رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۈچىنچى كۆز -> سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yawuzbag2011-01-29 15:51
سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى ?N!j.E4=  
X!+Mgh6  
ئاپتۇرى بوكس چولپىنىمىز:ئابدۇراخمان ئابلىكىم WKrZTPD'm  
-o!,,XYj .  
R!%m5Q?5  
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىز ياۋايىلارچە ، ھەرخىل خېيىمخەتەر ئىچىدە ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي نادانلىقتا ياشاۋاتقان چېغىمىزدا بىر ئۇلۇغ ئادەم ھاياتلىق ماكانىمىز ۋە تىنچ- ئامانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگەئەڭ مۇستەھكەم سېپىل سېلىپ بەرگەنىكەن . سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىنتايىن خەتەرلىك دەريالار بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك سېپىل دەريالاردىكى زەھەرلىك دۇتنىڭ بىزنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن، كەلكۈن كەلگەندە بولسا دەريالار تېشىپ بىزنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن سوقۇلغانىكەن. ئۇ-لۇغ ئادەم بىزنى مەڭگۈ سېپىلنى قوغداشقا، سېپىلدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئەلدە تىنچ- ئەمىنلىك ۋە بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ دېيىشىچە،بۇ سېپىل ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە بىخەتەر بولۇپ، بىز ئىزدەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېپىلنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇ زاتى مۇبارەك يەنە بۇ سېپىلنىڭ دۈشمىنى سېپىلنى يالاپ ئاقىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دەريالاردۇر، دەپتۇ ۋە يەنە سېپىلنىڭ دەريا يالاپ-چېقىپ ئاقىدىغان يەرلىرىنى قانداق پۇختىلاش چارىلىرىنى ئۈگىتىپ قويۇپ بىز بىلەن خوشلىشىپتۇ. شۇندىن باشلاپ بىز بۇ سېپىل ئىچىدە بىخەتەر- خاتىرجەم، ئىناق، بەخىتلىك ياشاپتۇق.ئۇلۇغ ئادەمنىڭ نەسىھىتى بويىچە سېپىلنى مەزمۇتلاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىپتۇق. بىزدىكى بۇ بەخىتلىك ھايات تالاي يىللار داۋاملىشىپتۇ. كېيىنچە، بارا - بارا سېپىل سىرتىدا يەنە باشقا شەھەرلەرمۇ قۇرۇلۇشقا باشلاپتۇ. زامان ئۆزگىرىپتۇ. سېپىلدىكى بەزى ئادەملەر سېپىل سىرتىدىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى،ئۇلار سېپىلنى قورشاپ تۇرغان دەريالاردا ئەر-ئايال دېمەي ئۈزۈپ ئويۇن- تاماشا، ئىشقىۋازلىق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلۇغ كىشى: بۇ دەريالارنىڭ سۈيى بەكمۇ خەتەرلىك، ئۇلاردا ئېقىۋاتقىنى سۇ ئەمەس ئەيىش- ئىشرەتتىن ئاققان قان- يىرىڭدۇر، دەپ نەسىھەت قىلغانىكەن. ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تىنچ- ئەمىنلىك بۇ نادانلارنى بىخۇدلاشتۇرغاچقا ئۇلار كەلگۈسى خىيىمخەتەرنى ئۇنتۇپتۇ؛ غەپلەت پەردىسى كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ دەريادىكى قان- يىرىڭنى سۈزۈك سۇ قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلەپ- ئىككىلەپ سېپىلدىن چۈشۈپ دەريادا چۈمۈلۈپتۇ. ئۇلار دەريا سۈيىدە ئۆزلىرىنى تولىمۇ ئەركىن- ھوزۇرلۇق سېزىشىپتۇ. يىللار- قەرنەلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ نادانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپتۇ.ئەجداتلار نەسىھىتىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ.سېپىلدىن چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چۈشكەن جاي شورا بوپتۇ. بۇ نادانلار شورىنى ئېتىشنىڭ ئورنىغا تالاغا چىقىشىمىزغا ئەمدى ئاسان بولدى، دەپ خۇش بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. دەريا سۈيى شەھەرگە بېسىپ كىرىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى دەريالارنىڭ ئۆز ئىشىكلىرى ئالدىدا ئاققىنىدىن شادلىنىپتۇ. گەرچە بەزىلەر دەريا سۈيىدە ئېقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ ھېچكىم ئىبرەت ئالماپتۇ. Tm:#"h\F  
