مۇكەممەل نەشىرىنى كۆرۈش:[-- كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى   12- باپ <ئىشىك> --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ھېكايە رومانلار -> كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى   12- باپ <ئىشىك> [بۇ بەتنى بېسىپ چىقىرىش] كىرىڭ -> تىزىملىتىڭ -> تېما يوللاش -> ئىنكاس قايتۇرۇش

旧河床2011-01-04 20:37
                           چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر    u m9yO'[C  
        ~g{j)"1  
                                           كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى /8x';hQ  
J @Hg7Faz  
                                    بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى vpQ&vJfR  
                   .shi?aWm  
                                               12 . باپ    ئىشىك nLN0zfhE#  
    s<I)THC  
    بۇ چاغدا ھىلىقى بىزنى قورقۇتۇپ قىچىشىمىزغا سەۋەپ بولغان سولتەكنىڭ بوقچىسىدىكى ئاددى خەرىتىگە ئوخشۇتۇپ سىزىلغان قەغەز ئىسىمگە كەلدى . بەلكىم شۇ ئەسكى قەغەزدە يىپ ئۇچى بولىشى مومكىن . ئامال يوق ، داۋايى يوق كىسەلگە گىرىپتار بولغانكەنسىز قالايمىقان دوختۇر ئىزدەيسىزدە . ئالدى تەرىپىمدە سىھىر – جادۇلانغان يەتتە دانە جەسەت ساندۇقى ، ئارقا تەرىپىمدە بوتۇلكىنىمۇ تىزلىنىپ باش ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان قورقۇنۇچلۇق جەسەت ساندۇقى بار . قارىغاندا مۇشۇ قوشۇمچە لەھەت ئۆيى ئەڭ بىخەتەر بولسا كىرەك . شۇڭا مەن لەھەت ئۆيى ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھىلىقى سولتەك تاشلاپ كەتكەن قەغەزلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم . lw@Yn>eza  
    بىر پارچە قەغەزدە ئۇلار ئوغرى كامىرى كولاشتىن بۇرۇنقى لاھىيەسى سىزىلغان بولۇپ ئاستىغا نۇرغۇنلىغان كولاش ئۇسۇلى يىزىلغان بولۇپمۇ قانلىق مۇردا قەۋىرسىنىڭ تۈزۈلىشى توغرىسىدىكى پەرەزلىرى ئىنتاھىن كۆپ بولۇپ قالايمىقانلىقىدىن بىرلا قارىغان ئادەمگە خۇددى ئۆمۈچۈكنى سىياھقا چىلاپ قەغەز يۈزىگە قويۇپ بەرگەندەك ئەگرى – بۈگرى ، رەتسىز تۇيغۇ بىرەتتى . قارىغاندا ئۇلار قانلىق مۇردا قەۋىرسىدىكى قۇرۇلمىنى بۇزۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان بولسا كىرەك . لىكىن ئۇلار قۇرۇلمىنى بۇزالىدىمۇ يوق ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ . يەنە بىر پارچە قەغەزدە بىر قارىسا قۇچىقىنى كەڭ يىيىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك كۆرىنىدىغان بىر تۈپ دەرەخ ، يەنە بىر قارىسا گىگانىت ئالۋاستىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر نەرسە سىزىلغان ئىدى . مەن يەنە بىر قەغەزگە قاراپ ئاخىرى ئازراق يىپ ئۇچى بايقىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم . قەغەزگگ نامەلۇم بىر قەۋرە ئورنىنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان . مەن خەرىتىگە قاراپ كۆل ئاستىدىكى قەۋرە يولىنى ھەمدە يەتتە دانە جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئورۇننى كۆرگەندەك بولدۇم . بىراق بىز چۈشكەن بۇ قەۋرىنىڭ خەرىتىسى سىزىلمىغان بولۇپ قارىغاندا بۇ قەغەزدىكى سىزىلغان قەۋرىگە ئۇلار تىخى يىتىپ بارمىغان چىغى . خەرىتىدە مەن بايام ئۆمىلەپ چىققان ئوغرى كامىرىمۇ سىزىلغان بولۇپ ئىنىق ئاچال بەلگىسى قويۇلغانتى . مەن خەرىتىدىن يەنە بىر ئوغرى كامىرى ئارقىلىق ئۆمىلىگەن بولسام مەلۇم ئارلىق ئۆمىلىگەندىن كىيىن ئوغرى كامىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم . خەرىتىدە بۇ كامارنىڭ ئاخىرىغا ‹‹ ئۈزۈك ›› دىگەن خەت يىزىلغان ئىدى . x~e._k=  
  بۇ خەتنىڭ مەنىسى ئىنتاھىن ئىنىق .  قارىغاندا ئوغرى كامىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ كىتىش خىيالىم سۇغا چىلاشقان بولسا كىرەك . بۇ خەرىتىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يىرى شۇكى مەن ھازىر تۇرىۋاتقان جاينىڭ سول تەرىپىدە ھىچقانداق ھىچيەرگە تۇتاشمايدىغان بولۇپ ئاخىرىغا يەنە بىر لەھەت ئۆيى سىزىلغان ئىدى . بۇ لەھەت ئۆيى بىلەن لەھەت يولىنى تۇتاشتۇرۇشقا ئۈزۈك سىزىق سىزىلغان بولۇپ خەرىتىگە قارىغان ئادەمگە بۇ لەھەت ئۆيى يەنە بىر بوشلۇقنىڭكىدەك تۇيغۇ بىرەتتى . مەن ئىختىيارسىز كەينىمدىكى لەھەت تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ ئويلىدىم : " ئەجەبا تام كەينىدە مەخپى يول بار ؟ ؟!! " JipNI8\r  
