مۇكەممەل نەشىرىنى كۆرۈش:[-- كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى    14- باپ (بوتۇلكا) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ھېكايە رومانلار -> كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى    14- باپ (بوتۇلكا) [بۇ بەتنى بېسىپ چىقىرىش] كىرىڭ -> تىزىملىتىڭ -> تېما يوللاش -> ئىنكاس قايتۇرۇش

旧河床2011-01-09 00:01
[attachment=897]                         koOkm:(,  
                           چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر    zQ3m@x  
        uQh dg4  
                                            كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى Fp'qn'){:#  
]0v;;PfVl6  
                                    بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى EdGA#i3  
                   F6>K FU8  
                                          14 . باپ        بوتۇلكا dRw O t  
  n>Cl;cN=  
  ھىلىقى سولتەك گىلىنى قىرىپ تۇرۇپ: " يولداشلار مەن سىلەرنى بالاغا تىقىپ قويدۇم ، قارىغاندا بىز بىردەمدىن كىيىن ماۋجۇشىنى كۆرگىلى بارىدىغان ئوخشايمىز ، مەن سىمىز بۇ ئۆمرۈمدە ھىچنەرسىدىن قورقۇپ باقمىغان ، بىراق بۇنداق ئۆلۈشنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ..." دىدى . xPBSJhla  
     ئۇ ئۈستىگە سۇغا شۇڭغۇيدىغاندەك  بەدىنىگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان بىر قۇر قارا رەڭلىك كىيىم كىيۋالغان بولۇپ دەسلەپتە ئۇنى كۆرگەن چىغىمدا ئازراق سىمىزلىكىنى ھىس قىلغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك بۇنچىلىك سىمىز پىنگىۋىنغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن . خۇدايا توۋا ، بۇنداق سىمىز ئادەممۇ كىپەن ئوغۇرسى بولالايدىكىنە ؟! 758`lfz=_  
   پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئاناڭنى ئۆلگۈر سىمىز ، سەن نەدىن پەيدا بولدۇڭ ؟ راس گەپنى قىلسام سىنى ئۇرۇپ ئۆتۈرۋەتكۈم بار ... " دىدى . Xae0xs  
    مەن ئۆچەي دەپ قالغان سەرەڭگىگە قاراپ يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدىم - دە ، پەنزى بىلەن سىمىزغا قاراپ : " تىزدىن ئامال قىلىڭلار ، يەنە بىردەمدىن كىيىن كىم - كىمنى ئۇرسىمۇ ئاخىرىدا ھەممىمىز جەسەت قۇرتلىرىغا يەم بولىمىز ... " دەپ ۋارقىرىدىم . پەنزې تۆت ئەتراپقا سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن قولىدىكى قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى سىمىزغا ، سەرەڭگە تىلىنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە ئۈستىمىزدىكى كىيىملەرنى كۆيدۈرسەك بەلگىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بىرەلەيتۇق ، بىراق ھازىر سەرەڭگە تىلىنىڭ ئوتى ئۆچەيلا دەپ قالدى ، كىيىملەرگە ئوت تۇتاشتۇرماي تۇرۇپلا  قۇرۇتلارغا يەم بولىشىمىز مومكىن . مەن ئۈچنى ساناپ جەسەت بۈرگۈلىرىنى ئۆزۈمگە جەلىپ قىلىپ تۇراي ، سىلەر تىزدىن ئىشىك بار تامنىڭ قىشىغا يۈگرەپ بىرىپ بەدىنىڭلاردىن شوتا ھاسىل قىلىپ ئۈستىگە چىقىڭلار ، مىنىڭ ھەركىتىم چاققان ، ۋاقىت يار بىرىشى مومكىن ، سىلەر قىچىپ بولغاندىن كىيىن مەنمۇ قاچىمەن... تىز بولۇڭلار ... تىز ... " دەپ ۋارقىرىدى . }frij1/G  
