رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھايات رېئاللىق ۋەمەن --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> مۇنبەر پائالىيەتلىرى -> ھايات رېئاللىق ۋەمەن [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

hedayat2010-12-25 20:55
                                          ھايات رېئاللىق ۋەمەن uSQ>oi]  
Gv+Tg/  
مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتگە `=l{kBZT|  
io33+/  
ھايات دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەممىلا كىشىگە تونۇش بولۇشى ناتايىن،ئەمما ئۇ ئىزدىنش روھىغا باي ئىزدەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناتونۇش بولمىسا كېرەك.داڭلىق مۇتەپەككۈرىمىزھپولرات ھايات ھەققىدە:<<ھايات-قىسقا،سەنئەت-ئۇزۇن،پۇرسەت -ئۇچقۇر،تەجرىبەئۆزگىرىشچان،ھۆكۈم -مۇرەككەپ.>>دەپتىكەن. U!I_i*:U  
شۇنداق،جۈملىدىن ھايات ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە سىرلىقتۇركى،ئۇ چەكلىك ھاياتنىڭ قىممتىنى ھەقىقي تۈردەتونۇپ يېتىپ ،ئىلىم-مەرىپەتتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك چوققىغا ئىنتلىۋاتقان قەيسەر ياشلىرىمىزغا بەخت -سائادەت، ھىممەت- پاراسەت نۇرلىرىنى سىخىيلىق بىلە تۆكۈپ،ئۇلارنى ئالەمچە ھۇزۇر-ھالاۋەت بۆشۆكىدەلەرزان تەۋىرىتىدۇ.لېكىن دەل بۇنىڭ ئەكىسچە قىممەتلىك ھاياتىنى لاي سۇدا ئېقىپ كېتىۋاتقان ئالمىغا ئوخشاش ئۆتكۈزىۋاتقان بىر قىسىم ئويغانمىغان لايغەزەل ياشلىرىمىز ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس بالايى-ئاپەتلەرنى ،ھەزىل <<چاقچاق>>لارنى ياغدۇرۇپ ،ئەبەدىلئەبەد تىز پۈكۈپ ياشايدىغان ئاجىز قۇلدەك بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ مىزانىدۇر.ھەم قانۇنىيىتدۇر.ھىچقانداق مەخلۇقات بۇھەقىقەتنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس،ھەم قادىر بولالمايدۇ،خالاس!ھايات ئۇ ئىلمۇ -ھېكمەتتىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلۇشقا توختاۋسىز مەبلەغ سىلىپ  ئىلگىرلەۋاتقانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھۇزۇر،ئەدىبلەر ئۈچۈن قايناپ ھەغدادىغا يەتكەن غايىۋىي كۈچ،بىر قولىدا بۆشۈك تەۋىرىتىپ،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۇرۋاتقان مۇقەددەس ئانىلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆكسمەس مېھىر -مۇھەببەت،بىر بىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ،ئوتلۇق ،خۇمالىق كۆزلىرى بىلەن قىيا بېقىشىپ قويىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن يالقۇنلۇق ھىجران،غەزەلخانىلار ئۈچۈن خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان بۇلبۇل،نادانلار ئۈچۈن مەڭگۈ چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدىغان گۈزەل دىلبەردۇر.قسقىسى، ھايات دېمەك -ماياك دېمەكتۇر.ھايات ئۇ -چىنلىق،مۇكەممەللىك، گۈزەللىك ئاساسىدا بەرپا بولغان. جۈملىدىن،ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ،ئۇچۇر- پەن تېخنىكىسى مسلىسىز دەرىجىدە راۋاجلىنىپ مىليونلىغان ئىجادىي كەشپىياتلار ،ئالەمشۇمۇل مۆجىزلەر كەينى- كەينى مەرىپەت ساھەسىدە چولپان يۇلتۇز كەبى چاقناپ ھەر قايسى مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ ،كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ چەكسىز مەھىيەۋە ھىمايىسگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بىر قىسىم نەرسىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى، مەۋجۇدلىقىنى يوقۇتۇپ قويۇشتەك ھالاكەت گردابىغا سۆرەپ ئېلىپ بارماقتا.نۆۋەتتە بۇ ھازىر كىشىنڭ قەلبىنى سەسكەندۇرىدىغان ھەم ئېچىندۇرىدىغان چوڭقۇر ئېقىم مەسىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىنىپ قېلىۋاتماقتا. Rd1ku=  
