ئەزرائىل چېللىغان بالا ( ھېكايە ) v0}R]h~>\H `"* ]C ھاياتىمنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى بىلەن خوشلىشىپ يېگىتلىك كوچىسىغا قەدەم ئېلىپ ، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ تۇرمۇشۇمنىڭ بەخىتلىك مىنوتلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى . g~i%*u,Y< بىر كۈنى ئاخشىمى ئەمدىلا ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفونۇمنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىغان ئاۋازى ئارامىمنى بۇزدى . تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام دوستۇم ئابلېكىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن . 3h-C&C تىنچ-ئامانلىق سورىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ماڭا : @1UC9}> - ئاداش ، ئەركىن قازا قىپتىكەن ئەتە ئەتتىگەندە نامىزىنى چىقىرىدىكەن ، شۇڭا سېنى خەۋەردار بولۇپ قالسۇن دەپ كەچ بولغىنىغا قارىماي ساڭا تېلېفۇن قىلغانتىم دېدى . 97%S{_2m/ - قايسى ئەركىن ئۇ ؟ .7|kxJq - بىز بىللەئۇقىغان ئەركىنچۇ ؟ ئەركىن كۇلىيچى ... ئەمدى ئېسىڭگە كەلگەندۇ ؟ W"a% IO%' - ھە، ئېسىمگە كەلدى. ئۇ نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ؟ `Z3p( G - ئاق چېكىپ قېتىپ قاپتۇ دەيدۇ ... Qg\{d)X[N - نېمە ؟ - يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ يۈرۈكۈمدە ئاچچىق بىر سېزىم پەيدا بولدى . ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرى ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا بولغان ئىدى . \<bar ~ ئابلېكىم بىلەن خوشلىشىپ خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم . `(rnD كاللامدا نۇرغۇن خىيال ، نۇرغۇن سوئال ، يەنە نۇرغۇن ... 4._U خۇددى چىۋېن يەۋالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى . G2A^+R0\ I|27%i ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان ئەسكىلىكلىرى گوياكى كىنو لىنتىسىدەك بىر - بىرلەپ كۆڭۈل ئەينىكىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى ... +l "z ئەركىن ، بويى ئېگىزرەك كەلگەن ، چىرايى سەل قارامتۇل بولۇپ ، يوغان كۆزلىرى ئۇنىڭ قاڭشارلىق بۇرنى ئەتىراپىدىكى سەپكۈننى يۇشۇراتتى ... Q,.[y"m9Y. y]5c!N %8 مەن ئەركىن بىلەن بىر مەھەللىدىن بولۇپ بىز كىچىكىمىزدىن بىللەئويناپ ،مەكتەپلەردە بىللەئۇقۇغان ، كېيىن ئۇ ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي ، جەمىئەتكە چىقىپ كەتكەن ۋە جەمىئەتتىكى ( ئەسكى ) دىگەن نامى چىقىپ كەتكەن بالىلارنىڭ كەينىگە كېرىپ تاماكا چېكىپ ، ئاتا-ئانىسىنى قاخشىتىپ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتماي بارلىق ئەسكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك قىلىپ لاغايلاپ يۈرگەن ئېدى . X<OOgC ئەركىننىڭ ئاتا- ئانىسى دىنى ئېتقادى ياخشى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىدى . E9]/sFA-] ئاتا- ئانىسى ئۆيلەپ قويساق ئوڭشىلىپ قالار دىگەن نىيەتتە قوشنا يېزىدىكى بىر قىزنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويغان ئىدى . لېكىن ئىش چوڭلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى . ئۇ ، ھەدىسىلا ئايالىنى ئۇرىدىغان بولىۋالدى . /R2K3E# چوڭلارنىڭ تەسەللى قىلىشى بىلەن كېلىنچەكمۇ سەبر قىلىپ ئوڭشىلىپ قالار دەپ ئولتۇردى . tocZO لېكىن ئۇ ئوڭشىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنە ھاراققا ئۆگىنىۋالدى . شۇ مەزگىللەردە ئەركىننىڭ ئايالىنىڭ بويىدا قالدى ، لېكىن ئۇ بىر كۈنى كەچ ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ ئۆيىگە كىلىپ ئايالىنى ئۇرۇپ بويىدىن ئاجىرتىۋەتتى . _|!FhZ دوختۇرلار ئايالىنى تەكشۈرۈپ ئەمدى بالىلىق بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى . M+mO4q6 بۇ تاياقنىڭ زەربىسىدىن خېلىلا ھالسىرغان ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشتى . xzqgem`[\ ئەركىن بولسا يەنە شۇ ئويۇن تاماششا بىلەن يەنە جەمىئەتتىكى قارا قورساق بالىلار بىلەن بولغان تۇرمۇشىغا قايتتى. yO7xAb مەھەللىمىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك دوستلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ لېكىن ئۇ پەرۋا قىلمىدى . K|n$-WDG} بىر - ئىككى يىل بىكار لاغايلاپ يۈرگەندىن كىيىن ئۇ يەنە قىمارغا ئۈگىنىۋالدى .يانچۇقىدىكىنى ئۇتتۇرۇپ بۇلۇپ تاماق يەيدىغانغىمۇ پۇلى قالمىغاندا ئۇنىڭغا پۇل چىرايلىق كۆرۈندى ، ئاتا- ئانىسىغا دىمەيلا ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ قىمار ئويناپ ، ھاراق ئىچىپ بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن پۇللارنى كۆككە سورىدى... \nIz5J}3 بارا- بارا ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندە نىشاننى قۇلۇم - قوشنىلارغا قاراتتى ... يىشىلمەيدىغان سىر بولمىغاندەك ، ئۇنىڭ بۇ پۇل تېپىش ئۇسۇلىمۇ ئاشكارلاندى . ئۇ باشقىلارنىڭ نەرسە - كىرەكلىرىنى ئوغۇرلاپ سېتىپ مەھەللىمىزدىكى داڭلىق ئوغرى بولۇپ قالدى . كىمنىڭ ئۆيىدىن بىر نەرسە يۈتۈپ كەتسە دەرھال شۇنى ئىزدەيتتى .... ubpVrvu@ شۇ سەۋەپلىك ئۇنى كىچىك بالىلار كۆرسىمۇ ئەركىن ئوغرى دەپ چاقىرىپ ئۇنى بۇ مەھەللىدە تۇرغۇسىز قىلىۋەتتى . oIUjd ئۇ ئامالسىز ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايىنى تاشلاپ ، ناھىيەلىك بىر پۇلدار لوبەننىڭ كەينىدىن يىراق جايغا يەنى ئىچكىر ( كۇلىي ) گە قاراپ يول ئالدى . ئۇ يەردىمۇ ئوغۇرلۇق قىلىپ ، بىر نەچچە قېتىم ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ لوبەنلىرى تەرىپىدىن كېپىللىككە قۇيۇپ بېرىلىپ دىگەندەك نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى . HH\6gs]u ئۇ بۇنداق جاپالىق تۇرمۇشقا كۆنەلمەي ئۇ يەردىن قاچتى . لېكىن لوبەنلىرىنىڭ كۈزۈتۈشكە قويغان ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قېلىپ تاياقنى ئۆلگۈدەك يەپ يەنە شۇ ئازاپلىق تۇرمۇشقا باغلاندى . 3(Y#*f| بىر كۈنى كىچە تەڭ بولغاندا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى باشقىلاردىن ئوغۇرلۇقچە يېغىپ قويغان پۇللىرىنى ئېلىپ ، باشقىلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ يەنە قاچتى . ئاران دىگەندە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا كەلدى . Hq[vh7Lux ئۇ كۇلىيدىن چىققاندىن باشلاپ ئۆزگىرىپ ، دوسلارغىمۇ ،چوڭلارغىمۇ سالام قىلمايدىغان ، گەپ - سۆزلىرىمۇ بۇ يەرنىڭ يەرلەك شىۋىسى بولماستىن شۇ ئاتالمىش كۇلىيچىلارنى شىۋېسى ئىدى . كىيىم - كىچەكلىرىمۇ ئۆزگىرىپ ، كىيىشى پادىچىلار ئىشتىنى ۋە ئاتالمىش مودا دەپ كىيىۋالغان مايكول جېكسوننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قىزىل رەڭلىك مايكا ئىدى . 