رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> پروزا باغچىسى -> ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 4 total )

AnaTuprak2010-06-07 23:12
  
ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز
v%_5!SR  
R5iv]8X4W  
7,.Hj&'B  
#/u%sX`#y  
مەن ئادەتتە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالاپ كەتمەيدىغان ئۆز كەسپىم ۋە ئۈگۈنۇش،ئاللاھ قا سىغىنىش بىلەن ئالدىراش يۇرۇيدىغان بىر قىز . باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ۋە ئىش - ھەركەتلىرىگە ئانچە قىزقىپ كەتمەيمەن.لىكىن نەچچە كۈن ئالدىدىكى ئەھۋال باشقىچە بولدى.بۇ قىتىمقى تاساددىبى ئۇچۇرشۇش ۋە سۆھبەت كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ ئويچان قىلىپ قويدى.   3l?D%E]P  
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرش پۇرسىتى كىلىپ قالدى. چالا- پۇلا تەييارلىق قىلىپ ئايدۇرۇمغا يۈرۈپ كەتتىم. باشقا ۋاقىتلارغا ئوخشاشلا بۇ قىتىمقى يولوچىلار نۆۋىتى 2 سائەت كېچىكتۇرۇلدى.بارلىق يولوچىلار كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.  سائەت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ۋە خالىراق بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈش ئورنىغا كىرىپ ئولتۇردۇم . بىر نەچچە خەنزۇ قېرىنداش ۋە بىر نەچچە چەتئەللىك مېھمانلار جىمجىت ئولتۇرشاتتى . مەنمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئولتۇرپ قارشى تەرەپ بىلەن تۈزۈش ئۇچۇن ئالدىن تەييارلاپ قويغان توختام ماتىرىيالىنى كۆرگەچ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بىر جۈپ چەتئەللىكە كۆزۈمنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويدۇم . ئاق پىشماق ، ئىگىز كەلگەن يىگىت بىلەن ھەقىقى ئىسلام ئاياللىرىغا خاس كيىنگەن گەرچە بەزى بىر قىزلارغا ئوخشاش قېنىق گىرىم قىلمىغان بولسىمۇ چىرايلىق قىلىپ ئارتۋالغان ھىجاب قىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان ئىدى . پەرزىم بويىچە ئەرەب قىزى بولشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم . توساتتىن سىڭلىمدىن كەلگەن تېلفۇن جىمجىتلىقنى بۇزدى . تېلفۇننى ئېلىپ بوش ئاۋازدا «سىزگە كېين تېلفۇن قىلاي» دەپ تېلغۇننى ئېتىپ تۇرشۇمغا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان قىز چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى .     `m N*"1p-  
__سىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ؟ كىينىشىڭىزگە قاراپ سىزنى ئەرەبمىكىن دەپتىمەن__ دىدى قىز.   .G"UM>.}d  
__سىزنىڭ كيىنىشىڭىزدىن مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان ئىدىم__دىدىم مەن .   g. V6:>,  
قىز يېنىمدىكى بوش ئورۇننى كۆرسۈتۇپ تۇرۇپ: ئولتۇرسام بولامدۇ __دىدى .   Qqt<  
__خالىسىڭىز ئولتۇرۇڭ__دەپ ئىشارەت قىلىپ قويۇپ يەنە ماتىرىيال كۆرۈشنى داۋاملاشتۇردۇم . قىز بىرئاز جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن:   y6.Q\=  
__ئالدىراش ئوخشىمامسىز__دەپ سوردى.«شۇنداق» دىمەكچى بولۇپ قىزغا قاردىم-يۇ دىمەكچى بولغىنىمنى يۇتۇپ سالدىم -ياق مۇنداقلا كۆرۋاتىمەن - قىزنىڭ چىرايغا كۈلكە يۈگۈردى .   a<-'4D/  
-سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلۋاتىدۇ -دەپ جاۋابىمنى كۈتتى. ماتىرىيالىمنى يۇغۇشتۇرغاچ «بولدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم . قىز ئۆزى ۋە يېنىدىكى چەتئەللىك يىگىت A نى بىر قۇر تونۇشتۇردى . مۇسۇلماندارچىلىق يۈزسىدىن (نىڭ چۇشۇنۇش قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن) ئەرەب تىلدا ھال - ئەھۋال سوراشتۇق . قىز ئۇلاپلا   }]0f -}  
- پات ئاردا توي قىلماقچى بولۋاتىمىز -دىدى . ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمۇدۇم . قىز بىلەن قەيەرلىك ئىكەنلىكىمىز، نىمە ئىش قىلدىغانلىقىمىز توغرسىدا بىر ئاز چۈشۈنۇش ھاسىل قىلىشقاندىن كيىن چەتئەللك يىگىت A سىرتنى ئايلىنىپ كىرىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كەتتى . قىز ماڭا قاراپ - نىمە دەپ چەتئەللىىك بىلەن توي قىلماقچى بولغاندۇ دەپ قالدىڭىز ھەقاچان - دەپ سوردى . جاۋابىغا يىنىك كۈلۈپ قويدۇم . دىمىسىمۇ شۇنداق سۇئال كاللامدىن ئۆتكەن ئىدى . قىز كەچۇرمىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى . ghXh nxG  
__مەن بىر يولدىن ئازغان قىز ئىدىم . بىز دېھقان كىشى ، دىمىسەممۇ ئاز ساندىكى دېھقانلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا نۇرغۇنلىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار . ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ ئاتا - ئانام نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتتە سىڭلىم ۋە مېنى ئالي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىش بەك قىيىنغا چۈشتى ، خىزمەت ئىزدەپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن كۇنلەرنىڭ بىردە يىراق بىر تونۇشۇم تاغىسىنىڭ ئىچكىردىكى شىركىتىگە خىزمەتچى كېرەك ئىكەنلىكىنى ، مۇئاشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىېيتىپ تېلفۇن ئارقىلىق تاغىسى بىلەن ئۇچراشتۇردى .   vA(V.s`  
تۇرسۇن (ئۆزگەرتىلدى) ئاكا سۆزلىرىدىن ناھايىتى مۇلايم ، ئاقكۆڭۇل كىشىدەك قىلىپ تۇراتتى .   p&Usl.  