     مەن : " ياق " دەپ بولغىچە پەنزې سەكرەپلا ئۇ تەرەپتىكى جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ نەق ئوتتۇرىغا چۈشتى . ئارقىدىنلا جەسەت بۈرگۈلىرى كەلكۈن سۈيىدەك پەنزىگە قاراپ يوپۇرلۇپ سىمىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىمىزدا كىچىككىنە ئادەم ئۆتكىدەك يول پەيدا بولدى . مەن ۋارقىراپ ئۇنى قۇتقۇزىۋىلىشنى ئويلاۋاتسام يىنىمدىكى سىمىز مۆرەمنى قاماللاپ : " ئاناڭنى ... ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟... كۆتۈڭنى قىسىپ تىز قاچ ... !" دەپ ۋارقىرىدى . سىمىز قولۇمدىن تارتىپ يۈگرەپ ئورەك تىمى يىنىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز كاسامدىن ئىتتىرىپ مىنى خۇددى پەستىن ئۈستىگە تاۋۇزنى ئاتقاندەك تامدىكى ئىشىككە ئىتتىرىپ چىقىرىپ ئۆزى كەينىگە بىر قەدەم يىنىپ ئوڭ پۇتى بىلەن ئورەك تىمىنىڭ قوپال تاش كىسىكىگە دەسسەپ ئۈستىگە بىرلا قاڭقىپ سول پۇتى بىلەن يەنە بىر كىسەكنى دەسسەپ پەسكە سۇنغان قولۇمنى چىڭ تۇتتى - دە كۈچەپ تارتىشىم بىلەن لىككىدە قىلىپ ئىشىك بار جايغا چىقىۋادى . مەن پەستىكى پەنزىنىڭ ھالىغا قاراپ يىغلاپ تاشلاي دەپ قالدىم . پەنزېىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە دىگۈدەك چوڭ - كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرى يامىشىۋالغان بولۇپ پەنزى ئاغرىق ئازابىدىن تولغۇنۇپ ئۇياق - بۇياققا دومىلاۋاتاتتى . سىمىز ماڭا قاراپ ۋارقىراپ : " تىز ئۆمىلە! تىز بول ! بولمىسا ھەممىمىز تەڭلا تۈگۈشىمىز ! " دىدى . بىراق بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ پەنزى بىلەن كارىم بولمىسا بولمايتى ، بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋاقىتتا بىر قانچە جەسەت بۈرگۈسىنىڭ پەنزىنىڭ ئىغىزىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ، بۇ جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارى مىنىڭ مۆلچەرىمدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىدى . پەنزې بىر قانچە قىتىم ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ بىراق ... پەقەتلا تۇرالمىدى . ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپ بوغۇق ئاۋازدا : " ئاناڭنى ،تىز قىچىڭلار ، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ... !!! " دەپ ۋارقىرىدى . ئاخىرىدا پەنزېنىڭ باش قىسمى پۈتۈنلەي سانسىز كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ يامىشىپ چىقىشى بىلەن توسىۋىلىندى . مەن ئۇنىڭ قولىنى جەسەت بۈرگۈسىنىڭ دۆۋىسىدىن چىقىرىپ تاپانچىغا ئوخشۇتۇپ قول ئىشارىسى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ گىلىمگە ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالدى . ئۇنىڭ قۇرۇت توپىدىن چىقارغان قولىنىڭ ھەممە يىرى يارلانغان بولۇپ بىر نەچچە كىچىك جەسەت بۈرگىلىرى قول تىرىسىنى تىشىپ كىرىپ قان شوراۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭ مەخسىتىنى چۈشەندىم ، پەنزى بىزنىڭ ئوق چىقىرىپ ئۆزىنى ئاسانراق ئۇزۇتۇپ قويىشىمىزنى ئۆتىنىۋاتاتتى . t<~WDI|AN  
     سىمىز پەنزېىنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىغان قاراپ كۆزىنى يۇمىۋىلىپ قولىدىكى قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى پەنزىگە چەنلەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى : " بۇرادەر ، كەچۈرۈڭ !!! "   E} Ir<\  
