رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بېكارچىلىقنىڭ پالاكەتلىرى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> دوستلۇق كۆۋرۈكى -> بېكارچىلىقنىڭ پالاكەتلىرى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

erhabi2010-11-22 19:57
بېكارچىلىقتىن تۈرلۈك رەزىللىكلەر تۇغۇلىدۇ. بىكارلىق ئىچىدە يوقۇلۇش ۋە تتۈگىشىشنىڭ مىكروبلىرى ياتىدۇ. 'jlXLb  
ئىشلەش تىرىكلەرنىڭ شوئارى بولسا، بىكار تەلەپلەر ئۆلۈكلەردۇر. بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئېكىنزارلىقى بولغان يەردە، ئىشلىمەستىن ئۆمۈر ئۆتكۈزىدىغان بىكار تەلەتلەر  قىيامەت كۈنىدە  ھېچقانداق ھوسۇلسىز، قولى بوش  ۋە نادامەت چەككەن ھالدا ھەشىر قىلىنىشقا تولىمۇ تېگىشلىك بولغۇچىلاردۇر. 7(+ZfY~w"  
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ۋاقىت بىلەن تەن ساقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېمەتنىڭ قەدرىگە يېتەلمىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:« نۇرغۇن كىشىلەر قەدرىنى بايقىيالمايدىغان ئىككى نەرسە بار، ئۇنىڭ بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى، ۋاقىت.» 4a50w:Jy]  
 
C-b%PgA  
شۇنداق، قانچىلىغان تېنى ساق، ۋاقت جەھەتتىنمۇ يېتەرلىك شارائىتى بار كىشىلەر  ئىشسىز، غايىسىز ۋە بېرەر مەقسەتسىز ھالدا  بېھۈدە ئۆمۇر ئۆتكۈزمەكتە.ئىنسان شۇنداق قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغانمۇ؟ ياق !  ئاللاھ تائالا   قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى ( يەنى سىلەرنى بىز ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك، بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىڭ ياراتتى)، ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۈلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ ھەق پادىشاھ ـ  ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»(مۇمىنۇن سۇرىسى ) e8uIh[+ 0  
ھاياتلىق ھەقىقەت بىلەن يارىتىلدى، ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارچە شەيئىلەرمۇشۇ ھەقىقەت بىلەن يارىتىلدى. ئىنسان بۇ ئالەمدە شۇ ھەقىقەتنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ياشىشى كېرەك. .p*D[o2 9  
ئەگەر ئىنسان نەپسىي ھەۋىسىنىڭ تار كوچىلىرىدا ئۆزىنى مەھبۇس قىلىۋېلىپ، ھەممە نەرسىدىن پىنھان ياشايدىكەن، ئۇ بۈگۈنى ھەم كېلىچىكى ئۈچۈن ئەڭ يامان يولنى تاللىۋالغان بولىدۇ. NF.6(PG|  
ئىمام شافىئىينىڭ تەربىيە ئاساسلىرىنى تۇرغۈزۈش توغرىسىدا تولىمۇ ياخشى بىر سۆزى بار. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى :« ئەگەر سەن كۆڭلۈڭنى ھەقىقەت ئۈچۈن مەشغۇل قىلمىساڭ، ئۇسېنى باتىل بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ». 7a_n\]t465  
بۇ ئىنتايىن توغرا سۆز. چۈنكى كۆڭۈل مەشغۇلىيەتسىز تۇرمايدۇ. v.&*z48  
ئەگەر سىز كۆڭۈلنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشنىڭ، سىستېمىلىك ئىشلەشنىڭ پىلانلىرى بىلەن تىز ھەرىكەتكە سېلىپ تۇرمىسىڭىز يامان ئوي - پىكىرلەر ئۇنى ئۆز قوينىغا ئېلىۋالىدۇ - دە، نەتىجىدە ئۇنى بىكار تەلەبلىك بىلەن بېمەنىلىكنىڭ ئازگاللىرىغا  ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ]f @LhC1x  
 
yl+)I  
ئىنسان ھاياتىنى قىڭغىرلىقلاردىن ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل يولى، ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن پىلان تۈزۈشى، ۋاقتىنى شۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق شەيتانغا ئازدۇرۈش، ۋەسۋەسە  قىلىش پۇرسىتىنى بەرمەسلىكىدۇر. Dj&bHC5%  
ئىسلام دىنىدىكى شەرىئەت تەكلىبلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىشىدىمۇ بۇ ھەقىقەت كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭۈلنى باتىل بىلەن مەشغۇل قىلىشقا قەتئىي بوشلوق بېرىلمىگەن. چۈنكى  ھەقىقەت بىلەن تولمىغان كۆڭۈل بوشلۇقىنى باتىل بىلەن تولدۇرىدۇ. dX}dO)%m{  
دائىل كارنىك بۇ ھەقىقەتنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان پەيتلەردە ھېچقانداق غەم - قايغۇنى ھېس قىلمايمىز، لېكىن مەشغۇلىيەتتىن كېينكى بوش ۋاقىتلار  ھەقىقەتەن خەتەرلىك ۋاقىتلاردۇر. بىز ئۈچۈن بوش ۋاقىت ھازىرلانغان ھامان غەم - ئەندىشە ۋەقايغۇنىڭ شەيتانلىرى بىزگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەيتان بىزنى ھەرخىل بولمىغۇر خىياللارغا ۋە يامان ئوي - پىكىرلەرگە سالىدۇ. چۈنكى بىز  ئىشتىن بوشىغاندىن كېيىن، زېھنىمىز ھەر نەرسىدىن خالى بولغانغا ئوخشاش بىر ھالەتكە كېلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت دەرسلىكلىرىدە ياخشى بىلىدۇكى، تەبىئەت بوشلۇقنىڭ دۈشمىنى. ئۇ  يوشلۇقنى زادىلا خالىمايدۇ. بۇ سۆزۈمگە مىسال بېرىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا، لامپۇچكىدىن كىچىككىنە بىر تۆشۈك ئېچىپ كۆرۈڭكى، شۇ ۋاقىتتا تەبىئەتنىڭ لامپۇچكا ئىچىدىكى بوشلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنى ھاۋا بىلەن تولدۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. خۇددى شۇنىڭدەك، تەبىئەت خالى كۆڭۈلنى  كۆپىنچە ھىسسىياتلار ۋە تۇيغۇلار بىلەن تولدۇرۇشقا ئالدىرايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى قايغۇ، ئەندىشە، ئۆچلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە كۈنلەش تۇيغۇلىرى ئىنسانىيەت تارىخىدىن بېرى ئۇنىڭ خاراكتېرىدا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بىر نەرسىدۇر. بۇ تۇيغۇلار شۇنچىلىك كۈچلۈك ئېتىلىپ چىقىدۇكى، ئۇنىڭ كۈچى كۆڭلىمىزدىن ئامانلىقنى، ئەقلىمىزدىن مۇقىملىقنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ.» 6e-h;ylS  
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، تەلىم - تەربىيە مەسئۇللىرى كىشىلەرنى بوشلۇقنىڭ ئاپەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۈشى ۋە كۆڭۈللەرنى بوشلۇقنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر. 9nAK6$/  
بۇنداق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، داۋاملىق ئىشلەش ۋە ھارماي قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭىلمەس پىلان ۋە پروگراممىلارنى بېكىتىشتۇر. W_n.V" hN  
ۋاقىتنى ۋەزىپىلەر بىلەن تولدۇرۇش ۋە گەرچە قىيىندىن ئوڭايغا  بولسىمۇ بىر ئىشتىن يەنە بىر ئىشقا يۆتكۈلۈشنىڭ ئۆزىلا بىزنى بوشلۇقنىڭ ئىللەتلىرىدىن ھەم بىكار تەلەبلىكنىڭ ئاپەتلىرىدىن ساقلاشقا يېتەررلىكتۇر.   5 9HaTq  
 
n\al}KG  
ئىنسانلار جەمئىيىتى ئەگەر بوش ۋاقىتلارنى تىزگىنلىيەلەيدىغان بولسا، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۇلار بوش ۋاقىت تېپىلغاندا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى بارلىق ئېنىرگىيەلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق  ئۇنى ئۆزىنىڭ دۇنيالىقى ھەم ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلەندەلەيدىغان ئەمگەكنى يارىتىش بىلەن شۇنداق قىلالايدۇ. ,$ret@.H  
بۇنداق قىلالايدىغان ئىنسان ئۆزىنى ھېچ ۋاقىت تەييارتاپ ھېس قىلمايدۇ. L"<Eov6  
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ  كۆپىنچىسى نەپىسكە قارشى كۇرەش قىلىش بىلەن ئىنسانلار بىلەن مۇجادىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى نوقتىنى مەركەز قىلىدۇ. CKw)J}z  
نەپسكە قارشى كۆرەش قىلىش دېگىنىمىز، نەپىسنى گۇناھ - مەسىيەت ئىشلارغا بېرىلىشتىن توسۇش. ئىنسانلار بىلەن مۇجادىلە قىلىش دېگىنىمىز، ئۇلارنى  ھاياتلىقنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت زۇلۇملىرىدىن مەنئى قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش دېمەكتۇر. 5kZ yiC*  
يوقىرىقى كۆرەشلەر بىر ئۆمۇر شۇنداق  ئۈزۈلمەستىن داۋام قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن بىر لەھزىمۇ غەپلەتتە قېلىشقا، بېمەنىلىككە پۇرسەت بېرىشكە بولمايدۇ. #IA(*oM  
 
