رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئانا سىز قەيەردە؟ (مۇكاپاتلىق ئەسەر) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> مۇنبەر پائالىيەتلىرى -> ئانا سىز قەيەردە؟ (مۇكاپاتلىق ئەسەر) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

qinimaqin2010-12-31 16:58
ئانا سىز قەيەردە؟ s(y=u>  
LT]YYn($  
  9''x'E=|  
[k60=$y  
روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز (چىنىماچىن) vGD D  
x, #?  
  AP0z~e  
HA~BXxa/  
قىيا_چىيا ۋارقىراشلار ئالتە قەۋەتلىك بۇ ئۇقۇتۇش بىناسىدا گۇيا قىيامەت قايىم قىلغان ئىدى . ھەركىم ئۆز جېنىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئۇۋىسىنى سۇ باسقان چۈمۈلىلەردەك ھەريان پىتىرلاپ ، ئۈزىنى كىچىككىنە مەكتەپ ھويلىسىغا ئاتاتتى . بىنادىن قىستىلىشىپ چىقىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى پەلەمپەيدىن تاقلاپ بۇلۇپلا ، ئاندىن ئۈزىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ  ئۇھ تارتقىنىچە ، پىشانىسىدىكى سۇغۇق تەرلىرىنى قۇلىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتىشەتتى . بەزىلىرى ھەتتا ئۈزىنىڭ راستلا ھايات ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلغاندەك ، ئەتراپقا دىلغۇلۇق بىلەن قاراپ قۇياتتى . پۇتلىرى ئۈزىگە تەۋەئەمەستەك لاغ_لاغ تىترەپ ، يۈرەكلىرى كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك ئەلەم بىلەن ئاچچىق _ئاچچىق سۇقاتتى . بۇلارغۇ ھەرنىمە قىلسىمۇ ، يۈرەكلىرى جېنىنى غاجىلاپ ، پۈتۈن تىنىنى شۈركەندۈرسىمۇ ئىشقىلىپ ھەرھالدا بىنادىن چىقىپ ، ئۆز جېنىنىڭ ئامان ئىكەنلىكىگە   جەزىم قىلالايتتى . ئەمما ھازىرغىچە ئەجەل ھۇۋلاۋاتقان  ئاشۇ بىنادىن تاتلىق جېنىنى چەتكە ئېلىپ بۇلالمىغانلارنىڭ ھالىنى بولدى دىمەيلا قۇيۇڭ . ئادەتتە لىققىدە ئادەم ئولتۇرىدىغان لىفىت قۇپقۇرۇق ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان . كىچىك _كىچىك پەلەمپەيلىك بىنانىڭ ئىچى < ئۈلۈم ، ئۈلۈم > دەپ ھۇۋلاۋاتقاندەك سۈرلۈك . قىزلارنىڭ < ئاپا ، ئاپا > دەپ ئەلەملىك توۋلاشلىرىمۇ ئۇنىڭ سۈرلۈك ھەيۋىسىنى سۇندۇرالمىغان . ئادەم بىلەن لىق تولغان چۈشۈش پەلەمپىيى بىنا بىلەن تەڭ خۇددى مىېيىت سېلىنىپ ، گۆرگە ئېلىپ كىتىلىۋاتقان جىنازىدەك ئىككى تەرەپكە قاتتىق _ قاتتىق سىلكىنمەكتە  . شۇ تاپتا ئۇ ئىچىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى بىر يۇلىلا باقىغا ئېلىپ كىتىۋاتقاندەك ئاچچىق _ ئاچچىق تولغۇنۇپ ، ئەلەملىك ئىڭرىماقتا . ئۇنىڭ ھەربىر ئىڭرىشىغا ئەگىشىپ < ئانا ، ئاپا >دىگەن ئېچىنىشلىق نالە بىرگە ياڭرىماقتا . بۇ نالە تۇنجى ئانا بۇلۇپ ، ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان يۈرەك پارىسىنى تاشلاپ ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا تەرەددۇتلانغان قىزنىڭ ئىڭرىشىدەك ئەلەملىك ھەم قىيالماسلىق ھىسسىياتى ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ نالە ئىدى . مانا ئاشۇ ئېچىنىشلىق نالىلەرگە جۈر بۇلۇپ ، يىراقتىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە قالغان ئانىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چاقىرغاندەك ئازاپلىق چاقىرىپ كىلىۋاتقان ، ئاۋۇ قارامتۇل يۈزىنى رەھىمسىز ئەجەلنىڭ قارا كۈلەڭگۈسى بىر يۇلىلا ئاقارتىۋەتكەن ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ ، يۈرۈكى ئۆز رېتىمىگە بوي سۇنماي سۇقۇۋاتقان ، ئۈزىنى ھەدەپ ئالغا تاشلاۋاتقان ئىگىز بويلۇق ، چىرايلىق بۇرۇتى ئۇزۇنچاق يۈزىگە خويمۇ ياراشقان ئاۋۇ بالىمۇ دەل مۇشۇ جىنازا ئىچىدە ، ئەزرائىلنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ تەقدىرنىڭ بۇ تەرزدە چاقچاق قىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن تىنىنى قارا تەر قاپلىغان ، بۇرۇن تۈشۈكلىرى بىر كىڭىيىپ _بىر تارىيىپ نەپسى تىزلىشى ، قىيىنلاشقان . ئۇ ئامالسىز توختىۋالماقچى ، بېشىغا نىمە كەلسە كۈرۈپ ، پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تارتقۇلۇقنى تارتماقچى بولدى . بىراق سەلدەك ئېقىپ كىلىۋاتقان كىشىلەر تۇپى ئۇنىڭ رايىغا باقمىدى . ئۇنى تۈرتۈپ _تۈرتۈپ ئاخىرى سىرتقا ئاچىقىپ تاشلىدى . HlXEU$e  
