旧河床 | 2011-01-07 00:53 | [attachment=886] [attachment=885] rrphOG چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر 5;HCNwX )ac!@slb^7 كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى hp2$[p6O B^ddi بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى 1<*U:W$g #5{BxX&\ 13 . باپ 02200059 Y4_xV& >vO+k^'Y بۇ سوغۇق قولغا قولۇم تىگىشى بىلەن قورقۇپ ۋارقىرغىنىمچە قولۇمنى تارتىۋالدىم . قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك بۇ قاراڭغۇلۇقتا ئويلاپ باقمىغان نەرسىنى تۇتۇپ سىلاش ئىنتاھىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ بۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتى . مەن قولنى تۇتۇپ سالغان دەقىقىدە قول ئىگىسىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى قول ئىنتاھىن مۇزلاپ كەتكەن بولۇپ بايىلا توڭلاتقۇدىن چىققان گۆشتەكلا سوغۇق ئىدى . dep"$pys> مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق موھىت ئىچىدە تۇيۇقسىز يىنىمدا بىرئاز سەرەڭگىنىڭ بارلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم دە بىرتال سەرەڭگىنى ياندۇردۇم . سەرەڭگىنىڭ ئاجىز يورۇقىدا ئالدىمدا بىر جەسەتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردۈم ، جەسەتنىڭ قورساق تەرىپىدە خىلىلا چوڭ يارا ئىغىزى بار بولۇپ يارا ئىغىزى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان جەسەت بۈرگسى تۇراتتى . چوڭراق جەسەت بۈرگىسى ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ يىشىل رەڭدە كۆرىنەتتى . بەزى كىچىكرەك جەسەت بۈرگىلىرى جەسەتنىڭ ئىغىزى ھەم كۆز كامىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ - كىرىپ تۈراتتى . qV/>d', جەسەتكە قاراپ كۆڭلۈم ئىلىشىپ ياندۇرىۋىتىشكە تاسلا قالدىم - دە ، كۆزۈمنى جەسەتتىن ئىلىپ قاچتىم . قارىغاندا بۇ ئادەم ئۆلگىلى بىرەر ھەپتىدىن ئاشقان بولسا كىرەك . بەلكىم ئالدىنقى قىتىم قەۋرىگە چۈشكەن بىر توپ كىشىلەردىن بىرى بولىشى مومكىن . ئەجەبا بۇ ئادەم قۇرۇلمىنى بايقاپ بۇ يەرگە چۈشۈپ ئۆلگەن ؟؟!! ئويلاپ بۇ يەرەە كەلگەندە بىشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك چۆچۈپ كەتتىم دە ، يەنە بىر تال سەرەڭگە ياندۇرۇپ باتارىيەنى ئىزدەپ تىپىپ كان چىرىغىغا سالدىم . خۇداغا مىڭ شۈكرى ، كان چىرىغى يورىدى . كان چىرىغىنى سىتىۋالغان 340 يۈەن پۇلۇمغا مىڭ مەرتىۋە ، ياق ، ئون مىڭ مەرتىۋە رازى بولدۇم . brlbJFZ19 مەن كان چىرىغىنىڭ يورىقىدا ئەتراپىمغا سەپسىلىپ بۇ جاينىڭ ئىنتاھىن كۆرۈمسىز بولۇپ باشقا نەرسىنىڭ يوقلىقىنى تۆت چاسا چوڭ كولانغان ئورەككە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . تۆت ئەتراپىم رەتسىز قويۇلغان تاش كىسەكتىن قوپۇرۇلغان تام بولۇپ تاش كىسەكلەر ئارىسىدا كىچىك يوچۇقلار قالدۇرۇلغان بولۇپ ھىساۋات ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قالدۇرۇلغاندەك