رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۈستىۋېشىمىزدىكىكىملىك- مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۈچىنچى كۆز -> ئۈستىۋېشىمىزدىكىكىملىك- مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yawuzbag2011-01-29 16:50
ئۈستىۋېشىمىزدىكىكىملىك- مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز /4C`k=>  
6ojo##j  
RG? MRxC  
(ئەبجەش خاتىرە) R`Qp d3  
K/Jk[29"\  
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى ~ hD{coVTI  
N5\{yV21",  
'rx?hL3VW  
46dc.Yi  
قۇربان ھېيت نامىزىغا چىمەن دوپپا كىيىپ چىقتىم.ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەر كۆزدىن بەكمۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز دوپپا كىيگۈم كېلىپ قالدى.مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا شاپاق دوپپا،ئەنجان دوپپا دىگەندەك دوپپىلارنى كىيىشكە خۇشتار ئىدىم.چېچىم بەك قويۇق ۋە كىرپە تىكىنىدەك تىك ئۆسكەچكە،چېچىمنى يېڭى ئالدۇرغان چاغلاردا دوپپا شۇنداق يارىشاتتى.لېكىن چېچىم سەل ئۆسكەندە دوپپام بېشىمدا لەيلەپ قالاتتى. Mdky^;qq3;  
1. b"P&+c  
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، مەكتەپتە شەپكە كىيىش مودا بولدى.شەپكىنىڭ ھەر تۈرلۈكلىرى بارلىققا كەلدى. ھەتتا بەزى بالىلار شەپكىسىنىڭ ئىچىگە ئاق شاپاق دوپپىنى قاتلاپ كىيىپ ،شەپكىسىنىڭ چوققىسىنى شىلەپە كەبى دىڭگايتىۋالاتتى.لېكىن مەن بۇ دولقۇنغا ئاۋاز قېتىپ كېتەلمىدىم.ئەمما كەتمەن شەپكىدىن بىر-ئىككىنى كىيمەيمۇ قالمىدىم.شۇ چاغدا كاللىمىزدا <<شەپكە ۋە شىلەپىنىبىر ئاز سەۋىيەلىك ،كادىر سۈپەت ئادەملەر كىيىدۇ،دوپپىنى دېھقان- چارۋۇچى،سودىگەرلەر ۋە ياكى كاللىسى بىزدىن سەل كونىچە قالغانلار كىيىدۇ>>دېگەندەك غەيرى چۈشۈنچە بار ئىدى.ئاشكارا دىمىسەكمۇ ،ئىچىمىزدە شۇنداق ئويلاتتۇق.چۈنكى، ھۆكۈمەتتىن مۇئاش ئالىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شەپكە ياكى شىلەپە كىيەتتى. R HXvee55  
دېھقان-چارۋىچىلار ئاساسەن دوپپا كىيەتتى.دوپپىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بار ئىدى.مەن شۇ چاغدا تەۋەلىكىمنى دېھقان –چارۋىچىلار بىلەن بىر دەپ ھىساپلامدىم ياكى دوپپىغا ئىشتىياقىم بارمۇ ،كۆڭلۈم شەپكە ۋە شىلەپىدىن كۆرە دوپپا كىيىشكە تارتاتتى.....لېكىن بۇ خىل كۆڭلى تارتىش پۈتۈنلەي ئىستىخىيىلىك بىر ھەرىكەت ئىدى. )G4rJ~#@  
ئالى مەكتەپكە شەپكە كىيىپ كەلدىم. لېكىن شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ھەممە ئادەم باشتاق يۈرىدىغان تەسىر بەرگەچكە ۋە مەندىن باشقا شەپكە كىيىدىغان ئادەم كۆزگە چېلىقمىغاچقا،خۇدۈكسىرىگەندەك بولۇپ شەپكەمنى تاشلاپ باشتاق يۈرۈشكە باشلىدىم.بىر مەزگىلدىن كېيىن شۇنداق يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتتىم. دەسلەپتە كاللامدا بىر نەرسە يوقلىقى پات-پات مېنى يالىڭاچ قالغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈپ تۇرغان بولسا،كېيىنرەك بۇ تەسىراتتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كەتتىم.ھەتتا بېشىمغا بىر نەرسە كىيىۋالسام بىر خىل بىئاراملىق ھىس قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.مەنلا ئەمەس،يۇرتىدىن دوپپا كىيىپ، ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ، ياغلىق سېلىپ كەلگەن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم ماڭا ئوخشاش،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نامايان قىلىپ تۇرغان ئاشۇ كىيىملىرىنى زامانىۋى كىيىملەرگە ئالماشتۇردى. ئەتتا ھۇشۇقىدا سويلاپ تۇرغان ئۇزۇن، توم قارا چاچلىرىنى كېسىپ ،چېچىنى بۇدرە قىلدى....ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتتى.شەھەرلەرنى ئارىلىسام ،قەدىمىم ئ.ىختىيارسىز دوپپا بازىرىغا كېتىپ قالاتتى.دوپپىدىن بىرەرنى ئېلىپ كىيىۋالغۇم كېلەتتى.بەزىدە ھەۋەسكە پايلىماي دوپپىدىن بىرەرنى ئېلىپ قوياتتىم-يۇ كىيەلمەي ئۆيدە قاتلىنىپ تۇرۇپ كونىراپ كېتەتتى.كوچىدا ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايتتىم. كۆزۈم قىزلارنىڭ ھوشۇقىدا سويلاپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلارنى ئىزدەيتتى.لېكىن ئۇنداق چاچ <<تېپىلماسنىڭ خورمىسىغا>> ئايلىنىپ قېلىشقا ئاز قالغان ئىدى. 1(pjVz&  