X"S")BQq  
_ ئاھ خۇدا!!!  _  كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئىكەن . 5N$O  
jB3Rue:+g  
ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇ ياڭراق ئىدى . ئىچى _ئىچىدىن ئۇخچىغان خۇشاللىق ئۇنى قاتتىق ۋارقىراشقا ئۈندىمەكتە ئىدى . ئۇ بىردىنلا توختاپ قالدى . باياتىن بىرى تىرىك جانلارنى ئۈلۈم ۋەھىمىسىدە ئىلەڭگۈچتەك تەۋرەتكەن ئۇقۇتۇش بىناسى ئەمدىلىكتە ئۆز ئەجرىنىڭ بىكارغا كىتىۋاتقانلىقىدىن خاپا بولغاندەك ، قاتتىق _ قاتتىق سىكلىنىشكە باشلىدى . ML:H\  
Ev,b5KelD  
خۇددى بىر يۇلىلا ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولغاندەك ؛ بىر يۇلىلا ئۈزىنى خارابلاشتۇرماقچى بولغاندەك ۋەھىمە بىلەن ھۇشقىرتاتتى . ئەمدىلىكتە ئۇ تولغىقى تۇتقان جۇۋاندەك ئاچچىق تولغۇنۇپ ، ئۈستىدىكى كاھىشلارنى ئەلەم بىلەن يەر يۈزىگە ئېتىشقا باشلىدى .ئۇ راستىنلا ئاچچىقلانغاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن پۈتۈن جان سىقىرايىتتى . no7Q%O9  
\)2~o N  
    ئەركىن بالىلار ئارىسىدىن قىستىلىشىپ ئۈتۈپ ، بىر بوش ئۇرۇن تېپىپ ئازراق ئولتۇرۇۋالماقچى ، شۇ ئارقىلىق باياتىن بىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن نىرىپلىرىنى تىنىچلاندۇرۋالماقچى بولدى . بايام ئۈنلۈك ۋاقىراپ ئىچى ئازراق بۇشاپ قالغان بولسىمۇ ، يۈرىكى يەنىلا ئەنسىز سۇقۇۋاتاتتى .ئۇ فونتان يېنىدا ئولتۇرماقچى بولدى . ئەمما بىردىنلا بۇ خىيالىدىن ياندى ، چۈنكى فونتان سۈيى ئىلىكتىر كۈچى بىلەن پۈركىلىدىغان بولغاچقا ، ئالىمادىس بىر ئىش يۈز بىرىپ قالسا توك سۇقۇۋېتىشتىن ساقلىنىشمۇ تەس ئىدى . ئۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ چىملىقتا يۈرەكلىرىگە تۈكۈرۈشۈپ ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرىنى كۆردى _ دە شۇ يەرگە بارماقچى بولدى . $TFWum9wO  
'h`)6{  
     زىمىننىڭ ئاچچىقى تۇتقاندا ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى  مەۋجۇدات ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى تۇسۇپ بۇلۇشقا قادىر ئەمەس . شۇ تاپتا باياتىن بىرى ئاچچىقى سەل بېسىلىپ قالغان يەر يەنە قايتىدىن ئاچچىقلىنىشقا باشلىدى . بۇ قېتىمقىسى بايامقىسىدەك ۋەھىمىلىك بولمىسىمۇ ، يەنىلا باشقىلارنى چۆچۈتۈپ ئۈلگۈردى . كەڭرى مەكتەپ ھويلىسىدا ئەمدىلا يۈرىكى تىنىچلىنىشقا باشلىغان بالىلار قايتىدىن ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ، زىمىن ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقاندەك  ۋارقىشىپ كەتتى . Sw~LM&A  
5`{u! QE  
توۋا ! ئىنسان دىگەن قىززىق بۇلىدىكەن . خۇشال بولغاندا ئاللىقانداق بىركىملەرنىڭ ئىسمىنى چاقىرسىمۇ ، مۇشۇنداق ئېغىر ۋەھىمە ھەم رەھىمسىز ئەجەل ئالدىدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىدىكەن . مانا ، مەكتەپ ھويلىسىنى بىر ئالغان <ئانا!>دىگەن ياڭراق ، ئېچىنىشلىق سادا ئۇزاققىچە ئەكسىنى يۇقاتمىدى .خۇددى دەل _دەرەخلەرمۇ ئېغىر تىترەشتىن چاك _ چاك يېرىلغان بىنالارمۇ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى بىلەن <ئانا !>دەپ ۋارقىراۋاتقاندەك ، ئەتراپتىكى ھەممەيلەن بىردىنلا پىتراشقا باشلىدى . ئەركىن <ئانا !>دەپمۇ ۋارقىرىمىدى ؛ ھەريانغا پىتراپمۇ قاچمىدى . ئۇ قېچىشنىڭ ئەمدى بىھۇدە ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان تۇنۇپ يەتكەنىدى . بايام سۈرلۈك ئۈلۈم ۋەھىمىسى قاپلىغان بىنادىن چۈشۈۋېتىپ ئۇ مۇشۇ يەرنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئويلىغان ، تەلپۈنگەن ئىدى . شۇ چاغدا ئۇ <نىمە بولسام مەيلى ئىشقىلىپ ئاشۇ يەرگە بېرىۋالساملا بولدى >دىگەن ئارزۇلارنىمۇ تاما قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى .  شۇ ۋاقىتتا بىنانىڭ شامال ئۇچۇرغان مەجنۇنتالدەك ، ئىككى يانغا ئەگىپ _ئەگىپ تەۋرىنىشىدىن قورقۇپ ئۇمۇ تالاي قېتىم <ئانا !  ئانا!