=zGz|YI*?  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھەمىشە  ئاللاھ تائالا دىن ئۇنى دىنىغا مەھكەم قىلىشىنى سوراپ مۇنداق دۇئا قىلاتتى:« ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى سېنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن »ئەبۇداۋۈد رىۋايىتى)، ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى تىلەيمەن، مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا تاشلاپ قويمىغىن، ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىىنى ئوڭشاپ  بەرگىن، ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھەق مەبۇد يوقتۇر »( تىرمىزى رىۋايىتى) . ~7lvY+k)<  
مانا بۇ ھالەت نەپسىي جەھەتتىن تاكامۇللىشىشنىڭ ئاساسىدۇر. fT~<C{  
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇندىن باشقا ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئومۇمەن جىھاد بىلەن ئۆتكەن بولۇپ،  ئۇ  ئەمرۇـ مەرۇپ  ۋەز - نەسىھەت دەپ تونۇلىدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۇپرى زالالەتكە قارشى كۈرەش قىلىشتىن بىر كۈنمۇ توختىمىدى. نەتىجىدە، كۇپرى - زالالەتكە پاتقان ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىمان بىلەن گۈللەردى.  پەيغدۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرگە ئوخشىغان خەلىفىلەرمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەغرۇرلىنىشىغا ھەرگىزمۇ پۇرسەت بەرمىدى. شۇنداق قىلىڭ ئىسلام نۇرى ئىنتايىن ئاز ۋاقت ئىچىدىلا پۈتۈن دۇنيادا پارلىدى. #e|kA&+8M  
مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىڭىلىرىنى تەرك ئېتىپ غەپلەت گىرداۋىغا چۈمگەندىن كېيىن ئەھۋال نېمە بولدى؟ ئۇلار ئۆز بۇرچلىرىنى ئونۇتقاندىن كېيىن ئۆز ئارا ئىختىلاپلاشتى، مۇسۇلمانلار سېپىدە زىددىيەت ۋە  پىتنەلەر باش كۆتۈردى. CrQ& -!Eh  
ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ  مۇتەشابىھ  (يەنى مەنىسى ئوچۈق بولمىغان) ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چىقىرىمىز دەپ ۋاقىتلىرىنى ۋە ئۆمۈرلىرىنى  بىھۇدە سەرپ قىلدى.  بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئاننىڭ  مۇھكەم ۋە تۈتەشابىھ  ( يەنى مەنىسى ئوچۈق ۋە مەنىسى ئېنىق بولمىغان ) پۈتۈن ئايەتلىرىنىڭ شەنىگە داغ يەتكۈزدى. u <2sb;a  
 
5E(P,!-.  
ئىنساندىكى زاپاس ئېنىرگىيە ھەقىقەت ئۈچۈنلا سەرپ قىلىنىدىغان بولسا، باتىللارنىڭ  يولى توسۇلىدۇ. ھەقىقەت ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆز كونترولىغا ئالغان چاغدا، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە سېلىش ۋە ئازدۇرۇشىغا ئورۇن قالمىغان بولىدۇ. ?q&mI*j!  
دائىل كارنىك ئۆزـ ئۆزىگە سوئال قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:« بېرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشتەك ئاددىغىنە بىر ئىشنىڭ غەم - ئەندىشىنى يوق قىلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇنىڭ سەۋەبى پسخىئولوگىيە ئىلمى كەشپ قىلغان ئاساسلىق قانۇنىيەنلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئىنسان زېھنى قانچىلىك پەۋقۇلئاددە بولۇپ كەتمىسۇن، بىرئاندا بىردىن كۆپ ئىش بىلەن مەشغۇل بولالمايدۇ . بۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز. بۇ سۆز  ئاللاھ تائالا نىڭ:         «ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق »( ئەھزاب سۇرىسى 4ـ ئايەت) دېگەن سۆزىگە يېقىنلىشىدۇ. سىز بىر ئاندا ئىككى نەرسىنى خىيال قىلالمىغىنىڭىزدەك، بىر بىرىگە زىت ئىككى تۇيغۇنى بىر ئاندا ھېس قلالمايسىز.  بىز تەسىرلىك بىر ئىش بىلەن كۆڭۈلنى مەشغۇل قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزنىڭ ئۆزىدە  غەم - ئەندىشىنىمۇ بىرگە ھېس قىلىشتىن ئاجىزمىز. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككى زىت تۇيغۇنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تۇيغۇمىزدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىدۇ. 2xj`cFT  
 
