دوستۇمدىن كەلگەن خەت K7d1(.
&`\kb2uep
zL[U;
كۆزۈم * Kp ^al
تۇيۇقسىزلا تاپشۇرۇپ ئالغان بۇ خەت مېنى تولىمۇ گاڭگىرتىپ قويدى . خەتنى تاپشۇرۇپ ئاشۇ دەقىقىدە مەن تۇلىمۇ خۇشال بولغان ئىدىم . چۈنكى بۇ خەت مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن بىر دوستۇمدىن كەلگەن ئىدى.كۆزئالدىمغا ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇماق سەبىي قىياپىتى كەلگەندە نىمىشقۇدۇر تۇلىمۇ ئازاپلاندىم . ئۇ شۇنچىلىك نازۇك ئىدىكى خۇددى شەبنەم تامچىسىدەك قاچانلا قارىسا كۆزلىرىدىن ياش لىغىرلاپلا تۇراتتى ، ئۇ شۇنچىلىك ئاجىز ئىدى ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى ، ئۇ شۇنچىلىك ئۇماق ئىدىكى قاچانلا قارىسا ئاشۇ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى . ئەمما شۇنچىلىك تەبئىي ئىدى . ئەمما بۇ خەت پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەكىسچە مىنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇردى . مەن ئۇنىڭ خۇشاللىق ۋە ئازاپقا ، بەخىت ۋە بەخىتسىزلىككە ،ساددا ۋە ئەخمەقلىكىگە تولغان ئاشۇ خېتىنى قايتىدىن قولۇمغا ئېلىپ ئاستاغىنە ئوقۇشقا باشلىدىم . J[_?>YJ
" سالام رازىيە ياخشىمۇ سەن ؟ (t"YoWA#m
بەلكىم سەن بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭدا تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە قالغانسەن ، بىز ئايرىلغىلى مانا ھەش- پەش دىگىچە 10 يىل بولۇپتۇ.10 يىلنىڭ ئادەمنى قانچىلىك ئۆزگەرتۋېتىدىغىنىنى بىلەمسەن ،بۇ 10 يىل ئىچىدە سېنى ئاشۇ مەكتەپتىكى غەمسىز خۇشال ئوقۇش ھاياتىمنى شۇنچىلىك سېغىندىم . تالاي قېتىم ئاشۇ ئەسلىمىگە تولغان رەسىملەرنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن . سىلەرنىڭ ماڭا چەكسىز بەخىت تىلەپ يازغان ئاشۇ ئايرىلىش خاتىرىسنى ئوقۇغىنىمدا قەلبىم چەكسىز ئازاپ ۋە پۇشايمانغا تۇلۇپ مەن تۇلىمۇ ئازاپلاندىم ، قۇلاق تۈۋىمدە يۈرۈگۈمنى ئىزىپ ئېيتىلىۋاتقان مۇڭ ناخشا مەنمۇ ئاستاغىنە جور بولدۇم ، گەرچە ئېيتقان ئاشۇ ناخشىلىرىم يۈرۈگۈمدىن ئورتۇپ چىققان بولسىمۇ ، بىراق قىلچىلىكمۇ قولاشمايتتى ، ئېيتە دوستۇم ئازاپ ئىچىدە يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتىلغان ناخشا قانداقمۇ قولاشسۇن ،.... ماقۇل مەن ئېيتاي سەن ئاڭلا دوستۇم ............ 7u&H*e7
بۇ ئىشلارنى مەكتەپتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ . مەكتەپتە سىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان " ئاكاڭلار " ئاشۇ بىزنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز ئابىل بىلەن ئارلاشقىنىمنى ھەممىسى بىلىشىدۇ . ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئارلاشقىنىمنى بولسا بىر سەنلا بىلەتتىڭ ، مەن ئاشۇ بېسىمدىن ، كۈندە دېگۈدەك كىلىۋەرگەن گۈللەردىن ، تەلەپلەردىن ، ئوغۇللارنىڭ بىزار قاراشلىرىدىن قېچىپ دىگۈدەك ئۇنى تاللىدىم . نىمىنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى قىلچىلىك ھىس قىلماي مۇشۇ چۈشۈنۈكسىز بۇسۇغىدىن قەدەم ئالدىم . مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ئاشۇ دادام ، ماڭا تۇلىمۇ ئامراق دادام ، ئىللىق ئائىلەم ، يۇرتۇم ، ........ سېغىنىشىم چەكسىز ئىدى . يەنە بىر تەرەپتىن دەرستىن بىكار قالساملا شۇغۇنلىدىغىنىم قەلەم بىلەن قەغەزگە ئانچە مۇنچە تەسىراتىمنى يېزىپ قالدۇرۇشلا ئىدى . باشقا ئىشلارغا بولسا قىلچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيتتىم . ئەمما ئاشۇ نەپسى بالسىنى باسالمىغان ئوغۇللارغا مەن تۇلىمۇ ئۆچ ئىدىم . ئۇلاردىن قۇتۇلىشىنىڭ بىردىن بىر چارىسى بىرەرسىنى تاللاش ئىدى . ئابىل مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نامزات ، ھاراق تاماكىدىن خالاس ، ماڭا قىلچىلىك يامان نىيەتتە بولمايدىغان ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ تىپى مىنىڭ قوغدىغۇچىم ئىدى . ئەمما ئۇنىڭغا قىلچىلىكمۇ كۆڭلۈم يوق ئىدى . قېشىمغا كەلسىلا قاچقۇم كېلەتتى ، ئۇ ماڭا داۋاملىق سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرەتتى . ئۇ شۇنچىلىك سۈرلۈك مەغرۇر ئىدىكى مەكتەپتىكى ھەممە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك ئەيمىنەتتى . شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيتتى ، ئۇ قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىسى ئىدى ، ھەممە قىزلار بولسا ئۇنىڭغا تەلپۈنەتتى ، شۇنچىلىك قايىل ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرلۈك مەغرۇر قىياپىتىنى قېشىمغا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا ئۇنتۇپ مۇلايىملىق بىلەن چوڭقۇر مىھىر بىلەن مىنى ئاسرايتتى ماڭا كۈيىنەتتى ، ئۇنىڭ مەن ياقتۇرماسلىقققا ئاساس بولغىدەك بىرەرمۇ تەرىپى ھەم ئاجىزلىقى يوق بولمىسا .... نىمىشقىدۇر كاللامدا مۇھەببەتتىن قىلچىلىك ئەسنا يوق ئىدى ، ئەتىگەندىن كەچكىچە بىرگىلا يۈرەتتۇق ، بىرگە دەرس ئاڭلاش ، ئاندا مۇندا مەكتەپ تانسىخانىسىغا كىرىپ تانسا ئويناش دىگەندەك كۈنلەر بىلەن بىر ۋاقىت تەرتىپلىك ئۆتۈۋەردۇق . كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلغىنىمنى بىلسەممۇ ئەمما ئۇچۇق ئېغىز ئاچمايتتىم . تاكى سەندىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بەرمىگەن ئىدىم . ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ سىنىڭ شۇ سۆزلىرىنىڭ « پەرىخە ، دوستۇم نىشكە راس سۈزۈڭنى دىمەي ئۇنى ئالدايسەن ، قارىسام ئۇ ساڭا ئاشىق ئىكەن ، ئۇنىڭ نىمە دىگىنىنى بىلەمسەن ، ئۇ ھەقىقەتەن سىنى تۇلۇق چۈشىنىدىغان بىردىن بىر ئەر ئىكەن ، ئاڭلا ئۇ ماڭا ھەي رازىيە بىلەمسەن پەرى ( ئۇ مىنى شۇنداق ئاتايتتى ) بىر كىچىك بالا ، بىر بوۋاق ، ئۇنى ئۈركۈتۈپ قويسام ، ئۇ خۇددى ئۇۋىسىدىن ئايرىلىغان قۇش بالىسىدەك مەڭگۇ مەندەك بىر پانالىنىدىغان ئۆز ئۇۋۇسىنىڭ بۇلۇشىنى خالىمايدۇ ، ئۇ خۇددىي تىپتىنىچ بىر سۈزۈك سۇ تىگىپ قويساملا چاچراپ لېيىپ كىتىدۇ ، ئۇ خۇددى بىر تال ياپراق ئۈستىدىكى تۇلىمۇ ئاجىز بىر تامچە شەبنەم ، ئازراقلا يەلپۈتكەن كۈچسىز شامالمۇ ئۇنى ياپراق ئۈستىدىن نەلەرگىدۇر ئۇچۇرۇپ كىتەلەيدۇ . مەن ساقلايمەن ئۇ قاچانكى بىر بوۋاقتىن چوڭ بولغىچە ، سۈزۈك تىپتىنىچ سۇدىن مەۋىج ئۇرغان دولقۇنغا ئايلانغىچە ئاجىز شەبنەم تامچىسىدىن تاكى مۇز تاغدىكى سۇنماس مۇز پارچىسىغا ئايلانغىچە ساقلايمەن ، ماڭا كۆڭۈل بەرگىچە چوقۇم كۈتىمەن .....« تاكى سەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ماشىندا ئولتۇرۇپ ئېتقانغا قەدەر مەن ھەقىقەتەن بىر تىپتىنىچ سۇ ئىدىم ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم ، ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ سۆيگۈ ئاتا قىلالمىدىم. نىمىنىڭ سۆيۈش نىمىنىڭ سۆيۈلۈش ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيلا ئايرىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ بۇ يەردە قالغىنى ، سىنى ئۆزۈم ئېلىپ قالالايمەن ، بىز مەڭگۈ ئايرىلمايلى دىگەن تەلەپلىرىگىمۇ ، مىنى قۇچاقلاشقا ئورۇنغاندىكى شۇنچىلىك يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ ، ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاشۇ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان كۆزلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماي ، شۇ ئاخشىمى ياتاققا قېچىپ كىردىم ، ئەتىسى ئەتتىگەن يۈك – تاقلىرىمنى ئېلىپ ماڭغاندا ئۇنىڭ « راستىنلا كىتەمسەن پەرى ، بۇ يەردە سەن تارتۇشقىدەك قىلچىلىك نەرسە يوقمۇ » دىگىنىچە چىڭڭىدە تۈكۈلگەن مۇشتى بىلەن ياتاقنىڭ تېمىغا مۇشتىلاپ قوللىرىنى قانىتۋەتكىنى ، ھەممىنى ئۇنتۇپ سىلەرنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىغىنىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن . ھېلىمۇ ھەم شۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلگەندە يۈرگۈم خۇددى پىچاقتا تىلغاندەك ئچىشىپ كىتىدۇ . مەن كەتتىم ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈد قالدۇردۇم . يولغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي سىنىڭ چىدىيالماي ئاشۇ گەپلەرنى ماڭا دىگىنىڭدىن تۇلىمۇ ئاغرىنىمەن . نىمىشقىمۇ دىگەنسەن دوستۇم ، مەن يىغلىدىم سىنىڭ سۆزلىرىڭ ، مەندىن ئاغرىنىشلىرڭنى ھەتتا تىللاشلىرىڭنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرۇپ ماشىنىدىن بېشىمنى چىقىرىپ كەينىمدە قالغان ئوتلۇق گۈلخاننىڭ ئۇچۇم قالماسلىقىغا شۇنچىلىك تەلمۈرۈپ قارىدىم . ئەمما يۈرگۈم ئاشۇ يوقالغان گۈلخاننىڭ چوغلىرىدا كۈيۈپ كۈل بولدى . مەن كەتتىم نازۇك كۆڭلۈم مۇھەببەتنىڭ شاملىرىدەك ئىرىپ كەتتى . تۈنجى قېتىم نىمنىڭ سۆيگۈ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىمدا تۇلىمۇ كىچىككەن ئىدىم . J3!k*"P
ئۆيگە كىلىپ مەن ئۈرۈمچىدە قالىدىغان بولدۇم. دەپ يىغلاپ - قاخشاشلىرىمغا پەرۋامۇ قىلماي دادام ئۆينىڭ تىلفۇنىنى ئۈزۈپ تاشلاپ مىنى پۈتۈنلەي ئالاقىسىز قىلىپ تاشلىدى . كۈنلەر ، ئايلار ئۇنى سىلەرنى سېغىنىش بىلەن ئۆتۈۋەردى . مەن خىزمەتكە چىقتىم ، گەرچە ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي خىزمتكە ئاتىۋەتكەن بولساممۇ لىكىن ئۆيگە كىلىۋاتقان ئاشۇ ئەلچىلەرنىڭ مىنىڭ تىنىچ ئارامىمنى يەنە بۇزدى . مەندىكى بۇرۇنقى داۋاملىق كۈلۈپلا تۇرىدىغان كۆزلىرىمنىڭ ئورنىغا داۋاملىق قۇشۇمىسى تۈرۈلگەن ئىتىۋارسىز قاراشلار ئىگىلىدى . باشقىلارنىڭ سۆزى بۇيىچە مەن ھالى چوڭ ئاسانلىقچە بىرەرسىنى ياراتمايدىغان ، بوينى قاتتىق قىزلاردىن ئىدىم . ھەقىقەتەنمۇ مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنكى ئاشۇ بىر يىل مەن ئۈچۈنمۇ تۇلىمۇ تەس ئۆتتى . سەن تەسەۋۋۇر قىلالامسەن مەن قايتۇرۋەتكەن ئاشۇ ئەلچىلەردىن مەندىن خىلمۇ خىل سۆز چۆچەكلەر بىلەن ئۇچىنى ئالدىم « ئاڭلىسام مەكتەپتە بۇزۇلۇپ كەتكەن نىمىكەن شۇڭا چاينى قايتۇرۋالدۇق » ، « ئوغلىمىزغا بىرى دەپ قۇيۇپتۇ ئۇ قىز ئەمەسمىش ، ئوغلۇم سورىسا تېخى تەن ئاپتۇ شۇڭا .....» ۋاي توۋا چاينى رەت قىلغان ئادەم مەن ئىدىمغۇ؟ بۇنىڭغا نىمە دەي ئەمدى بىزنىڭ بۇ يەردە « ناھاقچىلىققا ئىشەك ھاڭرىدى » دەيدىغان بىر ماقال – تەمسىل بار ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى . قەستەن قىلىنغان بۇ سۆز – چۆچەكلەرگە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن پەرۋا قىلماسلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم . دەل شۇ ۋاقىتتا يۇرتلۇق بىرىگە ئۇقىدىغان دوستلاردىن ئابىل تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ دىگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم . قانداق بولغىنىنى بىلەي ، قانداق كۈچنىڭ تەسىرىدىنكىن ئەيتاۋۇر ھەممىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئۇقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم . ئەمما ئۆيدىكىلەر سىزىپ قالدىمۇ مىنىڭ تۇيۇمنى بىكىتىپ بۇلۇپتۇ . چوڭ دوختۇرخانىدا بۆلۈم باشلىقىمىش ،.... مەن رەت قىلدىم ، قارشىلاشتىم ، يىغلىدىم ھەتتا يالۋۇردۇم ،،، ئەمما دادام بەرداشلىق بېرەلمەي قاتتىق يېتىپ قالدى . سەن بىلەمسەن مەن دادامغا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىم ، ئانامدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغاچقىمۇ مەن ئۈچۈن دادام ئەڭ مۇھىم ئىدىدى . ئەزەلدىن ئۇ مىنىڭ تەلىۋىمنى رەت قىلغان ئەمەس مەن ئۈچۈن ھازىرغىچە قايتا ئۆيلەنگەنمۇ ئەمەس ، ئەمما مەن جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىپ ئۇنىڭ قاتتىق ئاغرىپ يېتىىشغا سەۋەبچى بولدۇم . ھەممىسىنى مەن شور پىشانە دادىسىغا بىر بالا بولدى دەپ تىللاشتى . ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس دادامنىڭ بىراقلا 10 ياش قېرىپ كەتكەن ئاشۇ ماغدۇرسىز ياتقان قىياپىتى يۈرۈگۈمنى ئىزىۋەتتتى . مەن قوشۇلدۇم ، مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا دىيىشكەن بىر سومكا پۇل توغرىسىدا پاراڭ ئىسىڭدىمۇ « ھەي قىزلار كەلگۈسىدە قانداقراق ئادەم بىلەن توي قىلغۇڭلار بار ... ‹‹چىڭڭىدە بىر سومكا پۇلىسى بار ئادەمگە ...ھا ....ھا » ئەسلى مەن بۇ گەپنى پەقەت بىر كۈلكە بولسۇن دەپلا دىگەن ئىدىم ئەمما دەل شۇ پەيىتتە ئويلىماي دىگەن ئاشۇ گەپ راسقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى ، توۋا ئېغىزىمدىن سائەت چىكەتكەنمىدۇ ؟@ ئايتاۋۇر مەن شۇنچىلىك ئازاپلاندىم . بىزگە چاي ئىچكۈزىلدى . توي كۈنىمۇ بىكىتىلدى . ئەمما ئۇ تۇلىمۇ ھاراقكەش مەن ئەزەلدىن ئۆچ كۆرىدىغان ھېلىقىدەك ئەرلەرنىڭ تىپى ئىدى . دەل شۇ بىزارلىق ھالىتىدە تۇرغان ۋاقتىمدا مەن ئىدارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2 ئايلىق تۆۋەنگە چۈشتۈم . خىزمەت جەريانىدا باشقا بىر ئىدارىدىن مەن بىر يېزىغا ئاجراتقان v2dSC(hRZ
2 – بىر ئابىل بىلەن تۇنىشىپ قالدىم . ئۇ مىنى بۇرۇنلا تۇناتتىكەن . ئەمما مەن نەزىرىمنى ئەزەلدىن باشقا ياققا سالمىغاچقىمۇ ئۇنى پەقەتلا تۇنىمايدىكەنمەن . خىزمەت بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم . ئۇ خۇددى ئابىلنىڭ ئۆزىلا ئىدى . s$=B~l
ئۇنىڭ قاراشلىرى ، خۇيلىرى سۆزلەشلىرى ھەتتا تاماكا ، ھاراقتىن يات مىجەزىمۇ شۇنچىلىك ئوخشايتتى . بىز ناھايىتى تەبىلا ئارلىشىپ قالدۇق . مەن ئۆيدىكىلەرنى تۇلىمۇ تەستە قايىل قىلىش ئارقىلىق ئاددىي خىزمەت ئورنىدىكى ئۆزۈم لايىق كۆرگەن ھازىرقى يولدىشىم بىلەن توي قىلدىم . بىز ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردۇق ، ئۇ تولىمۇ كۆيۈمچان ، مەسئۇليەتچان ئەر ئىدى ، ئەڭ مۇھىمى مىنى بەكلا سۆيەتتى ، ئاسرايتتى ، ماڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدى . مەن ھەقىقەتەن بەخىتلىك ئىدىم . گەرچە ئۇنىڭغا ئابىلنىڭ ساىيىسى ئەگىشىپ يۈرگەەندەك ھىس قىلساممۇ لىكىن ئۇنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيتتىم . 2 – يىلى تۇنجى قىزىمىز فەرزە تۇغۇلۇپ بەخت ئۈستىگە بەخىت قوشۇلدى . ھەممە كىشىنىڭ بىزگە شۇنچىلىك ھەۋىسى كىلەتتى . ئەمما نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرگەن ئابىلنىڭ سايىسىدىن پەقەتلا قۇتلالمىدىم . نېمە دېسەم بۇلار ئادەم دىگەن شۇنچىلىك ئەقىلسىز ئىكەن ، ئەگەر ئازراق ئەقلىمگە كىلىپ ئۈزۈمدىن ھالقىپ يەنە شۇ ئۆزۈمگە نەزەر سالالىغان بولسام ، ئۆزۈمنىڭ چىكىنىش يۇلىمنى ئەمەس بەلكى ئالغا ئىلگىرلەش يۇلۇمنى تاپالغان بۇلاتتىم . بېشىمغا بەخىت قۇشى قونغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ مەن يەنە بەخىت ئىچىدىن ئەڭگۈشتەر ئىزلىدىم . كونىلارنىڭ كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولماپتۇ ! دىگەن ماقال تەمسىلى تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق ئىكەن . ئەسلى ئاللا تائالا كۈلكىگە ئىھتىياجلىقىلارغا كۈلكە ، يىغىغا ئىھتىياجلىقلارغا يىغا ئاتا قىلغان ئىكەن ، ماڭا كۈلكىنى ئاتا قىلىۋىدى ، كۈلەلمىدىم ، كۈندە دىگۈدەك غەمكىنلا يۈرۈش ماڭا ئادەت بۇلۇپ قالدى ، ئەسلى مەن يىغىنى سېغىنغان ئىكەنمەن . مەن ئېرىشتىم ، يىغلىدىم ، يىغامدىن ھەتتا زىمىنمۇ تىترەپ كەتتى ، بىز تېلىۋىزوردا كۆرۈۋاتقان ، كىتاپلاردا ئوقۇۋاتقان دۇنيا بولسا پەقەت رىئاللىقنىڭ ئاددى بىر تاشقى بىر ۋارىقى ئىكەن ، رىئاللىقتىن ھالقىش تۇلىمۇ ئەخمىقانىلىك ئىكەن ، مەن كۈلۈشنىڭ ئورنىغا يىغلىدىم . خۇشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا ئۇھ تارتتىم ... بەزىدە تەقدىرگە ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ھوقۇقنى كىم بەرگەن بولغىيىدى ؟ ئۇنىڭ پىچىقى نىشكە شۇنچىلىك ئىتتىك كىسدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ كىتىمەن ، ياق تەقدىردىن ئاغرىنىشقا ھېچقانداق ھەققىم يوق ، بۇ بىر كەچۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىق ، بۇ خاتالىقنى يەنىلا ئۆزۈممۇ سەزمەي ئۆزۈم كەلتۈرۈپ چىقاردىم . « رىئاللىق بىر ئېقىن سۇغا،ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولسا ، تىنىچ سۇ تەكتىدىكى قاينامغا ئوخشايدىكەن .