>دەپ ئېچىنىشلىق ھەم ئۈمۈدلۈك ۋارقىرغان ئىدى . شۇڭىمۇ مانا ئۇ ھازىر سۇغۇققانلىق بىلەن تەۋرىنىۋاتقان بىناغا قاراپ تۇرىدۇ . ئېغىر بىنا دەھشەتلىك سىلكىنىشتىن تىترەپ ،ئىككى يانغا ئاغماقتا . ئىككى بىنا ئارىسىدىكى يېرىق بىردىنلا كېڭىيىپ ئاچچىق بىلەن بىر _ بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلماقتا . فونتان ئەتراپىدىكى باياتىن بىرى تىنىچ تۇرغان سۇلارمۇ ئەمدىلەتتىن قاتتىق _قاتتىق چايقىلىشقا باشلىغان ئىدى . فونتان ئاللىقاچان توختىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ ،بىراق ئېغىر تەۋرەشتىن بولسا كىرەك تۇيۇقسىز سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلاپ ، ئەتراپتىكىلەرنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سېلىۋەتتى . ئەركىن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلدى . بۈگۈن خۇددى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدەك ئەتراپقا تويماي قارىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يۈزىگە كۈلكە جىلۋىلەندى . ئەتراپىدىكى چىرايىدىن ۋەھىمە چىقىۋاتقانلار ئۇنىڭغا بىتاپتەك كۈرۈنۈپ كەتتى . دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەنسىرىشى بىھۇدە ئىدى . ئەمما كىممۇ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا ۋەھىمىگە چۆكمەي تۇرالىسۇن؟! ~jMfm~  
;f9a0Vs  
      ئەركىن دوستلىرىنىڭ يېنىغا باردى . ئۇلار ئۇنچە ۋەھىمىلىك كۈرۈنمەيتتى . چىرايىدىمۇ باشقىچە ئىپادىلەر كۈرۈنمەيتتى . گەپ _سۆزلىرىمۇ تەبىئى ئىدى . U_@Dn[/:  
b}Wm-]|+  
_ ئاداش ھاياتمۇسەن ؟! dW Vm'd  
_PGS"O?j  
_خۇداغا شۈكرى . f<*-;  
`0Xs!f  
ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى . خۇددى ئۇزۇن ۋاقىت كۈرۈشەلمىگەن قەدىردانلاردەك مىھىر بىلەن كۈرۈشتى . مۆرىلىرىگە يىنىك _ يىنىك شاپىلاقلىشىپ ، ئۈزىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك  ئىكەنلىنى بىلدۈرۈشتى . epxbTJfc  
<Eh_  
    ۋەھىمىگە تولغان بىنا يىگانە قالدى . ئۇنىڭ ۋەھىمىلىك باغرىدا ئەمدى تاتلىق جان ئىگىلىرى قالمىغان . ھەممىسى ئاللىقاچان سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭدىن جۇدا بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىشىدۇ . ئىھتىمال بىرەرسى بايامقى پاتپاراقچىلىقتا يارلانغان بولسا كىرەك ئەتىمالىم ، قىزىل كىرسىت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئىككى ماشىنا ، ئادالەتسىزلىككە قارشى ۋارقىراۋاتقاندەك ۋارقىراپ ئۇقۇتۇش بىناسىنىڭ نېرىسىدا توختىدى . بېشىغا دوختۇرلۇق باش كىيىمى ، ئۇچچىغا تۇلا كىيىپ رەڭگى ئۈڭۈپ كەتكەن ئاقۇش خالات كىيگەن ئىككى دوختۇر ئالدىراپ _ تىنەپ چۈشۈپ ، نېرىراقتىكى قىزلار ئارىسىدىن بىرسىنى ماشىنىغا چىقاردى _ دە تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ ، شامالدەك يۈرۈپ كەتتى . ئەركىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قىزلار تۇپىغا قاراپ يۈرەپ كەتتى . ئۇ يەردە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى . ھەممىسى خەنزۇ ياكى خەنزۇسىمان مىللەتلەر بۇلۇپ بىرەر كۈتۈلمەسلىكتىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقاندەك ، چىرايلىرىدا ھەيرانلىق ئالامەتلىرى ئەكىس ئىتەتتى . ئەركىن نېرىراقتا كۆزىنىڭ يېشىنى سۈرتىۋاتقان ئاق قىسقا يەڭ كوپتا ، ئۇياتلىق يىرىنى ئاران دىگۈدەك يېپىپ تۇرىدىغان پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان قىزدىن بۇ يەردە نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۇراپ باقماقچى بولدى . @8U8>'zDE  
m4RiF  
 _ ھەي ساۋاقداش ، نىمە ئىش بولدى ؟ {i/7Nx  
Z>J3DH  
    قىز ھەممە ئەيىپنى مۇشۇ بالاخور بىنادىن كۆرگەندەك ، ئىشىكلىرى ھاڭغىر ئېچىلغان بىناغا نەپرەت بىلەن قاراپ قۇيۇپ ، ئەركىنگە يۈزلەندى . iKAqM{(  
koy0A/\%  
 _ دوستىمىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بار ئىدى . بايامقى تەۋرەشتە بەك قورقۇپ كەتكەچكىمۇ كىسىلى قوزغىلىپ قالدى . VMJK9|JC[  
2R~[B]2"r  
   ئەركىننىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى . ئۇ چوڭلاردىن يۈرەك كىسىلىنىڭ ئېغىر ۋەھىمە ياكى قاتتىق خۇشاللىق دەستىدىن قوزغالسا ئەسلىگە كەلمىكىنىڭ بەك تەس بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ يىل ئاۋۋال ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالغاندا ، ئانىسىنىڭ بىئارام بولغانلىقىغا قاراپ ئۆكسۈپ _ ئۆكسۈپ يىغلىغان ، تەڭرىدىن :<ئې ئاللاھ ! ئاجىز بەندىلىرىڭنى مۇشۇنداقمۇ كىسەلگە گىرىپتار قىلامسەن؟ ئۇ ...... ئۇ ....مىنىڭ بىرلا ......بىرلا ئانام ئەمەسمۇ؟! ئۇنى ئاغرىقتىن يىراق قىلى ئې ئاللاھ..........>دەپ تەڭرىگە دۇئا قىلىپ ، ئانىسىنىڭ ئامانلىقىنى تىلىگەن ئىدى . مانا بۈگۈن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان ،چىرايلىققىنا بىر قىز شۇ ئىپلاس كىسەل بىلەن دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى . ئۇ خىيالغا پاتتى :<ئەگەر مۇشۇ قىز مۇشۇ سەۋەپلىك ئۈلۈپ كەتسە ، ئاتا_ئانسى ياش قىزىنىڭ بىئەجەل ئۈلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلىسا قانداق بۇلۇپ كىتەر ؟ بەلكىم ئانىسى تۇلا يىغلاپ ...  ...  ...  >ئۇنىڭ ئەنسىز خىيالىنى بىردىنلا يەرنىڭ قاتتىق سىلكىنىشى بۇزىۋەتتى . باياتىن بىرى سۈكۈتكە چۆمگەن بىنا قايتىدىن جانلىنىپ ۋەھىمىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . ئەتراپتىكىلەر ئارقىغا داجىشقا باشلىدى . ئەركىنمۇ بايامقىدەك تەمكىن ئەمەس ئىدى . يۈرەكلىرى سېلىپ ، نەپسى تىزلىشىۋاتاتتى . ئۇ خۇددى بىردىنلا يەر يېرىلىپ ھەممە نەرسە بىراقلا يۇقۇلىدىغاندەك ئەنسىزلىك بىلەن ئەتراپقا قاراپ قويدى . ھەممىنىڭ چىھرىدە نۇر ئۆچكەن ، ئۇنىڭ ئورنىنى قاتتىق ۋەھىمە ، قورقۇمسىراش ئالغان ؛ ھەتتا بەزىلىرى ياش تۆكمەكتە ئىدى . ئەركىن بۈگۈننىڭ قايسى تەرەزدە كەچ بۇلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدى .  يەر قاتتىق بىر سىلكىنىپلا توختاپ قالدى . ھەممەيلەننىڭ ئەندىشىسى بىر ئاز پەسكويغا چۈشتى . ئۇلار قايتىدىن ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرۇشقان بۇلۇپ ، بايامقى قىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشىۋاتاتتى .ئاڭغىچە بىرقانچەيلەن (ئىھتىمال مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن مۇخبىرلىرى بولسا كىرەك )ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپمۇ ئۈلگۈردى . - e_B  
@+;cFj  
     ئەركىن بىر ئاز ھۇدۇقۇپ قالدى . ئەتراپتا باشقىلارنىڭ :<ئەمدى يەتتا بال تەۋرەيدىكەن . بەلكىم سەككىز بالغا يىتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، ئۇنداق بولغاندا ھەممىز يوق دىگەنلىك >دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى .كۈن قايرىلىپ خېلى ئۇبدانلا قاراڭغۇ چۈشكەن بولسىمۇ ، لېكىن مەكتەپتىن ياتاق بىناسىغا كىرىش چەكلەنگەچكە مەكتەپتىكى پۈتكۈل ئۇقۇغۇچىلار ،مەكتەپ ھويلىسىدا ئىدى . ئەركىن ئىلگىرى مەكتەپتە بۇنچە كۆپ كىشى بارلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . پەقەتلا دەرىسكە ماڭغان ياكى دەرىستىن قايىتقاندا يولغا ماڭغان يەتتە _سەككىز يۈز ئۇقۇغۇچىغا قاراپلا<مەكتەپتە مۇشۇنچىلىكلا ئۇقۇغۇچى بار ئوخشىمامدۇ ؟>دەپ ئويلىغان ئىدى . مانا ئەمدى پۈتكۈل ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ھويلىسىدا مىغىلداپ يۈرسە ئۇ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .<<ئەگەر مۇشۇنچە كۆپ ياشلار ئۈلۈپ كەتسە ...   ...  >>ئۇ يەنە خىيالغا پاتماقچى بولغانىدى بىراق، يىراقتىن ئاڭلانغان ۋاقىراشلار ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى . قارىغاندا ئۇقۇغۇچىلار ياتاققا كىرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى . ئۇلار خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە مۇنازىرلەشتى . ئۇلارنىڭ جىدەل قىلىشىمۇ يولسىز ئەمەس ئىدى .يەر تەۋرىدى دەپ ياتاققا كىرگىلى قويمىسا ،بىز قانداق قىلىمىز ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە <ئاپەت كەلسە قوش كەپتۇ >دىگەندەك ،باياتىن بىرى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى . شۇڭا كىيىم _ كىچەكلەرنى بولسىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىز زۈرۈر ئىدى . مەكتەپنىڭمۇ تۇسىشى يوللۇق ئىدى. ئەگەر بىز ياتاق بىناسىغا ياماشقان ھامان پەۋقۇلئاددە تەۋرەش بۇپ قالسا ئۇ ئاقىۋەتنى تەسەرۋۋۇر قىلماق تەس ئىدى . مەكتەپ رەھبەرلىرى جىدەلنىڭ چوڭىيىشىنى خالىمىدىمۇ ياكى مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىمۇ پەقەتلا بەش مىنۇتلۇق رۇخسەت بەردى . 7!^Zsp^+  
