رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرىشىدا ئامېرىكا جۇڭگونى قارىغا ئالدى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> دۇنيادىكى ئىشلار -> تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرىشىدا ئامېرىكا جۇڭگونى قارىغا ئالدى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

erhabi2010-11-14 18:12
تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرىشىدا ئامېرىكا جۇڭگونى قارىغا ئالدى
TIre,s)_  
20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) يىغىنى ھارپىسىدا، ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق نورمىلىق قويۇپ بېرىلگەن پۇل سىياسىتىنى يۈرگۈزىشى، كىشىلەردە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۇل ئۇرۇشى يېقىنلاپ قېلىش ئەندىشىسىگە سېلىپ قويدى. شىياڭگاڭلىق مالىيە-ئىقتىساد ئوبزورچىسى ساۋ رېنچاۋنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا دوللارنىڭ دۇنيا پۇلى بولۇش ئورنىدىن پايدىنلىنىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇل ئۇرۇشى قوزغاپ، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە زەربە بەرگەن، ئامېرىكا كاپىتال گۇرۇھلىرى بۇ ئۇرۇشلاردىن  قاتتىق پايدا ئالغان. &R;Cm]jt  
بىرىنچى قېتىم: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىش qrZ*r{3  
ساۋ رېنچاۋنىڭ دېيىشىچە، 1971-يىلىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ يولۋاس«بېرتون ئورمانلىقى سېستىمىسى»  دېگەن بۇ «قەپەز» نى زەنجىرلىۋالغان. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇن باغلىنىشلىق بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك دوللار تارقىتىشىنى قانچىلىك ئالتۇنغا ئىگە بولىشى بەلگىلەيتتى، شۇڭا قالايمىقان تارقاتمايتتى. 1971-يىلى ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە ئالتۇن ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلغاچقا، «بېرتون ئورمانلىقى سېستىمىسى» يىمىرىلىپ، «قەپەز» ئېچىلدى. S1D=' k]  
شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قارىتىلغان بىرىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى قوزغىدى، ئامېرىكا دوللىرى بېسىشنى قويۇپ بېرىپ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ تاشلىدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئامېرىكا دوللىرى پېرېۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچى 1971-يىلدىكى 110 نۇقتىدىن 1974-يىلى 90 نۇقتىغا چۈشتى. بىرلا ۋاقىتتا ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 2دوللاردىن 15 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىدى،ئەمما ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشكەنلىكتىن، 15 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئالتۇن بىلەن 2 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئالتۇننىڭ پەرقى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى ئىقتىسادىدا 1971-يىلدىن 1980-يىلغىچە پۇل پاخاللىقى كۆرۈلۈپ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى 10 نەچچە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قاتتىق مەغلوبىيەتكە ئۇچرىدى. Nr#" 5<W  
ئىككىنچى قېتىم: ياپونىيەدە ماغزاپ پەيدا قىلىش 5svM3  #  
1980-يىلدىن كېيىن، ياپونىيە ئىقتىسادى قەد كۆتۈردى ھەمدە ئامېرىكىغا تەھدىد سالدى.شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى قوزغىدى، 1980-يىلدىن باشلاپ ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىدى، 1985-يىلى ياپونىيەنى «مەيدان كېلىشىمى» نى ئىمزالاشقا مەجبورلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە يېنى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا 240 ياپونىيە ئالماشتۇرۇشتىن، قىممىتى ئۇدا ئۆرلەپ 1989-يىلغا كەلگەندە بىر ئامېرىكا دوللىرىغا 80 نەچچە ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرىلىدىغان بولدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشىشى ۋە ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن، غايەت زور ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى ياپونىيە ئېقىپ كىردى، بىر تەرەپتىن ياپونىيە يېنىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىدىن پايدا ئالسا، بىر تەرەپتىن زور كۆلەمدىكى ئۆي مۈلۈك ۋە پايچېكلارنى جەلپ قىلدى، نەتىجىدە 1987-يىلدىن 1989-يىلغىچە ياپونىيەدە ئۆي باھاسى قاتتىق ئۆسۈپ، غايەت زور كاپىتالنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىۋەتتى. ئەمما 1990-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى كۆپ مىقداردا چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ياپونىيە كاپىتالى ماغزىپى يېرىلىشقا باشلىدى.  4fa2_  
«ياپونىيە 1945-يىلدىن 1990-يىلىغىچە جاپا تارتىپ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەق ئېلىپ كەتتى، مانا بۇ پۇل ئۇرۇشى». Vpj[)W%L  
ئۈچۈنچى قېتىم: تۆت كىچىك يولۋاستىنى بىتچىت قىلىش 0\2#(^  
ياپونىيەدىن كۆپ پۇل ئۈندۈرىۋالغان ئامېرىكا كاپىتالى نىشانىنى تەيۋەن، كورىيە، تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قاراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۈچۈنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى يۈز بەردى، ۋاستىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىدى. ساۋ رېنچاۋ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئومومىي مىقدارى دۇنيانىڭ %20 كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، شۇڭا بىرەر دۆلەتمۇ ئامېرىكىنىڭ پۇل ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ دېدى. 1990-يىلدىن 1997-يىلغىچە، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ پۇلىننىڭ قىممىتىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆرلىدى، ئامېرىكا دوللىرى ئاجىزلىغانلىقتىن، غايەت مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى ئېقىپ كىرىپ، كاپىتالنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پەقەت 1990-يىلدىن 1997-يىلغىچە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشى شىياڭگاڭنىڭ ئۆي باھاسىنى ھەر كىۋادىرات مېتىرى 30 مىڭ شىياڭگاڭ دوللىرىدىن 120 مىڭ شىياڭگاڭ دوللىرىغا ئۆرلىتىپ تاشلىدى. 1997-يىلى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كاپىتالى چىقىپ كەتتى، شىياڭگاڭدا ئۆي باھاسى قاتتىق چۈشۈپ ھەر كىۋادىرات مېتىرى 42 مىڭ شىياڭگاڭ دوللىرى بولۇپ قالدى، چۈشۈش دەرىجىسى %65 كە يەتتى، شىياڭگاڭلىقلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى. 4J${gcju  
تۆتىنچى قېتىم: جۇڭگونى قارىغا ئالدى 99tKs  
ساۋ رېنچاۋنىڭ قارىشىچە، 2001-يىلدىن بۇيان، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى چىقىمى، يەنە ئۆز ئىقتىسادىنىڭ چاتاقلىرى بولغانلىقتىن، ئامېرىكا دوللارنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى باشقىلارغا ئارتىپ، پۈتكۈل يەر شارى كاپىتالىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىنى ۋە تاۋار باھاسىنىڭ ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق چۈشىشى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئىشەنچىسىگە قاتتىق زەربە بەردى، ئەگەر داۋاملىق چۈشسە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ «دۇنيا پۇلى» بولۇش ئورنىغا مۇقەررەر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا نىشانىنى جۇڭگوغا قارىتىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگو پۇلىنى «قۇربانلىق قوي» قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ~rICPR  
ساۋ رېنچاۋنىڭ قارىشىچە، 2005-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرۇشى قوزغىغان، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئالامەتلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يېقىنقى 40 يىللىق كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ھەر قېتىملىق زور تەۋرىنىشنىڭ ئارقىسىدا، ھەممىسىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ پۇل سۈزۈش باسقۇچى بار. ئامېرىكا دوللىرى ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىت دەل باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كاپىتالىنىڭ ئەڭ ئەرزان ۋاقتى، ئامېرىكا دوللىرى ھەممە يەردە ھايانكەشلىك قىلىدۇ؛ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشكەندە، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئۆي باھاسى، پاي باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، ئامېرىكا دوللىرى پايدىنى بولىشىچە ئالىدۇ. بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە مۇنچىلىك باي بولىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. mO(A'p "b  
مەنبە:يېڭى پۇقرا گېزىتىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى. 1}Mdo&:t  