شۇڭا ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر شۇنداق تۇيۇقسىز ئويلىمىغان چاغدا يۈز بېرىدىكەن » بۇ جۈملىنى مەشھۇر ئەدىپ ئابدۇلئەھەت ئابدۇرىشىت خۇددى يالغۇز مەن ئۈچۈنلا ئېيتقاندەك ھاياتىم شۇنچىلىك تۇيۇقسىز ئۆزگەردىكى ھەتتا ئۆزۈمممۇ سەزمەيلا قالدىم ، مەن خۇشال بۇلۇشقا تىگىشلىك ۋاقىتتا خۇشال بولماي ئەكىسچە يىغلىدىم ، ئازاپلاندىم ، ئەمما ھەقىقىي ئازاپ مىنى ئىزلەپ كەلگەندە بولسا يىغلىغۇدەك كۈچ ئازاپلانغۇدەك مادار مەندە قالمىدى ، زورىغا كۈلدۈم ، چىدىماي ھەممىگە تەن بەرمەي ئالدىمدىكى رىئاللىقنى قۇبۇل قىلماي ئامالىممۇ قالمىدى ، شۇ تاپتا كاللاڭدا تۇلىمۇ كۆپ سۇئاللارنىڭ تىزىلىۋاتقانلىقىنى ، بەخىت ئۈستىدە تۇرۇپ بەخىتنىڭ قەدرىنى بىلمىگەندىن كىيىن مەسىلە چوقۇم يولدىشىدىن كىلىپ چىقتى دەپ پەرەز قىلىۋاتقىنىڭنىمۇ سىزىپ تۇرۇپتىمەن ، ئەسلى شۇنداق بولغان بولسا تۇلىمۇ ھەقلىق ئىدى . مەنمۇ بۇنچە ئازاپلانمىغان ھەمدە نەرسەمدىن ... بارلىقىمدىن ، ۋىژدانىمدىن ، ئەسلىمىدىن ، غۇرۇرۇمدىن ھەتتا زوھىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالمىغان بۇلاتتىم ... دوستۇم ئېيتقىنە ، ۋىسال بىلەن ھىجران بىرلەشكەندە ئاندىن ھەقىقىي مۇھەببەت ھاسىل بۇلامدۇ ؟ بىر ئانىغا نىسبەتەن ئەخلاق ۋە ئۆزىگە خاس ئىتىقات ئۆلچىمى بولمىسا بۇ دۇنيا نىمە بۇلۇپ كىتەر !!! مۇھەببەت سادىقلىقنى ۋە پاكلىقنى تەلەپ قىلدىغۇ ؟ مىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەلەپ قىلغىنىممۇ شۇ ئىدىغۇ ؟؟؟؟ ئۇھ ... ئاخىر تەن ئالغىنىمغا ئىخرارمەن ، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا قوللىرىمنىڭ قانچىلىك تىترەۋاتقانلىقىنى قانچىلىك ، خالىمايۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزۈملا بىلىپ تۇرۇپتىمەن ، مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بىرىنى سۈيۈشكە ئىرىشتىم ، مىنىڭ قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ مىنى شۇنچلىك ئۆزىگە ئەسرا قىلغان كىشى بولسا مەن ئەزەلدىن ئەڭ ئۆچ كۆرگەن ئەشۇ ھەممىدە بار ئەرلەرنىڭ تىپى ئىدى .قىزىم دەل ئۈچ ياشقا تولغان كۈنى مىنىڭ يەنە بىر قېتىم خىزمەت ئورنۇم ئالماشتى ، مەن ناھايىتى ئەستايىدىل بولغاچقىمۇ تىزلا بۇ ئورنىمدىن كۆزگە كۆرۈندۈم ، خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئالاقە دائىراەممۇ بارا – بارا كەڭەيدى . ، ساڭا ئايان مەن بۇرۇندىنلا چىرايلىق بولغاچقا تەبىئىيلىكنى ياقتۇراتتىم ، ئانچە قېنىق گىرىم قىلپمۇ كەتمەيتتىم ، ئەمما بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە ناھىمىزدە ئاياللار مودىلىق ئېڭى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى . مائاشنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ چايلىرى ، كىيىم - كىچىكى ، گىرىملىرى ئۈچۈن بۇزۇپ چاچاتتى . ئەسلى بەزى شەھۋەتخور ئەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ ئەشۇ چىرايلىق ئاياللىرىدىن ماختانسا ،بەزى ئامالسىز ئاياللار ئەرلىرىنىڭ تالاغا قارىشىدىن ئەنسىرەپ بۇلىشىغا ئۆزىنى ياسايتتى . ئەمما مەن دەل ئەكىسچە باشقا ئەر ئۈچۈن قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ ، قېنىق گىرىم قىلىپ ، چاچلىرىمنى مودا ياسىتىپ يۈردۈم . توغرا مەن ھەقىقەتەن تېخىمۇ بەك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم ، نۇرغۇن ئاياللار ماڭا ھەسەت قىلىشتى . jak|LOp
ئادەم دىگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن . ھىسيات دىگەن بولسا تۇلىمۇ ئاجىز ئىكەن . ئەزەلدىن ئۆزۈمنى تىپىك چاغلاپ ھېچنەرسىنى كۆزگە ئىلماي ئۆزۈمگە خاس دۇنيا ئىزلەپ يۈرگەن ئىدىم . ئەمما يېڭى خىزمەت ئورنى ، يېڭى شارائىت مىنى ئۆزگەرتسىمۇ بىلمىدىم بىردىنلا بىر ئاز شەخسىيەتچى بۇلۇپ قالدىم . خىزمەت ئورنۇمدا بىزنىڭ خىزمەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىمى غەيرەت شەنجاڭنى تولا ئۇچرىتىپ قالاتتىم . باشقىلاردىن ئۇ ئادەمنىڭ تۇلىمۇ شەھۋەتخور ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ئۇنىڭغا نەزەر كۆزۈمنى سالماي يۈردۈم . بىراق خىزمەت شارائىتىم مىنى تۇلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشقا مەجبۇرى قىلاتتى . ھەر قېتىم ماتىريال ئەكىرگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ماڭا مەنىلىك قاراشلىرى مىنى تۇلىمۇ بىزار قىلاتتى . نىمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن داۋاملىق قېچىپلا يۈرەتتىم . مەن قانچە قاچقانسېرى خىزمەت ئىھتىياجىم بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسگە كىرىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ كۆپىيىۋەردى . T=)L5 Vuq<
ئەمما ئۇ ئەزەلدىن شۇنچىلا پۇرسەت بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ماڭا قىلچە باشقا غەرەزدە بولىدىغان ياكى بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلغان ئەمەس ئىدى . بەزىدە مەن ئارتۇقچە ئويلىنىپ قالدىممۇ قانداق دەپ ئويلىنىپ قالاتتىم ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل ھەم ئىنتايىن قابىليەتلىك ئىدى . گەرچە ھەر ئىككىمىزئۆزىمىزنىڭ خىزمىتى بىلەن بولساقمۇ ئەمما سىرتتىكى گەپ سۆزلەردىن يەنىلا قۇتۇللالمىدى . 4QN6BZJ5
