رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىن --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> شېئىرىيەت ئالۋۇنى -> تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىن [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

nigar2011-01-30 15:03
تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىن
,h#U<CnP#  
AUan^Om  
تېيىپجان ئېلىيوف___ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، na%DF@Rt#  
مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئابروي قازانغان ئاتاقلىق شائىر . K|OowM4tv  
ئەدەبىياتشۇناس تېيىپجان ئېلىيوف " شەرق ناخشىسى " ، " تۈگىمەس ناخشا " ، " تۆھمەت U1.w%b,  
قۇربانى " ... قاتارلىق توپلارملارنىڭ مۇئەللىپىدۇر . ^2|G0d@.:  
ئۇ يېڭى ھايات ۋە پارلاق كېلەچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى بولۇپ ، يۈكسەك ھۆرمەتكە bnm3cR:h"  
ئېرىشكەن كۆپ مەھسۇلاتلىق شائىر . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ تىللارغا تەرجىمە ';CL;A;  
قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىي مىراسقا ئايلانغان. 7[b]%i  
تېيىپجان ئېلىيوف 1930-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1989-يىلى 59يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
B?-~f^*,jG  
 
W=$cQ(x4Z  
5@:c6(5$  
Zl:Z31  
JyfWy  
ۋەتەن ھەققىدە غەزەل
^EG@tB $<  
!Q0aKkMfL  
جان ئانام ،جانان ئانام جۇڭگو، ئۇنىڭ پەرزەنتى مەن، 1 Ar6hA  
مېھرىگە جىسمىم بىلەن ، ئىشقىم بىلەن پەيۋەندە مەن . z1WF@ Ej  
قەلبىمىزنىڭ مەشئىلى كومپارتىيە-باشلامچىمىز ، RyJN=;5p  
توي بىلىپ ئات سالىمەن ئۇ باشلىغان ھەر جەڭگە مەن . 7wm9S4+|  
شۇ قۇياشىلىق دەۋرىمىزدىن تاپتى ئەل چوڭ شان-شەرەپ، cSkJlhwNn  
ئىپتىخارىم شۇ زامانغا كۈيچى مەن ، سازەندە مەن . ;`TSu5/  
شۇ مۇھاببەتسىز، شۇ مەشئەلسىز، شەرەپسىز بىر مىنۇت_ ?7H'#l  
ياشىسام جەننەتتىمۇ ،دەيمەن " دوزاخقا بەندەمەن " . #hNp1y2  
تارىخىم بار شانۇ شەۋكەتلىك شۇ تۇپراق قامۇسى ، i;yr=S,a0/  
مىڭ كىتابلىق دەرس ئالارمەن ھەر ۋاراق كۆرگەندە مەن . /{j")  
شۇ ئۇلۇغ تارىخقا ۋارىس بولمىسام ئۆرۈم بويى ، `!K!+`Z9  
ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى ، بولغاندىن تىرىك شەرمەندە مەن . T\Zq/Z\  
ئانا تۇپراق توپىسى گويا كۆزۈمگە تۇتىيا ، @k`^Z5tN  
چۆلدە يۈرسەممۇ ئۆزۈمنى سېزىمەن گۈلشەندە مەن . "n4' \ig  
سۇلىرى ئابىھايات ،كەۋسەر خىجالەت ئالدىدا، +Y:L4`  
نە ئۈچۈن مۇھتاج بولاي ، خۇشتار بولاي زەمزەمگە مەن . $oJ)W@>  
نەگە بارسام ئۆز ئانام قوينىدا مەن ، ئۆگەي ئەمەس ، Rm{\ R  