yultuz~2010-11-14 22:08
      مەن بۇ تىمىنى بەك ياقتۇردۇم،قايتا-قايتا ئوقۇدۇم،تىما يوللىغۇچىغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن! Z/~7N9?m(  
('Doy1L  
       ئامىرىكا ئاجايىپ بىر دۆلەت،ئىككى قىتىملىق دۇنيا ئۇرىشىدا ئامىرىكىدىن بىر تۇركۈم ئەسكەر چىقىپ خەقنىڭ يېرىدە ئۇرۇشتى،پارتىلىتىشتى،كۆيدۈرۈشتى...ئامىرىكا ئەسكەرلىرى خەقنىڭكىنى يىدى،ئىچتى...ئاخىرىدا بىرمۇنچە ئۇرۇش ئولجىسى بىلەن "شەرەپ قۇچۇپ"دۆلىتىگە قايتتى....مۇشۇ يىللاردىمۇ ئۇ ھېلى ئۆزىنى دۇنيانىڭ ساقچىسى دەپ بىلسە،ھىلى ئۆزىنى دۇنيانىڭ   ساخاۋەتچىسى  دەپ بىلىپ ھەممە ئىشقا ئارىلىشىپ،ئارىدىن نەپ ئالدى.بۇ تىمىدىكى ئىقتىسات تەھلىلىگە قارايدىغان بولساق،ئامىرىكىنىڭ نەقەدەر قۇۋ،ساختىپەز ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.... Lj>HZS$F  
t`oH7)nut  
          مۇشۇنداق تىمىلارنىمۇ ئوقۇپ،ئىنكاس يىزىپ قويايلى،مۇنبەرداشلار،سادىغاڭ كىتەي!