دۇرۇس، جەمىيتىمىزدىكى ھازىر بىر قىسىم ياشلىرىمىز داڭلىق ئۇنىۋېرىسىتلارغا ئۆتەلمەسلىك ياكى ئاتا -ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش،ياخشى پۈرسەتلەرنى قولىدىن كەتكۈزۈپ قويۇش ياكى ئاللىقانداقتۇر كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن مەجرۇھ بولۇپ قېلىش ياكى <<تاللىنىش ۋە تاللىنىش>>تىن ئىبارەت رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان ئۇچۇر دەۋرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللىۋىتلىش ۋە ياكى بەزى بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەڭدىن تولسى ئۆزىنى تولىمۇ بىچارە ساناپ:<<مەن مۇشۇنداق تەلەيسىز  بولغاچقا،ھازىر  ئەبگا دىن باشقا پەرقىم قالماپتۇ .مەن دېگەن بىر دۆت،قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان يارىماس تۇرسام،ئاتا -ئانامنىڭ تۇرغان تۇرقى ئاۋۇ  تۇرسا،مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ئاھ مەن نېمانچە تەتۇر پىشانە بولۇپ قالغاندىمەن؟؟ئەمدى شۇ <<ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا>> دەپتىكەن،جاھان ماڭا تارلىق قىلغان يەردە،ئۆيدە سولىنىپ ئولتۇرۇپ نېمە كەپتۇ ماڭا. ئويۇنىمنى ئوينايچۇ ۋاي،بانكىدىكى پۇلۇم تۈگىسە ئاتا -ئانامنىڭ تەۋەررۈكىنى ساتىمەن،400مو يەرمۇ تەييار تۇرمامدۇ ئەنە!ئۇنىمۇ سېتىپ پۇلىنى خەجلسەم،ئۇمۇ تۈگىسە ئۆيلەرنىڭ ھەممسىنى ئىجارىگە بېرىپ قويۇپ ،ئوڭدا يېتىپ خەجلىسەم پاھ!پاھ!پاھ!>>دېگىنىچە ئۆز-ئۆزىنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئاكيۇلارچە بەزلەپ قالماستىن بەلكى گۈزەل ياشلىق ھاياتىدىكى توسۇن ئاتتەك ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى مەھرۇم قىلىپ ،جەمىيەتكىمۇ،ئائىلىسىگمۇ ،نۇرغۇنلىغان سەلبيى تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.ئەجەبا ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلىرىم،ئەنە شۇلار پۈتكۈل لەززەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ياشلىقىنى مانا مۇشۇنداقلا بىھۇدە زايە قىلىۋەتسە،ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئۆزى ئاسىيلىق قىلغان بولغان بولماي نېمە؟ئۇلار خۇددى تاغنى تالقان،چۆلنى بوستان قىلىۋاتقاندەكلا ، ئۆزىنى ئوغۇزخانىنڭ پۇشتىدەك چوڭ بىلىپ تەكەببۇرلىق بىلەن ئۈلپەتداشلىرى بىلەن بىللە كاتتا<<رەڭلىك>>سورۇن تۈزۈشۇپ، جانان ۋىساللىرىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ،ئاتا-ئانىسنى قان-قان يىغلىتىپ،قاقشىتىپ ئالغان پۇللارنى تاغدەك دۆۋىلەپ قويغىنىچە يانپاشلاپ يېتىپ ،ھاراقنىىڭ ئادەتىتكىسىنى تىرناقچىلىكمۇ قېتىغا ئالماي ئەڭ ئالىي دەرىجىلىكلىرىنى ئېلىپ ئېچىشكە.ھەتتا تاماكىنىڭمۇ ئەرزانلىرىنى نەزىرىدن ساقىت قىلىپ زامانىمىزدىكى بازىرى ئەڭ ئتتك،ئۈنۈمى ئەڭ ئىلغار، تاماكا پادىشاھى دەپ <<نوبېل مۇكاپاتى>> ئېلىپ دۇنيانى زىل-زىلىگە سېلىۋەتكەن <<نەشە>>،<<خروئىن >>قاتارلىق نىجىسلارغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولغان بۇلاڭچىلىق،ئوغرىلىق،قاتىللىق،ئادەم بېدىكچلىكى،بانكا بۇلاش.