قىلاتتى . مەن بۇ تۆشۈكچىلەردىن بىلىنەر - بىلىنمەس ھاۋا ئۆتىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . j]vEo~Bbh مەن ئارقىدىنلا ئارقامدىكى جەسەتنى تەكشۈرۈپ جەسەت ئىگسىنىڭ 40 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە قورساق قىسمىدا جاننى ئالىدىغان يارا ئىغىزىنىڭ ئىچىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم . ئۇ ئۇچىسىغا ئىزىتقۇ ھەربىيچە رەڭلىك ئىزىتقۇ كىيىم كىيگەن بولۇپ يانچۇقلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالغان ئىدى . چاپىنىنىڭ ئۆرۈلۈپ قالايلا دەپ قالغان يانچۇقىدىن قارا رەڭلىك خىرۇم پۇل قاپچۇقىنى تاپتىم - دە ، پۇل قاپچۇقى ئىچىدە بىر ئاز پۇل ھەمدە پويىز ئىستانسى ساقلاش بۆلىمىنىڭ نەرسە ساقلاش ئىسپاتى بارلىقىنى بايقىدىم . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئاختۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ جەسەت خۇرۇم كەمىرىنىڭ كەمەر بىشىدىكى پولاتقا ئويۇلغان ئويمىنى كۆردۈم . كەمەر بىشىغا تۆۋەندىكىدەك رەقەملەر ئويۇلغان ئىدى : << 02200059>> ئۇنىڭدىن باشقا جەسەتنىڭ سالاھىيتىنى ئىنىقلىغۇدەك ھىچقاندەك يىپ ئۇچى يوق ئىدى . مەن ئۇنىڭ پۇل قاپچۇقىنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سۈرۈشتە قىلىپ بىقىش ئۈچۈن يانچۇقۇمغا سالدىم . ~!cxRd5;F بۇ يەرنىڭ قۇرلۇش ئۇسلۇبى بىر تەرەپتىن غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەۋرە قۇرلىشىغا يەنە بىر تەرەپتىن قىچىش ئۈچۈن كولانغان ئورەككە ئوخشايتى . مىنىڭچە قەۋرىسىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ ئۈستىگە ياسايدىغان ئەخمەق ئادەم يوق ، بۇ جاي چوقۇم قەۋرە ياسىغۇچىلار ئۆزلىرىگە قالدۇرغان جاننى ئىلىپ قىچىش ئۈچۈن كولانغان ئورەك ئىدى . 6]kBG?m0 قەدىمكى زاماندا بولۇپمۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قەۋىرسىنى ياساشقا قاتناشقان كىشىلەرگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ياكى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىلەتتى ياكى بولمىسا قەۋرە ئىگىسى بىلەن بىللە كۆمىلەتتى . بىراق ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى چەكسىز ، نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر قەۋرە ياساشتىن بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تونۇپ يەتكەچكە قەۋرە ئىگىسىگە تۇيدۇرماي مەخپى قەۋرە يولى ياساپ ئۆزىگە ھاياتلىق ئىمكانىيتى قويۇپ قوياتتى . مەن بۇ تارىخى بىلىملەرنى ئويلاپ بولۇپ كان چىرىغىنىڭ يورىقىدا تۆت ئەتراپنى كۈزۈتۈشكە باشلىدىم . خۇداغا شۈكرى ، ھەقىقەتەن مىنىڭ ئوڭ تەرىپىمدىكى تامدا ئىنتاھىن كىچىك بىر ئىشىك بار ئىدى . بىراق تامدىكى بۇ ئىشىكچاق بىلەن يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئىگىزلىك بولۇپ ئىشىك ئاستىغا ئاللىبۇرۇن چىرىپ كەتكەن يەرگە تىرەپ قويۇلغان ياغاچ شوتا بار ئىدى . مەن تۇرغان يەر بىلەن