X{;5jnpG  
     قۇياشلىق ئالەمدە ياشاش نىمىدىگەن بەخىت ھە ؟! گەرچە ئۇنىڭ ئاتا قىلان بەختىدىن بەخىتسىزلىكى ، خۇشاللىقىدىن قايغۇسى ، بايرام_ ئايىمىدىن ماتەم _ مۇسىبىتى كۆپ بولسىمۇ ئادەم يەنىلا كۈننىڭ سېرىقىغا تويمايدۇ . مانا دەككە _ دۈككە ئىچىدە بىر كىچە ئۆتتى . كىچىدىن بىرى نەچچە قېتىم قالدۇق تەۋرەشلەر بۇلۇپ تۇردى . ھەرقېتىم يىنىك تەۋرەشتىن كۆزلىرى ئەمدىلا ئۇيقۇغا باغلانغانلارمۇ چۆچۈپ كىتىشتى . ھەتتا نەچچىلىرى كۆزلىرىنى مىتمۇ قىلماستىن تىكلەنگەن بوتولكىغا قاراپ ئولتۇرۇپ بولسىمۇ تاڭغا ئۇلاشتى . گەرچە مىڭبىر ئازاپتا كىچىنى تاڭغا ئۇلاشتۇرغان بولسىمۇ ، ئەتىگەنكى يۇرۇقلۇقنى كۈرۈپ ئالامچە خوش بۇلۇشتى . =[IKwmCX  
nVGWJ3  
   ئەركىن بۈگۈن تۇلىمۇ روھسىز ئىدى . ئۇنىڭمۇ روھى سۇنغان ، تۈنۈگۈنكى تەمكىنلىكنىڭ ئورنىغا بىرخىل ئەنسىرەش ، ئالاقزادىلىك ئالماشقان ،چىرايى زەپىران بۇلۇپ بىركىچىنىڭ ئىچىدە ئۇبدانلا ياداپ قالغان ئىدى . بايام ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىنلا ئۇنى تۈپىلەپ غەم  بېسىسقا باشلىدى . Rj~y#m  
s5u  
    ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا ئۇ ئادەتتىكىدەك ناشتا قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىردى . گەرچە يەر خېلى ئۇبدانلا تەۋرىگەن بولسىمۇ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىشىنى ئامال بار كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتاتتى . ئۇ ئەمدىلا تامىقنى ئېلىپ بىر ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇشىغا تىلىۋىزوردا ئاڭلىتىلىۋاتقان ،  يەر تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئائىت خەۋەرلەر دىققىتىنى تارتتى . ئۇزۇن چاچ ، يالاڭباش ،ياشقىنا چىرايلىق بىر قىز گەرچە چىرايىدىن جىددىيلىك ،ئالاقزادىلىك ، ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش چىقىپ تۇرسىمۇ  تۇرۇشلۇق مەركەزدىن خەۋەر بىرىۋاتاتتى .ئەسكى خىش ، قاتتىق _ قاتتىق داشقاللارغا ئايلانغان كەڭرى خارابىلىك ...  ...  ، تاتلىق جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشىۋاتقان كىشىلەر ، ئۈلۈكلەر دۈۋىلىنىپ قۇيۇلغان بىر پارچە يەر، يەرئاستىدا قالغانلارنى ئىزلەۋەتقان جەڭچىلەر ، قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىدە ئەنسىز ئىڭراۋاتقانلار ...  ...  ، بۇ يەردە بەئەينى قىيامەت زاھىر قىلغان ئىدى . شۇ تاپتا ، ئەسكى تاشلار ، كىسەكلەر ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان ، كىيىملىرى قىپقىزىل قان بىلەن يۇيۇلغان ، يۈزىنى ئەسكى تاش ، قاتتىق كاھىش پارچىلىرى تىتما _تىتما قىلىۋەتكەن 18_19ياشلار چامىسىدىكى ، قۇتقۇزۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر بالا ئەكىس ئەتتى . ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن بايقالمىغان ئەمەس بايقالغان ، ئەمما قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بولمىسا ، ئادەم كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالدا ئىدى . ئۈستىنى قاپسىۋالغان يۇغان سىمىنۇت بىتوننى كۈتۈرۈش ماشىنىلىرى بىلەن يۆتكىمىگەندە ئۇنى قاپسالدىن چىقىرىۋالغىلى بولمايتتى . شۇنداقتىمۇ قۇتقۇزغۇچى تىببى خادىملار ئۇنىڭغا ئۇكۇل سۇيۇقلىقى ئۇرۇپ تۇرماقتا ئىدى  . چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھايات قېلىش ئىمكانىيىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشكە بۇلاتتى . :0(:}V3z\  
hXQo>t-$  
_مىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار ! مەن ئاپامنى كۈرۈۋالاي ! ئاپا  ، ئاپا !سەن نەدە ئاپا ؟! 2>Sr04Pt  
<M M(Z  
