رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تەرمىلەر گۈلزارى -> پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

Muhsin17872011-01-31 11:01
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر PgG |7='  
(جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2010-يىللىق 4-ساندا ئېلان قىلىنغان) QIMv9;  
<zDw& s2  
Fzld0p9=  
N>}K+M>  
پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ياخشى ئۆلگە1 ھېسابلانغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئاللاھ تائالا: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»2 دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشىمىزنى بۇيرۇغان.3 پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاھى بۇرچى ۋە دىنىمىزنىڭ تەقەززاسى. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەخسى ھاياتىمىز ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلگە قىلىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق ئىتائەت قىلاتتى؟ بۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ شۇ بويىچە يول تۇتۇشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى ۋە ساھابىلىرى بىلەن بولغان ھاياتىنى بىلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە ھەدىسلەردىن پايدىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئۆتىمەن. 9+is?Pj  
d-N"mI-  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ۋەھى تاپشۇرۋېلىشتىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان ئىدى.4 ئىچىگە خورما قوۋزاقلىرى تىقىلغان تۈشەكتە ياتاتتى.5 پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق ماختىنىشنى ياخشى كۆرمەيتتى.6 باشقىلارنى ئۆز خىزمىتىگە سېلىشنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق شۇنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىزكى، ساھابىلەرنىڭ يەيدىغان نەرسىسى يوق ئاچلىق ئىچىدە قالغان ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئوخشاشلا ئاچ ئىدى. پەيغەمبىرىمىز توق بولغان ۋاقىتلاردا بولسا ھېچبىر ساھابە ئاچ قالغان ئەمەس ئىدى.7 پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن ئەڭ يېقىن دوستلاردەك ئۆتەتتى.ساھابىلەرنىڭ خۇشاللىقىغا، غەم-قايغۇلىرىغا ئورتاق بۇلاتتى.ساھابىلەرمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا تارتىنماستىن شېئىر ئۇقۇشاتتى، چاقچاق قىلىشاتتى ۋە كۆڭۈللىرىدە نېمە بولسا ئېيتالايتتى.8 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت ساھابىلەرنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇياتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىمۇ ئەڭ دەسلەپ ساھابىلەرنى ئەۋەتكەن ۋە ئۆزى ئۇلاردىن كېيىن ھېجرەت قىلىپ بارغانىدى.9 ساھابىلەر يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلىرىنى پەيغەمبىرىمىزگە ئىغىزلاندۇراتتى ئىسمىنى پەيغەمبىرىمىزگە قويغۇزاتتى.10 پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا زىت ساھابە ئىسىملىرىنى باشقا ئىسىمغا يۆتكىۋىتەتتى. 11 @Y&9S)xcE  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك ھاياتتا ئاددى-ساددىلىقنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بۇ ئاددى-ساددىلىقىنى ئائىلىسىگىمۇ تەدبىقلايتتى. ئۆيلەرنىڭ ئۇرۇنسىز بېزىلىشىگە قارشى چىققان ئىدى.12 پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرنىڭ مۇشرىكلىك ھاياتىغا قايتىۋېلىشىدىن ئەمەس دۇنيا ھاياتىغا پۈتۈن نەپسى بىلەن بېرىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.13 شۇڭا مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا ياردەملىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۆزىنىلا ئەمەس باشقىلارنىمۇ ئويلاشقا تەشۋىق قىلاتتى.14 ئۆزىگە سوغات قىلىنغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىمۇ باشقىلارغا بېرەتتى.15 يوقسۇل، ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ قۇرسۇقىنى تويغۇزۇپ قۇيۇشتا ئۆزى بىۋاستە ئۆرنەك بۇلاتتى. R&=GB\`:a  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بېرەتتى. كىچىك بالىلارنى سۆيۈپ قۇياتتى ۋە ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى. يېنىغا كەلگەن بالىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قۇيۇپ بولسىمۇ كۆڭلىنى خوش قىلىپ قۇياتتى.16 كېسەللەرنى يوقلايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر دائىم كۆيۈنۈشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.17 پەيغەمبىرىمىز بامدات نامىزىدىن كېيىن ساھابىلىرىغا قۇرئان ئۇقۇپ بېرەتتى. دىندىن تەلىم بېرەتتى. ساھابىلەر ئۇقۇغان شېئىرلارنى تېڭشايتتى.18 ھەتتا ئۇلارنىڭ چۈشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ تەبىر بېرەتتى. پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇ خىل يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشلىرىنى ئوڭشاپ تۇراتتى ۋە خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ قۇياتتى. +}-W.H%`0  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ياخشى ئۆتەتتى.كىچىسى بىر ئايالىنىڭ يېنىدا قالغان بولسىمۇ كۈندۈزلىرى باشقا ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەھۋالىنى سورايتتى. ھەممىسىگە ئوخشاش ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۆيلەنگەندە يېشى كىچىك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنىڭ كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىشىغا رۇخسەت قىلاتتى.19 ئاياللىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. يېمەك-ئىچمەكتىمۇ ئۇلار يېگەن يەردىن يەيتتى. ئۇلار ئىچكەن يەردىن ئىچەتتى. ئائىشە زەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر ئىچىملىك ئىچىپ قاچىنى پەيغەمبىرىمىزگە ئۇزاتقىنىدا پەيغەمبىرىمىز ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئېغىزى تەككەن يەرگە ئېغىزىنى تەككۈزۈپ تۇرۇپ ئىچەتتى. يەنە ئائىشە ئانىمىز بىرەر ئۇستىخان گۆشنى چىشلەپ پەيغەمبىرىمىزگە بەرگەن بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۇ چىشلىگەن يەردىن چىشلەپ يەيتتى.20 پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى. ئۇلار ئوينىغان ئۇيۇننى بىللە تاماشا قىلاتتى.21 پەيغەمبىرىمىز پەقەت ئاياللىرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق دۇنيالىق ئارزۇسىغا قارىشى چىقىپ ئاياللىرىدىن بىر ئاي ئايرىلىپ تۇرغان ھەتتا بۇ تۈپەيلى ئۇلارغا ئاجرىشىپ كىتىش ئىختىيارىنىمۇ بەرگەنىدى.22 =<'iLQb1  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلىسىدىكىلەر مەدىنىگە كەلگەندىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ كۈن تويغۇچە بۇغداي تامىقى يەپ باققان ئەمەس.23 ئىككى-ئۈچ ئايغىچە ئۆيلىرىدىكى ئۇچاققا ئوت يېقىلىپ باقمىغان. ئەنسارى خوشنىلىرىنىڭ ئەۋەتىپ تۇرىدىغان تۆگە سۈتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا قۇرسىقىنى قۇرۇق خورما ۋە سۇ بىلەنلا قامدىغانىدى.24 بېرىلگەن ھەدىيەلەرنى رەت قىلمايتتى.25 ھەدىيە بەرگەن كىشىنىمۇ قۇرۇق قول قايتۇرمايتتى. يېتىم، تۇل ئاياللار ۋە يوقسۇل كىشىلەر بىلەنمۇ ئارىلىشاتتى. كېسەل بولسا يوقلايتتى. جىنازە نامازلىرىغا قاتنىشاتتى.قۇل-چۆرىلەر چاقىرغان يەرلەرگىمۇ باراتتى. ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ھەر ۋاقىت ياخشى دۇئا-تىلەكلەر قىلىپ تۇراتتى.26 ئۆتمۈشىگە چىڭ باغلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ يەتمىش كۈنلا ئۆمۈر كۆرگەن ئوغلىغا بۇۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىدى.27 w[A3;]la  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھېچكىمنىڭ مىراسچى بۇلالمايدىغانلىقىنى، مىراس قالغان ماللىرىنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.28 مۇسۇلمانلارنى ئىسراپچىلىقتىن ۋە بىر-بىرىنىڭ يۈرىكىگە ئەنسىزچىلىك سېلىپ قورقۇتۇشتىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.29 مۇسۇلمانلارنى قىلغان ئىبادەتلىرىگە ئىشىنىپ كىتىپ ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان.30 مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرنى ياخشى كۆرمىگۈچە كامىل مۇئمىن بۇلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.31 بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئۇمۇملىشىشىنى كۆزلىگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆسمۈرلەرگە ئۇقۇشنى ۋە سۇ ئۈزۈشنى تەسسىيە قىلغان. بىر قېتىم سەپەردىن قايتقاندا ئالدىغا چىققان بالىلارنى ئۇلىغىغا مېندۈرۈپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلغان.32 *UL|{_)c  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەردىن مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياردەم قىلىپ ياخشىلىق قىلغانلارنى تەقدىرلەيتتى.بۇ خىل ئېسىل پەزىلەتلىرىگە مۇناسىپ ھالدا ئەبۇ بەكىرنى «سىددىق(راستچىل، ئىشەنچىلىك دوست)»، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەل جەرراھنى بولسا «ئەمىن (ئىشەنچىلىك)» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغانىدى.سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ قىلغان ياخشى خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇ ۋاپات بولغاندا «ئاللاھنىڭ ئەرشى تىترىدى» دېگەن.33 پەيغەمبىرىمىز ھەر دائىم ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ ساھابىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان. vs0H^L  
مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز ئۆز-ئارا قىلىشىدىغان گەپ سۆزلىرىدە چۇقۇم ياخشى سۆزلەرنى قىلىشلىرىنى تەكىتلەيتتى.34 «مېنىڭ دوستلىرىم پەقەت ئاللاھ تائالادۇر ۋە ياخشى مۇئمىنلەردۇر» 35 دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە يېقىن تۇرۇشقا چاقىرغان. 7SY->-H8  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى جاھىلىيەتنىڭ ئىسلامغا زىت ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىپ تۇراتتى.ساھابىلەرنى كۈچى يەتمەيدىغان، تەبىئىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋە ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى. كىچىدە ئىبادەت قىلىمەن دەپ تۈنىگەن ھەۋلە گە: «كۈچىڭىز يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ» دېگەن. 36 نازۇك ۋە شەخسى مەسىلىلەرنىمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن سوراپ تۇرىدىغان ساھابىلەر37 ئارتۇق سوئال-سوراق بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيتتى.كۈچىنىڭ يىتىشىچە بۇيرۇلغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە توسقان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشاتتى.38 {O&liU4  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى.ئۆزىمۇ پىتنىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشتىن ۋە خاتا چۈشەنچە بىرىپ قۇيۇشتىن ساقلىناتتى.39 گۇمانخورلۇق، تۆھمەت ۋە خاتا چۈشۈنۈش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئاگاھلاندۇرغان ئىشلىرىدىندۇر.ئايالىنىڭ قارامتۇل بۇۋاق تۇغۇپ قويغىنىدىن يامان گۇماندا بولغان بىر ساھابىگە پەيغەمبىرىمىز تۆگىلەرنىڭ جۈپلىشىشىنى مىسال قىلىپ ئۇنى قايىل قىلغان.40 پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا سەۋەپسىز قارىشىنى چەكلىگەن ئەمما ئۆيلەنمەكچى بولغانلارنىڭ بىر-بىرىنى چۇقۇم كۆرۈشلىرىنى ئېيتقان.41 فىترەتكە زىت بولغان بارلىق ئىشلارنى دىندىن ھېسابلىمىغان پەيغەمبىرىمىز،ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىبادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى رەت قىلاتتى ۋە بۇ نوقتىدا ئۆزى بىۋاستە ئۆرنەك بۇلاتتى.42 ah Xq{>  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىمدىن قەرىز ئېلىشتىن قەتئى نەزەر ۋاقتى كەلگەندە چۇقۇم قايتۇرۇشنى ئىشارەت قىلغان.