پاھىشۋازلىق،پارە ئېلىش،خرويىن يۆتكەش ۋە سېتىش ،قىمار ئويناش قاتارلىق ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللنىش ئارقىلىق ھەتتا دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر قەدىردان ئاتا-ئانىسىدىن قىلىپ قالغان ،نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مۇبارەك تەۋەررۈكنىمۇ يېلتىزىدىن قۇرۇتۇپ گۈلدەك بەختلىك  ئائىلىسىنى تىكەن ۋە شۇمبۇيالار بىلەن قاپلانغان پەقەتلا  ئېغىر ھەسرەت-نادامەت،قايغۇ-ئەلەم،ئېچىنىشلىق سۈكۈنات ئۆز ئىسكەنجسىگە ئالغان قەبرىستانلىققا بىمەزگىل ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتماقتا،ئەجەبا،ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟؟ئۇلار ئەنە شۇنداق ئىنسان قېلىپدىن چىققان قىلىمش-ئەتمىشلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھايۋانىي ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى،كەيىپ- ساپالىرىنى قاندۇرالامدىغاندۇ؟؟ئۇلار نېمىشقىمۇ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ھەقىقىي گۈزەل مەناسىنى تولۇقراق چۈشەنمەيدىغاندۇ؟قىسقىسى بىز كۆز گۆھىرىمىز ئەمەس بەلكى ئەقىل گۆھىرىمىز ئارقىلىق جەمىئيتىمزگە نەزىرىمىزنى يۈگۈرتۇپ باقساق بۇ پەقەت ۋە پەقەت تىپىك ۋەكىلىدۇر.ئەمما بۇنداق قاباھەتلىك قىلمىشلار ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىندۇرالماي قالمايدۇ ،خالاس! .... B[_bJ*  
3;l>x/amk  
[بىز يەنە كۆڭۈ ل ئېكرانىمىزدىن جەمىيئتىمىزدىكى سادىربولۇش نىسبىتى ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان <<ئائىلە زوراۋانلىق>>لىقىغا ئۆتكۈر كۆزىمىز بىلەن قاراپ  باقايلى،يەنى نۆۋەتتىكى دەل بىز ياشاۋاتقان رېئال تۇرمۇشىمىزدا شۇنداق بىر مېھىر-شەپقەتسىز،كۆيۈمسىز،ۋاپاسىز ،ئادىمىيلىكتىن تېخى ئەسەر يوق ،ۋىجدانسىز،قارانىيەت، نائەھلى بىر قىسىم ئاتىلىرىمىزمۇ باركى،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ئاتىلىق بۇرچىنى،قەرىزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا پەرزەنتلىرىىنىڭ -كەلگۈسىدە نېمە بولۇشىدىن قەتىئينەزەر "ۋاي-ۋۇي،!!! بالا دېگەن ئۆزى ئويناپ،ئۆزى كۈلۈپ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ قالىدۇ، مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا دادامدىن3ياش ۋاقتىمدا قالغان ئەمەسمۇ! بالا دېگەننىچۇ خوتۇن باقماي نېمەقىلىدۇدەيمەن؟يا مەن مۇشۇ خوتۇن خەق بىلەن تەڭ ياقىلىشىپ ھەپىلىشىپ،پەپىلىشىپ،ئاۋۇ شۇملارنىڭ پوق-سۈيدۈكلىرىنى تازىلاپ 3ۋاق بۇلمىقىنى يىگۇزۇپ،نان چايناپ بەرسەم بولامتى يە!ھەي،مۇشۇ ئېغلغا ئوخشايدىغان ئۆيۈمگە كىرسەملا قۇسقۇم كېلىدۇ.ئىشكتىن كىرسەملا ئاۋۇ ياغلىقىنى قىيسىق چىگىپ تۇرغان ماڭقا خوتۇن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە مولۇندەك بېزىرىپ قاراپ تۇرغان،ئاۋۇ يېرىڭ-شۇملار قىقىراپ -چىقىراپ قۇلاق -مېڭەمنىيىگىلى تۇرغان،ئالدىنقى قېتىم شۇ كەيىپچىلىكدە ئاۋۇ ماڭقا خوتۇننى تازا سېلىۋاتسام،بىر يېرىم ياشلىق ئەركىن دېگەن شۇم ئويغىنىپ  كېتىپ يىغلاپ سالسا تۇتۇپلا تامغا قارىتىپ كۈچەپ بىرلا ئېتىپتىكەنمەن،شۇ جايدىلا ئۆلۈپ كەتتى دەڭلا!!!ھىلقى ماڭقا خوتۇننىڭ قوشنىلارنى نەدىندۇر باشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كاللامغا شۇ زامات نەدىن ئەقىل كەلدىكىن،شوتىغا چىقىپلا ئۆگزدىن سەكرەپ پارتىتدە تىكىۋەتتىم.كاللام بۇنداق چاغلاردا ئالامەت ئىشلەپ قويىدۇدېسە!