    مەن تامنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ بوۋام خاتىرسىدە يىزىپ قالدۇرغان يوشۇرۇن تاش ئىشىكلەر توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەسلشكە باشلىدىم . ئادەتتە نەچچە مىڭ يىل بۇزۇلمايدىغان ، سىسمايدىغان قۇرۇلما ياساش ئۈچۈن چوقۇم تاش بىلەن ئىرىتىلگەن كۈمۈش ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنداقتا ھەركەتلەندۈرگۈچكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوزغاتقۇچ بىر پارچە تاش تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ . بۇ تامغا بۆلەك - بۆلەك تام رەسىملىرى ھەمدە ئويما يىزىقلار ئويۇلغان . ئۇنداقتا راستىنلا يوشۇرۇن ئشىك بار دىيىلسە بۇ بۆلەك تام ئويمىلىرى ئىچىدىكى بىرسى ھەركەتلىنىدۇ . بىراق بۇ ھەركەتلىنىدىغان تاش تاختا ئىزدەش ئىنتاھىن تەس بولغان جايغا مۇنداقلا قىلىپ ئىيىتقاندا ئادەمنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ . مەن پەرىزىمگە ئاساسەن دوڭغىيىپ تۇرۇپ لەھەت تىمى بىلەن يولنىڭ تۇتاشقان جايلىرىنى كۆزۈتۈشكە باشلىدىم . ھەقىقەتەن ئارىسىدىكى تۆت چاسا پول تاختىسى گۇمانلىق ئىدى .  مەن بۇ پول تاختىسىنى باسسام ھىچقاناق ئىنكاس يوق . كۈچەپ يەنە بىرنى باسسام يەنە ئىنكاس بولمىدى . ئاچچىقىم كىلىپ كۈچەپ يەنە بىرنى دەسسىسەپ پۇتۇمنى تارتىشىمغا << غىچىر >> قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ئاۋازنى ئاڭلاپ مەن كۆڭلۈمدە  ئازراق خۇشال بولۇپ  بىردەمدىن كىيىن كىنولاردىكىدەك بىر تەرەپتىكى لەھەت تىمى ئىچىلىپ ئايلانما تام ئايلىنىپ مىنى تام ئارقىسىدىكى بوشلۇققا ئەكىرىدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم . بىراق ... ئاناڭنى ... مەن پولنى دەسسەپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى پولتاختىيىنڭ  يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى بىلدىم - دە ، ئۇشتۇمتۇت پەسكە قاراپ شۇڭغۇدۇم . كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ... بۇنى قانداقمۇ يوشۇرۇن ئىشىك دىگىلى بولسۇن ... ئىنىقلا توزاققۇ بۇ ... بۇ قىتىم تۈگەشتىم !! ئەگەر ئاستى تەرەپتە  پولات - نەيزىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا .... ؟؟؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىم . ynI e4b  
    بۇ بىر نەچچە دەقىقە خۇددى چاقماق تىزلىگىدە ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئويۇمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ بولغىچە يىقىلىپ چۈشتۈم . خۇداغا مىڭ شۈكرى .. ھەرنىمە بولسا ساق قالدىم دەپ خوش بولاي دەپ تۇرسام قولۇمدىكى كان چىرغىى << پاق ... >> قىلىپ يەرگە ئۇرۇلۇپ باتارىيەسى چاچراپ كىتىپ ئەتراپىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى .   #(^<qr   
    ھازىرقىدەك ۋاقىتتا كان چىرىغىدىن ئايرىلىپ قىلىش مىنىڭ ھەممە ئۈمۈدىمنىڭ يوققا چىققانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى .قاپقاراڭغۇ قەدىمى قەۋرىدا كىچىككىنە يورۇقلۇقنىڭمۇ بولماسلىقى مىنى ساراڭ قىلىپ قويايلا دەۋاتاتتى . مەن دەرھال ئىتىلىپ بىرىپ كان چىرىغىنى تاپماقچى بولدۇم . كان چىرىغىنىڭ چۈشكەن جايى ئىنىق ئسىمدە . مەن خۇددى يەر سۈپۈرگەندەك  سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ كان چىرىغىنى تاپتىم- دە باتارىيەنىڭ كان چىرىغىدىن بىر  مىتىر يىراقلىقتىكى سول تەرىپىمدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ   يەرنى سىلىشىمغا تۇيۇقسىز سوغۇق بىر قولنى سىلاپ سالدىم . x-%O1frc  
     'uu*DgEr  
                  داۋامى بار ........ %\JGDM*m  
-P;3BHS$T  
             كونا دەريا قىنى  تەرجىمىسى . 5226 &N  
`l|Oj$  
                  " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "   f I1CT)0<e  
                1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " /pF8S!,z  
           1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 –9– ، 10 – ، 11 –  باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : ^q-%#  
                 dA<%4_WZty  
                              http://anatuprak.com/kipan             d(^8#4  
             SPqJ[ F  
      جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ  ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .                            