    دەل مۇشۇ دەقىقىدە ئورەك تورىسىدىكى قۇرۇلمىنىڭ ھەركەتلەنگەن ئاۋازى ئاڭلاندى - دە ئارقىدىنلا يەنە بىر ئادەم ئورەك ئىچىگە سەكرەپ چۈشتى . ( دىققەت ؛ ئۇ يىقىلىپ چۈشمىگەن ، سەكرەپ چۈشكەن ) ئۇ ئادەم ئىغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە بەدىنى ئىگىلىپ بىر قولى بىلەن يەرنى تىرىۋالغان بولۇپ يەنە بىر قولى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدا تۇراتتى . مەن ئۇنىڭ چەبدەسلىك بىلەن تورۇستىن سەكرەپ چۈشۈپ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بىر قولى بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ خۇددى شاڭگاڭنىڭ گۇمپا فىلىمىنى كۆرگەندەك ھىسياتقا كىلىپ قالدىم . ئۇ شۇ ھالەتتە بىر نەپەس ئىلىشىغا ئەتراپتىكى جەسەت بۈرگۈلىرى خۇددى ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇپ ھىلىقى ئادەمدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى . بىر نەچچە دەقىقىدىن كىيىن تىخى ھىلىلا كەلكۈندەك يوپۇرلۇپ كەلگەن جەسەت بۈرگۈلىرى كەلكۈن سۈيى قومغا سىڭگەندەك ناھايتى تىز سۈرئەت بىلەن ئورەك تىمىدىكى تۆشۈكچىلەردىن نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى . JA]TO (x  
   مەن ئۇ ئادەمنى تونۇپ خۇشاللىقىمدىن ئىغىزىم قۇلۇقىمغا يەتتى . بۇ بىزنىڭ بوتۇلكىغۇ ؟! سىمىزمۇ ھەيرانلىقىدىن ۋارقىرىۋەتتى : " ۋاي خۇدايىم بۇ سولتەك تىخى ئۆلمەپتىغۇ ؟ ! " مەن سىمىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي بوتۇلكىنىڭ ئۈستى بىشىغا قاراپ ھەيران قالدىم . ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلىپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ، پۈتكۈل بەدىنى قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى . ئۇ قەيەردە بۇنچە ئىغىر يارلانغاندۇ ؟ بوتۇلكا يان تەرەپتىكى كۆزى يۇمىلايلا دەپ قالغان پەنزېىنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ بىرىپلا ئۇنى مۆرىسىگە ئىلىپ چاقماق تىزلىكىدە يۈگرەپ ئورەك تىمىغا دەسسەپ سىمىز بىلەن مىنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تاقلاپلا ئىشىك بار جايغا چىقتى . b5!\"v4c  
   خۇداغا شۈكرى ، ئۆلۈم - كۆرۈم ھەقىقەتەن ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ . بايا تىخى ئەزرائىل ئىسمىمىزنى چاقىرۋاتقان ئىدى ، ئەمدى بولسا سەكراتتىكى ئادەمگە << ياسىن سۈيى >> ئۈچۈرۈپ مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ھەممىمىز ئامان قالدۇق . بىز ئالدىراقسانلىق بىلەن پەنزىنىڭ يارىسىنى تەكشۈرمەكچى بولىۋىدۇق بوتۇلكا بىزگە قولىنى شىلتىپ : " تىز ماڭايلى ، ئۇ قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ ! " دىدى . L >*F8|g  
    مەن بوتۇلكىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم ، بىراق يىنىمدىكى سىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپلا پۇرژۇندەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭغا قاراپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش بىر نەرسىگە يولۇققانلىقىنى ھەمدە بۇ نەرسىنىڭ ئىنتاھىن خەتەرلىك ياكى قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . سىمىز دەرھال پەنزېىنى يۈددى ، مەن ئالدىدا پەنزېنىڭ كان چىرىغىدا تاشتىن ياسالغان تار يولنى يورۇتۇپ تۆتىمىز بىللە تار تاش يولنىڭ ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . GUX! kj  
    قانچىلىك ۋاقىت يۈگرەپ قانچە ئەگمىدىن ئەگىپ ئۆتتۇقكىن بۇنى بىلمىدىم . ئىشقىلىپ ھەممىمىزنىڭ كىيىملىرى تەردىن بەدىنىمىزگە چاپلىشىپ نەپەس ئالالماي قالغان چاغدا بوتۇلكا پەنزېنى يۈدۈپ يۈگرەۋاتقان سىمىزنى توختۇتۇپ تۇرۇپ : " بۇ جايدىكى تار تاش يول ئىنتاھىن غەلىتە ئىكەن ، ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىزگە يىتىشىۋالالمايدۇ ! " دىدى . مەن توختاپلا ئۇلاردىن ھىلىقى قوغلاۋاتقان نەرسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى سورىدىم . بوتۇلكا ماڭا قاراپ خۇرسىنىپ جاۋاپ قايتۇرمىدى -دە پەنزېىنى يەرگە ياتقۇزدى . ئويلاپ باقسام بوتۇلكىنىڭ قىلغىنى توغرا ، ھازىرقى ئەڭ موھىم ئىش پەنزېىنىڭ جاراھىتىنى تەكشۈرۈش ئىدى . ';H"Ye:D=7  