شۇنىڭ بىلەن كەچتە خوتۇننى ئەمدى يەنە مۇشۇنداق قىلامسەن يوق؟ دەپ ئاستىمغا بېسىۋىلىپ ئانسىىدىن تۇغۇلغىنىغا پەندىيات يىگۈزۇپ قويدۇم.بېچارەمنىڭ ھى ھى ھى ئىككى تال   قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كېتىپ بالنىستا يىرىم ئاي يېتىپ ئۆرە بولدى دەڭلا!نېمىسىنى دەي ،تاپقان پۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئۆلگۈر قانجۇق،پاسكىنىغاخەجلەپ بەردىم ،ھەي ئېسىت،ھەي ئېسىت،ئۇ ماڭقىمۇ قاش كۆزى جايىدا،سەتەڭلەردىن بولغان بولغان بولسا،7قەۋەت تاۋار-دۇردۇننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇپ قويۇپ،ئايىغىدا بىر ئۆمۈر ئات-ئېشەك بولۇپ ئۆمىلەشكە رازىتىم جۇمۇ! W*DIW;8p  
ھازىر دېگەن ئۇ مېنىڭ ئۆزەمنى ئەمەس.سايەمنى كۆرسە زىر سىيىدۇ دەيمەن.خوتۇن دېگەن بىز ئەر لەرنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىدىن يارالغانمىش.شۇڭا ئەرلىك جاسارىتىڭى بىرەر قېتىم كۆرسىتىپ قويمىساڭ ،شىللەڭگە  ئېشەكتەك مىنگىلى تۇرىدۇ ئۇكام،ئەمدى شۇ <<ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا>>دەپتىكەن .تۈفى ئاناڭنى !!!ئەتىلائۇنىڭ خېتىنى بېرىپ قولتۇقىغائاۋۇتۆت شۇمىنى قىستۇرۇپ قويۇپ،ئىككى يۈزكويچەن بېرىپلا سەھراسىغا ئۇزۇتۇپ قويمامدىمەن؟!قورقايدىغان نېمە كەپتۇ!مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار،پۇلى دېگەن ساماندەك تۇرغان ئەركەك ئاۋۇ ئاسماندىكى ئاينىمۇ يۇلۇپ ئالالاممامدا؟قاراپتۇر ھە،ئەتىلا ئاۋۇ ماڭقىنى قويۇۋەتسەم ،نى-نى سەتەڭلارنىڭ ئىشىكىمنىڭ ئالدىدائۆچىرەت تالىشىپ تۇرۇشۇپ كەتمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي،تازا چەنلەپ ئولتۇرۇپ18ياشلىق نازنىنى ئالسام.پاھ! پاھ!پاھ!پەيزى بار جۇمۇئۇنداقلارنىڭ.  سەن بىلمەيسەن ئۇكام ،ئۇنداق قوزىلارنىڭ تېرىسىگە بىر قېتىم ئورىنىپ چىقساڭ جېنىڭ 10ياش ياشىرىپ كېتىدۇ.دەيمەن.سېنىڭمۇ كۆزۈڭنى بىر ئېچىپ قويايمۇ يە!!!>>دېگىنىچە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي غورۇرلۇق ئەركەكلەرگە .كۆيۈمچان ئاتىلارغا خاس مېھىر-مۇھەبىبىتىنى ئىبلىس ھەدىيە قىلغان قان رەڭگىدىكى قەدەھلەرگە مەردانىلەرچە بېغىشلىماقتا.يەنە كېلىپ مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە دۈم يېتىپ،دۈم قوپۇپ تاپقان تەرگىنىنڭ ھەمىمسىنى پەقەت ۋە پەقەتلا<<بېھىش>> كەيىپىنى سۈرگۈچى ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجاسەتكە خۇشاللىق بىلەن ھەدىيە قىلماقتا. بۇ نىجىسنڭ زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈدىغان ئەجەللىك خاتىمىسى مەلۇمكى ئۇشبۇ تەنلىرى ئەسكى تامدىكى خارابىلىقتەك ۋەيرانە-ۋەيرانە بولغان بىچارە ئاتىلىرىمىز نىڭ مۇبارەك كاللىلىرى شېرىن <<شەربەت>> تىن<< رەڭگارەڭلىشىپ>> ئىللىق ماكانىنىڭ يۆنىلىشنى  توغرا پەرق ئېتەلمەي بولۇپمۇ ،زىمىستان قىش -ئايازلارنىڭ جۇدۇن -چاپقۇن،شىۋىرغانلىرىدا،دوقمۇش-دوقمۇشلاردا،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا،يەر ئاستى يوللىرىدا،ئەخلەت تۇڭلىرىنىڭ يانلىرىدا،تاشيوللاردا ئېغىزىدىن<<كۆۋەجەپ>> چىققان <<ھەسەل>>لەرگە مىلىنىپ قىزىلگۈلنىڭ بەرگىسىدەك ئاپ-ئاشكارا كۆرۈنۈپ ،ئوڭ -تەتۈر ياتقان ھالدا ئۆز قەبرىستانلىقىنڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتماقتا........شۇنداقلا ۋاپادار ئاياللىرىنىڭ،ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ ناتىۋان قەلبىنى لەختە -لەختە قان قىلغان پېتى يېتىملىك ۋە تۇللۇقتىن ئىبارەت مۇساپىرلىق كوچىسغا سەرگەردانلىق بىلەن ياشىشىغا مەجبۇر قىلماقتا .