جىم تۇرماس2011-01-04 23:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  )M;~j  
================= l2;$qNAo  
ئاللاھ خالىسا داۋامىنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمىز!...

jasarat2011-01-05 12:04
12–باپنمۇ ئوقۇپ بولدۇق دىسە~~~~!!~! Ra/Pk G-7  
  بۇ باپى بىرئاز قىسقا ئىكەن . پۇخادىن چىقمىدىم .................داۋامىغا تەقەززامەن ~~~

ئۇچقۇن2011-01-05 22:32
ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىۋاتىسىز ،رەھمەت سىزگە ! داۋامىغا تەشنا بىز .

sugukburan2011-01-06 00:52
    ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن جۇما بۇئەسەر،رەخمەت سىزگە بۇرادەر،ئاخىرىغا تەشا بىز.....شۇنداقتىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نامىنى دەپ بەرسىڭىز بۇلاتتى دە،شۇنىڭغا قاراپ سىزنى ئىچى تارمىكىن دەپمۇ قالدىم (چاقچاق،ھە)

1tulpar2011-01-06 10:18
ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئۇنداق قىلماى  داۋامىنى تىزرەك  يوللىسىڭىز  بوپتىكەن  قىرىندىشىم    داۋامىنى ئوقۇشقا ئىنتايىن بەك  ئىنتىزارمىز            

旧河床2011-01-06 10:50
  رومان نامى :<<盗墓笔记>>، f'^uuO#x  
يازغۇچى : <<南派三叔>>

uygurjan2011-01-06 10:53
  13-باپنى تىزەك يوللىسڭز بوپتىكەن ..مەۋسۇملۇق ئىمتاھانلارمۇ تۇگەپ سڭزنىڭ مۇشۇ ئەسىرىڭزگلا قدراپ قالدىم ..جاپا چەكتىڭز ..

1tulpar2011-01-06 13:40
13.نىى تىزرەك يوللىسىڭىز بوپتۇكەن  مەن پەقەت مۇشۇنىڭغا  قاراپلا قالغانتىم    رەخمەت  سىزگە          

1tulpar2011-01-06 19:20
ئۇنداق پىخسىقلىق قىلماي داۋامىنى تىزرەك يوللىسىڭىز بوپتۇكەن  .چاقچاق .

09972011-01-08 17:33
بۇ  ئەسىرڭىز نى ئۇقۇيمەن دەپ تاماق يىىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن   >!PM5%G  
بولدا تىز راق قالغىننى يوللىسىڭىز

tanharoh2011-01-16 02:43
ھەي ....   تازا   قىززىقپ  ئوقۇۋاتقاندا  تۈگەپ  قالدى>ئاللاھ  رەھمەت.قىلسۇن   ھارمىغايسىز


مۇكەممەل نەشىرىنى كۆرۈش:[-- كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى   12- باپ <ئىشىك> --] [-- top --]


Powered by Misranim PHPWind v7.3.2 Code © 2009-06-01 PHPWind
Time 0.105196 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us