rqo<Xt`  
مانا بۇ ، ھەربى سەپتىكى پىسخىلوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، دۈشمەن تەرەپنىڭ كۈچلىرى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۆز تەۋەلىرىگە خىتاب قىلىپ،« ئۇلارنى بېرەر ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىڭلار »دېيىشىگە تۈرتكە بولغان ئاددى بىر قانۇنىيەتتۇر. /T'nY{  
ئوتتۇرا شەرقتىكى تەييارتاپلىق نەچچە مىڭلىغان تالانتلارنى يەرگە كۆمىۋەتمەكتە. خۇددى ئالتۇن ۋە ئالماسقا ئوخشىغان نەپىس مەدەنلەر مەجھۇل كانلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغاندەك، تالانتلار، قابىلىيەتلەر ھورۇنلۇق، بىكار تەلەبلىك  ۋە بوشلۇق تومانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالماقتا. Y)RikF >  
ئىشلەش ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ ھىسابىغا ئىشلەنگەن بۇ ئېغىر جىنايەتلەر ئۇلارنىڭ  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا سان ساناقسىز مۇسىبەتلەرنى ھەم بەخىتسىزلىكلەرنى كەلتۈرمەكتە. o`Brr:  
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىككىنچى خەلىفە  ئۇمەر ئىبنى خەتتاب  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەر ئىكەن:« دىققىتىمنى جەلب قىلغان بېرەر ئادەمنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ كەسپىنى سورايمەن. ئەگەر ئۇ ھۆنەر كەسىپسىز بىرى چىقسا، شۇ ھامانلا ئۇ مېنىڭ نەزەرىمدىن چۈشىدۇ » . U<gw<[>f  
 
8RD)yRJ  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كەسپدار مۆمىننى ئاللاھ ياقتۇرىدۇ » . l!'iLq"K(  
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، تەييارتاپ مىللەتنىڭ  ئاللاھ تائالا نىڭ نەزەرىدىن چۈشكەندىن تاشقىرى، ئىشلەمچان، تىرىشچان ئەللەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشىدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىشلەپچىقىرىشتىن نېسىۋىسى بولمىغان، بوشلۇقتىن چىرىتىۋېتىلگەن  ۋە تۈگىشىش ئالدىدا تۇرغانلارنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. }H.vH  
ئويلايمەنكى، ئەرەبلەرنىڭ، ۈۇملىدىن بارلىق ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ ئالدىنقى سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىگە سىڭىپ كەتكەن ھورۇنلۇق، تەييارتاپلىق ۋە چۈشكۈنلۈك بولسا كېرەك. :]jtV~E\  
بۇنداق بىر خەلق  تەييارتاپلىق  ۋە بىكارتەلەبلىكنىڭ مېكوبلىرىدىن تازىلىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش تەرزىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ دۇنيادا  نەتىجە، ئاخىرەتتە نىجاتلىق قازىنىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.    manba :
ھەقىقەت ئىسلام توربىكىتى
#O]IXo(5z  

erhabi2010-12-02 00:09

erhabi2011-05-21 18:27
ئالىملار ئۆز ئىلىمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر لەۋزىدىن قەنت شېكەر تامسا ،ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتى

erhabi2011-06-11 23:29
ئالىملار ئۆز ئىلىمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر لەۋزىدىن قەنت شېكەر تامسا ،ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتى

erhabi2011-08-12 16:57
ئاللا    ھەممىزگە رەھمەت قىلسۇن ..........................................................................

erhabi2011-08-24 21:41
ھېچكىمنىڭ سېنىڭ يۈكۈڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشىنى كۈتمىگىن، ھېچكىمگە يۈك بولمىغىن ۋە ھېچكىمنى كاشىلا قىلمىغىن


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بېكارچىلىقنىڭ پالاكەتلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.022190 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us