-مېنىڭ ئايالىم ۋە باللىرىممۇ مۇشۇ يەردە تۇردۇ. كەلسىڭىز شۇلار بىلەن بىرگە تۇرسىز ھەرگىز قىيلىنىپ قالمايسىز.ئۆز قىزىمنىڭ ئورنىدا كۆرمەن...دىگەندەك بىر تالاي ياغلىما گەپلەر بىلەن مېنى قايىل قىلدى . ساددا ئاتا-ئانامنى مەن قايىل قىلدىم.ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئىچكىرگە كەلدىم . باشتا بىر نەچچە كۈن ھەقىقەتەن بەكلا كۆڭۈل بۆلدى . ھەپتە ئۆتكەندىن كيىن تۇرسۇندىن قاچان ئىشقا چۈشىمەن دەپ سوردۇم ، تۇرسۇن تەلەتىنى بۇزۇپ ئالدىرماي تۇر ئاز قالدى دىگىنىچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى . ئەتسىدىن باشلاپ تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ پوزۇتسىيەسى ئۆزگەردى.بىركۇنى ۋىجىككىنە كەلگەن،چىرايىنى تەسۋىرلگۇسىز سەت بىر يولداشنى باشلاپ كىرىپ سەن مۇشنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيسەن ، ھازىر ئاپرىپ تۇردىغان ئورنىڭنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇ دەپ مىنى ئۇ يولداشقا قوشۇپ قويدى . بۇ كىشى مىنى ماشىنىسغا سىلىپ بارغانسىرى شەھەردىن ئۇزاپ كىتىپ باراتتى .   Jg I+k Nx  
-شىركىتىڭ قەيەردە ؟ - سوردۇم ئۇ كشىدىن _ئاز قالدى__دىدى ئۇ سېسىپ كەتكەن چىشلىرنى كۆرسۇتۇپ كۇلۇپ . بىر ۋاقىتلا ئۆتكەندىن كيىن ماشىنا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختىدى . * -ئىشىخانا ئىككىنچى قەۋەتتە -دىدى. مەن كەينىمگە بىرنەچچە قەدەم يىنىپ: &"^,Ubfcn"  
-ياق ، مەن بۇ يەردە ئىشلمەيمەن - دىدىم . يولداش قاقاقلاپ كۇلۇپ:   }R.<\  
- ئىشلمەيمەن دەپ ھەددىڭ ئەمەس- دەپ ئەتىراپتا تۇرغان بىرنەچچىسىگە ئشارەت قىلدى . ئۇلار ياۋۇزلارچە ياپتۇرۇپ كىلىپ مىنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئويگە ئىلىپ كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ قويدى . ۋارقىردىم، قولۇمغا چىققان نەرسىلەرنى ئۇرۇپ چاقتىم . ... ... ياردەمدىن ھىچ بىر سادا كەلمىدى . كەچ سائەت 10لاردىن ئاشقاندا ئىككى يولدا ش كىرىپ بىلكىمدىن تۇتۇپ بىر ئوكۇل سالدى . قالغىنىنى بىلمەيمەن .   giU6f!%  
ئەتىسى ھۇشۇمغا كىلىپ ئۆزمنىڭ پۇتۇنلەي بەربات بولغانلىقىمنى كۆردۇم . بارلىق ئاۋازىم بىلەن چۇقان سالدىم ، ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ توۋلىدۇم . ئىشىك ئىچىلىپ ھىلقى ئىككى كىشى كىردى ۋە مىنى قوي باغلىغاندەك باغلاپ ئىغىزىمنى جوبۇلاپ ماشىنغا سىلىپ يۇرۇپ كەتتى . بىر ۋاقىتلاردىن كيىن تۇرسۇننىڭ ئورلتۇراق رايۇنغا ئەكىلىپ تاشلىدى ۋە تۇرسۇنغا :   Jf<+VJ>t  
--مانا بۇ قالدى پۇل- دەپ بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى . تۇرسۇن ئاكىغا دەرت ئىتتىم ، يىغلىدىم، يىلىندىم ئۇنڭغا ھىچنەرسە كار بولمىدى . ئۆزۇمنى ئۆلتۇرۋالماقچى بولۇپ دورا يەۋالدىم، تومۇرۇمنى كىسۋالدىم . «قىز چاپىنىنىڭ يىڭىنى ئۇستىگە كۆرۇتۇپ بىلكىنى كۆرسەتتى» .   B>dXyo  
- ئەجەل كەلمىگن كىشى ئۆلمەن دەپمۇ ئۆلەلمەيدىكەن ھەدە دىدى چۇڭقۇر تىنىپ . -ئادەم ئۆلتۇرمەيدىغان تاياق، دەپسەندە قىلش، تەھدىد سىلىشلار مىنى تەقدىرگە تەن بەرگۇزگەن ئىدى . بىركۇنى تۇرسۇن ئەگەر باشقىلارغا ھەمراھ بولمىساڭ، دىبا ، رىستۇرانلاردە ئۇسۇل ئوينا - ئىككىسىنىڭ بىرسىنى تاللا- دەپ چىقىپ كەتتى . خەنزۇ، ئۇيغۇر ، چەتئەللىك ھەتتاكى قارا تەنلىكلەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلاپ تۇراتتى . ئۇلارغا ھەمراھ بولغاندىن ئۇسۇل ئوينىغىنىم ياخشىراق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇسۇلچى بولدۇم . ھەپتە بىر دىبادا ئۇسۇل ئويناتسا ، ھەپتە تۇرۇك ۋە ئەرەبلەرنىڭ رىستۇرانلاردا ئۇسۇل ئويناتقۇزدى 2006- يىلى 9 ئاينىڭ مەلۇم بىر كۇنى چەتئەل رىستۇرانىغا ئۇسۇل ئويناشقا ئىلىپ كىلىندىم . تۇرسۇن ھەرقىتىم بىرگە كىلەتتى ياكى بىرەرسىنى ئەۋەتىپ رىستۇراندىن ئاخىرلاشقۇچە ساقلاپ تۇراتتى . شۇ كۇنى ئاخىر مەيدان ئۇسۇلنى ئويناپ بولغاندىن كيىن رىستۇران خوجايىنى كىلپ 9-ئۇستەلدىكى مىھماننىڭ سىزگە كۆڭلى بار ئىكەن(پۇلنى دىمەكچى). دىدى(خەنزۇتىلىنى ياخشى سۆزلەيدۇ) مەن تۇرسۇننىڭ رخسىتىسىز باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرالمايمەن دەپ رەت قىلدىم . خوجايىن تۇرسۇننىڭ قىشىغا بىرىپ بىرئاز كۇسۇرلاشقاندىن كىين تۇرسۇن ماڭا قاراپ ئۇستەلنى ئىشارەت قىلدى. چەتئەللىك يىگىت A راۋان بولغان خەنزۇ تىلدا .   &"vh=Z-  
`-سزنى جۇڭگۇلۇق دەپ ئاڭلىدىم ، لىكىن سىز باشقا خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز دىدى . . -مەن شنىجاڭدىن- دىدىم بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ . شىنجاڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ :   /IDfGAE  
-ئۇلار مۇسۇلمان قىرىنداشلارغۇ ؟ دەپ سوردى . يۇزۇم قىزىرىپ ئوت چىقىپ كەتتى . -شۇنداق دىدىم توۋەن ئاۋازدا . k_)H$*  
نىمە دەپ بۇ كەسىپنى ..... ؟ قورقۇنۇش بىلەن ئەتىراپقا قاراشلىرىمدىن ھەيران قالغان -بىرەرسى سىزنى كۇزتىۋاتامدۇ ئەجەب ھودۇقۇپ كىتۋاتىسىزغۇ ؟ -بۇ يەردە سىزگە تەپسىلاتنى چۇشەندۇرۇش ئەپسىز دىدىم.   lNtZd?=>  