كېيىن نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى.مەن ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دوپپا كىيمەيدىغانلىقىنى،كىيسىمۇ مېيىت نامىزى،ھېيت نامىزى قاتارلىق ئاممىۋى يىغىلىشلاردا كىيىپ قويىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر باش كىيىمىنىڭ ئۇرۇمچىدە ئاستا-ئاستامۇراسىم كىيىمىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم.رايونىمىزغا كاتتا مېھمانلار كەلسە،ئەڭ ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە دوپپا سوۋغا قىلىناتتى.لېكىن بەزى چاغدا ئۇچراپ قالىدىغان دوپپا تەقدىم قىلغۇچى باشتاق،مېھمان دوپپا كىيىۋالىدىغان كۆرۈنۈشلەر كۈلكەمنى قىستايتتى.خۇددى چېچىنىڭ تايىنى يوق ئادەم چاچ سوپۇنىنىڭ ئېلانىغا چىققاندەك تەسىر بېرەتتى. &(0N.=R  
بىر كۈنى مەن تونۇيدىغان بىرسى دوپپا كىيىۋاپتىكەن،بىرنەچچە ئادەم<<ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ>>دەپ سورىدى.ھېلىقى بۇرادەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، گەپنىڭ ئورامىدىن سىزگەمۇناسىۋەتلىك بىرەر كېلىشمەسلىك ،يەنى قازايى –قەدەر بولدىمۇ؟دېگەن مەزمۇننى ھېس قىلىپ،ھەيران قالدى ۋە <<مەن ئۇيغۇر بولغاچقا،دوپپا كىيىشنى ياخشى كۆرگەچكە دوپپا كىيدىم.گەپ بارمۇ>> دەپ چەكچەيدى.ئەتراپتىكىلەر خاتا گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ ،نىمە قىلىشىنى بىلمەي قېلىشتى.مەنمۇ ئىشتىن كېيىن يەنە خىيالغا چۆكتۈم.ھەقىقەتەن ھازىر <<دوپپا ئەنە شۇنداق كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا كىيىدىغان كىيىم>> دەپ قاراپ قېلىۋاتقانلار يوق ئەمەس ئىدى. m >hovikY*  
شۇنداق، مىللىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى مىللى كىيىملەرنى كىيىش ۋە باش كىيىمنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى كىرزىسقا يۈز تۇتقان، باش كىيىملىرىمىز مۇراسىم كىيىمىگەۋە سەھنە كىيىمىگە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغانىدى.ناۋادا بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ،بىر كۈنى باش كىيىملىرىمىزمۇ سەھنىدىلا ساقلىنىپ قالغان مىللىي كىيىملىرىمىزدەك كۈنگە قېلىشى مۈمكىن ئىدى. UKYupLu5  
بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيەت بايلىغى ئىچىدە كىيىم-كېچەك ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.<<كىيىم- كېچەكلەر بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىملىكى>>دەپمۇ قاراش مۇمكىن.مەن بەزىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن ناھايىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە يۈرۈۋاتقان ،قىلچە خۇدۈكسىرىمەيدىغان جەنۇبى ئاسىيا قۇرۇقلىقىدىن كەلگەن ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان ئاھالىرىنى كۆرۈپ ،ئۇلارغا زوق بىلەن قاراپ قالىمەن. باش كىيىم دىسەم،پەلەستىننىڭ مەرھۇم داھىيسى ئەراپاتنىڭ كاتەكچە باش ياغلىقىمۇ ئالاھىدە بىر ئوبراز سۈپىتىدە ئېسىمگە چۈشىدۇ. &oc_ a1 R  
2 *2#FRA#q  
بىر كۈنى <<كىنو سەنئىتىدىن زوقلىنىش>> دېگەن دەرىستە سىنىپتىكى34 ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىنوغا كۈچ بېرىدىغان فولكلۇر بايلىقى ھەققىدە چۈشۈنچە بەرگەچ،<<قېنى مۇشۇ سىنىپتا ئولتۇرغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىيىمىنى كىيىپ كەلدىم دىگۈچىلەر بولسا قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار>>دەپ تەكلىپ بەردىم.ھېچكىم قولىنى كۆتۈرمىدى.<<ئۈيغۇرچە كالتە ئىشتان كىيىۋالغان بولساڭلارمۇ قولۇڭلارنى كۆتۈرسەڭلار بولىدۇ>>دېدىم مەن ئاخىرىدا.بالىلار كۈلۈشتى.لېكىن ھېچكىم قولىنى كۆتۈرمىدى. :}y| 4*z  
-ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىز قايسى؟-دەپ سوئال قويدۇم ئۇلارغا. {]@Qu"M  
-دوپپا. _r7=&oL.Q  
-كۆڭلەك- دىدى ئۇلار بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن. H8<m9zDvl  
-ئەتلەستىن قىلىنغان كىيىملەر-دىدى بىر قىز. Pzptr%{  
- يەنە بارمۇ؟ H-m`Dh5{  
سۈكۈت.... ?KCxrzf  
-بىز ئەزەلدىن مۇشۇنداق كاستۇم- بۇرۇلكا كىيەمدۇق؟-دەپ سورىدۇم. Q~h6J*  
ئۇلار مىللىي كىيىملىرىمىز ھەققىدە بىر دەم مۇزاكىرە قىلىشتى.لېكىن ئۇلار كانۋا كۆينەك ۋە ئەتلەستىن تىكىلگەن بىر نەچچە كىيىمدىن باشقا ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى ئېسىگە .ئالالمىدى.ئۇيغۇر تىل –ئەدىبىياتىنىڭ تولۇق كۇرۇس سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ،تېخى تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىلىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆز كىيىم –كېچەكلىرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تېيىزلىقىنىڭ ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردا ئىپادىلىنىشى ئىدى. چۈنكى بۇ سىنىپتا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 34 ئادەم بار ئىدى.ئۇلار مەلۇم ۋەكىللىك سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى.ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللىي كىيىملىرىمىز زادى قايسى؟ بىز بۇ كىيىملەرنى قاچاندىن باشلاپ تاشلىۋەتتۇق؟بۇ كىيىملەر بىز ئەنە شۇ تاشلىغان پېتى ئۇنتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە قالاق ۋە كۆرۈمسىزمۇ؟ F*X%N_n  