2W}f|\8MX بىچارە ئاتا- ئانا ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بۇلۇپ، ئوغلىمىز ياقا-يۇرتلاردا چۇقۇم نۇرغۇن جاپالارنى تارتتى ئەمدى چۇقۇم ئوڭشىلىدۇ دەپ ئۆز - ئۆزىنى خۇشال قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىمىزدە سېسىق نامى پۇر كەتكەن ، ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈز - ئابرويىنى ۋە مىللەتنىڭ جۈملىدىن بارلىق قىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ پۇل ئۈچۈن ئىپپىتىنى سېتىپ پاھشىلەر كۇچىسىغا كىرىپ كەتكەن ( ئايگۈل )ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ مۇھەببەت دەرياسىدا ئېقىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەپتۇ . M=mzl750M ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ، قانداق بىر ئاتا- ئانا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئاشۇنداق قىزلار بىلەن توي قىلىشىغا ماقۇللۇق بىلدۈرىدۇ دەيسىلەر ؟ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ تويىغا قۇشۇلمىسا كىچىكىدىن بېقىپ مۆرىسىگە چىقىرىپ بالىسى ئۈچۈن ئات، ئىشەك بۇلۇپ چوڭ قىلغان دادىسىنى ئۇرۇپ بېشىنى يېرىۋەتتى ... VI}.MnCa بىچارە ئانا بولسا ئۇنى توققۇز ئاي قورساق كۈتۈرۈپ تۇغقىنىغا يۈز مىڭ پۇشايمان قىلىپ توختىماستىن ئاھ ئۇراتتى . [_jd ئۇ يەنە ياشىنىپ قالغان ئاتا ئانىسىنى ۋە يۇرتىنى تاشلاپ يەنە شۇ ئىچكىرگە يول ئالدى . E!~Ok شۇ يەردە لوبەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ 2 - 3 يىلنى بىكار ئۆتكۈزدى . بۇ جەريانىدا خېلى كۆزگە كۈرۈنگەن ( كۇلىيچى ) بولۇپ قالدى . AjTkQ) كىيىن ئۇ مەھەللىمىزدىكى بەزىبىر بىكارچىلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ( شايكىسى ) قىلىپ . كاۋاپچىلىق قىلىمىز دەپ كۇلىيغا ئېلىپ كىرىپ ، ئوغۇرلۇق ، بۇلاڭچىلىققا سېلىپ ناھايىتى تىزلا مەھەللىمىزدىكى بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . Au q) كۈنلەر ئاينى ، ئايلار يىلنى قوغلاپ ئۇنىڭ يېشىمۇ 30 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسكىلىكى ئۆزىنىڭ يېشى بىلەن تەڭ چوڭىيىپ كەتكەندەك قىلاتتى. hU:M]O0uw ئاتا- ئانىسى نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭغا ياخشىراق قىزدىن بىر تېپىپ تويىنى قىلىۋېلىشى توغۇرلۇق نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇ نەسىھەتلەر ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىدىن كىرىپ سول قۇلىقىدىن چىقىپ كىتىۋاتاتتى ... *K{-J* ئۇ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىنى قىمار ئويناش ، نەششە چىكىش ، ھاراق ئېچىش ۋە پاھىشىلەرگە بۇزۇپ چېچىپ قىلمىغان ئەسكىلىكرى ، قىلمىغان بۇزۇقچىلىقلىرى قالمىدى . vS! TnmF يېتىپ يىسە تاغمۇ توشىمىغاندەك ، ئۇنىڭ تاپقان پۇللىرى ئۇنىڭ ئويۇنلىرىغا يەتمىدى . شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم يەنە ئىچكىرگە كىرىپ پۇل تېپىپ چىقىشنى ئويلاپ ئىچكىرگە سەپەر قىلدى . '^TQ Ubw ئۇ پۇل تاپتى ، ئوينىدى ، ئىچتى ۋە چەكتى ... {HJzhIgCf بۇرۇن تاماكا ۋە نەششە چەككەن بولسا بۇ قېتىم ئاق تاماكا چەكتى . >O{U4_j@( بۇرۇن ھەقسىز چەككەن بولسا ئەمدى پۇلغا چەكتى . بارا- بارا ئۇنىڭ تاپقان پۇللىرى ئاق تاماكىغا يىتىشمىدى. 