رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- گۇمان ئىماننى قاچۇرار --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> پروزا باغچىسى -> گۇمان ئىماننى قاچۇرار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

altunboxuk2011-10-05 17:33
گۇمان ئىماننى قاچۇرار
كىشى قەدىرلىك ئەمەس، بەلكى كىشلىك قەدىرلىكتۇر Lh ap4:  
-يۈسۈپ خاس ھاجىپ
Phs-(3  
&tE.6^F  
   سەمىيمىيلىك - ئىشەنچنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئۇ يوقايدىكەن ئۇ ھالدا كىشىلەر بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىدىغان، بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، ھەر خىل مۇناسىۋەت، ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدا بىر-بىرىدىن قورقۇپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئىش قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، بىر-بىرىگە ئىشىنىش دېگەن سۆزلەر قۇرۇق گەپكە ئايلنىپ قالىدۇ. قىسقىسى كىشلىك مۇناسىۋەت گۇمرانلىققا قاراپ ماڭىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا دۇنيا پەقەت پۇل بىلەنلا چۆگىلەيدىغاندەك پۇلنىلا تونۇيدىغان، ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردە پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان؛ ئىنساپسىز، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغان؛ ئازغىنە شەخسى مەنپەتنى دەپ مىھىرى-مۇھەببەتنى، دوستلۇقنى، ئادىمىيلىكنى يوقىتىدىغان كىشىلەرنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. مەن بۇنداق كىشىلەرگە شۇنى دېگىم كېلىۋاتىدۇ. سىز باشقىلارغا سەمىيمىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز باشقىلارمۇ سىزگە سەمىيمىيەتسىزلىك قىلىدۇ. سىز باشقىلارنى ئالدىسىڭىز باشقىلارمۇ سىزنى ئالدايدۇ. كىشلىك تۇرمۇشتىن سىزگە يانىدىغىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىنى خالاس. كونىلاردا:« ئالدامچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام»، «ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ» دەيدىغان سۆزلەر بار. سەمىيمىيەتسىزلىك قىلساك ئادىمىيلىكىمىزنى، كىشلىك قەدىر قىممىتىمىزنى، ھۆرمەت-ئىناۋىتىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز. ئىشەنچتىن ئايرىلىپ قالىمىز، بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ قورقۇنچلۇقراق ئىش بولمىسا كېرەك. شۇڭا يەنە دەيدىغىنىم «گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ» دېگەندەك ئىشلار بولۇپ قالمىسۇن. بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغىنىمۇ دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ ھېكايىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر بىر بۇرادىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقىي ۋەقەلەر، ھەرگىزمۇ تەسەۋۇرغا ئاساسەن يېزىلغان توقۇلما نەرسە ئەمەس. مەن ئۇنى شۇ بۇرادىرىمىزنىڭ ھېسسىياتى، ئويلىغىنى بويىچە ئەينەن يېزىشقا تىرىشتىم.