A رىستۇران خوجايىنىنى چاقىرىپ ئۆز تىلدا بىرنەرسىلەرنى دىگەندىن كيىن خوجايىن تۇرسۇن تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى . ۋە بىر ئازدىن كيىن قايتىپ كىلىپ بىرنەرسىلەرنى دىگەندىن كيىن . A ئۇستەل ئاستىدىن بىرسىقىم پۇلنى خوجايىنغا سۇندى . ۋە ماڭا سىزنى بۇگۇن مەن بىلەن قالسۇن دىدىم . قورقىماڭ سىزگە باشقا نىيتىم يوق .سىرىتقا چىقىپ ئايرىم پاراڭلىشايلى . مەن تۇرسۇنغا قاردىم ئۇ بىز ئولتۇرغان ئۇستەلگە كىلىپ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا كىلىپ ئىلىپ كىتمەن . ئۆزىڭ بىلگەننى قىلىپ يۇرمە قىچىشقا ئۇرۇنۇپ قالما ئۆزۇڭ بلسەنغۇ دەپ كۇلۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . A مىنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ يىقىن بولغان دۇككاندىن بىر قۇر كىيم سىتۋالدى ۋە كىيۋىلىڭ توڭلاپ قالماڭ دىدى . 9 ئايدا ئىچكىرنىڭ ھاۋاسى ئىسىق بولسىمۇ A نىڭ سۆزنىنىڭ تىگىگە يەتتىم . بىز بىر قەھۋە خانىدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق پاراڭلاشتۇق . ۋاقىتمۇ بىريەرگە بىرىپ قالغان ئىدى . A خالى بىر مىھمانخاندىن ياتاق ئىلىپ مىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كيىن . قالايمىغان تىلفۇن ئالماسلىقىمنى ، ئىشىكنى ئاچماسلىقىمنى مۇلازىمەتچىلەرگىمۇ ئاۋارە قىلماڭلار دەپ جىكىلگەنلىكىنى، ئەتە كىلدىغانلىقىنى ئىتىپ قايتىپ كەتتى . بۇ كىچە مەن يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم . تۇرسىننىڭ تىل ئاھانىتىدىن، يامان نىيەتتە بولشىدىن... ... قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم .   tOn_S@/r  
ئەتىسى سائەت 3 كىچە ئۇخلاپ كىتىپتىمەن . ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييار بولۇپ Aنىڭ قالدۇرغان نومۇرى بويىچە تىلفۇن قىلدىم . A سائەت 12 بىلەنلا مىھمانخانىغا كىلىپ تۆۋەندە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . يەنە تۇرسۇننىڭ قىشغا قايتىدىغان بولدۇم دەپ بىئارام بولغان ھالدا توۋەنگە چۇشتۇم A رىستۇران خوجايىنى بىلەن تۇراتتى . مىنى ناشتىلىققا تەكلىپ قىلشتى . تاماق يىگەچ A ئۆز پىلاننى ئىتتى . X|Gsf=1S  
مەن سىزنى بۇ كىشى (تۇرسۇن)دىن ئازات قىلاي دەيمەن ، خالىسىڭىز شىنجاڭغا قايتىسىڭىزمۇ بولدۇ . ياكى مىنىڭ شىركىتىمدە ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ بولدۇ . ... ..تاماقتىن كيىن مەن كۆرسەتكەن ئادىرىس بويىچە تۇرسۇننىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدۇق . تۇرسۇن چەتئەللىك مىھمانلارنى قۇۋلۇق قىلىپ كۇلۇپ قارشى ئالدى . ماڭا - كىرىپ تەييار بول دەپ ئىچكىركى ئويگە كىرگۇزىۋەتتى . بىر سائەتتىن ئاشقان سۆھبەتتىن كيىن تۇرسۇن مىنى چاقىرىپ - نەرسىلىرىڭنى يۇغۇشتۇر ، قارغاندا ماۋۇ گۇيلارنى ئوبدان رازى قىلپسەن قانجۇق دىدى مەسخرە ئارلاش كۇلۇپ . تۇرسۇندىن قۇتۇلغىنىمغا خۇشال بولۇپ نەرسىلىرىمنى ئالدىراپ يۇغۇشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم . تۇرسۇننىڭ سىسىق گەپلىرى يەنىلا توختىمايتى . -ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ ئاۋارە بولما ئۇلار بىلەن يقىن ئۆتمەن، ئۆزۇڭگە ئىش تىپۋالسەن.   '5V2{k$4U  
A قولدىكى توختام ۋە سالاھىيەت كىنىشكەمنى ماڭا سۇنۇپ، چامدانىمنى ئالدى .   cwK 6$Ax  
-يۇرۇڭ دەپ مىنى سىرتقا ئىلىپ ماڭدى . ماشىندا ئولتۇرۇپ قولۇمدىكى توختامنى ئاچتىم تۇرسۇن مىنى 35000 يۇەنگە ساتقان ئىدى .   R81z|+c|_  
يەنى قانداق قىسمەتلەر كۇتۇپ تۇرۋاتقانلىقىنى بىلمەيتىم . A بىر ئائىلە قورۇسىنىڭ ئالدىدا توختاپ ، - ئۇدۇلدىكى بىنادا مىنىڭ ئىشخانام بار بۇ ئائىلە قورۇسىدا بىر يۇرۇش ئۆي بار سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇڭ دەپ مىنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە ياخشى ئارام ئىلىڭ بىكار بولغاندا تىلفۇن قىلارسىز دەپ چىقىپ كەتتى .   8+ 5-7)  
بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام بىر تەرەپتىن قورقۇپ تۇراتتىم . نەچچە كۇن خۇشاللىق ۋە قورقۇش ئىچىدە ئۆتۇپ كەتتى . يەكشەنبە كۇنى ئىدى . A ئىشىك تۇۋىدە پەيدا بولدى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كيىن قولىدىكى بولاقنى ئىچىپ ، قۇرئانى كەرىم ، ناماز ئوقۇش ئۇچۇن تەييارلانغان بىرقۇر كىيم ۋە جەيناماز ئىلىپ ماڭا سۇنغاچ -سىزگە لازىم بولدۇ دەپ ئىلىپ كەلدىم دىدى . مەن توۋەن ئاۋازدا9-قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن   P$MAURFm  
-تاھارەت ئىلىشنى بىلەمسىز ؟   /6_>d $  
بىلمەن.   ve.rp F\  
-قۇرئاننى پاكىز ھالەتتە تۇتمىسا بولمايدۇ . مەن كىىرىپ تەھەرەت ئىلىپ چىققاندىن كيىن A قۇرئاننى ئىچىپ بىر-بىرلەپ ھەرپلەرنى ئوقۇشنى ئۇگۇتىشكە باشلىدى . A دائىم ناماز توغۇرلۇق، قۇرئان كەرىم تورغۇرلۇق، پەيغەمبەرلەر توغۇرلۇق ئىسلام ئايالىرى توغۇرلۇق نۇرغۇن بىلىملەرنى خەنزۇ تىلدا راۋان سۆزلەپ بىرەتتى . نەچچە ئاي ئۆتۇپ كەتتى . 5 ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى، قۇرئان ئوقۇشنى ئۇگەندىم . ئەۋرەتلىرىمنى ياپتىم، قىلغان گۇناھىلىرىم ئۇچۇن ئاللاھتىن كەچۇرۇم سورايدىغان بولدۇم . Aنىڭ قىلدىغان ئىشى پەقەت ماڭا ئىسلام توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى ئۇگۇتۇش ئىدى . زىرىكىپ قالغان بولسىڭىز شىركىتىمگە كىرىپ ئىشلەڭ دەپ تۇراتتى ، ئايدا ئويدىكىلەرگە ئەۋەتەرسىز دەپ 2000-3000 مىڭ يۇەن بىرىپ تۇردى. رامىزانغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى . A روزا ھىت ئۇچۇن دۆلىتىگە قايتىماقچى بولۋاتقانلىقىنى مىنى خالسام شىنجاڭغا يولغا سىلىپ قويدىغانلىقىنى ئىيتىپ جىم بولۇپ قالدى .   x%kS:!  
شۇ ئەسنادا ئۆز مىللىتىمدىن بولغان تۇرسۇندەك كىشىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى يادىمدىن كەچتى . شىنجاڭغا قانداق بارمەن؟ ئاتا - ئانامغا قانداق يۈز كىلمەن، بىرسىنىڭ نىكاھىغا ئۆتمەكچى بولسام ئۆزۇمنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى يوقاتقانلىقىنى قانداق چۇشەندۇرمەن ؟... ... كاللامغا مىڭلغان سۇئال كەلدى. كۆزۇم قاراڭغۇلۇشىشقا باشلىدى . بىر ئاز جىمجىتلىق سۇرگەندىن كيىن A سۆز ئاچتى .   Rn={:u4  