3. #a.\P.{L  
ئىچكىرىدىكى مەملىكەتلىك يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن بىر دوستۇم شۇ يەردە ئۆزى يولۇققان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. &R0OeRToUb  
-يىغىنغا باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ كەپتۇ.لېكىن مەن كاستۇم –بۇرۇلكا كىيىپ،چېچىمنى مايلاپ بىر <<زامانىۋى ئادەم >> سۈپىتىدە قاتناشتىم.يىغىن باشقۇرغۇچى مەندىن:<<نىمىشقا مىللىي كىيىملىرىڭىزنى كىيمىدىڭىز؟>> دەپ سورىدى،مەن :<<كاستۇم –بۇرۇلكا كىيىشنى ياخشى كۆرۈمەن>> دىدىم.مەن شۇ ۋاقىتتا،مۇشۇنداق يىغىنلارغا مىللىي كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىپ بارسام،باشقىلاردا<<بۇ مىللەت تېخى كىيىم –كېچەكتە زامانىۋىلاشمىدىمۇ نىمە>>دىگەن تونۇشنى پەيدا قىلىپ قويامدىم،قانداق؟دېگەن ئوي بىلەن شۇنداق قىلغانىدىم. l&$*}yCK  
دوستۇمنىڭ گېپى مېنى ئويغا سالدى.دوستۇم مەلۇم نۇقتىدا ئەڭ زامانىۋى كىيىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر زامانىۋى مىللەت ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ئەمىليەتتە نۇرغۇن كىشىنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىشنى خالىماسلىقى دەل <<مىللىي كىيىم –كېچەكلەر زامانغا ماس كەلمەيدۇ>> دەپ ئويلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قاراشقا بولاتتى.بۇ نۇقتىدا دوستۇمنىڭ قارىشىنى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە قاراش،دىيىشكە بولاتتى. ?{n>EvLY  
ئۇنداقتا مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىز زامانىۋىلاشمىغانمۇ؟ Amvw`u>  
كىيىم –كېچەكلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق ئىستېتىك كۆز قارىشىمىزنىڭ تۇرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر مەدىنىيەت ھادىسىسى.كاستۇم- بۇرۇلكا ،گالۇستۇك دۇنياۋى ئورتاق كىيىم.بۇنداق كىيىملەرنى كىيىش دۇنياۋى سورۇنلاردا خېلى ئومۇملاشتى.بۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ئىختىيارلىقىدا.غەرىپلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت ئەمەس.كاستۇم –بۇرۇلكىنى قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىمى دېگىلى بولىدۇ؟ ئەرەپلەر ،ھىندى-ئوردۇلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىنى كونىراپ قالدى ياكى زامانىۋى ئەمەس دەپ قارىغىنى يوق.پەقەت مۇۋاپىق سورۇنلاردا غەرىپچە كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىش بىلەن بىللە،كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىشنى راھەت دەپ قارىدى ياكى ئۇنى <<مىللىي كىملىكنىڭ تاشقى ئىپادىسى>> دەپ قارىدى. Gk{W:866  
ئەمىليەتتە ئۇيغۇر كىيىم –كېچەكلىرىمۇ (بۇ كىيىم –كېچەكلەر ھازىر سەھنىدىلا ساقلىنىپ قالدى).ئافغان –پاكىستانلىقلارغا ئۆز مىللىي كىيىم كېچەكلىرى ياراشقاندەك يارىشاتتى.ھەتتا بۇ كىيىم –كېچەكلەر بىزنىڭ ئۆزگىچە مىللىي قىياپىتىمىزگە بەكمۇ ماس كېلىدىغان قىلىپ لايھىلىنىپ ،ئىسلاھ قىلىنىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنىدى.ئۇنداقتا بىزنى شۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ تۇرغىنى زادى نىمە؟قانداق بىر پىسخىكا؟ ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ،مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىزنى ياراتماس بولۇپ قالدۇقمۇ؟ ناۋادا ياراتماس بولۇپ قالدۇق دېسەك ،بۇ ماھىيەتتە، <<ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل –پاراسىتى ۋەبىزگە قالدۇرغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ياراتماس بولۇپ قالدۇق >> دېگەن گەپكە باراۋەر. o;*]1  
بىر كۈنى مەن ئىككى چەت ئەللىك مېھماننى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى خېلى نامى بار ئۇيغۇرچە تاماقخانا <<جام>> غا باردىم.جام تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا قىلىچ تۇتۇپ ،ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىم –كېچەكلەر بىلەن تۇرغان مۇلازىمنىڭ تۇرقى چەت ئەللىكلەرنى خېلى قىزىقتۇردى. ئۇلارنىڭ كۆزىدىن مۇلازىم يىگىتنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلەر بىلەن شۇنچە سۇباتلىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالىتىدىن زوقلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. 5UPPk$8 `  
-مېنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىزنى كىيىپ كوچىغا چىققۇم بار.بىر نەچچە قىز ئاۋاز قاتسا شۇنداق قىلاتتىم .يالغۇز شۇنداق قىلسام ،سەل خىجىل بولىدىكەنمەن.-دېدى بىر قىز مۇشۇ تېمىدا گەپ بولغاندا. ئارىمىزدا بۇنداق قارايدىغانلار ئاز ئەمەس.ئەمىليەتتە بۇ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن خىجىل بولۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. bD  d_}  
مىللىي كىيىم –كېچەكلەردىن پەخىرلىنىش- ئۇنى پەخىرلىنىپ كىيىش ۋە شۇ كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىپ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئوچۇق –ئاشكارا دۇنياغا جاكارلىغانلىقىدىن پەخىرلىنىش-بىر خىل ساغلام پىسخىكا، خالاس.نۇرغۇن كىشى سەھنە كىيىملىرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.لېكىن بۇ كىيىملەرنى سەھنىگە خاس لايىھىلەنگەن ،دەپ قاراپ ،رىئاللىق بىلەن باغلىمايدۇ.سەھنىدە ساقلىنىپ قالغان كىيىم –كېچەكلىرىمىزنىڭ سەھنىدىلا كىيگىلى بولۇپ،ئادەتتىكى چاغدا كىيگىلى بولمايدىغاندەك تەسىرات بېرىشى ،ھەرگىز كىيىم –كېچەكلىرىمىزنىڭ رىئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى سەھنە ئۈچۈن تىكىلىپ ،زامانىۋى سەھنە چىراقلىرىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ،مەلۇم رەڭلەرنى كۆپتۈرۈۋېتىش ۋە پۇلنى تېجەيمىز دەپ كىيىمنىڭ لايىھىلىنىشىگە يارىشا ئېسىل رەخلەردىن تىكىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان چاكىنىلىق تۇيغۇسى ،خالاس. [Yn;G7cK  
ناۋاسا مۇشۇ كىيىملەر مەلۇم دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىنىپ ،كىيىلىپ كوچىغا چىقسا، شۇ كىيىمنىڭ يارىشىقى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا سىلكىنىش پەيدا قىلسا،(چوقۇم سىلكىنىش پەيدا بولىدۇ،چۈنكى بۇ كىيىملەر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا –بوۋىمىزنىڭ شاللاش ۋە تاۋلىشىدىن ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەن)نۇرغۇن ئادەمدە بۇ كىيىملەرنى كىيىش تەشنالىقى پەيدا قىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، كىيىم –كېچەك شىركەتلىرى مۇشۇ كىيىم –كېچەكلەر ئاساسىدا بەزى كىيىم نۇسخىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرسە ،ئويلىمىغان ئىجتىمائى ئۈنۈم كېلىپ چىقىشى مۈمكىن ئىدى.<<ئىلچى>> كىيىم –كېچەك شىركىتىنىڭ ئەتلەس نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ لايىھىلەنگەن بىر تۈركۈم ئايالچە كىيىم –كېچەكلىرىنىڭ قوزغىغان ئۆزگىچە تەسىرى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم كىيىم –كېچەكلەر بىلەن شىنجاڭ بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى بۇنىڭ ئىسپاتى، ئەلۋەتتە. 4@=aa  
4. BQE{  
مەن روزا ھېيتتا دوپپا كىيدىم. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرى شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، مېنىڭ دوپپا كىيىشىم ئىلگىرى<<يارىشىش-ياراشماسلىق>> دېگەن نۇقتىنى ئۆلچەم قىلغان بولسا ،بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆلچەم مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئەمەس.گەرچە ،ماڭا دوپپا بەك يارىشىپ كەتمىسىمۇ ،باشقىلارغا ئاجايىپ يارىشىپ ،ئۇلارنى شۇنداق سۇمباتلىق كۆرسىتىدۇ. مۇھىمى مەن دوپپا كىيىش ئارقىلىق <<مىللىي كىملىك>> ىمنى ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۇقتۇرىمەن .بۇ ئادەتتىكى ھالدىكى كىملىكىمنى خەققە تونۇشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى كىملىكىمدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ بېشىمغا تېپىپ چىقىشى ھېساپلىنىدۇ. M9h<}mh\  
مەن بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم بىر نەچچە قۇر مىللىي كىيىم-كېچەك قىلدۇرىمەن. بىر كۈنلىرى دوپپا بىلەنلا ئەمەس،ئاشۇ كىيىملىرىم ئارقىلىقمۇ مىللىي كىملىكىمنى ۋە مىللىي پەخىرلىنىش تۇيغۇمنى ئەتراپتىكىلەرگە جاكار قىلىمەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر كىيمىمگە قاراپلا كىملىكىمنى بىلەلەيدۇ.ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك كىملىكىمنى ئارۇلاشتۇرۇۋېتىپ يۈرمەيدۇ. P_v0))n{  
9=H}yiJz  
مەنزىل: جۇڭگو مىللەتلىرى