      پەنزې بۇ قىتىم راستىنلا ئىغىر يارلانغان بولۇپ بەدىنىنىڭ ھەممىلا يىرى دىگۈدەك يارا ئىغىزى . پۈتۈن بەدىنى جاراھەتكەن تولغان ئىدى . ئەگەر بىزدە ئۇنىڭ جاراھىتىگە يەتكۈدەك داكا بولغان بولسا ، تاڭساق ئىشىنىمەنكى بۇ چاغدىكى پەنزې چوقۇم << جۇڭگۇلۇق موميا >> غا ئايلىنىپ قالاتتى . Vgh;w-a  
     خۇداغا مىڭ شۈكرى .... مەن پەنزېىنىڭ جاراھىتىگە قاراپ بوينى بىلەن قورسىقىدىكى ئىككى جايدا بىر ئاز چوڭ يارا ئىغىزىنىڭ بارلىقىنى ، تىنىنىڭ باشقا يىرىدىكى يارا ئىغىزىنىڭ ئۇنچىلىك چۇڭقۇر ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم . تۇيۇقسىز ئىسىمگە مۇزدەك قولىنى سىلاپ سالغان جەسەت كەلدى ، ئۇ جەسەتنىڭمۇ قورساق قىسمىدا ئەجەللىك يارا ئىغىزى بار ئىدى ، قارىغاندا بۇ كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ يۇمشاق ، نىپىز جايلىرىغا ھۇجۇم قىلسا كىرەك . "o| f  
     بوتۇلكا قولى بىلەن پەنزېنىڭ قورساق بوشلىقىنى يەڭگىل سىلىغاندىن كىيىن بىلىدىكى كەمرىگە باغلانغان قارا ئالتۇن قەدىمى خەنجىرىنى چىقىرىپ : " ماڭا ياردەملىشىپ ئۇنى چىڭ بىسىپ تۇرۇڭلار ! " دىدى . مەن بوتۇلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە غەلىتە بىر تۇيغۇ پەيدە بولدى- دە ئالدىراپلا :" سىز نىمە قىلماقچى ؟!! " دەپ سورىدىم . sObH#/l`  
    بوتۇلكا بۇ ۋاقىتتا پەنزېنىڭ قورسىقىغا خۇددى قاسساپ سويماقچى بولغان مال - چارۋىنىڭ قورسىقىغا تىكىلىۋاتقاندەك قاراۋاتاتتى . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ پەنزېىنىڭ قورساق قىسمىدىكى يارا ئىغىزى ئەتراپىنى سىلاشقا باشلىدى - دە ماڭا قاراپ : " ئۇنىڭ قورسىقىغا جەسەت بۈرگۈسى كىرىۋاپتۇ !" دىدى . t>f61<27eB  
مەن : " ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ !" دىگەن نەزەرىدە بوتۇلكىغا قارىۋىتىپ ئارقىدىنلا سىمىزغا قارىدىم . سىمىز ئاللىقاچان پەنزېىنىڭ پۇتىنى قىمىر قىلماس قىلىپ بىسىۋالغان بولۇپ ماڭا قاراپ : " سىلەرنىڭ ئىپادەڭلاردىن قارىغاندا مەن ئۇنڭغا بەكرەك ئىشىنىمەن " دىدى– دە كۆز ئىشارىسى قىلىپ بوتۇلكىنى كۆرسەتتى . jruXl>T!U  
مەنمۇ سىمىزغا ئەگىشىپ پەنزېنىڭ قولىنى چىڭ بسىۋالدىم . بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىغا تايىنىپ پەنزېىنىڭ قورسىقىدىكى يارا ئىغىزى ئەتراپىدا بىر نەرسىنى بايقىدى بولغاي ؛ ئىككى ئۇزۇن بارمىقىنى چاقماق تىزلىكىدە ھەركەتلەندۈرۈپ پەنزېىنىڭ قورسىقى ئىچىنى بىرنى مالغۇشلاپ ، بىرلا كۈچەپ بىر دانە جەسەت بۈرگىسىنى قىسىپ ئالدى . بۇ ھەركەتلەر ئىنتايىن تىز سۈرئەت ئىچىدە تاماملانغان بولسىمۇ بىراق پەنزې ئاغرىقتىن ھەدەپ تولغىنىپ كىتىۋاتاتتى . سىمىز ئىككىمىز  بەدىنىمىزدىكى سۈت ئەمگەن بارلىق كۈچىمىزنى يىغىپ ئۇنى ئارانلا باسالىدۇق . =)h<" 2  
" ئۇنىڭ قورسىقىدىكى جانىۋار مۇشۇ شۇ ! " دىدى بوتۇلكا قولىدىكى يىشىل رەڭلىك كىچىك جەسەت بۈرگۈسىنى بىر ياققا تاشلاپلا ماڭا قاراپ ، " ئۇنىڭ جاراھىتى خىلىلا چۇڭقۇر ئىكەن ، ۋاختىدا دىزىمفىكسىيە قىلمساق ياللۇغلىنىپ قالسا ئاۋارچىلىق ... ! " $0-}|u]5U  
سىمىز قىسقا سىتىوۋۇللۇق مىلتىقتىن ئاخىرقى شەرەپلىك ئوقنى چىقىرىپ تۇرۇپ : " بولمىسا بىزمۇ ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىلغار تەجىربىسىدىن ئۈگۈنۈپ بۇ ئوقنى ئەڭ ئىھتىياجلىق جايغا ئىشلىتەيلى ، ئوق بىشىنى چىقىرىپ مىشەك ئىچىدىكى ئوق دورىسى بىلەن ئۇنىڭ يارا ئىغىزىنى كۆيدۈرمەيمىزمۇ ؟ " دىدى . asT/hsSNS  
پەنزې دەرھال سىمىزنىڭ پۇتىغا ئىسىلىپ ئاغرىق ئازابىدىن تولغۇنۇپ تۇرۇپ : " مىنىڭ جاراھىتىم ئوق تەككەن جاراھەت ئەمەس ! ئاناڭنى سىمىز سەن  ... سەن مىنىڭ ئۈچەي باغرىمنى كاۋاپ قىلىپ يىمەكچىمۇ ؟ " دىدى – دەئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر باغلام داكىنى چىقاردى . داكا ئۈستىدە قان دىغى بولۇپ ئىھتىمال پەنزى ئالدىنقى قىتىم ئۆز بىشىنى ئۆزى تاڭغان ۋاقىتتا ئىشلەتكەن داكا بولسا كىرەك . پەنزې ئارقىدىنلا بىزگە قاراپ يەنە : " ھەرنىمە بولسا تاشلىۋەتمەپتىكەنمەن ، بۇنىڭ بىلەن مىنى تىڭىپ قويۇڭلار ... بۇنچىلىك ... بۇنچىلىك ... يارا دىگەن ھىچ گەپ ئەمەس " دىدى . jY~W*  
    سىمىز پەنزېگە قاراپ : " يولداش ، ھازىر دىگەن قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايەن قىلىدىغان پەيىت ئەمەس ، ئۈچىيىڭمۇ كۆرۈنۈپ قاپتۇ ، يەنە ئۆزەڭنىڭ دىگىنىنى قىلامسەن ؟ " دىدى – دە پەنزېىنىڭ يارا ئىغىزىنى كۆيدۈرۈشكە تەمشەلدى . بوتۇلكا بىلەن ئىككىمىز پەنزېىنىڭ پۇت – قولىنى چىڭ بىسىپ تۇردۇق . مەن ئالدىراپلا سىمىزغا قاراپ ئىيىتتىم : " قالايمىقان ئىش قىلما ! ئوق دورىسى ئۇنىڭ ئىچ باغرىنى كۆيدۈرۋەتسە ئۇنىڭ ئۆلگىنى شۇ ، ئاۋال تىڭىپ قويايلى . " Fwu:x.(  
سىمىز دىگىنىمنىڭ توغرىلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي ، ئىككىمىزگە ياردەملىشىپ پەنزېىنىڭ يارا ئىغىزىنى تىگىشقا باشلىدى . كەينىدىن مىنىڭ كىيمىمدىن بىر قانچە پارچە يىرتىپ تىڭىق ئۈستىدىن قايتىلاپ ئورىدى . بۇ جەرياندا پەنزې ئاغرىق ئازابىدىن ھۇشىدىن كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى . مەن پەنزېىنىڭ تامغا يۆلىنىپ تەستە نەپسلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەسىرلەندىم . قەھرىمان ، ئەزىمەت ! ئەگەردە مىنىڭ قولۇمدىكى سەرەڭگە چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا بەلكىم پەنزېمۇ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماس بولغىيتى دىگەنلەرنى ئويلاپ ئازراق خىجىل بولۇش ھىسياتىمۇ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى . t K$r_*  
    بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ سىمىزدىن سورىدىم : " ئاناڭنى ھاراملىق ... سەن زادى كىم ؟! " KA[8NPhzZ  
سىمز ئىغىزىنى ئىچىپ گەپ قىلاي دىيشىگىلا بوتۇلكا دەرھال بارمىقىنى چىقىرىپ ئاۋاز چىقارماسلىق توغرىسىدا قول ئىشارىسى قىلدى . ئارقىدىن ھەممىمىز تەڭلا ئادەمنىڭ تىنىنى جۇغۇلدىتىدىغان ‹‹ غىچ ، غىچ ... ›› قىلغان قورقۇنۇچلۇق ئاۋازنىڭ تار تاش يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن تاراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق . WfdM~k\  
P"Scs$NOU?  
uVSc1 MS1  
                       داۋامى بار ........ H3}eFl=i2  
A`#/:O4|f  
                  كونا دەريا قىنى  تەرجىمىسى . A"PrgfeT  
b`9J1p.;  
                  " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "   >~%EB?8  
                1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " 51)Q&,Mo#  
           1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 –9– ، 10 – ، 11 –  12- 13 -باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : W1$<,4j@M  
                 C4].egVg  
                              http://anatuprak.com/kipan             5ggYg $  
             oPbxe  
      جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ  ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .                                                      I\8F.J1_  
     er%D`VHe  
      ElK7jWJ+  
                               