 CdZ BG  
يامان ئۆلسە يالغۇز ئۆلمەس 
   مۇختەرجان ئىشتىن يانغاندا ئىككىنجى قەۋەتتىكى ئىككى خوشنىسى بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇلغان كارۋاتتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇ خوشنىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ،«ئۇھ» دېگىنىچە كارۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىگە قوڭىنى قويدى. ئەسلى ئۇ يېڭى خوشنىلىرى بىلەن بىردەم يېرىمدەم گۇڭۇر-مۇڭۇر بولماقچىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ پارىڭى ھە دېگەندە ئالى دەرىجىلىك ماشىنا، ئۆي-مۈلۈك سودىسى ئۈستىدە بولىۋاتقاچقا سۆزگە ئارىلىشالمىدى. ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىغىنىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ كۆڭلىدە «شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى بايمۇ -نېمە؟ مەندەك سەھرالىقنى ئارىغا ئالارمۇ ؟»دەپ ئويلىدى. مۇختەرجان گەپكە ئارىلىشالمىغاچقا سەل قورۇنغاندەك بولدى-دە، ئۆيىگە كىرىپ كەتمەكچى بولدى. d,9`<1{9  
دەل شۇ چاغدا چەتتە ئولتۇرغان بۈدۈرە چاچ، ئاقپىشماق كەلگەن بىر خوشنىسى يەنە بىرىگە: XsL#;a C  
-ھوي راست، مەن سىلەردىن ئۆتكەندە ئازراق پۇل ئالغانغۇ؟ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرەلمىدىم، بەك سەت بولدى،-دېگىنىچە پورتمالىدىن قىزىل پۇلدىن بىرقانچىنى ئېلىپ يېنىدىكى قارامتۇل، ئىگىزرەك كەلگەن خوشنىسىغا سۇندى. ئىگىزرەكى: HOZRYIQB  
-ئۇيقۇڭىز كەلمەپتۇ-دە، خوشنام، ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولاتتى،-ئۇ پۇلنى بىرقانچە قېتىم سانىۋېتىپ،-ئۈچ يۈز سومما،- دەپ قويدى. DtF}Qv A  
-سىزدىن ئالغىنىممۇ شۇغۇ، -بۈدۈرە چاچنىڭ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلگەندەك قىلدى. !')y&7a~  
-ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟ بەش يۈز سوم ئالغانتىڭىزغۇ؟ YnTB&GPxl  
-نېمە، مەن ئۇنتۇپ قالدىممۇ، سەنمۇ؟ مېنى ئەخمەق كۆرۈۋاتامسەن؟ ھېچكىم كۆرمىگەندىن كېيىن قانچە پۇل دېسەم شۇنچىنى بېرىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسەن-يا؟ -بۆدۈرە چاچ سەنلەپ سۆزلەشكە باشلىدى ۋە تۇيۇقسىز ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا خۇددى سوقۇشقاق خورازلاردەك ھۆرپىيىپ كەلدى،-نەچچە پۇل بەرگەنتىڭ، دېگىنە قېنى... نەچچە پۇل ئالىسەن؟ ~?U*6P)o  
-نەچچە پۇل ئالغان بولساڭ شۇنچە پۇل بەرمەمسەن... مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دەپ مەندىن چوڭ تولايسىنا...گەپ قىلالمايدۇ دەۋاتامسەن يا؟ -ئىگىز بويراقىمۇ بوش كەلمەي ئورنىدىن تۇردى. UVEz;<5@\  
-بەردىمغۇ مانا، تۆۋە... ئۇلۇغ رامىزاندا ئادەمگە تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ-يا، ماۋۇ...سەدىقە ئورنىدا بېرىۋېتىمەن، دېگىنچە قانچە پۇل ئالىسەن؟ ll<NIdf\r  
مۇختەرجان ئارىغا كىرىپ ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويدى. بۆدۈرە چاچ ئېغىزلىرىنى بۇزۇپ تىللىغىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. يەنە بىرى: 7r0,>3"  
-ماۋۇ گۇينىڭ يۈزسىزلىكىنى قاراڭ، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا يېرىم كېچىدە ئىشىكىمنى چەكتى، چىقسام مۇشۇ، «ئايالىمنىڭ مىجەزى يوق، دوختۇرخانىغا ئاپپىرىپ قويسىڭىز» دېدى، خوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىنى دەپ شىرىن ئۇيقۇمدىن كېچىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم. دوختۇرخانىدىكىلەر: «ئالدىن 1000 سوم پۇل تاپشۇرۇڭلار» دېۋىدى، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن ئاران 500 سوم چىقتى. «500 سوم بېرىپ تۇرۇڭ، ئەتىلا بېرىۋېتىمەن» دېسە كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ بېرىپ تۇرۇپتىمەن. بۇنىڭ بۇنداقلىقىنى نېمە بىلەي، «كۆڭۈلچەكنىڭ بىر يېرى ئوچۇق»،« ياخشىلىققا يامانلىق» دېگەن گەپ مېنىڭ بېشىمغا كەلدى-دە، مانا،-دەپ مۇختەرجانغا ئەھۋال ئوقىدى. s;1h-Oq (  
   مۇختەرجان ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىغىنىچە ئىسەنكىرەپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ھەر ئىككىلىسى «ئوغرىنى تۇتۇڭلار» دەپ ۋاقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە قانداق قىلىشىنى بىلەلماي ئىسەنكىرەپ قالدى. زادى كىمنىڭ راست، كىمنىڭ يالغان، كىم كىمگە سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى؟ بۇنى ئۇ ئاڭقىرالمىدى. بۇنى پەقەت خۇدا ئۆزىلا بىلەتتى، ئۇنىڭدىن قالسا مۇشۇ ئىككى خوشنىنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. مۇختەرجانغا بولسا ھەر ئىككىلىسى گۇمانلىق ئىدى. شۇندىن كېيىن شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا سەمىيمىيەتسىزدەك، ئۇنى داغدا قويىدىغاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.