-قايىتقىڭىز يوقمۇ ؟ ئەگەر باشقا دۆلەتلىك يات مىللەت دىمىسىڭىز سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالغۇم بار . دىدى توۋەنگە قاراپ .   vJg|}]h>L  
-لىكىن مەن ؟ ئۆتمۇشىمدىن خەۋىرىڭىز بار قانداقمۇ كۆڭلىڭىز كۆتۇردۇ؟   nKn,i$sO/.  
-ئۆتمىشىڭىز ئۆتتى كەتتى . ئاللاھ خالىسا گۇناھىلىرىڭىزنى كەچۇرگۇسى . ھازىر سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان قىز ، كەلگۇسىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش خىيالىم بار .   Rg! [ic !  
نىمە دىيشىمنى بىلمەيتىم . بىر مەزگىل ئۆتسۇن دەپ قويدۇم . روزا ھىتقىمۇ ئاز قالدى بىر كۇنى A ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتمايدىغانلىقىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ جۇڭگۇغا كىلدىغانلىقىنى ئيىتى . ئاتا-ئانسى روزا ھىتقا نەچچە كۇن قالغاندا كەلدى . بىر ئاينى بىرگە ئۆتكۇزدۇق . ئۇلار مىنى ئۆز قىزىدەكلا ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدى . مەنمۇ ئۇلارنى بەك ھۆرمەتلەيتىم . قايتىدىغان ۋاقىت كىلىپ قالغاندا ئۇلار A ئارقىلىق مىنى كىلىن قىلۋالغۇسى بارلىقىنى ، ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۇشۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىيتى . ئالدىن تەييارلىقىم بولمىغاچقا ئۇلارنى توسۇپ قويدۇم . ئۇلارمۇ كەتتى . ھازىر ئاتا ئانامغا قانداق ئىتىشنى بىلمەي تۇرۇپتىمەن . ئاللاھ خالىسا ئۇلارمۇ قارشى چىقمايدۇ دەپ ئويلايمەن . دىدى قىز كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ .   I>X_j)  
قىز ئۇزۇن بىر ئۇفسىرغاندىن كيىن سۆزىنى داۋام ئەتتى .   ;5 W|#{I  
-شىنجاڭدا چەتئەللىك بىلەن توي قىلىش رەسمىيتىنى قانداق بىجىردىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن .   3| 5Af  
D.G+*h@ g  
-سىز بىلەمسىز ؟ دەپ سوردى ئۇنىڭ سۇئالى قانائەتلىنەرلىك جاۋابىمنى كۇتكەن بولسىمۇ . قىزنىڭ مەندىن . توسساتىن سورغان سۇئالغا تەرىمنى تۇرۇپ تۇرۇپ يىنىكلىك بىلەن جاۋاب بەردىم . -مەن قانداق بىلەي . چەتئەللىكە توي قىلىپ باقمىغان . ئۇيغۇر چقماي قالغان تەقدىردىمۇ چەتئەلگە توي قىلىش پىلانىم يوق .   e6{}hiM  
قىزنىڭ كۆزىدە ياش يۇگۇردى ، غەزەب بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ :   JwR]!  
-شۇنداق ماڭا ئۇيغۇر چىقماي قالدى !!   U[9`:aV;  
-ئوقۇش پۇتتۇردۇم ، خىزمەت تىپىش ئۇچۇن نەچچە يۈز ئىشككە دوقۇردۇم، ماڭا ئىشلەپ بەر دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.   Qn> 0s  
-ياقا يۇرۇتتا خورلۇق تارتىم ، بىشىمنى سىلايدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.   2[i:bksjW  
-بەدىنىم ئوچۇق كىيم كىيىپ چىقسام، سىڭلىم بۇ بىزنىڭ مىللىي كيىمىمىز ئەمەس ، مۇسۇلمان قىزىلىرى كىيدىغان نەرسە ئەمەس دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى.   v*}r<} j  
! -كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقىنىمدا مىنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى . : -ھاراق رومكىسىنى قولۇمدىن تارتىپ ئالدىغان، تۇتاشتۇرۇلغان تاماكامنى ئۆچۇردىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .   ; 2K_u  
-يامان يولدىن قايتىپ مۇسۇلمان بولۇپسەن ، مەڭگۇلۇك جۆرە قىلاي دەيدىغان ئۇيغۇر چىقمىدى .   :Mr_/t2(  
-تىنىمنى سىتىشقا مەجبۇرلىغان ئۇيغۇرۇم بولدى . ھاراق رومكىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزغان ئۇيغۇرۇم بولدى، تاماكنى تۇتاشتۇرۇپ سۇنغان ئۇيغۇرۇم بولدى . قولدىن قولغا ئۆتكۇزۇپ ئوينىغان ئۇيغۇرۇم بولدى .   _uL{@(  
-ئىتىپ بىقىڭە : ئۆتمۇشۇمدىن خەۋەردار بولغان قايسى ئۇيغۇر يىگىتى ماڭا مەڭگۇلۇك جۆرە بولدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ ھەربىر قەدەمدە پىشانەمگە قويۇپ تۇرۋالماسمۇ؟ ... .... )&[S*g  
... ... يەنى نىمىلەرنى دىمەكچى ئىدى ، A قايتىپ كىردى . قىز دەرھال يىشىنى سۇرتۇپ Aغا كۇلۇمسىرەپ قاراپ قويدى .   .L'>1H]B  
e-يۇرۇڭ ۋاقىت توشۇپ قالدى يولۇچىلار مىڭىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ بىزمۇ چىقايلى . دىدى A. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ : B5"(NJ;  
-كەچۇرۇڭ ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ قويدۇم . مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمايمەن، پەقەت بەزى بىر ناھاقچىلىككە ئىچىنىمەن . تۇرسۇنغا ئوخشاش كىشىلەردىن نەپرەتلىنىمەن . مىنىڭ چەتئەللىكە توي قىلشىم مىللىتىمنى ساتقانلىقىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ . چەتئەلدە خان ساريىدا ياشىساممۇ ، شىنجاڭدىكى توپۇلۇق يىزا يوللىرىغا تەڭ قىلمايمەن . ماڭا كەلگەن خورلۇق باشقا شىنجاڭلىق ئاچا-سىڭىللارغا كىلىپ قالمىغاي . ئاللاھتىن يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئىنساب تىلەيلى ئامان بولۇڭ . دىدى_ دە كەينىگىمۇ قارماي يۇرۇپ كەتتى .   }9[E+8L1  
) «كەچۇرۇڭ كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قويدۇم » دىيىشكىمۇ ئۇلگۇرەلمەي قالدىم . قىزغا ئازاق بولسىمۇ تەسسەللي بەرمەك تۇگۇل ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن بەرگەن جاۋابىم مىنى بەكلا خىجىل قىلدى .   F"xD^<i  
قىزچاق بەلكىم بۇ تىمىنى ئوقۇپ قىلشىڭىز مۇمكىن . مىنى كەچۇرۇڭ. 4[t1"s~Wg  
   ^`NU:"  
تورداشلارغا دەيدىغىنىم :   nff&~lwhZ  
يولدىن ئازغان ، مەجبۇرلاشقا ئۇچۇرغان قىزلارغا چىقىش يولى بىرەيلى ، ياخشى يولغا باشلايلى، ئىللىق قوينىمىزنى ئاچايلى!