« ھە ئەسلىدە غەيرەت شەنجاڭ مەقسەتلىك يۆتكەپتىكەندە بۇ بىر نىمىنى؟ ئەجەپ يۇلى بار ئىكەن دىسە ، قارا تېخى » بۇ گەپلەرنى كىشىلەر يۈزۈمدىن – يۈزىمگە سالسىمۇ لىكىن كەينىمدىن دىيىشكىنىنى ناھايىتى تەبىئىلا ئاڭلاپ قالاتتىم . ئەمما يەنىلا بۇرۇنقىدەك سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتىمۇ نىمە تۇلا گەپ سۆز بۇ؟ دەپ بىپەرۋا يۈرىۋەردىم. ئەمما ئەشۇ قېتىملىق ئىش مىنىڭ ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى . ئەگەر بۇرۇنقىدەك يۈرىۋەرگەن كىشىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بۇلار ئىدى . ئاشۇ كۈنى مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئامىنە بىلەن تاسادىبى بىر ئىش تۈپەيلى يەنى خىزمەت ئۈستىدە ئازراق تاكاللىشىپ قالدىم . ئۇ بىر ئاز غەيۋەتخور كىشىنىڭ كۆڭلىنى قىلچىلا ئاۋايلىمايدىغان ئېغىزى ئىتىك بىر ئايال ئىدى . نىمىشقىمۇ شۇنداق بىرى بىلەن تەڭ بولغىنىمنى بىلمەيمەن . ئۇ ئىشخانىدىكى بىر قانچە ئايال كادىرنىڭ ئالدىدا مىنى ھاكىمنىڭ ئاشنىسى دەپ تىللاپ كەتتى ، نىمە بولغىنىنى بىلمەيمەن مەن ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىغىنىمچە ئۇنىڭ ئىشخانىسىگە ئېتىلىپ كىردىم ، ئۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە داڭ قېتىپ قالدى « ۋاي نىمە بولدىڭىز پەرىخە ؟» ئەزەلدىن مەغرۇر يۈرگەن مەن خۇددى كىچىك بالىدەك ئۇنىڭ ئىشخانىسدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم ، ئىچىم شۇنچىلىك ئىزىلىپ كەتتى .خۇددى بارلىق دەرت ئەلىمىم مۇشۇ يىغام بىلەن تۈگەپ كىتىدىغاندەك ئۇنىڭ سۆزلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى . 9ixnf=$Jp
قانداق قىلىپ ئۇنىڭ مىنى باغرىغا بېسىپ تۇرغىنىنى سەزمەپتىمەن ، ئۆزۈمنى سەزگىنىمدە ئۇمىنى چىڭ قۇچاقلاپ بەزلەپ ئولتۇراتتى . مەن تۇلىمۇ تىزلىك بىلەن ئىسىمنى يىغىپ ئاستاغىنە ئۇنىڭدىن ئاجراپ كەينىمگىمۇ قارىماي ئىشىكنى ئېچىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم . يولبۇيى كاللامدا شۇنچىلىك گىرماچ خىياللار ئەكىس ئەتتى ، يۈزلىرىم ئوت بۇلۇپ ياندى ، نەپسىم قىسىلدى . مەن نىمە قىلدىم نىمە بولدۇم دەپ ئۆزىمدىن سورايتتىم . بىراق قىلچىلىكمۇ تاپالمايتتىم . ئۆيگىمۇ قايتىشقا جۈرئەت قىلالماي تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە مەقسەتسىزلا يوللاردا ئايلىنىپ يۈردىم ، تۇنجى قېتىم يولدىشىم ھەم قىزىمنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىيالمىدىم . تۇنجى قېتىم ئۇلارغا تاماقمۇ ئىتىپ بەرمەي ئۆيگە كەچ قالدىم . تۇنجى قېتىم ..... مەن يىغلىدىم يىغلىغاندىمۇ شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىم . خۇددى خورلىققا ئۇچرىغاندەك ھىسىياتقا كەلدىم . ئۇنىڭدىن ئۆزىمدىن نەپرەتلەندىم يۈرىكىم پارە – پارە بولدى . كىچىچە شۇ ئىشلارنى ئويلايتتىم ، ئۇنىڭ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ‹‹ نىمىشقا يىغلايسىز بىرسى سىزنى بوزەك قىلدىمۇ ، سىزگە يىغا ياراشمايدىكەن ›› ، دەپ يىنىككىنە مۈرەمگە ئۇرۇشلىرى كۆزۈمنىڭ ئالدىدىن پەقەت كەتمىدى . مەن ئىتتىرۋەتسەممۇ قىلچىلىك قارشىلىق كۆرسەتمىدى . ئەگەر شۇ پەيىتتە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك پۇرسەت بار ئىدى . ھېچبولمىغاندا مىنى سۈيىۋالسىمۇ بۇلاتتى، ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى . خۇددى مىنى كىچىككىنە بىر قىزنى بەزلىگەندەك بەزلىدى . ئەمما مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دىمەيلا يىغلاپ كەتتىم . بىر قانچە كۈنگىچە ھەتتا گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى . 4h2bk\z-
ئەسلى مەن كاللامدا باشقىلارنىڭ سۆز –چۆچىكىگە چىدىماي مۇشۇنداق ھالغا قالدىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن . ئەمما ئۆزۈممۇ سەزمەيلا ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتىمەن . {Ac3/UM/
ئۇنىڭ چىرايىغا قارىيالمىدىم ئۇ ھەممە ئىشنى ئۇقتىمۇ قانداق ئامىنەنى باشقا ئىشخانىغا يۆتكىۋەتتى ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا بىر ئاز بېسىم بۇلۇپ قالدى شۇڭا ئۇنى ئىزلەپ كىردىم . مەن ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچقۇچە ئۇ گىپىمنى تارتىپلا سۆزلەپ كەتتى ، ‹‹سىزنىڭ نىمىشقا كىرگىنىڭىزنى بىلمەن ، مەن ئامىنەنى بۇ ئىش ئۈچۈنلا يۆتكىۋەتمىدىم . خاتىرجەم بۇلۇڭ ۋىجدانىڭىزنىڭ چىدىمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن . ئۇ بىر ئاز مەسئۇليەتسىز كۆپ گەپ قىلىدۇ . شۇڭا ئازراق چېنىقسۇن دىدىم كۆڭلىڭىز بەك ياخشى بىلىمەن . بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكىڭىز بىراق ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئەمەس ھەممە ئادەمنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت قىلىپ گەپ قىلىپ يۈرۈپتۇ ، ھەرگىز خاپا بولماڭ ››دىدى مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئاستاغىنە ماڭماقچى بولدۇم . بىراق پۇتلىرىم قولاشمايتتى ، ‹‹ھاكىم يۆتكەشكە تىگىشلىك بولسا مىنى يۆتكىۋەتسىلە مىنىڭ بۇ ئۇرۇندا ئىشلىگىم يوق ، مەيلى قانچىلىك جاپا بولسىمۇ چىدايمەن ›› دىگىنىمچە يۆتكىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمنى ئاستاغىنە ئالدىغا قويدۇم . ئۇ ئولتۇرغان ئورنىدىن تۇلىمۇ تەمكىنلىك بىلەن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى ،ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ « نەگە بىرىپ ئىشلىگىڭىز بار دەڭ مەن يۆتكەپ قۇياي » دىدى بىراق چىرايلىرى بىر ئاز تۇتۇلغان ئىدى . مەن گەپ قىلماي يەرگە قاراپلا تۇراتتىم. ، ئۇنىڭ تۇلىمۇ ئېغىر تىنىۋاتقانلىقىنى قۇلىدىكى تاماكىسىنى شۇراپ – شۇراپ ئېغىر چىكىۋاتقانلىقىنى سىزىپلا تۇرۇپتىمەن . ئۇ ئۇنىمىدى . 39^uLob
بىلەمسەن ئۇ خۇددى مەن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئاشۇ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئېيتتى ‹‹كەتمەڭ ھەم كەتمەيسىز ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ ، ئارتۇقچە تەلەپ قۇيۇشقا يوق لىكىن مۇشۇ ئورۇندا ئىشلىسىڭىز ، كۆزۈمنىڭ ئالدىدا يۈرسىڭىز مەن رازى ، ئۆلسەممۇ سىزگە باشقا تەلىۋىم يوق ››دەپ بۇرۇلۇپلا ئۆز ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى . قانداق كۈچنىڭ تەسىرى بولدى بىلمىدىم ئىشقىلىپ ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم ، ئەنە شۇنداق قىلىپ بىز بىر – بىرىمىزگە شۇنچىلىك ئەسرا بۇلۇپ قالدۇق ، ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايتتىم ، مۇھەببەت دىگەن شۇ بولسا كېرەك مەن ئۇنى سۆيدۈم . ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي بوي سۇندۇم . ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمدىن كىچىشكە رازى ئىدىم ، يولدىشىم ئىللىق ئائىلەممۇ ھەتتا قىزىممۇ بۇنىڭغا توسالغۇ بۇلالمىدى ، ھاياتىمدا تۇجى قېتىم ئۆزۈمنى بىرىگە بېغىشلاشنى ، ئاسراشنى ، كۈيىنىشنى بىلىۋالدىم ، ئەسلى بۇ سۆيگۈ ، مۇھەببەت ئىكەن ، ئۇنىڭ تەسىرى مىنى قايىل قىلدى . بىلەمسەن ئۇ شۇنىچىلىك ئەقىللىق شۇنچىلىك تىرىشچان ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى مىنى قايىل قىلاتتى ، ھەر بىر قاراشلىرىنىڭمۇ مەنىسى بار ، مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئاشىق ھەتتا ئۆزۈمنىمۇ يۇقىتىپ قويغۇدەك دەرىجىدە ئۇنىڭ ئارلاشقان ئاياللىرىنىڭ يالغۇز مەن ئەمەسلىكىنى بىلگىنىمدە قانچىلىك ئازاپلانغىنىمنى بىلەمسەن ئەمما مەن كەچۈردۈم ، ھەتتا بارا- بارا كۆنۈپمۇ قالدىم ، ئۇنىڭ خالىغان ياكى ئۆزۈمنى ئالداپ ۋاقىت چىقارغان چاغدا مىنى ئىزلىشى قالغان چاغلاردا مەن بىلەن كارى يوق يۈرىشىگىمۇ كۈنۈپ قالمايمۇ ئامالىم يوق ئىدى. ، سېغىنىش يۈرىكىمنى ئىزىۋەتسىمۇ چىدىدىم ، بەزىدە قۇپاللىق قىلىشلىرىمۇ مىنى تۇسالمىدى ، يالتايتالمىدى ، بۇ قانداق مۇھەببەت بىلمدىدىم ، ئۇ بىر يىلدىن كىيىن شەھەرگە ۋەزىپىسى ئۇسۇپ يۆتكىلىپ كەتتى ، مەن يەنىلا بۇ كىچىك ناھىيدە ئاددىي خىزمەت ئورنىمدا ئىشلەۋەردىم ، تىپتىنىچلا ئىشلىدىم ، خۇددى مەن ئۈچۈن پەقەت مۇشۇ ئورۇنلا باردەك ، ئۇنى ئۈسىدىكەن شەھەر باشلىقى بۇلىدىكەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا بىر تەرەپتىن خۇشال بۇلاتتىم ، يەنە بىر تەرەپتىن يۈرىكىم يۇلۇقۇپ كىتىدىغاندەك كۈيۈپ كۈل بۇلاتتى . ZpP6Q
5 يىل ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى . 5 يىل ئىچىدە ئايدا بىر قېتىم ئۇچرىشىش پۇرسىتى بۇلاتتى . ئۇ شۇنچىلىك ئالدىراش ئىدى . ئايلاپ ھەتتا يىللاپ ، يىغىن ئۆگىنىشلەرگە كىتەتتى . ھەتتا بەزىدە ئايلاپ تىلفۇن قىلمايتتى . مەنمۇ ئاۋارە قىلشتىن ئەنسىرەپ تىلفۇن ئالمايتتىم ، سېغىنغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ بەخىتكە چۈمەتتىم . ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەلمىسەم ئۇ مۇشۇ يەردە بولسىلا مەن رازى ئىدىم . ئۇنىڭ بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتىمەن دەپ خۇشال بۇلاتتىم . مەيلى تاماق ئىتەي ، مەيلى ھەر قانداق بىر ۋاقىت بولمىسۇن ئۇ ئىسىمدىن بىر مىنىۇت چىقمايتتى . Xwn|.
كۆڭۈل دىگەن تۇلىمۇ ساراڭ ئىكەن ، ئەسلى مەن ئۇنىڭغا قىلچىمۇ مەنسۇپ ئەمەسكەنمەن ، بۇنى بۇرۇنراق ھىس قىلىشىم ئاياللىق ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىم كېرەك ئىدى ، ئەمما مەن ھېچ بىلمىدىم دوستۇم ، ھاياتىمدا ئاياللىق قەلبىمدىكى ئەزەلدىن پىچىتى بۇزۇلماي ساقلىنىپ كەلگەن ئارزۇ – ئارمانلىرىم ، تەشنالىقىم ، كۈتۈش ۋە زارىققان سۆيگۈم ئەسلى شۇ ئىكەن دەپ ئويلىغىم توغرىمىدۇ ؟ ھازىرغىچىلىك بۇ ماڭا نامەلۇم ئىش . ئەمما مەن سۆيدۈم مەن بارلىق سۆيگۈ ئاشۇ ئارزۇ – ئارمانلىقىغا قونغان تەشنالىقلىرىمنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن لەۋلەرىگە يېقىپ ئۇنىڭغا بارلىقىمنى ئاتىدىم ، ئىزا نۇمۇسنى قايرىپ قويدۇم ، كۈندە دىگۈدەك ئۇنىڭ توغرىلىق چىقىۋاتقان گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ ئۇنىڭغا قىلچىلىك تىل تەككۈزمىدىم ، كۆڭلۈمدە ئۇنى ئەيىپلىسەممۇ ئۆزۈمنى ئامال بار ئالداشقا تىرىشتىم ،‹‹ ھېلىقى تازلىقچى قىز بىلەن ئىشخانىدا شۇنداق قىلىۋاتقاندا سادىق كىرىپ قاپتۇدەك .›› m:o$|7r