مەيلى خوتەن،مەيلى ئەنشەن،مەيلى تەيخاڭشەندە مەن. \mBH6GS  
ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم ، e>Z F? (a0  
ئۆز ئېلىمدە يايرىغاي كىيسەم كۇلاھۇ جەندە مەن. u_5O<UP5  
مەنىداش قەھرىگە قەھرىم ،كۈلكىسى كۈلكەم مېنىڭ ، JE`mB}8s/  
قايسى غەمدە بولسا ئۇ ، مەنمۇ ھامان شۇ غەمدە مەن. .Fz5K&E=  
سانجىلارمەن تىغ بولۇپ كىمكى ئۇنىڭغا قىلسا قەسىت، w84] s%y  
دوستىغا دوستلارچە ھەردەم بولىمەن ھەمدەمدە مەن. T@GR Tg  
راھىتى تۇرماق جاپالىق پەيتىمۇ راھەت ماڭا ، R/yOy ^<  
دادلىسام راھەت ئارا تۇزكور بولۇپ ئۆلمەمدىمەن. Qoj}]jve  
كۇھىقاپقا قارشى ماڭغان پەھلىۋان ئوغلى تۇرۇپ، +Rtz`V1d  
قۇترىغان تەتۇر قۇيۇنلار نۇقۇسا تەۋرەمدىمەن ! 0P5!fXs*  
بەختى كۈلمەكتە ۋەتەننىڭ،ئەتىمىز ئاندىن گۈزەل، U2tsHm.O  
تۇرسا ئۇ بەرگەن كۆزۈم، شۇ ئەتىنى كۆرمەمدىمەن. H& #Od?  
ئۆز نېسىۋەمدەك قۇچاقلايمەن شۇ بەخىت رەناسىنى، jJpSn[{  
ئاسرىغاچقا مەنمۇ جۇتلاردىن ئۇنى مەيدەمدە مەن. YzcuS/~x  
شۇ ۋىسالدىن رىشتە ئۈزگەنلەرنى ئۇچراتسام شۇ چاغ، F4m Q#YlrS  
نېمە دەر، ئىغۋاسىنى سالسام يۈزىگە شۇندا مەن. iwHy!Vi-5  
بەختىيار مەن "مېھرىبان ئوغلۇم"دېسە مېنى ئانام، A%VBBvk  
تاپقۇدەكمەن بۇندىن ئارتۇق قايسى بەخىتنى ئەمدى مەن! XsldbN^ 6  
بىر ئۆمۈر باغرىدا تەر تۆكسەم، ئۇنى قىلسام رىزا، "EoC71  
نەئىمىشدۇر بىر ئۆمۈر،مىليۇن ئۆمۈر خۇرسەندە مەن. N.J;/!%!  
ئۆلمىدى دەڭلار مېنى، ئۆلسەممۇ ياتسام كۆز يۇمۇپ، AUloP?24  
شۇ ئانا تۇپراقتا قېزىلغان ئەزىز قەبرەمدە مەن . 67I6]3[ Z  
يۈكلىگىن يۈكنى ئانا ،مەن تاڭشۇرۇلغان تۇلپىرىڭ، ub "(,k P  
سەن ئۈچۈن يۈكلەشكە رازى تاغنىمۇ يەلكەمگە مەن. Fr%LV#Q  
بار ئۈچۈن سەن مەنمۇ بار،سەنسىز ھاياتىم يوق مېنىڭ، n'/w(o$&  
چۈنكى مەنمۇ سەن بىلەن بىر جاندا مەن،بىر تەندە مەن.
+uF!.!}  
9T47U; _)  
k'N `5M)  
مۇقام .+G),P)   
ZQvpkO7}M  
سازچى ياڭراق سازىدا قىلسا سېنى ناخۇن، مۇقام، rK*s/mX <  
جان قاناتلانغاي شۇئان بولغاچ ساڭا مەپتۇن، مۇقام، F|*{Ma  
سەن بىلەن دائىم ئۆمۈر گۈلزارىمىز گۈلگۈن،مۇقام، YJw9 d]  
دىلغا ئاتەشتەك ھارارەت بەرگۈچى يالقۇن مۇقام، (o_fY.  
ئاھ مۇقام،ئوتلۇق مۇقام،گۈلگۈن مۇقام،ئالتۇن مۇقام. j.$#10*:  
u93=>S  
سەن ئۈچۈن چىقتى ساتار،تەمبۇر،فارانى قالۇنى،  M/5e4b  
قوشتى نەغمەڭگە ناۋا ساھىر(1) نەۋاھىنىڭ ئۈنى، 40pGu  
تىزدى مارجاندەك قىدىرخان ھەم رەشىدى،خانىش سېنى، =R#K` H66j  
سەندە بار بىر نەچچە مىڭ يىلنىڭ مۇسىقى مەزمۇنى، ~UjFL~K}  
نەغمىلەر سورۇنىدا ئورنۇڭ شۇڭا ئۈستۈن مۇقام. 'kc_OvVA  
.~V0>r~my  
سەندە كۈيلەيدۇ كۆڭۈل كۈيىنى ئۇيغۇر مىللىتى، A~Eu_m  