ئۇتۇن كىسىپ سېتىشنى تىلەمچىلىكتىن ئەۋزەل دەپ قارىغان.43 مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە قۇپاللىق قىلماسلىقىنى، ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇشىنى ۋە ئۆز-ئارا مېھرىبان بولۇشىنى ئېيتىپ : «مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ».44 دېگەن. 6 % y)  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقىت بولسىلا ساھابىلىرىگە نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. نەسىھەتلەرنى قىسقا قىلاتتى.سەپەرگە چىقمىغان كۈنلىرى بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىققۇچە ساھابىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشايتتى. 45 ئىنسانلارنى رەڭگى، شەكلى ۋە قەبىلىسىنى باھانە قىلىپ ئۇلارنى بۇزەك قىلىشقا ۋە كەمسىتىشكە قاتتىق قارىشى ئىدى.بىلال رەزىيەللەھۇ ئەنھۇنى «قارا خۇتۇننىڭ بالىسى» دېگەن ئەبۇ زەر ئەل-غىفارىيغا پەيغەمبىرىمىز: «سەندە جاھىلىيەت ئىزلىرى بارئىكەن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.46 uF3p1by  
بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەن پەيغەمبىرىمىز جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان.47 يوللارغا تۈكۈرۈش ۋە بۇرنىنى تاشلاشنى چەكلىگەن.48 مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق قوللۇنىدىغان جايلىرىنى تازىلايدىغان كىشىنى ماختىغان.49 qM:)daS1w  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ خاتالىقىىنى يۈزىگە سالمايتتى. باشقىلارنىڭ ئوخشاش خاتالارغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن: « پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئىسمىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بارئىكەن دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى».50 «مەن بىلگەننى سىلەر بىلگەن بولساڭلار چۇقۇم ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بۇلاتتىڭلار» 51 دېگەن پەيغەمبىرىمىز: «سىلەر دۇنيا ئىشلىرىنى ياخشى بىلىسىلەر» دېيىش ئارقىلىق ساھابىلىرىنىڭ دۇنيالىق ئىشلاردىكى بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرىگە ھۆرمەت قىلغان.52 ساھابىلىرىگە قىلالمايدىغان ئىشلارنى سۆزلىمەسلىكنى، چاقچاق قىلغاندا بولسىمۇ يالغان سۆزلىمەسلىكنى ۋە يالغان گۇۋاھلىقتىن قەتئى ئۆتمەسلىكنى تاپىلىغان.53 ihBl",l&Hq  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ساھابىلىرىمنى ھاقارەتلىمەڭلار.ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىرى ئۇھۇد تېغىچىلىك ئالتۇن خەجلىسىمۇ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئازىراقى ۋە ياكى يېرىمىچىلىكمۇ بۇلالمايدۇ».54 دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرغان ۋە ئۇلاردىن ھېچبىر ۋاقىت ئايرىلمىغان.ھەتتا ئاتتىن يېقىلىپ بەدىنى ئاغىرىپ تۇرسىمۇ ساھابىلەرگە نامازدا ئىمام بولۇپ بىرىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان.55 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ھەر زامان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار»56 دېگەن قۇرئان ئايىتى بىلەن مۇئمىنلەرنى بىرلەشتۈرگەن. ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى قۇرئان بىلەن ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.57 5Kw?SRFH/  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ۋە ئەتىراپىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن يۇقارقىدەك زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۇلارغا ئۆرنەك بولغاچقا ساھابىلەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى58 ھېسابلاپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشقان. بۇزغۇنچىلىققا يول قويمىغان.ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرغان.59 ئەر-ئاياللار بىر-بىرنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشپ ئۆتكەن.60 بىر-بىرىنى قوللاپ، ياردەملىشىپ ۋە بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ ياشىغان.61 ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشىپ بۇ دۇنيادىكى نېسىۋىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان.62 ھەممە ئىشتا مەسلەھەتلىشىپ63 باشقىلارنىڭ ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان. ھەممىسى ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئۇرۇنلىغاچقا ئادالەتنى64، ماللىرى ۋە جانلىرىنى شۇنداقلا يۈز-ئابروي ۋە شان-شەرىپىنى قوغداپ خاتىرجەم ھاياتقا ئىگە بولغان. ,WDAcQ8\  