nigar2011-01-29 21:55
بۇ تېمىنى شۇنداق تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقتىم ، ئاۋۋال بۇ تېمىنى يوللىغان (y-x01H  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت !!! V"w`!  
\Oi5=,  
يۇقىرىقى تېمىدا بايان قىلىنىپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىمىز c-[Q,c  
ھازىر ئاساسلىق سەھنە كىيىملىرى بولۇپ قالدى . كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا "بۇ كىيىم-كېچەكلەرنى .jvSAV5B  
پەقەت ئارتىسلار سەھنىدە كىيىسە بۇلىدۇ " دەيدىغان بىر خىل ئاڭ پەيدا بولۇشقا باشلىدى . PN1(j|  
ئوغۇللار باشلىرىغا چىرايلىق دوپپىلارنى كىيىۋالسا، ئۇلاردىن " ئۆلۈملۈك بولۇپ CPc"  
قالدىڭىزمۇ قانداق ؟ " ، قىزلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيسە " #]5&mKi  
بىرەر پائالىيەت قىلدىڭلارمۇ نېمە ؟ " دەپ سورايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى . &>&dhdTQ  
ئۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۇنتۇپ ، باشقا مىللەتنىڭكىنى } l:mN  
قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقىمىزدا . ئەمەلىيەتتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن باشقا مىللەتلەرنىڭكىنى #)W8.  
قۇبۇل قىلىش خاتا ئەمەس، بىراق چۇقۇم ئۆزىمىزنىڭكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ، *,O:>Z5I  
باشقا ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى قۇبۇل قىلساق بولىدۇ . ئەمما مۇشۇ ئىنكاسنى zF[3%qZE:T  
يازغۇچى مەن ۋە مۇشۇ مۇنبەردىكى ھەر قايسى دوسىتلىرىمىز مۇشۇ نوقتىغا ئانچە ir9Q##f  
دېققەت قىلىپ كەتمەيمىز . ئېغىزىمىزدا " مىللىتىمىز كىشىلىرى ئانداق بۇزۇلۇپ كەتتى، o|rGy 5  
بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەيدىغان بولۇپ قالدۇق ..... " O!#L#u53  
دېگەندەك نۇرغۇن قاقشاپ كېتىمىز . قېنى ئېيتىپ بېقىڭچۇ ؟ مۇشۇ مۇنبەردىكى 5QqJ I#4~  
قايسىڭلار ئوغۇللىرىمىز بولسا تۇماق ياكى دوپپىلارنى كىيىپ ، ئۇچاڭلارغا ]%NO"HzF~  
كىمخاپ تون ، پۇتۇڭلارغا ئۆتۈك كېيىپ ، قىزلىرىمىز بولسا ھەممىمىزنىڭ Gk{"O%AE  
ئېغىزىدا "سەھنە كىيمى" دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ، !~Hafn-1  
چاچلىرىنى ئىنىچكە ئۆرۈپ ، چىرايلىق دوپپىلارنى كېيىپ سىرىتلاردا يۈرۈشنى LU-#=1Q  
خالايدۇ ، مېنىڭچە ، بۇنداق قىلىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن . شەخسەن مەنمۇ hW0,5>[7%  
ئۇنداق قىلىپ بولالمايمەن . ھازىر نەزىر-نامازلاردا ئەرلىرىمىز دوپپىلىرىنى ]ro1{wm!WU  
قولتۇقلىرىغا قىستۇرىۋېلىپ ، نەزىر - ناماز بولغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە e.3sAUHZ-  
رەسمىيەت ئۈچۈن كىيىۋېلىپ ، نەزىر نامازدىن چىقىپ بولغاندىكىن ئاستا _'?8s6 H  
ئېلىۋېلىپ چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن تۈزىلەپ قۇيىدىغان ، ئاياللىرىمىز D{,[\^c  
بولسا ياغلىقنى سومكىسىغا تىقىپ قۇيۇپ ، ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، Ev$-P X  
چەككەنگە ئانچە باراۋەر بولمىغان ھالەتتە چىگىپ ، چىقىشىغا يەنە sx;V,"Y  
ئېلىۋېلىپ سومكىسىغا قاتلاپ سېلىپ قۇيۇپ ، يەنە " چاچلىرىم چۇۋۇلۇپ 6T{o3wc;  
كېتىپتۇ " دەپ قۇيۇپ يۈرۈيدىغان كۈنلەردە كىممۇ ئەنئەنىۋى كىيىم_ c~^]jqid]  
كېچەكلىرىمىزنى كېيىپ يۈرەلىسۇن ؟ بولسا شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە ، 3/A[LL|  
ھەممىمىز بۇرۇنقىدەك مىللىي كىيىملىرىمىزنى كېيىپ چىرايلىق ياسىنىپ h-?q6O/|  
يۈرسەك . مۇبادا ئاشۇ كۈنلەرنى كۆرۈپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمانسىز yZj}EBa  
كېتەتتىم . g|GvJ)VX  
ھەي ، بولدىلا . ئەسلى كۆڭلۈمدە يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشنى H}jK3;8E  
ئويلىغان ئىدىم ، بىراق بۇ گەپلەرنى دېگەننىڭ بەك ئەھمىيىتىمۇ يوق . M f%^\g.}  
دوستلىرىم بۇ ئىنكاسىمنى كۆرۈپ باشقىچە ئويلاپ قالماڭ . q/rHHuY}  
ھازىر بىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇشۇ مەسىلىدە سىزنىڭمۇ ۋە مەندەك قارا كۆزنىڭمۇ c]g<XVI  
مەسئۇلىيىتى بار . مەن مۇشۇ تېما بىلەن تەڭ يۆنىلىشتە پىكىر قىلىۋاتىمەن . }<}`Q^Mlk  
ھەرگىز قارشى مەنىدە گەپ قىلمىدىم . Ul$X%  
بىز ھەممىمىز ئۈمۈتۋار بۇلايلى !!!ئۈمۈدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ . بۇ ئىشلارنى قاراپ تۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق ھەل قىلايلى !! C%95~\Ds  
ھەممىمىز ئىشى ئۆزىمىزدىن ۋە ئائىلىمىزدىن باشلىساق !!