سەندە ياڭرايدۇ ئۇلۇغۋارلىق ،پەزىلەت رىغبىتى، L0SeG:  
سەندە روشەن سۆيگۈ ئەھلىنىڭ مۇھەببەت_نەپرىتى، TX]4Y953D  
سەندە ئۇرغۇيدۇ ئازادلىق ئاشىقىنىڭ جۈرئىتى، :g3n[7wR  
سەن ئازادلىق ھەم گۈزەللىك ئىشقىغا ئۇيغۇن مۇقام. 'v4#mf  
R2FhWiL  
ھەر مۇقامنى خۇددى بىر دەريا دېسەك،ككپ تارمىقى، Vg/{;uLAe  
ئاقىدۇ شەربەت ئۇنىڭدا ھەمدە بار سۈت-قايمىقى، hG cq>Cvf  
ھەر مۇقامنى بىر دەرەخ دېسەك،ئۇنىڭ كۆپتۇر شېخى، y3$i?}?A  
كۆزلىرىڭنى چاقنىتار ھەر شاختىكى گۈل،ياپرىقى، k,M%/AXd  
جانغا راھەت،دىلغا ئارام مېۋىسى نۇرغۇن مۇقام. >#B%gxff  
sz/7cLo  
ھەممە ئادەم ئىنتىزار ساز ئوڭشىلىپ باشلانغۇچە، &R/)#NAp  
ئويغا چۆمگەي بىر ھازا چوڭ نەغمىگە ئاتلانغۇچە، L,.Aei9  
دىل گويا دەريا بولۇپ ئۆركەشلىنەر داستانغىچە، m8H|cQ@Uu  
ئېيتسا بىر داستانىمۇ پۈتمەيدۇ ھەتتا تاڭغىچە، PJN TIa  
مەشرىپى ئۈندەر ئۇسۇلغا،پەيزى مول،جۇشقۇن مۇقام. km'3[}8o&  
8qn1? Lb  
سەندە ياڭرايدۇ خەلىقنىڭ ئەڭ ئېسىل كۈي-نەزمىسى، Kxz<f>`b/  
بارچە ئۇيغۇرنىڭ سېنىڭسىز قىزىماس توي-بەزمىسى، elb|=J`M0  
سەن خەلىقنىڭ بىباھا،رەڭدار،ئۇلۇغۋار خەزىنىسى، bT}P":*y  
سەن بىلەنمۇ ئۆلچىنەر ئۇيغۇر دېگەننىڭ ۋەزنىسى، 5+b[-Daz  
ئېسى بار ئادەم سېنى ھەرگىز دېمەس يوچۇن مۇقام. -W wFUm  
=C 8 t5BZ"  
بىر مەھەل سەن تاشلىنىپ ئەخلەتكە،بولدۇڭ زەپمۇ خار، >|!F.W  
يىغلىدى خەلقىم سېنىڭ ھىجرىڭدە قاقشاپ زارۇ زار، M~w=ZJ@  
شۈكرى ئەمدى،سېنى قۇتقۇزدى زامانەم غەمگۇزار، ,xB&{ J  
قايتىدىن چىقماقتا تۇرداخۇنغا ئوخشاش ئىز باسار، 5Fm.] /  
ئەمدى يايرا، سەن ئەمەس مەڭگۈ سېرىق،تۇتقۇن مۇقام. G>&=rmK"  
EP&iG%(k  
ئەي مۇقام،ساز ئوردىسىنىڭ بەكمۇ كۆركەم قەسىرى سەن، {S(?E_id5b  
مۇرغىزارنىڭ زىننىتى،گوياكى بۇلبۇل،قۇمرى سەن، P %f],f  
خەلقىمىزنىڭ مېھرى سەن، ھەم قەھرى سەن، ھەم پەخرى سەن، }9t$Cs%  
سەندىن ئايرىلمايدۇ ئەل،چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز ئەجرى سەن، 4m$nVv  
سەن گويالەيلى،سېنىڭ ئىشقىڭدا ئەل مەجنۇن، مۇقام. Zalgg/.  
X0J@c "%0  
ئەي مۇقام،كەلدى زامانەڭ باشقىدىن نۇر ياغدۇرۇپ، jFpXTy[>  
يېڭى ئەۋلادلار كۈيۈڭنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، m `~/]QQ  
تەنتەنەڭگە تەنتەنە قوشقۇسى زىننەت قوندۇرۇپ، zg2A$Fd[j  
چالدۇرار ئالقىش-چاۋاك ئالامنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، g4!zH};n  
ياپقۇسى ئىنسانىيەت شەنىڭگە شاھى تون مۇقام.
+r *f2\S  
c 6@!?8J  
qyGVyi3  
تۈگىمەس ناخشا q3JoU/Sf  
{uh]b (}s)  
ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن +"6_rbeuO  
