك ياخشى يېزىپسىز. yWk:u 5  
ھېلىقى قىزغا ئەجەپمۇ ئىچىم ئاغرىدى.

بۆرە2011-02-08 01:06
ياخشى يېزىپسىز.بىرەر مەتبۇئاتقا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولغۇدەك.

sansiz012011-02-08 17:54
ياخشى يېزىپسىز ،ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن....

zirakqak2011-02-12 10:52
بەك ياخشى يىزىپسىز  ،تەسىرلەندىم.........                     

pakkalip2011-03-12 23:27
بەلەن تىمىكەن،  

gulsiri2011-03-21 18:50
ياراتققان ئاللا قولڭزغا دەت بەرمسۇن   تېخمۇ تىرشڭ

yamhur2011-06-14 17:56
نىمانداق تەسىرلىك يازدىڭىز    ئۇنۇڭ ئۈستىگە تۇنجى ئەسىرىڭىزكەن     مەن قاچانمۇ مۇشۇنداق ئەسەر يازغىدەك بولامە      

sumbul2011-06-23 00:43
يىرىم كىچىدە بۇ سەبىلەر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرنى ئۇقۇپ دۇستىمىز نىگارنىڭ قەلەم كۈچىنىڭ خېلى ياخشىلىقىنى ھىس قىلدىم . U$%w"k7^(  
ھىكايىنىڭ  سۆز جۇملىلىرى راۋان ، ۋەقەلىك ئاددى ھەم تەسىرلىك، مەزمونى ئىخچام يېزىلىپتۇ، گەرچە ئاپتۇر بۇ ھىكايىنى  تورمۇشتىن ئالغان تەسىراتى ياكى بىرەر تەسىر قىلغان ۋەقەلىك ئاساسىدا يازمىغان ، پەقەت تۇيۇقسىز كەلگەن ئىلھام تۈرتكىسىدە يازغان بولسىمۇ ئەمما تەسىر قىلىش كۈچى خېلى يوقۇرى ، دىمەك تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەن. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن!

biparwaadam2011-07-12 00:48
تېخىمۇ تېرىشىڭ.

sadakat2011-08-03 00:39
بەكمۇ ياخشى يېزىپ سىز

birjupgul2011-08-03 11:25
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسز، دىمىسىمۇ بىز بالىلارنىڭ تەلەپ قىلغان نەرسلىرى ئۈچۈن ئاتا- ئانىمىز نۇرغۇنلىغان قۇربانلارنى بەردى، ھەتتا بىزمۇ ئانا بولغاندىن كېيىن يەنىلا بىز ئۈچۈن تىنماي ئىشلەۋاتىدۇ. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. تېخىمۇ ياخشى ئەسەر يېزىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.    


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.027044 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us