ئاللاھ ھەممىمىزگە كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلغان ساھابىلەرگە ئەگىشىشىمىزنى شۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىر-بىرىمىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى نېسىپ قىلسۇن.ئامىن! MW[ 4^  
WfbNar[  
نەقلى مەنبەلەر: B*iz+"H  
5GFnfc}  
1. سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت. .x$T a l  
2. سۈرە ھەشر 7-ئايەت. z%dlajY m:  
3. سۈرە ئال ئىمران 132-ئايەت. سۈرە ئەنفال 46-ئايەت. ;)]zv\fC  
4. سۈرە كەھف 109-ئايەت.سۈرە فۇسسىلەت6-ئايەت. +95dz?~  
5. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل- مەزالىم. 3cFLU^  
6. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي،كىتابۇ،ل- ئەنبىيا. Iy4M MU  
7. سەھىۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەتئىمە. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئەشرىبە. Lpbn@y26<  
8. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئەيدەين. ئىبنى ماجە، كىتابۇ،ن-نىكاھ. \fR:+rbQ&|  
9. ئەبۇ،ل-فەرەج ئابدۇرراھمان ئبنۇ،ل-جەۋزى ، ئەل-مۇنتەزەم فى تارىخۇ،ل-مۈلۈك. (dip Ks?K  
10. سەھھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەقىقە، سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئاداب. 2_\|>g|  
11. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاسىيە»دېگەن ئىسىمنى «جەمىلە»دېگەن ئىسىمگە يۆتكىۋەتكەن. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئاداب. # %y{mn  
12. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-لىباس. RF2XJJ  
13. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-جەنائىز. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-فەزائىل. <T/L.>p4  
14. سەھىھۇ مۇسلىم، فەزائىلۇ،س-ساھابە. 0fK|}mmZA  
15. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ھەج كىتابۇ،ل-ئەشرىبە. {=4:Tgw  
16. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،س-سالات، سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-فەزائىل. KR(ftG'  
17. ئىبنى ماجە، كىتابۇ،ل-مۇقەددىمە. MNmQ%R4jRN  
18. سۈنەنى،ت-تىرمىزى، كىتابۇ،ل-ئەدەب. 64>[pZF8  
19. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ فەزائىلى،س-ساھابە. ئەبۇ،ل-فەرەج ئابدۇرراھمان ئبنۇ،ل-جەۋزى ، ئەل-مۇنتەزەم فى تارىخۇ،ل-مۈلۈك. 8Xzx ;-&4  
20. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ھەيز. lFV|GJ  
21. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-فەزائىل.  +5mkMZ  
22. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ت-تالاق. سەھىھ مۇسلىم، كىتابۇ،ت-تالاق. 64X#:t+  
23. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەتئىمە. &LQab>{*K  
24. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ز-زۈھدى ۋە،ر-رەقائىق. "FIx^  
25. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇل،ل-ھىبە. ^ 6|"=+cO\  
26. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەدەب. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-بىر. X*"O'XCA  
27. سەھىھۇ مۇسلىم ، كىتابۇ،ل-فەزائىل.سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد، كىتابۇ،ل-كىتابۇ،ل-جەنائىز. be#"517  
28. سەھىھۇ،ل- بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئىئتىسام بى،ل-كىتاب ۋە،س-سۈننە. }jgAV  
29. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،س-سالات. M':.b+xN  
30. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ر-رىقاق. $*-L8An?  
31. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئىمان. سۈنەنى ئەبى داۋۇد، كىتابۇ،ل-ئەدەب. EC#10.  
32. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل جىھاد، كىتابۇل،-لىباس. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،فەزائىلۇ،س-ساھابە. @il}0  
33. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،فەزائىلۇ،س-ساھابە. .WE0T|qDX  
34. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-جەنائىز. 8E%*o  
35. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەدەب. سەھىھۇ، مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئىمان. e' VXyf  
36. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،س-سەۋم. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ سالاتۇ،ل-مۇسافىرىن. M?u)H&kEl  
37. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ۋۇزۇ.سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ھەيز. t O>qd#I  
38. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئىئتىسام. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ھەج. Qf]!K6eR  
39. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئىئتىكاف. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،س-سالام. c?",kzo  
40. سەھىھۇ،ل- بۇخارىي، كىتابۇ،ت-تالاق. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-لىئان. h!~yYNQ"  
41. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ن-نىكاھ. 59 Y=VS  
42. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ن-نىكاھ. b;l%1x9r  
43. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ز-زاكات.ئىبنى ماجە، كىتابۇ،ت-تىجارەت. cA2]VL.r>C  
44. رىيازۇ،س-سالىھىن، 143-باب، 893-ھەدىس. o]U ==  
45. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-فەزائىل. }2oJ  
46. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەدەب.سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-ئەيمان. /[5up  
47. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەزان.سۈنەنى ئەبى داۋۇد، كىتابۇ،س-سالات. _*I6O$/>  
48. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،س-سالات. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-مەساجىد. L 3@wdC ~0  
49. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-جەنائىز. .R5z>:A  
50. ئەبۇ داۋۇت، كىتابۇ،ل- ئەدەب. p\\q[6  
51. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ن-نىكاھ. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-فەزائىل. -',Y;0b%  
52. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،ل-فەزائىل. ')cu/  
53. سۈرە ھەج 30-ئايەت. cTp+M L  
54. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،فەزائىلۇ،س-ساھابە. سۈنەنى ئەبى داۋۇد، كىتابۇ،س-سۈننەت. $*R9LPpk+  
55. سەھىھۇ،ل-بۇخارىي، كىتابۇ،ل-ئەزان. سەھىھۇ مۇسلىم، كىتابۇ،س-سالات. oZtz"B  
56. ئال ئىمران 103-ئايەت. amgex$  
57. سۈرە نىسا 59-ئايەت. pE N`&'4  
58. سۈرە ئەل ئىمران 132-ئايەت.سۈرە مائىدە 92-ئايەت.سۈرە ئەنفال 46-ئەيەت.سۈرە مۇھەممەد 33-ئايەت. %BKTN@;7  
59. سۈرە نىسا 58-ئايەت. [~wcHE  
60. سۈرە نىسا 34- 35- ۋە 128، 129، 130-ئايەتلەر. 6:pN?|=6X  
61. سۈرە تۆبە 71-ئايەت. Xy +|D#b  
62. سۈرە قەسەس 77-ئايەت. }kDrUnBk  
63. سۈرە ئال ئىمران 159-ئايەت. Q23y.^W%c  
64. سۈرە ئال ئىمران 58-ئايەت. سۈرە ھۇجرات 9-ئايەت. C2v7(  
oP6G2@3P/  
ئاپتۇر شىنجاڭ ئىسلام ئېنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتتى ئىجتىمائى پەنلەر ئېنىستىتۇتىنىڭ ئىسلام تارىخى ماگىستىرلىق دەرىسلىرىنى تاماملىغان ):@B1 yR  
qxx.f5 8H  