شۇ كوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي. e5maZ(.;F  
بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن، o Q I3Yz  
ئاۋارە مەن تېخى يېتەلمەي. ,Y=r]fk  
a{^[<  
بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە x+l.04a@  
ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ. `DIIJ<;g  
قەيەردىدۇ ئىشىك غىچىلداپ، ]24aK_Uu  
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ: i%+cPQ^o  
B-ReBtN  
_ ۋارقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق، 6|wi Zw  
ساراڭمۇ سەن ئوڭشالمايدىغان؟ dX{|-;6vm  
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن. |8PUmax  
قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟... %&5 !vK  
lrB@n?hk  
_ كايىما،بوۋاي،سەنمۇ بىر چاغدا ~4y&]:I  
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان. 3Ba>a(E  
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن، >J^bs &j  
شۇنداق ناخشا بۇ، تۈگىمەيدىغان! H_m(7@=  
W!8g.r4u+,  
[H)NkR;I  
b|U&{I>TH  
ۋەتىنىم 2ikY.Xi6  
ojU:RRr4l$  
ۋەتەن،سەندىن ئۆزگە دىلدارنى 3US}('  
تاپالمىدىم ئالەمگە كېلىپ. )kR~|Yn<-  
تاپالمىدىم،تاپالمايمەن ھەم $7eO33Bm  
بەس،ياشىسام مېھرىڭگە قېنىپ. .ii9-+_  
  *                          * VXXo\LQUU  
مەن تۆرەلدىم سېنىڭ قوينۇڭدا، S453oG"  
سەندە ئالدىم تۇنجى نەپەسنى. 90L,.  
سەندە بايقىدىم راسىتۋە يالغاننى، n.jF:  
ياخشى-يامان،چوڭ ۋە كىچىكنى. H_KE^1  
;cd{+0  
ماڭا تۇنۇش چەكسىز تۇپرىقىڭ، |6w.m<p  
مېۋىزارلىق، خۇش بۇي باغلىرىڭ. /B)ZB})z  
ماڭا تونۇش شەھەر،كەنتلىرىڭ، )j(13faW|  
قېرى دەريا،ئاق باش تاغلىرىڭ. h1@|UxaE#  
6}wXNTd  
ماڭا تونۇش بوۋاي-مومايلار، y%)5r}S^  
يىگىت-قىزلار،تەڭتۇش دوسىتلىرىم. f>\OT   
ماڭا تونۇش ئاشۇ قەبرىستان J.Mj76\_  
ۋە ئەتىكى ئۇرۇڭ-پۇشتلىرىم. 9XWHr/-_@  
rB|Mp!g%@  
ماڭا تونۇش ئاخشامقى كۈلپەت، v(D{_  
كونا تارىخ زۇلۇمنامىسى. OrP-+eg  
ماڭا تۇنۇش ئەسىرلەر جېڭى Cc*"cQe  
ۋە يېڭىشنىڭ شادىيانىسى. IPmSkK  
TY~8`+bJ  
يېڭى تارىخ پۈتۈلدى بۈگۈن، y;A<R[|Ve  
بۇ، مەردلىكنىڭ ئۇلۇغ قامۇسى. <"w;:Zs  
ھەر بىر ھەرپ،ھەربىر چېكىتى 0STtwfTr:  
دەۋرىمىزنىڭ ۋىجدان-نامۇسى. y~'F9E!i  
* * *Wk y#  
زامانىمىز بەختىنىڭ تېڭى، S|!)_RL  
قۇياشقا ھەقدار ئەۋلادىمىز بار. owL>w  
ئۇنتۇپ قالما،ئەتىكى ئەۋلاد، {a`t1oX(  
بۇ تارىخنىڭ بېشىدا بىز بار . NIufL}6\  
P5s'cPX  
نومۇسۇڭغا سادىق مەن ۋەتەن، %T@3-V_  
ئۆچۈرمەيمەن ئىشىق ئوتۇڭنى. -1).'aJ^  
رازى ئىدىم شائىرلىقىمدىن 9bvzt8pc  
كۈيلىيەلىسەم مۇھەببىتىڭنى .