ھايات تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ئۇ ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بۇلىدۇ . گەرچە بىز ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگىنىمىز بىلەن ئۇ ھامان بىركۈن ئۆز بېشىمىزدا ياكى باشقىلارنىڭ قىسمىتى ئارقىلىپ ئۆز قىممىتىنى كۆز_كۆز قىلىدۇ . ئىھتىمال تەقدىرنىڭ ئەمدىلا ھايات مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش پەللىسىگە قەدەم باسقان ، كىچىككىنە بالىغا قىلغان چاقچاقلىرىغا چىدىمىغان بولسا كىرەك ،ئۆكسۈپ _ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى . بالىنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان قۇتقۇزغۇچىلارمۇ ئۆز مەيلىگە بوي سۇنماي ئېقىۋاتقان ئامالسىزلىق ، ئۈمۈد ، قىيالماسلىق بىرگەۋدىگە ئايلانغان ياشلىرىنى سۈرتۈشمەكتە ئىدى . ئۇلار ئۈزىنىڭ ناراسىدە بالىلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق <ئاپا ! سىز قەيەردە ؟>دەپ يۇلىغا تەلمۈرۈپ ، ئۈمۈدلۈك كۆزلىرى ئۇچۇق كىتىپ قالغانلىرى ئۈچۈن ياش تۈكۈشتى . ئەركىن بۇ كۈرۈنۈشكە چىدىمىدى . يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئاغرىپ ، ئېچىشىپ كەتتى . كۆزلىرىدىن بۇراندەك قۇيۇلىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ، ئۈزىنى سىرتقا ئاتتى . W>m #Mz  
\zV'YeG  
   ئەركىن بايامقى كۈرنۈشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىدى . كەلتۈرەلمىدى ئەمەس كەلتۈرۈشتىن قورقتى . كەلتۈرسىلا كۆز ئالدى غۇۋالىشىپ ھېلىقى كۈرنۈش ئەتتىگەنكى تۇماندەك بىر خىل مەۋھۇملۇق ئىلكىدە غايىپ بۇلاتتى . شۇ تاپتا ئۇ قاتتىق ئازاپلىنىۋاتاتتى . ئانىسىنى سېغىنغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشلىق تەتىلدە ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىمەن دەپ ئۈيىگە قايىتمىغىنىنى ئويلىسا ئۇنىڭ يۈرىكى قايتىدىن ئېچىشاتتى . خۇددى جەسىتى مۇشۇ نەس باسقۇر شەھەردە ، خەنزۇلار ئارىسىدا قالىدىغاندەك بىرخىل ئىزتىراپلىق ،ئەنسىز تۇيغۇ ئۇنى ئارامسىزلاندۇرۋاتاتتى . ئەگەر راستىنلا تەقدىر _ قىسمەت تەتۈر كىلىپ ، ئالىمادىس شۇنداق بۇلۇپ قالسا ئانىسىنىڭ دىدارىغا قانماي كىتىپ قالىدىغالىقىنى ئويلاپ ،كۆزلىرى ياشقا تولاتتى . ئۇ ئىختىيارسىز بايامقى كۈرنۈشنى ئەسلەپ قالدى . ھېلىقى بالا يەنىلا ئەڭ زور ئىلتىجالىق بىلەن ئانىسىنى چاقىرماقتا ئىدى  . شۇ تۇرقىدىن قارىغاندا تاكى تىنىقى توختاپ ، ئاۋازى ئۈچۈپ قالسىمۇ ، قاتقان كۆز گۈھىرى ئارقىلىق ئاپىسىنى چاقىرىدىغاندەك قىلاتتى . Tizjh&*^  
I8LoXY  
ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ . چۈنكى ئۇ ئانا . ئانىسىنى ئويلاپ ئەركىننىڭ غېرىپ قەلبى پۇچۇلاندى ، يۈرىكى ئېچىشتى ، كۆز ئالدى غۇۋالاشتى ، ئۇمۇ ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ ۋارقىرىماقچىدەك قىلاتتى :<ئانا ! ...  ...  سىز قەيەردە ئانا؟!...  ... ئوغلىڭىزدىن رازى بۇلۇڭ ئانا !  ...   ...  ئانا  ئوغلىڭىزسىزنى بەك سېغىندى ..ئانا ! ...  ...  سىز ...   ...    ق ...  ...ەيەر...  ... دە ؟!> يىغا ئارلىشىپ كەتكەن ئەكىس سادالار ئۇزاققىچە بېسىقماي ياڭراپ تۇردى .< ئانا ! ...  ...  سىز ...   ...    ق ...  ...ەيەر...  ... دە ؟!> ...  ...  ...  m,#Us  
w"A%@<V3Ec  
①يۈرۈكۈگە تۈكۈرۈش _ چوڭلار دائىم كىچىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورقۇنۇچنى يېڭىش ئۇسۇلى بۇلۇپ ، بىرەر چۆچۈش ياكى ھادىسە تۈپەيلىدىن قۇرقۇش بولغاندا يۈرەككە سۈپكۈشلەش ئارقىلىق روھى جەھەتتىن بولسىمۇ ئازادىلىك ھىس قىلدۇرىدۇ . بەلكىم تىببى ئاساسى بۇلىشىمۇ مۇمكىن . BnIZ+fg=  
UjH+BC+9`b  
②تىكلەنگەن بوتۇلكا _ تىكلەنگەن بوتۇلكا يەرتەۋرەشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار ئاساسەن ئىشلىتىپ كۆرگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرى. يەنى بىر بوتولكىنى ئېغىزىنى ئۈستىدە قارىتىپ قۇيۇپ يەنە بىر بوتۇلكىنىڭ تۆتتىن بىرىگە سۇ قاچىلاپ ، ئېغىزىنى ئاستىغا قىلىپ ئالدىنقى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزى ئۈستىگە قۇيىلىدۇ . بۇ خىل قۇرۇلما ناھايىتى سەزگۈر بۇلۇپ ، يىنىڭ تەۋرەش يۈزبەرسىمۇ ئۈستىدىكى سۇ قاچىلانغان بوتۇلكا چۈشۈپ كىتىدۇ . دە مۇداپىئە قىلىشقا قۇلايلىق بۇلىدۇ . -xQJY)  
BH^8!7dkT  
  rI4N3d;C  
PZSi}j/  
مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىمەن . 3k5F$wf  
z)&GF$*  
  F=8gtk|U  
~{BR~\D  
ئاپتۇرى :روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز (qinimaqin) =-8y =  
E>w|i  
S}XVr?l 2O  
0O7VM)[  
باياۋان تەستىقلىدى