jalipkar2011-01-09 01:53
بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە يازمىسىنى بۇرۇن ئوقۇغان ئدىم،لېكىن بۇنچىلىك تەسىراتقا ئىگە بولمىغان.بىلىشىمچە بۇ ئەسەر  سەككىز بۈلۇم .بىر بۈلۈمدە نۇرغۇن قىسىم بار تېخى...مۇمكىن بولسا قالغان قىسىملارنى تېزراق يوللىسىڭىز.اللاە سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

جىم تۇرماس2011-01-09 02:06
سىزگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم. N/tcW  
ئۆزۈم چالا -بۇلا تەرجىمە قىپ ئوقىغاندىن ،سىز تەرجىمە قىلغىنى  ئوقىسام ياىشىراق تەسىراتقا كىلىدىكەنمەن. :-?ZU4)  
بولۇپمۇ<سىمىز قىسقا سىتىوۋۇللۇق مىلتىقتىن ئاخىرقى شەرەپلىك ئوقنى چىقىرىپ تۇرۇپ : " بولمىسا بىزمۇ ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىلغار تەجىربىسىدىن ئۈگۈنۈپ بۇ ئوقنى ئەڭ ئىھتىياجلىق جايغا ئىشلىتەيلى ، ئوق بىشىنى چىقىرىپ مىشەك ئىچىدىكى ئوق دورىسى بىلەن ئۇنىڭ يارا ئىغىزىنى كۆيدۈرمەيمىزمۇ ؟ " دىدى . >ماۋۇ يەرنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. Wga2).j6  
جاپا چەكتىڭىز.   