تامدىكى ئىشىك ئارىسىدىكى ئىگىزلىكنى ھەمدە ئارلىقنى مۆلچەرلەپ ئۆزەمنىڭ سەكرەپ چىقالايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم - دە ، يۈگرەپ بىرىپ سەكرەشكە تاييارلىق قىلۋاتقان شۇ دەقىقىدە نامەلۇم بىرسىنىڭ تامدىكى ئىشىكتىن بىشىنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . cDE5/! مەن بىر قاراپلا ئۆزۈممۇ تۇيماي : " پەنزې ؛ بۇ سەنمۇ ؟؟!!! .... " دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم . 0y?;o*&U\ پەنزې كىچىك ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقارغان بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى . بىراق ئۇنىڭ چىرايىدا ھىچبىر تۇيۇقسىز خۇش بولغان ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتى . ئەكسىچە قانداقتۇر بىر قورقۇنۇچلۇق نەرسىنى كۆرۈپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ تامدىكى ئىشىكتىن چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى . rD a{Ve مەن ھاڭۋىقىپ نىمە بولغاندۇ دەپ ئويلاۋاتسام پەنزى دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىپ دەرھال ماڭا تەڭلىدى . ئەھۋال چاتاق ، پەنزى مىنى مۇردا دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ... ئۇنداقتا ئۆلۈپ كەتسەم ماڭا ئۇۋال بولمامدۇ ... ؟؟!! مەن ۋارقىراپ : " مەن ... !!! پەنزې ئاناڭنى .... نىمە قىلىۋاتىسەن ... ؟؟؟ " دىدىم . w D r/T3 پەنزى خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى . بىردىنلا قۇلاقنى يارغۇدەك ئوق ئاۋازى . تاپانچىدىن ئوق ئۈزۈلگەن ئاۋاز بۇ كىچىككىنە بوشلۇقتا تىخىمۇ كۈچلۈك ئەكىس سادا قايتۇردى . ئوق مىنىڭ قولۇقۇمنى سىپاپ دىگۈدەك شامال ھاسىل قىلىپ كەينىمدىكى يەرگە تەگدى . ئىنتاھىن سوغۇق بىر سۇيۇقلۇق مىنىڭ ئارقا مىڭەمگە چاچرىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . مەن دەرھال بۇرۇلۇپ ئارقامدىكى تامدا بىر نەچچە يوغان جەسەت بۈرگۈسىنىڭ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى ، بەزىلىرىنى ئىنتاھىن كۆرۈمسىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۈرىدىغان چوڭ ئىغىزنى يوغان ئىچىپ ماڭا تىكلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . يەنە بىر نەچچىسى مىنىڭ باش ئۈستۈمدىكى تامغا يامىشىپ چىققان بولۇپ جەسەت بۈرگۈسى بىلەن ئارلىقىمىز پەقەت 40 سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئىدى . ^2+Vt=* مەن دەرھال ئارقامغا داجىپ بۇلاردىن بىر نەچچە قەدەم يىراقلىشىشنى ئويلىشىشىمغا تۇيۇقسىز تامدىكى بىر جۈپ جەسەت بۈرگۈسى پۇتىغا پۇرژىنا ئورنىتىۋالغاندەك بىرلا سەكرەپ مىنىڭ يۈزۈمگە ئىتىلدى . دەل شۇ ۋاقىتتا ئارقا - ئارقىدىن ئىتىلغان ئىككى پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى - دە ، بىشىمدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن ئوق يۈزۈمگە ئۇرۇلايلا دەپ قالغان كىچىكرەك بىر جۈپ جەسەت بۈرگۈسىنىڭ بوشلۇقتىلا قىتىقىنى چىقىرىۋەتتى . راستىنلا قىتىقىنى چىقىرىۋەتتى . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈزۈمگە جەسەت بۈرگۈسىنىڭ قىنىمۇ ياكى مىنىڭ قىنىممۇ بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق چاچرىدى . بۇ چاغدا پەنزى ماڭا قاراپ : " ئاناڭنى ... نىمىگە ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرىسەن ؟؟!! ئوق تىگەيلا دەپ قالدى .... تىز بۇياققا كەل ... !! " دەپ ۋارقىرىدى . g= Vu'p 3u پەنزې ياردەمگە كەلگەچكە كۆڭلۈم خىلىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدى- دە كەينىمگە بۇرۇلۇپلا قاچتىم . پەنزې يەنە بىر پاي ئوق چىقاردى . پەمىمچە يەنە بىرسىنىڭ قىتىقىنى چىقىرۋەتكەن چىغى . بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان يۈگرەپ ئىشىك بار تامغا يىقىنلاشقان بولۇپ بىرلا سەكرەپ پەنزېنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگەتاشتىن قوپۇرۇلغان تام ئىنتاھىن قوپال بولغاچقا پۇت دەسسەپ كۈچىگىدەك بوشلۇق بار ئىدى . پەنزېىنىڭ ئۈستىدىن كۈچەپ تارتىشى ھەمدە پۇتۇمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۈستىگە چىقىشىمغا پەنزى قىسقا سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى چىتىدىن چىقىرىپ يەنە بىر پاي ئوق ئۈزدى . دەل شۇۋاقىتتا مىشەك چاچراپ چىقىپ ئىشتىنىمنىڭ ئىغىغا تىگىشى بىلەن تەڭ ئىنتاھىن غەلىتە ھەم ئاچچىق بىر ئاغرىق تۇيغۇسى پۈتكۈل بەدىنىمنى چىرماپ ئالدى - دە ئىغىزىمنى بۇزۇپ پەنزىگە : " موماڭنى ... مىنى ئاختا قىلىۋەتكىڭ بارمۇ ... ؟؟ !! " دەپ ۋارقىرىدىم . G8klWZAJ پەنزى ياندۇرۇپلا : " ئاناڭنى ... ھىلىقى نەرسەڭ موھىممۇ ياكى جىنىڭمۇ ... ؟؟!! " دەپ ۋارقىرىدى . r]Wt! oHm5 مەن تۇيۇقسىز كان چىرىغىنىڭ يۈگرەپ تامغا ياماشقان چىغىمدا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسىمگە ئىلىپ پەسكە قارىسام كان چىرىغىنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان چوڭ - كىچىك جەسەت بۈرگىلىرىنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم . بۇنچىۋالا كۆپ جەسەت بۈرگۈسى قەيەردىن پەيدا بولغاندۇ ؟ مۇنداقلا قارىسا تۆۋەن تەرەپتىكى كان چىرىغىنىڭ يورىقىدا جەسەت بۇرگىلىىرى جىقلىقىدىن خۇددى كۆپكۈك چىملىقلار مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . مەن پەنزىدىن : " يەنە نەچچە پاي ئوقۇڭ قالدى ؟ " دەپ سورىدىم . /bB4ec8! پەنزې ئۇستىبىشىنى ئاختۇرۇپ بىر تال ئوق تاپتىدە ماڭا قاراپ :" ئاخىرقى بىر پاي شەرەپلىك ئوق قاپتۇ ...." دەپ گىپىنى تۈگەتمەستىلا بىر دانە جەسەت بۇرگىسى ئۇستىدىكى بىز تۇرغان جايغا يامىشىپ چىقىپ بىزگە قاراپ ‹‹سش ...شس ››قىلىپ ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى . '5De1K.