旧河床 | 2010-12-24 01:06 | چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر 1":{$A?OB }RoM N$r كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى U}qW9X;o Z-vzq; بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى Jl9T[QAJn1 lI5{]?' 9 . باپ قەدىمى قەۋرە <~Y4JMr" Y@r#:BH) مەن يان تىلفۇننى قولۇمغا ئىلىپ قاراپ بۇ تىلفۇننىڭ بۇ يەرگە چۈشۈپ قالغانلىقىغا تىخى ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى ھەمدە يان تىلفۇندا قان دىغىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ كۆڭلۈمدە : " بۇ تىلفۇن ئاسماندىن چۈشمىگەندۇ ؟ قارىغاندا بۇ يەردە بىزدىن باشقا يەنە بىر توپ ئادەم بولسا كىرەك " دەپ ئويلىدىم . مەن تىلفۇن دەپتىرىمنى ئىچىپ قارىسام بىر نەچچە باشقا دۆلەتنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى بار ئىدى . ئۇچۇر ساندۇقىدا ھىچقانداق ئۇچۇر يوق . كەنجى تاغام : " قارىغاندا بۇ تىلفۇننىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ تىلفۇننى تاپشۇرۇپ بىرىش مومكىن بولمىسا كىرەك . تىزدىن يولىمىزغا ماڭايلى " دىدى . مەن تۆت ئەتراپقا سەپسىلىپ قارىغان بولساممۇ باشقا يىپ ئۇچى بولمىغاچقا يولنى داۋام قىلىۋىتىپ بۇ تىلفۇننىڭ ئىشىنى ئويلىدىم . بۇ ئادەمسىز يىراق جاڭگالدا زامانىۋى ئالاقىلىشىش قۇرالىنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشى مىنى خىلىلا ئەجەپلەندۈرىۋاتاتتى . مەن قېرىدىن يىقىندىن بۇيان بىزدىن باشقا كىشىلەر بۇ ئورمانلىققا كىردىمۇ – يوق دەپ سورىدىم . ->j9(76 " قېرى بىر خىل ئەنسىز كۈلۈپ : " تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئون نەچچە ئادەم كىرىپ كەتكەن ، ھازىرغىچە قايتىپ چىقمىدى . بۇ ئورمانلىق بەك خەتەرلىك ، بەگلىرىم بىز ھازىر قايتىپ كەتسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز " دىدى. %d?%^)u, ئاكۈي ئارقىدىنلا : " شۇ جادۇگەر ئالۋاستى – جىنلارغۇ ؟ ساڭا دىسەم بىزنىڭ بۇ كىچىك بىگىم نەچچە مىڭ يىللىق مۇردىنىمۇ تىزلاندۇرغان يەردە ئۇنچىلىك غەلىتە نەرسە دىگەن ئۇنىڭغا نىمىتى ؟ " دەپ بوتۇلكىغا قارىدى . بىراق بوتۇلكا ئاكۈينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىماسقا سالدىمۇ بىلمىدىم ، ئاكۈيگە ئازراق ئىپادىمۇ بىلدۈرمىدى . xpS#l"dr مۆرىلىرىم دۈمچەكلىشىپ ھالىمدىن كىتىپ كۆزلىرىمگە يۇلتۇزلار كۆرۈنگەندە نىشانغا يەتتۇق . 0CDTj,eK ئۇ يەردىكى ئون نەچچە ئورۇندا ھەربىيلەرنىڭ چىدىرىنى كۆردۇق ، ھەربىيلەر چىدىرىنىڭ سۈپىتى ئىنتاھىن ياخشى بولۇپ گەرچە چىدىرنىڭ ئۈستىگە چىرىگەن يوپۇرماقلار دۆۋلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ چىدىر ئىچى يەنىلا شۈنچىلىك رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى . چىدىر سىرتىدا بىر مۇنچە تۇرمۇش بويۇملىرى ھەم قۇرال جابدۇقلار چىچىلىپ ياتاتتى . قارىغاندا بۇ ھىلىگەر قېرى يالغان سۆزلىمىگەن چىغى . rVN|OLh بىز ھەتتا قۇرال – جابدۇقلار ئارىسىدىن بىر دانە گىنراتۇر ۋە نەچچە تۇڭ بىنزىن بارلىقىنى بايقىدۇق . ئاكۈي گىنراتۇر بىلەن خىلى ئۇزاق ھەپىلەشكەن بولسىمۇ توك چىقىرالمىدى ، بىراق بىنزىندا مەسىلە يوق بولۇپ ئىشلىتىشكە OK ئىدى . مەن بۇ ئادەملەرنىڭ نەرسە – كىرەكلىرىنى ئاختۇرىۋىتىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بويۇملىرىدىن تارتىپ ھەربى چىدىرىغىچە بولغان ھەممە ماددى بويۇمىنىڭ ماركىسىنى سۆكىۋەتكەنلىكىنى بايقىدىم . بۇ ئادەملەر ئىنتاھىن غەلىتە ،ئەجىبا ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمايدۇ ؟؟ 8F@6^9C بىز بۇ لاگىردا ئوت يىقىپ ئاددىيلا قىلىپ كەچلىك تاماق يىدۇق . ئاناڭنى ، پىرىسلانغان يىمەكلىكنىڭ تەمى ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ پىقىر 3 – كىچىك بەگزادە ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى يەپ باقمىغان بولغاچقا بىر نەچچە چىشلەم يەپلا كۆڭلۈم تارتمىدى . >Ek`PVPD بوتۇلكا بىر تەرەپتىن تاماق يەۋىتىپ يەنە بىر تەرەپتىن خەرىتىدىكى ھىلىقى غەلىتە تۈلكە يۈزلۈك جاينى كۆرسۈتۈپ تۇتۇپ : " بىز ھازىر چوقۇم مۇشۇ يەردە " دىدى . $GPA6 ھەممىمىز ئۇنىڭغا يىقىنلاشتۇق . ئۇ يەنە : " بۇ جاي نەزىر – چىراق قىلىدىغان يەر ، ئاستىدا چوقۇم نەزىرە چىراق مۇنارى ياكى مەيدانى بار ، قوشۇپ دەپنە قىلىنغان نەزىر چىراق بويۇمى چوقۇم ئاستىدا " دىدى . G_o/ lIz" كەنجى تاغام زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بىر ئۇچۇم توپا ئىلىپ پۇراپ بىشىنى چايقاپ ، بىر نەچچە قەدەم يىراقتىن يەنە بىر ئۇچۇم توپىنى پۇراپ بولۇپ : " بەكلا چۇڭقۇر كۆمۈپتۇ ، بىر نەچچە گۈرجەك توپا ئىلىپ قاراپ باقايلى " دىدى . huQ1A0(no كەنجى تاغام پۇتى بىلەن بىر مىتىر ئەتراپىدا چەمبىرەك سىزىپ بىزگە قول سالىدىغان جاينى كۆرسىتىپ بەردى . ھەممىمىز رەزبىلىك پولات تۇربىنى قۇراشتۇردۇق . ئاخىرىدا ئاكۈي گۈرجەك بىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولۇپ بايام تاغام سىزىپ بەرگەن يەرگە قارىتىپ قىسقا دەستىلىك بولقا بىلەن كۈچەپ قىقىشقا باشلىدى . كەنجى تاغام قۇلىقىنى يەرگە يىقىپ بىر نەرسىنى ئاڭلىماقچى بولىۋاتاتتى . بىز 13 تال پولات تۇربىنى ئۇلىدۇق . ئاكۈي بىرنەچچىنى ئۇرىشىغا كەنجى تاغام تۇيۇقسىز : " بار ئىكەن " دىدى . -~aVt~{k/ ئاكۈي بىلەن پەنزې ئىككىسى گۈرجەكنى بىر بۆلەك – بىر بۆلەكتىن تارتىپ چىقاردى . ئەڭ ئاخىرىدا گۈرجەك بىشىنى تارتىپ چىقىرىپ گۈرجەك بىشىدىكى توپىنى گۈلخان يىنىغا ئەكىلىپ بىزگە كۆرسەتتى . كەنجى تاغام بىلەن مەن بىر كۆرۈپلا چىرايىمىز ئاقىرىپ كەتتى . ھەتتا بوتۇلكىنىڭ چىرايىدىمۇ ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى . بۇ توپا قان بىلەن سۇغۇرۇلغاندەك ، قىپقىزىل سۇيۇقلۇق گۈرجەك بىشىنى بويلاپ يەرگە تىمىۋاتاتتى . sVC5<?OW!p كەنجى تاغام ئىككىمىز قانلىق مۇردا توغۇرلۇق ماتىرىيال كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان . بىراق ھەقىقى قانلىق مۇردا قانداق بولىدۇ ؟ بوۋامنىڭ خاتىرىسىگە تايىنىپ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ئانچە مۇھاپىق ئەمەس ، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى بۇ جايدىن قان تىمىپ تۇرغان توپىنىڭ چىقىشى ئاستىدا بىر قەۋرىنىڭ بارلىقىنى ، بولغاندىمۇ ئادەتتىكى قەۋرە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . iFHVr'Og' مەن كەنجى تاغامغا قانداق ھۆكۈم چىقىراركىن دىگەن نەزەردە تىكىلدىم . كەنجى تاغام تاماكىنى كۈچەپ شورىغاندىن كىيىن : " قانداق بولمىسۇن ئاۋال كولاپ بولۇپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى " دىدى . بىر تەرەپتە پەنزې بىلەن ئاكۈي كولاۋاتاتتى . ئاكۈي بىر نەچچە گۈرجەك توپىنى كەنجى تاغامنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى كەنجى تاغام ھەربى خەنجىرى بىلەن توپىنى بۇرنى ئالدىغا ئەكىلىپ پۇرىغاندىن كىيىن يەرگە بىرنىمىلەرنى سىزىشقا باشلىدى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن قەۋىرنىڭ ئىنىق ئورنىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم . بىر دەمدىن كىيىن كەنجى تاغام يەرگە تەخمىنەن قىلىپ قەۋرىنىڭ دائىرسىنى سىزىپ چىقتى . '2)d9_ w ئورۇن بىكىتىش ‹‹ سىغىزچىلار ›› نىڭ ئەڭ ئاساسى ھەم ئەڭ موھىم بىلىمىنىڭ بىرسى بولۇپ ئادەتتە ئۈستى قانداق بولسا ئاستىمۇ شۇنداق بولاتتى . ‹‹ سىغىزچىلار ›› ئورۇن بىكىتىشتە ئالدىراپ خاتالاشمايتى . بىراق مەن تاغامنىڭ بىكىتكەن دائىرسىگە قارىسام بىر يەرلىرى نۇرمالسىز كۆرىنەتتى . كۆپ ساندىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەۋرىلەردە قەۋرە ئوردىسى ياسالمايتى . بىراق تاغامنىڭ سىزغان قەۋرە دائىرسىدە قەۋرە ئوردىسى بار ھەمدە تورىسى قىشتىن قوپۇرۇلغان ، بۇ تازا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتى . كەنجى تاغام دائىرە خەرىتىسىنى ئالقىنى بىلەن ئۆلچەپ جەسەت قويۇلغان ئورۇننى پەرەز قىلىپ چىقتى بولغاي بىزگە قاراپ : " قەۋرىنىڭ تورىسى قىشتىن قوپۇرۇلغان . گۈرجەك بىلەن تەشكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا پەقەت ئەمىلى تەجىربىگە تايىنىپ تەخمىنى ئورنىنى بىكىتىشكە توغرا كىلىدۇ ، بۇ يەر ئاستى سارايى بەك غەلىتە ئىكەن ، مەن قەيەردىكى قىش قاتلىمىنىڭ ئاجىزراق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدىم . ئامال يوق ، شۇڭا سۇڭ دەۋرىدىكى قەۋرىلەرنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن ئاۋال ئارقا تامدىن كامار كولاپ كىرىپ باقايلى ، ئەگەر بۇ ئامال بولمىسا يەنە باشتىن كىلىمىز ، شۇڭا پۇت – قولۇڭلارنى تىزرەك قىلىڭلار " دىدى . j[z\p~^ تاغام ھەم ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى نەچچە ئون يىل ئوغرى كامىرى كولىغاچقىمىكىن سۈرئىتى ئىنتاھىن تىز ئىدى . ئۈچ تال ئايلانما گۈرجەك ئۇسۇلغا چۈشۈپ بىر دەمدىلا يەتتە – سەككىز مىتىر كولاپ بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەمسىز جاڭگاللىق بولغاچقا كولاپ چىقىرىلغان توپىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولۇپ بىردەمدىن كىيىن پەنزىنىڭ تۆۋەندىن ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . " پۈتتى !!! " ئاكۈينىڭ ئۆڭكۈردە ئىيىتقانلىرى لاپ ئەمەسكەن ، ئۇ كامارنىڭ ئاستىنى ئىنتاھىن كەڭ قىلىپ كولاپ خىلىلا چوڭ دائىرىدىكى قىش قاتلىمىنى كۆز ئالدىمىزدا نامەيان قىلدى . بىز نەچچىمىز كانچىرىغىنى ياندۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا بوتۇلكا ئاكۈينىڭ قولى بىلەن قىش تامنى چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئاكۈينىڭ قولىنى ‹‹ كاپ ›› لا قىلىپ تۇتىۋىلىپ : " چىقىلما " دەپ ۋارقىرىدى . بوتۇلكا ئۇزۇن ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ قەۋرە تىمىدىكى قىش بىلەن قىش ئارلىقىدىكى كىچىكلكىنە بوشلۇقنى بويلاپ خىلى ئۇزۇن سىلىغاندىن كىيىن : " بۇ تامنىڭ ئوتتۇرسىغا ئوغۇردىن مۇداپىيە كۆرۈش قەۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن . قىشنى سۇغارغاندا پەقەت سىرىتقا تارتىشقىلا بولىدۇ ، ئىچىگە ئىتتىرىشكە ، ئۇرۇپ – چىقىشقا قەتئى بولمايدۇ " دىدى . wj?fr? پەنزىمۇ تامنى سىلاپ تۇرۇپ ئىيىتتى : " قانداقسىگە ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرمىغاندۇ ؟ بۇ تاش كىسەكلەرنى بىر – بىرىگە قانداق قىلىپ مۇشۇنداق جىپسىلشتۇرغاندۇ ؟ " jt]+(sx بوتۇلكا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشخۇل ئىدى . ئۇ تۇيۇقسىز بىرلا كۈچەپ قەۋرە تىمىدىن بىر دانە قىشنى سۇغۇرۋالدى . بۇ قەدىمكى زاماندىكى قىش ئىنتاھىن مۇستەھكەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بارماققا تايىنىپ قىشنى سۇغۇرۇشقا قانچىلىك كۈچ كىتەر ؟ ئۇنىڭ بۇ بىر جۈپ بارمىقى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى بارماقلاردىن ئەمەس ئىدى . بوتۇلكا قولىدىكى قىشنى يەرگە قويۇپ قىشنىڭ كەينى تەرىپىنى بىزگە كۆرسەتتى . قىشنىڭ كەينىدە سارغۇچ قىزىل رەڭدىكى مومدەك بىر نەرسە بار ئىدى . ئۇ بىزگە قاراپ : " ناۋادا بۇ قىش زەربىگە ئۇچراپ ئوتتۇردىكى موم قاتلىمىغا سوقۇلسا ئەسلىدىنلا كىسلاتاغا تويۇنغان موم قاتلىمىدىكى كىسلاتا بىلەن يەنە بىر خىل سۇيۇقلۇق سوقۇلۇش تەسىرىدىن ئوت ئالىدۇ دە ، قەۋرە بىلەن قوشۇپ بىزنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ " دىدى . zJV4) مەن بوتۇلكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بولۇپ كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ، بۇنداق كىسلاتادىن پايدىلنىپ تام ياساشنى كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى ؟ ئەينى زاماندىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغاندىمۇ ؟ " دىگەنلەرنى ئويلىدىم . %]Bb;0G كاللامدا تۇيۇقسىز ئىنتاھىن قورقۇنۇچلۇق بىر خىيال پەيدا بولدى . ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتىكى بوۋام كۆرگەن تىرىسى يوق ، بەدىنىدىن قان تەپچىپ تۇرغان ھىلىقى مەخلۇق قانلىق مۇردا ئەمەس بەلكى كىسلاتادا كۆيۈپ كەتكەن ئۇلۇغ بوۋام ؟! ئۇنداقتا بوۋام ئاتقان بىر نەچچە پاي ئوق ئۆز دادىسىغا قارىتىپ ئىتىلغان ؟ ؟؟ ?& |
|