yawuzbag2011-01-31 12:15
ئەخلاق،مەدەنىيەت ئىتىقاد دىگەنلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۈگەتكىلى بولمايدۇ.ئۇنى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۈگىتىش كىرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمى بۇلىدۇ. fo!Lp*'0  
مەن يازدا دوپپا قىشتا تۇماق كىيىۋاتقىلى 13 يىل بولدى.قاتئى سالمىدىم.يەرلىك خاقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ سىياسەتلىرىگىمۇ باش ئەگمىدىم.(مەن مۇئەللىم بولغاچقا پات-پات باش كىيىم توغرىسىدا داۋراڭ بۇلىدۇ)ئىشقىلىپ دوپپام بەدىنىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى.

yultuz~2011-02-07 10:32
   ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تىل-ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ"ئۇيغۇر دوپپىسى"دەپ بىر شېېرى باتتى،خاتىرەمدىن تېپىپ يوللاپ قويايچۇ،تازا پار كەلگۈدەك!

arslan2011-02-12 11:13
ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرىمىزنى كەيسەك ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق تۈرىدۇ..ئەمما ئۆلچەملىك ،تۈجۈپىلەپ،چىرايلىق تىكىلگەنلىرىنى تاپماق ئىنتايىن تەس..بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش<ئۇيغۇرچە>كىيىملەر ئالدامچى نومۇسسىزلارنىڭ ،ساياھەتتە كەلگەنلەرنىڭ پۇلىنى ئالداش ئۈچۈن شۇنداق بىر تىكىلگەنكى ئەيھانناس بەزىلىرىدىن نومۇستىن ئۆرتۈنۈپ كېتىمەن،،بىز ئۇيغۇرنىڭ كىيىمى شۇنداق چاكىنا ھەزىلكەشلەرنىڭ كىيىمىمۇ؟!! ?*z( 1!  
مەن ئوننەچچە يىلدىن بويان قەشقەر،ئاتۇش،ئاقسۇ،خوتەنلەردە خىزمەت بىلەن يۈرۈش داۋامىدا بىر نەچچە يۈرۈش كىيىمنى تەييارلاپ قويدۇم..ئاللا خالىسا نىگار قىز دىگەن كۈندە(شۇ گەپنى قىلغان ئاغزىڭىزغا ناۋات) ئۆزۇم ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە كىيىندۈرۈپ ۋەتەن كوچىلىرىدا ھەممىڭلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىمەن!!