sansiz09032010-12-31 18:27
ھەر نىمە بولسا قايتا  يوللاپسىز.. ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. b5d;_-~d  
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

qinimaqin2010-12-31 23:14
ئالدىنقى كۈنىمۇ بىر يوللىغان ..بۈگۈن كىرىپ قارىسام ھېچ يەردە يوق شۇ،،،چىقىرىۋېتىپتۇ دە دەپ ئويلىدىم . چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ سەۋەبىنى دەر ئىدى ھەقىچان شۇڭا قايتا يوللىدىم ..........

Turkin ay2011-01-01 09:39
بىشىدىن ئۆتمىگەنلەر بىلمەيدۇ ، ھەي ئىلگىرى مارالبىشىدىكى يەر تەۋرەشتىمۇ مەنمۇ بار ئىدىم .مەنمۇ نەۋرە سىڭلىمنى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىن تىپىپ بولغۇچە يۈركىم پارتىلاپ كىتەيلا دېگەن . ئۇئىشلارغىمۇ خىلى يىللار بۇلۇپ قالدى  ھازىر ئۇ جايلارمۇ خىلى تەرەققى قىپتۇ    

sansiz09032011-01-01 12:12
نەقىل
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى qinimaqinدە2010-12-31 23:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 3]iBX`Ni  
ئالدىنقى كۈنىمۇ بىر يوللىغان ..بۈگۈن كىرىپ قارىسام ھېچ يەردە يوق شۇ،،،چىقىرىۋېتىپتۇ دە دەپ ئويلىدىم . چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ سەۋەبىنى دەر ئىدى ھەقىچان شۇڭا قايتا يوللىدىم .......... eI 6G  
/4R|QD  
ھەرگىز خاتا چۈشۈنۈپ اقالماڭ. باشقىلارنىڭ ھېلىغۇ تېمىسىكەن، بىر تال ئىنكاسىنىمۇ ئۆچۈرۈش  توغرا كەلسە ئۇچۇر قىلىپ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئەسكەرتىمىز. )^C w  
مۇنبەر نەشىرىنى كۆتۈرۈش جەريانىدا كىچىككىنە خاتالىق چىقىپ، 3 كۈنلۈك تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى يۇيۇلۇپ كەتتى. ئەپۇ قىلىڭ!