ھەتتابەزى بىر قارا يۈرەك ئاتىلىرىمىز نىڭ<<دوغا>>تىكىدىغان پۇللىرى قالمىغاندا بىچارە ئايالىنمۇ بۇ ۋەيلۇن دوزاخقا زورمۇ -زور يالاپ ئاپارماقتا.شۇ ئاجىزەلەرمۇ ئىبلىسلارنىڭ چاڭگاللىرىدا ئانىدىن تۇغما  ھالەتتە تۇرۇپ تۆگىدەك بوزلاپ،دەمدەردەك بۇقۇلداپ ،ئاھۇ -پىغان ئىلىكىدە زار-زار يىغلىماقتا.ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس بەلكى قان سەلدەك قىيان بولۇپ ئاقماقتا.ئاھ!!!!ئۇلار  ئايال زاتى بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچىۋالا بەدەل تۆلەش كېتەمدۇ؟ ئەجەبا ئايال بولۇپ تۇغۇلۇش شۇنچە گۇناھمۇ؟<<ئەرلەر ئېزىز،ئاياللار خار>>دېگەن بۇ قالاق ئىدىيىدىن قاچانمۇ ئازاد بولارمىز ھە؟؟ شۇ ئاجىز ئاياللارنىڭ ئازابلىق نىدالىرىنى ئاڭلاش نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق !! قسىقىسى ئائىلە زوراۋانلىقى بەزى بىر قىسىم ئاتىلىرىمزنىڭ تۇمۇر-تومۇرلىرىغا.ئۈگە-ئۈگىلىرىغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئۇلار شۇقەدەر ياۋۋز ،قەبىھكى ،تاپقان-تەرگىننىڭ ھەممىسنى دوغاتىكىۋىتىپ ئاچچىغىنى دىلى سۇنۇق بىچارە ئاياللىرىنى دەشنام-ئاھانەت،مۇشت-كالتەكلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاجىز تەنلىرىنى قاتتق خورلاش ۋە ئازابلاش بەدىلىگە كۆڭۈل خۇشى تاپقان،جۈملىدىن تېخى ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن،ئويچان كۆزلىرىدىن مەيۈسلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان ھالدا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا قورقۇشقىنچەچاشقاندەك تۇگۈلىۋىلىشقان سەبىيلەرمۇ بۇ< < ۋەيلۇن دوزاخ>> ئۇچقۇنىنڭ چاچراپ كېتىشدىنمۇ ئەسلا خالى بولالمىغان.......توۋا،ئاشۇ ساداقەتمەن ئاياللاردا ،ئاۋۇ نارەسدە بالىلاردا زادى نېمە گۇناھ باردۇ؟ ئاشۇ نائەھلى ئاتىلىرىمىزنڭ يۈرىكى زادى تاشتىن پۈتۈلگەنمدۇ ۋە ياكى گۆشتىنمدۇ ؟ قېنى ئۇلاردىكى جەسۇرلىق؟ قېنى ئۇلاردىكى قەيسەرلىك؟ قېنى ئۇلاردىكى مەردۇ-مەردانىلىك؟ قېنى ئۇلاردىكى ئايالى ۋەپەرزەنتلىرگە بولغان مېىھر-مۇھەببەت؟ئەجەبا ئايالى ئەشۇ قارانىيەت،پەسكەش ئاتىلىرىمىزنڭ خالىسا ئويناپ،خالىسا تاشلايدىغان ئويۇنچىقغا ئايلىنىپ قالدىمۇ ؟ئاتا دېگەن ئۆينىڭ تۈۋرۇكى،ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ تاغدەك يۆلەنچىكى ،ھىمايىچىسى ئەمەسمىدى؟!ئەجەبا ئاشۇ نائەھلى ئاتىلىرىمىز،ھايۋاندىن قىلچە پەرقى قالمىغان ئاتىلىرىمىز ئاياللىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى،ۋىجدان -غورۇرنىمۇ سېتىۋالغان بولغىيمىىدى؟!قېنى ئەشۇ ۋاپاسىز ئاتىلىرىمىزدىكى ساپ ئىنساپ-دىيانەت؟ قېنى ئاشۇ ئاتىلىرىمىزدىكى ئەزىمەت روھى ؟ w{O3P"N2  
قېنى ئېيتڭلارچۇ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن؟ قىسقىسى بىز <<ئائلە زوراۋانلىقى >>دىن ئىبارەت بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشنى زادى قانداق قىلساق يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس قۇمۇرىۋىتەلەيمىز؟ زادى قانداق قلساق....؟؟ O2/w:zOg'  