‹‹ راس بىلەمسىلەر ...مەكتەپتىكى ھېلىقى داڭقى چىققان ئايگۈزەل بىلەن مىھمانخاندا ياتقاندا ئايگۈزەلنىڭ ئېرى تۇتۇۋاپتۇدەك ،... ››بۇ گەپلەر ئاز كەلگىندەك ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ياتاقلاردىن ماڭا ئاياللارغا خاس نەرسە – كېرەكلىرى ھەتتا چاچلىرىمۇ ئۇچراپ قالاتتى ، ئەمما يەنىلا چىدايتتىم . يۈزىگىمۇ سالمايتتىم ھازىر ئويلىسام ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۆزۈم يەتمەي ئۇنىڭدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزگەن ئىكەنمەن . ئۇ ھەقىقەتەن مەسئۇليەتسىزلىك قىلغانتى ، ئەسلى 2 بالىنىڭ ئانىس بولغان مەندەك بىر ئايالنىڭ يات بىر ئەرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىنىڭ ئۆزىلا ئېيتىپ تۈگەتكىسىز گۇناھ ھەم كەچۈرگىسىز گۇناھ ئىدى ، ئەمما ئۆز ئازاۋىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى . مىنى قىلچىلىك نەزىرىگىمۇ ئىلمىدى ، ھازىر يەنىلا ئويلىسام بۇ ماڭا بىرلگەن جازا ئىكەن ، ئەمما ئۇنى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ ئەزىزلەپ كەلگىنىگە ھازىرمۇ پۇشايمان قىلمايمەن ، چۈنكى ھاياتىمدا بىرەرسىنىڭ مىنى شۇنداق ياخشى كۆرسىتىشىگە ئىرىشەلمىگەن بولساممۇ ئەمما ئۆزۈم شۇنداق سۆيگىدەك ئادەمنىڭ بولغىنىدىن رازى ئىدىم ، شۇنداق ھەم بەخىت ھەم بەخىتسىزلىك ئىچىدە ئۇنىڭغا 5 يىل ئاشنا بولدۇم ، ئۇمىنى يا قۇيىۋەتمەي يا باشقا ئاشنىلىرىنىمۇ تاشلىۋەتمەيتتى . }N=zn7W
بەزىدە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەتتىم ، بەزىدە شۇنچىلىك يىغلايتتىم ، بىر كۈنلەر كىلىپ ئۇنىڭ مىنى چۈشىنىپ قېلىشىنى ئاشۇ باشقا ئاشنىلىرىدىن قول ئۈزۈپ پەقەت مىنىلا سۈيىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم ، ئەمما ئايالىنى قىلچىلىكمۇ ئويلىمايتتىم، ھەم كۈندەشلىكمۇ قىلمايتتىم ، ئىسىمگە كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىيتتى ئۆزۈمدە ئۇنىڭغا قەرىزداردەك ھىس قىلاتتىم ، ئۇنىڭمۇ خۇددى مەندەكلا ئۇنى سۆيىدىغىنى ئەمدىلىكتە ھىس قىلغاندىلا چىن يۈرىكىمدىن ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم . ئۇ ئۇنى ھەقىقىي سۆيگەنلىكتىن ھازىرغىچىلىك خۇددى مەندەكلا ئۇنى قېشىغا قايتىپ كەلسە دەپ ساقلاۋاتقانمىدۇ دەپ ئويلايتتىم ، بىراق كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەن پەقەتلا چىدىيالمىدىم ، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ بىر تۇيغۇ مىنىمۇ بارا – بارا قىيىناشقا باشلىدى . كىچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ چۈشەيدىغان ئويغانغاندا ئۆزۈمنى تۇيمايلا خۇددى يېڭىدىن تۇيى بۇلىدىغان قىزلاردەك جىددىي توي تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم كۈلكىلىك تۇيۇلىۋاتامدۇ ، بۇنداق ئىشلار نەچچە رەت تەكرارلاندى ، بارا – بارا كىيىم - كىچەكلىرىمگە ئىتىبار بەردىم . ماركىلىق كىيىملەردىن باشقا كىيىملەرنى قەتئىيلا كىيمەتتىم . ئاشۇنداق چۈشلەردىن كيىن بولسا ئۆي بىزەيدىغان نەرسىلەرنى چوڭ تاللا بازارلىرىدىن بۇلىشىغا سېتىۋالاتتىم . بىراق يەنىلا ئۇ نەرسىلەردە ئۆيۈمنى چىرايلىق بىزەيتتىم . چۈنكى مىنىڭ باشقا ئامالىم يوق ئىدى ، ئەمما بۇ چۈشلەردىن پەقەتلا ئويغىنالمايتتىم . بىز كۆرۈشتۇق كۆرىشىشىمىز پەقەت ئۇنىڭ ۋاقتى چىققاندىلا بۇلاتتى ، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇ خىزمەتنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بېرەتتى ، قول ئاستىدىكى كادىرلار ئارىسىدا قانداق گەپ سۆزلەر بارلىقىنى سورايتتى . مەن زېرىكمەي تېرىكمەي ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز گەپ سۆزلىرىنى شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايتتىم . ئەمما تۆۋەندىكى گەپلەرنى ھەرگىزمۇ دىمەيتتىم ، كۈنلىرىم مۇشۇنداق ئۆتىۋەردى . ئەمما ئۇنىڭدىن بىرەر تال يىڭنىغا چاغلىق نەرسە تەەلەپ قىلمىدىم ، مەيلى خىزمەتتە ياكى باشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالغاندىمۇ ئۇنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدىمىدىم ، بۇنداق قىلىشنى ئويلىمىدىم دىيەلمەيمەن . چۈنكى مۇھتاجلىققا قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئەمما ئۇنداق قىلسام مەن كىشلەر ئېغىزىدىكى شۇنداق بۇزۇق ئايال بۇلۇپ قالمامدىم؟ دەپ ئۆزۈمنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۈراتتىم ، ئىھتىمال ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بەكمۇ چىكىگەيىتىپ قالغان بولسا كىرەك ، ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ئۇنىڭغا ئايرىلىش توغرىسىدا بىر پارچە خەت يازدىم ، ئەلۋەتتە بۇنداق خەتلەردىن كۆپ يازغان بولساممۇ ئەمما بىرەر قېتىممۇ بەرمىگەن ئىدىم . يىغلاپ تۇرۇپ يازغان ئاشۇ خېتىمنى يەنە يىغلاپ تۇرۇپ يىتىپ تاشلىۋەتكەن ئىدىم . ئەمما ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم ،كۈندەشلىرىم ھەم ئاشۇ چۈشلىرىمنىڭ ئەمدى ئالدىنى ئالساممۇ بولمايتتى . چۈنكى ئۆيدە ئاز تۇلا بەزى ئىشلارنى سىزىپ قالغان يولدىشىمغا باللىرىمغا بۇنداق مۇئامىلە قىلسام بولمايتتى ، ھەتتا كىچىلىرى داۋاملىق ئۇنى چۈشەپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ جۆلۈپ چىقىدىغان بۇلۇپ قالغاندىم . بىلىمەن يولدىشىم پەقەت مۇشۇ ئوماق 2 قىزىمنىڭ يۈزىنى دەپلا ھېچ نەرسىنى بىلمەسكە سېلىپ تۇرىۋاتاتتى . مەن ئەقلىمگە كەلدىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قانچىلىك تەسلىكتە كەلسەممۇ بىراق غەيرەتكە كىلىپ خەتنى ئۇنىڭغا بەردىم ، بىر ھەپتە خىزمەتكىمۇ بارمىدىم ، ئەڭ كۈلكىلىكى شۇكى ئۇ بىرەر ئېغىز ئىپادىمۇ بىلدۈرمىدى ، ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا ئەمەس ئۇنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن شۇ خەتنى بەرگەن ئىكەنمەن ، تەقدىرگە تەن بىرىش تۇلىمۇ تەس كەلدى . ماڭا قانچىلىك ئېغىر كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن ھەممە نەرسە ماڭا ياتتەك بۇ دۇنيا شۇنچىلىك يات شۇنچىلىك