^^Jnv{)  
  
ئىشەنچ يوقالغاندا...
    روزى ھېيىتقا ھەپتە قالغانىدى. مۇختەرجان ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ھېيتلىق كېيىم-كېچەك ئېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقتى. ھېيىت ھەپتىسى بولغاچقا بازارغا ئوت كەتكەنىدى. بىر ئاينىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا ھەممە نەرسە قىممەتچىلىك. شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەر يەنىلا بەس-بەستە نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشىۋاتاتتى. مۇختەرجان بازار ئارىلاپ ئايالى ۋە ئىككى بالىسىغا يارىغۇدەك بىر نەرسە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى. ھېلىمۇ ياخشى سائەت ئۈچلەر بىلەن ئۇلارنى ئاساسەن رازى قىلدى. ئۇلار ئەمدى ئۆيىگە قايتسىلا بولاتتى. ئەمما ئايالى:«ئۆزىڭىزگە بىرنەرسە ئېلىۋېلىڭ» دەپ تۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېقىن ئەتىراپتىكى بىر كېيىم-كېچەك بازىرىغا كىردى. بالىلار ھېرىپ كەتكەنىدى، «ئۆيگە كېتىمىز» دەپ جىدەل قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا ئالدىراپلا ئىككى تال گاڭسەر سېتىۋالدى-دە، ئۆيگە قايتىپ كېلىشتى. DQXS$uBT  
   كەچ سائەت ئالتىلەردە ئايالى كېيىم-كېچەكلەرنى رەتلەۋېتىپ تۇيۇقسىز يولدىشىغا ئالغان ئىككى تال گاڭسەرنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ قالدى. ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئالغان نەرسىلەرنى بىرمۇ-بىر ئاختۇرۇپ چىقتى. يەنىلا تېپىلمىدى. ئايالى بىرنەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك: 0q6I;$H  
-تاكسىدا قالدىمۇ-يا؟-دېدى. x\@*6 0o  
-مۈمكىن ئەمەس، ئالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا سالغان. كەلگەندە بىرىنىمۇ قويماي ئالغان،-دېدى مۇختەرجان سەل ئويلىنىۋېلىپ. G/?~\}:s  
-ئەمىسە، نەگە كېتىدۇ؟ ئۇنى ئەڭ ئاخىرىدا ئالغان تۇرساق. 5#2 F1NX  
-مېنىڭچە، گاڭسەرنى ئالغان دۇككاندا ئۇنتۇپ قالغان بولىشىمىز مۈمكىن. ئالدىراشچىلىقتا پۇلنى بېرىپ ئۇنى ئالماي يېنىپ چىققان ئوخشايمىز. }!d;(/)rb  
-توغرا، شۇ چاغدا قىزىمىز ئۆزۈڭگە ئىككىنى ئالدىڭ، ماڭىمۇ يەنە بىرنى ئېلىپ بېرىسەن دەپ غەلۋە قىلغان،-دېدى ئايالى ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋەتلەپ. [QczlwmO  
-بىز ئۇنىڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ مالنى ئۇنتۇپ قالدۇق... تۆۋە...شۇنداقمۇ ئاچكۆز ئادەملەر بولىدىكىنە، پۇلنى ئېلىپ مېلىڭ قالدى دېمىگىنىنى. ھازىر سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنساپ قالمىدىمۇ نېمە؟ بايىقى قىزنى كۆرگەنسەن، بەكمۇ ھېلىگەر نېمىكەن ئۇ. مۇختەرجان كېيىم-كېچەك بازىرىدىن چىقىۋېتىپ قىزىغا گاڭسەر سودا قىلغان ئىشنى ئەسلەپ قالدى. بۇ بازارنىڭ ئىككى ئىشىكى بولۇپ ئالدى تەرەپتە چوڭلارنىڭ، كەينى تەرەپتە بالىلارنىڭ كېيىم-كېچەلىرى سېتىلاتتى. شۇ چاغدا قىزى ماڭا گاڭسەردىن يەنە بىرنى ئېلىپ بېرىسەن دەپ تۇرىۋالغاچقا ئۇلار قايتىدىغان چاغدا ئارقا تەرەپ بىلەن مېڭىشتى. بەختىگە يارىشا ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر دۇككاندىن قىزىغا يارىغۇدەك بىر گاڭسەر ئۇچراپ قالدى. مۇختەرجان گاڭسەرنى قىزىغا كەيدۈرۈپ بېقىپ پۇلىنى سورىدى. <7sIm^N  
-100سوم، بەك ئەرزان، -دېدى دۇككاندار. rrBAQY|.  
مۇختەرجان كۆزلىرىنى يوغون ئېچىپ دۇككاندارغا قارىدى. دۇككاندار 17-18ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ئىدى. !Pj/7JC0  
-100سوم... ئەرزانما تېخى، كىچىك بالىنىڭ كېيىمى تۇرسا بۇ. D'[Uc6  
-بازار شۇ، ھېيىت ھەپتىسى ئەمەسما،-دېدى قىز. g:#d l\k  
-ھېيىت ھەپتىسى دەپ، نېمانچە قىممەت. ساتىدىغان يېرىڭىزنى دەڭە ئۇكام. adO&_NR  
-مەنغۇ سېتىلىدىغان يېرىنى دېدىم، قالغىنى ئەمدى سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا. "ZMkL)'7-  
-40سوم بەرسەم بولامدۇ؟-دېدى مۇختەرجان قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ. 5g;ac~g  
-كەم بولار. %$ceJ`%1e  
-42سومچۇ؟ O m'(mr  
قىز بېشىنى چايقىدى. O&Z' r  
43سوم بەرسەمغۇ بولار؟ =y]$0nh  
-بوپتۇ، 45سومغا ئېلىڭە سىزگە بېرەي. g!J0L7 i|  
-نېمە، ماڭا بېرەمسىز،.. مەن بىر سىزنىڭ تۇغقىنىڭىزمىدىم؟ كۆزىڭىزگە بەشتە كاپالەتتەك كۆرۈنىۋاتامدىمەن-يا؟ 43سومغا بەرسىڭىز ئالىمەن. _^t-9  
-ئۇ چاغدا مەن زىيان تارتىمەن. 45سومغا ئالسىڭىز ماڭا ئىككى سوم قالىدۇ. ; y.E!  