hotanboy2010-06-08 00:03
ياخشى تىما

يامغۇرلۇق2010-06-08 18:35
ۋاي توۋا

شاتئاي2010-06-08 19:54
بەك ياخشى تىمىكەن ... ئەجىرىڭىزگە رەھمەت....

bayvatqa2010-06-08 20:59
بەك   تەسىرلىك   تىما   كەن   ،،،،،،،،،،،

SAFIYA2010-06-14 15:20
نېمىدىگەن تەسىرلىك تېما بۇ~~! [80jG+6  
ئاللاھ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ زۇلىمىدىن ساقلىغاي~! -miWXEe@l  
ئاللاھدىن گۈناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن

saba1092010-06-16 19:31
بىر چۈپرەندە تۇرسۇن قانداقمۇ پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالىسۇن... T-x1jC!B'  
ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە ئۆزى تاپقان بانارى خالاس.!!!!! q B-9&X  
\ } ,="  
  بۇنداق تايىنى يوق ئەسەرلەرنىڭ سەلبى تەسىرىدىن باشقا قىلچە ئەھمىيتى يوق!!! v2R41*z,  
يەنە شۇنداق بانا ئىزدىگۈچىلەرگە يېڭى "بىلىم" بولغۇدەك بۇ تېما...

خۇشخۇي2010-06-17 04:29
مىنڭچە، بۇ تما بەك ياخشې بۇلۇپتۇ. چۇنكې جەميتمزدە ئاشۇ قزغا ئۇخشاش ، باشقلارنڭ مەجبۇرلشى بلەن يامان يۇلغا كرپ قالغان قزلارمۇ ئاز ئەمەس،شۇنڭدەك ئۇلارنى توغرا چۇشنپ ،ئۇتمۇشنى ئۇنتۇلدۇرۇپ،كەلگۇسگە ئۇمۇتۈۋارلىق بلەن قاراشقا ئۇندەيدىغان ئوغۇللار چىقماسلىقى مۇمكىن.كۆز يۇمۇۋىلىشقا بولمايدىكى،ئەسەردىكى تۇرسۇنمۇ بەلكىم بىرقىزنىڭ دادىسى ۋە ياكى ئاچا-سىڭىللىرى بولىشى مۇمكىن.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئاشۇ بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەن يامان يولغا كىرىپ قالغاندا مىنى قۇتقۇزدىغان ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىدى دىيىش دەرجىسىگە ئاپىرىپ قويغان.شۇڭا بۇ چەتتەللىك بىلەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ھىسياتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

sirdax2010-06-17 16:04
بەك ياخشى چىقىپتۇ  

oMaR.2010-06-19 14:51
راسلا.بۇلغان ئىشلارمۇ بۇ،، K r $R"  
ئۇزۇمنى گۇناخكاردەك كۇرۋات مەن 7Yp;B:5@  
9 ! [oJ3  
gIv :<EJ9  
ئاللاھدىن گۈناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن

oMaR.2010-06-19 14:53
راسلا.بۇلغان ئىشلارمۇ بۇ،، Bs2.$~   
ئۇزۇمنى گۇناخكاردەك كۇرۋات مەن V*P3C5 l  
WS6pm6@A*!  
*xB9~:  
ئاللاھدىن گۈناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن

karluk2010-06-20 20:25
سابا خىنىم سىز ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىنى تاپقان باناسى دەيسىز،لىكىن ئويغۇر قىزلىرمىزنىڭ ئاشۇنداق ئېزىپ كىتىشىدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ بەدبەخلىردە مەسئۇليەت يوقما؟ئۈزىمىزنىڭ ئادەملىرى قىزىقتۇرۇپ ئاتام زامان كۈرۈپ باقمىغان ئاشۇ مۈدھىش ماكانلارغا ئاپارمىسا كىممۇ ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن بارالىسۇن؟تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقلىرى سىنىمىسا ئۇنداق يەرلەردە نىمىش قىلالىسۇن؟بۇ ماقالە ۋەقەلىگى مەيلى راست ياكى تۇقۇلما بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر سەرسانلار تۇرمۇشىنى كەچۈرۋاتقان ئويغۇرلىرمىزنىڭ جانلىق كارتىنىسى.بۇ پەقەت بىرسى بولغان بىلەن نەچچىلىگەنلەر بار.بۇلۇپمۇ قىزلاربىرىنچى قۇربانلىق قىلىنماقتا.تور ئەھلىلىرى بۇنىڭغا كۆز يۇمساق ھەرگىز بولمايدۇ.پەقەت ئۈزىمىزنىڭ جايىمىزدىن باشلاپ تەربىيە قانات يايدۇرۇپ بۇنداق خورلۇقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇليىتىمىز بار. ئانا تۇپراق ئەپەندىنىڭ يازمىسىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت! +=#sa m*i  
ئۆز مىللىتىگە كۈڭۈل بۆلمەيدىغانلار ھەقىقى بەدبەخلەردۇر.بىلمەي ئازغانلارنىڭ گۇناھىنى ئاللاھ ئىگەم چۇقۇم كەچۈردۇ،بىلىپ ئازغان ياكى تۇرسۇندەك بەدبەخلەر دوزاخقا مەھكۇمدۇر.

xohbala2010-06-21 03:25
ئىسىل  تىمىكەن  يارايسىز  !! 7z!|sPW](b  
راسلا بۇلغان ئشلارمىدۇ؟

hiyal2010-06-21 13:03
مەن سابا 109 نىڭ پىكىرىنى قوللايمەن. بۇ خىلدىكى تېمىلارنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان سەلىبى تەسىرى كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن، ئۇ قىزمۇ دەسلەپتە ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىمكان قىلىپ شىنجاڭغا قىچىپ كېلىۋېلىشى (نىيەتلا بولسا تۇرسۇندەك ئادەملەردىن قۇتۇلۇش تەسمۇ ئەمەستى )،جاپا چەكسىمۇ ھالال يولدا ياشاشنى تاللىشى كېرەك ئىدى، لىكىن ئۇ قىز ئەكسىچە، تۇرسۇننىڭ ئۆزىنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىشىغا ئاستا - ئاستا كۆنگەن گەپ، كېيىن ئۇ چەتئەللىك پەيدا بولۇپ ئۇنى ۋاقىتلىق راھەتكە ئېرىشتۇرگەندىن كىيىن ، تىخى ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئاغرىنىپ ئاشۇ چەتئەللىككە تاغدەك ئىشىنىپ چەتئەلگە مىڭىپتۇ.....ھەي، توۋا!!!  ئۆز كۆڭلىدە راھەت كۆرىمەن دەپ ماڭغان چېغىى ،كىم بىلىدۇ چەتئەلگە چىقىپ  ئاۋۇ چەتئەللىكنىڭ چوڭ خوتۇنىنىڭ  پايپىقىنى يۇيۇپ، ئېغىللىرىدا تېزىگىنى تېرەمدۇ تىخى.... چۈنكى بۇ تەرەپەرگە كىلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ياخشىسىنى تاپىمەن دىيىش تولىمۇ تەس ، كۆپىنچىسى دېگۈدەك خوتۇنپۇرۇش نىمىلەر ئۇ، ئەسلىدىنلا ئۆز يۇرۇتلىرىدا نەچچىدىن خوتۇنى بار، بۇ يەرگە كېلىپ پۇلىنى كۆز - كۆز قىلىپ قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ خالاس. ....... ئاللاھ ئۆز بەندىللىرىگە ئىنساپ بارمىسە بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ يوقۇلۇشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ، خىياللىرىم تۈگىمەيدۇ......