'u\my ئوغۇرلۇق قىلدى بىرقانچە قېتىم ساقچىنىڭ قولىغاچۈشۈپمۇ قالدى . ساقچىلار ئۇنىڭ ئاق تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى مەجبۇرىي تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بەردى . ئۇ ئاخىرى ئاق تاماكىنى تاشلاپ ساغلام ئادەم بۇلۇپ چىقتى . wkO8 لېكىن ئۇنىڭ تاپقان پۇلى يەنە ئۇنى جىم تۇرغۇزمىدى . <Ae1YHUY يەنە ئاق چەكتى... mSw$?> جىمىكى گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى . لېكىن ئۇنىڭدا تۆۋبە قىلىپ ھەق يولغا كىرىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. (8[et m ئۇنىڭ تاپقان پۇلى تۈگەپ يەنە ئوغۇرلۇق قىلىشقا باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر خەنزۇنىڭ سومكىسىنى بۇلىدى ، ئىچىدىن 20000 مىڭ يۈەن ۋە بىر قول تېلېفون چىقتى . ئۇ خۇشاللىقىدا شۇ پۇلنىڭ ھەممىسىگە ئاق تاماكا سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئەكىلىپ يۇشۇرۇپ قويغاندىن كىيىن يەنە ئولجا ئىزدەپ كوچىغا چىقتى . .>5KwEK~ بۈگۈن ئۇنىڭ تەلىيى كېلىپ نۇرغۇن پۇل ئوغۇرلىدى ... ئۇ كۆپ پۇل تېپىپ ھەممىسىگە ئاق تاماكا سېتىۋېلىپ يۇرتىغا كەتمەكچى ئىدى . `>w4G|{ ئۇ ئارزۇ قىلغىنىغا ئېرىشتى . نۇرغۇن ئاق تاماكا بىلەن يۇرتىغا كەلدى ... @~4Q\^;NX ئوغلىنىڭ بۇ قېتىم ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئىنتايىن ئېچىشتى ، ئوغلىمىز ياقا-يۇرتلاردا قورسىقى ئاچ-توق قېلىپ ئۇرۇقلاپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلىدى. 5hVp2w- لېكىن ئۇلار چاندۇرمىدى . مەقسىتى : ئەركىننى ئادەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلاتتى . XHX\+&6 ئۇ كۇلىيدىن ئېلىپ چىققان ئاق تاماكىنى چىكىپ ئاتالمىش ئاق تاماكىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ يۈرەتتى ... X~aD\%kC7 لېكىن ئەجەلنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدا لەيلەپ يۈرگەنلىكىدىن ئەسلا خەۋەرسىز ئىدى . `N+A8 بىر كۈنى ئۇ ئېتىزدا ئىشلەۋېتىپ خۇمارى تۇتۇشقا باشلىدى . شۇھامان قولىدىكى ئىشنى قۇيۇپ ئۆيىگە كەلدى ۋە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قۇيۇپ تۇمۇرىغا زەھەر سېلىشقا باشلىدى ... ( ئاق تاماكىنىڭ ھۇزۇرىنى قانغۇدەك سۈردى ) Hs%;uyI@$ لېكىن ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق سېلىۋەتكەچكە پەيلىرى قېتىپ ھەركەت قىلىشى تەسكە توختىدى ... w]4=uL6 ئۇ بارلىق گۇناھلىرىنى ئېلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ئىمانسىز كەتتى ... ?2Q9z-$ ئۇنىڭ مېيت نامىزىنى چىقىرىدىغان كۈنى مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى مېيت نامىزىغا يىغىلغان جامائەتلەردىن : C~16Jj:v ئۇنىڭ ئۈچۈن رازىلىق تەلەپ قىلدى ، لېكىن يېغىلغان كىشىلەر ئىمامنىڭ سوئالىنى جاۋاپسىز قويدى . &P+7Um( ئامالسىز ئۇ پۈتكۈل يۇرتداشلىرى ۋە جامائەتلەرنىڭ رازىلىقىسىز يەرلىكىگە قويۇلدى ... 8\z5* IPGs ئاتا-ئانىسى بولسا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىدىن ئايرىلغىنىغا ياش ئەمەس قان يىغلايتتى... Z9:erKT n*tT< يەنە نۇرغۇن خىياللار دىڭىزىدا لەيلەپ ئۆيگە قاراپ مېڭىۋاتىمەن .... bB|UQaCl بەزى كىشىلەرنىڭ ئاندا- ساندا قىلىشقان : ئاتا- ئانىسىنى ۋە ئەلنى نارازى قىلغاننىڭ ئاقىۋېتى شۇ ... دىگەن سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى... ?tWcx;h:> * u_nu>
مەنبە ئۆزۈم |