nurziya2011-01-31 17:04
ساقلىإالاي

bayawan2011-01-31 22:16
ئاللاھ بىزنى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشقا نېسىپ ئەتكەي ~ پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇلارغا يېقىندىن ئەگەشكەنلەرگە ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى بولسۇن !

arman2011-01-31 23:11
دونيادىكى يۈز مەشھۇر شەخىس دىگەن كىتاپتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرىنجى ئۇرۇنغا تىزىلغانلىقى يۇقارقىلانىڭ دەلىلىنىڭ بىر قىسمى ... yS""*8/  
ياخشى تىما يوللاپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي

mehrigiya2011-02-01 11:00
ساقلاشقا ئەرزىگۈدەك ئىسىل تېمىكەن .يوللىغان ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .

9428302011-02-01 18:04
مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلەرنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر قىلغان ئۇلۇغ ئىگىمىزگە ھەمدۇ-سانالار بولسۇن،ئەجرىڭىزگە رەخمەت قېرندىشىم ،ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي

ay-turk2011-02-02 15:22
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر!!!!! ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي

paris2011-02-02 22:18
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېما يوللاپسىز پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالام قۇران كەرىمنىڭ ئۆزى ئىدى. m 78PQxH  
پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:ئالدىنى كۆرگەندە ئالدىنى كۆرەتتى،كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەن بىلەن دىلى ئۇخىلىمايتى ھەمىنى بۈلۈپ تۇراتتى،قىلغان تەرىتىنى ئىنسان كۆرەلمەيتى زىمىن يۈتىۋاللاتتى،ززىمىنغا سايىسى چۈشىمەيتى ،ھەرقانداق ئادەمدىن بىر غېرىش ئۈستۈن تۇراتتى،قەتتى ئەسنىمەيتى،چىۋىن پاشىدەك نەرسىلەر قونمايتى.........ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇلىغى ئىدى.

kvrax2011-02-03 06:39
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرلىكى بىلەنلا ئەمەس،گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى،قانائەتچانلىقى ،ئاددى -ساددىلىقى،ئالىجاناپلىقى،دوستانە خۇش پېئل لىقى بىلەن ساھىپلىرىنىڭ چوڭقۇرھۆرمىتىگە ،سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىكەن.ھەقىقەتەنمۇ مۇھەممەدپەيغەمبىرىمىز بىزنىڭ بىردىنبىرئۆگۈنۈش ئۈلگىمىزدۇر،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىدىيسى ۋە پىكرى بىزنىڭ يولباشچىمىز ۋە نىشانىمىزدۇر. ئېسىمىزدە ھەرۋاقىت بولىشى لازىمكى ، <بىز > پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەچكۈچىلەردۇرمىز!

salamet2011-02-03 13:42
بىزگە ئۈلگە بولىدىغان پەزىلەتلەر ئىكەن، ئاپتورنىڭمۇ ئەجرىگە رەھمەت! ئاللا پەيغەمبىرىمىز ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت قىلسۇن...!

borani2011-02-05 02:28
ئۇلۇغ ئاللا ھەممېمېزنېڭ قەلېبلېرېمېزنې ئېمان-ئېسلام نۇرې بېلەن يورۇتقاي ،تېما ئېگېسېگە كوپ تەشەككۇر  ئاللا ئەجرېڭېزنې بەرگەي  

kurax32011-02-05 12:07
ياخشى تېما يوللاپسىز ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

comandir2011-02-05 13:21
رەسۇلىللا ماڭغان يولدىن ئىككى سائەت كىيىنمۇ خۇشبۇي پۇراق كەتمەيدىكەن. ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرمەك ۋە ئەمەل قىلماق تەس، بىراق يامان ئادەت ۋە سۆز ھەركەتنى قىلماق بەكلا ئاسان، بىراق ياخشى نامنىڭ ئۆمىرى ھامان يامان نامدىن ئۇزۇن ھەم مەرھەمەتلىك.

bas-bas2011-02-05 22:17
ئاللا رخمەت قىلسۇن              

yangin2011-02-06 18:45
اللا ئەجرىڭىزگە رەخمەت قىلسۇن جىنىم قىرىندىشىم.

arzuyum1132011-02-06 21:26
تىما ئگىسىگەتەششەككۇر.

muntazbag2011-02-10 00:24
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز ،اللاھ سىزگە ۋە ھەممىمىزگە ئىنساپ -ئىمان ،ئەڭ چوڭ بايلىق سەۋىر -تاقەت ئاتا قىلسۇن قېرىندىشىم ،،اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  

zirak7272011-02-10 01:19
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن

gunahkar2011-02-23 01:01
ئاللاە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن بىلىمىڭىزنى يۇقىرى قىلسۇن ئامىين