boyka2011-02-12 12:56
رەخمەت ھارمىغايسىز

nazili2011-02-12 13:37
نىگارقىزنىڭ دىگەن ئۇ كۇنى (ھەممە ئادەم مىللىچە كىيىنىدىغان ) ئۆزلىكىدىن كەپ قالارمۇ؟مەن سىزنى ساقلىسام،سىزمىنى ساقلىسىڭىز ئۇ كۈن ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ. LjH&f 4mY  
بۇنداق بولىشىدىكى تۇپ سەۋەپ ھەممەيلەننىڭ ئىمان-ئىتىقادى سۇس بولىۋاتىدۇ.

abdulla09962011-02-13 22:33

yawuzbag2011-02-18 17:25
دۇنيا بىزدىن سىز كىم ؟ دەپ سورىماقتا.    بىز كىملىكىمىزنى تاشقى قىياپىتىمىزدىن بولسىمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمىگەندىكىن.

salkin112011-02-20 17:09
پاھ نىمە دىگەن قىزغىنلىق - بۇ ! ...

بىخ2011-03-02 16:42
بىر كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلاردىن مەكتەپكە تەكشۈرۈشكە كىلىپ بەرگەن پىكىرى مەكتىپىڭلاردىكى ئۇقۇغۇچىلاردا قىز ئۇقۇغۇچىلار ياغلىق چىگىدىغان ، ئۇغۇل ئۇقۇغۇچىلار باش كىيىم كىيىدىغان ئىش با ئىكەن بۇنى يەنە بىر قىتىم كەلگىچە تۈزىتىڭلار دەپ قايتىپ كەتتى ھەتتا بۇنى ناھىيە بۇيچە ئىچىلغان چوڭ يىغىندا ئۇتتۇرغا قۇيۇپ بىزنىڭ نازۇك مەكتەپ مۇدىرىنى تەنقىدلەپ قۇيۇپتىكەن مەكتىپىمىزدە ھەر كۈن ئەتىگەن مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئادەم بەلگىلەپ مەخسۇس باللارنىڭ باش كىيمىنى بىشىدىن ئىلۋىلىپ يىغۋىلىش دۇلقۇنى قۇزغالدى . مەكتەپنىڭ بۇ خىل ھەركىتى رايۇنىمىزدىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ بىر ئاز قارىشلىقىنى قۇزغىدى ئەمما بۇ قارىشلىقلار يۇقىردىكى ھىلقى ياد مىللەت باشلىقلىرىنىڭ تەنقىدلىشىدىن ياخشى دەپ داۋاملىق تۈردە قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇردى ھەتتا بەزى قىز ئۇقۇغۇچىلار  قارىشلىق كۆرسەتسە ئۇلارنى قاتتىق تەنقىدلىگەنمۇ بۇلدى . <T_Nlar^^  
شۇ چاغدا ئۈزەمنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم . pYhI{  
شۇ چەكلىگۈچى باشلىقىنىڭ نەزىرىدە بىزدىكى باش كىيىملىرىمىز بىر خىل مىللى كىيىم بۇلماستىن دىننى كىيىم ئىكەنمىش ، تۇۋا قايسى بىر ئەرەپ دۇپپا كىيىدىكەن ، يا بىز ئۇزۇن پەرەنجىلەرنى كىيىۋالغىنىمىز يۇققۇ . نىمىنىڭ مىللى كىيىم ، نىمىنىڭ دىنىنى كىيىم ئىكەنىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قارا قۇيۇق قارار چىقىرىدىغان شۇنداق مەسئۇليەتسىز باشلىقلار دەل مىللەتلەر ئارسىدىكى ئۈز ئارا ھۈرمەتنى بۇزۇپ مىللى مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلار . gmAKW4(  
ئاڭلىشىمچە شۇ ۋاقىتلاردا يالاڭباشلاشتۇرۇش ، پاچاقلاشتۇرۇش ، بۇرۇتسىزلاشتۇرۇش جىڭى نۇرغۇن جايلاردا كەڭ ئۇمۇملاشقان ئىكەن  . 2,e|,N"zN  
بىرەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر . بۇ دىگەن بىزنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادىتىمىز . بۇنىڭ بىلەن تۇلا ئىيتىشىپ كەتمەيلى دىيەلمىگەن ئۇخشايدۇ . C^42=?  
eg~^wi  
قىرىنداشلىرىم ئۈز مەجبۇريىتىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز غۇرۇرىمىزنى ياخشى قۇغداش مەسئۇلىتىمىز ، ھۇقۇقىمىز .بۇلىشى كىرەك . -qCJwz30  
بىزدە قىزلار پاچاقچان ، يىرىم يالاڭاچ يۈرىىيدىغان ئىشلار چوڭ ئەيىپ سانىلاتتى ئەمما ئەكسىچە بۇنداقلارنى قامچىلماقتا يۇق ئەكسىچە بەدىنىنى يىپىپ يۈرگەن قىزلىرىمىز باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە قالماقتا . زادى قانداق بۇلغىنى !!!!!!!!! ']6#7NU  
رەھمەت ياخشى تىما يۇللاپسىز .

pakkalip2011-03-11 18:22
    

undar2011-03-17 17:33
بىز قانچە ۋاقىت ئەجدادىمىزنى ،ئەسلىمىزنى ئۇنتۇغان ھالدا يۈرەمىز؟ ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزىمىزنىڭ كىيىم-كىچىكىمىزنىنىمۇ ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، قاچانغىچە باشقىلارغا ئەگىشىپ،ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىپ ياشامىز؟ بىز ياراتمىغان كىيىم-كىچەكلىرمىز باشقىلارنىڭ ئۇچىسىدا قاچانغىچە سەرسانىلىك ئىچىدە يۈرەر؟ھەي..........  