karluk2010-06-21 18:15
كۇلىغا ئالدىنىپ كىرىش ئاسان بولغان بىلەن قايتىپ چىقىش شۇنچە ئاسانما؟قېچىش دىيىلسە مۇمكىنچىلىگى قانچىلىك بۇلار؟ قولغا چۈشكەن پۇلنىڭ ئۆزلىگىدىن ئالقاندىن چىقىپ كەتكەنلىگىنى كۆرگەنمۇ؟ئاكاممۇ كۇلىغا كىرىپ قېچىپ چىقالماي،تۇتۇلۇپ،ئېسىلىپ ئۇرۇلۇپ،ئاران دىگەندە8يىلدا يالىڭاچ دىگۇدەك ھالەتتە جېنىنى ئېلىپ چىققان تۇرسا قولغا چۈشكەن گۈزەللەرنىڭ قۇتۇلۇپ چىقالىشى مۇمكىنما خىيالچان ئەپەندىم؟يىتلەپ مېڭىشقا كۆنمەي نىمە ئامال بار دەيسىز.شۇڭا ئاۋال جەمىيەتنى كۈزتىپ ئاندىن پىكىر قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن. ئاشۇ قىز شىنجاڭغا قېچىپ چىقتى دىيىلگەندە سىز خۇتۇنلۇققا ئېلىپ يۈلەنچۈك بۇلالامسىز؟مەن يۈلەنچۈك بۇلارمەنمۇ؟مىللى قائىدە ۋە ۋىجدان نوقتىسىدىن بۇ تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان گەپقۇ.شۇڭا سىزنىڭ پىكىرىڭىزنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئورنى بولسىمۇ لىكىن يەنىلا بىر تەرەپلىمە قاراش.ماقالىدىكى قىزچاقلارغا ئوخشاش تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلارغا غەزەپ نەپرەت ئەمەس ھىسداشلىق قىلىش،تۇسۇش ۋە ئويغۇر يىگىتلىك مەسئۇليىتىمىزنى ئازىراق بولسىمۇ ئادا قىلىش تۇلىمۇ زۈرۈر ئەلۋەتتە!

barna2010-06-22 17:21
    ئۇ قىزغا يارىغان بولسا بولدىغۇ..ئۆزىمۇ ناھايىتى ياخشىدەك قىلىپ تۇرىدۇ..بۇنى ئۇنچە مۇرەككەپ قىلىپ نىمە قىلسىلەر..

Efrasuyab2010-06-22 19:23
مەن ئالساممىغۇ تازا بۇلاتتىكەن ، تېگەما...؟

muhlisa2010-06-25 20:34
مىنىڭ بۇ تىمىنى مۇشۇ 2ھەپتە ئىچىدە 4قىتىم ئۇقۇشۇم  شۇنداق ياختۇرمەن بۇ ئەسەرنى 4'JuK{/ A7  
b4%sOn,  
ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك ئاللاھتىن ئاشۇ توغرا يولدىن ئېزىپ كىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمى توغرا يولغا باشلىشىنى تىلەيمەن~~~~~~~~~~

adila2010-06-29 17:27
تاپقان باھانىسى بولامدۇ ياكى راست شۇنداقمۇ نېمە كارىڭلار دەيمەن.كىمگە تەگسە مەيلىغۇ؟ بۇ دېگەن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىگى. ئىشقىلىپ ئۇ يىگىتمۇ مۇسۇلمانكەنغۇ؟! بولدىغۇ مانا. ZN75ON L  
قايتىپ كەلسىمۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئىچىدىن مەن ئالاي،دەيدىغانلار چىقامدۇ-چىقمامدۇ؟؟؟؟؟

turki2010-08-02 14:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 5e tbJk  
قېرىنداشلىرىم ھازىر ئۈزەڭلار بىلىسىلەر ئىچكىرگە چىقۋاتقان قىزلارنىڭ بەزى بىر قىسىملىرى تۇرسۇنغا ئوخشاش ئەپچىقىپ كىتۋاتقان بولسا كۆپ قىسىملىرى باشقا تۇرسۇنجانلىرىمىز~~~!!! تەرپىدىن مەجبۇرى ئەپچىقىپ كىتىلىۋاتىدۇ ،بىز بۇ يەردە تۇرۇپ قېچىپ كەتمەي شۇ كۈنگە رازى بولۇپ دىگەن بىلەن شۇ ئىچكىرگە سىلەمۇ چىقىپ باقساڭلا ئاندىن بىلسىلە قېچىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى يەنە كىلىپ قىزبالا دىگەنگە ھەقىقەتەن تەس كىلىدىغان گەپ، ئاللانىڭ ئىنسانغا بىردىغان سىنىقى ھەرخىل بولىدۇ ،بۇ دىگەننىڭ سىناقنىڭ ئالىمى ، ئەمدى ئۇ قىز يالغان دىسۇن ياكى راس دىسۇن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۇچى بىر ئاللا، راس مەجبۇرلانغان بولسا ئۇ زۇلۇمغا ئۇچۇرغىچى بولىدۇ ، ئەمدى بىر بەندە ھەقىقەتەن چىن كۆڭلىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ تەۋبە قىلغان بولسا كىيىن يەنە شۇ گۇناھىنى سادىر قىلمىسا ئۇنىڭ گۇناھىنى ئاللا كەچۈرىدۇيۇ، بىز ئىنسان تۇرۇپ گۇناھىنى تۇنىغان بەندىنى كەچۈرمەسلىككە نىمە سالاھىتىمىز بار ! يەنەكىلىپ ئۇ قىزنىڭ كىيىنلىگى قانداق بولىدىغىنىنى بىز بىلمەيمىز ،شۇڭا بىز ئۇ قىز ئۇ يەرگە بارسا ئۇنداق بولىدۇ بۇنداق بولىدۇ دەيدىغانغا ھىچقانداق ئاساسىمىز يوق ،،، x=(y  
ئىنسانغا باھانى ئاللا بىرىدۇ ،بىزنىڭ بەرگەن باھايىمىزنىڭ ھىچ پايدىسى يوق 1fwjW0t  
تىمىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ ئۇ قىزدىن نارازى بولساقمۇ بولمىغىدەك ، Y'tPD#|r  
بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى -بۇنى دىمەي  ئۇ قىز ئۈچۈن ئاللاھدىن ئىنساپ-تەۋپىق، مۇستەھكەم ئىمان -ئىتقاد،ئىسىل بىر ئەخلاقى-دىيانەت،تىنىچ-ئامانلىق ،تىنىگە ساق-سالامەتلىك تىلەيلى قېرىنداشلىرىم ، بىزنڭ سالاھىتىمىز پەقەت مۇشۇ. Cx(|ZD^  
ھەممىڭلارغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن .

turki2010-08-02 15:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم /7Ft1f   FDfLPCQm  
قېرىنداشلىرىم ھازىر ئۈزەڭلار بىلىسىلەر ئىچكىرگە چىقۋاتقان قىزلارنىڭ بەزى بىر قىسىملىرى تۇرسۇنغا ئوخشاش ئەپچىقىپ كىتۋاتقان بولسا كۆپ قىسىملىرى باشقا تۇرسۇنجانلىرىمىز~~~!!! تەرپىدىن مەجبۇرى ئەپچىقىپ كىتىلىۋاتىدۇ ،بىز بۇ يەردە تۇرۇپ قېچىپ كەتمەي شۇ كۈنگە رازى بولۇپ دىگەن بىلەن شۇ ئىچكىرگە سىلەمۇ چىقىپ باقساڭلا ئاندىن بىلسىلە قېچىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى يەنە كىلىپ قىزبالا دىگەنگە ھەقىقەتەن تەس كىلىدىغان گەپ، ئاللانىڭ ئىنسانغا بىردىغان سىنىقى ھەرخىل بولىدۇ ،بۇ دىگەننىڭ سىناقنىڭ ئالىمى ، ئەمدى ئۇ قىز يالغان دىسۇن ياكى راس دىسۇن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۇچى بىر ئاللا، راس مەجبۇرلانغان بولسا ئۇ زۇلۇمغا ئۇچۇرغىچى بولىدۇ ، ئەمدى بىر بەندە ھەقىقەتەن چىن كۆڭلىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ تەۋبە قىلغان بولسا كىيىن يەنە شۇ گۇناھىنى سادىر قىلمىسا ئۇنىڭ گۇناھىنى ئاللا كەچۈرىدۇيۇ، بىز ئىنسان تۇرۇپ گۇناھىنى تۇنىغان بەندىنى كەچۈرمەسلىككە نىمە سالاھىتىمىز بار ! يەنەكىلىپ ئۇ قىزنىڭ كىيىنلىگى قانداق بولىدىغىنىنى بىز بىلمەيمىز ،شۇڭا بىز ئۇ قىز ئۇ يەرگە بارسا ئۇنداق بولىدۇ بۇنداق بولىدۇ دەيدىغانغا ھىچقانداق ئاساسىمىز يوق ،،، 4$8\IJ7G   5Ii`|?vg  
ئىنسانغا باھانى ئاللا بىرىدۇ ،بىزنىڭ بەرگەن باھايىمىزنىڭ ھىچ پايدىسى يوق 6#1:2ZHKG   z$#q'+$  
تىمىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ ئۇ قىزدىن نارازى بولساقمۇ بولمىغىدەك ، M7SVD[7~HM   S$O+p&!X  
بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى -بۇنى دىمەي  ئۇ قىز ئۈچۈن ئاللاھدىن ئىنساپ-تەۋپىق، مۇستەھكەم ئىمان -ئىتقاد،ئىسىل بىر ئەخلاقى-دىيانەت،تىنىچ-ئامانلىق ،تىنىگە ساق-سالامەتلىك تىلەيلى قېرىنداشلىرىم ، بىزنڭ سالاھىتىمىز پەقەت مۇشۇ. &!O~ f   K&T[F!  
ھەممىڭلارغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن . تەرىپىدىن تەستىقلاندى   1!N|a< #  
-----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى  ,تەپسىلىي ئادىرسى:/read.php?tid=16-----

mahmutjan1102010-08-03 15:44
بۇ تېمىمۇ  بۇرۇن يۇللانغان  ياخشى  تېمما  ئىدى  مۇشۇنداق  ياخشى  تېمىلارنى يۇللاپ تۇرۇڭ

siyitnoqi2010-08-04 20:19
ھەي ھازىرقى نائەھلىلەرنى خەپ    

xahruh2010-08-04 20:20
ۋاي خۇدايىم ،،،ھېچكىم چىقمىغان بولسا نېسىگە بولسىمۇ ئېپ قوياي }Gvu!a#R  
دەپ كىرسەم باشىقا بىر گەپلەركەنغۇ بۇ ......     

hakikat2010-08-04 20:25
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۋەتمىسۇن!

(adina)2010-08-04 23:36
ھەركىمنىڭ تاللىشى ئۈزىگە، مىنىڭچەkarluk 1hTE^\W  
نىڭ دىگىنى ئۇرۇنلۇق،بەلكىم شۇچاغدا ئۇ قىزغا قېچىشقا پەقەت ئىمكانىيەت بولمىغاندۇ Jn:h;|9w  
ھەممە ئادەم بېشىغا كەلگەندە بىلىدۇ. \iP=V3  
,1K`w:uhS  
{sOWDM5  
ئۇلۇغ ئاللا كوڭلىمىزغا ئىنساپ بەرسۇن!

boyka2010-08-05 11:12
راسلاياخشى چىقىپ تۇ

boyka2010-08-05 11:19
qar qimi gaysiz gyz_$T@x  

boyka2010-08-05 11:19
yanabolsa bizdinayimayyazasiz

saba11002010-08-09 00:44
سابا109،قارىغاندا باش سۇرەت قوشىۋالساڭ بولغىدەك،بولمىسا سىنى خاتا تونۇپ قالىمىزكەن

tangrikut282010-08-09 02:32
بەك ياخشى ،بەك تەسىرلىك ئىكەن! تېما ئېگىسىگە رەھمەت~! nX_w F`n"  
ياخشى ئە سەر كەن~! 9|WV28PK:  
تېمىسى ياخشى تاللىنىپتۇ .

tangrikut282010-08-09 03:30
ناۋادا مەن ئاۋۇ باش پىرسۇناج بولسام: 7?;ZE:  
1-:تۇنجى كۇرۇشكەن ئۇيغۇر غا  ھەممە دەردىمنى توكمەيتتىم. دوستۇم بولسا ئۇنىڭ يۇلى باشقا... fuU3?SG  
2-:سالامدىن كىيىن ،ئوز ئىشىغا مەشغۇل بولغان ،ماڭا قىزىقمىغان بىرىگە دەرت توكمەيمەن. N*f ]NCSi  
3-:"- پات ئاردا توي قىلماقچى بولۋاتىمىز -دىدى . ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمۇدۇم "،تۇنجى كۇرۇشكەن بىراۋغا چەتئەللىك بىلەن توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن"دىمەيمەن. گەرچە ئەمەلىيەت شۇنداق بولسىمۇ... skYHPwJdW  
4-:"قىز ماڭا قاراپ - نىمە دەپ چەتئەللىىك بىلەن توي قىلماقچى بولغاندۇ دەپ قالدىڭىز ھەقاچان - دەپ سوردى . جاۋابىغا يىنىك كۈلۈپ قويدۇم . دىمىسىمۇ شۇنداق سۇئال كاللامدىن ئۆتكەن ئىدى . قىز كەچۇرمىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى .   I|l5e2j  
__مەن بىر يولدىن ئازغان قىز ئىدىم . " kni{1Gr  
مەن ئالدانغان قىز ،دەرت تارتقان قىز ،مەجبۇرلانغان قىز ، لىكىن "يولدىن ئازغان قىز " نىڭ مەنىسى باشقا ... ;$67GK  
5-:قىزنىڭ شۇنداق تەسىرلىك ھىكايىسىنى ئاڭلىغان ھەر بىر ئادەم تەسىرلىنىدۇ.ھىسسىداشلىق قوزغىلىشى مۇمكىن ،تەسەللىي ئۇچۇن تەييار تۇرغۇلۇق ،لىكىن ئەسەردە : vaLP_V  
ئۇنىڭ سۇئالى قانائەتلىنەرلىك جاۋابىمنى كۇتكەن بولسىمۇ . قىزنىڭ مەندىن . توسساتىن سورغان سۇئالغا تەرىمنى تۇرۇپ تۇرۇپ يىنىكلىك بىلەن جاۋاب بەردىم . -مەن قانداق بىلەي . چەتئەللىكە توي قىلىپ باقمىغان . ئۇيغۇر چقماي قالغان تەقدىردىمۇ چەتئەلگە توي قىلىش پىلانىم يوق . " [Z2{S-)UM  
دەپ توڭ تەگمەيمىز~! G{!(2D4!  
6-:پەقەت ئاشۇ توي خېتىنى قانداق ئېلىشنى سوراشنى مەخسەت قىلىپلا ،شۇنچە كۆپ ھىكايە سوزلەشنىڭ ئورنى يوق.يۇرتقا بېرپ سورىسا بولمامدۇ ؟ =M6{{lI/  
ئاتا -ئانىسىدىن ، كەنىت كادىرلىرىدىن ،ھۆكىمەت خىزمەتچىللىرىدىن سورىسا تېخىمۇ قانائەتلىك جاۋاپقا ئىرىشىدۇ ئەمەسمۇ .؟ M.\XG}RR  
DX^8w?t  
يۇقارقىلار مىنىڭ  ھىس قىلغانلىرىم ،خالاس~! باشقىچە نىيەت يوق ~ yICC8M  
`An p;el  
چە تئەللىك بىلەن توي قىلىش نۇمۇس ئىشمۇ ؟ يات دىن دىكىلەر بىلەن توي قىلمايمۇ بىللە ياتىدىغانلار ئاز ئەمەسقۇ  ؟!!! تېخى . V,% K"b=  
مىنىڭچە ئەسەردىكى قىز نىڭ مۇسۇلمان بىلەن توي قىلىپ ،نۇمۇس قىلغۇدەك يېرى ،ياكى ھىكايە ئاڭلىغان  "مەن"نىڭ ئۇنىڭغا توڭ تەككۇدەك  ھەققى يوق~! S5:&_&R8[  
ئەسەردىكى "مەن " ئۈتۈپ كەتكەن بىر لەقۋا ! ساپاسىز گالۋاڭ ~! P:WxhO/  
باشقىلارغا كوڭۇل بۇلۇشنى بىلمەيدىغان ،شەخسىيەتچى ، ئىچى پورداپ كەتكەن  كۆتەك ! $o. ;}  
ئاخىردا ئەسەر ئېگىسىگە رەھمەت ~!