sansiz09032011-01-30 15:10
مەرھۇم ئاكىمىزنى كۆرسەم، ھېسامكامنىڭ شاگىرتى ئەكرەم ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ.. چىراي شەكلى، كۈلۈشلىرى نىمىدىگەن ئوخشىغان... X`bN/sI  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

nigar2011-01-30 15:37
ئاۋۇ شېئىردىكى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنغۇ ؟؟   kmHIU}Z  
r9!jIkILz  
ساھىر __ ئەرەپچە "سېھرىگەر" دېگەن سۆز . ئۇنىڭ يەنە ئادەمنى ھەيران WjfUbKg0  
قالدۇرىدىغان ھۈنەرۋەن ، ئاجايىپ سەنئەتكار دېگەن مەنىسىمۇ بار .

sansiz09032011-01-30 16:22
يۇقارقى تېمىدىكى تېيىفجان ئېلىيوف ئاكىمىز يازغان تۈگىمەس ناخشا ناملىق شېئىرنىڭ ناخشىسى كىمدە باردۇ؟

bayawan2011-01-30 19:48
http://essalam.muzika.cn//Aza/Nahxa/2008/12/10/Retim-Cn_10851.wma

bayawan2011-01-30 19:49
سەنسىز ئىنىم ، سىز ئىزدېگىنى مۇشۇمۇ ؟!

anjurlukbag2011-01-30 20:10
رەخمەت سىزگە . G2#={g{  
مەن شىئېر ئوقۇشقا بەك ئامراق . يەنە ياخشى شىئېر لار بولسا يوللاپ تۇرۇڭ ، مەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىئىرلىرى بار ئەتىگىچە يوللاپ قوياي. ياخشى شىئېرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى ھە.    

salamet2011-02-02 15:00
يوللىغان شېئىرلىرىڭىزغا رەھمەت، مەرھۇم ئاكىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي...

xahrizad2011-02-04 21:41
ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى ، <b0;Nf  
مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى . VCOz?Y*  
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق ، N[$bP)h7  
سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى  . _D%aT6,G+(  
    تېيپچان ئېلىيوف

taranqi2172011-02-07 02:56
نىگار سىزنى كىچىك قىز دىسە ........قۇرۇت قۇڭغۇز لامۇ ئىشەنمەيدۇ جۇمۇ ! aAHx^X^  
تىمىڭىزغا رەھمەت ، ئاجايىپ ئىسىلكەن .!

nigar2011-02-07 13:48
نەقىل
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى taranqi217دە2011-02-07 02:56يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : Wr.G9zq.+  
نىگار سىزنى كىچىك قىز دىسە ........قۇرۇت قۇڭغۇز لامۇ ئىشەنمەيدۇ جۇمۇ ! %3B0s?,I  
تىمىڭىزغا رەھمەت ، ئاجايىپ ئىسىلكەن .! 1"pvrX}  
xVOoYr>O  
i7hWBd4wK  
مەن ئۆزۈمنى كىچىك دەپ " بوۋاق " دەۋالغىنىم يوققۇ ؟؟؟ @edx]H1~^  
مەن بۇ مۇنبەردىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپلىرىدىن JHN{vB  
كىچىك كىلىمەن . بىراق بەكلا نارسىدە ئەمەس . neN #Mo'A  
قۇرۇت-قۇڭغۇزلار ئىشەنمىسە مەيلى ، مەن ئۇلارغا ئىشەندۈرۈپ d\% |!ix  
نېمە قىلاتتىم .

sansiz012011-02-07 14:36
ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق كەن!!!! ئەجرىڭىزگە رەخمەت.........

halastan2011-02-12 22:16
        

halastan2011-02-12 22:16
    

salkin112011-02-20 17:06
جاپا چېكىپسىز ...

salkin222011-05-01 21:49
ياخشى يېزىلىپتۇ ... جاپا چېكىپسىز ...

kamil2011-07-25 00:41
ماڭا <چال ئوغلۇم دىگەن شىېرى لازىم ئىدى   چچ   نۇمۇرۇم 939323515   تاپ ساڭ لار  ئەۋەتىپ بىرەسىلە


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تېيىپجان ئېلىيوف شېئىرلىرىدىن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.027427 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us