1tulpar2011-01-09 09:52
رەخمەت جاپا چەكتىڭىز ،،،،،،،،،  ئاخىرغا يەنە ئىككى كۇن ساقلايمىز ،،شۇنداقمۇ شۇنداقتىمۇ ساقلايمىز،،،،،،،،،،،،،،،،،ئالامەت رەخمەت جۇما ،،،،سىناريىە يازىدىغانلارنىمە ئىش قىلىدىغاندۇ ،،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلمەي ،،،،،،مەن خۇددى كىنو كورگەندەك  ئولتۇرۇپ  ئوقۇۋاتىمەن ئەمەسمۇ ...............................كاتتا رەخمەت          

uqkun09942011-01-09 11:13
ئاخىرىدا پەنزېنىڭ باش قىسمى پۈتۈنلەي سانسىز كىچىك جەسەت بۈرگۈلىرىنىڭ يامىشىپ چىقىشى بىلەن توسىۋىلىندى . مەن ئۇنىڭ قولىنى جەسەت بۈرگۈسىنىڭ دۆۋىسىدىن چىقىرىپ تاپانچىغا ئوخشۇتۇپ قول ئىشارىسى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ گىلىمگە ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالدى . ئۇنىڭ قۇرۇت توپىدىن چىقارغان قولىنىڭ ھەممە يىرى يارلانغان بولۇپ بىر نەچچە كىچىك جەسەت بۈرگىلىرى قول تىرىسىنى تىشىپ كىرىپ قان شوراۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭ مەخسىتىنى چۈشەندىم ، پەنزى بىزنىڭ ئوق چىقىرىپ ئۆزىنى ئاسانراق ئۇزۇتۇپ قويىشىمىزنى ئۆتىنىۋاتاتتى . Wt5pK[JV  
دىگەن جايلىرىنى ئوقىۋىتىپ  ئوزۇممۇ بىلمەيلا پەنزې ئۇچۇن ياش تۆكۇپ سالدىم .. xA;)02   
  ئاخىرى قاچان چىقار ، بۇ رومانىنى داداممۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ ..مۇمكىن بولسا ئاۋازلىق باسمىسى ئىشلەنگەن بولسا ياخشى بولاتتى .

jasarat2011-01-09 11:20
ۋاھ !!رەسىمدىكىسى  بوتۇلكانىڭ ‹‹قارا ئالتۇن خەنجىرى ›› ئوخشىمامدۇ ؟؟!! مڭنىڭ قولۇمدا بوپ قالغان بولسا ئەپچىقىپلا سىتىۋىتەتتم ...!! قانچە خەلىق پۇلىغا يارار بۇ جانىۋار ؟؟؟ s{j A!T}  
ئاندىن كىين ...ھى...ھى...

uqkun09942011-01-09 11:24
5-قەۋەتكە!~~ g:Qq%'  
خۇدايىم بىلىپ ئۇزۇن قۇلاقلارغا مۇڭگۇز بەرمەپتىكەن ، بولمىسا ~~~~~

jimgur2011-01-09 11:30
مەنمۇ خەنزۇچىسىنى ئوقۇغان لىكىن سىز تەرجىمە قىلغىنى يەنىلا باشقىچە بولىدىكەن .

09972011-01-09 14:56
نىمەنداق قىسقا  ئەمدى ئۇقۇسام داۋامى دەپلا تۈگەپ كەتتە N<SW$ o  
yHE\Q  
تىزراق كىيىنكىسنىمۇ يوللىسىڭىز رەخمەت     

uygurjan2011-01-09 18:31
  ھارمىغايسىز قىرىندىشم ، ئەسرنىڭ جانىنى ئالىدىغان پوچى يەرلىرىگە كەپتۇقدە !~~~~

1tulpar2011-01-09 20:38
ئالدىرماڭلار   ئالدىرمىساڭلارمۇ ئەتە. كەچتەداۋامى چىقىدۇ

epar2011-01-10 02:06
بۇرۇن خەنزۇچە نۇسقىسىنى كۆرۇپ بولغان تورداشلىرىم ماڭا شۇ خەنزۇچە ئادىرىسىنى ئىۋەرتىپ بەرسەڭلەر بوپتىكەن .يولدىشىم ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى ئەمدى ئۇگىىنىۋاتقان شۇڭا خەنزۇچە نوسقىسىنى بىللە ئوقۇپ كۆرمەكچى ئىدى.

1tulpar2011-01-10 10:06
ئاللا خالىسا بۇگۇن كەچتە داۋامى چىقىدىغۇ دەيمەن   .شۇنداقمۇ كونا دەرياقىنى ئەپەندىم

jasarat2011-01-10 11:46
  بۇگۇن گەرچە 15–باپى يوللانمىسمۇ ئوزۇمىنى ئالداپ مۇنبەرگە كىرسەم راسلا يوللانماپتۇ ... LP}'upv  
كۆنا دەريا ئەپەندىم ، ئاخىرىنى بۇگۇن بۇللىسىڭز بوپتىكەن ...رەخمەت ...

xamxar19902011-01-10 20:10
ئاپلا ئاتايىن ئاخىرنى ئوقۇيمەن دەپ كىرسەم تېخى يوللانماپتىغۇ ؟ ، دوستۇم بولسا تىزراق ئاخىرنى يوللىسىڭىز .

1tulpar2011-01-10 20:39
مەنمۇ  15-نىڭ تىزرەك يوللىشىڭىزنى ئۇمىد  قىلىمەن ..ئۇنىڭ ئۇستىگە  بۇگۇن  ئىككى كۇن بولدى ئەمەسمۇھھھھھھھى

1tulpar2011-01-10 21:37
مەن تىخى كىچىچە 15-نى ساقلايمەن تىزرەك يوللىۋىتەرسىز  خاپابولماي

09972011-01-12 16:34
رەخمەت جاپا تارتىڭىز

sugukburan2011-01-13 17:47
رەخمەت بۇرادەر...قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن................

gulqire2011-01-13 18:01
MAN  BAK  HURSAN   BOLDUM.

tanharoh2011-01-16 03:12
خۇداغا مىڭ  شۇكرى  ........................ كىشى  ئىسىملىرى خەنزۇچە  بولمىغان  بولسا  بۇ ئەسەرنى  ئۇيغۇر  يازغا ن   ئوخشايدۇ    دەپ  قالاكەنمەن


مۇكەممەل نەشىرىنى كۆرۈش:[-- كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى    14- باپ (بوتۇلكا) --] [-- top --]


Powered by Misranim PHPWind v7.3.2 Code © 2009-06-01 PHPWind
Time 0.099424 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us