alemdar.apandem2010-08-10 13:06
مەن ئاتا تۇرۇكنىڭ پىكىرىگە  قوشۇلىمەن.

salkin2010-08-10 13:59
ئۇ  قىز  ئۇزىگە - ئۇزى قىلغىنى  ئىنىككەنغۇ  .......... 4:Oq(e_(  
ئاتا-ئنىسىنىڭ  گىپىگە  ئۇنىمىغان <<قىزلانىڭ>>نىڭ  ھەممىسى  ئەخلەت PC\p>6xT  
ئويلۇنۇپ   باقاسىلە   ھە......

tabasum2010-08-15 20:56
بەك تەسىرلىك ئىكەن ....  

aqqikhayat2010-08-15 21:22
مىللەت ئىچىدىكى ئەنە شۇنداق مۇناپىقلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن!ئۇلارنى بىز ئۆزىمىز ئارىمىزدىن يوق قىلىشىمىز كېرەك.

dil~nuri2010-08-15 22:51
ئازماس ئاللاھ...! كىمنىڭ ئۆز تەقدىرنى  ئالدىن بىلدىغان ئىقتىدارى بار..؟ سىزنىڭمۇ  ؟  مىنىڭمۇ..؟ ئۇنىڭمۇ..؟  بۇنىڭغا  پەقەت قادىر ئىگەم ئۆزى قادىردۇر، s)?GscPG!  
r7#.DJnN.  
ئاللا ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ھىدايەت  ئاتا قىلسۇن ئامىن:

sanubar2010-08-18 03:22
مەنمۇ سىز بىلەن بىرخىل قاراشتا قارلۇق ئەپەندى. 4c qf=  
ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ، ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ.   دىگەن گەپ بار. 5wdKu,nq  
قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ  مەسئۇلىيىتى بار.

atax5202010-08-20 00:23
بۇنداق قىزلار مەيلى نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق يوللارغا ماڭغان بولسۇن  ئۇلار ئۈچۈن توغرا بولغان بىر چىقىش يولى تولۇمۇ زۈرۈر،،،،توۋا قىلسا قانچە گۇناھ بولسىمۇ ئاللا كەچۈرۈدۇ،،،ئاللا كەچۈرەلىگەن يەردە بىز بەندە تۇرۇپ نىمىشقا شۇنداق ئاجىزەلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە چىقىش يولى بېرەلمەيمىز،،،،؟ يول بېرەيلى، بىرسى بولسىمۇ توغرا يولغا ماڭسۇن،،،،

pidakar2010-08-20 08:04
ھەممە يەر بۇزۇقچىلىق بىلەن تولغان مۇشۇنداق بىر زاماندا ئون نەپەر ئەرنىڭ ئويغانغىنىدىن بىر نەپەر ئايالنىڭ ئويغانغىنىنى ئەۋزەل كۆرىمەن . ئۆز ئەقىدىمىزگە، ۋەتەن، مىللىتىمىزگە بىر قىزغا ئەقىدە باغلىغانچىلىك ئەقىدە باغلىغان بولساق، بۇ دۇنيا نېمىگە ئايلىنار ئىدى .

karluk2010-08-22 20:00
تورداشلارنىڭ تېمامغا ئاكتىپ مۇنازىرە قىلغانلىغىغا كۆپ رەخمەت.تورداشلارئوخشىمىغان نوقتىلاردىن پىكىر قاتناشتۇرۇپ تېمىنى تېخىمۇ يۇرتۇپ  بىرىپتۇ. تېمامنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرمىزدا ئاز تۇلا ئويلىنىش قىلالىغىنىمغا كۆپ تەشەككۈر!

گۈلنازى2010-08-23 14:11
man  mu  xun dakrak   bir   exni     korgan   likin   minig   kompiyotirim   uygur  qini   basal  may  watidu    pat arida   yazarman  . 4\nG Wi{2  
    bak yahxikan

muzkaymak2010-08-26 12:16
گەرچە چەتئەللىك بولسىمۇناماز ئوقۇشنى ،مۇسۇلمانچىلىق قائىدىلىرىنى ئۆگۈتۈپتىغۇ،بۇنىڭ نىمە يامىنى بار ؟!مەنچە  شۇ قىزدەك كۈنلەرنى كۆرمىگەن سىز ۋە بىزنىڭ ئۇ قىزدىن ئاغرىنىش ھەققىمىز يوق. ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرۇپ يامان يولغا ماڭغان ،شۇنداق ئىشلارنى ئۆزىگە <كەسىپ >قىلىۋالغان نائەھلى كۇپۇرلارغا تىل قامچىمىز ھەرقاچان تەييار.

kulgin09032010-08-26 14:03
نېمىدىگەن تەسىرلىك تېما بۇ. ho B[L}<c  
ئاللاھ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ زۇلىمىدىن ساقلىغاي. ywkRH  
ئاللاھدىن گۈناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن. wf1p/bpf  

kulgin09032010-08-26 14:12
ئۆز ئەقىدىمىزگە، ۋەتەن، مىللىتىمىزگە بىر قىزغا ئەقىدە باغلىغانچىلىك ئەقىدە باغلىغان بولساق، بۇ دۇنيا نېمىگە ئايلىنار ئىدى ? ;"ESN)*|i  

taxway2010-08-26 14:48
چىقىمىسا باشقىغا تەگسۇن...

boyka2010-08-27 15:15

boyka2010-08-27 15:48
نەقىل
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى xohbalaدە2010-06-21 03:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : .>[l@x"  
ئىسىل  تىمىكەن  يارايسىز  !! ni2 [K`  
راسلا بۇلغان ئشلارمىدۇ؟ Sw; kUJ  
v?6*n >R  
ئاشتاقتۇ بەلكىم

boyka2010-08-27 22:48
نەقىل
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى شاتئايدە2010-06-08 19:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : J@<f*  
بەك ياخشى تىمىكەن ... ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.... :%Iv<d<  
_7';1 D  
شۇنداق

hasanow2010-09-15 12:04
ھەي  سابا ، خىيال     :6)!#q'g  
ئىككىڭلار ئىشىڭنى قىلىشە.......


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.033097 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us