سوغۇق بىلىنىشكە باشلىدى . خىزمەت بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام ماڭا شۇنچىلىك يات سوغۇق مۇئامىلە قىلدى بىرەر قېتىم بولسىمۇ تىلفۇن ئۇرۇپ قويمىدى . مەن ھەقىقەتەن چىدىمىدىم ، بەرداشلىق بىرەلمىدىم ، سىرتىمدىن چاندۇرماي دەپلا چىرايلىق ياسىنىپ كۈلۈپ يۈرگىنىم بىلەن يۈرىگىم پارە – پارە بۇلۇپ كەتتى ، قۇلۇم ئىشقا بارمىدى . تىرىككەك ھەم تۇلىمۇ قۇپال بۇلۇپ كەتتىم ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قىلىقلىرىمدىن بىزار بولدىمۇ مەندىن بارا – بارا يىراقلاشتى ، ئاخىرى مەن يالغۇز قالدىم ، ھەتتا خىزمەتتىمۇ باشلىقنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالمىدىم . ئۆيدە ئائىلىدىمۇ بالىلىرىم ھەم يولدىشىمغا يىقىنلاشماي ئەكىسچە ئۇلارنى تېخىمۇ قىيناپ قويدۇم ، شۇنداق ھالدا قالغىنىمدا توۋا ئەسلى ئايرىلىمەن دېمەي ئۇنىڭ مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاشنىسى بولسام بولاتتىكەن دەپ كىچە – كۈندۈز يىغلىغان چاغلىرىممۇ بولدى . ئۇنىڭ نۇمۇرىنى بېسىش ئۈچۈن تېلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ نەچچە كىچە شۇ ھالەتتە ئۇخلاپ قالدىم ، ئەمما غۇرۇرۇم بۇنىڭغا قىلچىلىك يول قويمىدى ئاخىرى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ھەممىدىن ۋاز كىچىشنى تاللىدىم ... u=?P*Y/|W
دوستۇم رازىيە بۇ خېتىم قولۇڭغا تەككەندە مەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈ ئايرىلغان بۇلىشىم ، ئاشۇ ئۇماق قىزلىرىم مەندەك ۋاپاسىز ئانىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەمما مىنىڭ تاللىشىم يوق ،... ھەي ئەخمەق رىئاللىققا بويسۇنۇپ ئائىلەڭنى ياخشى تۇتساڭ بولماسمىدى دەپ مىنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن ، ئەمما مەندە شۇنداق قىلغۇدەك جۈرئەت قالمىدى ، مەن ھاردىم قىلچىلىكمۇ ئۈمۈد قالمىدى ، بالىلىرىمنى تىرىك يىتىم قىلغاندىن كۆرە يەنىلا بۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇرى بولدۇم . ساڭا دەيدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دىدىم . Hwi7oXP
مۇرات مەقسىتىمگىمۇ يەتتىم . ئەمدى ئۆزۈم خاتىرجەم بولدۇم ، سەندىن كۈتىدىغىنىم سەن بۇ خەتنى ئاشۇ مەن سۆيگەن مەن ئەزىزلىگەن ھەم قۇلىدا خار بولغان شۇ كىشىگە ئەۋەتىپ بەرسەڭ . ئۇنى خۇددى ماڭا ئوخشاش ساقلاۋاتقان ئاشۇ ئايالىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلسىمۇ مەن شۇنىڭغا رازى ئىدىم . ئۆزۈممۇ خاتىرجەم بۇلاتتىم ، ئۆلۈمىمنىڭمۇ ئەھمىيىتى بۇلاتتى . مەن بېرىپ – بېرىپ ئۇنىڭ ئايالىنىڭمۇ ياكى باشقا بىرەسىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن . ئۇ پەقەت خالىسىلا بىرە – بىرەر قەبرەمنى يوقلاپ قويسىمۇ مەن مەڭگۈ رازى ئىدىم . ئەسلى ئۇنىڭغا بىۋاستە خەت قالدۇرساممۇ بۇلاتتى ، بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئويلىدىم ، مىنىڭ ئۆلۈمىمنىڭ سىرىنى بىلمەيۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ غۇلغۇلىسىغا تەڭ شىرىك بۇلۇپ بۇ سىرنى بىلىپ قالمىسىكەن دىدىم . سەن يىراقتا بولغاچقا ھېچكىشى گۇمانمۇ قىلمايدۇ ، ھېچكىشى مەندەك ۋاپاسىز بىر ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلمىسۇن ، خەيرى ئامان بولغىن دوستۇم .›› N_~Wu
خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپ كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى توختاتماي ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم ، كىچىلەپ ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى ، پۈتۈن جىسمىمنى نەچچە توننا يۈك بېسىپ تۇرغاندەك ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك تۇلىمۇ ئېغىر ھىس قىلاتتىم . ئازاپلاندىم ، ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كىلىپ دوستۇم شۇنچىلىك سويگەن ئاشۇ ۋاپاسىز ئەرنى كۆرۈپ بېقىش ھەم يۈز تۇرانە كۆرىشىپ ئۇنىڭ خېتىنى بىرىش نىيىتىدە ئۇ تۇرغان شەھەرگە قاراپ يول ئالدىم .... قەلبىمدە بۇلارنى توختىماي تەكرارلىدىم . MZ#2WP)F
‹‹ئىسىت پەرىخە ، گۇناھ، گۇناھ ئەمەسمۇ؟ سەن دىكى ئەقىل، سەندىكى ئىنسانى پەزىلەت نەلەرگە كەتتى ؟ ئاشۇ بىگۇناھ بالىلار يىتىم بوپتىغۇ؟ ئۇلارنى قىلچىمۇ ئويلىمىدىڭمۇ؟ سەندىكى ئىنسانى غۇرۇر قېنى ئىن؟ ئىسىت دوستۇم ... بوپتۇ مەن ئەڭ ئاخىرىدا سىنىڭ تەلىۋىڭنى ئۇرۇنلايمەن .ئەمما ئسمىڭنى قەلىپ خاتىرەمدىن مەڭگلۈك يۇيۇپ تاشلىدىم..... خەيىر..... 9hi(P*%q
@ ( يەرلىك تىلدا تۇيۇقسىز دىيىلگەن گەپ كەلگۈسىدە ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئېشىپ قالسا شۇ بۇيىچە ئاتىلىدۇ )
. ^*T{-U'
تۇگىدى.
مەنبە ئۈزۈم ... O#ajoE
مەن بۇ پوۋىستىم ئارقىلىق جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ئۈزىنى ئاتالمىش ‹‹ مۇھەببەتنىڭ قۇربانى›› چاغلاپ ئېزىپ كىتىپ بارغان .ئائىلە ۋە ئوز بۇرچىنى ئۈنتۇپ قېلىۋاتقان ئاشۇنداق ئۈزىنىنىڭ ئار نۇمۇسىنى بۇلغاۋاتقان ئاياللارنى سوكمەكچىمەن ۋە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ قىز ئاياللىرىمىزنى پاك،نۇمۇسلۇق ياشاشقا ئۈندەپ ، ئار نۇمۇسنى جان تىكىپ قوغدايدىغان قىممەتلىك بىر پەزىلەت ئىگىسى بۇلۇشقا ئۈندىمەكچىمەن .... كۆزۈمدىن fxCPGj
w2_I/s6B
دوستلارنىڭ بۇ ئەسەرنى قالايمىقان باشقا تور بەتكە كۇچۈرمەسلىكىنى تەۋىسيە قىلىمەن. 7UnO/K7oB.