بىخ2011-02-23 17:01
بەك ياخشى تىمىنى يۇللاپسىز . ھەممىمىز كۈرۈشكە تىگىشلىك ، ساقلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تىمىكەن . ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

pakkalip2011-03-11 18:20
    

intilix2011-03-12 10:35
بۇتېمىنى كىچىكىپ ئوقۇپتىمەن ،بەك ياخشى تېما ئىكەن،مۇشۇنداق ياخشى تېمىڭىز بولسا،ئىسلامغا ئائىت ئۇچۇرلاربولسا كۆپرەك يوللاپ قۇيارسىز

yulgunhuxal2011-03-12 23:14
ئاللاھ رەھمەت قلسۇن.رەھمەت سىزگە

anaturuk2011-03-18 15:44
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،بەلەن تېما يوللاپسىز.

yuraktaalam2011-03-24 00:03
ئاللا ھەر بىرىمىزگە رەھمەت قىلسۇن KO:o GUR  
مۇسۇلمانلىق دەۋاسى  قىلدىغان ھەربىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدىن مېڭشىمىز كىرەك m\j'7mZ1  
شۇندىلا بىز ئارزۇ قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەت بىزگە ئىشىك ئاچىدۇ!

zirak7272011-03-25 00:29
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشم ھەققىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز

namrullah2011-03-25 04:41
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بېز  ھازېر مۇشۇ نېڭ غا يەنې پەي غەم بېرمېز  سەللەللاھۇ ئەلەيھې ۋەسسەللەمنېڭ تارخغا مۇھتاج   ئاللا ھ ئما نڭېزنې   ھەم  ئۇمرېڭېز نې مۇشۇن داق مۇبارەك  ئشلارغا ئاتشېڭزنې ئۇمۇت قېلمەن    خەير ئاللاغا  ئامانەت            

rayhan2011-03-25 18:36
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىسۇن رەھمەت       

zirak7272011-03-25 20:12
ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي، G)M9to  
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ماڭغان يۇلىدىن kuqf(  
مېڭىشقا نىسىپ قىلغاي ئامىين !!!!!

zirak7272011-03-28 01:28
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشم ھەققىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىز

zirak7272011-03-28 18:25
[attachment=1166]

1tulpar2011-03-28 18:54
جانابى ئاللاھ بىزلەرنى پەيغەمبىرمىزنىڭ يولدىن مىڭىشقا نىسىپ قىلسۇن  ئامىن

walhamdulilla2011-03-28 21:33
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن.مۇشۇنداق تېمىلار داۋاملىق ئەۋەتىلىپ بىزگە ھەمراھ بولسا خۇددى چاڭقىغاندا مۇزدەك سۇ ئىچكەندەك بولاتتۇق.!

hedayat2011-03-29 12:53
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،ئاللا قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن

zirak7272011-03-30 19:16
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشم ھەققىقەتەن ياخشى تېما يوللاپسىزئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي،

anaturuk2011-03-30 22:31
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ،ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز!

zirak7272011-04-01 13:51
ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي، [attachment=1176]  [attachment=1177]

marisohli2011-04-02 13:33
تما ئىگىسى بىلەن بىر كۈرۈشكۈم كەلدى،سىزگە كۆپ رەھمەت.

karikaxogli2011-04-02 22:18
ئاللا رەھمەت قىلسۇن

zirak7272011-04-14 01:04
ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي،

pakkalip2011-05-05 18:10
    

karikaxogli2011-05-07 15:31
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

rayhan2011-05-07 19:28
                              

karikaxogli2011-05-15 16:53
ئاللا رەھمەت قىلسۇن             

akbar09032011-05-28 00:14
ياخشى تىما يوللاپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي

akbar09032011-05-28 00:20
ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي،   تىمائېگىسىگە تەشەككۇر، 4u} "ng  
    

gulkalam2011-05-28 14:51
باشتىن ئاخىرئوقۇپ چىقتىم بەك ئىسىل تىمىكەن سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

چەشمە2011-05-28 17:17
پاھ! نىمە دىگەن ياخشى تېما بۇ، اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، بىز مۇسۇلمانلار 52+;j[ ]/O  
ئاغزىمىزدىلا ئەمەس بەلكى ئەمىلىيىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. اللە ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي رەھمەت سىزگە.

karikaxogli2011-06-04 19:14
ئاللارەھمەت قىلسۇن     

karikaxogli2011-06-07 23:13
بەك ياخشى تىمىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.026753 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us