-45سوملۇق نەرسىگە نومۇسمۇ قىلماي 100 سوم باھا قويۇپسىز-ھە؟ 43سومغا بەرسىڭىز ئالىمەن. x4K`]Fvhl  
-كەم بولار... KLQ!b,=q  
   مۇختەرجان ئالدىراپ-تېنەپ كېيىم-كىچەك بازىرىغا كىرگەندە شىپتار ۋاقتىغا يەنە يېرىم سائەتلا قالغانىدى. دۇككانلار ئاساسەن دېگىدەك تاقىلىپ بولغانىدى. ئۇ ئۇدۇللا گاڭسەر ئالغان دۇككانغا قاراپ يۈگۈردى. تەلىيىگە دۇككاندار تېخى كەتمىگەن بولۇپ، دۇككانغا قۇلۇپ سېلىۋاتقانىكەن. ئۇ مۇختەرجاننىڭ يۈگىرگىنىچە كېلىۋاتقىننى كۆرۈپ، بىرنەرسە ئالىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي. c6AWn>H  
-بىرنەرسە لازىممىدى؟-دەپ سورىدى. vK'?:}~  
بىرنەرسە ئالمايمەن... مەن ئىككى سائەت ئىلگىرى سىزدىن ئىككى تال گاڭسەر ئالغان، ئېسىڭىزدە بارمىكىن؟ C2F0tr|  
-ئېسىمدە بار. }At{'8*n  
-شۇ گاڭسەرلەر مۇشۇ يەردە قالدىمۇ-قانداق؟ ئۆيگە بېرىپ قارىسام يوق تۇرىدۇ. /!&R9!6:  
-بۇ يەردە ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمىدىم. باشقا يەردە ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز. L2z2}U=<  
-باشقا يەرگە بارمىغان، مۇشۇ يەردىن چىقىپلا ئۆيگە قايتقانىدۇق. دۇككىنىڭىزنى ئېچىپ ياخشىراق بىر قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن. 6vy7l(%  
-مەن بايىلا تېخى دۇككاننى رەتلىگەن. مۇشۇ يەردە قالغان بولسا ماڭا ئۇچرايتتى. ھەي... نەدە ئۇنتۇپ قالغانسىز، بەلەن گاڭسەرلەر ئىدى...-دېدى دۇككاندار سەل ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتتە. ئۇ بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. NeOxpn[  
مۇختەرجان كۆڭلىدە:«تازا خۇمسى، قىزىلكۆز بىرسىگە يولۇققان ئوخشايمەن، چىرايلىق گەپ كار قىلىدىغاندەك ئەمەس» دەپ ئويلىدى-دە، تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى. #Z!b G?="  
-بەرگىم كەلمەيۋاتىدۇ دەڭە ئۇكا، 500 سوم ئەمەسما، ئاز ئەمەس، خەقنىڭ رېسقىنى يېيىشتىن نومۇسمۇ قىلمايدىكەنسىلەر،-دەپ ۋاقىرىدى. 3`V1XE.;  
-ھەي ئاكا، رامىزاندا يامان بولىدۇ. خەققە بىكاردىن بىكار قارا چاپلىماڭ. يالتىراققا سېلىپ قولىڭىزدا بايراقتەك پولاڭلىتىپ ماڭمىدىڭىزما، ئادەمنى قەسەم ئىچىرەمدۇ نېمە ما ئادەم. HeN~c<NuB  
   مۇختەرجان يەنە ئويلىنىپ قالدى. بۇ يەردىن ئېلىپ ماڭغان بولسام نەدە قېلىشى مۈمكىن؟ ئەجىبا، تاكسىغا ياخشى قارىمىدىممۇ يا؟ ياق، مېنىڭچە مۇشۇ دۇككانداردا چوقۇم بىر ئويۇن بار. «خەقنىڭ رېسىقىنى يېگەن قورسىقىڭ ئېتىلىپ كېتەر، ئىلاھىم.» مۇختەرجان دۇككاندارنى ئىچىدە قاغىغىنىچە قايتىپ چىقتى. بىراق، بازاردىن چىقىپلا يەنە قورسىقى كۆپتى. «مۇشۇ سېرىق تۈككە بوزەك بولىمەنما، پۇلۇمنى ئالالمىساممۇ تازا ئەدىبىنى بېرىپ ئىككىنجى بۇنداق قىلماس قىلىۋەتمەيدىغان بولسام» ئۇ بايىقى دۇككانغا يەنە باردى. دۇككاندار كۆرۈنمەيتتى. «قورقۇپ تىكىۋېتىپتۇ-دە، خەپ ئادەم بولغىنىڭغا تويغۇزمايدىغان بولسام» مۇختەرجان دۇككان نومۇرىنى تېلفۇنىغا كىرگۈزىۋالدى. ئۇ قاچان كېلىش، نېمىلەرنى دېيىشنى ئويلىنىپ بازارنىڭ ئارقا ئىشىكى تەرەپكە ماڭدى. ئۇ بازاردىن چىقىپ تۇرىشىغا ئارقىسىدىن بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسا، ھېلىقى دۇككاندار. بىرنىمىلەرنى دەپ ئۇنى شەرەتلەۋاتاتتى. مۇختەرجان:«ئىزدەپ يۈرسەم ئۆز ئايىقى بىلەن كەلگىنىنى قارا، ئەمدىغۇ قاچالماسسەن»دېگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. دۇككاندار: h#}YKWL  
-ئاكا، مەندىن مالنى ئېلىپ، ھىچيەرگە كىرمىدىڭىز-ھە؟ U]4pA#*{|  
-ھىچيەرگە كىرمىدىم. ?w&SW{ I  
-ماۋۇ دۇككانغىمۇ كىرمىدىڭىز؟ =P77"Dd  
مۇختەرجان دۇككانغا مال توشىۋاتقان قىزنى بىر قاراپلا تونىدى. ئۇ ھېلىقى 40 سوملۇق مالغا 100 سوم باھا قويغان قىز شۇ ئىدى. S01wwZ  
-بۇ يەرگىغۇ كىرگەن، ئەمما... 90N`CXas  
-جېنىم ئاكا، مۇشۇ رامىزاندا سىزنىڭ نەرسىڭىزنى يەۋالساق بىزگە سىڭەرما؟ ئاللا راۋا كۆرەرما؟ بىزمۇ مۇسۇلمان، بىزدىمۇ ئىنساپ بار. بايا سىز سىڭلىمنىڭ دۇككىنىغا كىرگەندە نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز. سىڭلىم سىزنى ساقلاپ ھازىرغىچە تۇرۇپتۇ... بۇنىڭدىن كېيىن بازارغا چىقسىڭىز ئارقىڭىزغا ساقچى سېلىۋالسىڭىز بولغىدەك،-دۇككاندار شۇنداق دېگىنىچە يالتىراقتىكى گاڭسەرنى مۇختەرجاننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى-دە، سىڭلىسىنى باشلاپ كېتىپ قالدى. مۇختەرجان نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسە تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر بىلىندى. باشلىرى چوڭقۇر بىر ھاڭغا، دەھشەتلىك بىر قاينامغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇ شۇ تۇرقىدا ئېسىنى يوقاتقان ئادەمدەك، ياق، باشقا بىر نەرسىسىنى، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نەرسىسىنى يوقاتقاندەك تۇراتتى. `TKD<&oL  
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك W0`Gc{  
2011-يىلى 28-سىنتەبىر

گۈلنازى2011-10-11 21:47
بەك ياخشى ھىكايە ئىكەن . !sSQQo2Sv  
  تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ .. =H5\$&xj4.  
  بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دەپ ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ سالىمىز شۇنداق ..

yamhur2011-10-12 11:35
شۇنداق كىشىلەرگە ھەيرانمەن قاراپ تۇرۇپ تىنۋالىدىكىنە   }6zbT-i  
تۇرمۇشتاغۇ بۇنداق ئىشلار كۆپ زادى   q ojXrSb"y  
تىمايوللۇغۇچىغا رەھمەت .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- گۇمان ئىماننى قاچۇرار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.021808 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us