\` نىملا دىمىگەن بىلەن پەنزې ئىلگىرى ئەسكەر بولغان ، ئەسكەرلەرنىڭ قوغدىنش ماھارىتىنى تىخى ئۇنتۇپ كەتمىگەن ئىدى . پەنزې دەرھال قولىدىكى قىسقا ستىۋوللۇق ملتىقنى بولقىغا ئايلاندۇرۇپ مىلتىق ستىۋولۇنى قولىدا تۇتۇپ مىلتىق پاينىكى بىلەن جەسەت بۇرگىسىنى بىرلا قويۇپ كەينىدىنلا بىر پەشۋا بىلىەن جەسەت بۇرگىسنى پەسكە چۇشۇرۋەتتى . بىراق بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قوغدىنش چارىسى بولالمايتتى . يەنە نۇرغۇنلىغان جەسەت بۇرگىسى ئۇستىگە قاراپ يامىشۋاتاتتى . ئىككىمز ئۇرۇپ – تىپىپ پەسكە چۈشۇرۇۋەتكەن بولساقمۇ بىراق يەنە بىر نەچچە جەسەت بۇرگىسى بەدىنىمزگە يامىشايلا دەپ قالغانئىدى . ئەگەر جەسەت بۇرگىسى بەدىنىڭزگە يامىشىۋالسا ھىچ بولمىغاندا تەتۇر ھەرىدەك پەنجىسى بەدىنڭزدىن ئازراق تىرىڭزنى گۆشىڭزگە قىتىپ شۈلىۋالاتتى . C8>i{XOO, بۇ ۋاقتتا مەن پەنزىگە قاراپ :" قاچايلى ، ئۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمىغىدەك ...." دىيشمگە پەنزې :" قەيەرگە قاچىمىز ؟!" دەپ سورىدى . مەن كەينىمزدىكى تار يولنى كۆرستىپ :" كەينىمزدە چوقۇم چىقىش يولى بار ، سەن پەسكە قاراپ باقە، بۇ چوقۇم قەۋرىنى ياسىغان ھۇنەرۋەنلەر جىنىنى ئەپ قىچىش ئۇچۇن ياسىغان ياسىغان يول ، مەنچە مۇشۇ يولنى بويلاپ قاچساق چوقۇم قىچىپ كەتكىلى بولىدۇ ." دىدىم . ]0ErT9 پەنزې دەرھال ئاغزىنى بۇزۇپ :" ئوسرۇق ، سەن كىتاپ خالتىسى كىتاپتا يىزىلغاننىڭ ھەممىسى توغرا دەيدىكەنسەن ؟ ساڭا دىسەم ، بۇ يولنى مەن نەچچە قىتىم مىڭىپ باقتىم ، ئاناڭنى ، بەئەينى بىر ئىزىتقۇ ئوردا ، بۇ يەرگە يىتىپ كىلىشممۇ ئاسانغا توختىمىدى ، يەنە كەينىمزدىكى يولغا قاراپ قاچساق قاچانغىچە بۇ خۇدا ئۇرغۇر جاينى چۆرەىلەپ يۇرىمىزكىن تاڭ ؟!!" دىدى . `cXLa=B)9 مەن چۆچۇپ كەتتىم ، ئەجەبا مىنڭ پەرىزىم خاتا ؟ بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا يەنە پەرەز قىلىشا چاقىت يوق . كۆز ئالدىمىزدا يەنە بىرمۇنچە جەسەت ‹‹ قۇرتلىرى ›› پەيدا بولدى . مەن پەنزىگە قاراپ ۋاقىردىم :" نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ يەردە جەسەت بۇرگىلىرگە يەم بولغاندىن ياخشى ......!!" . w|s2f`! دەل شۇ دەقىقىدە ‹‹ غىچ›› قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى ئارقىدىنلا ئۇستىدىكى بايام مىنى توزاققا دەسسەتكەن مەخپىى ئىشىكتىن بىر ئادەم پەسكە چۇشتى . ئۇ چۇشكەن ۋاقىتتا يەردىكى جەسەت بۇرگىلىرى تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن چۆچۇپ تەرەپ – تەرەپكە قىچىشقا باشلىدى . ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ :" ۋاي كاسسامھەي ، ئاناڭنى ،بۇ قانداق ئشىكتۇ ؟ تۆۋەنگە قاراپ ئىچىلىدىغان ؟" دەپلا قولىدىكى چىراقنى ياندۇرۇپ ئەتىراپقا قاراپلا ۋاقىرۋەتتى ": سىكەي ، نمىە دىگەن جىق جەسەت قۇرتى بۇ ؟؟" . %bN{FKNN مەن بىر قاراپلا ئۇنى تونىۋالدىم ، رەقىپلەر تار يولدا ئۇچرىشار دىگەن شۇدە ، بۇ بىر نەچچە سائەت بۇرۇن مەركىزى لەھەت رايۇنىدا بىزنى قورقۇتقان سولتەكقۇ ؟ . بايام تەرپ – تەرەپكە قاچقان جەسەت بۇرگىلىرى قايتىدىن ھىلىقى ئادەمنى قورشاشقا باشلىدى . بۇ سولتەكمۇ خىلى يامان نىمەئىكەن ، قولىدىكى چىراقنى بولقا قىلىپ يىقىنلاشقان قۇرۇتلارنى ھەدەپ ئۇرىۋاتتى . بىراق بۇ ئامال بۇنچىۋالا كۆپ جەسەت بۇرگىلىرگە كار قىلمايتتى . ناھايتى تىزلا ھىلىقى ئادەمنىڭ ئۈستىگە بىرمۇنچە جەسەت بۇرگىلىرى يامىشىپ چىقتىدە نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئۇنىڭ بوغۇزلىنۋاتقان چوشقىدەك ئىچىنشلىق چىكىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ ۋاقىتتا پەنزې قوينىدىن بىر تۇتام ھەربى سەرەڭگە تىلىنى چىقىرىپلا ھەممىسىنى تەڭلا ياندۇرۇپ پەسكە سەكرەپ چۇشتى . مەن گەرچە ئۇنى توسىۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ئۈلگۇرەلمىدىم . [1P_^.Htr پەنزې يەردە بىرنى يۇمىلاپلا ھىلىقى سولتەكنىڭ قشىغا باردى . ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن جەسەت بۇرگىلىرى ئوتتىن قورقىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ لىكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى سەرڭگە ئۇزاق ۋاقىت كۆيىدىغان نەرسە ئەمەستە ! ئۇنىڭ ئۇستىگە پەنزې سەكرەپ ھىلىقى سولتەكنىڭ قىشىغا بارغۇچە سەرڭگىنىڭ يىرىمى دىگۇدەك ئوچۇپ بولغاندى . پەنزې ۋاقىراپ تۇرۇپ مەندىن سۆرىدى :" سەندە سەرەڭگە بامۇ – يوقمۇ ؟" مەن دەرھال ئۈستىبىشىمنى ئاختۇرۇپ بىر نەچچە تال سەرەڭگە تاپتىمدە كۆڭلۇمدە :" ئاناڭنى ، جىنىمنى تىكتىم " دەپ ئويلاپ پەنزىدىن ئۆگىنىپ بىرلا تاقلاپ پەسكە قاراپ سەكرىدىم . بىراق كىم دىگەن بولغىيدى ئۆدەك غازنى دورىسا چىتىرقى ژىرلىپتۇ دەپ . پەسكە چۈشۇشىمگە ئاۋال يەرگە چۈشكىنى پۇتۇم ئەمەس كاسسام بولدىدە ئاغرىقتىن قولۇمنى ئىچىشمغا قولۇمدىكى سەرەڭگە جەسەت بۇرگىسى دۆۋىسىگە چۈشۇپ كەتتى . پەنزې ماڭا قاراپ ۋاقىراپ :" ۋاي ئانامھەي ! سەن ھەممىمزنى ئۆلتۇرمەكچىمۇ ؟!" دىدى. 6dr'nP مەن دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ كاسسامنىڭ ئاغرىقىغىمۇ قارىماي پەنزىلارنىڭ يىنغا كەلدىم . جەسەت بۇرگىلىرى ئوتتىن قورقىدىغان بولۇپ ھازىرلا يوپۇرلۇپ كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، لىكىن سەرەڭگە ئوتىنىڭ بارا– بارا ئاجىزلىشغا ئەگىشپ قورشاۋنى ھەدەپ كىچىكلىتىۋاتاتتى . مەن ئىختىيارسىزلا تۈپۇركىمنى يۇتىۋىتىپ كۆڭلۇمدە ئىيتتم :" قارىغاندا بۇ قىتىم راسلا يەر ئاستىغا كىرىپ ئۇخلايدىغان ئوخشايمىز ....!!!". u0&R*YV zP #:Tv' داۋامى بار ........ 1n^N`lD8]6 P(k*SB|D كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى . 6GunEYK!N8 2{b/*w " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى " &@oI/i&0B 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " GuR^L@+ -. 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 –9– ، 10 – ، 11 – 12- باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : j;`Q82V\ (dSYb&] http://anatuprak.com/kipan D8L5t<^1R 9lYfII}4( جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى . |
|