دەرۋەقە، مۇكەممەل ئايال دېمەك-گۈزەل مەملىكەت دېمەكتۇر.ياخشى ئايال دېمەك ئۆينىڭ   ئوتلۇق يۈرىكى دېمەكتۇر.. ئايالسىز بۇ دۇنيا گوياكى يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ،قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان يالىڭاچ دەرەخكە ئوخشايدۇ،توغرا،ئايال كۈلسە دۇنيا كۈلىدۇ،ئايال يىغلىسا دۇنيامۇ قوشۇلۇپ يىغلايدۇ.ئاياللار توغرىسىدا بىڭ شىېن :<<ناۋادا ئاياللار بولمىغان بولسا ،بۇ دۇنيا كەم دېگەندە،ئوندىن بەش ئۈلۈشى <<  چىنلىق >>نى ،ئوندىن ئالتە ئۈلۈشى <<ياخشىلىق>> نى .ئوندىن يەتتە ئۈلۇشى <<گۈزەللىك>> نى يوقىتىپ قويغان بولاتتى>>دەپ ئېيتقانىكەن.شۇنداقلا مەشھۇر مۇتەپەككۈرىمىز بىكون ئەپەندى:<<ئەخلاق بولمىغاندا، ئىنسانىيەت پەقەت ئالدىراڭغۇ،زىيانلىق، ئەمما تولىمۇ بىچارە بىر مەخلۇق بولىدۇكى،ئۇ ھەر قانداق ئەرزىمەس پارازىت قۇرۇتتىن ئالاھىدە پەرقسز بولۇپ قالىدۇ.>>دېگەنىكەن.لېكىن بۇ رېئال تۇرمۇشىمىزدا ياشاۋاتقان يەنىلا بىر قسىم ھاياسىز خانىم -قىزلىرىمىزئۆزلىرىنىڭ ئالتۇنغا تېگۈشكۈسىز ئىپپەت -نومۇسىنى،غۇرۇر-ۋىجدانىنى، ھايا-نومۇسنى،پەدىشەپىنى بىر چەتكە<<مەردانىلەرچە>> قايرىپ قويۇپ ئەيش -ئىشرەتخانىلاردىن ئىبارەت ئىبلىس قەدىمى يەتكەن <<ۋەيلۇن>>دا يىرىم يالىڭاچ كىيىنىپ،<<بايۋەچچە>>لەرنىڭ كۆزىدىن <<ئوت>> چاقنىتىپ ئۆزىنى خۇددى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىپ كەتكەن ئەۋلىيادەك پەخىرلىنىپ يۈرمەكتە.ئەنە شۇنداق بىر قىسىم ھاياسىز خانىم-قىزلىرىمىز پەقەت ۋە پەقەت قىپىقىزىل <<جانان>>نىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ئارزۇ ئارمانىنى،نىيەت -ۋۇجۇدىنى،ئىپپەت -نومۇسىنى،غۇرۇر -ۋىجدانىنى، قىسقىسى ئاياللىق لاتاپىتىنى،نازاكىتىنى، سېھرىي-كۈچىنى ئۆز قولى بىلەن پايخان قېلىۋاتماقتا،دەپسەندە قىلىۋاتماقتا،خالاس!ئۇلار دەل شۇ قىپقىزىل <<جانان >>غا مۇشەررەپ بولۇش ئۈچۈنلا <<ۋاز كېچىش>>تىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس <<سەنئەت>>تنى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك نىشانىغا ئايلاندۇرۋالماقتا.شۇنداق،ئەنە شۇ خانىم- قىزلىرىمىز ھايا-نومۇستىن ئەبەدىلئەبەد مۇستەسنادۇر.شۈبھىسىزكى ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈمچلىك ۋە شەخىسيەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن ياشاۋاتقان بىر قىسىم  ئاياللىرىمىز بولۇپ ئۇلار ھاياتنىڭ شېرىن لەززىتىنىدىن مەڭگۇ مەرھۇمدۇر. ئېھتىمال،ئۇلار ئۆزلىرى تاللىۋالغان بۇ <<سەنئەت>> نىڭ ھەقىقىي  ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەندە  پۈتكۈل مەۋجۈدىيەتتىن تامامەن ئايرىلىپ <<قىپىيالىڭاچ >>بولۇپ پۇشايمانغا ئالىدىغان قاچىسىنىمۇ تاپالماستىن مەڭگۈ لۈلۈك تىرىك <<مۇردا>> غا ئايلىنىپ، ئۆز ۋىجدانىنڭ <<مەھبۇس>>سغا ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇ چاغدىلا ئەنە شۇ  ۋاقىتتا  نومۇسسىز خانىم-قىزلىرىمىز ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ قاتتىق قوللۇق <<كاپىتان>>نىڭ قوماندانلىقىغا شەرتسىز  بويسۇنۇپ، بىر ئۆمۈ ر يۈزىگە <<قارا >>سۇۋاپ قۇ ل بولماقتىن باشقا چىقىش يول  قالمايدۇ.ئەنە شۇ  ھاياسىز خانىم -قىزلىرىمىز  جەمىئىيىتىمىزدىكى بىر قولىدا بۆشۈك تەۋىرىتىپ يەنە بىر قولىدا ئالەمنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۈپ تەۋرتىۋاتقان مۇقەددەس ئانىلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرمەكتە.شۇنداق ،ئەنە شۇ نومۇسسىز ئاياللىرىمىز ھامان بىر كۈنى  ھوشىنى تاپقاندا شەرمەندىچلىكتىن  ھالسىزلىنىپ ھاياتلىق ۋە ماماتلىق ئارىسىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي تېڭىرقاپ يۈرگۈچىلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ .ئاقىۋەتتە  ئۇلار  ياشاشتىن ئۆزلىكدىن  ۋاز كېچىپ لەھەت ئازگىلىغا ئۆزىنى <<بېغىشلاپ>> تەسلىم بولىدۇ ،خالاس !جۈملىدىن بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت جەمىئيىتىڭ چېچەك پەسلىنى ۋەيران قىلماقتا.روھىي ئالىمىگە چاڭ سالماقتا. مانا مۇشۇنداق كىشىنى سەسكەندۇرۇدىغان ناچار ئىللەتلەر بىزنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا ناچار ئۇل ھازىرلاپ بەرمەسمۇ؟ .ناۋادا يەنە شۇ  نومۇسسىز،شەرمەندە ئاياللىرىمىز قەلبىدىكى ئەسەبىيلەرچە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقان شۇ  تەلۋە ئىبلىسنىڭ ھىيلە -مىكرلىرگە تەسلىم بولۇپ بەرسە ،ئۇنداقتا كەلگۈسىدىكى مەيلى قىز،مەيلى ئوغۇل بولسۇن .شۇ سەبىيلەرگە ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانىنى قانداقمۇ  ئالداپ تۇرۇپ ،ئۇلارغا تەلىم- تەربىيە بېرەلەيمىز.قېنى جاۋاپ بەرگىن ۋىجدان، قېنى بىر جاۋاپ بەرگىن خام سۈ ت ئېمىپ  چوڭ بولغان بەندىلەر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! قېنى ماڭا بىر چىن يۈرىكىڭلاردىن چىقىرىپ جاۋاپ بېرىپ بېقىڭلارچۇ؟........ |>}0? '/]  
ئومۇمە قىلىپ  ئېيتقاندا،ئۈزۈلمەس ھاياتلىق سىمفونىيىسىنىڭ لىرىك -لەرزان نوتىلىرىدا  ھەر كىم ھەر خىل تەقدىر- قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەي ئىلاجىسىزدۇر.تەقدىر -قىسمەتتىن ھېچكىممۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. توغرا،ئىنسان بۇ دۇنياغا ئەلۋەتتە بىر ئۆمۈر ئاھۇ-پەرياد ئۇرۇپ،ئازاپ چېكىش ئۈچۈنلا ئاپىرىدە بولمىغاندە!بىز چوقۇم ياشىغان ئىكەنمىز ،ھەمىشە بىلكوفتەك غىلاپ ئىچىدە يوشۇرۇن خەتەرلىك يوللار بىلەن <<ئابىدە>> تىكلەپ ياشىغاندىن كۆرە،ھەقىقىي ،ساپ ۋىجدان -غورۇر بىلەن قورقۇنچلۇق ئادالەتسىزلىك كېمىسىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ گۈزەل دۇنياغا يۈزلىنشىمىز،بۇ دۇنيانىڭ ھەقدادىغا يەتكەن ھۇزۇر-ھالاۋەت ۋە نازۇ -نېمەتلىرىدىن بىردەملىك بولسىمۇ لەززەتلىنىشىمىز.بۈيۈك ئازۇ -ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى ۋىسال تاپقۇزۇشىمىز كېرەك.قەلب سارىيىڭىزدىكى بالىق رەزىللىكلەردىن سەسكىنىپ ئويغىنىڭ ،سىز قاچانغىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئىڭراپ ياتماقچى. سىز قاچانغچە قەلىبڭىزدىكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قۇتراۋاتقان ھوقۇققا  ئىتائەت قىلىپ  قاچانغىچە ئۇنىڭ ھۆكۆمرانلىقىدا قۇل بولۇپ ياشايسىز.؟ئۆزىڭنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئاداققىچە بىر  كۈرەش قىلىپ باقمامسىز؟!سىز شۇنى بىلىپ قېلىڭكى ،ھورۇن ،دائىم تەقدىرىن قاقشاپ-ۋايساپلا يۈرىدىغان ئادەم رەزىللىك بۆشۆكىنى  ياسىغان ئادەم بولۇشى مۇمكىن.ئەگەر سىزنىڭ يەتتەئەزايىڭىز  ساق ،بېجىرىم ئادەم بولسىڭىزلاھەر قانداق ئىشتىن ئىشلاردا ئاكتىپلىق بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ بېقىڭ.پاسسىپلىق ئۇ سىزنى ئۆزىڭىزدە بار بولغان تۇغما تالانىتنى ھالاكەت گردابىغا سۈرگۈن قىلىشتىكى ئەڭ خەتەرلىك ،ئەڭ ۋەھشىي  نىقاپلىق قاتىلنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ،ئاتاقلىق مۇتەپەككۈرىمىز كۇيىن :<<ھاياتلىقنى ئىمكانىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان بىردىنبىر نەرسە -مەڭگۈلۈكتۇر ،چىدىغىلى بولمايدىغان تۇراقسىز ،كېلەر قېتىم نېمە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكتۇر.>>دېگەنىكەن دېمەك،ھايات تىرىشقان ۋە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەڭگۈ ھېكمەت،غېرىبلار ئۈچۇن ساخاۋەت ،ئىقىتسچادچىللار ئۈچۈن بەخت-سائادەت،ئۈمىدۋارلار ئۈچۈن ياقۇت كانى .مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۈچۈن غەلىبە سەھىنىسى ،دانالار ئۈچۈن ئىلىم -مەرىپەت، ئۈمىدۋارلار ئۈچۈن روھىي ئوزۇق ،تۇرمۇش يولىنى تاپالماي تېنەپ -تەمتىرەپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن ماياك ،گۆدەكلەر ئۈچۈن پەر -قانات، ھەقىقىي مەردانە ،ئەزىمەتلەر ئۈچۈن ئۈچۈن گوياكى پۈتمەس -تۈگىمەس غايىپ خەزىنىدۇر .ۋاھاكازالار............. f]A6Mx6  
                                                                                                                                             2010.12.25    

muhammad2010-12-25 22:14
ئىتىقات بولمىغان ئادەمدەياشاش بىر زۇلۇم . pBnf^Ew1  
ئىتىقاتى بار ئادەم ئۇچۇن بۇھايات گۇھەر قازىدىغان دەريادۇر u,,WD  
ئاللا بىزنى نىمە ئۇچۇن ياراتتى.بىز نىمەئۇچۇن ياشايمىز.بىز نىمەئۇچۇن ئەۋلات قالدۇرمىز.بۇبى چۇشەنگەندە sPTUGx'  
ھاياتنىڭ نەقەدەرگۇزەلىكىنى ھس قىلىمىز. 3a)Q:#okD  
Z#:@M[HH{  
vG_v89t!ex  
قەنى بىرلىكتە قايتىدىن ئويلىشايلى .

pak~kalip2010-12-25 22:21
نەقىل
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى muhammadدە2010-12-25 22:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : wb"t:(>&  
ئىتىقات بولمىغان ئادەمدەياشاش بىر زۇلۇم . !`E2O*g  
ئىتىقاتى بار ئادەم ئۇچۇن بۇھايات گۇھەر قازىدىغان دەريادۇر vG:,oB}  
ئاللا بىزنى نىمە ئۇچۇن ياراتتى.بىز نىمەئۇچۇن ياشايمىز.بىز نىمەئۇچۇن ئەۋلات قالدۇرمىز.بۇبى چۇشەنگەندە B%;+8]  
ھاياتنىڭ نەقەدەرگۇزەلىكىنى ھس قىلىمىز. |<icx8hbr  
0_izTke  
....... CMUphS-KE  
-8e tH&  
ئنتايىن توغرا گەپ. ھەمىمىز ئويلىشىشىمىز كىرەك.

kosowuluk2010-12-25 23:20
ھاياتلىق، ئۇ بىر سەرمايە.ئۇنى توغرا ئىشلىتىش ،ئىشلەتمەسلىك ئۆزۈڭىزگە باغلىق G&Sg .<hn  
لېكىن قانداقلا ئشلىتىڭ ياكى ئشلەتمەڭ سىزگەئاشۇ ھاياتلىقنى بەرگۈچىگە قانداق ياشىغىنىڭىزنىڭ ھېسابىنى بېرسىز.شۇڭا  ھايۋاندەك ياشماي ھەقىيقى بىر ئىنساندەك ياشايلى! 5OE?;PJ(  
كەچۇرۇڭلار خاتا سۇزلەپ قويغان بولسام تۈزتۈپ قويارسىلە!

hedayat2010-12-27 11:55
توغرا دەيسلەر،دوستلىرىم!ھايات دېگەن چەكلىك.شۇڭا ياخشى ئىزلارنى قالدۇرۇش ئارقىلىق ياشاش كېرەك.  بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا،مەن ھەقىقەتەن  جەمىيىئتىمزدىكى بىر قىسىم  بولمىغۇر  ئىشلارغا قاراپ  تولىمۇ ئېچىنىپ كەتىتم. تولىمۇ قايناپ كېتېپتىمەن.خەير، ھەمىمڭلارغا بەخت-ئامەت يار بولسۇن. مېنى قوللاپ -قۇۋۋەتلىرىنىڭلارغا كۆپتىن -كۆپ رەھمەت..

گۈلچى2011-01-11 14:53
بىزنىمىشقا تۇغۇلدۇق؟نىمە ئۈچۈن ياشايمىز؟

pirak2011-02-10 23:26
تىمىڭىزنى وقۇپ بەكمۇ سۇيۇندۇم ھەممەيلەن ويلىنىشقا تىگشلىك تىما كەن     

salkin112011-02-21 23:00
مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ...

pakkalip2011-03-12 23:28
    

sadakat2011-04-01 23:59
            

karikaxogli2011-04-04 08:02
      


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھايات رېئاللىق ۋەمەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.024114 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us