karxamaydani2011-03-22 12:09
ئۇستەلدىكى گوشنى ئېگىسى كانداق پاچىلىسا شۇنداق پاچىلايدۇ،

pihan2011-03-24 13:24
توغرا،ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

tanhayultuz2011-04-30 17:16
ھەممە ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلىساق دەيمەن.ئىدارە-جەمىيەتتىمۇ ياغلىق چىگىدىغانلار خىلى كۆپ.پۈتۈنلەي ئوراپ ياغلىق ئارتالمىساقمۇ ئۈزىمىزنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى بېشىمىزغا قوندۇرغان كىچىككىنە ياغلىق بىلەن بولسىمۇ نامايەن قىلىپ تورساق دەيمەن.بالىلىرىمىزنىڭ كىچىك ئوماق ۋاقىتلىرىدا بولسىمۇ دوپپىلىرىمىزنى كەيدۈرسەك،شۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئىڭىدادوپپا دىگەن ئۇقۇمنىڭ نىمىلىكىنى قالدۇرساق سەبى دىللىرىدائورناتقوزساق ياخشى بولاتتى. بۇ تەس ئەمەس.                                                                  قارىسا بېشىمىزدا دوپپا يۇق، خوشامەت قىلىپ غەيرى مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەيدۈرۈپ قەدىرنى قىلمىغان دوپپىمىزغا يۈز كىلەلەمدۇق ؟

tanhayultuz2011-04-30 18:22
تولوقسىز ۋاقتىمىزدا سىياسەت دەرىسلىگىدە دىن، مىللەت يوقايدو دىسە سىنىپتىكى پۈتۈن ساۋاقداشلارچوقورشوپ سوئال دىگەننى ياغدوروپ موئەللمنى شو دەرىسنى ئۇتۇشكە ئامالسىزقويغان ھەم ئۆتەلمىگەن ئىدى، ئەمدى ئويلىسام كىيىم- كىچەكتىن مىللەت يوقاپتۇ، ئەمما دىننىڭ  يوقىمىغى ئونچە ئاسان ئەمەس  ئەلۋەتتە،   بىراق بىزنىڭ كۆندىلىك ئستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكىمىز ئماننىڭ سۇسلىشىغا ئېلىپ بارماقتا، مانا بو شۇ پىلاننىڭ بىر قىسمى بولسا كېرەك.    ئاللاھ موسولمان قېرىنداشلىرىمىز نىڭ ئىمانىنى چىڭ  مۇستەككەم  قىلغاي [ئامىن]                                                                                                                                ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرى تېمىغا ماس كەلمىسىمو    ئىنكاسنىڭ  بىشى بىلەن تۇتاش بۇلغاچقا  يۇللاپ قۇيدوم    

چەشمە2011-05-28 17:38
ھەي........... بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك    ؟ XN%D`tbvJ  
ئۇيغۇرلار يات  مىللەتنىڭكىنى     ئەتىۋارلاپ كىتىۋاتسا  ،ئاساسى قاتلامدىكى باشلىقلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ مىللىچە كىيىملىەر. بوۋا-مومىسىنى دورىمىسا قانداق بولۇدۇ. M_ cb(=ey  
ياخشى تېما يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

سەبۇر2011-06-11 18:25
مۇنبەردىشىم بىخ نىڭ مەكتىپىدە بولغان ئىش بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بولغان ھەتتا مىنىڭ بىشىمغا ئىغىر دەرجىدە كەلگەن،مەن خنزمەتتە بەك كۆڭۈلسىزلىك ھىس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، قانداق قىلشىم كىرەك، ھىچ بىلمىدىم.

bargut2011-06-11 19:24
بۇ تېما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، مەنمۇ تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، مەنمۇ خىزمەت قىلىمەن، لىكىن خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەت فورمىسى كىيىشىمىز زۈرۈر، ئەگەر فورما كىيمەيدىغان ئورۇندا خىزمەت قىلغان بولسام چوقۇم مىللى كىيىم كىيىپ ئىشقا چىقاتتىم، ھىچ بولمىغاندا مىللى باش كىيمىمىز بولغان بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مانچېستىر دوپپا دىگەندەك دوپپىدىن خالىغان بىر دوپپىنى كىيىپ خىزمەتكە چىققان بولاتتىم،  لىكىن ئەپسۇس........... 2m}]z.w#  
لىكىن ھەر ھالدا ئىشخانامدا بىر تال دوپپا ھەر قاچان ساقلاقلىق تۇرىدۇ ،سەۋەبى بەزىدە تۇيۇقسىز ئۈلۈم يىتىم خەۋىرى كىلىپ قالسا باشقىلاردەك<< باش كىيمىم يوق>> دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ نامازغا بارالماي قالماسلىق ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم. مىنىڭ ئىشەنچىم كامىل، ھامان بىر كۈنى شۇندق بىر كۈنلەر كىلىدۇكى شاد خوراملىق ئىچىدە مىللىيچە كىيىم كىيىپ كوچا كويلاردا يۈرىدىغان مىللىي كىملىكىمىزنى نامايان قىلىدىغان كۈنلەر كىلىدۇ. 2-2LmxLG  
ئېنىق قىلىپ ئېيتسام ئەنئەنىۋىي  مىللى بايرىمىمىز بولغان نورۇز بايرىمىنى قانۇن بېكىتكەن بايرام سۈپىتىدە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش تەكلىپى ئۇدا 4يىل بولدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلىۋاتقىلى، ئەگەر ماقۇللىنىپلا قالسا بىزمۇ موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بەزى باش كىيىملىرىمىزنى دادىللىق بىلەن كىيىپ كوچا كويلارغا چىىقىمىز.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۈستىۋېشىمىزدىكىكىملىك- مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.026115 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us