گۈلچى2011-01-11 14:45
ياخشى تىمىكەن~ئارقىسىدىكى ئەسكەرتىشىڭىزمۇ ياخشى بوپتۇ~   

jazbidar2011-02-01 04:10
مەن ئانامنى .ئنتايىن ئەسلەيمەن؛؛؛؛؛؛ ماڭا بەك ماس كىلدىكەن؛         6uU2+I  
مىنڭ ئوتمۇشلۈرۈم .يادىمغا كىلىپ قالدى ؛بەك تەسرلەندىم ؛ Dm"@59x  
رەھمەت؛؛؛؛دوستۇم؛

sansiz012011-02-10 13:40
رەخمەت ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن ..... YB}p`b42L  
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن......

zirak7272011-02-15 22:38

sadakat2011-03-10 18:32
ناھايىتى ياخشى يېزىپ سىز      

xahrizad2011-03-10 18:59
ئەسىرىڭىز ئىنتايىن تەسىرلىك چىقىپتۇ ، رەھمەت !

xahrizad2011-03-10 19:01
ئانامنى ئەجەپ سېغىندىم !بۇ ئەسىرىڭىز بەكمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ ،رەھمەت سىزگە!

sadakat2011-03-10 19:16
  

yawax2011-03-18 22:17
بەك ياخسشىكەن .        

namrullah2011-04-01 09:54
ئەسسە لامۇ ئەلەي كۇم  قېرېن دېشېم مەن بېر مۇ سا پېر  مەن ئانام  نې كۇر مېگلې يېرېم يېل بول دې يۇرتۇم قەشقەر تۇ رۇپ ئېلې دا ئۇقۇي مەن بۇ ئەسەر نې ئۇقۇپ ئانام نې بەك لا سې غې نېپ  كېەت كېنېم نې ئويلاپ مېنې يېغا تۇت ۋات دۇ مەنمۇ ئەنە شۇ يەر تەۋ رېگەن پەيزېۋات ناخې يە سېدېن  مەن جۇم لېدېن سېزگە ۋە پۇت كۇل ئان سې دېن ئاي رېل غانقېرېن داش لېر مېز غا سەۋېر چانبۇلشېنې ھەمدە بېز نې بېقېپ ئۇس تۇر گەن ئان لېر مېز نې  ئاللا ساق سالامەتقېل سۇن  ئۇم رېنې ئۇزۇن قېل سۇن بېز دەك مۇ سا پېر قېرېن داش لېر منې تېز راق ئان لېرېبېلەن دېدار كۇرۇش تۇر گۇلې نېسېپ قېل سۇن ئامېن.......         

namrullah2011-04-01 09:58
مەن سېز نې ئاكا دېسەم مېن قۇبۇل قېلام سېز                      

karikaxogli2011-04-04 08:02
      

kamqa2011-04-11 17:34
ياخشى تىما يۇللاپسىز

qinimaqin2011-04-18 11:36
نەقىل
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى namrullahدە2011-04-01 09:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : Hs<vCL \  
مەن سېز نې ئاكا دېسەم مېن قۇبۇل قېلام سېز                                 UX=JWb_uGm  
O G#By6O  
بىز بەلكىم تەڭتۇشلاردىندۇرمىز................


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئانا سىز قەيەردە؟ (مۇكاپاتلىق ئەسەر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.028523 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us