erhabi2010-11-15 09:42
ئاللا ھەمىمىزگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن!

economist2010-11-15 18:56
بەك ياخشى تىما ئىكەن،مەن بۇ تىمىنى كۈرۈپ ئاندىن ئەزا بولدۇم،مىنىڭ كەسپىممۇ ئخدىساتشۇناسلىق،بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق تىمىلارنى كۇپرەك يوللاپ مۇنازىرىلىشىپ تۇرساق.

sansiz09032010-11-15 19:48
مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى ئامرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ ئۇنداقتا؟

yultuz~2010-11-16 01:05
        بىزدە ھەر خىل كەسپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئېسىل تىمىلار،تالانىتلىق مۇنازىرە ئەھلى بار،سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،مۇنازىرە قىلغاچ ئولتۇرايلى،ئانا تۇپراقتىكى ۋاقتىڭىزغا  ھەرگىز  پۇشايمان قىلمايسىز...

erhabi2010-11-19 03:39
مىنڭچە بولغاندىمۇ بۇ ىشتا ئامركا جق پايدا ئالغىدەك ،چۈنكى ئۇ خەخ دەسلەپتە شۇ دوللارنى 10 نەچچە سومدىن ساتتى ئەمەسمۇ ! ئەمدى كەلگەندە يىرىم باھا چۈشتى دىمەك ئۇلار پايدىنى قاتلاپ ئالدى دىگەنلىك !!!

qologli2010-11-20 00:18
ئۆز زامانىدا بىر ئامىرىكا دوللىرى بىر گىرام ئالتۇنغا تەڭ قىممەتتە بازارغا سىلىنغان ،ئەمدىلىكتە دوللارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ 6.33يۇەن بولۇپ قالدى.مىنىڭچە بولغاندىمۇ يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە،بىر خىل كىرزىس خەۋپىگە ھامۇلدار.ئېھتىمال دوللار يىغىپ قويسا پايدىسى بولىشى مومكىن.

erhabi2010-11-20 10:22
qologli   قېرىندىشىم !!! rf=ndjrH  
مىنڭچە يەنىلا شۇ ئالتۇن ياخشىمىكى !!!!!                                                              

erhabi2010-12-05 23:39
بۇ دوللار قانچىگە چۈشكەندۇ ؟

yultuz~2010-12-05 23:52
    پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئەمدى تەرتىپكە چۈشەي دىگەندە.... tS:/:0HnA)  
   بىزدە پۇل پاخاللىقى يۈز بەرمىسىلا بولاتتىغۇ!

siyitnoqi2010-12-06 20:40
مال باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى ئەمەلىيەتتە ئامىرىكىنىڭ قىلغان ئىشىمۇ نىمە ؟

erhabi2010-12-12 21:00

erhabi2011-05-21 18:31
ئالىملار ئۆز ئىلىمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر لەۋزىدىن قەنت شېكەر تامسا ،ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتى

erhabi2011-06-11 23:42
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەخمەت قىلسۇن..........

erhabi2011-08-12 16:59
    

erhabi2011-08-24 22:00
      

imir32011-08-25 17:46
ئالتۇننى ،پۇلنى ئوغرى ئالىدۇ،يەنىلا ئوغرى ئالالمايدىغان زىمىن ئېلىپ قويغان ياخشى......

erhabi2011-08-25 18:40
    

erhabi2011-10-02 16:27
پۇل پاخال بۇلۇپ كەتتى

.boran2011-10-03 18:48
توغرا دەيسىلەر  دوسلار  مال باھاسىنىڭ  ئۇسىشى  دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تۆتىنچى قېتىملىق پۇل ئۇرىشىدا ئامېرىكا جۇڭگونى قارىغا ئالدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.022051 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us