بۈگۈنكى ئۆزبىكىستان ۋە مەنزىرلىرى(1) ماقالىنى تەييارلىغۇچى - پەرھات مۇھەممەتئىمىن. ئۆزبىكىستان تەبىئى مەنزىرسى دوستىمىز جىدەلخور ئىلگىرى ئۆزبىكىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۈگۈن مەن ئۆزبىكىستان دۆلىتىنىڭ مىللى مۇستەقىللىكىگە ئىرىشكەن 20يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى ،ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن پايدىلىنىپ ،ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرەتلىك يوللاپ كەڭ دوسىتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ۋە ھۇزۇرلىنىشغا سۇندۇم. بۇ تىمىدىن بۇرۇن دوسلارغا بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن. يەنى بۇ يەردە قانداقتۇر بىر قىسىم زىددىيەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ كۈڭۈل ئاغىرىقى تىپىشنى مەن ئەسلا خالىمايمەن. ھەممىزگە ئايان دۇنيادا ئۆزبىك مىللىتى بىلەن بىز بىلەن بىر قەدەر ئۇمۇمىيلىققا ئىگە. پەقەت شۇ تەرىپىنى كۆزدە تۇتۇپ . بۇ ئاددىيغىنە خەۋەرلەرنى كۈرۈپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەنكى ھەرگىزمۇ بەزى قۇرۇق پاراڭلار بىلەن باشلانغان سىياسى قاراتمىلىققا ئىگە سۆزلەر بىلەن مۇلاھىزە قىلىنىشىنى ياقتۇرمايمەن. x7/2e{puu
ئۆزبىكىستان دۆلىتى مەركىزى ئاسىيادا تەبىئى قۇرغاق تەبىئەتلىكى بىلەن بىرگە سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسىسىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ، شىەرقى تەرىپى فەرغانە ئويمانىلىقىنى ۋە ئوتتۇرا غەربى قىسمى تۇران قۇملۇقى بىلەن ئارال دېڭىزىدىن تەركىپ تاپقان جۇغىراپىيلىك ئەۋزەللىك بىلەن، بوستانلىق مەدىنىيىتىنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بۇلۇپ، بۇلۇپمۇ پاختا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. تارىختا ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك ماۋرەئۇننەھىر نامى بىلەن غايەت زور ئۇتۇق قازانغان، بۇلۇپمۇ سەمەرقەنىت ، بۇخارا، خارەزىم قاتارلىق شەھەرلەر ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئىلىم -پەن مەدىنىيىتىدە يۈكسەك ئۇرۇن تۇتقان، ئۆزبىكىستان تاغ -دەريالىرى. ئۆزبىكىستان دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر. مۇشۇ يەردە قاچان مۇستەقىل بولغان ، نۇپۇسى ، مىللەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يەرمەيدانى قاتارلىق مۇھىم سېتاستىكىلارنى دوستىمىز كەڭ ساي ئىلگىرىكى ئۆزبىكىستان دىگەن ماقالىسىدە بىرىپ بولغاچقا بۇ جەھەتتە توختالمايمەن . بەلكى مۇشۇنىڭ داۋامى بولغان رايۇنلار ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى 20يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتمەكچىمەن. 2.x3^/ ئۆزبىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرى رايۇنلىرى ئاساسەن تۈۋەندىكى بىر قانچە رايۇنلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى قېتىم دىيىلگىنىدەك ئۆز بىكىستاندا ئۆزبىكىستانغا قاراشلىق بىر ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەت ۋە 12 ۋىلايەت ، ھەمدە مەركىزى شەھەر ،يەنى پايتەخىتىتىن ئىبارەت 14 تارماق ھاكىمىيەت ئۇرۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. m2V4nxw]Qp