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەريا ئۇلارغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بوپتۇ.دەريادىن چىققان زەھەرلىك دۇت ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تولا كىشىنىڭ دەرياغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇپتۇ؛ سېپىلنى پۇختىلاش ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ. گەرچە بەزى ئەقلى ئويغاق، ئىمانى كامىل كىشىلەر سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەستىن چىقارمىغان،سېپىلنى مۇستەھكەملەشنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئادەم بىللە قىلمىغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغاننى ئاز دەپ ئۆز قېـرىنداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپتۇ. يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ سېپىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئەقىل- ھوشى جايىدا كىشىلەر قايغۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر سېپىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇ. سېپىلنىڭ يوقاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردىن ئىنساب، دىيانەت، شەرم- ھايا، يۇرتتىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىزا-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل،ئوغرىـيالغان، زىنايى- ھارام، بەڭگىلىك باش كۆتۈرۈپ، يوقۇملۇق كېسەل، ئاغرىق- سىلاق ئاۋۇپ كېتىپتۇ. j]?0}Z*  
روھى ساغلام،تەندۇرۇست ئادەملەر ئاز قاپتۇ. دەريادىن كۆتىرىلگەن زەھەرلىك دۇت ئادەملەرنى سېھىرلەپ، دىللىرىنى كور قىلىپ، ئوڭنى تەتۈر، رۇستنى قىڭغىر كۆرۈدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لېكىن تالاي كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ. بىلگەنلەرنىڭ گېپىگە ئەتراپتىكىلەر ئىشەنمەپتۇ. كېيىن سېپىلنىڭ بىر بۈرجىكىلا قاپتۇ. شۇ بۈرجەككە قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى سېپىلدىكى ئادەملەر دەيدىكەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوق ىكەن. بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سېپىل ئىچىدىكى ئادەملەر دەيمىز. لېكىن قېنى بۇ سېپىلىمىز؟ پەقەت ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان سېپىل پارچىسى بىلەنلا ئۆزىمىزنى سېپىل ئادەملىرى دىيەلەمدۇق؟ ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ. بىرى، ئەسلى تەبىئىتىمىزدىن ياتلاشقان، ساختىلىق، ئەقىدە- ئېــتىقادسىزلىق، رىياكارلىقتىن بۇلغانغان ۋۇجۇدىمىزنى پاكلاپ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇش؛ يەنە بىرى، g7U:A0Z  
گۇمراھلىق يولىغا مېڭىپ ئاخىرى بىر كۈنى دەرياغا غەرق بولۇش. ياكى بولمىسا ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن دەريانىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، سېپىلىمىزگە سېغىنىش. دەريا بىزگە قاراپ ئېتىلماقتا. نادان كىشىلەر دەريادا ئېقىۋاتقىنى ھاياتلىق سۈيى دەپ قارىماقتا. سېـ- ـپىلنىڭ ئاخىرقى بۈرجىكى ئۆرۈلۈپ تۈگىمەكتە... ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سېپىل سوقۇش بىلەن ئاۋارە. لېكىن ئۇلار دەريا دولقۇنى ئالدىدا ھالسىز ۋە ئاجىز... d Xo'#.  
@aD~YtL"n  
;~@PYIp  
B]KLn?zt5  
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدىن ئېلىندى

tagxamili2011-01-29 15:54
ياخشى تىمكەن.

baharxamili2011-01-29 16:15
   ئېتقادسىز  كىشىلەر ناھايىتى قورقۇنۇچلۇقتۇر،بۇ تېمىنى كۆپرەك كىشى كۆرگەن بولسا ياخشى بولاتتىكەن .......بۇ بوكىسچىمىزنى كىتاپ ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ،لىكىن بۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئوقۇماپتىكەنمەن،مەن بەكلا ياقتۇردۇم .

arman2011-01-29 16:27
بۇرادەر،ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز     

salh2011-01-30 17:54
ھەقىقەتەن ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ.

sargardan0072011-01-30 20:06
ھەقىقەتەن ئىسىل ماقالىكەن ،  بۇ ماقالە تېشى پال - پال ئىچى غال - غال ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ، ھەم ئۆزىنى << مۇسۇلمان >> دەپ ئاتىۋالغان ئەمما مۇسۇلمانلىق سىپىلىدىن ئاللى بۇرۇن چىقىپ كەتكەن ھەرقانداق بىر ئادەمگە تەتبىقلانسا بولىدىكەن . M)pi)$&c  
+\oHQ=s>}\  
تېما يولۇغۇچىغا كۆپ رەھمەت .

lukman2011-01-31 18:47
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

sargardan0072011-01-31 18:53
بۇ تېمىنى كۆرىدىغان ئادەم نىمانداق ئاز       |3@Pt>Ikl  
T2;  9  
مەھەببەت تېمىسى بولسا كۆرىدىغان ئادەم جىق چىقاتتىدە ............. ھەي ....؟؟؟

adofu2011-02-01 00:23
                

juriti2011-02-01 18:47
سېپىل-روھنى پاكلاپ تۇرىدىغان مەنىۋىي قالقان.ئۇ تېشىلگەن ھامان خاسلىق سۇلىشىدۇ.  ھەقىقى خاسلىق-ئۈستۈن مەۋجۇتلۇقتۇر.

munira2011-02-04 01:31
ئابدۇراخمان ئەپەندىمدىمنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرۇشىشنى ئارزۇ قىلىمەن~ئاللاھ قولىغا دەرت بەرمىسۇن~

ataman52002011-02-05 15:27
يازغان ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر...

yultuz~2011-02-13 13:16
      بەزى ئادەملەر تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ،بەزى ئادەملەرنىڭ بېشى دوپپا كىيىشكە لازىم بولىدۇ...بۇ تىمىنى  ئوقۇپ چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بولدۇم،سېپىل سوقۇش ئەمەس،سېپىلنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلەيدىغان ئادەم قانچىلىك؟

baborhan2011-02-14 02:55
بۇەسەردەيېزىلغان[سېپىل]بىزنىڭ n #/m7  
كۆڭۈلبۆلمەسلىك،سەلقاراش،سەۋەبىدىن iL1so+di  
اجىزلاپ،يوقاپكىتۋاتقان[ېمان-ېتقاد]ىمىزغا Y|nTc.A  
وخشىتىلىپتۇ،ياخشى'ەسەركەن.قەلەم a $:N9&P  
ىگسىگەكۆپرەخمەت.

salamet2011-02-26 21:05
ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بەك ھوزۇرلاندىم... R&xd ic!  
   بەك مەنىلىك ئىكەن! RBwV+X[B  
قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!

tuygun2011-03-12 22:59
ھەقىقەتەن ئبرەتلىك يىزىلىپتۇ.

pakkalip2011-03-12 23:12
    

bargut2011-06-11 20:19
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتۇ، قولىغا دەرت بەرمىسۇن.

zuber2011-06-21 19:10
  ئۇيغۇر تىلى نىمە دىگەن پاساھەتلىك تىل ھە ! مەن ھازىرقى ئويۇنچىلارنىڭ نىمە ئۇچۇن تاماشىچىلار يەنى تام ئاشقۇچىلار دىيىلىدىغانلىغىنى چۇشەنگەندەك بولدۇم.

alip~arsilan2011-06-21 21:19
بەكمۇ ياخشى ئەسەركەن    ، ئىستىلىستكىلىك ۋاستىلەرنىڭ قوللۇنىلشى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتتە بولسۇن ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك دەرىجىدە ، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە خارەكتىرىمىزدىكى بەزى خۇسۇسىيەتلەرنى ئىنتايىن يارقىن ھالەتتە ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ ، بىزلەرنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر بولسا يەنە يوللاپ تۇرشىڭىزنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن !  ئاللاھ  مۇشۇنداق ياخشى تىما يوللىغانلىقىڭىزنىڭ ئەجرىنى بەرگەي     


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.022070 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us