بۇلار تۈۋەندىكىچە: 1-قارا قالپاقىستان ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتى 2- ئەندىجان ۋىلايىتى . 3-بۇخارا ۋىلايىتى . 4-جىززاق ۋىلايىتى . 5-قەشقەر دەريا ۋىلايىتى . 6-نەۋائى ۋىلايىتى. 7-نامانگەن ۋىلايىتى. 8-سەمەرقەند ۋىلايىتى . 9-سورخەند دەريا ۋىلايىتى . 10-سىر دەريا ۋىلايىتى . 11-تاشكەنىت ۋىلايىتى . 12-فەرغانە ۋىلايىتى. 13- خارەزمى ۋىلايىتى . 14-تاشكەنىت شەھرى . يۇقارقىدەك مەمۇرى رايۇنلارغا ئايرىلغان ئۆزبىكىستان دۆلىتىدە 20 يىلدىن بۇيان ، نۇرغۇنلىغان ئۆزگەرتىشلەر ۋە قۇرۇلىشلار ئېلىپ بىرىلدى، گەرچە دۇنيانى تاڭ قالدۇرغىدەك ئالاھىدە نەتىجە بىلەن كۆزگە چېلىقمىسىمۇ ئۆز رايۇنىنىڭ بىر قەدەر ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئىقتىسادنى مەركەز قىلغان. پەن-تېىخنىكا يىڭىلىق يارىتىشىنى نىشانلاپ ئىلگىرىلىمەكتە، بۇلۇپمۇ ئىككى يىل مابەينىدە ئۆزبىكىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى كۈرىنەرلىك بۇلىۋاتىدۇ. ^ ]B&7\w"t ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ، شەھەر قۇرۇلىشىدىكى ئۆزگىچىلىك ، ئىقىپ تۇرىۋاتقان فونتانلارنى ئاساس قىلغان كۆركەم بىنالارنىڭ ھەم مىھمانخانا ئۇل مۇئەسسەلەرنىڭ گۈزەللىكى كۆزگە چېلىقىدۇ . dXOjaS# ~
\/,SH?>4x
bEy%S"\<
ئۆزبىكىستان ئالى مەجلىسى - تاشكەنىت شەھىرى . ئۆزبىكىستان ئالى مەجلىسى -يەنە بىر تەرىپى kTnvD|3_!P
ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتى يەنى باش ۋەزىرلىكى مەھكىمىسى - تاشكەنىت شەھىرى. ئۆزبىكىستان مىھمانخانىسى - تاشكەنىت شەھرى. مىللى ئەنئەنىگە ئىگە قۇرۇلۇش- تاشكەنىت شەھىرى. 8CYJR/
ئۆزبىكىستان خەلىقئارا مىھمانخانىسى -تاشكەنىت شەھىرى ^L[Z+7|
ئۆزبىكىسان خەلىقئارا بانكىسى . -تاشكەنىت شەھىرى. ))MP]j9T
ئۆزبىكىسان خەلقئارا يىغىنى زالى- تاشكەنىت شەھىرى. (_W[~df4
ئۆزبىكىستان تېمورىيلەر ئىمپىيرىيىسىنىڭ تارىخى مۇزيىى- تاشكەنىت شەھىرى. يۇقارقى مەنزىرلەر ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنىت شەھىرىدىكى بىر قەدەر ئەنئەنە ۋە زامانىۋىلىققا ئىگە ، شەھەرلىشىش يۇلىدىكى قەدەملەر بۇلۇپ، بۇخىل ئىنتىلىشتە يەنە شۇ ئۆزبىك خەلىقىنىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەقىل پاراسىتىنى بىر قەدەر مۇكەممەل بىلىۋاللايمىز. بىز يەنە نەزىرىمىزنى بىر تاشكەنىت شەھىرى ئەمەس بەلكى ، ئىسلام دىنىدىكى كاتتا ھەدىس سەھىھۇلبۇخارىنىڭ مۇئەللىپى ئىمامى بۇ خارانىڭ يۇرتى بۇخارانىڭ ھازىرقى شەھەر مەركىزىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقمۇ ھەم بۇنىڭدىكى سەۋەبنى چۈشىنەلەيمىز. ~L1N1Z)Kk
بۇخارا شەھەر مەنزىرسى - بۇخارا شەھىرى 7'<4'BGzl]
بۇخارا شەھەر مەنزىرسى - بۇخارا شەھىرى زامانىۋى پۇتبول مەيدانى - بۇخارا شەھىرى ئازادەچىرايلىق شەھەر يوللىرى - بۇخارا شەھىرى. شەھەر يوللىرى - بۇخارا شەھىرى بۇخارا سېپىلى قەدىمى قۇرۇلۇش- بۇخارا شەھىرى. قارايدىغان بولساق بۇ دۆلەتنىڭ شەھەر قۇرۇلۇىشى بىلەن تاشقى قىياپىتىدىن ئادەمنى خېلى سۈيۈندۈرىدىغان كۈرىنىشلەرنى ئۇچىرىتىمىز. بىر دۆلەتنىڭ شەھەر مەدىنيىتىنىڭ خۇسۇسىمۇ شۇ خەلىقكە بىۋاستە باھا بىرىدىغان مۇھىم ۋاستە. ئۆزبىك خەلىقى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇيغۇرلار بىلەن يىلتىزداش كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە دوسلارنىڭ بۇتىمىنى كۈرۈپ ئىجابى پايدىلىنىشىنى ۋە ھۇزۇر ئېلىشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ماقەلەمنىڭ داۋامى بار بۇلۇپ ، ئۆزبىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن،بېشىدىلا دەي ھەممىگە مەلۇم بولسۇنكى مەن قانداقتۇر ئۆزبىك ياكى ياكى ئۆزبىككە بەك ھەۋەس قىلىپ كىتىدىغان ئادەممۇ ئەمەس. ھەم بۇ تىما مۇناسىۋەتلىك تورلاردىن پايدىلىنىپ روياپقا چىقىرىلغان. ھەم ئۈزۈم بىۋاستە كۆرمىگەن بولمىغاچقا ، بەزى ئاتالغۇلاردا سەۋەنلىك چىقىشى تۇرغانلا گەپ. بىلىدىغان دوسلارنىڭ تۈزىتىپ تەنىقىدى پىكىر بىرىشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. ماقەلە ئاپتۇرى - پەرھات مۇھەممەتئىمىن. خوتەن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا ھاجىغىل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى . |